-ئوڭۇشسىزلىق ؟ ھاھاھا-يىمىت ئاكا بىردىنلا كۈلۈپ كەتتى.-ئۇكام، ئوڭۇشسىزلىق مېنى دەل موشۇ كۈنلەرگە يەتكۈزگەن. مەن ئوڭۇشسىزلىقتىن پىشىپ چىققان. سىز بىلمەيسىز، مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىدىغان چاغدا دادام قاتتىق ئاغرىپ قالغان، شۇندىن كېيىن دادام مىڭە يىگىلەش كېسلى بولۇپ قالدى. ھازىر ئۆيدە ئېسىنى بىلمەي ياتىدۇ. دادامنى باقمىسام بولمايدۇ.
-دادىڭىز ئاغرىقما ؟
-ھەئە، ئاغرىق، بۇرۇن خېلى مېڭىپ، تالاغا چىقالايتتى، ئەمدىلىكتە ياتىدۇ، كىچىك بالىدەك بوپ قالدى. ئۆرۈپ قويساق ئۆرۈلىدۇ. ئاپام مەخسۇس دادامغا قارايدۇ.
مېنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىم بىردىنلا تارقاپ كەتكەندەك بولدى. يىمىت ئاكا ئادەتتە خۇشخۇي، گەپتان ئىدى، لېكىن دادىسى توغىرىلىق سۆزلەۋاتقاندا بىردىنلا غەمكىنلىشىپ قالدى.
-ھە، زۆھرە قىز، ئەمدى سىز دەڭە، بايام نىمىشقا تۇتۇلۇپ قالدىڭىز؟
-ھېچنىمە، يىمىت ئاكا، سىزنىڭ غېمىڭىزگە مېنىڭ غېمىم ياماقچىمۇ بولمايدىكەن. دادىڭىزنى دوختۇرخا ئاپىرىپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟
-ۋاي سىڭلىم، ئاپارمىغان دوختۇرخانا، كۆرسەتمىگەن موللا،تىۋىپ قالمىدى. مىڭە يىگىلەشكە ئامال يوقكەن.
-ھە....
مەن جىمىپ قالدىم. كۆز ئالدىمغا يالغۇز يىگانە ياتقان بىر بوۋاي كېلىۋىدى، تېنىم شۈركىنىپ كەتتى، كۆز ئالدىمغا يەنە ئۇنىڭغا سەكپارە بولۇپ قاراۋاتقان ياشانغان موماي، يىمىت ئاكاملار كەلدى. ئادەمنىڭ بېشىغا كەلمەيدىغان كۈن يوق ...مەن يىمىت ئاكامنى ئۇنداق دەردلەر بىلەن يەنىلا ئۈمىدۋار يۈرىدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بايامقى كۆز ياشلىرىم، پىغانلىرىم ئۈچۈن كۈلۈپ قويدۇم.
شۇ ئارىدا ئۆكتەبىر بايرىمى بولۇپ، ئوقۇشقا كەتكەن بالىلار دەم ئېلىشقا كەلدى. ئۇ كۈنلىرى مېنىڭ دۇكاننى ئاچقۇم كەلمىدى. ئەمما دادامغا دىيەلمىدىم. دادام ئۇنداق مىس-مىس، يىغلاڭغۇلۇقنى كۆتىرەلمەيدىغان، قەيسەر ئادەم ئىدى. ئۇنىڭغا بىرەر ئىشنى بىجىرەلمەسلىك توغرىسىدىكى سەۋەبنى دىيىشكە قەتئىي بولمايتتى. ئەگەر دەپ سالدىڭىزمۇ بولدى، كۆزلىرى چەكچىيىپ(( ئەزەلدىن يوغان كۆزلەر)، ئېقى يۇغىناپ، يۈزىدىكى باشقا ئەزالار يوقاپ كېتىپ پەقەت بىر جۈپ چەكچەيگەن كۆزلا قالغاندەك كۆرۈنەتتى. دادام بىر دەم چەكچەيگەندىن كېيىن ئوغۇللار بولسا قاتتىق ۋاقىرايتتى، ئاپام، مەن ۋە كېلىنلەرگە بولسا ھومىيىپ ئولتۇرۇپ جاندىن ئۆتكۈدەك سېسىق گەپتىن ئىككىنى قىلاتتى. ئۇ سېسىق گەپنى ئاڭلىغاندىن كۆرە تىرناق بىلەن بولسىمۇ قۇدۇق كولىغان ياكى جان چىقىپ كەتسىمۇ، تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇندىغان ياخشى ئىدى. شۇڭا دادامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ‹‹دۇكاننى سەن بىر نەچچە كۈن ئېچىپ تۇرامسەن ››دەي دەپ بولۇپ نەچچە قېتىم كەينىمگە ياندىم. ئىشىكتىن بوينۇمنى باغلىغاندەك چىقىپ، سۆرىلىپ دۇكان تەرەپكە ماڭدىم. دۇكان يەنىلا ئۆز ئورنىدا، قارىداپ كەتكەن ۋىۋىسكا، دات باساي دىگەن تۆمۈر ئىشىك، ئىچىدە سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن ياغاچ ئىشىك، بېرىپ ئىشىكلەرنى ئېچىپ، دۇكانغا كىردىم. نەچچە كۈندىن بۇيان كەيپىياتىم ئوڭشىلىپ قالغان ئىدى. لېكىن بۈگۈن يەنە جايىدا ئەمەس. دۇكاننى قولۇمنىڭ ئۇچىدا تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ، ھارغىن قىياپەتتە ئولتۇردۇم.
ئۇ بىر كۈن جىمجىت ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ئەتىسى كىتابخانىغا ئالىيە كىرىپ كېلىپ، ئارامىمنى بۇزدى. ئۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىنىڭ ماتىماتىكا فاكولتىتىغا ئۆتكەن ئىدى.
-ۋاييەي ئاداش،خوجايىن بوپ كەتتىم دىگىنە، -ئۇ كىرىپلا ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى. مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن ژورناللارنى تىزىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا قوللىرىم تىتىرەپ، قولۇمدىكى ژورنال چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى. لېكىن ئۆزۈمنى تېزلا ئوڭشىۋالدىم، ئالىيە مېنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىمنى كۆرسە بولمايدۇ، ھەرگىز بولمايدۇ.
-ۋاي جېنىم ئادىشىم، گەپ قىلما، ئەسلى سىلەردەك سىتۇدنىت بولغۇم بار ئىدى. تەييارلىقمۇ قىلىپ بولغان، لېكىن دادام كىتابخانىنى ئاچقان بولساڭ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلسەڭمۇ خىزمەت بارمۇ-يوقمۇ ؟ دەپ تۇرىۋالدى. ئامالسىز كىتابخانا ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قاچان كەلدىڭ؟
بەلكىم ئالىيە بۇ گەپنى دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن دىمىگەندۇ، ئەمما مېنىڭ گېپىم ئۇنى بىر قىسما قىلىپ قويدى.
-تۆنۈگۈن ئەتتىگەن كەلدىم ئادىشىم. قانداق ئەھۋالىڭ؟
-يامان ئەمەس. ئورۇقلاپ كىتىپسەنغۇ؟
-ۋاي شۇ ھەربى مەشىق قىلدۇق دىگىنە....
ئۇنىڭ ‹‹ دىگىنە ›› دىيىشلىرىدىن كۈلۈپ كەتتىم ئىچىمدە. بىز بۇ يەردە ھەرگىز ‹‹دىگىنە ›› دەپ ئولتۇرمايمىز. ‹‹دىسىنا ›› دەيمىز. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئۆزگىرىپ ئۈرۈمچىلىكلەردەك بوپ كىتىپتۇ.
-ھە ياخشى بوپتۇ ئاداش، ئورۇقلاپ كەتمە، ئۆزۈڭگە دىققەت قىل.
-مەن بىرەر كىتاب ئالاي دىگەن، ياخشىراق كىتاب بارمىدۇ ؟
-نىمە كىتاب ؟
- بايرامدا ئوقۇي دەيمەن. بىكار ئولتۇرساممۇ بولماس.
-ئاران كەلگەندە دەم ئالماي، قانداقراق كىتاب ئالىسەن ؟
-‹‹ئۆتكەن كۈنلەر ›› بارمىدۇ؟
-ھە...-مەن كىتابلار ئارىسىغا قاراشتۇرۇپ، باقتىم، ئۆتكەن كۈنىلا ئۇ كىتابنى سۈرتۈپ تازىلاپ كىتاب جاھازىسىغا ئالغان ئىدىم.
-كونا كىتابقۇ ئۇ؟ قانداق بوپ ئوقۇغۇڭ كەلدى؟
ئالىيە ماڭا قاراپ ۋىللىدە قىزاردى ۋە چاندۇرمايلا :
-بىزنىڭ سىنىپتا بىر قېتىم گېپى بولغان، شۇڭا...
ئۇنىڭ ئاۋازى پەسلەپ كەتتى. مەن كونا كىتابلار جاھازىسىدىن ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر ››نى ئېلىپ ئالىيەگە سۇندۇم. ئالىيە كىتابنى ئېلىپ يېڭى بىلەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى ئاۋايلاپ سۈرتتى ۋە شۇ ھامان يەنە قىزىرىپ كەتتى.
-ئاداش، ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر ››نىڭ ئوتى تۇتاشقان ئوخشىمامدۇ؟ قىزىرىپ كەتتىڭغۇ؟
-ياقەي، سىنىپىمىزدا ئاتابىك ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن. ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن دىسەم، ئۇ ئاپام ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر ››نى ئۆزبىكچىسىنى ئوقۇپ قويۇپتىكەن، دىگەنتى. ئوقۇپ باقاي دەيمەن.
-ھە....ئۇ كىتابنى مەنمۇ ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن. ئەمىسە بىللە ئوقۇيلى. ما يەردە يەنە بىرى باركەن. كىتىدىغان كۈنۈڭ كەلگىن، ئالمىساڭمۇ ، ئوقۇپ بولۇپ قايتۇرۇپ بەرگىن.
كۆڭلۈم بىردىنلا كەڭلىشىپ قالغاندەك بولدى. ئالىيەنىڭ كىتابخانىغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىنى كۆز-كۆز قىلغىلى كەلمىگىنىنى بىلگەندىن كېيىن خاتىرجەم بولدۇم. ئالىيە مەن بىلەن پاراڭلاشسىمۇ، لېكىن ئەس يادى كىتابتا ئىدى. شۇڭا ئۇنى ئارتۇقچە زورلىماي قويۇپ بەردىم.
-ئاداش، بۇ كىتابنى مەن خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قوياي دەيمەن. شۇڭا پۇلنى ئەڭ ياخشىسى ئالغىن.-ئالىيە ماڭار چېغىدا قولۇمغا كىتابنىڭ پۇلىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئالىيەنىڭ ئۇزاۋاتقان قارىسىغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم. ئۇ كۈزنىڭ يارىشىقى قىلىپ ئۇزۇن يەڭ سۆسۈنرەڭ كۆينەڭ كەيگەن، بوغۇۋالغان چاچلىرى كۈز شاماللىرىدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ ئالدىمىزدىكى دوقمۇشتا سەل توختاپ كىتابنى ئېچىپ قاراپ باقتى ۋە باغرىغا بېسىپ دوقمۇشتىن قايرىلىپ كەتتى.