ئىككىنچى باب
يېڭى كىتابلار كەلدى. كىتابلارنى بۇيرۇتقانلار نەچچە كېلىپ، مېنى جىددىيلەشتۈرۋەتكەن ئىدى. شۇڭا ئەتتىگەندىلا كىتابلارنىڭ تېڭىقىنى يىشىپ، جاھازىغا تىزىشقا باشلىدىم. جاھازىدىكى كىتابلارنى بىر ياققا جايلاشتۇرماق، ئاندىن كىتابلارنى كۆزگە چېلىقىدىغان قىلىپ تىزماقنىڭ ئۆزى بىر ماھارەت ئىدى. مەن ئۆي ئىشلىرىغا، بولۇپمۇ ئۆي يىغىشتۇرۇشقا بەك ئۇستا ئىدىم. مۇنداق قارىغاندا، ئۆي يىغىشتۇرۇش بىلەن كىتاب يىغىشتۇرۇش بەزى جەھەتتىن ئوخشاپ قالىدىكەن. ئىككىلىسى ئىنچىكىلىكنى، سەزگۈرلۈكنى تەلەپ قىلىدىكەن. ھەر كۈنى ئەتتىگەن كېلىپ كىتابلارنى قاققىنىمدا، ئۆزۈمگە تەئەللۇق ئۆيۈمدىكى نەرسە-كىرەكلەرنى يىغىشتۇرىۋاتقاندەك تەسىراتتا بولاتتىم ھەمدە بەزى چاغلاردا بۇ خىيالىمدىن خىجىل بولۇپ قالاتتىم.
-ئاي خېنىم، ‹‹تەڭرىتاغ›› نىڭ يېڭى سانى كەلدىمۇ؟
خىياللىرىم ئىچىدىن بىرسى مېنى تارتىپ چىقاردىم. مېنى ‹‹ئاي خېنىم ›› دەپ سۈپەتلەپ چاقىرغان بۇ كىشىنىڭ ئاۋازىدىن ئۆزىنى 50 تىن ئاشقان، مەسە-كالاچ كەيگەن، ئېغىر-بېسىق بىر كىشى دەپ پەرەز قىلدىم. لېكىن مېنىڭدىن كىتاب ئالىدىغانلار ئىچىدە 50 تىن ئاشقانلار ئەدەبىي كىتابلارنى، بولۇپمۇ ژورناللارنى ئوقۇپ كەتمەيتتى. گۇمانلىرىم، خىياللىرىم ئىچىدە كەينىمگە بۇرۇلدۇم، كۆز ئالدىمدا قاملاشقان، ئىگىز بويلۇق، قاش-كۆزلىرى چىرايىغا خېلىلا ماسلاشقان 25 ياشلاردىكى بىر بالا تۇراتتى.
-ئۇ ژورنال ئەتە كېلىدۇ.
-ھە...-ئەمىسە ئەتە كېلەي. ئۇ بالا كەينىگە قايرىلىپ ماڭماقچى بولدى-يۇ، ياندىكى كىتابلاردىن بىر قۇر كۆرۈشكە باشلىدى. مەن كىتابىمنى تىزىۋەردىم، لېكىن دىققىتىمنى يىغالمىدىم. بايام ئويلىغانلىرىم بىلەن كۆز ئالدىمدا كۆرگەنلىرىمنى سېلىشتۇرۇپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ قۇيدۇم. دائىم شۇنداق بولىدۇ. مەن بىر نەرسىنى ئالدىن پەرەز قىلسام، دائىم ئۇ نەرسە پەرىزىمنىڭ ئەكسىچە چىقىدۇ. بىرەر ئىشنى پىلان قىلسام، شۇ پىلانىم قانداقتۇر بىر سەۋەب بىلەن بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. دىمىسىمۇ، ئىمتىھاننى بىرىپ بولۇپلا، ساۋاغداشلىرىم، دوستلىرىم ، ئاكامنىڭ ئايالى بىلەن ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدىكى ئۇزىتىش تاماشىسىنىڭ گېپىنى ھارغۇچە قىلغان ئىدىم. لېكىن قانداق بولدى؟ قېرىشقاندەك ھەممەيلەن خۇددى كۈزدە تۇرنىلار ئۇچۇپ كەتكەندەك ئوقۇشقا كىتىشتى، پەقەت مەنلا قالدىم. ...
كىتابلارنى تىزىپ بولۇپ، تېڭىققا ئىشلەتكەن قەغەزلەرنى يىغىشتۇرۇپ، رەتلەپ ئېلىپ قويدۇم، كىتابلارنى بىرەر يەرگە سالماق بولساق مۇشۇنداق قەغەزلەر بەكلا ئىشلىنىدۇ. ئۇلارنى رەتلەپ بولۇپ كىتابلارنى قاققۇچ بىلەن قېقىپ چىقتىم. ئىشىمنى تۈگىتىپ بولۇپ قارىسام ھېلىقى بالا قولىغا بىر كىتابنى ئېلىپ، ماڭا قاراپ ھاڭۋىقىپ قاپتۇ. مەن ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئالدىمدىكى ئۈستەلنىڭ تارتمىسىنى ئاچتىم.
ئۇ بالا ئۈچ-تۆت كىتابنى تاللاپ ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى تېخى بۈگۈنلا كەلگەن كىتابلار ئىدى.
-ساتتاركام بىر ياققا كەتتىما ؟
-ياق ئۆيدىغۇ.
-سىز ساتتاركامنىڭ قىزىما ؟
-ھەئە...
-سىزنى كۆرۈپ باقماپتىمەن.
ئاغىزىمغا ‹‹ساتتاركىڭىز كىتاب ساتىدۇ، ئۆيىدىكىلەرنى تونۇشتۇرۇش مەجبورىيىتى يوق ›› دىگەن گەپ كەلدى-يۇ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم.
-سىز نەدە ئوقۇيسىز ؟
-ئوقۇمايمەن، مۇشۇ كىتابخانىنى ئەمدى مەن ئاچىمەن. دادام ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
ئاۋازىم سەل ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك، ھېلىقى بالىنىڭ چىرايى سەل ئۆزگىرىپ كېلىپ ئۆزىنى تۇتىۋالدى، ئاق سېرىق پىشانىسىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى. مەن پارچە پۇلنى قايتۇرۇپ، كىتابلارنى يالتىراق خالتىغا سېلىپ ئۈستەلنىڭ بىر بۈرجىكىگە قويۇپ قويدۇم. ئۇ بالا خالتىنىڭ بېغىنى تۇتۇپ كېلىپ، يەنە قولىنى ياندۇرىۋالدى.
-مېنىڭ ئىسمىم ھەسەن، شەھەرلىك پارتىكۇمدا تەرجىمانلىق قىلىمەن.
-ھە...- ھەسەن ئىسىملىك بۇ بالىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تۇنۇشتۇرىشى قانداقتۇر ماڭا ياقمىدى.
-ھە...دادامنى تونۇمتىڭىز؟
-ھەئە...-ھەسەن بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى،- دادىڭىزنى تونۇيمەن. دائىم كىتاب ئالاتتىم. ئەمدى سىزدىن كىتاب ئالىدىغان بولدۇم.
-دائىم كېلىپ تۇرارسىز. –مەن تەكەللۈپ يۈزىسىدىن شۇنداق دەپ قويۇپ، ئاخشامقى ھېساباتلارنى سېلىشتۇرۇشقا باشلىدىم. بىر دەمدىن كېيىن قارىسام ئۇ بالا كىتىپ قاپتۇ.
سەلدىن كېيىن دۇكان قىززىپ كەتتى. خېرىدار دىگەنمۇ قىززىق بولىدىكەن. دادام ماڭا دۇكاننى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ خېلىغىچە دۇكاندا سودا ئانچە بولمىدى. لېكىن ئىككى ئايلاردىن كېيىن كىتاب سودىسى ئېقىپ كەتتى. دادام بۇنى دېھقانلارنىڭ پاختا كىرىمىگە باغلاپ چۈشەندۈردى، لېكىن مەن بولسام، خېرىدارلارنىڭ تونۇش ئىزدەيدىغانلىقىدىن كۆردۈم.
بۈگۈن كەلگەن كىتابلارنىڭ يېرىمى تۈگىدى. مەن ئىككى-ئۈچ ئايدىلا قانداق كىتابلارنىڭ بازارلىق، قانداق كىتابلارنىڭ قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئىشتىن سىرىت بەش-ئالتە رومان، ئىككى ئۈچ شېئىرلار توپلىمى ئوقۇپ چىقتىم. دۇكاندا بار ژورناللارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئۆزۈمنىڭ قانداق بولۇپ كىتابلارغا خۇمار بوپ قالغىنىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. ھەتتا ئىشتىن چۈشۈپ، دۇكاننى تاقار چاغدا، دادامغا ياخشى ژورناللارنى، ياخشى ماقالىلەرنى ئالغاچ كېلىدىغان بوپ قالدىم.
دادام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمگە قىل سىغماس بوپ كەتتى، چۈشلۈك تاماقنى ھاپلا-شاپلا يەپلا دۇكانغا چاپىمەن. كەچلىك تاماق ۋاقتى مېنىڭ دادام بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىم بوپ قالدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...
سالام بىلەن كىرگەن مېھمان خىيالمنى بۆلىۋەتتى. قارىسام كىرگەن مېھمان قولىنى كۆكسىدىن چۈشۈرمەي ماڭا سالام بىرىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ھۆرمەت بىلەن تۇرغان تۇرقىنى كۆرۈپ سەل خىجىل بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
-سالام!
-ساتتاركام يوقمىدى؟
-دادام يوق، دۇكاننى مەن ئېچىۋاتقان.
-دادىڭىز؟.. ھە سىز ئۇنىڭ قىزىمۇ ؟ ياخشى بوپتۇ.
ئۇ ئادەم ، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ بىر بالا ئىدى. پاكار، چىرايى سەل قارامتۇل، كىلىشكەن بالا ئىدى. ئۇ مېنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ كىرىپ، كىتابلارنى بىر قۇر كۆردى ۋە مەندىن جىق سۇئال سورىدى.
-ئىسمىڭىزنى بىلىشكە بولامدىكىن ؟
-ئىسمىم زۆھرە.
-زۆھرە...چىرايلىق ئىسىمكەن. ساتتاركام بەك ئۇلۇغ ئىش قىلدى. پىنسىيەگە چىقسىمۇ دەم ئالماي كىتابخانا ئاچتى. ئەمدى قىزى ئېچىپتۇ، مانا، بۇ كىتابخانا تاقالمايدۇ دىگەن گەپتە.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىچىمدە كۈلۈپ قويدۇم. بۇ كىتابخانىنى نە ۋەج بىلەن ئېچىۋاتقانلىقىمنى بۇ شېرىن-شىكەر سۆزلۈك بالا بىلەمدىكىن؟ئەگەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بولسام، ھازىر دەرس ئاڭلاپ ئولتۇرغان بولارمىدىم ۋە ياكى مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرىدا ئولتۇرۇپ تەكرار قىلغان بولارمىدىم؟
-مېنىڭ ئىسمىم ئالىمجان. ئالىمجان ئۆمەر. ئۆزۈم پەن-تېخنىكا ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن. بۇرۇن بەك كىلەتتىم بۇ كىتابخانىغا، ئىككى ئاينىڭ ياقى ئۈرۈمچىدە كۇرستا بوپ قالدىم. ئەمدى پات-پات كېلىپ تۇرىمەن.
ئۇ كىتابلارنى ئېلىپ كەتكۈچە قىززىق گەپلەرنى قىلىپ مېنى نەچچە كۈلدۈرىۋەتتى. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزۈمنىڭ كىتابخانا ئاچقىنىغا خوش بوپ قالدىم.
شۇندىن كېيىن ئالىمجان پات-پات كىتابخانىغا كېلىدىغان بوپ قالدى. ئۇ كىتاب كۆرگەچ مەن بىلەن كىتاب ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان بوپ قالدى. ئالىمجان بىلەن خېلى چىقىشىپ قالدىم. ئۇ ماڭا يېڭى كىتابلار ھەققىدە ئەتراپلىق ئىنچىكە چۈشەندۈرۈش بىرىدىغان بولدى.