ھەسەننىڭ قىياپىتى، گەپ-سۆزلىرى ئىسىمگە كېلىپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ ماڭا نىمە دىمەكچى بولغىيتتى؟ ھەسەننىڭ ئوڭايسىز قىياپىتى ماڭا ئىززەتنى ئەسلەتتى. ئىززەت قىشلىق تەتىلدە يېنىپ كېلىپ ئاتايىتەن دۇكانغا مېنى ئىزلەپ كەپتۇ. ئۇ بىر مەۋسۈمدە تېخىمۇ بوي تارتىپ، ئورۇقلاپ كىتىپتۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئېغىر-بېسىق، پىشقان بىر ئۇغۇل بالىغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ دۇكانغا كىرگەندە مەن بىر نەرسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ دىققەت قىلماپتىمەن، بىر چاغدا بىرسى ‹‹قارا ›› دىگەندەك بولدى، قارىسام ئالدىمدا ئىززەت كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك تىزىغا كېلىدىغان تاشپاختا چاپان كىيىۋاپتۇ.
-ۋۇي، مېنى تونۇمىدىڭمۇ؟ مەن ئىززەت جۇمۇ.
-تونۇدۇم، تونۇمامدىغان.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى. ‹‹مەن ئىززەت جۇمۇ ›› دىگىنى ماڭا ‹‹مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئىززەت جۇمۇ ›› دىگەندەك ئاڭلاندى. لېكىن بىر مەۋسۈمنىڭ ياقى دۇكاندا ئولتۇرۇپ ئۆزلەشتۈرگەن ساختا تەبەسسۇمىم يۈزۈمدىن كەتمىدى.
-ھە، كېپقاپسەنغۇ ؟
-كەلدىم، سىنى كىتابخانا ئاچتى دىگەچكە كەلدىم. كىتاب ئالاي دەپ..
-سەنمۇ كىتاب ئوقۇمسەن ؟-دىدىم مەن تەئەددىي بىلەن. ئۇنىڭ ‹‹ھالىڭنى كۆرەي دەپ كەلدىم ›› دىگەندەك ئاڭلانغان گېپى ئوغامنى تېخىمۇ قايناتتى.
-ساۋادىم باردە...ئوقۇپ قوياي. قانداق ئوقۇيدىغان كىتابلىرىڭ بارمۇ؟
-سەندەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بۇ يەردىكى كىتابلار يارارمۇ ئەندى ؟
ئىززەت ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرىغاندەك قولىنى يانچۇقىدىن چىقىرىپ سىلكىپ قويدى ۋە ماڭا ئەلەم بىلەن قارىدى.
-تېخىچە شۇ گەپتىمۇ سەن ؟
-ھە..ماڭا رەھمەت دە جۇمۇ، سېنىڭ قۇلىقىڭنى دەپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بولساممۇ مەكتەپكە بارمىدىم.
-ۋاي رەھمەت. مەن سېنىڭ نەزىرىڭدە بەك مۇھىممۇ نىمە ؟
ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنسەممۇ چۈشەنمەسكە سېلىۋالدىم.
-ئەلۋەتتە، مەندەك بىر قاپاق كاللىغا قارىغاندا، سەندەك ئەقىللىقنىڭ قۇلىقى ئەلادە...
-زۆھرە..بولدى قىلساڭچۇ؟ ئاران كۆرۈشكىلى كەلسەم ماڭا تەنە گەپ قىلىۋاتامسەن؟
ئىززەت ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرىغاندەك روھىسز ھالدا تۇرۇپ قالدى.
-ھە چاخچاق قىلدىم، قارا، مۇشۇنداق بىر دۇكاننى ئېچىپ ئولتۇردۇم. سەن نىمە دىگەن بەخىتلىك، ياخشى ئوقۇشلارنى ئوقۇۋاتىسەن.
-بەخىتلىك؟ مەن ساڭا ھەۋەس قىلىۋاتىمەن. تامىقى ناچار، ئوقۇشمۇ بىز ئويلىغاندەك كۆڭۈللۈك ئەمەس.
-نىمىلا دىگەن بىلەن ئوقۇدۇڭدە.
ساۋاغداشلار يىغىلىشىغا بارمىدىم. ساۋاغداشلىرىم تولا كېلىپ تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ پەقەت بارغۇم كەلمىدى. ئۇلارنىڭ چىرايىغا قاراشقا مەندە جۈرئەت يوق ئىدى. مەن ‹‹دادام ئوقۇشقا ماڭغۇزمىدى ›› دىسەم ئۇلار ئىشەنمەي كۈلۈشى مۇمكىن. ‹‹ياخشى مەكتەپكە ئۆتەلمىدىم ›› دىگۈم كەلمىدى. ھەتتا قايتا ئوقۇشقا جۈرئىتى بولمىغان ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئۆزىدىن باشقىلار مۇرادىغا يەتكەننى كۆز-كۆز قىلىدىغان ئۇ سورۇنغا قانداقمۇ بارالىسۇن؟
بۈگۈن يامغۇرغا قاراپ ئولتۇرۇپ شۇلارنى ئويلاپ كەتتىم. تۇيۇقسىز ئىززەتنى ئويلاپ قالغىنىم نىمىسى ؟ مەن ئىززەتكە بەك ئۆچ ئىدىمغۇ ؟
ھەسەن دىگەن بۇ بالا كىتابخانىغا جىق كېلىدۇ، نەشىردىن چىققانلىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى سېتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ جىمغۇرلىقى، يوۋاشلىقى، مۇلايىملىقى ماڭا ياقىدۇ، لېكىن ئۇ بەكلا مىس-مىس، ئۇنىڭ گەپنى ئالدىرىماي چايناپ قىلىشىغا تولىمۇ ئۆچ بولۇپ قالدىم. لېكىن يىمىت ئاكا ئۇنىڭغا بەك ئامراق. ئۇنى بەك ئەستايىدىل، تىرىشچان بالا، ئەسەر يازىدۇ، ئەسەرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ دەيدۇ. يىمىت ئاكا ئالىمجانغا ئانچە ئامراق ئەمەس. دۇكاندا ئۇ بارلىقىنى كۆرسىلا كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كىتىدۇ، ئالىمجانمۇ يىمىت ئاكىنى كۆرسىلا گېپىنى توختىتىپ جىمىپ قالىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق زىددىيەت بار بۇنى بىلمەيمەن، ھەم سوراشنىمۇ خالىمايمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرسى دۇكان خوشنام يەنە بىرسى بولسا مېنىڭ دۇكىنىمنىڭ دائىملىق خېرىدارى، مەن بۇ توغرىسىدا سۈكۈت ساقلىمىسام بولمايدۇ.
يامغۇر توختاپ قالدى. ئاپام بىر چىنە شورپا ئېلىپ ئەكىردى. ئاپام بۇ كۈنلەردە مېنى بەك ئايايدىغان، ئۆي ئىشلىرىغا قول تىققۇزمايدىغان بوپ قالدى. ئۆيگە كېلىپ ئاپامغا تاماق ئېتىپ بىرىمەن دەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىمنى دەيمەن.
-ئاپا، ئادەمنى خىجىل قىلمىساڭچۇ؟ مەن بۈگۈن دۇكاننى بالدۇر تاقاپ ساڭا تاماق ئېتىپ بىرىمەن دەپ كەلسەم.
-بۈگۈن ھاۋا سوغۇق، داداڭ شۇرپا قىلىڭلار دەپ چىقىپ كەتكەن. كەلمەيۋاتىدۇ. سەن بولساڭمۇ شورپىدىن بىرەر چىنە ئىچكەچ تۇرغىن.
-ماقۇل، مەن تېخى ساڭا تاماق ئېتىپ بىرىمەن دەپ يەنە سېنىڭ تامىقىڭنى يىدىمدە.
-ھېچقىسى يوق، كۈندە دۇكاندا ئولتۇرۇپ بەكلا ئىشلەپ كىتىۋاتىسەن.
-ۋاي نەدىكىنى، شۇ دۇكاندا ھاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ كېلىۋاتىمەنغۇ.
-ئۇنداق دىمە. داداڭ بىر كۈنى كېتىپ سېنى بەكلا گەپچى، جانلىق بوپ كىتىپتۇ دەپ ماختاپ كەلدى. كىتابنىڭ سېتىلىشىمۇ ياخشى، ھازىر سوداڭ ياخشى بولغاچقا، ساڭا ئازراق بولسىمۇ قارىشاي دەپ ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بىرىۋاتىمەن.
-رەھمەت جۇمۇ ئاپا...سەنمۇ پىنسىيەگە چىقىدىغان ۋاقتىڭ بولدى. بىرەر كېلىننى يېنىڭدا تۇرغۇز دىسەم ئۇنىمىدىڭ، ئەمدى مېنىمۇ قازان بېشىغا يولاتماي ئۆزۈڭ قىلىپ يۈرۈپ چارچاپ قالما.
-ۋاي، ياق، ئادەم قېرىغاندا ئانچە-مۇنچە مىدىرلاپ بەرمىسە كىسەل چىرمىۋالىدىغان گەپكەن. ھېچقىسى يوق. كېلىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيى، بالا-ۋاقىسى بار. ئەرلىرىنى كۈتمىسە بولمايدۇ. ئۇلاردىن جىق تامايىم يوق، ئائىلىسى ئىناق بولسا، قۇلىقىمغا سۆز تەككۈزمىسىلا بولىدۇغۇ.
-شۇنداق بولسىم، ئاپا...
-بالام سەنمۇ توي قىلساڭ بىلىسەن، كېلىنلەر بىكار بولسا بۇ يەردە بىز بىلەن تۇرسا بولىدۇ، ھەممىسىنىڭ ئىشى بار. ئەتتىگەن قوپۇپ ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرمىسە بىز رەنجىمىسەكمۇ، قوشنىلار رەنجىپ كېتىۋاتقان، كەچرەك كەلسە ئەنسىرەپ قېلىۋاتقان...ۋاي بولدىلا بالام، تېنىڭنىڭ ساقلىقى-پاشالىقىڭ دىگەن گەپ بار. ساق-سالامەت بولۇپ، ئايىقىمىزدىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرسىلا بىر ئىش بولار.
ئاپامنىڭ ئەكىرگەن شورپىسىنى ھوزۇرلىنىپ ئىچىۋالدىم. ئاپام تاماققا بەك ئۇستا، ئازراق كۆكتاتلار بىلەنمۇ تاماقنى گۈل كەلتۈرۈپ ئېتىۋىتىدۇ. ئاپامنىڭ تەربىيەسى بىلەن مەنمۇ خېلى پىشىپ قالغان، لېكىن يېقىننىڭ ياقى ئاپام قولۇمغا ئىش تەككۈزمەيۋاتىدۇ.
-ئاپا، كۆنەلمىگەن ۋاقتىمدا تازا ئىشقا سېلىپ، ئەمدى دۇكانغا كۆنۈپ، ئۆيگىمۇ ۋاقىت ئاشۇرالايدىغان بولغاندا قازان بېشى مەملىكىتىدىن قوغلاندى قىلىۋاتىسەنغۇ؟
-ۋاي...بالام....-ئاپام پۇتىنى سوزۇپ ئولتۇرۇپ گېپىنى باشلىدى. –سېنى ئازراق دۇكان ئېچىپ كۆڭلىدىكى تۈگۈنلىرىنى يىشىپ، مەكتەپكە بارالمىغاننىڭ سەۋداسىنى كەسسۈن دەپ دۇكانغا ئاپىرىپ قويغان. زىيان چىقارساڭمۇ، پايدا ئەكەلسەڭمۇ ئىشقىلىپ كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ، قايتا ئىمتىھان بەرگۈدەك بولار ۋە ياكى باشقا ئىش قىلار دىسەك، سەن دۇكانغا بارغانسېرى ئۆگىنىپ قالدىڭ، شۇڭا كۆڭلىمىز تىندى دىسىنا. بولمىسا قانداقمۇ قىلار ئىدۇق. مۇشۇ ئىشىك ئالدىدىكى كارۋاتتا غەم بېسىپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرۈپ مەن يىغلاپ كەتسەم داداڭنىڭمۇ كۆزى ياشقا تولۇپ كېتىپتۇ. مەن داداڭغا يالۋۇرۇپ :‹‹دادىسى ئۇنداق قىلمايلى، بالىنى مەيلىگە قويايلى ›› دەپ تۇرىۋالسام داداڭ پەقەت ئۇنىمىدى. داداڭ نىمىنى ئويلىدى بىلمىدىم، ئەمما سەن كىتاب ئوقۇپ جىق نەرسىلەرنى بىلىپ قالدىڭ(بۇنى داداڭ ماڭا دەپ بەردى ) ئىككىڭلارنىڭ سۆھبىتىگە قاراپ بەزىدە مېنىڭ كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ. جېنىم بالام، ئاخىرى دەرت –ئەلەمدىن قۇتۇلۇپ، قەددىڭنى تىكلىگەندەك قىلدىڭ.
ئاپامنىڭ گېپى يىراقلاردىن، بىر غارنىڭ ئىچىدىن يېنىۋاتقاندەك ئاڭلاندى. ئاپام قولى بىلەن كىگىزلەرنى ئوڭشاپ، گىلەملەرنى تارتقاچ سۆزلەيتتى. مەن ئاپامنىڭ ئاۋازى ئىچىرە قانات قېقىپ ئۇچىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئىدىم. ئاپامنىڭ گېپى ماڭا بۇندىن نەچچە ئاي بۇرۇنقى ھالىتىمنى ئەسلەتتى. گەرچە ئۇ تۇرقۇمنىڭ ئۆزۈمگە بەرگەن تەسىرى نورمال بولسىمۇ، لېكىن ئاپام بىلەن دادامغا بەك قايغۇلۇق تەسىر بىرىپتىمەن. راست، ئۇ چاغدا بەك يىغلىغان، ئازابلانغان، رىئاللىققا يۈزلىنەلمەي ، نىمە قىلارىمنى بىلمەي، چىقىش يولى تاپالماي تېڭىرقىغان ئىدىم. ھازىر ۋاقىت ئۇ قايغۇلارنى ئاستا-ئاستا ئەينەكتىكى داغلارنى يامغۇر سۈيى سۈرتىۋەتكەندەك چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ھازىر ئويلىسام ئۇ كۈنلەرنى ناھايىتى تەسلىكتە ئۆتكۈزۈپتىمەن.
-ۋاييەي، يامغۇر ھەجەپ ياغدى.
دادام ئىشىكتىن كىرىپ كۈنلۈكنى كارۋات قېشىغا قويدى ۋە ئىككىمىزگە قاراپ:
-ئىككىڭلار نىمە پاراڭ قىلىشىۋاتىسىلەر؟
-شۇ كىتابخانىنىڭ گېپى بولمامدۇ؟
-دادا، شورپا ئىچەمسەن ؟ شۇنداق تەملىك بوپتۇ.
-ئەكىرە، بىر چىنە ئىچەي.
دادامغا شورپىنىڭ يۈزىنى قايرىۋىتىپ، مايسىز يېرىدىن ئەكىردىم، يەنە ئازراق ئاچچىقسۇمۇ قۇيۇپ قويدۇم.
-ۋاي، بۇ نىمە قىلغىنىڭ؟ ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئەي...مۇشۇنداق قىلساڭ تەمى نەگە كىتىدۇ.
-دادا، بەك پەيزى بولىدۇ، ئىچىپ سىناپ باقە.
دادام گەپ قىلماي شورپا ئىچىشكە باشلىدى. شورپىنى ئىچىپ بولۇپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە چىنىنى ماڭا سۇندى :
-يەنە بىر چىنە، ئاچچىقسۇ قوشمىغىنىدىن بولسۇن.
-ماقۇل.
تالاغا چىقىپ دادامنىڭ چىرايى كۆز ئالدىمغا كېلىپ كۈلىۋەتتىم. شۇ كۈنى كەچتە ئۈچىمىز ولتۇرۇپ تازا پاراڭلاشتۇق. دادام ماڭا جىق گەپلەرنى قىلىپ بەردى. دادام ئاقىرىشقا باشلىغان بۇرۇتلىرىنى قىرلاپ ئولتۇرۇپ، يىراق ئۆتمۈشنىڭ، مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارنىڭ گېپىنى قىلىپ بەردى. مەن تۇغۇلۇشۇمدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى خىيالەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقىمەن. لېكىن نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ دىگەن پەقەت تەسەۋۋۇردە. دادام بىلەن ئاپامنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ تەگسىز خىياللارغا كەتتىم. ئۆي ئىچىدىكى پاراڭ ۋە تالادىكى بىر خىلدا سىمىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر مېنى ئاجايىپ تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىۋاتاتتى.