bilquch lutun elan berig
بۇ تېما 1328 قېتىم كۆرۈلدى
qutlanjan
دەرىجىسى :


UID نۇمۇرى : 1682
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
شۆھرەت: 376 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 378 سوم
تۆھپە: 217 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 219 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 455(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2013-01-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پولات ئەلەمدار كىم؟

                               پولات ئەلەمدار كىم؟





                                         
              
 


پۇلات ئەلەمدار ئابدۇقادىر شاشمازنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، ھەقىقى ئىسمى مۇھەممەت نىجاتى شاشماز. 1971- يىلى 15- دىكابىردا تۈركىيەنىڭ ئەلازىغ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئەسلى كەسپى ساياھەت باشقۇرۇش بۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى كانادادا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن، كېيىن ئامىرىكىدا 6 يىل ئىشلىگەن. 2001- يىلى ئائىلىسنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ، قايتىش بېلىتىنى 11- سىنتەبىرگە ئالىدۇ. دەل 11- سىنتەبىر كۈنى ئامىرىكىدىكى ئىككى بىناغا ئايرۇپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلغان كۈنى بولغاچقا، بۇ ۋەقە سەۋەپلىك شۇ كۈنكى ئامىرىكا ئايرۇپىلانىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. كېىين ئائىلىسىنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن ئامىرىكىغا قايتىشتىن ۋاز كىچىدۇ. نىجاتى شاشماز كېيىنىكى ھاياتىنى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئەنقەرەدە سوغۇرتا شىركىتى قۇرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستانبۇلدا ئوسمان سىناۋ ئىسىملىك كىنو سىنارىيە رىژىسورى بىلەن كۆرىشىدۇ. ئوسمان سىناۋ ئۆزى رىژىسورلۇق قىلماقچى بولغان “بۆرىلەر ۋادىسى” فىلىمىدە نىجاتى شاشمازنىڭ باش رولچى بۇلۇشقا ئەڭ ياخشى نامىزات ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئونى بۇ فىلىمدە باش رولچى بۇلۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نىجاتى شاشماز بىر ئايدىن كېيىن بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ، بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى بىلەن ئۆمىرىنىڭ بۇرۇلۇش قەدىمىنى باشلايدۇ.
نىجاتى شاشمازنىڭ راجى شاشماز ۋە زۈبەيىر شاشماز دەپ ئىككى قېرىندىشى بار. راجى شاشماز بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى سىنارىيەسىنىڭ يازغۇچىللىرىدىن بىرىدۇر. نىجاتى شاشمازنىىڭ 20 يېشىدا يازغان ئاللاھنى كۈيلەيدىغان ۋە شۇ ياشلىق دەۋىرىدىكى ئاشقلىق ھاياتىنى ئىپادىلىگەن “ئاشىق” ئىسىملىك بىر شىئىر كىتابى بۇلۇپ، بۇ كىتاب ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان. نىجاتى شاشمازنىڭ بۇ شىئىر كىتابىدا ئاشقنىڭ نۆۋىتى، سەن ۋە تىكەن، بېلىقلارنىڭ ھىدى، ئاۋازىڭ قاتارلىق شىئىرلەر بار.
بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدىكى باش رولچى پولات ئەلەمدار تۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ كاتىبېشى مەمەت قاراخانلىقنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى تەرىپىدىن بوۋاق ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىلىپ، دۆلەتنىڭ يېتىشتۈرگەن مەخپى ئادىمى بۇلۇپ، چەتئەللەردە ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ. كېيىنكى 3 يىلدا تۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، مەمەت قاراخانلىق قاتارلىق قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ بېشىدىكىلەرنى تازىلاپ چىقىدۇ. ئۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىدا ئالاھىدە تەربىيلەنگەن بولغاچقا، ئىنتايىن ھۇشىيار، چاققان ۋە ھەر خىل ئېغىر – يىنىك قۇرۇللارنى ئىشلىتىشكە ماھىر. ئۇ يەنە ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، ئەرەپچە، كوردچە ۋە رۇسچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.
پۇلات ئەلەمدار ھىسياتقا بېرىلىپ ئەمەس، ئەقىلگە، ئىقتىدارىغا ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە ئېگىلمەس ۋە سۇنماس ئىرادىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ھەر خىل خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇشتىن بىر تەشكىلاتچى بۇلۇپ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارىشى قىلچە رەھىم قىلمايدۇ، ئەمما ئىنسانلارغا بولغان مىھىر – مۇھەببىتى خۇددى ئۆز ئاشقىغا بولغان ئىشقىدەك چۇڭقۇردۇر. پولات ئەلەمدار بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدە ماماتى، ئابدۇلەي، ئەرخان ۋە جاھىد قاتارلىق ئەڭ سادىق ۋە قابىل ئادەملىرى بىلەن تۈركىيە دۈشمەنلىرىگە قاھشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە. پۇلات ئەلەمدار زامانىمىزدىكى ئادالەتنىڭ سىمۋۇلى، قەيەردە ناھەقچىلىك ۋە قىرغىنچىلىق بولسا، پۇلات ئەلەمدار شۇ يەردە كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ رول ئالغان بۆرىلەر ۋادىسى، بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق، بۆرىلەر ۋادىسى پەلەستىن ۋە بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق فىلىملىرى تۈرك دۇنياسى، ئەرەب دۇنياسى ۋە بالقان رايۇنلىرىدا ئاجايىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇگۈنكى كۈنلەردە، پۇلات ئەلەمدار ھەققانىيەتكە تەلپۈنگەن خەلقلەرنىڭ غايىۋى مىللىي قەھرىمانى بۇلۇپ قالدى.
ئەگەر بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز گوگولدىن Kurtlar Vadisi, Kurtlar Vadisi Pusu, Kurtlar Vadisi Irak, Kurtlar Vadisi Filistin دەپ ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.
بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى :
http://www.diziizleyelim.com/izle-seyret/yerli-diziler/kurtlar-vadisi
بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى :
http://www.diziadresi.net/izle-seyret/kurtlar-vadisi-pusu.html
بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى :
http://www.yenifilmizle.com/film-izle/58-Kurtlar-Vadisi-Irak-izle.html
تەييارلىغۇچى:- ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان.



                        بۆرىلەر ۋادىسىدىكى مەنىلىك سۆزلەر






                                                    





بۆرىلەر ۋادىسىدىكى پېرىنسىپ، چۈشكەن ئولجىنى قاچۇرماي يېيىش.
ئىككى كىشىنىڭ بىلگىنى سىر ئەمەس.
دوستۇڭ دوستۇمدۇر ، دۇشمىنىڭ دۇشمىنىم.
ئاقىۋىتىنى ئويلىغانلار ھەرگىزمۇ قەھرىمان بولالمايدۇ.
دۇنيا بىر كۈندۇر ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن.
دوستۇم بولالمىساڭ، دۇشمىنىم ھايات قالماس.
سەن ، سەن بولغىن! قەتئىي بىز بولۇپ قالما.
ئاتا- بوۋىسىنى تونۇمىغانلار، ئېتنىڭ پېشدىن كەتمەس.
ئىنسان بالىسىغا ئېشەنمە ئۆلۈر، دەرەخكە يۆلەنمە قۇرۇر.
ھاياتتا ھېچقانداق نەرسە تاساددىپى ئەمەستۇر.
ياخشىلىق مەخپىي قىلىنىدۇ، مەخپىي قالمايدۇ.
ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار… ۋاقتى بار… ياشاشنىڭ… سۆيۈشنىڭ … ئۆلۈشنىڭ.
سوقۇشۇشقا رۇخسەت يوق، ئەمما سوقۇشۇپ يەڭسەڭ، مەغلۇپ مۇئامىلىسىگە ئۇچرىمايسەن.
ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز.
بىز قورالنى بېلىمىزغا ئاستۇق، قۇرال بىلەن كۆكرىكىمىزگە ئېتىلايلى دەپ.
ئۆلۈم، ئۆلۈم دەيسەن، ئۆلۈم دىگەن نېمىكىن ئۇ، جېنىم؟ ھاياتىم پىدادۇر سەن ئۈچۈن مېنىڭ .
ئوخشاش تېلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس ، ئوخشاش ئوي- پىكىردە بولغانلار ئېتتىپاقلىشالايدۇ.
ئۆلگەنلەرنىڭ ئارقىسىدىن يېغلاپ قالما ، ئۆلسەڭ ئارقاڭدىكىلەرنى يېغلىغان ھالدا قويما.
بوران قانچە كۈچۈپ چېقسىمۇ، تېك قىيادىن ئالىدىغىنى ئۈستىدىكى بىر قەۋەت توپىدۇر.
ئەگەر سېنى بىرى ئالدىغان بولسا بۇ ئۇنىڭغا گۇناھى، ئەگەر ئۇ كىشى سېنى داۋاملىق ئالدايدىغان بولسا بۇ سەندىكى گۇناھ.
ھەرگىز ھېچكىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلما، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەڭ ئاخىرقى چېقىش يولىدۇر.
ئاقىل كىشىلەر يېڭىلىقلار ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقىدۇ، پەسكەشلەر بولسا باشقا كىشىلەرنىڭ ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ .


ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 09 May 2011
ئاپتۇر: Karahan
              مەنبە:http://uyghuracademy.com/?p=16351
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-10, 14:08
ئۈمۈدبىلەن ياشىغىن ھەركۈن.....
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-10 04:40 |
kaxkariya
دەرىجىسى :


UID نۇمۇرى : 1450
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 498 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 499 سوم
تۆھپە: 297 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 298 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن شۇنداق ياقتۇرۇپ كۆرگەنتىم يېڭى چىققان چېغىدا بۇ كىنونى ...شۇنداق پېچچەت كىنو جۇما ئىشقىلىپ ئۆزى...
lutun
تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-10 23:44 |
umudyultizi923
دەرىجىسى :


UID نۇمۇرى : 859
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 195 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 195 سوم
تۆھپە: 112 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 112 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆرۈپ  قويۇشقا  ئەرزىيدۇ  ۇ  كىنۇ لىكىن قىسىملىرى  بەك  كۆپ ئاخىر  چىقماس  بىر  كىنۇ  بۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 00:37 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر