karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 1580 قېتىم كۆرۈلدى
bruce
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1773
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كانادادا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش كەچۈرمىشى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-05-12)
يازمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى : رەيھانگۈل ئەسئەت
كانادا Osgoode Hall قانۇن ئىنىستىتۇتىدا
ئىنگلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : Bruce

           كونكىرىت مەسلىگە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇش ھەققىدىكى بەزى خاتا كۆز قاراشلارغا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم. كىشىلەر مىنىڭ بىلوگىمدىكى بەزى رەسىملەرنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى تەرەققى قىلغان كانادا، گۈزەل تورونتو شەھىرى، مېنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالىتىم ۋە قارىماققا ھەممە ئىش مۇكەممەلدەك تۇيغۇ بىرىدىغان كانادا تۇرمۇشى بولۇشى مۇمكىن. لىكىن مۇشۇ گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك بوشاشماي تىرىشىش ،ئۆزىنى بىغىشلاش ۋە يۈكسەك قىزغىنلىق يوشۇرۇنغان. ئەگەر سىز ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىرادە تىكلەپ جاپاغا چىداپ تىرىشىپ،كېرەكلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىنى توپلاپ شۇ ئاساستا تەييارلىق قىلسىڭىز چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيىڭىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزگە ئىشىنىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن يەنە چوقۇم ھەركەتكە ئۆتۈشىڭىز لازىم. 
            بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى يىل ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بىلەن بىللە بېيجىڭغا بىر ئىلمى تەتقىقات يىغىنىغا باردىم، يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بۇ يىغىنغا
 Janet Walker ئىسىملىق بىر كانادالىق پروففىسورنى تەكلىپ قىلغان ئىدى، مەن يەنە بىر ساۋاقدىشىم بىلەن بىللە بۇ پروففىسورنىڭ يىغىن داۋامىدىكى زىيارىتىگە ھەمراھ بولدۇق، پروففىسورJanet Walker  قىزىنىمۇ بىللە ئەكەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ قىزى كانادادا قانۇن كەسپىدە ئوقۇيتتى ،يىغىن ئاخىرلىشىپ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىم بىلەن كانادالىق پروففىسور ۋە ئۇنىڭ قىزىنى ئىلىپ ۋۇخەنگە قايتتۇق. سەپەر جەريانىدا مەن كانادالىق پروففىسورنىڭ قىزىنىڭ دەرسلىك كىتابىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم، بۇكىتاپ بىزنىڭ زېرىكىشلىك قانۇن دەرسلىكلىرىمىزگە ئوخشىمايتتى، ئوقۇغان ئادەمگە ھىكايە ئوقۇغاندەك تەسىر بىرەتتى. سەپەر جەريانىدا ئۇ ماڭا كانادادىكى قانۇن مەكتەپلىرى توغۇرلۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى.  
         ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئىختىيارسىز ھالدا بىزنىڭ مائارىپ سېستىمىمىزمۇ ئاشۇنداق بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم، ئۇچاغدا مەن بەلكىم يەڭگىللىك بىلەن سىلىشتۇرما قىلغاندىمەن، ئەمما قانۇن كىتاپلىرى ئاشۇنداق ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان بولۇشى كىرەك ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ سۇئالنىڭ تۈرتكىسىدەجاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق مەن ئۇ سۇئالغا جاۋاب ئىزدەيدىغان ئىسىل پۇرسەتكە  ئىرىشىپ ئاخىرى بۇ دۆلەتكە كەلدىم. 
 
        گىپىمگە قايتىپ كەلسەم ،پروففىسور Walkerبىلەن مەنىلىك بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئۇنى ئىچكىرلەپ چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم، ئىلىم پەن ساھەسىدە ئۇ كانادادىكى باشلامچى پروففىسور، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسا ناھايىتى دوستانە ھەم چىقىشقاق ئايال ئىدى. پاراڭ داۋامىدا ئۇ مېنىڭ ماگىستىرلىقنى  پۈتتۈرۈش ئىلمى ماقالەم توغۇرلۇق بەزى سۇئاللارنى سورىدى، مەن ماقالەمنىڭ مەزمۇنىدىن قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم، ئاندىن ئۇ مىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمغا بەزى تەكلىپلەرنى بەردى ۋە مىنىڭ ئىپادەمدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ھەمدە مىنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىمغا  ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ماڭا يوشۇرۇن كۈچۈمنى كۆرسىتىش ھەققىدە ئىلھام بەردى. مەن ئۇنىڭ ئەينى چاغدا تەكلىپ ۋە  ئىلھام بەرگىنلىكىدىن ناھايىتى مىننەتدار. تىخىمۇ مۇھىمى مىنىڭ ھاياتىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغان يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم  刘仁山گە چىن دىلىمدىن مىننەتدارمەن. ئۇنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا مەن ھەرگىزمۇ ھازىرقى مەن بولمىغان بولاتتىم. كىشىلەرگە شۇنداق تەكلىپ بېرىمەنكى ئادەم ئۆزىگە تەسىر قىلغان، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئادەم بولىشىغا تۈرتكە بولغان كىشىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىشى كىرەك.  
        پروففىسور Walkerبىلەن پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۆزۈمگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچ پەيدا بولدى ھەمدە چەتئەلگە چىقىپ داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەل باغلىدىم، ھەمدە شۇندىن باشلاپ ئىنتېرنىت  ئارقىلىق چەتئەلدە ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم، ۋە ئاخىرى كاناداغا چىقىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ياۋرۇپادا ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولدۇم . ئىلتىماس قىلىشتىن تارتىپ تەتقىقات پىلانىنى تاپشۇرۇشقىچە پەقەت بىر ئايلا ۋاقىت بار ئىدى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ تەتقىقات دائىرسىگە ماس كىلىدىغان تېما تاللاش بولسا ھەقىقەتەن تەس ئىش ئىدى، بۇ بىر ئاي جەريانىدا مېنىڭ ئائىلدىكىلىرىم ۋە دوستلۇرۇم ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى، مەن ئاخىرى تەتقىقات پىلانىمنى، تونۇشتۇرۇش خىتىمنى ۋە توفېل نەتىجەمنى تەييارلاپ بولدۇم. بۇ چاغدا ئازراق مەسلىگەيولۇقتۇم ،يەنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ۋاقتىمدا ئىلتىماس قىلىش ئاخىرقى چېكىگە پەقەت بىر كۈنلا قالغان ئىدى،
ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى بېيجىڭغا يەتكۈزۈشتە ھەرقانچە تىز پوچتا بىلەن ئەۋەتسەممۇ بىر كۈندە يىتىپ بارالمايتى، بۇ چاغدا مىنىڭ ياخشى دوستۇم  ۋۇ تەپتىشنىڭ ياردىمىدە پويىز بىلەن باشقىلار ئارقىلىق بېيجىڭغا ئەۋەتتۇق ۋە بېيجىڭدىكى دوستۇم ئەتىسى ئەتىگەندە ماتىرياللىرىمنى بېيجىڭدىكى ئوقۇش مۇكاپاتى ئىشخانىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى. مىنىڭ ئارزۇيىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم قىلغان بۇ دوستلۇرۇمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن.ئادەم مۇھتاج چاغلاردا ياخشى دوستىنىڭ بولىشى ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.  
          ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كىيىن تەقەززالىق بىلەن جاۋاپ كۈتتۈم ،ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلۇرۇممۇ دائىم سوراپ تۇردى، ئىككى ئاي تەقەززا بولغاندىن كېيىن ئاخىرى كانادا ئەلچىخانىسىدىن كەلگەن تېلفۇننى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇلار ماڭا مېنىڭ تەتقىقات پىلانىمنى كانادادىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆرگەنلىكىنى ھەمدە ئاخىرقى سىناققا تاللانغانلىقىمنى ئۇقتۇردى.
      بۇ تىلىفۇن ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدىغان سىناق بولۇپ سىناق داۋامىدا ئۇلار مەندىن تەتقىقات پىلانىم ۋە نىمە ئۈچۈن بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلغانلىقىم توغۇرلۇق بىر قاتار سۇئاللارنى سورىدى.ئۇ چاغدا  ئۇلار مەندىن مەن ئىشلەتكەن بىر ئاتالغۇنى ئۇلارنىڭ تازا چۈشىنەلمىگەنلىكىنى مىنىڭ ئۇ ئاتالغۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىشىمنى تەلەپ قىلدى، مەن ئۆز چۈشەنچەمنى بايان قىلغاندىن كىيىن ئاتالغۇ نامىنى ئىشلىتىشىمنىڭ مۇۋاپىق بولغان بولمىغانلىقىنى سورىغاندىن كىيىن ئىشلەتكىنىمنىڭ جوڭگۇچە ،ئىنگىلىزچە بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ چاقچاق قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم ، سىناق كۈلكە ئىچىدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى ھەمدە ئۇلار مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىناققا قاتناشقۇچى ئىكەنلىكمنى ھازىرغا قەدەر ئىپادەمنىڭ ئەڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئەينى چاغدا مېنىڭ ئىنگىلىزتىلىم ھازىرقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ پەرق قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن باھاسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن شۇنچىلىك خۇرسەن بولدۇم، خۇشاللىقتىن سەكرىدىم ، ھاياجاندىن يىغلىدىم. بۇ خۇش خەۋەرنى ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن ئائىلەمگە، يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇمغا ، ۋە بارلىق دوستلۇرۇمغا يەتكۈزدۈم ،سىڭلىمنىڭ خۇشاللىقتىن مىنى قۇچاقلاپ كەتكىنى ھىلىھەممۇ ئىسىمدە. قىسقىسى ئۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىق مىنۇتلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

        ئىككى ھەپتىدىن كىيىن مەن گىرمانىيەدىن كەلگەن يەنە بىر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالدىم ۋە ئۇ ئىككى تۈردىن قايسىنى تاللاشنى بىلمەي تازا ئىككىلەندىم، بىرى كانادادىكى بىر يىللىق تەتقىقات مۇكاپات پۇلى ، يەنە بىرى بولسا ياۋرۇپادىكى فىرانسىيە،گىرمانىيە،ئىتالىيە،بىلگىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتتەجەمئى يىرىم يىل داۋاملىشىدىغان ئوقۇش تەتقىقات مۇكاپات پۇلى ئىدى، مۇمكىن بولغان بولسا ھەر ئىكككىلىسىنى قولدىن بەرگۈم يوق ئىدى، يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن ئاخىرى مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى بولغان ياۋرۇپادىكى ئوقۇش مۇكاپاتىدىن ۋاز كىچىپ كانادادا ئوقۇيدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تاللىدىم. 

        ئىككى ئايدىن كىيىن ئىغىر يۈك‏-تاقىلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان دۆلەت كاناداغا ئاخىرى يىتىپ كەلدىم . كىلىپلا بۇ يەردىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مەن ئويلىغاندەك ئەمەسلىكىنى بايقىغاندىن سىرت كۈتۈلمىگەندە قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ پۈتۈن بىر ئاينى دوختۇرخانا كارۋىتىدا ئۆتكۈزدۈم. بۇ دۆلەتكە كىلىپ بۇ يەردىكى يىڭىلىقلاردىن بەھىر ئالىمەنغۇ دەپ ئويلىغاندىم ئەمما كىم بىلسۇن يارلانغان پۇتۇمنى داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانا ياتىقىدا ئىنگىلىزچىنى چالا - پۇلا سۆزلەيدىغان كورىيەلىك ئايال بىلەن بىر ئاينى بىللە ئۆتكۈزدۈم. بىر ئايدىن كىيىن بىر دوستۇمنىڭ ياردىمىدە ھازىر تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار رايونىدىكى ياتىقىمنى تاپتىم ،تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ يەردە مەن ياخشى دوستۇم سىنا بىلەن تونۇشتۇم ،ئۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن گەپلەرنى دېگۈم بار ئىدى ئەمما بۇ يازمىنىڭ مەزنۇن دائىرسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا يەنىلا دىمەي قويدۇم.  قىسقىسى دەسلەپتە ھەقىقەتەن كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم، مەن يىتىپ كەلگەن چېغىمدا بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش مەۋسۈمى ئاخىرلاشقان بولۇپ پەقەتلا بەزى يازلىق كۇرسلار بار ئىدى ، قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ يازلىق كۇرسلىرى بولمىغاچقا  قانۇن ۋە جەمئىيەتشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك باشقا كۇرسلارنىڭ دەرسلىرىنى ياندىن ئاڭلىدىم، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل ۋاقىتلار ئىدى، ئۇ چاغدامەن ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە ماتىرياللاردىكى ئىلمى ئاتالغۇلارنى ئانچە ياخشى چۈشىنەلمەيتىم، گەپنىڭ راستىنى ئىيتقاندا ئاشۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ بىلىدىغانلىرىنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى ھىس قىلدىم، يۇرتتا يۈز بەرگەن ئاشۇ ۋەھىمىلىك ۋەقە ھەمدە شۇ سەۋەپلىك ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشى مىنى شۇنچىلىك ئالاقىزادە قىلىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن بىر يازنى سەرپ قىلىپ كانادانىڭ يۈزەكى ئەھۋالى ۋە ئەدلىيە سىستىمىسى بىلەن تونۇشتۇم. كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمى يىتىپ كېلىپ بىزنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتى دەرس باشلىغاندىن كىيىن مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم،تۈرلۈك دەرسلەر، پروففىسورلار، ئىقتىدارلىق ساۋاقداشلار...ھەممە نەرسە دىگىدەك كاللامغا كۈچلۈك تەسىر قىلىۋاتاتتى، دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ۋە لاھىيلىنىشى شۇنچىلىك ئۆزگىچە ئىدى .11-ئايغا كەلگەندە مەن كانادادىكى بىرەر ئالىي مەكتەپكە ئىككىنچى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلدىم ھەمدە جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە يەنە بىر يىلنىڭ 3 ‏-ئىيىغا كەلگەندە Osgoode Hall قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشتىم.بۇ ھاياتىمدىكى يەنە بىر زور خۇشاللىق مىنۇتلار ئىدى.

 
        ۋاقىت ھەقىقەتەنمۇ تېز ئۆتىدىكەن، مۇشۇ پەيتتە Osgoode Hall قانۇن ئىنىستىتۇتىدا بىرىنچى مەۋسۈمنى تۈگىتىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، بېيجىڭ ئايرۇدىرۇمىدا ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلاشقىنىم تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا يادىمدا تۇرۇپتۇ، يۇقىردا ئىيتقانلىرىم پەقەتلا مېنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكى ھاياتىمنىڭ ناھايىتى قىسقا بىر بۆلىكى.

        گىپىمنى يىغىنچاقلىسام ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر تەۋەككۈلچىلىك، غايىڭىزگە ئەگىشىڭ !تەۋەككۈل قىلىڭ! شۇندىلا ئۆز غايىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.

           شىمالى ئامرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار(قوشۇمچە): 
       1.ياخشى بىر تەتقىقات پىلانى .
         تەتقىقاتىڭىزنىڭ مەزمۇنى،ئاساسلىق مەقسىتى ھەمدە تەتقىقاتىڭىزنىڭ يىڭىلىق يارىتىش نۇقتىسى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان ياخشى بىر تەتقىقات پىلانى ئارقىلىق سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن قوبۇل قىلىنىشىڭىز لازىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىشىڭىز كىرەك.بۇ سىزنىڭ رىقابەتتە يىڭىپ چىقىشىڭىز ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بولالايدۇ.
      2.ياخشى توفېل نەتىجىسى.

    كانادا ئۇنىۋىرستىتلىرى نىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى 100نومۇر بولۇپ،110نومۇ ئالسىڭىز قوبۇل قىلىنىش ئىھتىماللىقىڭىز زور دەرجىدە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ .
      3.تونۇشتۇرۇش خېتى.

     كانادا ئۇنىۋىرسىتىتلىرى ئىلگىركى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىڭىز ياكى مۇئەللىمىڭىز يېزىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇش خېتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.
     4.تەرجمىھال خىتى .

     ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى ،ئوقۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز،مەكتەپتە ئالغان مۇكاپاتلىرىڭىز ،خىزمەت تەجرىبىڭىز قاتارلىقلار قوبۇل قىلىنىشىڭىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.


 
ئەسلى ئىلان قىلىنغان تور بىكىتى  www.bektur.com
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-12, 14:48
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-12 13:57 |
iwirghol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
شۆھرەت: 408 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 409 سوم
تۆھپە: 242 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 243 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 272(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇيەردىكى كەچۈرمۈشلىرىڭىزدىن يەنىمۇ بەكرەك خەۋەردار بولساق ياخشى بولاتتى.ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق،ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 18:00 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 162
شۆھرەت: 917 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 912 سوم
تۆھپە: 534 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 537 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 518(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ قوشۇمچە قىلىپ قوياي:
) چەتئەل دىگەنلىك ھەممە نەرسە ھەل بولدى دىگەنلىك ئەمەس،،، نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى بېرىشكە، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ... چىقماقچى بولغان كاندىدات چوقوم كىچىكىدىمۇ ياخشى ئوقۇغان، تىرىشچان بولۇشى لازىم،،، باشلانغۇچ.، تولۇقسىز،، تولۇق دىگەندەك،،، ئەگەر كىچىكىدە ياخشى ئوقۇغان بولسا، ھەر قانداق يەردە ياخشى ئوقۇپ كېتەلەيدۇ،، ئەگەر كىچىكىدە ياخشى ئوقۇماي، چەتئەلدە ياخىشى ئوقۇيمەن دىيىش خام خىيال،،، ۋاقىت ۋە پۇلنى ئىسراپ قىلىشىتىن باشقا نەرسە ئەمەس.....مەن تۇرىۋاتقان دۆلەتتتىمۇ خېلى جىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بار،،، لېكىن قانچىسى ياخشى ئۇقۇۋاتىدۇ،، ؟؟ كىم تىرىشىۋاتىدۇ؟؟ بارماق بىلەن سانىۋالغىلى بولىدۇ،،، بۇ ياخشى ئوقۇۋاتقانلار بۇرۇنمۇ ياخشى ئوقۇغلار،،،، كۆپىنچىلىرى ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرۇپ چىققانلار....مەن بىلىدىغان ساناقلىقلا ياخشى ئۇقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى بار.
تولۇقنى پۇتتۈرۇپ چىقىسىمۇ، يوقىرىدا دىگەندەك كىچىكىدىمۇ ياخشى ئۇقۇغان بولۇشى لازىم. بۇ يەردىمۇ نەچچە يىل يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىزتىلىنى قۇچاقلاپ يۇرگەنلەرمۇ بار...

2) چەتئەلدە ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدۇ،،،؟؟؟ ئالدامچىلىق.... ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت،،،، چەتئەلنىڭ كوچىلىرى ئالتۇن ئەمەس،،، پۇل دىگەن بۇ نەرسە ھەممە كىمگە مۇھىم...... چەتئەلگە چىقىشىتىكى مەقسەت ئايدىڭ بولۇش لازىم... ئوقۇشمۇ ياكى پۇل تېپىشمۇ؟؟؟؟ پۇل تاپىمەن دەپ ئويلايدىغانلار، نىمىگە تايىنىپ پۇل تاپىمىز؟؟ ئاز تولا ئىنگىلىز تىلى بىلسەك پۇل تاپالەيمەن دەپ ئويلامسىز؟؟؟ ئنگىلىز تىلىنى بىز چوڭ بىلىمىز،،،، ئەمىلىيەتتە چەتئەلدە تازلىق ئىشچىلىرىدىن تارتىپ تاكسى شوپۇرلىرىغىچە بىلىدۇ،،، ئۇلارنىڭ باي بولۇپ كەتكىنى يوق،،،،،،،،،،  ئوقۇيمەن دەمسىز؟؟؟ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇيمەن دەمسىز؟؟؟ ئىش بار،،، لېكىن ئۆز يۇرتىڭىدا قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىسىز،،، نىمە ئىش قىلىسىز؟؟؟ تاماقخانىلاردا تاماق توشۇيسىز،،، قاچا يۇيىسىز،،،، بۇ پۇل نىمىگە يېتىدۇ،،؟؟؟ شۇ سىزنىڭ ئاز تولا تۇرمۇش ئېھتىياجىڭىزدىن چىقىدۇ،،، شۇنىڭ بىلەن سىزگە بېسىم ۋە غېرىپچىلىق ھەمرا بولىدۇ.... ئوقۇي دىسىڭىز، ئىقتقسادى بېسىم، ئىشلەي دىسىڭىز ، ئوقۇش بېسىمى،،،،،،،

پۇلى بارلارمۇ بار،،، لېكىن ئۇلار پۇلنىڭ كۈچى بىلەن چىققان،،، بۇرۇنمۇ ياخىشى ئوقۇمىغانلار،،،، بۇ يەرگە چىقىپ تېخىمۇ ئوقۇش خوشياقمىغان،،، ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى بىر قانچە يىل خەجلەپ، ئىنگىلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەمەيۋاتقانلار جىق،،،،،،مەن خېلى جىق كۆرگەن.....

3) شۇڭا سىزدە 2 ئامىل بولۇشى كېرەك،،،، تىرىشچان، كىچىكىدىن ياخشى ئوقۇغان،،، جاپا چىدايدىغان،،،،، ئوقۇشنىڭ قەدرىگە يەتكەن بولۇشى لازىم،،، بۇ ھەممىدىن مۇھىم... ئىقتىسادى ئەھۋالى بەك ياخشى بولمىسىمۇ،، لېكىن قىيلىنىپ قالغاندا ئائىلىسى پۇل ئەۋەتىپ بېرەيدىغان دەرىجىدە بولۇشى كېرەك.... بەك غېرىپسىنىپ كەتمەيسىز،،، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىش بەك تەس، باكلاۋۇرلىق كەسپىدە ئۇقۇيدىغانلارغا مۇمكىن ئەمەس دىسەكمۇ بولىدۇ، ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇق كەسىپلىرىگە بولسا سىزنىڭ بىڭسىڭىزغا ۋە تاللىغان كەسپىڭىزگە باغلىق،،، ئىنژنىرلىق كەسىپلىرىگە ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ،، لېكىن  سانى بەك چەكلىك، ئىلتىماس قىلماق تەس....

4) مېنىڭ تەكلىپىم: جوڭگودىكى مەكتەپلەردە ئالدى بىلەن باكلاۋۇرلىقنى تۈگىتىش،،، بەزىلەر تۈگەتمەك تەس، جوڭگودا ئوقۇماق تەس دىيىشى مۇنكىن،،، ئۇقۇش ھىچ يەردە ئاسان ئەمەس،،، يۇرتتا ئوقۇيالمىسىڭىز بۇ يەردىمۇ ئوقۇيالمايسىز،،، بەزىلەر جوڭگو ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى ياراتماسلىقى مۇنكىن،،، ھەرقانداق ئوقۇش سىستىمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ...  مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ شاكىلىنى چىقىرۋەتسەك بولىدۇ..... باكلاۋىرلىقنى تۇگىتىش جەريانىدا، ئىنگىلىز تىلىدىن ئاساس سالغىلى بولىدۇ.... بەزىلەر چەتئەلدە ئاسان ، تىز تۈگەتكىلى بولىدۇ دەيدۇ،، قۇرۇق گەپ،،،، توغرا، 3-4 يىلدا تۈگەتكىلى بولىدۇ،، لېكن سىزدە شۇنداق قابىلىيەت بارمۇ؟؟؟ سىز ئىنگىلىز تىلىدا دەرھال دەرس ئالالامسىز؟؟ مۇنداق قابىلىيەت، تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرۈپلا ھازىرلاش بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى تەس،، ھەتتا يوق دىيەرلىك،،، بۇ يەرگە چىقىپ ئىنگىلىز ئۆگىنىش ئۈچۈن 2 يىل ئەتىراپىدا (ئاز دىگەندە،،، تىرىشچان بولسىڭىز) ، كەسىپ ئوقۇش ئۈچۈن3-4 يىل كەتسە (ئوقوپ كېتەلىسىڭىز تېخى)،، ئاز دىگەندىمۇ 5-6 يىل كېتىدۇ،،،،،، دۇنيادا ئاسان ئوقۇش ۋە قىسقا يول يوق...


ئەڭ ئاخىرىدا تورداشلارغا دەيدىغىنىم: نىشان ئېنىق بولۇشى كېرەك، نىمە كەسىپ ئۇقۇش، كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلىش دىگەندەك، تور بەتلىرىگە كىرىپ، ئۆزى قىزىققان كەسىپلەرنى تاللىشى كېرەك.. مۇنۇ ئىنگىلىز تىلى گەپنى سىلەرگە سوۋغا قىلاي:
There is no short cut for success !
دۇنيادا مۇۋاپىقىيەت ئۈچۈن قىسقا يول يوق !
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 19:01 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 543
شۆھرەت: 2785 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2786 سوم
تۆھپە: 1658 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1658 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1186(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    سىلەرنىڭ  ئىرادەڭلەرگە  ،  تىرىشچانلىقىڭلارغا  قايىلمەن  ،  سىلەر  تارىتقان  جاپالارنى   يازمىلىرىڭلاردىن  ئوقۇپمۇ  ھېرىپ  كەتتىم   ،  سىلەرنىڭ  ئورنۇڭلاردا  مەن  بولغان  بولسام  چوقۇم  چىدىمايتتىم  چۈنكى  ئۆزەمنىڭ  بوشاڭلىقىنى  ،  ئىرادىسىزلىكىنى  بىلىمەن  .  بىزدىن  سىلەرگە  ئوخشاشلارنىڭ  كۆپ  چىقىشىنى  ئۈمۈت  قىلىمەن  ،   چەتئەلگە  چىقىپ  ئوقۇشنى  ئارزۇ  قىلىدىغانلار  سىلەرنىڭ بۇ  يازماڭلارنى  تەپسىلى  ئوقۇپ  بېقىشى  كېرەككەن  .  

    
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-13 01:06 |
amanda
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 725
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 158 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 159 سوم
تۆھپە: 95 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<چەتئەل دىگەنلىك ھەممە نەرسە ھەل بولدى دىگەنلىك ئەمەس،،، نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى بېرىشكە، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ... >
بۇ گەپلەر نۇرغۇن كىشىلەرنى غېرىپلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالغاي ئىلاھىم...
we'll not go quietly into the night
we'll not vanish without a fight
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-13 23:46 |
zarbidar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1794
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 412 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 412 سوم
تۆھپە: 241 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 244 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىلەر مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىرى ،تېنىڭلار سالامەت ،  ئۆگىنىشىڭلار غەلبىلىك بولسۇن! سىلەردەك كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-15 12:44 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 259
شۆھرەت: 1310 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1320 سوم
تۆھپە: 783 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 783 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەكمۇ ياخشى پىكىرلەر  ئىكەن . ياشلىرىمىزنىڭ بىلىم ئېلىش يولىدا كۆپرەك ئىزدىنىشىنى ، سىلەرگە ئوخشاش تىرىشچان ، ئىرادىلىك بولىشىنى تىلەيمەن ، بۇ يازماڭلاردىن بەكمۇ ياخشى ئىلھام ئالدىم .

مەنمۇ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئىككى يىللىق خىزمەتكە كەلدىم . موشۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ مېنىڭمۇ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئارزويۇم تېخىمۇ كۈچىيىپ قالدى ،  بىراق ئېنگىلىزتىلىدە سەۋىيەم يېتەرلىك ئەمەس ، قانداق قىلسام بولار ؟؟  

شۇنداق بولسىمۇ ، مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمەن . ...
sarkar
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 17:53 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز