ئەلشىر ئابدۇقادىر زامانى
ئۇيغۇر__ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ،ئۆز مەدەنىيتىگە ۋە ئەخلاق –پەزىلىتى ئۈستىگە قۇرغان ...ھەم شۇنداقلا بىردىن -بىر نۇمۇس مەدەنىيتى ياراتقان مىللەت....
ئۇيغۇرئاياللىرى ۋە <<تەرەققىيات>>
تارىخى مەدەنىيەتلىرىمىز ۋاراقلىرىنى قايتا ۋاراقلىغىنىمىزدا،ئۆز مەدەنىيتىمىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ياراتقان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزغا تەلمۈرمەي قالمايمىز ئەلۋەتتە,مىللىتمىز ئۆزگە خاس مەدەنىيەتلىرى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەردىن پەرىقلىق خاسلىقى بىلەن بىر مۇكەممەل قەۋىم ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيتى كىشلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك ئورۇن ۋە تەسىرگە ئىگە كىشلەر توپنى شەكللەندۈرگەن بىر پۈتۈن چوڭ گەۋدە ھېسابلىنىدۇ.ئۇيغۇردىن ئىبارەت قان سېستمىسى تۈرۈكلەرگە تەۋە بىر چوڭ قەۋىم بولۇش سۈپتىمىز بىلەن تارىخلاردىن بېرى دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ،مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن،مۇكەممەللىك جەھەتتىن بولسۇن،مىللەت سېستمسى جەھەتتىن بولسۇن،تەرەققيات جەھەتتىن بولسۇن،ئەڭ يارقىن نوقتىغا ئىگە،ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللەت ھېسابلىنىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ ھال ئەلۋەتتە مۇشۇ مىللەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ھەر بىر قەۋىم ئىگسى بولغان بىزلەرنى سۆيۈندۈرمەي قالمايدۇ.مانا مۇشۇنداق پەخىرلەرنى بىزگە ئاتا قىلغان ئادەم ئاتىدىن باشقا ھاۋا ئانىنىڭ كەلگۈسى بولغان قەۋمىمىزنىڭ ئانىلىرىنى شۇ پەيىتلەردە ئەسكە ئالماي قالمايمىز،ئەلۋەتتە....
قەۋمىمىز ئەزەلدىن ئانىلارنى ئۇلۇغلاپ كەلگەن، يەر ۋە سۇ تەڭرىسىنى ئانا، ئايال سۈپىتىدە قىياسلاپ،‹‹ئوماي ئانا››،‹‹ئوماي تەڭرى›› دەپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان، ئاياللارنى يۈكسەك دەرىجىدە ئەرلەردىن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا تېرىشقان ،كىيىنكى دەۋىرلەردە تېخمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مەلۇم دائىرە مەلۇم دەرىجە ئىچىدە ھوقۇق ۋە ھۆكۈمرانلىق قاتلىمى شەكىللەندۈرۈلدى،شۇ ماكان زاماندا جەمئىيەتكە بەلگىلىك تەرەققىيات ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچگە ئايلاندى. ئەمما يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى مۇۋازىنەتلىك ھالەت فىئودال مۇتەسسىپ كۈچلەر ،ئاتالمىش جەمئىيەت ئۆزگەرتكۈچىلەر،خۇراپاتلىق ئىدىيىسى تەرەپدارلىرى ،تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ،ئاياللارنى پەس كۆرۈش،ئۇلارنى خارلاش،ئۇلارغا نىكاھ ئەركىنلىكى بەرمەسلىك ،ئائىلىدە ۋە جەمئىيەتتە قىلچە ئورۇن ۋە ھوقۇققا ئىگە قىلماسلىق قاتارلىق ھالەتلەر روي بەردى ۋە تەرەققىي قىلدى.ئاياللارغا بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭنىڭ كەمچىل بولىشى ۋە ئاياللارنىڭ تەربىيلىنشىگە سەل قارالغاچقا،ئۇلار دائىم دىگۈدەك ئەرلەر دۇنياسى تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ ،سەلبىي ھالەتتە تونۇلدى.ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىخنىڭ شىددەتلىك بوران-چاپقۇنلىرى،ئادالەتسىزلىك،خورلۇق،كەمسىتىلىش ،چەتكە قېقىلىش ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بولسىمۇ،يەنىلا تالاي قۇربان بېرىشلەر بەدىلىگە تارىخىي تەرەققىياتقا ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسىسىنى قوشۇپ كەلدى.تارىخ سەھنىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ سەمىمىي بەخىشلىرى ۋە ئازابلىق بەدەللىرىنى كۆرۈش مۇمكىن.ئاياللارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي پاجىئەسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
تارىخ ھامان تارىخ ئۇ ھەرگىز بىر ئىزدا توختاپ قالمايدۇ ،ئىنسانىيەت جەمئىيتىدىكى تالاي ئىجادلار،تەرەققىياتلار، ئۆزگىرىشلەر،يېڭىلىنىشلار ھالا بۈگۈننى ياراتتى ،دىمەك بۈگۈن يەنىلا ئەتىنى تارىخ قىلىپ پۈتىدۈ ،جەمئىيەت قاتلاملىرىنىڭ پەيدىن پەي مۇكەممەللىشىشى، ئۆزگىرىشى خەلققە بولغان قولايلىق، خەلقچىللىق مەنپەئەت ۋە ئومۇمىيلىق تۈزۈلمىسگە ئۆزگىرىشى ئاياللارغا بولغان ھەرخىل ماددىي ۋە مەنىۋىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى ، ئاياللارنى جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكى مۇھىملىقى يەنە بىر قەدەر ئىلمىي ھالدا تونۇپ يېتىلدى ,ماددىي ۋە مەنىۋىيەت جەھەتتىكى تۈرلۈك تۈمەن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەت ھادىسىلەرنىڭ ئۇلارسىز كەمتۈكلۈك ،بىر تەرەپلىمە بولۇش ياكى جايىدا ۋاقتىدا بولماسلىق قاتارلىق ھەرخىل نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىغان ئامىللار جەمئىيەت كىشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى،ھەتتا بەزى ئېڭى ،ئىدىيىسى ئوچۇق كىشىلەر بۇ مەسىلىلەرگە ئالاھىدە قارىدى. جەمئىيەتتىكى بىر قاتار مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشنىڭ ئېغىرلىشىشى مەلۇم دەرىجىدە يەنە بىر ئەزا بولغان ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى ئىكەنلىكىدە ئىسپاتلاندى، ئالاھىدە قارالدى. دىمەك ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ،ئىقسادىي جەھەتتە نىسپىي مۇستەقىل بولۇشى،بىلىم ئېلىش،ئەمگەك قىلىش پۇرسىتىگە ئېگە بولۇشى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان،ئىلھاملاندۇردىغان ئەھۋال بولدى .
ئەخلاق __ ماددىي مەئىشەتنىڭ سېھرى كۈچىدە يوقىلىشقا يۈزلەنگەن
ئىنسانىي تۇيغۇلارنى قايتىدىن نۇرلىنشى...
ئەخلاق ئەزەلدىن تارتىپلا ئىنسانىيەت جەمىئيتىنىڭ ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى
ۋە ھەم ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىجتىمائى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالدا مىللەت كىشىلىرنىڭ پائالىيتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى.
ئەخلاق مەسلىسى مىللەتنىڭ ھەربىر پۇقراسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى سۇسلىشىپ قالغان، لېكىن كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغان مۇھىم مەسلىگە ئايلانماقتا...
ئەمەلىيەتتە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ،ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىشقا يەتمەيدۇ .ماھىيەتتە ئەخلاقنىڭ سۇسلىشىشى ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىشنى سۇسلاشتۇرۇپ مەجبۇرلاش سۈپتىدىكى قانۇننى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ ئەلۋەتتە...
ئۇيغۇرئاياللىرىدىكى ئەخلاق تۇيغۇسى
ئەخلاق بولمىسا ساغلام ئېتىقادمۇ بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمىسا ساغلام ئەخلاقمۇ بولمايدۇ. ئەخلاق بولمىسا ساغلام مىللى مەدەنىيەتمۇ بولمايدۇ، ئەخلاق بولمىسا ساغلام روھى گۈزەللىكمۇ بولمايدۇ، ئەخلاق بولمىسا ئۇلۇغۋار ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلغىلىمۇ بولمايدۇ،
ساغلام ئېتىقادنى، مىللى مەدەنىيەتنى ۋە روھى گۈزەللىكنى ساقلاپ قېلىشتەك ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى ئەخلاقتىن ئىبارەت شەخىس تايانچىسىلا ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ...
ئەخلاق تۇيغۇسىنىڭ يوقۇلۇشى، روھىيتىمىزدىكى شەرمى- ھايا ،مەڭگۈلۈك ھۆرمەت،ۋىجدان -غورۇر،مىھر-مۇھەببەت،غەزەپ -نەپرەت،مەسئۇلىيەت،ئادىميىلىك،پاكلىق،ھالاللىقلارنىڭ بىر -بىرلەپ يوقلىشىنى،بەختسىزلىك،ئۇرۇش -تالاش،جىنايەت،مۇقىمسىزلىق، نادانلىق،خۇراپاتلىق،يېڭى-يېڭى كىسەللىك قاتارلىقلارنى بىزگە ئاتا قىلماقتا....
ئەخلاق -مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىدىغان ئانىلىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم،ئەخلاقتىكى سۇسلىشىش تەخىرسىز رىئاللىقنى ۋە مۇھتاجلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ...
،ۋەھالەنكى ئۇزاق يىللىق تارىخىي جەرياندىكى زۇلۇم،خۇراپاتلىق،نامراتلىق،خورلۇق،كەمسىتىلىش ۋە مەرىپەتسىزلىك نەتىجىسىدەئانىلىرىمىز جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن سوغۇق قانلىق،تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللەنمىگەنىدى، ئۆزىنى يوقىتىش، ئەخلاقتىكى سۇسلىشىش، كۈلۈپ تۇرۇپ يەم بولۇش ئانىلىرىمىز ئۆز مىللىتى،ئۆز مەدەنىيتى،ئۆز ئېتنوگرافىيسىگە خاس ئىزچىللىقتىن ياتلىشىش،چەتنەش بىلەن خارەكتېرلەندى.ئاياللار گەرچە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ ئانىلىرىمىزنىڭ روھىي مەھكۇملۇقى ۋە كىلەچەكتىكى يېڭىچە ئىجتىمائىي پاجىئەسىدىن دېرەك بېرىدۇ.بۇ پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىلا قەۋمىمىز قىز-ئاياللىرىمىزغا،يەنى مۇقەددەس ئانىلىرىمىزغا باغلىق.
ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەخلاق ئەنئەنسى،مەدەنىيەت،ئەنئەنسى،جىنىس قارىشى بولىدۇ.ئەنئەنە-مەلۇم بىر ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ،شۇ كوللىكتىپنىڭ پۈتكۈل ھاياتى پائالىيتىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ.
‹‹ئەنئەنە مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى قىممىتىنىڭ مەنىۋىي ئۇلى،مىللەتنىڭ ئەۋزەل رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ھاياتىي بۇلىقى،دۇنيا مىللەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئارسىدائۆزىگە خاس قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى››
_____ ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن
ئەنئەنە يوقالغان جايىدائۆزلۈك ئېڭى بولمايدۇ،ئۆزلۈك ئېڭى بولمىغان مىللەت ھامان تارىخ سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.ئۆزلۈك دەل بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسىدۇر.
نومۇس قىلىشنى بىلىش ھەقىقىي ئەخلاقلىق ئىنساننىڭلا خىسلىتى .قانداق ئادەم ئەخلاقلىق ئادەم سانىلىدۇ ؟ مېنىڭچە ،ئىنسى-جىن يوق جاڭگالدا يالغۇز قالغاندىمۇ ئۆزى قىلىپ قويغان ئەخلاىسىز ھەركىتى ئۈچۈن يۈزى قىزىرىدىغان ئادەم ھەقىقىي ئەخلاقلىق ئادەمدۇر.
ھايا قىلىش ئىماننىڭ جۇملىسىدىندۇر.
پۇتلاش قۇربانىغا ئايلانغان كىشلەرنىڭ ئاھۇ-زارلىرى،چەكلەنگەن مېۋىنى يىگەندىن كىيىن رەڭگى ئۆڭگەن شەرمى-ھايانىڭ ئادەم ئەۋلادىلىرى قولىدىكى يېپيېڭى قىسمەتكە ئايلانماقتا.................
ئۇيغۇر مىللىي پىسخىكىسىدا ھايا__ئاياللىق غورۇرنىڭ قورغىنى ھېسابلىنىدۇ.بىر ئايالنىڭ گۈزەللىكىگە باھا بېرىشتە،ئۇنىڭ سىرتقى رەڭ-تۈسى ئاساس قىلىنىپلا قالماي،مۇھىمى ئىپپەت-ھاياسىنى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
ھايانىڭ مەنىسى-ئۆزنى نامۇناسىپ سۆز-ھەركەتلەردىن چەكلەش ۋە تارتىش بولۇپ،بىر ئايالنىڭ ھايالىق-ھايالىق ئەمەسلىكىنى ئۇنىڭ كېينىش،تارىنىش،تىل ئىشلىتىش،تۇرمۇش قائىدە-يوسۇنلىرىغا رىئايە قىلىش،مەدەنىيەت ھادىسلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
ئەمما جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھايا-نومۇس قارىشىمىز يات مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلەندى.ئېچىۋىتىلگەن،تېخىمۇ ئەركىن بولغان ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىچە بىر دۇنيا بىر قىسىم ئاياللىرىمىزنى تىز ۋە كۈچلۈك جەلىپ قىلدى،بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ۋە ئەدەپ-ئەخلاقىنى ئۇنتۇپ،ئاشۇ رەڭۋاز دۇنياغا قېتىلىپ كەتتى،ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئادەت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئىزتىراپلىق داۋام ئەتتى.
ئاياللارنىڭ ئەنئەنىدىن ياتلىشىشى مىللەت ھەربىر ئەزاسىنىڭ دىققەت-ئېتبارىنى قوزغىشى كېرەك،چۈنكى ‹‹مىللەت كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا›› (بالزاك) ئاياللار-ئانىلاردۇر .ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتە بالا بىلەن ئانىنىڭ مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ناھايىتى يېقىن بولىدۇ.ئانىنىڭ ھەركىتى،كۆز قارىشى ،تۇرمۇش، ياشاش ئۇسۇلى،بالىغا نىسبەتەن ئەڭ ئۈنۈملۈك دەرستۇر،بالا دەسلەپكى شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ ئۇل بولغان ئاساسى تەربىينى ئائىلىدىن ئالىدۇ ،ئانىنىڭ پائالىيەتلىرىدىكى نۇقسانلار رۇسلانماي تۇرۇپ بالىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ،شۇڭا،بۇ مەسىلىگە ئانىلارلا ئەمەس ئائىلە ۋە ئومۇمىي جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلشى كىرەك،
ئەگەر نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ مەجۇتلىقىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن ئەڭ روشەن ،ئەڭ مۇھىم بەلگە ھەم ھەرخىل ئوڭۈشسىزلىقلار ۋە بۇلغۇنۇشلاردىن ئامان –ئىسەن ساقلاپ كەلگەن كۈچ نېمە؟دىسە ،بىز خەلقىمىزنىڭ قائىدە-يوسۇنى،ئەدەپ –ئەخلاق تۇيغۇسى !دەپ جاۋاپ بېرىمىز .
ئۇيغۇرلاردا ‹‹ھايا-كۆتۈرۈلۇپ كەتسە،ئارقىدىن بالا كىلىدۇ›› دىگەن ئەقىدە بار.بۇ يەردىكى ھايا ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي خىسلەت ئاتا قىلغان،ئۇلارنىڭ يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا،ياخشىلىققا،ئۈندىگەن،قەلبىگە پاكلىق ئۇرۇقىنى چاچقان قائىدە –يوسۇننى كۆرسىتىدۇ.قايسى ئەلدە نومۇسسزلىق ئەۋج ئالسا،شۇ ئەل پەس ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ، قايسى ئائىلىدىن نۇمۇس كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، شۇ ئائىلە بەختسىزلىككە يۈزلىنىدۇ؛قايسى ئادەم نۇمۇسسىز بولسا،شۇ ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكى، قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولدۇكى،قائىدە –يوسۇن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېساپلىندۇ.شۇڭا،بىز قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى قوغدىشىمىز ۋە تېخىمۇ زور ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلشىمىز كېرەك.قائىدە –يوسۇندىن يىراقلاشساق،بەرىكەتتىن يىراقلايمىز.قائىدە-يوسۇننىڭ تولۇق ئادا قىلىنىشى بىلەن بەخىت قارار تاپقۇسى...
بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيتىمىزدە قائىدە-يوسۇندىن ياتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.بۇ ئەمەلىيەتتە كىشلەرنىڭ مىللىي روھىنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى،تارىختىن بېرى مەۋجۇتلۇق ئاساسى سۈپىتىدە رول ئويناپ كېلىۋاتقان مىللىي ئەنئەنىدىن ياتلىشىۋاتقانلىقنىڭ بېشارىتى.روشەنكى ،ئەنئەنىدىن ياتلىشىىش مەدەنىيلىىشىش ئەمەس.ئەمەليەتتە ھەقىقىي مەدەنىيلىشىش ئۇقۇمى ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ۋە مىللىي قىممەت ئاتا قىلغان،ھاياتنى،تۇرمۇشنى،ۋەتەننى سۆيۈشنى ئۆگەتكەن،قەلبىنى ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغارغان،ۋۇجۇدىنى گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتلەر بىلەن بېزەلگەن قائىدە-يوسۇنلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئەپسۇسكى،بىزنىڭ بەزى قائىدە-يوسۇنلىرىمىز،بولۇپمۇ مىللىي ئالاھىدىلىكىمىز ۋە مەدەنىيتىمىزنى جۇلالاندۇرۇپ كېلىۋاتقان يوسۇنلىرىمىز ئورنىنى ئەنئەنىمىزگە،ئەقىدە-ئېتقادىمىزغا،ئەخلاقى پەزىلىتىمىزگە زىت چاكنا يوسۇنلار ئىگىلىۋالغىلى تۇردى.بىز بەزىدە ئۇنى دەۋرنىڭ ئېھتياجى دەپ چۈشىنىۋالدۇق.بۇنداق تەتۈر يۈزلىنىش مىللەتنى تۈزىمەيدۇ،ئەكسىچە بۇزىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قائىدە-يوسۇنى ئىنسانىي ئەخلاق-پەزىلەت ئۈستىگە قۇرۇلغان.پەزىلەت غۇنچىلىرىمىز مانا مۇشۇ قائىدە-يوسۇن باغچىسىدا ئېچىلغان.قائىدە –يوسۇنلىرىمىزنىڭ يادروسىنى ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە ئۆملۈك،ھايا،نۇمۇس،ئەدەپ-ئەخلاق،دوستلۇق،ۋاپادارلىق،ساداقەت،مېھىرىبانلىق قاتارلىق ئىنسانى خىسلەتلەر تەشكىل قىلىدۇ،مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا،قائىدە –يوسۇنلىرىمىز يىمىرىلىدىكەن،كىشىلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئىنسانىي خسىلەتلىرىدىمۇ يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ .شۇنىڭ بىلەن جەمئىيتىمىزدە رەزىللىك ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللەپ كېتىدۇ،مىللەت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى تۆۋەنلەيدۇ،مەركەزدىن قېچىش خاھىشى ئېغىر بولىدۇ.شۇڭا قائىدە-يوسۇنغا سەل قارىماسلىق كېرەك.
ئۇيغۇرئاياللىرىدىكى گۈزەللىك تۇيغۇسى
ئىنسانلاردىكى گۈزەللىك تۇيغۇسى ، ئۆزى ياشىغان ماكان زامان بىلەن تەڭ ھەم رەڭلىنىپ ھەم جەزبىدار قىلىنىپ گۈزەللىك ئىنتىلىش خاھشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كەلگەن، يارالغاندىن كىيىن قىسقا ئۆمۈر ئىچىدە ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبئىي قىياپىتىگە كىرىدۇ،كىيىنكى ئۆمرىدىكى ھالەت ئۆزگىرىشى يەنىلا زامان ماكان تەرەققىياتى بويىچە ماددىي ۋە مەنىۋىيلىق قويىندا ھەرخىل تۈسكە كىرىدۇ،ئەمما ئەسلى ھالىتى ،تەبئىيلىكىدىن يىراق كىتەلمەيدۇ،گۈزەللىك بولسا ئىنسان قىياپىتىنىڭ كۆركەملىك، كۆرۈش ۋە بىلىش تۇيغۇسىدىكى يارقىنلىق ھېسابلىنىدۇ.
ھەر قانداق ئادەم ئەلۋەتتە گۈزەللىككە،يارقىنلىققا،ئۆز قىياپىتىدىكى ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلىشقا ئىنتىلگەن بولىدۇ،
ئىنسانلار كىينىش،بېزىلىش، قىياپىتىدىكى ئالاھىدىلىك بىلەن گۈزەللىكنى ياراتقان،ھەر قايسى قەۋىم ۋە رايونلاردىكى ئادەملەر ئۆزىنىڭ مەدەنىيتى،تاشقى قىياپىتىدىكى نامايەندىلار ئارقىلىق بىر –بىردىن پەرىقلەنگەن،ۋە بىر-بىرنى پەرىقلەندۈرگەن شەرق ۋە غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر قەۋمىدىكى بىزلەرنى ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇر سۈپتىدىكى گۈزەللىكىمىز بىلەن پەرىقلەندۈرىدۇ.
يات ئەللەر كىشلىرىنىڭ ئۇيغۇر گۈزەللىرىگە بەرگەن باھاسى:
ياۋروپالىق داڭلىق سەنئەتكار سابىن لىرنان ئىنسانلاردىكى ئەڭ تەبئىي گۈزەللىكنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسىدىكى كىشلەر دەل شەرق تۈرۈكلىرىدۇر دەپ ئېيتقان.
ئەنگىليلىك ئارخىلوگ،ئىنسانشۇناس،نېۋلار پىچۋىن :ئالتاي قارقۇرۇم تاغ تىزمىلىرى رايونىدا،تەكلماكان ۋە تەڭرىتاغنى چۆرىدىگەن ھالدا،تارىم بويىدا ياشايدىغان شەرقىي تۈرۈكلەرگە تەۋە بىر چوڭ تائىپە كىشلىرى بار،ئۇلار ئىنتايىن تەبئىي ياشايدۇ،ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلىشى جەھەتتىن گەۋدىلىك، مۈرىلىرى كەڭ،يەلكىلىك،ھەرقايسى سۆكەڭلىرى ،قوللىرى چوڭراق بولىدۇ،قاڭشارلىق كىلىدۇ،قاشلىرى قاپقارا كەڭ كىلىدۇ،يۈز قۇرۇلمىسنىڭ تۈزۈلىشى سىترولۇق كۆرۈنۈشى ئەڭ روشەن بولىدۇ، كۆزلىرىدىن ھېلىلا ئوت چىقىدىغاندەك ئۆتكۈر يالقۇنلۇق بولىدۇ، لەۋلىرى ئۇنچە رەڭدار بولمىسمۇ ، تەبئىي سۈزۈك كىلىدۇ دەپ قەيت قىلىدۇ.
يات ئەللەركىشىلىرنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر دۆلىتى كىروراندىن تېپىلغان نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر كىشلىرى گۈزەللىكىنىڭ نامايەندىسى بولغان‹‹كىروران گۈزىلى›› گەبېرىلگەن باھالار بۇنىڭ دەلىلى ھېساپلىنىدۇ،تارىختىن بېرى پۈتۈلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەرىپلەپ يېزىلغان يازمىلار ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى گۈزەللىك تۇيغۇسىنى ۋە خاھىشىنى ،ئىپادىلىنىشىنى ئسپاتلاپ بېرىدۇ ئەلۋەتتە....
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قېشىنڭ قارىلىقى قاپقارا قۇندۇزقەھرىگە،ئەگمىلىكى ھىلال ئايغا،چېچنىڭ ئۇزۇن ھەم كۆپلكىنى سۇمبۇلغا،لەۋلىرىنى قېپقىزىل جەننەت مىۋىسى جىنەستىگە،كۆزلىرىنى سۈپسۈزۈك بۇلاققا،چىشلىرىنى سەدەپكە،بۇرنىنى ئىلىپ تارتقاندەك،مەڭزىنى گىلاسقا،ئوخشىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەبئىي گۈزەللىكىدىن ئىبارەت، بۇ نوقتىنى يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن...
ئالىم ۋە ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى شەرىقنىڭ گۈزەللىرى دەيدۇ .قاپقارا چېچى ۋە قېشىنى مەدھىيىلەپ،‹‹شەرىق گۈزىلىنىڭ قېشىمۇ قارا،چېچىمۇ قارا››دەپ يازغان ئىدى.ئەپسۇس،بۇگۇنكى كۈندە ئاشۇ سۇمبۇل چاچلاردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ،ھەتتا ھەر خىل رەڭلەر ئارىسىدىن تەبئىيلىكى چىقىپ تۇرىدىغان قاپقارا چاچلاردىن سۆز ئېچىشتا قورۇنماي تۇرالمايمىز،شەھەر كوچىلىرىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا،ئالدىڭىزدا يولۇققان سىز بىلەن تۈركۈمداش،قەۋىمداش، مەلۇم ئايالنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆز تۈركۈمىڭىزگە تەۋە ھېچقانداق تەبئىي بېزەك ياكى تەبىئىي بەلگىلەرنى ئىزدەپ تاپالماسلىقىڭىز،ھەتتا ئۇنىڭ ئەسلىي جامالىنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكنى بىلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.كېسىپ ئېيتىشىقا بولىدۇكى،بەزى خوتۇن-قىزلىرىمىزدىن ئىچىملىك ئىچمىگۈچە ‹‹ھايا قىزىللىقى››نى كۆرەلمەيمىز.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تەبئىيلىك،مىللىيلىك-‹‹تومپايلىق››‹‹نامراتلىق››،‹‹مەدەنىيەتسىزلىك››،‹‹تەربىيە كۆرمىگەن›› لىكنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.
كىينىشمۇ،بېزىلىشىمۇ بىر خىل تىل.سۆزسىز ھەركەتسىز،جىمجىتلىق ئىچىدىكى ھەممىباپ تىل ، ئۇ ئۆز ئىگىسىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.كېيىنىش جەھەتتە ئاياللارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى بېزەكلىرى بارغانسىرى ئاشكارلىنىشقا باشلىدى.
كىيىنىشتىكى ‹‹ئاشكارىلىق›› دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ،بىر ئايالنىڭ تەربىيىلىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى ۋە ئۇنى ئىپادىلەپ بەردى.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،قىز-ئاياللىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ تەربىيلىنىش دەرىجىسىنى كىيىنىشى جەھەتتە قانچىلىك ئېچىۋېتىلگەنلىكى ۋە ‹‹زامانىۋىلاشقان››لىقى بىلەنمۇ ئىپادىلەشكە تىرىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى-تاشقى بىزەكچىلىرىنى ئىختىيارسىز تاۋارغا ئايلاندۇرۇپ،قانداقتۇر مەنپەئەت تەمەسىنى قانائەتلەندۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالدى،ۋۇجۇدى سىرتقى دۇنياغاقارىتا قانداقتۇر بىر خىل تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان بولدى.شۇنىڭغا ماس ھالدا ئاياللارنىڭ بارلىق جەلىپكار ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پەرھىزلىرىگە تۈپتىن قارمۇ- قارشى ھالداھېيىقماستىن تاۋار ئېلانىغا ئايلاندى.
مەيلى زامانىۋىلىشىش قايسى دەرىجىگە يەتمىسۇن، ئەر-ئاياللارنىڭ سىرتقى ياسىنىشلىرىدا ھامان پەرق بولىدۇ.ئەمما،شۇنداق قىز-ئاياللارنى ئۇچرىتىسىزكى ،ئۇلارنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىغا ھۆكۈم قىلالماي،تېڭىرقاش بىلەن ھاڭۋىقىپ قالىسىز.ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن بۇخىل ھالەتنى‹‹بىز بارا-بارا شەرقنى،ئۆز مەدەنىيەت تىپىمىزنى،ئۆز يىلتىزىمىزنى ئۇنتۇپ،غەربنىڭ شەرقتىكى قوشۇمچىسىغا ئوخشاپ قالدۇق››دىگەن .
بىر مىللەتنىڭ كىيىم-كىچەك مەدەنىيتىمۇ ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ شۇ مىللەت تارىخى مەدەنىيتى،گۈزەللىك قارىشى،ئىجتىمائىي تۇرمۇشى قاتارلىقلاردىن دېرەك بېرىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيتىنى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپلا قالماي ،ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن زىننەتۋازلىق ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش ۋە ئۇنى سۆيۈشتەك خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ،تارىخىي خاتىرىلەرنى ۋاراقلايدىغان بولساق،ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم –كىچەك مەدەنىيتىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كۆرسەتكەن تەسىرگە دائىر پاكىتلارنى ئۈچرىتىمىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كىچەك مەدەنىيتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقىي پەرھىزلىرى ۋە ئىنتىزامىنى چىقىش قىلغان بولۇپ، شەرق دۇنياسىغا خاس يوشۇرۇن گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ ئۇ پەقەت بىزەكلىك رولىنى ئويناپلا قالماي،جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن چىركىنلىشىشنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇش رولىنى ئوينايدۇ،لىكىن ،بۈگۈنكى كۈندە-خوتۇن-قىزلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىينىش ئادىتىگە خىلاپ ھالدا ئۆز بەدىنىنى تاشقا دۇنياغا تولۇق نامايەن قىلىپ بېرىدىغان كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىشكە يۈزلەندى.
ھازىر جەمئىيەتكە قارايدىغان بولساق،ئۇيغۇرلارنىڭ نەزرىدە نامايەن قىلىش ‹‹چەكلەنگەن رايون››ھېسابلىندىغان جايلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ كېتىۋاتقان خوتۇن قىزلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىمىز.بىزنىڭ ئىتقادىمىزنىڭ سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن،ئەنئەنىۋى ئەدەپ-ئەخلاق قارىشىمىزنىڭ يىمىرىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇيغۇرئاياللىرىدىكى ۋاپادارلىق،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى
ھۆرمەت ۋاپا تۇيغۇسى تەڭرىنىڭ ئىنسانىي مۇناسىۋەتكە بەرگەن ئەڭ چوڭ نىمىتى ھېسابلىنىدۇ،ھەققىي پاكلىققا تويۇنغان ھۆرمەت تۇيغۇسى __ بەخىت مەنزىلىدىكى داغدام ،نۇرلۇق يول....
ئاياللار‹‹تەرەققىيات›› ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ئاجراشقانسىرى ‹‹تاۋار››غا ئايلىنىشتەك پاجىئە ئۇلارنى كۈتۈۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى قاتمال ۋەزىيەت شەكىللەندى،ھەتتا نۇرغۇن ئائىلىلەر خانىۋەيران بولۇپ،كۆپلىگەن بالىلار ئاتا-ئانسى ھايات يېتىملەرگە ئايلىنىپ،ھاياتتا بەھىرلىنىشكە تىگىشلىك ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالدى.كىينكى ئەۋلادلارنىڭ كىملىك يۆلىنىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولدى.كىيىنكى تارىخىمىزغا گۇمان چۈشىنىشىگە ئاساس بولدى.
پاكلىق تۇيغۇسىنى جېنى بىلەن ئوخشاش كۆرىدىغان ئايال ئەڭ بۈيۈك ئايال ھېسابلىنىدۇ،پاكلىق__ قىزلىرىمىزنىڭ ئەڭ نازۇك ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى. ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇمنىڭ تىللاردا داستان بولۇشى،ئۇنىڭ باتۇر ،قەيسەرلىكىدىنلا ئەمەس بەلكى پاكلىق بىلەن قىزلىق غورۇرىنى ساقلىغانلىقىدا، دۈشمەنلىرىنىڭ شەھۋەت كۆزىگە ئوت ياققانلىقىدا........... ئىپارخانمۇ ھەم شۇنداق چوڭ سۇلالە خاندانلىقىغا ياتلىق قىلىنسىمۇ ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆزگەرمىگەن،يالتايماس پاكلىق تۇيغۇسى ئاخىرى ئۇنى خاندانلىق يۇقۇرى دەرىجىلىكلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ،ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەسلى پاكلىق تۇيغۇسى مانا مۇشۇلارغا مۇجەسسەملەنگەن.
پاكلىققا چاڭ قونسا ،ئالدىرماي چىۋىنمۇ قونىدۇ،چىۋىن قونغان يەرنىڭ مەينەت ئاتىلىش ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى دەۋىردىكى پاكلىق تۈيغۇسىنىڭ سۇسلىشىشى ھەمممىزگە تەخىرسىز تىما
قىزلىرىمىزمۇ ئوخشاشلا مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئۆز قولىدا تەۋرىتىدىغان مۇقەددەس ئانىلارغا ئايلانغۇچىلاردۇر ئۇلارنىڭ قانداق تەربىيلىنشى دەل بىزنىڭ كەلگۈسىمىز،قەۋىم مەۋجۇدلۇقنىڭ ئۇلى ھېسابلىنىدۇ،
بۈگۈنكى ئىشخانىلاشقان ۋە تاۋارلاشقان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىچىدىكى سانسىز قىزلىرىمىز بىباھا ياراتقان ئۆز نىمەت،ئۆز قىممىتىنى بەكلا ئەرزان قىلىپ قويۇۋاتىدۇ .گەرچە بىر قىسىم قىزلىرىمىزئۆز قەدىرىيەتلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن ساقلاپ قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىباھالىقىنى چىڭ تۇتقان بولسىمۇ،يەنە بىر قىسىم قىزلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋىلاشقان،ئېچىۋىتىلگەن دۇنيانىڭ جەلىپكارلىقى ئالدىدا ئۆزلىرىنى يوقىتىپ ،بىباھا قىممىتىنى ئەرزىمەس ئەخلەتلىككە ھەيدىدى ساياقلىقىنى نامايەن قىلىپ قويدى،مۇنداقچە ئېلىپ ئېيىتقاندا توغرا تەرەقىياتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە خاتا ھالدا يەم بولدى.
ئەي ئانا،تېرىشىپ پەزىلىتىڭىنى ئاشۇرغىن،پەزىلەتلىك جەسۇر، تەقۋادار ئانىلارنى ئۆزۈڭگە ئۈلگە قىلغىن،ۋاپادار بولغىن،ئەرلەرنىڭ ئېزىقىشىدا سىنىڭ مەسئۇلىيتىڭ ئەڭ چوڭ ،ئانىلىق مىھرىڭ بىلەن ئۇلارنى قايتۇرغىن. ئاللاھمۇ ئۆز رىسقىڭ بىلەن ھىدايەتنى سېنىڭ يولۇڭ قىلىدۇ، مۇزلىغان چاڭقىغان قەلىبلەرگە ئانىلىق مىھرىڭ بىلەن كەۋسەر بەر! ئىللىتقىن! ئاللاھمۇ سەندەك ئېسل بەندىسنىڭ بارلىقىدىن پەخىرلەنسۇن! چېچىڭنى ئۇزۇن ياراتقىنى ئۈچۈن ئەقلىڭنى قىسقا قىلامسەن؟ ئەقىلسىزلىك قىلىپ بەختىڭنى خاراپ قىلما،شەيتانلارغا يېقىن بولما !ئەرنىڭ كۆڭلىنى چەككەن،ئەرنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىپ ئازار بەرگەن ئانىلاردىنمۇ نەپرەتلىك ئانا،سەت،بەتبەشىرە ئايال بارمۇ؟ شۇ ئەركەك، ۋۇجۇدىدىن تامغان ھۈجەيرىسى بولغان ساڭا زۇلۇم قىلىۋاتقان چاغدا، سەندىن قانچىلىك نەپرەتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟! قىلغان ئەسكىلىكلىرىڭ ئارقىلىق ئېرىشكىنىڭ ئېرىڭنىڭ مېھرى بىلەن بىر قېتىم سۆيۈشىگە ئېرىشىشكە باراۋەر بولالامدۇ،شۇ بەختىيارلىقتىن مەھرۇم بولۇش ھېسابىغا سەن نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ كۆرمەمسەن،نۇرغۇن ۋاپادار ،مىھرىبان ئانىلار ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەر دەقىقە مېھىر ياغدۇرۋاتىدۇ! ئۆز ئىتىقادى ئۈچۈن،ئۆز قەۋمى ،ئۆز مىھرىبانلىرى ئۈچۈن ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيلەۋاتىدۇ، پەخىرلىك ئەۋلادلارنى سۇنۇۋاتىدۇ؟ئاللاھمۇ ئۇلار ئۈچۈن قالقان بولىۋاتىدۇ.سەن نېمىشقا ئاللاھ ساڭا تاپشۇرغان ئاشۇ يېتىمنىڭ كۆز يېشىنى ئاققۇزۇشنى راۋا كۆرىسەن ؟ نىمىشقا ئاشۇ بەردەم ئەرلەرنىڭ قولىغا قول ،پۇتىغا پۇت،ئازغان دىلىغا توغرا ماياك، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا يېڭى جاسارەت ئاتا قىلالمايسەن ؟سەندىكى ئانىلىق مېھىر نەگە كەتتى؟سەندىكى ئاياللىق خىسلەت قېنى؟!
يازما خاتىمىسى
ئانا بىر ئائىلىنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى ، پەرزەنىتنىڭ مەڭگۈلۈك ۋە مۇقەددەس ئۇستازى،ئەرنىڭ يەنە بىر جېنى،قوللىغۇچىسى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ كۆيۈمى ۋە مېھرى بىلەن ئائىلىنى شاتلىق باغچىسغا ئايلاندۇرغۇچى،سەۋىر –چىداملىقى ۋە مۇلايىملىقى بىلەن ئەرنىڭ غەزىپىنى ياندۇرۇشى ،ئەقىل كۆزى بىلەن پەرزەنىتىنىڭ روھىدىكى يامان خارەكتېرلىك ئۆسىمنى بايقاپ ئالالىشى ،تالاي قۇربان بېرىشلەردىن يېڭى سۆيۈنۈش يارتىشى كىرەك ،ئادەمنىڭ ئۆمۈرى چەكلىك. دېمەك شۇ چەكلىك ئۆمرىدە ئائىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇش، ئەرگە يار- يۆلەك بولۇش، پەرزەنتلەرنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش، زامانىۋىي بىلىم بىلەن قوراللىنىپ، جەمئىيەتتە تېگىلشلىك تۆھپە يارىتىش- دەۋرىمىز ئاياللىرىنىڭ پەخىرلىك رولى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر....
ئەي مىھىرلىك ئانىلىرىم:
مىللەت سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى مۇقەددەس بۆشۇكتە ،ئۇنى قانداق تەۋرىتىش سىلەردىن ،مىللەتكە قانداق پەرزەنىت يارىتىپ بېرىش سىلەردىن.....
ئەي مىھرلىك ئانىلىرىم !
سىز ئۆز قەۋمىڭىزنى، مەدەنىيتىڭىزنى،ئېسىل كىملىكىڭىزنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگۈچىسى بولامسىز ياكى باشقلارنىڭ كىملىكىدە ئۆزىڭىزنى تەرلەتكۈچى بولامسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭكىنى قەدىرلەيدىغان ئاساسى ئۇل بولامسىز ياكى باشقىلارنىڭكىنى توشىغۇچى قۇل بولامسىز؟؟؟ئۆزىڭىز ياراتقان ئېسىللىقلار ۋە باشقىلارنىڭ رەڭلىرى ئارا گاڭگىراپ قالماڭ...
ئانىلىق ،ئاياللىق خىسلەتلەرنى ،ۋاپادارلىق.مەسئۇلىيەت، پاكلىق تۇيغۇلىرىنى يىتىلدۈرۈش،توغرا بولغان باتۇرلۇق، قىزلىق غورۇرنى ئەمىنلەش،ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن‹‹ مىللەت ئانىلىرى›› نى يارىتىش ھەربىر قەۋىم پۇقراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى ،مەجبۇرىيىتى...
نەقىل ۋە پايدىلانمىلار:
ئەنۋەر سەمەد قورغانى_ ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ پەرھىزلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيتى››
ئابدشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن. _‹‹ يېپەك يولىدىكى توققۇز ھېكىمەت ››.
ئىمىن تۇرسۇن._ ‹‹ قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ››.
"ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە تەرققىيات" __ بۇلاق ژورنىلى 2005 يللىق 5-سان
"ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى ھەققىدە "
<مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە سۇنۇلدى....>
[ بۇ يازمىنىzamaniدە2011-05-16 15:50قايتا تەھرىرلىد ]