1.زىيادە كۆپ يېيىش
تۇخۇم يۇقىرى ئاقسىللىق يمەكلىك بولغاچقا، ئۇنى زىيادا كۆپ يېگەندە، مېتابولىزىم چىقىرىندىلىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ھەمدە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېۈىرلاشتۇرۇپ،بۆرەك ئىقتىدارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
2.خام ئىچىش
تۇىۇم شەكىللىنىش جەريانىدا مىكروب ئېلىپ يۈرىدۇ، شۇڭا خام تۇخۇم ئىچكەندە، ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈرىۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. تۇخۇم ئاقسىلىدا ئانتىبىئوتىك ماددا بولۇپ، ئۇنى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا قىزىتىش ئارقىلىق بۇزۇۋەتمىگەندە، تۇىۇمدىكى بىئوتىنلارنىڭ سۈمۈرلۈشىگە تەسىر يېتىپ، ئىشتىھانى تۇتىدۇ، ماغدۇرسىزلىق، مۇسكۇل ياللۇغى، تېرەياللۇغى ئالمەتلىرى، قاش چۈشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
3.پۇرچاق سۈتى بىلەن تۇخۇمنى بىللە يېيىش
نۇرغۇن ئادەم كۈندە ئەتىگەندە تۇىۇم يېيىش ياكى تۇىۇم ئىچىشكە ئادەتلەنەەن بولۇشى مۇمكىن. پۇرچاق سۈتىدە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى، ياغ، كاربون سۇبىرىكمىلىرى، ۋىتامىن، مېنرال ماددىلار بار بولۇپ ئايرىم ئىستىمال قىلغاندا قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ. بىراق ئۇنىڭدا بىر خىل ئالاھىدە ماددا-تىرىپسىن بولۇپ، بۇ تۇىۇم ئېقىدىكى<<لۇەنسۇڭ>>ئاقسىلى بىلەن ئۇچراشسا، ئۇزۇقلۇق تەركىبىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ،تۇىۇم ۋە پۇرچاق سۈتىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
4.مايداۋە چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى كۆپ يېيىش
تۇىۇمنى مايدا بەق قورۇۋەتكەندە تۇخۇم تەركىبىدىكى يۇقىرى مولىكۇلالىق ئاقسىل ئۇششاق مولىكۇلىلىق ئەمىنو كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ، بۇ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئادەتتىكى ئەھۋالدا راك كەلتۈتۈپ چىقىرىدىغان ماددىنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىمۇ ئاز يېيىشكېرەك. چۈنكى چاي تەركىبىدە كېسلاتالاشتۇرغۇچى ماددا بولۇپ، ئۇ تۇخۇم تەركىبىدىكى بۆمۈر بىلەن ئۇچراشسا، ئاشقازاننى غىدىقلاپ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
5.تۇخۇمنى شېكەر قوشۇپ ئىستىمال قىلىش
تۇىۇم بىلەن تەييارلىنىدىغان نۇرغۇن تائاملارغا شېكەر قوشۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى تېمپىراتۇرىنىڭ تەسىرىدە بۇ ئىككىسى بىرىكىپ،لىسىن كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىپ، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئامىنو كىس كىسلاتالىق تەركىبلەرنى بۇزۇۋېتىدۇ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن تور يۈزىگە يوللۇغۇچى:باغداش تورى
ئەسكەرتىش:كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ،ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-01-12 11:50قايتا تەھرىرلىدى ]