300-70 -1 oztil xj 50
بۇ تېما 880 قېتىم كۆرۈلدى
hawar
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 87
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 56
شۆھرەت: 602 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 587 سوم
تۆھپە: 301 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 304 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 190(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بىر خاككىر ئۆسمۈرنىڭ جىنايەت خاتىرىسى


       2000-يىلى 4- ئاي، بىر جۈمە كۈنى كەچ، سەھەر سائەت ئۈچ ئەتراپى. مەن دوستۇم پاترىكنىڭ مونتىرىيال ئەتراپىدىكى ئۆيىدە تۈنەۋاتاتتىم. بىز 15 ياشلىق ئىككى بالا بىر تەرەپتىن ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېگەچ، بىر تەرەپتىن قارا قوللارنىڭ زوراۋانلىق فىلىمى « ناۋادا ئوغرىلىق يوللۇق بولسا»نى كۆرىۋاتاتتۇق.
توساتتىن يانفۇنۇم سايراپ كەتتى. دادام تېلېفۇن قىلغانىدى.
- ھەي ، مايكول ، سەن نەدە؟ -دېدى ئۇ.
ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى شامال سوققان يۇپۇرماقتەك تىترەپ چىقىۋاتاتتى.
-ساڭا نەدە بولىدىغانلىقىمنى دەپ بەرگەنتىمغۇ، پاترىكنىڭ ئۆيىدە ، نېمە ئىش؟
-ئۇلار بۇ يەردە مايكول
-كىملەر ئۇ يەردە ؟
-كانادا خان جەمەتى ئاتلىق ساقچىلىرى-دېدى دادام ئۇلار سېنى تۇتقىلى كەپتۇ.
مەن ئۆيدىن چىقتىم . نەچچە مىنۇتتىن كېيىن كۈچلۈك چىراق نۇرى تۈن قوينىنى يېرىپ، قىزىل رەڭلىك بىر بولكىۋاي قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ كەلدى. ئۇ كەينىمدە توختىدى-دە، ئىشىك سېيرىلىپ ئېچىلدى. مەن بولكىۋايدا ئولتۇرغان نۇرغۇن ساقچىلارنى كۆردۈم. بەستلىك كەلگەن قىزىل چاچلىق بىر ئەر ماشىنىدىن چۈشتى. ئۇ ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيىۋالغانىدى.
-مايكول، بىز بىلەن ماڭ، -دېدى ئۇ قوپال تەلەپپۇزدا.
كېيىن ئۇنىڭ كانادا خان جەمەتى ئاتلىق ساقچى قىسمىدىكى مىلادشىي سېرژانت ماك گېسسارلىن ئىكەنلىكىنى بىلدىم. يېرىم كېچىدىكى بۇ ئۇچرىشىش ئۇنىڭ بىر نەچچە ئايلىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
بولكىۋايدا ساقچىلار مېنى ئوراپ ئولتۇرۇشتى. گېسسارلىن بولسا ئالدى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى.
-نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىلىكىڭنى بىلىسەن، شۇنداقمۇ ؟ - دەپ سورىدى ئۇ.
مەن ئۈندىمىدىم.

ئالتە ياش: مەن خاككىر بولىمەن

    ئاتا- ئانام ئايرىلىپ تۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ، دادام يېڭى تۇرالغىمىزدا، مەن بىلەن ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزۈشكە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولاتتى. ئەمما، ئۇنىڭ خىزمىتى دائىم پىلانىمنىڭ بېلىگە تېپەتتى. ئۇ مېنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى زېرىكىشلىك تۇرمۇشۇمنى كۆرگەندىن كېيىن، ماڭا ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان بىر نەرسە ئېلىپ بەرگۈسى كەلدى.
       بىر جۈمە كۈنى كەچتە ، مەن دادامنىڭ ماڭا تەييارلىغان سوۋغىسى –بىر دانە كومپىيۇتېرنى تاپشۇرىۋالدىم .
ئىككى يىلدىن كېيىن مەن ئامىرىكا لىنىيىسى (America online) نىڭ 30 كۈنگىچە ئېنتىرنىتنى ھەقسىز ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. كومپىيۇتېر ئىكرانىغا قاراپ ، خۇشاللىقتىن ئۆزۈمنى باسالمايلا قالدىم. ئەمما، قانداق باشلاش ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيتىم. نېمىلەرنى ئىزدىشىم كېرەك؟
       بىر كۈنى مەن تور چايخانىسىدا، شېفىر يېشىش يۇمشاق دېتالىنى سۈرۈشتە قىلغانىدىم، دەرھاللا چايخانىدىن تېپىپ چىقىرىلدىم. ھەتتا، ئامىرىكا لىنىيىسىنىڭ مۇلازىمىتىمۇ توختىتىلدى. بۇ زادى نېمە ئىشتۇ؟
     مەن ناھايىتى تېزلا بۇنداق ئىشنىڭ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنداقلار «تەپكەك» (Punting)دېيىلىدىكەن. بىراۋ زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ماڭا ھۇجۇم قىلىپ، مېنى بىر « چىكىپ»لا توردىن چۈشۈرىۋىتىپ، مېنىڭ ئۇلىنىشىمنى ئۈزىۋىتىدىكەن. بۇنىڭغا بەكلا قىزىقىپ قالدىم. بۇ قارىماققا ئاجايىپ بىر چاقچاقكەن. تىپىك يېگەنلەر ئاسانلا تورغا چىقىپ يەنە چايخانىغا كىرەلەيدىكەن.
ئەينى چاغدا مېنىڭمۇ باشقىلارنى تىپىپ چىقىرىۋەتكۈم كەلدى. شۇنداق ھاياجىنىمنى باسالمايلا قالدىم.
مەن ئىنتىرنىتنى ئاقتۇرۇپ، ماڭا ياردەم بېرىدىغان « تەپكەك»لەرنى ئىزدىدىم. « مائۇسنى ئوڭ چېكىپ كۆرۈڭ ياكى پىكىر يېزىڭ» نى قىلالايدىغانلارنى ئىزدىدىم. مۇشۇ ئىككى جۈملە بىلەن مەن پەقەت « ئورىگىنال سولتەك»(Script kiddie) بولالايتىم. بۇ سۆزلەر مەخسۇس خاككىر بولۇش خىيالى بار ، بىراق ،پەقەت باشقىلارنىڭ قوللىنىش پىروگىراممىلىرىنى ئىشلىتىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارغا ئىشلىتىلەتتى. ئورىگىنال سولتەك خاككىر ھېساپلانمايتى. چۈنكى، ئۇلار قانداق كود تۈزۈشنى بىلمەيتتى. ماڭا نىسبەتەن بۇنداق بۇزغۇنچى قوراللارنى ياسىغان پىروگىراممىچىلار ۋە توردىكى ئىسيانكارلار مەۋھۇم بوشلۇقتىكى ئەڭ قالتىس گۇيلار ئىدى. ئۇلار بىلەن دوستلاشقۇم، خاككىر بولغۇم بار ئىدى!

11 ياش:

       11 يېشىمدا، مەن 50 دىن ئارتۇق قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە ياردەم بېرىدىغان پاراڭلىشىش قانىلى بار، ئەڭ داڭلىق تور چايخانىلىرىنىڭ بىرى Efnet نى تاپتىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە #Wareziwc قىسقارتىلىپ IWC دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانال بار بولۇپ، كومپىيۇتېر تورىغا ھۇجۇم قىلدىغان بىر خاككىر قوبۇل قىلىۋىتىپتۇ.
     IWC غا كىرىش خىيالىدا ئەسەبىيلەشتىم ھەمدە تورغا قانداق كىرىۋىلىشنى ئۆگەندىم. ئەمما، مەن بىر بالا ئىدىم، ئاددىي خاككىر قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئامىرىكا لىنىيىسىدە چاتاق چىقىرىپ يۈرۈيدىغان بىر بالا ئىدىم. مەن قانالنىڭ ئىگىدارى دوگلاسقا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزۈمنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولماقچى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىجازەتسىز ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىپ، كومپىيۇتېرنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم. ئۇنىڭ جاۋابى شۇ بولدىكى،ئۇ قانداق قىلىشنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغانلارنى ئىزدەيدىكەن.
        مېنىڭ مەھكەم تۇرىۋىلىشىم بىلەن ئاخىرى دوگلاسنىڭ رەھمى كېلىپ، ماڭا ئاددىي ھۇجۇم قىلىش –يوچۇقلارنى سىكاننېرلاپ، ھۇجۇم پىروگىراممىسىنى ئىجرا قىلىشنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. ئەمما، ھەقىقىي خاككىر بولاي دېسەم، پىروگىرامما تۈزۈش ماھارىتىم بولىشى كېرەك ئىدى. مەن پىروگىرامما تۈزۈش، كومپىيۇتېر تورى ھەمدە باشقا ئالاقىدار ماتىرىياللارنى ئەسەبىيلەرچە ئوقۇشقا باشلىدىم. بۇلاردىن پايدىلىنىپ مەن ئاددى بىر قوللىنىش پىروگىراممىسى ياسىدىم، ئۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىۋىدى. خوشلۇقتىن بېشىم كۆككە يەتتى.
        8- يىللىقتىكى بىر كۈنى مەن IWC قانىلىغا كىردىم . دوگلاس ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇم. ئەمما، دوگلاسنى تاپالمىدىم. بىزنىڭ باشلىقىمىزغا نېمە بولغاندۇ؟ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، بىز تارقىلىپ كېتىدىغان بولدۇق. ناۋادا، بىرەرسى دوگلاسقا ھۇجۇم بىلەن توردىن چۈشۈرىۋەتكەن بولسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزسەك بىرئاز ياخشى بولىدىكەن.
      ئەمما، ناھايىتى تېزلا خاككىرنىڭ تەشكىلاتىدىن ئايرىلسا، ئۇنىڭ بايلىق مەنبەسى ۋە بىلىمىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدىم. مەن تەشكىلاتقا قايتىدىغان يولنى تېپىشىم كېرەك ئىدى. بىر مۇنەۋۋەر تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى نام چىقىرىش ئىدى. ئەمما، بۇنى قىلىشنىڭ بىر ئامالى بار ئىدى. يەنى كۆرەش قىلىش. مېنىڭ بۇ مۇقەددەس ئۇرۇشۇمنىڭ ئاخىرىدا ، ئۇ خاككىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىپ، 12 قانالنى كونتۇرول قىلىۋالدىم. ئاخىرىدا خېلى زور بىر خاككىرلار تەشكىلاتى «ئارفا» مېنى تەكلىپ قىلدى. مەن قوبۇل قىلدىم.
        بىر كۈنى كومپىيۇتېرنى ئېچىپ، ئۆزۈمنىڭ ئىنىمنىڭ ئابونت نامى « قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا» نامىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىمنى بايقىدىم. بۇنداق ئاتىلىشنى ياقتۇراتتىم. مەن تەشكىلاتىمغا مېنى يۇقىرىقى نام بىلەن ئاتاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلدىم.

15 ياش: زوراۋانلىق قىلىش

       مەن تورغا چىقىپ، توردىن چىقىپ يۈرىدىغان ئىككى خىل تۇرمۇشتىن ناھايىتى خوشال ئىدىم. مەن ئۈچۈن رىئال دۇنياسىكى ئادەملەر ئەمما ، ئىنتىرنېت تورىنىڭ موھىملىقىغا سېلىشتۇرغاندا چېنىپ قالاتتى.توردا قائىدە –يوسۇن، ئاتا- ئانا ياكى ياش ۋە ئىقتىدار جەھەتتە ئالدىن ماڭغانلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايتىم. 9- يىللىقتىكى چېغىمدا ئىنتىزامسىزلىقىم ۋە ماتىماتىكىدىن باشقا بارلىق پەنلەردىكى ناچار نەتىجەم بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئوقۇشتىن توختىتىلدىم.
       1999- يىلى، يازنىڭ باشلىرىدا، Outlaw net شىركىتىگە تەۋە بولغان ئورېگون شىتاتىدىكى ئېنتىرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنغا كىرىۋالدىم ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر مۇلازىمىتىرىنى ئۇلىۋالدىم. مەن ئۇ مۇلازىمىتىرنى دائىم ئىشلىتەتتىم. ئۇ خېلىلا چوڭ بولۇپ، مەن Outlaw net ئارقىلىق ئۆز مۇساپەمنى لاھىيىلەپ، بىر چايخانىغا كىردىم .مېنىڭ ئۇلىنىشىم قارىماققا ئورىگوندىن كەلگەندەك قىلاتتى.
      6- ئاينىڭ 14- كۈنى ، ئامىرىكا فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. ئۇلار مۇلازىمىتىرگە كىرىۋاتقان ۋە چىقىۋاتقان ئۇچۇر مىقدارىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ھۇجۇم مەنبەسىنى تېپىشقا ئۇرىناتتى. 12- ئايدا فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى كانادا خان جەمەتى ساقچى قىسمىدىكى ماك گىسسارلىن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇمنىڭ كانادادىكى سىپۇلىنتىر شىركىتى قارىمىقىدىكى بىر توردىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. گېسسارلىن ئىزدەش دائىرىسىنى مونتىرىيالدىكى بىر ئىنتىرنېت تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سودىگەرگە مەركەزلەشتۈرگەن. ئەمما، ئۇ ئۆزى قىزىقىۋاتقان ئابونتنىڭ خاككىر ھۇجۇمى بىلەن گۇمان قىلىنىپ، بىر قانچە ئاي بۇرۇن تاقىۋىتىلگەنلىكىنى بايقاپتۇ. ئارقىدىن يىپ ئۇچى گېسسارلىننى دادامنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىپتۇ. ئەمما، دەلىل- ئىسپات كەمچىل بولغاچقا، ئاخىرلاشتۇرالماپتۇ. شۇنداقتىمۇ ، بىزنىڭ ئائىلە، توختىتىلغان ئابونت ۋە مەن ئوقىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلارفىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دادامغا تېلېفۇن قىلىشىغا يېتەرلىك ئىدى. دادام چاتاق چىققانلىقىنى سېزىپ، مېنىڭ ئىنتىرنىتتىكى ئابونتىمنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋىتىپتۇ. ئەمما، مەن ئوغرىلىۋالغان تور ئابونتىنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقى داۋاملىق توردا ئەگىپ ئاقتۇرۇپ يۈرەتتى.
      شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن « ئارفا»ن نى تاشلاپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان TNT نىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ، Efnet تا خاككىرلار تەشكىلاتلىرى ئارا كەسكىن ئۇرۇشقا غەرق بولۇپ كەتتىم. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر مەيدان ھەربىي ھازىرلىقلار ئۇرۇشى ئىدى. پەقەت، ئۇلار ئوق-دورا ئىشلەتمىگەن ئىدى ، خالاس. ۋاھالەنكى ، سانلىق مەلۇماتلار خالتىسى- يەنى ئېنتىرنېت تورىدا يوللاش ئۈچۈن . سانلىق مەلۇماتلارغا سىغداپ كىرگۈزۈلگەن كىچىپ بىر ئۇچۇر جۇغلانمىسى ئىدى. ھالقىلىق مەسىلە كىمنىڭ تورنىڭ كۆپ قىسمىنى، زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى ئەڭ ياىشى يۇمشاق دېتال بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىدا.
       1999-يىلى TNTنىڭ بايلىق ئېچىش ئۇيۇشمىسنىڭ بىر ئەزاسى بىر يېڭى قورالنى ئېلان قىلدى. بۇ قورال قىسقىغىنە بىرنەچچە مىنۇتتا، يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تورىدىكى 30 مۇلازىمىتىرنى ئېتىۋىتەلەيتى. ئەمدى مەن ئۆزۈمنىڭ زور تىپتىكى مۇلازىمىتىرىنىڭ تور ئۇلىنىشىنى بىر- بىرىگە ئۇلاپ، بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدىم. ماشىنىنى ئىزدەش مېنىڭ ئەڭ ئالىي نىشانىم . چۈنكى، ئۇ زور مىقداردىكى ئېنتىرنىت تورى ئېقىم مىقدارىنى بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەينى چاغدا ياھۇ ئېنتىرنېت تورىدىكى زىيارەت مىقدارى ئەڭ زور تور بېكىتى ئىدى. مەن بۇ قېتىمقى مەخپىي ھەرىكىتىمنى« رىۋولتا» يەنى ئىتالىيان تىلىدا « زوراۋانلىق» دەپ ئاتىدىم.

  2000- يىلى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى دۈشەنبە.
    مەن ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ياھۇغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتىم.مەن كومپىيۇتىرىمدىن ئايرىلغاندا، ھۇجۇم قىلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئالدىن پىروگىرامما تۈزۈپ قويدۇم. بۇنداق بولغاندا، باشقا خاككىرلار ياكى ساقچىلار مەندىن ھۇجۇمغا ئائىت ئىشلارنى سۈرۈشتۈر، مەن مەكتەپتىلىكىمنى دېسەم بولىۋىرەتتى.ھۇجۇم چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا باشلاندى. ئۆزۈم سىنىپتا بولساممۇ، خىيالىم ھۇجۇمدا ئىدى. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ياھۇ تەخمىنەن ئامىرىكىنىڭ شەرقى قىسىم ۋاقتى بىردە ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كېلىپ پالەچلىنىپ قالغانىدى. كىشىلەر بۇ تور بېكەتنى زىيارەت قىلالمىغان بەزىلەر ھەتتا، ھەقسىز ئېلخەت ساندۇقىدىن پايدىلىنالمىغان. بۇ تور بېكىتى كەينى- كەينىدىن كەلگەن كۆپ مەنبەلىك سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . ھەممە ئىش ئويلىغىنىمدەك بولىۋاتاتتى. ھەممە ئىش ئويلىغىنىمدەك بولىۋاتاتتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت تۆت ئەتراپىدا، مەن ئۆيگە قايتتىم. ياھۇغا يەنىلا چىققىلى بولمايتى. ئۇ يەنىلا پالەچ ئىدى. كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ قاتتىق چۆچىدىم. بۇ تامامەن ئويلىغىنىمدەك بولدى.
      نېمە ئىش بولدى؟
       ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە كومپىيۇتېر بىخەتەرلىك تەشكىلاتلىرى بەس-بەستە قىياس قىلىشاتتى. مەن تور چايخانىسىغا كىردىم.ياھۇنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى قىزغىن مۇھاكىمە قىلىنىۋېتىپتۇ. كونتۇرۇللىقىمدا تۇرىۋاتقان زور مىقداردىكى كەڭ بەلباغلار تومۇرىمدىن ئېقىۋاتقاندەك ، ئۆزۈم ئۇلارغا تۇتىشىپ تۇرغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئەمما، بۇلار زېھىننى بەكلا خورىتاتتى. ھەتتا ، مېنى ۋەيران قىلغىلى تاسلا قالدى، نەچچە ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بالدۇرلا ئۇخلىدىم. 2- كۈنى ئويغىنىپلا يەنە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلدىم. بىراق، ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن نەرسە سېتىۋىلىش تورى (Buy com) غا ھۇجۇم قىلىنغانىدى. بىراۋ ماڭا جەڭ ئېلان قىلغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بۇ مېنىڭ ياھۇغا قىلغانلىرىمنى باشقىلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيتى.مەن تېزدىن يېڭى بىر نىشان-ئېلىكتىرونلۇق پورت (e Bay)نى نىشان قىلىپ بېكىتتىم.
       ئۇ كۈنى مەن كەچرەك ھۇجۇم باشلىدىم. بۇ قېتىم كومپىيۇتېرنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمىدىم. e Bay نىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش سۈرئىتى ياھۇنىڭكىدىن تېز بولدى. كىم ئارتۇق سودىسىغا ئەگەشكۈچىلەر ۋە باھادا رىقابەتلەشكۈچىلەرمۇ بۇ بېكەتكە كىرەلمىدى. مەن ئەمدى قانائەت تاپقاندەك بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن TNT غا كىرىپ ، خاككىرلارنىڭ نىمىلەرنى دېيىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكچى بولدۇم پىلانىمدا ئۆزگىرىش بولىۋاتتى.بىۋەستە ئۇرۇش قوزغىماي تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ، نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولدۇم.
        ناۋادا، ئاددىيلا « مەن مەسئۇل بولىمەن » دېسەم ماڭا ھېچكىم ئىشەنمەيتى. شۇڭا، ھەر بىر ئادەمدىن قايسى تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى سورىدىم. بەزىلەر ئامىرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە خەۋەر تورى (CNN)نى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ تورى ئىلغار، ئېقىم مىقدارلىق سانلىق قىممەتكە ئىگە بولۇپ، يەنى زور مىقداردىكى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى ئىدى.
بولىدۇ، CNNبولسۇن.
       قىسقىغىنە بىر نەچچە مېنۇتتا ھۇجۇمنى باشلىۋەتتىم.كۈتتىم، تاكى CNN پۈتۈنلەي پالەچلەنگەندىن كېيىن ، ئاندىن قانالغا قايتىپ كەلدىم. CNNنى كۆرۈپ بېقىڭلار-دېدىم مەن.
چايخانىدىكىلەر CNN نىڭ پالەچلەنگەنلىكىنى كۆرگىنىدە، مەن تاقەتسىزلىك ئىچىدە ئامازۇنغا ھۇجۇم قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي، كىشىلەرگە ئۆزۈمنى كۆرسىتىشنى ، ئېتىراپقا ئېرىشىشنى ھەمدە قورقىتىشنى ئويلايتتىم.
      ئامازۇن شۈنچىلىك تېز پالەچلەندىكى، مېنىڭمۇ ئىختىيارسىز ئىچىم ئاغرىپ قالدى. تور بېكىتى بىر سائەت پالەچلەنگەندىن كېيىن، مەن ھۇجۇمنى توختاتتىم.
      بەك كەچ بولۇپ كەتكەنىدى، ئالدىنقى كۈنىدىكىدەك ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەن پېتى كارۋاتتا ياتاتتىم. ئەمما، ئۇخلىيالمىدىم. مەن پاراڭلىشىش تورىنى ئاچسام، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى مېنىڭ قىلغان- قىلمىغانلىقىنى سوراپ سەكسەن پارچە ئۇچۇر كەپتۇ. مەن جاۋاپ قايتۇرمىدىم. چۈنكى، دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەنىدىم. توردا يېرىم كېچىگىچە تۇرۇپ، ئېكراندىكى ئۇچۇپ يۈرگەن پاراڭ خاتىرەمگە قاراپ تۇردۇم. ئۇيقۇلۇقتا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قوزغىماقچى بولدۇم.
       ئېلىكتىرونلۇق سودا تورى ETRADE بۇ قېتىملىق نىشانىم ئىدى. مەن ئۇنى تەخمىنەن بىر سائەتتىن ئۇزۇنراق پالەچلەپ قويدۇم. ئاندىن سۆرۈلۈپ كارۋىتىمغا كەلدىم. بۇ چاغدا ، ئەتىگەن سائەت يەتتە بولغانىدى.ناھايىتى تېزلا مەكتەپكە ماڭاتتىم.
        ئامىرىكا بىرلەشمە كوپىراتىۋى 2-ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى دوكلاتىدا، خاككىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان داڭلىق تور بېكەتلىرىنىڭ كوپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەھۋال بارغانسېرى سىرلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. دېيىلگەن. كىشىلەرنىڭ ئېنتىرنېت تورىنىڭ ئاجىزلىقىغا بولغان تەشۋىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. پاي چېكى بازىرىدا باھا چۈشۈپ كەتتى. ئامىرىكىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بارلىق تىرىشچانلىقى بىلەن توردىكى يامان نىيەتلىك بۇزغۇنچىلىققا زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەردى. ئالدىنقى كۈندىكى قىزغىنلىقىم تېخى بېسىقمىغانىدى. كېيىنكى بىر ھەپتىدە، مەن يەنە ئارقا- ئارقىدىن ھۇجۇم قوزغىدىم. بىر قېتىمدا، كۆپلىگەن نىشانلارنى ئۆتكىزىۋىلىپ، ئاسالىق قاناللارنىڭ كونتۇرول ھوقۇقىنى تارتىۋىلىپ،دۈشمەننى ھۇجۇم بىلەن توردىن چۈشۈرۈپ، ئۆزۈم چېقىلغان ھەر بىر ئورۇنغا « قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا» بىلەن TNT بەلگىسىنى ئاستىم. بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمۇم، شۇنداقلا ھەقىقىي غەلبەم ئىدى.

16 ياش، قولغا ئېلىنىش، جازا ئۆتەش

         7- يىللىقتىن بۈگۈنگىچە، مەن دائىم ئۆزۈمنىڭ ھۇجۇمىمنى توردىكى پاراڭ تېمام قىلاتتىم. بىر ياقتىن #sheis قانىلىدا، خەتەرگە قارىماي، ئۆزۈمنى ماختىسام، يەنە بىر ياقتىن ھۇجۇمنى داۋام ئەتتىم.
چايخانىدا،فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خاككىر بولىۋالغان بىر خادىمى بارىكەن. 2- ئاينىڭ 8- كۈنى ياھۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاخىرقى كۈنى مەن توردىكىلەر بىلەن ھەدەپ ئۆز قابىلىيىتم ھەققىدە جىدەللىشىۋاتقاندا، ئۇ سوغۇق كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرغانىكەن.
        2- ئاينىڭ 14- كۈنى ،فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى كانادا خان جەمەتى ساقچىلىرىغا تېلېفۇن بېرىپ ، موتىرىيالنى بازا قىلغان خاككىر « قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا » نى تېپىشنى تەلەپ قىپتۇ. بۇ دېلو ماك گېسسارلىننىڭ قولىغا ئۆتۈپتۇ. ئەتىسى ئۇ مونتىرىيالدىكى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىككى سودا ئورنىغا « قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا »نىڭ ئىلگىرى ئۇلار بىلەن ئالقىلەشكەن- ئالاقىلەشمىگەنلىكىنى ئنىلاشقا بۇيرۇپتۇ. گېسسارلىن ئابونتقا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرىۋاتقاندا، بىر قىسىم نەرسىلەر ناھايىتى تونۇش بىلىنىپتۇ. ئۇ كونا ئەنزىنى ئەسلەپ، خاتىرىسىنى قوزغاتماقچى بوپتۇ. Outlaw netدېلوسىنى ئېچىپلا، گېسسارلىن ناھايىتى تېزلا قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ ئۆزىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى سېزىپتۇ. يەنى Outlaw net ۋەقەسى يۈز بەرگەندە قولغا چۈشۈرگەن ئوخشاش تېلېفۇن نومۇرى ۋە ئادرىسىنى بايقاپتۇ. خاككىر مونتىرىيالدىكى بىر تۇرالغۇدا تۇرىدىكەن.
8- ئاينىڭ 3- كۈنى، مەن 64 تۈرلۈك ئەيىپلەندىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامىرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە خەۋەر تورىغا ھۇجۇم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇنداق قىلىپ 16 يېشىمدا يەتمىش تۈرلۈك ئەيىپلەندىم.
2001- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى ئەيىپلىگۈچى تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان 66 تۈرلۈك ئەيىپلەشنىڭ 58 تۈرىنى بوينۇمغا ئالدىم. 9- ئايدا، سودىيە مېنى مۇلازىمەت ھۇجۇمىنى رەت قىلىش (denial-of-service attacks ) نامى بىلەن تۆت ئايلىق قاماققا، سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان تورلارنى ئاساس قىلىپ تۆت ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر يىل كۈزىتىلەتتىم.

17ياش: خەير-خوش، قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا

       ئىللىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئاستا- ئاستا تاڭ ئاتتى. بۈگۈن مەن قويۇپ بېرىلەتتىم.
ناھايىتى ئەتىگەن ئويغىنىپ ، يۈك- تاقلىرىمىنى رەتلەشكە باشلىدىم. دادام كەلگەندە، بىز نەرسىلىرىمنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، ماشىنىغا سالدۇق. ئاندىن ئارقامغا يېنىپ خوشلىشىپ چىقتىم. دادامنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق . ئۆگەي ئانام ۋە ئىنىم بىزنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن. مەن ھوجرامغا كىرىپ نەرسە كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇردۇم. ھېلىقى كومپىيۇتېر ئېتىك ئىدى. پەقەت كونۇپكىنى باسساملا تور دۇنياسىغا يەنە كىرىپ كېتەتتىم.
        كومپىيۇتېر مېنى ئۆزىگە قاتتىق تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئەمما، يەنە بىر خىل كۈچ مېنى كەينىمگە تارتاتتى. مەن كومپىيۇتېرنىڭ قاپقاراڭغۇ ئېكرانىغا بىرنەچچە مېنۇت تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن ، ئارقامغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتىم.
       قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىش ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئويلاندىم. شۇ كۈنلەردە مەن كومپىيۇتېر بىخەتەرلىكىگە ئائىت مەخسۇس سەھىپىلەرنى چىقاردىم ھەم بىر كومپىيۇتېر دۇكىنىغا ئىشلىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ياخشى بىر بالا بولىدىغانلىقىمغا ، ئېنتىرنېت تورىنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.
مەن دائىم، ناۋادا، 2000- يىلىدىن باشلاپ ھۇجۇم قىلىشنى باشلىمىغان بولسام، بۈگۈن قانچىلىك ئۇزاپ كېتەر ئىدىم، بەلكىم، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقار ئىدىم، دەپ ئويلايمەن. بەلكىم، ئۆز شىركىتىم بولار ئىدى، بەلكىم، بىخەتەرلىك ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ ، كۆپ پۇل تېپىپ، ئۆزۈمدىن ھالقىپ كېتەر ئىدىم.....
نۆۋەتتە، مەن بىر قىسىم دەرسلەرگە قاتنىشىپ، كومپىيۇتېر بىخەتەرلىك ساھەسى ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرگە ئېرىشتىم. بۇ ھېكايىنى يېزىش ئارقىلىق، بۇ بەتلەرنى يېپىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىمەكچىمەن.
« قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا » گەرچە مەڭگۈ مېنىڭ بىر قىسمىم بولسىمۇ، ئەمدى ئۇ ئۆلدى.

توردا ئۆز-ئۆزىنى قوغداشنىڭ ئېپى ،« قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا »نىڭ تەكلىپى

     *ئەڭ كۈچلۈك بىخەتەرلىك قورالى يۇمشاق دېتال بولماستىن، ئۆز- ئۆزىنى قوغداش ئېڭى. يامان نىيەتلىك خاككىرلارنىڭ پايدا ئېلىشىدىكى ھالقىلىق سەۋەپ، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى قانداق قوغداشنى بىلمىگەنلىكىڭىز.
* ئېلخەت بىر نام كارتۇچكىسىغا باراۋەر.
بىر پارچە ئېلخەت خۇددى بىر پارچە نام كارتۇچكىسىنى قارشى تەرەپكە ئېۋەتكەنگە باراۋەر. مۇلازىمىتىر بىلەن مۇلازىمىتىر ئوتتۇرىسىدا يەتكۈزىلىۋاتقان ئۇچۇرلار بەلكىم ئوقىلىشى، ئېلىۋىلىنىشى مۇمكىن. سىز سېستىما ئارقىلىق ئېلخېتىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىز ئېۋەتكەن ئېلخەتنى مەخپىي شىفىر ئارقىلىق قۇلۇپلاپ قوغدىيالايدۇ.
*ساپ يازما ھۆججەت ئەڭ ياخشى.
HTMLشەكلىدىكى ئېلخەت ئېۋەتسىڭىز ياكى قوبۇل قىلسىڭىز سىزنىڭ ئالدىنىش خەۋپىڭىز ئېشىشى مۇمكىن. ئېلخەتنى بازا قىلغان نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك ھۇجۇملارسۇقۇنۇپ كىرىش شەكلىدىكى رەسىم ۋە ئۇلىنىشلار ئارقىلىق ، سىزنى ئالداپ سىزدە قانۇنلۇق دېگەن خاتا چۈشەنچىسى ھاسىل قىلىدۇ. سىزنىڭ ئېلخەت پىروگىراممىڭىزنى پەقەت ساپ يازما ھۆججەت شەكلىدە يوللىنىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان قىلىپ تۈزىۋالسىڭىز بولىدۇ.
*كۈچلۈك شېفىر :
شېفىر تۈزگەندە چوڭ-كىچىك يېزىلىشتىكى ھەرپلەرنى ئارىلاشتۇرۇش كېرەك. شېفىر ئاز بولغاندىمۇ سەككىز خانىدىن تۈزىلىشى كېرەك. يەنە بە ھەرپ بەلگىلەر ئارلىشىپ كەلسە بولىدۇ. مەسىلەن: ”!“ ، ”′“ ،”&“،”$“ دېگەندەك.
*شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا ھېزى بولۇڭ
شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ئىسمىڭىز ، ئادرىسىڭىز، ئىناۋەتلىك كارتا نومۇرىڭىز ۋە باشقىلار شەخسلەرنىڭ موھىم ئۇچۇرلىرى بولىدۇ. ناتۇنۇش تورلاردىن نەرسە سېتىۋالماڭ ۋە ئېلخەت ئارقىلىق ئىناۋەتلىك كارتا نومۇرىڭىز ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئېۋەتمەڭ. ناتونۇش تور بېكەتلىرىنىڭ جەدۋەللىرىنى تولدۇرغاندا ئېھتىيات قىلىڭ، پەقەت ئەڭ ئاز ساندىكى ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

 باغداش تورى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلدى . ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ !  رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-16 15:03 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 634
شۆھرەت: 3576 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3558 سوم
تۆھپە: 2102 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2084 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1584(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىققەت قىلىش كىرەككەن جۇمۇ...
توردىكى قويمىچىلار، خاككىرلار توغرىسىدا ئانچە ساۋادىم يوق ئىدى. ئەمدى بىلىۋالدىم.
music bagdax
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-16 15:52 |
hacker
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 461 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 463 سوم
تۆھپە: 276 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 278 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 180(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ بالىنىڭ دۇنيا قارىشىدا ئۆزىنى كۆرسىتىش بىرىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن يۇقارقىدەك دىشۋارچىلىقلارغا دۇچ كـﻪپتۇ، ﺋﻪمما تىرىشچانكـﻪن جۇمۇ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-17 02:09 |
kaxkariya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1450
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 448 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 449 سوم
تۆھپە: 267 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 268 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىلىمەن دەيدىغان قەتئى نىيەت بولغانكەن ھەرقانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ جۇما ئىشقىلىپ...
hawar
تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-17 20:28 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر