بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى muqamدە2011-05-22 11:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تولىمۇ ياخشى چىقىمتۇ، مەن بەك خوش بولدۇم ....
سىزگە ئازراق تەكلىپ بەرسەم ئېغىر كۆرمەيدىغانسىز - ھە ؟؟
قۇمۇل (قەۋمى مول) ئەزەلدىن ئىشچان، مۇلايىم، ئەمگەكچان ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە تولىمۇ مۇلايىم، ئەدەپ - قائىدىلىك خۇسۇسىيىتىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، ئەل - نەغمە جەھەتتە بولسا ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ گۈزەل خاسلىقىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەپ، قىز - ئوغۇللار ئۇسۇل ئوينىغاندا تولىمۇ سالاپەتلىك، پەدىشەپ بىلەن ئارىلىق تاشلاپ، يىنىك قەدەملەر بىلەن ئويناشنى ئۆزىدە جۇلالاندۇرۇپ كەلدى. مېنىڭ تەكلىپىم شۇكى سىز بۇ ھەيكەلنى ياساشتا ئازراق يەنە تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولسىڭىز قانداق، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، قىز - ئوغۇلنىڭ سىماسىنى بىر كۆرۈنۈشتە شۇنداق مۇلايىم ۋە لەرزان ئۇسۇلغا چۈشكەن ھالدا تەسۋىرلىگەن بولسىڭىز، قولىنى ئۇنچە ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇسۇل ئويناش ئادەمنى خۇددى دولان ئۇسۇلى ئوينىغاندەك چۈشەنچە بېرىپ قويىدىكەن. ....
بۇ مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم ...