[ 7-قەۋەت] نەگەمىنىڭ قارىشىنى قوللايمەن .(1) بەزى نازۇك تېمىلارغا ئويۇن - چاقچاق ئارىلاشتۇرۇدىغان ، ياكى تېما بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان تېتىقسىز گەپ -سۆزلەرنى قىلىپ، تېمىنىڭ قىممىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان ھەتتا تېما ۋە تېما يوللۇغۇچىلارغا ھاقارەت قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ ، مۇنبەر -ئۇقۇمۇشلۇق كېشىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ، ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇىغا قويۇلۇپ ئۆز ئارا ئىلمى مۇنازىرە قىلىدىغان سورۇنى بولغاچقا ، مەدەنى سورۇنغا ئىلمى مۇئامىلە قىلىپ ، تېما يوللۇغۇچىنىڭ ئەجرىگە ھۈرمەتسىزلىك قىلمىساق . ئۆز ھۈرمىتىمىزنىمۇ ساقلىساق . (2) مۇقەددەس دىنىمىزغا تاقىلىدىغان مەسىللەردە ، قارىمۇ -قارشى پەتۋالار چىقىرىلىپ مۇنازىرىلىشىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بىرىۋاتىدۇ . دىن ئىنتايىن نازۇك مەسىلە بولغاچقا بۇ ھەقتە يەنىلا دىنى ئولىمالارنىڭ سۆزلىگىنى ياخشى . بۇنداق ئونۋېرسال تورلاردا ئادەتتە دىنى ئولىما يېتەكچىلەر بولمىغاچقا ، ھەرخىل كىتاپلاردىن كۆرىۋالغان ئوخشىمىغان مەزھەپتىكىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى بويىچە يىنىكلىك بىلەن پىكىر بايان قىلغاندا ئوزگىنى گۇناھ يولغا يېتەكلەپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . يەنىلا << قوينى قاسساپ سويسۇن >> ، << كەتمەننى تومۈرچى ئۇستام سوقسۇن >> .
[ بۇ يازمىنىtograkدە2011-05-24 17:04قايتا تەھرىرلىد ]