بۇ تېما 59 قېتىم كۆرۈلدى
tograk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 285 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 285 سوم
تۆھپە: 144 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 144 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 94(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىباننىڭ 15 قوراللىق خادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 10–يانۋار ، كابۇلدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرى 10 – يانۋار مۇنداق دېدى: ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىبىلەن ش ئا ئە ت نىڭئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا خەۋپسىزلىك ياردەم بېرىش قىسىمى 9 – يانۋار كەچتەئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ئۆلكىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە تالىباننىڭ 15 قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

  قۇندۇز ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ساقچى نازارەتچىسى ئابدۇل مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: ئافغانىستان مىللىيئارمىيەسى بىلەن ش ئا ئە ت قىسىمى 9 – يانۋار كەچتە دەشت ئارچى رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتنى باشلىدى، بۇ ھەرىكەت 10 – يانۋار سەھەرگىچە داۋاملىشىپ، تالىباننىڭ 15 قوراللىق خادىمىئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ كاتتىبېشى زابىت مۇرچامۇ بار.

  قۇندۇز ئۆلكىسى ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان، 2010 – يىلىدىن بۇيان تالىباننىڭ بۇ ئۆلكىدىكى ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. ئۆتكەن نەچچە ئايدا ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسى ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىكۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا خەۋپسىزلىك ياردەم بېرىش قىسىمىنىڭ ياردىمىدە قۇندۇز ئۆلكىسى ۋە قوشنا ئۆلكە باغلانداتالىبانلارنى تازىلاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-12 20:33 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر