turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 992 قېتىم كۆرۈلدى
abdulhemidyasin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 250 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 142 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 142 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كېپەنسىز جەسەتلەر (ئابدۇلھەمىد ياسىن)

 
كېپەنسىز جەسەتلەر
ئابدۇلھەمىد ياسىن
پوۋېست

(باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە قاتناشتۇرىمەن)
-1-

         ئىيۇلنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقى ھەم ئاشخانىدىكى ھور دەستىدىن تەرلەپ بىر بولۇپ كەتكەن ياسىن ئۆستەڭ بويىغا سېلىنغان ھەشەمەتلىك بۇ چوڭ ئاشخانىنىڭ كەينى بىلەن مېڭىپ تەتۈر سۆگەتنىڭ يۇمران شاخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان سىمۇنت تاختايلىق ئۆستەڭ بويىغا چىقىپ بىردەم ئولتۇردى. ئۇنىڭ قۇيۇق قاشلىرى ئاستىدىكى قوي كۆزلىرى ئۆستەڭدىكى ئويناقلاپ ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ قېتىپ قالغان، خىياللىرى خۇددى مۇشۇ لايقىپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭدەك تىنىمسىز ئەمما سىر-ئەسرارغا باي، ئىزتىراپلىق ئىدى. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن سەل سەگىدىگەندەك بولدى ۋە خىيالدىن ئۆزىنى يىغىپ ئاشخانىغا كىرىپ كېتىش ئۈچۈن ئورنىدىن قوزغىلىۋىدى، ئۇنىڭ ئالدىدىنلا چىقىپ كەلگەن گۈلنارنىڭ:

-ياسىن، توختاپ تۇرۇڭە، بىر ئېغىز گىپىم بار ئىدى-،دىگەن سۆزى بىلەن تۇرۇپلا قالدى ۋە بىردىن سورىدى:

-نىمە دىمەكچىدىڭىز؟-  ياسىننىڭ بۇ سوئالىغا گۈلنار ئىتتىكلا سوئال بىلەن جاۋاپ بەردى.

-سىز ماڭا پەقەت قارىمامسىز.

-سىزگە قاراپ تۇرۇپتىمەنغۇ؟

- گەپنى تولا ئەپ قاچماڭ، سىزنى راھىلەك بىلەن كۆرگەنلەر باركەنغۇ، راستىڭىزنى ئېيتىڭە، مېنى ياراتمايۋاتامسىز.

-نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسىز؟ مەن تېخى ھۆنەرنى ئۆگىنىپ بولالمىدىم، يەنە دەپ قوياي، مەن ھېكىم بىلەن ئۇنداق ئەمەس ماقىما؟
-سىز يەنە گەپنى ئېلىپ قېچىۋاتىسىز.

- نېمە دېسىڭىز دەڭ. مەن تېخى ئۇنداق خىياللاردا بولغىنىم يوق. سىزگىمۇ سىڭلىم سۈپىتىدە ئېيتىپ قوياي، سىزمۇ قالايمىقان خىياللاردا بولماي ھازىرچە ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنىڭ. بولامدۇ.


-نېمە؟-، ياسىننىڭ سۆزىدىن بىر مەنىنى ھېس قىلغاندەك بولغان گۈلنار خوشال ھالدا،- راست دەۋاتامسىز؟ ئەمىسە مەن ھازىرچە ھۆنەرنى ياخشى ئۆگىنەي، سۆزىڭىزنى ئاڭلايمەن. خوش مەن كەتتىم...

         ساددا قىز شۇ سۆزلەرنى دەپ بولۇپ كېتىپ قالدى. سەلىمباينىڭ گۈلنار ئىسىملىك بۇ يالغۇز قىزى بەكلا چىرايلىق، ئوماق، يەنە كېلىپ شۇ قەدەر سەبىي بىر قىز بولۇپ، ياسىن ئۇنىڭ يېقىنچىلىقلىرىغا پەرۋا قىلمىغاچقا ئۇ ياسىنغا تېخىمۇ ئامراق ئىدى. لېكىن ئىككىسىنىڭ كۆرۈشۈش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس ئىدى. چۈنكى گۈلنار ئۇستىسىنىڭ دوكىنىدىن تاماق يىگىلى ئاشخانىغا كەلگىنىدە ياسىن تەرلەپ-پىشىپ سەي قورۇۋاتقان، ئاللىقانداق ئىسىل بۇيرۇتمىلارنى تەييارلاۋاتقان بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزى كەلسىلا سەيدىخان ،ۋاي قىزىم، كەلدىڭمۇ؟ نىمە يەيسەن، ياسىن ئاكاڭ بىر دەمدىلا تەييارلاپ بىرىدۇ؟ ھۈنەرنى ئۈگەنمە، دىسەم ئۇنىمايسەن. ياداپ كىتىپسەن مانا، دەپ چىرايىنى سىلاشقا باشلايتتى. ئەمما قىز بولسا ياسىننىڭ ئەتكەن مىزىلىك تامىقىغا ئېغىز تەككەچ ئانىسىنىڭ گىپىگە قولاق سالماي، ئەينەكلىك ئاشخانىدا تىنىمسىز ئىشلەۋاتقان ياسىنغا تىكىلەتتى. ئۇنىڭ لـۆڭگىنى مۆرىسىگە سېلىپ قويۇپ قىلىۋاتقان چەبدەس ھەرىكەتلىرىگە، ئېگىز بويىغا ماسلاشقان ئوزۇن چاچلىرى، كۈنى ھەمىشە ئاشخانىدا بولغاچقىمىكىن دائىملا ئاق سۈزۈك تۇرىدىغان چىرايى، قاپقارا بۇرۇتى، كېلىشكەن قامىتىگە تويماي قارايتتى. مۇشۇ يېزا تەۋەسىدە بىردىن-بىر ياخشى ئېقىۋاتقان بۇ ئاشخانىنىڭ ياسىننىڭ ئاجايىپ كۆيۈمچانلىق بىلەن كۈچ چىقىرىشى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئېغىزىدا قالىدىغان قورۇمىلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىگىنى سەلىمبايلا ئەمەس، ئۇنڭغا مەستانىلارچە قاراپ ئولتۇرىدىغان مۇنۇ گۈلنارمۇ ئەلۋەتتە چۈشىنەتتى. تاماقلىرىنى ماختاپ تۇرۇپ يەيدىغان مەكتەپتىكى قورچاقتەك خانىمچاقلارنىڭ ياسىنغا نازلىق بېقىشلىرىنى، سۆز تاشلاشلىرىنى كۆرگەندە بولسا رەشىك ئوتىدا پۇچىلىناتتى. ئەمما ياسىننىڭ بۇلار بىلەن پەرۋايى يوق ھالدا ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولاتتى. ئەمما ئۇمۇ گۈلنارنى ياخشى كۆرەتتى. ياخشى كۆرەتتىلا ئەمەس، ئۇنىڭغا چىن ئاشىق ئىدى. ھەئە ئۇ بەكلا ئىچ مىجەز يىگىت بولغاچقا، گۈلنارنى قانچە ياخشى كۆرسۈن ئۇنى سىر قىلىپ ساقلايتتى. بۇنىلا ئەمەس ئۇ ھەرقانداق ئىشنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيتتى. شۇڭلاشقىمىكىن باشقىلارنىڭ ئېغىزىدا ياسىن توغرىلىق ھەرخىل گەپلەر بولۇپ تۇراتتى. ئۇنى ،بۇرۇن ئالىم ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان، مۇنداق تۇرغىنى بىلەن ئۇمۇ ئەسلى تامدا ماڭىدىغان ئوغرى ئىدى، سەلىمباي ئۇنى ئادەم قىلغان،، ،ھىچقانداق قىزغا قارىماسمىش،، ،ھېلىقىدەك كىسىلى بار ئەركەك ئىمىش،، ،ھۈنەرنى قەشقەردە ئۆگىنىپتىكەنمىش، شۇڭا كاساپەتنىڭ قورۇمىلىرى ئاجايىپ ئوخشايدىكەن...، دەيدىغان گەپلەرنى قىلىشاتتى. ماختىشىدىغانلارمۇ، يامان گىپىنى قىلىدىغانلارمۇ تولا ئىدى. تېخى باشقا ئاشخانا خوجايىنلىرىدىن ،بىزگە كېلىپ ئىشلە، دېگىنىڭنى بىرەيلى، دېگەنلەرمۇ بولغان. ئۇلارلا ئەمەس ئائىلىدە پات-پاتلا ياسىننى تالىشىپ سەلىمباي بىلەن سەيدىخان ئوتتۇرىسىدىمۇ تالاش-تارتىشلار بولۇپ تۇراتتى. چاربازارلارغا قالدۇرماي بېرىپ كاۋاپ ساتىدىغان سەلىمباي ياسىننى ،مەن ئېلىپ ماڭىمەن، دەيتتى. سەيدىخان ،ياسىننى ئېلىپ كىتەر بولساڭ، ئاشخانىنىمۇ يۈدۈپ بىللە ئېلىپ ماڭ، دەپ چالۋاقايتتى. ئەمما ياسىن پەرۋاسىز ئىدى. قانداقتۇر بىرەر دەردى باردەك، بىر ئىچكى ئازاپ ئۇنى قىيناپ تۇرۇۋاتقاندەك ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىغا ئۈنسىز سۈكۈت قىلىدىغان جىمغۇر يىگىت ئىدى. بۇ ھال باشقىلارغا ئۇنى بەكلا سىرلىق كۆرسىتەتتى ھەم كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى. دىمىسىمۇ ئۇ ئاشخانىدىكى باشقا ئۇستا-شاگىرتلارغا مەيلى چىراي، بوي-تۇرق جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى خۇي-مىجەزى، ھۈنەرگە كامىللىقى جەھەتتىن بولسۇن پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۆسكىلەڭ بەستى، قاچانلا قارىسا پاكىز كىيىملەر بىلەن ئۆزىنى قىرلاپ يۈرۈشلىرى، ئاق چىرايىغا ماسلاشقان قاپقارا، يۇمران بۇرۇتلىرى ئۇنىڭ يىگىتلىك جاسارىتىدىن، شەھەر يىگىتلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك ھالدىكى چىۋەر، پاكىزلىقىدىن دېرەك بىرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقانداق ئىشقا ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىشلىرى ئۇنى خۇددى پىشقان ئادەمدەك تەسىرات بىرەتتى. ئۇ يىراق مەھەللىدىكى ئاتا-ئانىسىنى پات-پاتلا يوقلاپ تۇرغاننى ھىسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن ئاشخانىغا يېقىنلا يەردىكى  سەلىمبايلارنىڭكىدە يېتىپ قوپاتتى. بىراق سەلىمبايلار يەنە بىر ھەشەمەتلىك قوروسىدا تۇرىدىغان بولغاچقا گۈلنار بىلەن ياسىننىڭ كۆرۈشۈش پۇرسىتى بەكلا ئاز بولاتتى. گۈلنارنىڭ ياسىنغا مەجنۇنلارچە كۆيىدىغان بۇ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭ ئانىسى سەيدىخانلا بىلىپ تۇراتتى. قىزىنىڭ ياسىن بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى چىقىرىشقا تىرىشاتتى. بەزى كۈنلىرى سەۋەپسىزلا ياسىن بىلەن قىزىنى شەھەرگە ،ئويناپ كېلىڭلار، دەپ قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ يولغا سالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ياسىن قىزىرىپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتەتتى ۋە ئامالسىز قىزنى ئېلىپ شەھەرگە كىرەتتى. قىزنىڭ دېگىنىنى ئېلىپ بېرەتتى، باغچىلارغا ئاپىرىپ قانغۇدەك ئوينىتىپ ئاندىن يېنىپ چىقاتتى. گۈلنارمۇ بۇنداق چاغدا ئۆزىنىڭ يېنىدا كۈچلۈك بىر يۆلەنچۈك باردەك ھىس قىلىپ، چىناردەك قامەتلىك ياسىننىڭ ئالدىدا قىلغىلى قىلىق تاپالمايلا قالاتتى، ياسىننىڭ ئوزۇن چاچلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ مودا بولۇۋاتقان كۆينەكلەرنى ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئېلىپ بېرەتتى. ئاخشىمى سەلىمبايلارغا شەھەردە كۆرگەنلىرىنى، ياسىن ئاكىسىنىڭ ئوڭلۇقلىقىنى ئېغىزى-ئېغىزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى. بۇنداق چاغدا سەلىمباي كۈلۈمسىرەپ ئايالىغا قارايتتىيۇ، ئېغىزىنى كالچايتىپ ،ۋاي ئوماق قىزىم، دەپ چوپچوڭ قىزىنى سۆيۈپ كېتىۋاتقان سەيدىخانغا ئالىيىپ قوياتتى. شۇنداق، ئۇ سەيدىخاننىڭ قىلىقلىرىدىن بىرنىمىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ تۇرۇپ قالاتتى ۋە ،ئادەمنى ھۆ قىلىپ خوشال بولۇپ كېتىشلىرىنى بۇ دەللىنىڭ، گۈلنارنى لايىقىدىراق بىرەرىگە بىرەرمىزا!،دەپ ئويلايتتى.


-2-

         كەنت كېچە قاراڭغۇلۇقىغا غەرق بولۇشقا باشلىغان مەزگىل. ئەتراپتىن ئىتلارنىڭ ئاندا-ساندا كاڭشىپ ھاۋشىشلىرى، قوي-كالىلارنىڭ مەرەشلىرى، بوغۇزى چالا قالغان ئىشەكلەرنىڭ ئاچچىق سوزۇپ ھاڭراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. باراڭ ئاستىدىكى سالقىن كارىۋاتتا ياتقان سەلىمباينىڭ نىمىشقىدۇر ئىچى سىقىلىپ ئۇيقۇسى قاچتى. بىرھازاغىچە ئورنىدا يېتىپ خىيال سۈردى، خىيال سۈرگەنسىرى نىمىشقىدۇر ئىچى تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ ئاخىرى ئورنىدىن تۇردى-دە، سىرتقا چىقتى. بۇ چاغ ئېغىر ئەلياتقۇ مەھەل بولۇپ قالغان بولغاچقا سىرتتا ھىچكىم قالمىغان، كەنتنىڭ توختىماي ۋارقىراپ تۇرىدىغان كارنىيىمۇ ئاللىقاچان جىمىققان ئىدى. سەلىمباي بولۇتلار ئارىسىدىكى ئاينىڭ خىرە يۇرۇقى چۈشۈپ تۇرغان مەھەللە يولىدا كىتىۋىتىپ شۇتاپتا بىرسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغۇسى كەلگەنلىگىنى ھىس قىلدى. ئۇ ،ئايال كىشى يولۇقۇپ قالغان بولسا...، دەپ تاتلىق بىر خىيال قىلدىيۇ، يەنە بىردىن ،قويە، ئايال كىشى دىگەن ناكەسنى!، دەپ ئۈنلۈك سۆزلىۋەتتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ گىپىنى بىرەرسى ئاڭلاپ قالدىمۇ-يوق، دىگەندەك ئىتتىك ئىككى يانغا قارىدى. ئەتراپ ئۆلۈم جىملىغىغا چۆككەن ئىدى. ،قويە، ئايال كىشى دېگەننى، دېگنىدە ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئايالىنىڭ ،سەن ئاشۇنىڭ بىلەن ئوينىغان بولساڭ، مەنمۇ بىرى بىلەن ئوينىدىم تازا، نىمە قىلالايتتىڭ، دىگەن ئالۋاستى سۈپەت ھالىتى كەلگەنىدى.  ئەمەلىيەتتە مۇشۇ سۆز ئۇنىڭ يۈرۈگىنى تىنىمسىز غاجاپ كەلدى. ئاجرىشىپ كېتەي دېسە ياش ئەللىكتىن ئاشتى. كېچىكىپرەك كۆرگەن يالغۇز پەرزەنتى گۈلنارمۇ بويىغا يىتىپ ئىڭەككە تاقاشقان بۇ چاغدا ئۇنداق قىلسا سەت تۇراتتى. ئەمما ئايالىنىڭ ئاشۇ سۆزى ھەربىر يادىغا يەتسىلا تاپ يەپ سالغان ئادەمدەك كۆڭلى ئېلىشاتتى. ئايالىغا قارىغۇسى، چىش يېرىپ بىرنىمە دېگۈسى كەلمەيتتى، تېخى ئۆزىدىن خوپلا ياش بولسىمۇ، چىرايى غازاڭدەك سارغايغان، سەمىرىپ كۈپتەك بولۇپ كەتكەن ئايالىنىڭ يېنىغا كەلمىگىلى، يېقىنچىقى قىلمىغىلىمۇ ئوزۇن زامانلار بولۇپ كەتكەنىدى. ئايالى سەيدىخان بولسا دەرد يۇتۇپ يۈرەمدۇ ياكى خۇيى تۇتۇپ قالامدۇ ئېرىگە ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيتتى.  ،گۈلنار بەخىتسىز بولۇپ قالامدۇ-نېمە؟، دەپ ئويلايتتى سەلىمباي يېزا بازىرىدىكى چوڭ ئاشخانىنى باشقۇرۇپ يۈرگەن ئايالى يادىغا يەتكەندە. چۈنكى بۇ جادۇگەرنىڭ ھېلىقى گېپىنى ئويلىغىنىدا سەيدىخاننىڭ ھازىرلا بىرەر ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىشىنى، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى شۇقەدەر ئارزۇ قىلىپ قالاتتى. ئەمما ئۇ ھامان كۆزىگە قادالغان مىخ، ھاياتىغا چۈشكەن كۈيە بولۇپ ھازىرغىچە تېمەن ياشاپ كېلىۋاتاتتى. شۇڭا سەلىمباي ئۈچۈن بازار، ئادەم دېڭىزدەك چايقىلىپ، شاۋقۇن سېلىپ تۇرغان بازارلا تىنچ يەردىكىدەك بىلىنىپ، بازارغا بېرىۋالسىلا كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى. ئالتە بازارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ قايناق يەردىن ئورنى بولۇپ، ئاشخانىنىڭ ئىشلىرىنى ئايالىغا تاشلاپ بىرىپ ئۆزى بازارمۇ-بازار چېپىپ كاۋاپچىلىق قىلاتتى. بازاردا ئۇ ھەممە دەردلىرىنى ئۇنتۇپ شاگىرتلارغا ئىش بۇيرۇغاچ چىرايلىق ياسىتىۋالىدىغان ساقال-بۇرۇتىنى سىلاپ قويۇپ ئۆرۈك ئوتۇنى ۋە كاۋاپنىڭ ھورى ئۆرلەپ تۇرغان كاۋاپدان ئالدىدا يەلپۈگۈچنى چۆرىگەچ، خېرىدار چاقىراتتى. تونۇش-بىلىشلەر بىلەن ئازادە پاراڭلىشىپ، چاقچاقلىشاتتى. قاقاھلاپ كۈلەتتى. ئەمما ئۆيدىكى ۋاقتىدا بولسا مۇھىم نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئادەمدەك چىرايىنى ئاچمايتتى. تولىراق يېزا كەينىگە پىششىق خىشلاپ سېلىنغان ناھىيە بويىچە ،ئۈلگىلىك قوتان، بولۇپ باھالانغان چوڭ قوتىنىغا بېرىپ مال باققۇچىلاردىن مال چارۋىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيتتى. نەسىللىك كالا- قويلارغا قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى. ئەمما كەچتە ئۆيىگە قايتىپ كەلگۈدەك بولسىلا ئايالىدىن قوپال ۋارقىراپ تاماق سورايتتى. ئەرزىمەس ئىشلارغا چېچىلاتتى. ئايالىمۇ بوش كەلمەيتتى. تاماق سورىسىمۇ، چېچىلىپ بىر بولۇپ كەتسىمۇ غېمىدە يوق ئېرىدىن ئۆتۈپرەك ۋارقىرايتتى. غودۇڭشۇپ، بىرنىمىلەرنى دەيتتى. ئەمما سەلىمباي ئۇرغىلى كەلگۈدەك بولسا يۈگۈرگىنىچە سىرتقا چىقىۋالاتتى. سەلىمباي گەرچە ئۆي ئىچىدە چېچىلغاق، قوپال بولسىمۇ ئۆي سىرتىغا چىقسىلا ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئايايدىغانلاردىن بولغاچقا، ھويلىغا چىقىۋالغان ئايالىغا ھېچ نېمە دېمەيتتى. خوشنىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى ياكى گۈلنارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى ئەسلا خالىمايتتى. ئەمما ئۆي ئىچىدە ئايالى سەيدىخان پات-پات  ئاياغ، چىنە-قاچا دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئۇيەر- بۇيەرلىرىگە گىرىم قىلىپ تۇراتتىيۇ،يەنە ئېرىگە قىلچە قويۇپ بەرگۈسى كەلمەيتتى. ئايالىنىڭ قىلىقلىرىغا سەلىمباينىڭ ئۆتى يېرىلىپ كەتكۈدەك ئاچچىقى كەلسىمۇ، يەنە ئامالسىز ھەممە دەردلىرىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر ئىدى. ھەرئىككەيلەن ئۆيگە شۇنداق ئادەم كىرگۈدەك بولسا ئاجايىپ ئىناق، مىھماندوست بولۇپ مىھماننىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. قىلچە چاندۇرۇپ يۈرمەيتتى. ،بۇ تەرىپىغۇ بىر قەدەر بولىدۇ، ئەمما بۇ بۇزۇق ئايالنىڭ دەستىدىن ئىچىمدىن تۆگىشىپ كەتتىمدە...، سەلىمباي ئېغىر ئۇھ تارتقىنىچە بىرھازا مەھەللىنىڭ قاراڭغۇلۇق قاپلاپ تۇرغان يوللىرىنى مەقسەتسىزلا ئايلاندى. ئايالىنىڭ چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئاشۇ جادۇگەر نابۇت قىلىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. تېخى ،مەنمۇ تازا ئوينىدىم، دىگەن ئاقسانى دەيمۇ؟ يىل ئون ئىككى ئاي سامانلىقنىڭ ئارقىسىدا يېتىپ ئۇخلايدىغان بىر لەقۋا ئوغرىغۇ؟ تۈفىي، ئايال كىشى دىگەن ھاراملىقنى! ئەگەر ئۈستىدىن تۇتىۋالىدىغان بولسام چانىۋىتەرمىنا، سەن لامزەللە خوتۇن مىنى رەللە قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان بولدۇڭ، گەرچە ياش بىريەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ ھەركۈنى يەپ تۇرىدىغان گۆش-كاۋاپنىڭ تەسىرىدىنمۇ تېخى كۆڭۈل ياش تۇرۇپتۇ. ئەمما سەن ئۆزەڭنىڭ ئاياللىق مەجبۇرىيىتىڭنى ئورۇنلاشقا لايىق كەلمەيسەن، قاچان ئاشۇ ئاقسانىڭ گېپىنى قىلدىڭ، شۇندىن بويان سەندىن كۆڭلۈم چورتلا قالدى. ئەمما چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يىمىسەڭ...  ھەراست ھېلىقى چاغدا بىزنىڭ ئۆينى قۇرۇغدىغان، كىيىن ئۆزىنىڭ بېشىنى يىگەن ئالىمنىڭ، تامدا ئۇچىدىغان ئالىم ئوغرىنىڭ خوتۇنى ئاينۇر دىگەن كاساپەتكە ئادەمنىڭ ئەجەپ ئىچى كۆيىدۇ جۇمۇ؟ ناز-خۇلقلىرى جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدۇ كاساپەتنىڭ. تېخى ئادەمنى سۈيۈندۈرىدىغان قوشاقلىرى، ھى،ھى... ئەمما ئايالىچۇ؟ خۇددى ئۆلۈپ كەتكەن چوشقىدەك ياتىدۇ. ھەراست، ،تومۇچۇق، ئۆيىدە بارمىدۇ؟، سەلىمباي بىردىن ئاينۇرخاننىڭ نازلىرى، ئويۇنلىرىنى ئويلاپ يۈرىكى ئىختىيارسىز كۈچلۈك سوقۇشقا باشلىدى. دېمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئايال زاتىغا يېقىنلىشىپ باقمىغىنىغا ئوزۇن بولۇپ كەتتى ئەمەسمۇ؟ توختا، بۈگۈن بىر بېرىپ باقاي، ئەگەر بولۇپ قالسا... ئۇنىڭ يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ، ئىختىيارسىز قەدەملىرىنى ئۇياقتىكى كوچىغا- ئاينۇرخانلارنىڭ كوچىسىغا بۇرىدى. ئەمما تۆت-بەش قەدەم مېڭىپ بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ يادىغا مەسچىتتە ئىمامنىڭ ،زىنا ھارام قىلىنغان ئىش، ئايالى تۇرۇپ زىنا قىلغان كىشىنى ئىسلام دىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. قىيامەتتە جان يېرى ئازابلىنىدۇ. ئۆزى خار قىلغۇچى ئازاپقا مۇپتىلا قىلىنىدۇ...، دېگىنى يادىغا يەتكەنىدى. بۇ سۆزلەر ھازىرچە ئۆزىدىن يىراقتەك تويۇلسىمۇ، ئەمما سەلىمبايغا كۆرۈنمەس بىر ۋەھىمىدىن سىگنال بەرگەنىدى.

           ئىنسان شۇنداق نەرسە، باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ-يۇ، ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۈستىگە كەلگەندە، تەبىئىلا ئۆزىنى ئاقلاش، ھەرقانداق مۈشكۈلاتقا باھانە ئىزدەش خاھىشى توغۇلىدۇ. ئۇ قانداق قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى. ئەمما ئايالى ھەم ئايالىنىڭ سۆزلىرىنى ئويلىغىنىدا ،شۇنداق قىلغىنىڭغا...، دىدى ۋە ئاينۇرخاننىڭ تاتلىق نازلىرىنى خىيالىدىن چىقىرىۋىتەلمەي بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئاينۇرخاننىڭ ئۆيى ئالدىغاكەلدى. ئۇ ئىشىكنى چىكەي دەپ ئويلىدىيۇ، بىردىنلا نىيىتىدىن يېنىپ باغدىن كىرىپ ئارقا ئىشىككە باردى ۋە ئىلگىرىكىدەك ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئۈچنى چەكتى. ئەمما تىۋىش بولمىغاندىن كىيىن يەنە تەكرار چەكتى. ئىنىقكى ئۇنىڭ بۇ ئىشىك چېكىشلىرى ھەردائىم جاۋابسىز قالمايتتى.



-3-

-ۋوي بۇ يەردە تۇرۇپسىزغۇ؟

-بىر ئۆيدە تۇرۇپ كۆرۈشكىلى بولمىغاندىن كېيىن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇردۇم.

-بۇنداق قىلسىڭىز مەن خىجىل بولىدىكەنمەن.

-مەن خىجىل بولمىسام تېخى سىز خىجىل بولامسىز. يۈرىڭە، ئۆيىڭىزدىكلەرنى بىرگە يوقلايلى.

ئەتە ئاشخانىنى ئاچمايدىغان كۈن بولغاچقا ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ ماڭغان ياسىن گۈلنارنىڭ ئۆزىنى بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرىدىغانلىغىنى پەقەت خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. ،ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بارسا ئاتا-ئانىسى قانداق ئويلاپ قالىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەشەمەتلىك ئۆيدە كۆنۈپ قالغان بۇ قىز ئۆزىنىڭ ئادەتتىكىچىلا ئۆيىنى كۆرسە قانداق ئويغا كېلىپ قالار؟، ياسىن ھەقىقەتەن ئىككىلىنىش ئىچىدە قالغان ئىدى. ئۆيگە يېقىنلا قالغان بولغاچقا قىزنى كەتكۈزۈۋىتىش تېخىمۇ بىئەپ. ،ئەمما ئېلىپ بارسا... بۇ قىزغۇ مەيلى، ئۆيدىكىلەر نىمە دەپ قالار... ؟،

-مىنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ بېرىشتىن نومۇس قىلىۋاتامسىز؟

-ياقەي، قانداقمۇ نومۇس قىلاي، مەن بىر نامرات يىگىت، سىز باينىڭ قىزى تۇرسىڭىز.

-سىز مىنى مەسخىرە قىلماڭ. ھەممىمىز ئوخشاش ئادەم. ئېلىپ كىرەمسىز-كىرمەمسىز؟-،گۈلنار ئەمدى راستلا خاپا بولغاندەك ئىدى.

-ۋاي بولدى ئېلىپ كىرەي. كېتىڭ دېسەممۇ كەچ كىرىپ كەتتى ئەمدى. ئەمما...

-ماقول بولۇپ بولدىڭىز، ئەمدى نىمە ئەمما؟ ما قولۇمدىكى نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشۈپ بىرەمسىز.

-نىمىلەر بۇ؟

-ئاتا-ئانىڭىزغا ئازراق بىرنەرسە ئېلىۋالغان ئىدىم.

-نېمىشقا كۆتۈرۈپ يۈرگەنسىز بۇلارنى. سەت بولارمىكىن؟

-ھە بولدى يۈرۈڭە، سىزنى مۇشۇنداق ئۈستۈن خاراكتىرگە ئىگە قىلىپ قويغان ئۆيۋاق-ماكانىڭىزنى مەن بىر كۆرەي.

-كۆرسىڭىز بىر كەپە، سىزنىڭكىدەك ھەشەمەتلىك ئەمەس، كۆرۈپ بولۇپ مۇنداق بولۇپ قالارسىزمىكىن؟

-سىزگىمۇ ئايان، مەن ھېلىمۇ ،مۇنداق، بولۇپ قېلىقلىق، بولدى مېڭىڭە.

        ياسىن قىزنىڭ ئۇرغۇلۇق قىلىپ ھېلىمۇ ،مۇنداق بولۇپ قېلىقلىق، دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى، ئەمما ئۇنىڭ نېمە دەپ ئۆزى بىلەن بىرگە بارماقچى بولغانلىغىنى بىلەلمەي ئامالسىز يەنە ئۇنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئويىچە گۈلنارنىڭ بۇيەرگە كەلگۈدەك جۈرئىتى يوق بىر قىز، ئەمما ياسىنغا بۈگۈنكى بۇ ئىشنىڭ تېگىدە قانداقتۇر بىر ئويۇن باردەك، گۈلنارنىڭ كەينىدە بىرى، يەنە كېلىپ گۈلنارنى ئەڭ چۈشىنىدىغان بىرى يول كۆرسىتىۋاتقاندەك ئىدى. 
       سۈيىگە قىپ-قىزىل شوخلا سۈيى سېلىپ ئىنچىكە كىسىپ ئېتىلگەن ئۈگرىنى ھويلىدىلا ئىچىشىپ ئولتۇرغان ياسىننىڭ ئۆيىدىكىلەر قاملاشقان بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ كىرىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى. ئاندىن چاچلىرىنى گەدىنىگىچە ئۆستۈرۈۋالغان، تولۇق شەھەر پەدىسىدە ياسانغان ئۆسكىلەڭ يىگىتنىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىگىنى تونۇغان ئانىنىڭ قورۇق باسقان چىرايى نۇرلىنىپ ئورنىدىن ئىتتىك تۇردى ۋە:

         -ياسىن بالاممۇ سەن، كەل قوزام-دېگىنىچە ئالدىغا ئوقتەك ئۇچۇپ باردىيۇ، بىردىن يېنىدىكى قىزنى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك بىردە ياسىنغا، بىردە قىزغا قاراپ تۇرۇپ قالدى.

-تىنچلىقمۇ ئانا. سەن تونۇيسەنغۇ؟ ئۇستامنىڭ قىزى،-دېدى ۋە ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، كۆزلىرى ياشاڭغۇراپ تۇرغان دادىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يانغا قارىۋالدى.  ئانىسى گۈلناردىن ئەھۋال سوراي دەپ تۇرۇشىغىلا گۈلنار:

-ئوبدان تۇردىلىمۇ ئانا،-دەپ ياسىننىڭ ئانىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشتى. ئۇنىڭ بۇ قىزغىنلىقىدىن ئانىنىڭ قەلبىگە بىر ئىسسىق ئېقىم تارالدى. گۈلنار باشقىلار بىلەنمۇ شۇنداق يېقىملىق كۆرۈشتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ يېنىغا جايلىشىپ:

-نىمە تاماق بۇ؟ ۋاي-ۋۇي ئۈگرىكەنغۇ، كىچىك چېغىمدا ئانام مۇشۇنداق تاتلىق ئۈگرە ئېتىپ بېرەتتى. ماڭىمۇ بىر چىنە ئۇسسۇپ بەرسىلىچۇ؟-دىدى. ئۇنىڭ جۈرئەتلىكلىگى، خوشخۇيلۇقى بۇ ئائىلىدىكى تەئەججۈپنى قىزغىنلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىپ باراتتى. ياسىننىڭ ئىككى سىڭلىسى ۋە ئىنىسى بۆلەكچىلا شادلىنىپ كەتكەن، گۈلنارمۇ ئاش ئۇسسۇلۇپ بولغىچە ئېلىپ چىققان پىرەنىك، كەمپۈت... قاتارلىق تاتلىق-تۈرۈملەردىن ئېلىپ، شادلىقتىن ھەممە يىرى كۆلۈپ تۇرغان بالىلارغا تۇتقۇزۇپ ئۈلگۈردى. ئاندىن ھورى ئۆرلەپ تۇرغان ئۈگرىدىن ماختاپ تۇرۇپ بىر چىنە ئىچتى. ئۆيدىكىلىرىدىن ئىختىيارسىز خىجالەت بولۇپ قالغان ياسىن بىردە گۈلنارغا زوقلىنىپ قاراپ ئولتۇرغان ئاتا-ئانىسى، ئىنى-سىڭىللىرىغا، بىردە خوشاللىقتىن قىلغىلى قىلىق تاپالمايلا قالغان گۈلنارغا قاراپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى. ئۇنىڭغا گۈلنار ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىۋاتقاندەك، بىراق ئۇ بۇ ئۆيگە تەبىئى سىڭىپ كەتكەندەكلا بىلىنىپ ئىچ-ئىچىدىن سەبىيلىكى بىلەن ئوماقلىقى چىقىپ تۇرغان گۈلنارغا قاراپ ئىچى ئىسسق بولۇپ قالدى. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن گۈلنار:

-ماۋۇ توخۇ گۆشىنى ئالغاچ چىققان، ھەرقايسىلىرى بالىلار بىلەن يىسىلە. بولمىسا ئەتىگىچە بۇزۇلۇپ قالمىسۇن، يەنە مۇنۇ گۆشنى سالقىنراق بىر يەرگە ئېلىپ قويسىلا ئەتىگەندە ياسىن تاتلىق بىر تاماق قىلىپ بىرەر. ئاندىن مۇنۇ رەختنى بىرمە قىلىپ كىيەرمىكىن دەپ سىلىگە ئاچىققان،-دەپ رەختنى ياسىننىڭ ئانىسىغا سۇندى. ياسىننىڭ ئانىسى بولسا:

-ۋاي ئوماق بالام، نېمە قىلاتتىڭىز بۇلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئەستا...-دىدى ۋە قىزنىڭ قولىنى قايتۇرۇشنى بىئەپ كۆرۈپ رەختنى ئالدى. بالىلار بولسا بىردە توخۇ گۆشىگە، بىردە گۈلنارنىڭ ئوماق چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ قالغان، بوۋايمۇ گەپ سۆزسىز جىمىپ كەتكەن ئىدى. ياسىن بولسا تېخىمۇ بىئەپ ئەھۋالدا قالغانىدى. ئاخىرى جىملىقنى يەنە گۈلنار بۇزدى ۋە:

-ۋاي ئېلىڭلار ئۇكىلىرىم، سىلىمۇ ئالسىلا دادا، ئېلىڭە ياسىن سىزمۇ،-دىدى ۋە توخۇ گۆشىنى ئۆزى پارچىلاشقا تۇتۇندى. ياسىن بىردىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانىدى. گەرچە ئۇنىڭ يۈرىكى كۈچلۈك سوقۇپ، تاتلىق بىر سېزىم پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئوراپ تۇرۇۋاتسىمۇ ئۇ جۈرئەتلىك بولۇشقا، ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈشكە يەنىلا ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتى. بىردىن ئۇ گۈلنارنىڭ قوللىرىنىڭ قولاشماي قېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئىتتىكلا:

-بولدى، مۇنداق قىلىڭە، مەن پارچىلاي،-دىدى ۋە گۈلنارنىڭ قولىدىن پىچاقنى ئېلىپ ئۆزى پارچىلاشقا باشلىدى.

-4-

نېمىشقىدۇر، ياسىننىڭ ئۇيقۇسى قاچتى، بىرھازا ئورنىدا كۆزى ئوچۇق ھالدا ياتتى، ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپ تىۋىش چىقارماي ئاستاغىنە سىرتقا چىقتى. بۇ چاغ ئاللىقاچان ئەل ياتقۇ بولۇپ قالغان، ھەممە ياق ئۆلۈم جىمجىتلىغىغا چۆمگەن ئىدى. سۈتتەك ئاي نۇرى ئەتراپنى ئېقىش نۇرغا تولدۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى دۆڭلۈككە يانداشتۇرۇپ ياساپ قويۇلغان تال بارىڭىنىڭ ئاستىغا كىلىپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئىچىنى تىڭشاپ يۇمشاق قۇم ئۈستىدە بىر پەس ئولتۇردى. شۇ چاغدا ئىچ-ئىچىدىن بىر دەرتلىك تىنىق سىرتقا ئېتىلىپ چىقتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئازابلىق قەلبىنى ئاچچىق ئەسلىمىلەر ئۆز قوينىغا چىللىماقتا ئىدى...

ئۇ ئەسلىدە شوخ بالا ئىدى. مەھەللىدىكى ھەممە بالىلار ئۇنىڭ ئاغرىغا قارايتتى. ئۇ نېمىنى راست دىسە بالىلارمۇ شۇنى سۆزسىز ،راست، دېيشەتتى. مەھەللىنىڭ بېشىدىكى شورلۇقتا قوي باققىلى بارغىنىدا ئۇ بالىلارنى خىلمۇ-خىل ئويۇنلارغا تەشكىللەپ ئوينايتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئەشۇ قوۋناق كۈنلىرى ئوزۇنغا بارمىدى. بىركۈنى مەكتەپتە مۇئەللىمى ئۇنى ،كەپسىزلىك قىلدىڭ، دەپ ناھەق ئۇردى. بۇ ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم بولدى. نىمە قىلارنى بىلەلمەي ئاخىرى ھېچكىمگە دەپ قويمايلا باش ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. چىقىپ كەتتىيۇ، كىچىككىنە بېشىغا كەلگەن مۇساپىرلىقنىڭ ئاچچىق ئەلەملىرى ئۇنى يەتكۈچە خارلىدى. ئۇ ئۇياقتا سەرسان بولۇپ، بۇيەردە خارلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى قەشقەردىكى بىر داڭلىق ئاشخانىدا تۇرۇپ قالدى. نەچچە يىل ئۆتۈپ دەسلەپتىكى يۇندا تۆككۈچى، قاچا-قۇچا يۇغۇچىلىقتىن بارا-بارا ئاشخانىدىكى بارلىق ھۈنەرلەرنى پۇختا ئۈگىنىپ بولغان ئۇستىغا، ئەتىۋارلىق ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بويىمۇ ئۆسۈپ ئاللىقاچان يىگىتلىك يېشىغا يەتكەن، قىزلارنى كۆرسىمۇ يۈرىگى سېلىپ كىتىدىغان ياشقا بېرىپ قالغان ئىدى. شۇچاغدىمۇ ئۇ قەشقەردىكى ئۇستىسىنىڭ كەنجى قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، قىزمۇ ئۇنىڭغا كۆيۈپ يۈرەتتى. ئىككىسى پات-پاتلا يالغۇز كۆرۈشۈپ ئاجايىپ تارتىملىق سۆھبەتلەرنى قىلىشىپ مۇڭدىشىپ كېتەتتى. بىر-بىرىگە قانماي سائەتلەپ ئولتۇراتتى، ھەتتا يالغۇز جايلاردا بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ قالاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنداق شىرىن كۈنلىرى ئۇزاققا بارمىدى. ئۇستىسى بۇ ئارزۇلۇق قىزىنى بىرسىگە زورلاپ تويلاپ قويدى. ئىككىسىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، يۇشۇرۇن كۆيۈشلىرى سىر پېتىچە قېلىۋەردى. ئەمما ئۆزى تۈگىشىپ كەتتى. تاماقتىن، ئۇيقۇدىن قالدى. سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنىڭغا بەكلا ئەلەم بولغانىدى. ئەشۇ پەيتتە ئالىم-كىيىنكى ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان دوستى ئالىم تۇرمۇشىغا كىرىپ كەلدى. ئادەمگە ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ يىگىت قەشقەرگە ئاللىقانداق بىر ئىش بىلەن چىقىپ قالغان بولۇپ، ئاشۇ ئاشخانىدا تاماق يىيىش جەريانىدا  ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئىككىسى بىر يېزىدىن بولغان بولغاچقا ياسىن ئالىم بىلەن تونۇشۇپلا ئىختىياسىز ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنىدەك كۆردى. ئۇنىڭ بەكلا ئەقىللىقلىقىنى ھىس قىلىپ ئۆزىگە ئەڭ ياخشى دوست بولۇپ قالىدىغاندەك بىلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىم راستلا ناھايىتى چىۋەر بولۇپ ياسىننىڭ ئازاپلىرىنى چۈشىنىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ،مەن بىلەن بىرگە تىجارەت قىل. بىر ئوبدان پايدا ئالىمىز، بۇ يەردە دۇزاخ ئازابى تارتقىچە ئىككىمىز ئىشلەپ بىرگە راھەت كۆرمەمدۇق، دىدى. ئاشخانىدىكى كۈنلىرى ھىجران دەردىدە زىنداندا ئۆتىۋاتقاندەك ئازابلىنىپ كېتىۋاتقان ياسىن نىمە ھۈنەر، نىمە تىجارەت ئىكەنلىگىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئالىمنىڭ گېپىگە  قوشۇلۇپ بەش-ئون يىل ئۆزىنى ئىللىق قوينىغا ئالغان ئاشخانىدىن جىمجىتلا كېتىپ قالدى. ئەگەر يەنە تۇرۇۋەرسىمۇ ئىچكى كۆيۈك، جۇدالىق تۈپەيلى ئۆزىنىڭ تايانچسىز ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغاندەك ھىس قىلىپ قالغانىدى. چۈنكى ئۇستىسىنىڭ قىزى پات-پاتلا ئاشخانىغا كېلىپ تۇراتتى ۋە ياسىنغا ناھايىتى بىر مۇرەككەپ ئىپادە بىلەن قاراپ كېتەتتى. بۇنىڭدىن ياسىننىڭمۇ قەلبى بەكلا ئۆرتىنىپ كېتەتتى. ياسىن ئاشخانىدىن كەتتىيۇ، يۈرىكىنىڭ تېڭى ئەشۇ ئاشخانىدا قالدى، پۇشايمانمۇ قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى، تۇنجى سۆيگۈسى شۇنداقلا ئۆمرىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىدىكى ئازاپ ۋە شادلىقلىرى ئاشۇ يەردە قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئالىمنىڭ قانداق ھۈنېرى بارلىقىنى بىلىپ قالغان ئىدى. ئالىم داڭلىق ،لاخشىگىر، بولۇپ، كۆزىگە ئىلىنغانلىكى پۇلنى ھەرباب بىلەن سۇغۇرۇۋالىدىغان ماھىر ئۇچار ئوغرى ئىدى. ياسىن بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئالىمدىن ئايرىلىپ كەتمەكچىمۇ بولدى. بىراق نەگە بارىدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئۇستىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ جېنىنى جان ئېتىشى، ياكى يۇرتقا قايتىپ كىتىپ بىرەر ئىش قىلىشىمۇ مۈمكىن ئىدى، ئەمما بىر كۈنى ئۇ ئالىم بىلەن كوچىغا چىققىنىدا ئالىمدا ھىچقانداق ئوغرىدا كۆرۈلمەيدىغان بىر مەردلىك ۋە پەزىلەتنى كۆرۈپ قالدى. شۇ كۈنكى ئىشنى ياسىن پەقەت ئۇنتۇيالمايتتى. ھېيتگاھدىكى قايناق بازاردا ياسىن بىلەن ئالىم بىر قاچىدىن دوغ ئىچمەك بولۇپ تۇرغىنىدا بىر لـۆكچەك بىر مۇنچە شىرىكلىرىنى باشلاپ كېلىپ دوغچىلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالغا كۈپكۈندۈزدە پوخۇرلۇق قىلىشقا باشلىدى. ئايال ئۇنىڭدىن بەكلا قورقىدىغان چېغى، ھېلىقىنىڭ قىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىپلا تۇراتتى. ھېلىقىلار ئايالنىڭ بۇ ئىشىنى ئۆزىگە بوي سۇنغانلىق دەپ قالدىمۇ، تەپ تارتماستىن غەللە ساندۇقىغا قولىنى سېلىپ ئىچىدىكى پۇللارنى سىيرىپلا ئېلىپ يانچۇغىغا سالدى ۋە قاقاھلاپ كۈلۈشكىنىچە كېتىپ قېلىشتى. غەللىدە ئۇششاق پۇللاردىن سىرت يەنە خېلى كۆپ چوڭ پۇللارمۇ باردەك ئىدى. ھېلىقى ئايال ئۆپكىدەپ يىغلىغىنىچە يا ۋاقىرىشىنى، يا ئۇلارغا يېلىنىشنى بىلەلمەي ئىككى يېنىغا قاراپ لېۋىنى چىشلىگىنىچە تۇرۇپ قالدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بولسا ئايال ئاللا-توۋا قىچقىرىپ زارلاشقا باشلىدى. ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغان ياسىننىڭ غەزىپى ئۆرلەپ ھېلىقىلارغا بىرنېمە دەي دەپ تۇرغىنىدا يېنىدىكى ئالىمنىڭ بىردىن يوقاپ كەتكەنلىگىنى ھىس قىلىپ ئىچى ئاچچىق بولۇپ گەپ قىلمىدى. ئالدىدىكى قايماقلىق دوغنىمۇ ئىچكۈسى كەلمىدى. كۆڭلىدە ،مۇشۇنداق چاغدا قېچىپ كەتكىنى نېمىسى، كۈندۈز تۇرسا، ھېلىقىلار ھەرقانچە ۋەھشى لـۈكچەكلەر بولغان تەقدىردىمۇ ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلىشىپ بەرسە نىمە بولارئىدى، ئادەم مۇشۇنداق ۋاقىتتا تاياق يېسىمۇ ئەرزىيتتى ئەمەسمۇ، دەپ ئويلاپ ئالىمدىن ئاغرىندى، ئۆزىنىڭ يۈرەكسىزلىكىگە، مونۇ ئايال بولاڭچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ،قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ھە، دەپ قويۇپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك بىپەرۋا دوغ ئىچىۋاتقان ئاۋۇ ئادەملەرگە قاتتىق ئېچىندى. ئالىمنىڭ ئۆزىگە دەپ قويمايلا كېتىپ قالغىنى بولسا ئۇنىڭغا خېلىلا ئەلەم بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئاز ساقلاپ باققاندىن كېيىن قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ، كەينىگە بۇرۇلىشىغىلا ئالىم ھاسىرىغىنىچە يېتىپ كەلدى ۋە قولىدىكى بىر بولاق پۇلنى تېخىچە ئۆپكىدەشتىن، پەرۋاسىز ھالدا دوغ ئىچىۋاتقان ئادەملەرگە قاراپ ھېلىقىلارنى قارغاشتىن توختىمىغان ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ۋە:

         -ئۇنداق لـۈكچەكلەرگە بوزەك بولغانسىرى بوزەك قىلىدۇ، ئەمدى كەلسە ۋارقىراڭ، تىللاپ ياقىسىغا ئېسىلىڭ. كۈپ-كۈندۈزدە شۇنداق قىلىپ يۈرسە، ئۇلارنى ئا مۇز چاقىدىغان بولقىڭىز بىلەن ئايىماي سېلىڭ. ھەرقانچە بولسىمۇ ئادەم يىمەيدىغۇ،-دىدى. ھېلىقى ئايال كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك ئالىمغا قاراپ بىرھازا تۇرۇپ قالدى. ئاندىن توختىماي رەھمەت ئېيتىپ كەتتى. ياسىننىڭمۇ ئالىمنىڭ قىلىقلىرىغا مەستلىگى كەلگەنىدى. چۈنكى بۇ ،لاخشىگىر، ھېچقانچە ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلمايلا ھېلىقىلارنى ئوڭدا قويۇپ، مونۇ يۈرىكى ئازابتىن يېرىلغۇدەك بولغان ئايالنى خاتىرجەم قىلغانىدى... ئالىم مەرد بولۇپلا قالماي ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقى بىلەن ياسىننىڭ كۆڭلىنى ئەنە شۇنداق مايىل قىلىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىمنىڭ ئولجىلىرىنى ئىككىسى خالىغانچە خەجلەيتتى. ياسىننى پەقەت ،ھۈنەر،گە سالمايتتى. بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ ئىشلەي دىسە ئالىم قويمايتتى. ئىككىسى ئاشۇنداق بەگدەك ياشاپ، شەھەرمۇ-شەھەر ئايلىنپ يۈرۈپ ئاخىرى يەنە ئۆز يۇرتىغا، ئۆز يېزىسىغا قايتىپ كېلىشتى. ئالىم كۆرگەنلا نەرسىگە چېقىلىدىغان چۈكىنەم ئوغرىلاردىن ئەمەس بولۇپ، راسا تومپىيىپ قالغان، ئۆزىنى بىلمەي ئىغاڭلاپ قالغانلارنى جىمىقتۇرۇپ قويىدىغان ،ئۇچار قانات،لاردىن، يەنە كېلىپ يۇۋاشلارغا، ئاجىزلارغا ئايانماي پۇل بىرەلەيدىغان سېخى ئوغرى ئىدى. ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق مەردانىلىكلىرىنى ئالىم ياسىنغا ،ئوغۇلبالىچىلىق، دەپ شەرھىيلەپ تۇراتتى. ياسىنمۇ كىچىكىدىن ئەتراپلىق تەربىيىلەنمىگەن، جەمئىيەت كۆرۈپ چوڭ بولغان بولغاچقا بارغانچە ئالىمنىڭ قىلغانلىرىنى يامان ئىش دەپ تونۇمايدىغان، ئۇنىڭ غەمخورلۇقلىرىغا ئۆزىنى قەرزداردەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ياسىننىڭ نەچچە يىل يوقاپ كېتىپ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرگەن ئاتا-ئانا خوشال بولدىيۇ، ھەمىشە ئۆيدە تۇرمايدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇرتتا نام ئېلىپ قالغان ئالىم بىلەن كېچە-كۈندۈز بىللە يۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالغېنىدىن سەل گۇمانلىنىشقا باشلىدى. ياسىن بۇ چاغدا ئالىمغا ئوبدانلا ئىچەكىشىپ قالغان بولۇپ ئالىمنىڭ ياسىننى پات-پات تەربىيىلەپ تۇرىدىغان ياشاش يۇلى ھەققىدىكى تەربىيىلىرى، ئۆز ھۈنىرىدىكى چىۋەرلىكى، يۇۋاشنى بوزەك ئەتمەيدىغان، قىلغان ئىشىدىن قىلچە يوچۇق، ئىز قالدۇرمايدىغان ئەقىللىقلىقى، خوشچاقلىقى ئۇنى بەكلا قايىل قىلاتتى. بارا-بارا ئۇمۇ تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ ئالىم بىلەن بىرگە ،ھۈنەر،گە چىقىدىغان، ئانچە-مۇنچە قولۇپ يۈمۈرۈپ، تام تېشىدىغان ،ئەزىمەت، بولۇپ قالدى. قاچانلاردىدۇر نىكاھىغا ئېلىۋالغان چىرايلىق خوتۇنىنى ئوبدانلا ياساندۇرۇپ قويىدىغان ئالىم ياسىنغا پات-پاتلا ،سەن مۈڭگۈز تۇۋاقنىمۇ ئۆيلەپ قويسام بولاتتى، دەپ چىقىشىپ قوياتتى. ياسىن ئالىمنىڭ بۇ غىلجىڭ ئايالىنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى. بۇ خوتۇن نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمايتتى. بىر كۈنى ياسىن پىلان بويىچە ئالىمنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇلار بۆگۈن يېزا بويىچە داڭلىق باي-سەلىمباينى ئوڭدا قويماقچى ئىدى. لېكىن ياسىن كەلگىنىدە ئالىم ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقتى. ياسىن قايتىپ كېتىشنى ئويلىدىيۇ، بىر ئاز ساقلاپ باقماقچى بولۇپ ئولتۇردى. ئالىمنىڭ ئايالى ئاينۇر ئىچ كىيىملىرى بىلەنلا ئولتۇرغان بولغاچقا ياسىن يەنە قورۇنۇپ چىقىپ كەتمەك بولدى. ئەمما چىقىپ كىتەلمىدى. كۆزى ئالىمنىڭ ئايالىغا، ئاينۇرنىڭ روباشكا ئىچىدىكى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان مەيدىسىگە، خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى. ياسىننى كۆرسىلا قانداقتۇر بىر سىرلىق قاراشلىرى، نازلىرى بىلەن قارشى ئالىدىغان بۇ چوكان ئەسلىدىنلا شەھۋەتنىڭ قولى بولۇپ كەتكەن ،موللاقچى، بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ھەمىشە ياسىننى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدىلا يۈرەتتى. ياسىننىڭ شۇ تاپتىكى تىترەشلىرىنىڭ سەۋەبنى ئۇ ئاللىقاچان بايقىغان، ياسىننىڭ ئۆزىنى تۇتالمايلا قالغانلىقىنى، كۈتكەن پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىگىنى سېزىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. بۇ چاغدا ياسىن ئورنىدىن تۇرۇپلا پەگادىكى سىمغا ئېلىندۈرۈپ قويۇلغان لـۆڭگىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىنى سوزغان ئاينۇرنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىۋالدى...
             بۇ ئىش شۇنداق تىز يۈز بەردىكى، ياسىن ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىپ قويغانلىغىنى، قانداق پاتقاققا تېيىلىپ كەتكەنلىكىنى سەزگىنىدە ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان ،قارا قول، بولۇپ قالغانلىقىنى سەزدى. شۇڭا ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ قاتتىق چۆچۈدى، پۇشايمان قىلدى. ئۆزىدىن، ئاينۇرخاندىن يىرگەندى. ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالمايلا قالدى. ئالىم تېخىچىلا قايتىپ كەلمىگەنىدى، ئاخىرى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا ئالىم بىلەن پىلانلىغان بۈگۈنكى ئىشنى ئۆزى يالغۇز قىلماقچى بولدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى قاتتىق جىنايەتكار ھىس قىلغان، ئەشۇ جىنايىتىنى يۇيۇش ئۇسۇلىنى ئاشۇ ئىشنى قىلىش دەپ ئويلاپ قالغانىدى. ئۇ تۆنۈگۈن ئالىم بىلەن پىلانلىغىنى، تۈزگەن لايىھىسى بويىچە ئۆزى يالغۇز سەلىمباينىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، چاندۇرماي تامدىن ئارتىلىپ، كۆزلىگەن يىرىدىن سەلىمباينىڭ بارلىق پۇللىرىنى ئوڭۇشلۇق قولغا چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئويىچە ئۇ قىلچە چاندۇرمىغان ئىدى. بۇ چاغ تۈن نىسپىدىن ئاشقان ۋاقىت بولۇپ قالغاچقا ئۇ قايتماقچى بولدى. ئەمما ئۇ ئۆيىگە قايتمىدى. ئاستا قەدەملەر بىلەن ئالىمنىڭ ئۆيىگە-تېخى بايىلا ئۆمرىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئەڭ شېرىن، ئەمما ئەڭ رەزىل ئىشنى تاماملىغان جايغا قاراپ ماڭدى. بەلكىم ئۇ سەلىمباينى ئوڭدا قويۇشنى بىرگە پىلانلىغاندىن كېيىن ئولجىدا ئالىمنىڭمۇ ھەققى بار دەپ ئويلىغان بولۇشى مۈمكىن، بەلكىم باياتىنقى ئىش تۈپەيلى ئۆزىنى ئالىمغا قەرزدار ھىسابلىغان بۇلۇشى مۈمكىن. ئۇ ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ھىسلار ئىلكىدە ئالىمنىڭكىگە بارغىنىدا ئالىم ئەمدىلا ئۆيىگە كەلگەن بولۇپ، ئىككىسى ئۇيقۇدىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ تۇرغان ئاينۇرغا قاراپ قويۇپ سىرتقا چىقتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەممە ئىشلىرىنى ئاينۇردىن يۇشۇرۇن تۇتاتتى. ياسىننىڭ كۆڭلىدە ئالىم باياتىنقى ئىشنى بىلىپ قالغانمىدۇ دېگەن بىر ئەندىشە بار بولسىمۇ ئەمما ئالىم ھىچنىمىدىن بىخەۋەر ھالدا ياسىنغا ،سەنمۇ كېچە پادىشاھى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىڭغۇ، كۆز تەگمىسۇن، دەپ چاقچاق قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ باشقا بىر ئولجىنى قولغا چۈشۈرگىنىنى ئېيتىپ ياسىنغا بىر-ئىككى كاللەك پۇلنى تۇتقۇزدى. ياسىنمۇ سەلىمباينىڭ ئۆيىدىن سوققان پۇللارنى قالدۇرماي ئالىمغا بەردى. بۈگۈن ئۇلار بىر-ئىككى ئاي ،تىجارەت، قىلمىسىمۇ بولغىدەك كۆپ مول ھۇسۇل ئالغانىدى. ياسىن ئالىمنىڭ چاقچاق بىلەن ئۇزىتىپ قويۇشلىرىغا ئۈندىمەي قايتىپ كەتتى.

-5-

         ياسىن ئەتىسى قاتتىق ھەيران قالدى. ئالىمنى ،سەلىمباينىڭ ئۆيىنى قۇرۇقدىغان، دەپ نەق پۇل بىلەن قولغا ئالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئالىم ئىش قىلغاندا ئىز قالدۇرمايتتى. ئەمما ياسىن چاندۇرۇپ قويغان بولۇپ سەلىمباينىڭ ئۆيىدىكىلەر ياسىننىڭ شەپىسىنى سىزىپ قېلىپ ئاز ئۆتمەيلا پۇلنىڭ ئوغرىلانغىنىنى تۇيغان ۋە ساقچى چاقىرىپ ئاياغ ئىزىغا ئاساسەن كېچىلەپ ئالىمنى نەق پۇل بىلەن قولغا ئالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالىم بەش يىللىق كېسىلىپ كەتتى. ياسىن ئالىم بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا ،راستىنى ئېيتايلى ئاداش، ئۇ پۇلنى ئۆزەم ئوغرىلىغاندىن كېيىن ئۆزەمنى مەلۇم قىلاي، دىۋىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئالىم ،ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ مىنى يەنىمۇ ئۇزۇنراق ياتسۇن دەمسەن، دەپ ۋارقىرىدى. ياسىن ھەيران بولۇپ ،بۇ نىمە دىگىنىڭ، دەپ سورىغىنىدا ئالىم ،ھەممىنى ئۆزەم ئۈستۈمگە ئالدىم، ئەگەر سىنى پاش قىلسام، جىنايىتىم يا يىنىكلەيدۇ ياكى بولمىسا شىرىكلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ ئېغىرلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساڭا تېخى چىكىت قويۇلمىغان. شۇڭا سىنى پاش قىلمىدىم، سىنىڭمۇ ئۆزەڭنى مەلۇم قىلىشىڭغا يول قويمايمەن. سەن ياسىن، ئوغرىلىققا ماس كەلمەيدىكەنسەن. ئەگەر مىنى ھەقىقى دوستۇم دەپ بىلسەڭ بۇندىن كېيىن بۇ ئىشنى تاشلا، دىدى. ياسىن جىم تۇرغانىدى، ئالىم ياسىننى سىلكىپ تۇرۇپ، ،ماڭا ۋەدە بەر، دەپ ۋاقىرىدى. شۇندىلا ياسىن ئالىمغا ۋەدە بەردى. ياسىننىڭ ئالىمغا بەرگەن ۋەدىسى بۇلا ئەمەس ئىدى. ئالىم شۇ گەپلەرنى دىگەندىن كېيىن يەنە ياسىننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ،سەن يەنە ماڭا بىر ئىش توغرىلىق ۋەدە بەر، دىدى. ياسىن ئالدىراپ ،نىمە ئىش، دەپ سورىغىنىدا ئالىم ،شەھۋەتكە بىرىلمە. ئوغۇل بالىنى شەھۋەت تۈگەشتۈرىدۇ، دىدى. ئالىم بۇ سۆزنى دىگىنىدە بۇ سۆزدىن نىمىنىدۇر ھىس قىلىپ يۈرىكىدە بىر چاقماق چېقىلغاندەك بولغان ياسىن دەرھاللا ،ۋەدە بىرىمەن، ۋەدە بىرىمەن ئاداش، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ھەرگىزمۇ شەھۋەتنىڭ قۇلى بولمايمەن، دەپ ۋەدە بەرگەنىدى. شۇندىن كېيىن ياسىن باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىپ كەتتى. دېمىسىمۇ ئۆز دوستىغا قىلغان ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلى ئۇنىڭ يۈرەك-باغرى پۇچۇلىنىپ، قەلبى ئۆز ۋىجدانىي ئوقىنىڭ ئەجەللىك زەربىسىدە ئۆزىنى مەڭگۈ كەچۈرەلمىگۈدەك ئۆرتىنىپ كەتكەنىدى. چۈنكى ئۇ ھەممىگە سەۋەبچى. ھەتتا ئۆزى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق قۇربان بىرەلەيدىغان مەرد يىگىتكە، ئۆزى قىيامەتلىك دوستۇم دەپ يۈرىدىغان ئاغىنىسىگە خىيانەت قىلغان ئىدى. مانا شۇندىن بىرى ئۇ ئىچىگە تىندى. ئاتا-ئانىسىغا قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان قارغىش قېپى بالىدىن ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلىشنى ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان رايىش بالىغا، تىنماي ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىدىغان دىھقان يىگىتكە ئايلاندى. ئەمما ئاشۇ سەلىمباي ئۇنى تىنچ قويمىدى. ئۇنىڭ ئۇستا ئاشپەز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان سەلىمباي ئۇنى ئاشخانىسىغا دەپ سوراپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىنى كۆپ پۇل بىلەن رازى قىلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتتى. ياسىن ئاشخانىغا باردى. بارلىق ھۆنېرىنى چىقاردى،ۋۇجۇدىنى ئاشخانىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىدى. باشقلار ئۇنىڭ ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىنى بىلمەيتتى، بىلگەندىمۇ ئۇنىڭ ئالىم بىلەن يېقىن ئۆتىدىغانلىغىنىلا بىلەتتى، ئەمما ئۇنىڭغا ۋىجدان قەرزى بارلىقىنى، ھەتتا ئالىمنىڭ ئۆز ھاياتىنى ياسىننىڭ ۋىجدانىغا تىگىشىپ ئۇنى تۆلەپ بولالمايدىغان قەرزگە بوغۇپ قويغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇمۇ باشقىلارنىڭ بىلىشنى خالىمايتتى ۋە ھىچ كىشىگە تىنمايتتى. قەلبىنى ئۆزلۈكسىز ئازابلاپ، چىرماپ تۇرىدىغان كەچۈرمىشلىرى، دوستىغا قارا سانىغانلىغى، ئەمما دوستىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىشلىرى ھەرقانداق ئادەم مەڭگۈ بىلەلمەيدىغان بىر سىر ئىدى. سىر بولغىنىدىمۇ ياسىننى ئۆزلۈكسىز ۋىجدان ئازابىدا ئۆرتەپ تۇرىدىغان سىر ئىدى. ئۇ بۇلارنى ئويلىغىنىدا  پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئارامسىزلىناتتى. ۋەدىلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئىرادىسى ھەسسىلەپ كۈچىيەتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ ھازىرغا قەدەر ھىچكىمنىڭ يىڭنە چاغلىق نەرسىسىگە قارا ساناپ باقمىدى. كىيىنكى ۋەدىسىگە، ئۇنى ھامان ئازاب دېڭىزىغا غەرق قىلىپ تۇرىدىغان شەھۋەتتىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە بولسا تېخىمۇ قاتتىق ئەمەل قىلدى. ئۇنىڭ قاملاشقان بوي بەستىگە، ئىسىل خۇي-پەيلىگە ئاشىق بولۇپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ چىرايلىق رەت قىلىۋىرىپ ھازىر ،كىسىلى باركەن، دىگەن سەت نامغىمۇ قالدى. بىراق ئۇ دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىگە قەتئى ئەمەل قىلدى. ئۇ بۇ ۋەدىسىدىن بەكلا ئازابلىناتتى. چۈنكى بىر بولسا ئالىم ئۇنىڭ ئاينۇر بىلەن قىلغان سەتچىلىكلىرىنى بىلىپ قالغان ئىدى.  ئەمما ياسىن ئۇبىلمىگەن دەپ ئويلايتتى . ،ئالىم دىگەن جىگەرلىك ئەركەك. بىلگىنىدە ھەرگىزمۇ مىنى دوست ھىسابلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاينۇرمۇ ئۇستا بىر نېمە، ھەرگىز ئۆز جېنى بىلەن ئوينىشىدىغان ئۇنداق گەپلەرنى قىلمايدۇ، بورۇنمۇ ئالىم ئايال كىشىنىڭ ئەركەكلەرگە كەلتۈرىدىغان بالايى ئاپىتى، ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ھەرگىزمۇ ئاياللارغا، ئۇلارنىڭ ناز-كەرەشمىلىرىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى توغرىلىق سۆزلەپ تۇراتتىغۇ، دەپ ئويلايتتى. قىلمىشلىرىغا ئۆكۈنۈپ ئازابلىناتتى.  شۇڭا ھىچقانداق ئايال زاتىغا كۆڭۈل بۆلمەي دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاشقا تىرىشاتتى. ئۆز ئىشىنى پۇختا قىلاتتى. ئەڭ گەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىكى ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ پاكىز يۈرەتتى. كىيىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەتتى. ساقال-بۇرۇتىنى چىرايلىق ياسىتىپ، ئاشخانىدا خالاتنى پاكىز يۇيۇپ، سىرتتىمۇ كىيىمنى قاتۇرۇپ كىيەتتى. بۇ ھال ئۇنىڭ مىجەزى بىلەن بىردەك بولمىغاچقا ئۇنى باشقىلارغا تېخىمۇ سىرلىق قىلىپ كۆرسىتەتتى. قىزلارمۇ ئۇنى پەرۋانىدەك ئەگىيتتى. مانا ئۇ قاچقانسىرى ئۇستىسىنىڭ قىزى كەينىگە كىرىۋېلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇ قىزنى رەت قىلىشقا ئامالسىز. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىگە ئۈنسىز ھۇجۇم قىلىپ كىرىۋاتقان بۇ چىرايلىق قىزنى ئۇمۇ ياخشى كۆرىدۇ. قاچاندىن بىرى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى-بۇنىسى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ. ئەمما ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ، ياخشى كۆرىدىيۇ، ئەمما ئاشكارىلىمايدۇ، ئۆزىنىڭ بۇ نازۇك تۇيغۇسىنى سىر پېتى ساقلايدۇكى ھېچكىمگە بىلدۈرگۈسى كەلمەيدۇ. لېكىن ھەمىشە ئۆزىنىڭ قەلبى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ،مىنىڭ ھازىرقى گۈلنارنى ياخشى كۆرۈشۈم، مۇنداقلا ياخشى كۆرۈش، ياكى ئەرلىك تەقەززاسىنىڭ تەلىپىدىن ئەمەس، چىن قەلبىمدىن ھەقىقىي ياخشى كۆرىمەن. ھەمىشە كۆرۈشۈشنى، مۇڭدىشىشىنى ئىزدەيمەن. كۆپرەك بىللە بولغۇم، سىرداشقۇم كېلىدۇ. يەنە ئاللىقانداق ئويلارنى ، تويدىن كىيىنكى بەخت...قاتارلىق تاتلىق ئارمانلارنى قىلىمەن، دىسە، قەلبى ئۇنىڭغا ،سەن شەھۋەت تەقەززراسىدىن شۇنداق ئويلايسەن. بولدى،  ھىسلىرىڭغا ئاللىقانداق ساپ مۇھەببەت دىگەن گەپلەر بىلەن ھەل بىرىمەن دەپ ئاۋارە بولما، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇ قەلبىگە گۈلناردىن باشقىنى سىغدۇرالمايدۇ. ئۇنى ئەڭ پاك، ئەڭ غۇبارسىز ھالەتتە ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قەلبىدىكى كۆرۈنمەس كۈچ ھامان ئۇنى توسۇپ تۇرىدۇ. ،ئۆزەڭنى بىل، شەھۋەتتىن يىراق تۇر، دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.  شۇڭا ئۇ قەلبىنىڭ ئاللىقانداق يارىلىرى ئىچىدە قورقىدۇ، جىمىپ قالىدۇ...

          كېچە قاراڭغۇلىقىغا ئاي ئۆزىنىڭ سېخى نۇرىنى ئايىماي سەپمەكتە ئىدى. ياسىن ئۆزىنىڭ قەلبىنى ۋەھشىي قاتىلدەك ئازابلاپ كىتىۋاتقان ئەسلىمىلىرىنىڭ تۇتقۇنىدىن، ھەمىشە قەلبىگە ھۆكۈمران بولۇۋالىدىغان مۇھەببەت لەشكەرلىرىدىن يۈرىكىنى قۇتقۇزالماي تۇرغان شۇ پەيتتە كەينى  تەرىپىدىن يىنىك ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. ياسىن بىر ئاز قورقتى. چۈنكى بۇ يېرىم كېچە بولۇپ قېلىۋاتقان بىر مەزگىل بولغاچقا يېنىدا لوڭڭىدە بىر قارا گەۋدىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇنى سۈر باستۇرۇۋەتكەنىدى. ئۇ ئىتتىك قاراپ سۈتتەك ئايدىڭدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان قاپقارا گەۋدىنىڭ زىلۋا بويلۇق بىر قىز ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ گۈلنارئىكەنلىكىنى  تونۇۋالدى ۋە ئۇنىڭدىن:

-نېمىشقا چىقتىڭىز؟- دەپ سورىدى. گۈلنارمۇ ياپراقتەك تىترەپ تۇرۇپ:

         -سىزمۇ نېمىشقا چىقتىڭىز؟-دەپ قايتۇرۇپ سورىدى. ياسىن گەپ قىلمىدى. شۇتاپتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئوت بولۇپ يانماقتا ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئويىچە ئۆزىنىڭ نەپسى ئۇنى يەنە بىر خاتالىققا، شەھۋەتتىن ئىبارەت ئېزىتقۇ شەھەرگە ئۈندەۋاتاتتى. ،ئەمەلىيەتتە قىز پاك قەلبى، كىرسىز مۇھەببىتى بىلەن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ سەمىمىيتىگە ئالەمچە ئىشىنىپ چىققان بولسىچۇ؟ چىرايلىق پاراڭلىشىپ بولۇپ ئاندىن ئەكىرىپ كېتەيمۇ؟، دەپ ئويلىدىيۇ، ئەمما مۇشۇ كېچىدە، ئۆزى تولۇق يىتىلگەن بىر ئەركەك تۇرۇپ، پەقەت پاراڭلىشىپلا كىرىپ كەتكلى بولامدۇ، ئۆزىنىڭ ھىسلىرى بىرقېتىم يار ئېلىپ كەتكەن توغاندەك تۇرسا، يەنە بىر قېتىم يار ئالمايدۇ دىگىلى بولامدۇ؟ ،ياق، دەيتتى ئۇ كەسكىنلىك بىلەن ،ئۆمرۈمدە بىر خاتا قىلغان ئىشىم بىلەن جىسمىم ئادەم بولغان بىلەن روھىم ئادەمگە ئوخشىمايدىغان ئازاپ بىلەن ياشاپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى يەنە خاتالاشسام بولمايدۇ. مەن ۋەدەمدە تۇرۇشۇم كېرەك، خەير، ئۇ ئۆزىگە شۇنداق دەپ شىۋىرلىدى ۋە قەتئىي بىر ئىرادە بىلەن گۈلنارغا گەپ-سۆز قىلماي كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدە سۆيگۈگە خۇددى چەكسىز كەتكەن قاقاس سايدىكى تەنھا يولۇچى بىر تامچە سۇغا مۇشتاق بولغاندەك تەشنا بولغان بىرى، شۇ تاپتا باغرى چاك-چاك بىر ئاشىق مەجنۇنلارچە قان يۇتقان ھالدا جىممىدە قاراپ قالدى...

-6-

         سەلىمباينىڭ راسا ئامىتى كەلگىلى تۇرغانىدى. نىمىشقا دېسىڭىز، ھەركۈنى ئۇنىڭ بازاردىن، چوڭ ئاشخانىسىدىن توختىماي ئۇچۇپ كىرىۋاتقان كېرىمى قوشۇلۇپ، ئۇنى ئوبدانلا كېرىلدۈرۈپ قويغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوتان ئىسلاھاتىدا ھەقسىز سالدۇرۇۋالغان قوتىنىدا ھازىر يەتمىش-سەكسەندەك سورتلۇق كالىسى بېقىلماقتا. ئۇ بۇ دەپئى-دۇنيالىرىنىڭ خىسلىتى بىلەن يېزا تەۋەسىدە ئىناۋىتى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. سەلىمباي ئەنە شۇنداق زەردارغا ئايلىنىپ ئەمدى قولىنى نەگە سۇنسا يەتكۈدەك بولغاندا ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىر ئوت كىرىۋالدى. ئۇ مەككە-مۇكەررەمنى تاۋاپ قىلىپ كىلىش  بولۇش ئويى بارئىدى. بۇ ئوي ئۇنىڭ كۈن-تۈن ئەس-يادىنى قامال قىلىۋالدى. شۇڭا توختىماي بۇ ئىشنىڭ يولىنى قىلىشقا تۇتۇندى. ئاللىكىملەرگە پارا بەردى. يەنە كىملەرنىدۇر مىھمان قىلدى. ھەر بازاردا ئاجىز-ئورۇقلارغا ئايانماي خەير-ئېھسان قىلدى. ئۆيدىمۇ رايىش مۇلايىم بولۇپ سەيدىخانغىمۇ قوپال تەگمىدى. ھەتتا بەزىدە ئانچە-مۇنچە ئەركىلىتىپ چاقچاق قىلىپ قويىدىغان، ،خۇدا خالىسا كىلەر يىلى سېلىنىمۇ ئېلىپ بارىمەن، بىر تاتلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ قويىدىغان خوشخۇي ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. سەيدىخانمۇ سەلىمبايغا ،بوپتۇ بېرىپ كەلسىلە، ئۆيۋاقتىن، ئىشلاردىن خاتىرجەم بولسىلا، دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى توقلىدى. ئۇنىڭ ئويىدا  ئۇنداق قىلمايمۇ ھىچنىمە قىلالمايتتى. ،ئەركىشى دىگەن خالىغىنىنى قىلىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لامزەللە قېرىنىڭ ھازىرقىدەك خوشخۇي ھالىنى كۆرمىگىلىمۇ ئوزۇن بوپتىكەن. بەلكىم مەككىگە بېرىپ كېلىپ ئوڭلۇق ئادەم بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،، سەيدىخاننىڭ ئويى شۇ ئىدىيۇ، يەنە بىر ئاز ئاچچىقى يوقمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئېرى ھەرەمگە بارىدىغان پۇلنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئۇ ئىشلەپ تاپقان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇ ئاغزىدا شۇنداق دەپ قويغىنى بىلەن ئىچىدە يەنە ،مېنى بىلمەيدۇ، دىمە، ئوينايدىغاننى ئويناپ قېنىپ بولدۇڭ، مېنى راسا ئانىي تاپتىڭ. ماڭساڭمۇ بىر ماڭغىنە، ئەمدى مىنىڭ ئويۇنۇمنى كۆرىسەنغۇ، دىگەنلەرنى ئويلايتتى. ئېرىغا قارىغاندا ئون نەچچە ياش كىچىك بۇ ئايال گەرچە سەمىرىپ بىر بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئىچىنى ئۆرتەپ كىتىۋاتقان ئازاب ئەلۋەتتە ئۆزىگە ئايان ئىدى. ئېرىنىڭ قىلىقلىرى، ئۆزىگە پەقەتلا يېقىن يولىمايدىغانلىغى ئۇنىڭ قەلبىنى ئازابلىسا، ھەرۋاقىت ئويغىنىپ تۇرىدىغان شەھۋەت ئوتلىرى ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىمۇ ئاللىقانداق خىياللارنى، تاتلىق ئارزۇلارنى ئويغاتماي قالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرىنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئوغرىنىڭ ئايالى بىلەن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى ئاڭلىمايمۇ قالمىغانىدى. شۇڭا ئۇمۇ پۇرسەت بولسىلا كۈنبويى پاسارلىقتا ياتىدىغان ،ئەبگا، بىلەنكى ئويۇنلىرىنى خالىي قىلمايتتى. بىراق ئۇنىڭ كۆڭلى ھېلىقى ،ئەبگا،دىلا بولماستىن بارغانچە كۆزىگە ئاشخانىدىكى قوپال كۈتكۈچى يىگىت، ياسىن، يەنە يېزا تەۋەسىدىكى ئاللىقانداق قاملاشقان ،لاچىن،لارنى خىيال قىلىپ قالاتتى...

          گۈلنارنىڭ نىمىشقىدۇر ھالى بەكلا سۇلغۇن ئىدى. بۇنى ئۆزىنىڭ مەككىگە بېرىش ئويىنىڭ تۈرتكىسىدە شۇنداق بولغان دەپ بىلگەن سەلىمباي ھەرئاماللاپ قىزىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشنى ئويلايتتى، ئۇنى خۇددى كىچىك بالىدەك ئەركىلىتەتتى. ئەمما گۈلنار ھېچ ئېچىلىدىغاندەك ئەمەس، ھەتتا ئاتا-ئانىسىغىمۇ توڭ تىگەتتى. ھۈنەرگىمۇ بارماي كۈن بويى ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ئىدى. سەلىمباي بۇنىڭدىن ناھايىتى پەرىشان بولۇپ سەيدىخاندىن سورىغىنىدا سەيدىخان سەل قوپاللىق بىلەن ،مەن نىمە بىلەي!، دەپ جاۋاپ بەردى. ئەمما قۇۋ ئانا قىزىدىكى ھالەتنىڭ سەۋەبىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىدى. چۈنكى ھېلىقى كۈنى گۈلنارغا ياسىننىڭ ئۆيىگە بېرىشنى ئۇ ئېيتقان، بارغاندا ئاپىرىدىغان نەرسىلەرنىمۇ تاللاپ ئېلىشىپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئەتىسى قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى قىزىنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆرۈپلا ھەممىنى چۈشەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئويىچە ياسىن ئەخلاقلىق بولۇپلا قالماي، ئاللىقانداق بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالغان سىرلىقلا بىر بالا ئىدى.قانداق قىلىش كېرەك؟ قىزى قاتتىق ياخشى كۆرىدىغان بۇ سۈلكەتلىك يىگىتنىڭ سىرلىقلىقى، سۇباتلىق بەستىنى ئويلاپ كېچىلىرى ئۆزىمۇ ئاللىقانداق خىياللارنى قىلىپ قالاتتى. ئەمما يىگىت ئاياللاردىن قاچىدىغان ،تاڭ سىڭ، تۇرسا نىمە ئىلاج، ،بىچارە قىزىم، دەپ ئويلايتتى ۋە ،خەپ، دەپ ئېغىر تىناتتى...

          ئوزۇنغا بارمايلا سەلىمباينىڭ ئارمانلىرى ئەمەلگە ئېشىپ ھەرەمگە بارىدىغان پاسپورتمۇ قولىغا تەگدى. يۈگۈر-يېتىم تەييارلىقلار تۈگىگەن بولغاچقا ئەتىلا يولغا چىقماقچىمۇ بولدى. شۇڭا بۆگۈن ئۇ ئۆيىدە كاتتا چاي تەييارلاپ ئۆزىنى ھەرەمگە ئوزاتقىلى كەلگەنلەرگە ئۆزىنىڭ سېخىيلىقىنى بىلدۈرۈۋاتاتتى. ئۆي ئىچى، ھويلا ئۇزاتقىلى كەلگەن مىھمانلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭى بىلەن لىق تولغان، كەلگەنلەر ئىچىدە يېزا باشلىقىدىن تارتىپ، يېزا ئورگاننىڭ چوڭلىرى، ھۆرمەتكە سازاۋەر يۇرت مۆتىۋەرلىرى، سەلىمباينىڭ دوستلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. سەلىمباي خوشاللىقىدا قىن-قىنىغا پاتماي باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە قاقاھلاپ كۈلۈپ ئولتۇراتتى. داستخان ئىنتايىن مول بولۇپ ياسىننىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىشى بىلەن ھازىرلانغان ھەرخىل سەي تۈرلىرى، پۈتۈن قوي كاۋىپى، زىخ كاۋاپ، قوۋۇرغا بېسىلغان شاھ پولو، ھەرخىل مىۋە-چىۋىلەرنىڭ ھەممىسى يىيىلىدىغان ئېغىزغا نۆۋەت ساقلاپ قاتار تىزىلىپ تۇرۇشاتتى. ئاشخانىدا شاگىرتلارغا ئىش بۇيرۇپ، ئۆزىمۇ ئاللىقانداق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ياسىننىڭ قولى داستخانغا ھەممىنى تۆكۈپ بولغاندىن كېيىن بىر ئاز بوشىدى. ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ شاگىرتلارنىڭ چاي توشۇشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلغاچ سەل ئويغا پېتىپ قالدى. ،گۈلنارغا قوپاللىق قىلىپ قويغىنىم، ئۇنى كېچىدە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ سەل ئاشۇرۇۋەتكىنىم راست، ئەمما مەن ۋەدە بەرگەن، مۇھەببەت ھەرقانچە ساپ بولسىمۇ ئۇنى شەھۋەتكە يول ئاچمايدۇ دىگىلى بولامدۇ، ھەي! قىز قانداق ئويلىدىكىن، بۇرۇن ئالىمدىن مۇنداق بىر ھىكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بىر قىز توي قىلىدىغان يىگىتى بىلەن تويدىن ئىلگىرى بىر ئورۇندا يېتىشقا توغرا كەپتۇ. قىز يىگىت بىلەن ئارىسىغا بىر تىغنى قويۇپ ئەگەر ماڭا يېقىنلاشساڭ سەن ھايۋان، بۇنىڭغا مۇنۇ تىغ گۇۋاھ، دەپ قويۇپ يېتىپ قاپتۇ. راست دىگەندەك ھېلىقى ساددا يىگىت قىزنىڭ دىگىنى بويىچە قىزغا قىلچە يېقىنلاشماستىنلا كېچىنى يۇرۇتۇپتۇ. ئەتىسى ھېلىقى قىز يىگىتكە، بىز توي قىلمايمىز، دەپتۇ. يىگىت نىمە ئۈچۈن؟، دەپ سورىغىنىدا، قىز، سەن ھايۋانچىلىكمۇ بولالمايدىكەنسەن، دىگەنىكەن. ئايال كىشى دىگەننىڭ نەپسى ئالامەت بولارمىشكەن، مەن ھېلىقى كېچىسى گۈلنارغا سەل ياخشى مۇئامىلە قىلمىدىممۇ قانداق؟ توغرا، ئۇ كىچىدە ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى دۆڭلۈككە شەھۋەت تۈرتكىسىدە ئەمەس، مۇھەببەتنىڭ، غەرەزسىز ساپ مۇھەببەتنىڭ كۈچى بىلەن چىققان بولسىچۇ؟ ئۇنىڭ ئويلىغىنى ساپ مۇھەببەت، ئەمما ئەمما مىنىڭ ئويۇمدا شەھۋەت بولسىچۇ؟ ئاھ، شۇچاغدا مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم، ھىچ بولمىغاندا ئۇنىڭغا ئازراق سىلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۆيگە كىرگۈزۈۋەتمەي، كىچىدە ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ ئاستىلا قاچتىم، بۇ بىر ساپ مۇھەببەتكە تەشنا قىزغا نىسبەتەن ئېغىر كەلمەمدۇ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەمدىمەن-يا، ئۇنداق ئەمەس، ئۇنى ئويلىمايدىغان، گەپلىرىنى، قىلىقلىرىنى ئويلىمايدىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق. مەن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئاشىق. ئەمما مەن ئىشىقنى ئەقىل ئۈستىگە دەسسىتىۋالىدىغان ئەخمەق ئاشىق ئەمەس. توغرا، ھېلىقى ھىكايە مۇھەببەتكە ئەمەس، شەھۋەتكە ئىشارە قىلىدىكەن. ھەرقانداق ساپ مۇھەببەت غەرەزنىڭ قولى بولۇپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى شەھۋەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شەھۋەتكە ئايلىنىپ قالىدىغان مۇنداق ئاجىز مۇھەببەت ياسىننىڭ قەلبىدە بولماسلىقى كېرەك. مەن ئۆز سۆيگۈمنى ئاشكارىلىماي ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىكى، ئاشكارىلاپ ئىشرەت قولى بولۇپ قالغۇم يوق. مىنىڭ بىكىنمىچىلىكىم، ئۆزەمنى تۇتۇۋىلىشىم، ماڭا مەن ئويلىمىغان بەختلەرنى ئاتا قىلىشى مۈمكىن. ھازىر گۈلنارنىڭ قەلبى ناھايىتى ئازابلاندى، چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەنە ئازاپ ئېلىپ كىلىشى مۈمكىن، چۈنكى ئۇ نەچچە كۈندىن بىرى ماڭا پەقەت قارىمايلا قويدى. ئەمما مەن بۇنىڭدىن ئۆكۈنمەسلىكىم كېرەك. چۈنكى ئۇ ھامان چۈشىنىدۇ، مىنىڭ پاكلىققا شۇقەدەر تەشنا يۈرىكىمنى ئۇ چۈشەنمەي قالمايدۇ. يانار تاغدەك لاۋۇلداپ تۇرغان مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا ھامان ئايان بولىدۇ. شۇ چاغدا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز سىناقلاردىن ئۆتكەن ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ، مەن بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەن، ئۇنىڭ خىياللىرى شۇ يەرگە كەلگەندە كۆڭلى خېلى تىنچىپ قالدى. شۇ چاغدا ئايۋاندىن كۆتۈرۈلگەن ۋاڭ-چۇڭ ئۇنى ئىختىيارسىز خىيالدىن سەگىدىتىپ قويدى. ئۇ نىمە ۋاڭ-چۇڭلىقىنى بىلىپ ئۈلگۈرگىچە ئايۋاندىن بىرسى يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كىرىپ:

        -ياسىن ئۇستام، سېلىنى چوڭلار چاقىرىۋاتىدۇ-، دەپ توۋلاپ قالدى.

-7-

           ياسىن ئۆزىنى كىمنىڭ، نېمە سەۋەبتىن چاقىرغانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا ئايۋانغا كىردى. ئايۋان ئىچى يەنىلا ۋاڭ-چۇڭلۇق بولۇپ ياسىننىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ھەممە بىردىن جىم بولۇپ قېلىشتى. ياسىن تۆردە ئۆزىگە تىكىلىپ ئولتۇرغان يۇرت مۆتىۋەرلىرىگە قارىغىنىدا نېمىشقىدۇر ئىختىيارسىز تېنى ئەيمەندى. چۈنكى ھەممىسىنىڭ كۆزى ياسىنغا  تىكىلىپ قېلىشقانىدى.

-مۇنداق گەپ ئۇكام-، دەپ گەپ باشلىدى-يېزا باشلىغى يوغان قورسىغىنى سىيلىغاچ-، ماۋۇ سەلىمباي ئەتە ئولۇغ ھەرەمگە يول ئالماقچى، بۆگۈن ئۇنىڭدىن سېنى سورىغانىدىم. نىمىشقا دىسەڭ ئۇكام، يېزىغا سەندەك بىر ئۇستا ئاشپەز لازىم دىگىنە، ئەمدى يېزىغا كىرسەڭ، ئوزۇن ئۆتمەي شىتاتلىق بولۇپ قالساڭ، كىيىنكى كۈنۈڭ راھەتتە ئۆتەرمىكىن دەيمىنا، تۇز- تەمىڭنى كۆپ يېدۇق، شۇڭا ساڭا بىر ياخشىلىق قىلغۇم بار، قانداق دېدىم كۆپچىلىك. ئەمما ئۇكام، ما سەلىمباي سىنى ،نەگە بارىدىغىنىنى ئۆزى تاللىسۇن، دەپ تۇرۇۋالدى. قارىسام سىنى ماڭا بەرمەيدىغاندەك.

-ئۇنداق ئەمەس شاڭجاڭ، ئەمدى ئاشپەز سىلىدىن ئايلانسۇن، ئەمما ياسىن بىر غەلىتە مىجەزلىك بالا، كۈتكەن يەرلىرىدىن چىقالماي قالارمىكىن دەيمىنا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ بىر پۈتۈنسۈرۈك ئادەم بولغاندىن كىيىن ئۆزى بىرنېمە دەپ باقسا بولارمىكىن.

-ئاھاي، غەلىتە مىجەزلىك دىگىنىڭلا نىمىسى، مەن ئۇنى سىلىدەك قويۇپ قويمايمەن، ئۆيلەپ قويىمىز مۇنداق، ئاندىن ئوڭشالمامدۇ. ئەمما ئۆزى بىرنېمە دىسۇن دىگىنىڭلىگە مەنمۇ قوشۇلىمەن. قېنى بىرنېمە دەپ باق يىگىت، يېزىغا كىرىشنى خالامسەن؟

ياسىن ئەمدى ھەقىقەتەن تەڭقىسلىقتا قالغان ئىدى. ،ماقۇل باراي، دەي دىسە سەلىمباينىڭ ئۇنى قويۇۋەتكۈسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلنار... بارماي دىسە پۈتۈنسۈرۈك بىر يېزىنى ئالقىنىدا ئوينىتىپ كىلىۋاتقان مونۇ پور كۆتەكتەك ئادەمگە چىش يېرىپ بىرنېمە دىيەلمىسە.. ئۇ نىمە دىيىشىنى بىلمەي گەدىنىنى قاشلاپ ئەتراپتىكىلەرگە قارىدى. ھەممە ئۇنىڭ ئاغزىدىن نىمە چىقاركىن دىگەندە بويۇنداپ قاراپ تۇرۇشاتتى. تويۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى ئانىسىنىڭ يېنىدا چوغدەك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ خۇددى ،قانداق قىلىسەن؟، دىگەندەك قاراپ تۇرغان گۈلنارنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ياسىن كۆزىنى ئىتتىك ئەپ قاچتى. ئاندىن تويۇقسىز بىر ئەقىل تاپقاندەك بولۇپ شاڭجاڭغا:

-شاڭجاڭنىڭ ماڭا كۆيۈنۈپ، مىنى ئۆزىگە يېقىن ئادەم بولۇشقا تاللىغىنى مەن ئۈچۈن شەرەپ، جان دەپ بېرىشىمغا تىگىشلىك. لېكىن سەلىمباي ئاكام ھەج سەپىرىگە ماڭغىلىۋاتىدۇ. ئۇ كەتسە ئاشخانىنىڭ، بازارنىڭ، قوتاننىڭ ئىشلىرىغا سەيدىخان ئاچام يېتىشىپ بولالماسمىكىن، شۇڭا سەلىمباي ئاكام قايتىپ كەلگەندە ئاندىن سېلىنىڭ يانلىرىغا پاناداپ بارساممىكىن-دىدى.

-مىجەزى غەلىتە دەۋاتاتتىڭلا، ئەينا تۈزۈكلا بالىكەن. بوپتۇ ۋاپادار يىگىتكەنسەن، جايىدا گەپ قىلدىڭ، لېكىن سەلىمباي قايتىپ كەلگەندە سىنى ئەكەتكىنىم ئەكەتكەن. ئۇقتۇڭلىما سەلىماخۇن.

-ماقۇل شاڭجاڭ، دىمىسىمۇ مەن كەتسەم، سەيدىخان بەكلا يالغۇزچىلىق تارتىپ قالىدۇ. ياسىن بالام بولسا مەن خاتىرجەم ماڭىمەن.

-سىلىنىڭ كۆڭلۈڭلا ئاشۇنداق ئالا ئەينا سەلىماخۇن، بايا بۇ يىگىتنى تالاشقاندىلا بەرگۈڭلا يوقلىقىنى بىلىپ قالغان مەن. ئەمما تاماقنى ئالامەت ئوخشىتىدىكەنسەن ئۇكا، نى-نى شەھەرلەردە بولدۇم، ئەمما سەن ئەتكەن تاماقتەك ئوخشىغان تاماقنى يىيەلمىگەنىدىم.

-ئۇنداق دىمىسىلە شاڭجاڭ، بىزنى يۆلىگەنلىرىنى، پاسپورتقا كۈچ چىقارغانلىقلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن دىسىلە، ھەجدىن يېنىپلا...

سەلىمباينىڭ شۇ سۆزىدىن كېيىن جامائەت ھەممىسى شاڭجاڭغا سۈلھى-سالا قىلىشقا باشلىدى. ياسىن ئەمدى بۇ يەردە ئۆزى تۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى. خىيالىدا ،مەن ئۇلار قولىدىكى ئالماشتۇرىدىغان مال بولمىسام، دىگەنلەرنى ئويلاپ سەل ئاچچىقى كەلدى.

مىھمانلار ئاخىرى تارقاشتى. ياسىن شاگىرتلارغا قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ سىرتقا چىقتى. سەلىمباينىڭ ھويلىسى باغقا تۇتاش بولۇپ تولغان ئاي شولىسى باغنى كۈندۈزدەك يۇرۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ باغدىكى بۈك-باراقسان نامازشام گۈلى تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇزاق مۇددەت ئاشخانىدا ئىشلەش، ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى كەمەيتىۋەتكەن ئىدى. ئۇ بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا تويۇقسىز گۈلنارنىڭ ئۆزى تەرەپكە كىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى ۋە دەرھاللا ئۆزىنى گۈللەرنىڭ ئارىسىغا ئالدى. گۈلنار كېلىپ باغنىڭ ھەممە بولۇڭ-پۈچقاقلىرىغا قاراپ ئاخىرى گۈل تۈۋىگە كەلدى ۋە بىردەم تۇرۇپ كىرىپ كەتتى. گۈلنار كىرىپ كېتىشىگىلا ياسىن ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقى مەنىسى بىلەن قورقۇنچاق ئىكەنلىگىگە ئىشىنىپ ئۆزىگە ئېچىنغان ھالدا سىرتقا چىقتى..



-8-

-جېنىم خېنىم، بۆگۈن كۆڭلۈمنى راسا بىر ئېچىپ قوي، يەتكىچە پۇل بىرىمەن، دېگىنىڭنى قىلىپ بىرىمەن،بۆگۈن ئاخىرقى قېتىم ئوينىشىمىز بولۇپ قالىدۇ...

-كەتسىلە يەنە كىلەلا.

-ياق، جېنىم، كەلسەممۇ، ئەمدى تۈزۈك پاكلىنىپ ھارام ئىشلاردىن ئۆزۈمنى تارتىدىغان بولۇپ تۆۋا قىلىپ كېلىمەن، ئەسلى ئەتە ماڭىدىغان بولغاندىن كېيىن بۆگۈن كەلمەسلىكىم كېرەك ئىدى. ئەمما كۆڭلۈم ئۇنىمىدى جېنىم، تىزراق بولساڭچۇ...

قاراڭغۇ كېچىدە ئالىمنىڭ دەرىزىسى تۈۋىدە يۇقىرىقى گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان ياسىننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى غەزەپتىن قىزىپ كەتتى. ئەسلىدە يېرىم  كېچىدە سەلىمباينىڭكىدىكى ئىشىنى تۈگەتكەن ياسىن ئۆزى ياتىدىغان سەلىمباينىڭ يەنە بىر ئۆيىگە كېتىۋىتىپ، بايا باغدا بولغان ئىشنى ئويلاپ يىڭىلا سىمۇنتلانغان ئۆستەڭنىڭ قىرىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئويغا چۆمگەنىدى. ئۇ بىر ھازا ،زادى مىنىڭ قەلبىمدە قورقۇنچاقلىق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرامدۇ ياكى مۇھەببەتمۇ، دىگەنلەرنى ئويلىدى، ھەرقانچە ئويلىسىمۇ كۈچلۈك مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگۈدەك جۈرئەتنىڭ ئۆزىدە يوقلىقىنى ھىس قىلىپ، تەگسىز خىيالغا چۆكتى. ئەمما ئۇ خىيالىنى يىغىپ بولغىچە تويۇقسىز بىرىنىڭ ئوغرى مۇشۈكتەك مارىلاپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى ۋە  ئۇنىڭ سەلىمباي ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ كەينىدىن ئەگەشتى. سەلىمباي ئاستا يورغىلاپ ماڭغىنىچە ئالىمنىڭ ئۆيى بار كوچىغا بۇرۇلدى. ياسىننىڭ ئىختىيارسىز يۈرىكى ئاغدى. ئۇ ئەسلىدىمۇ ،ئاينۇرخان بىلەن سەلىمباينىڭ چاتىقى بار، دەپ ئاڭلىغان، ئەمما ئىشىنەلمەي يۈرگەنىدى. ئاينۇرخانغۇ ھېلىقىدەك ئايال، ئەمما ئۇ سەلىمباينى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىمىغان بولغاچقا ئەپقاچتى گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ سەلىمباينىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ئالىمنىڭ بېغىغا كىردى، ئىشىك چىكىلىپ سەلىمباي ئۆيگە كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ يەنە ئىختىيارسىز دەرىزە تۈۋىگە كىلىپ قالغانىدى. ئۇ ئەمدى تامدىن قولىقىنى ئالدى ۋە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي بىرھازا تۇرۇپ قالدى. ئۇ سەلىمباينىڭ ئاينۇرغا دىگەن گەپلىرىنى تولۇق ئاڭلىدى، قارىماققا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان سۆزلەر ئۆزىدىن ئىككى-ئۈچ مىتىر نېرىدا دىيىلىۋاتاتتى. بۇ قانداق نومۇسسىزلىق، ئەتىلا ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن ئەڭ پاك جايغا، خاسىيەتلىك يەرگە ئاتلىنىدىغان ئۇستىسىنىڭ بۇ نىمە قىلغىنى؟ قارىغاندا شەھۋەتنىڭ قولى بولۇپ قالغان ئادەم خىروئىنغا ئۆگىنىپ قالغاندىن يامان، دىگەن گەپ راستكەندە، مانا ئەڭ شەرمەندە ئىش، ئۆزى ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان ئىش، مۇشۇ تامنىڭ ئىچىدىلا يۈز بىرىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ غەزەپتىن پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى، ئۇ يۈز-كۆزىنى تېڭىپ كىرىپ ئىككىسىنىڭ راسا بىر ئەدىۋىنى بەرمەكچىمۇ بولدى. ئەمما ئۆزىنى زىيادە ھۆرمەتلەيدىغان سەلىمباي بىلىپ قالسا قانداق بولار؟ بۇ يەردىن ئاستىلا كېتىپ قالسا قانداق بولىدىكىن، ئۇنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ تەڭقىسلىق ئىچىدە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغان ئاشۇ پەيتتە، تويۇقسىز ئىشىكنىڭ زەردە بىلەن تېپىلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ دەرھاللا قەغەز بىلەن توسۇپ قويۇلغان پاكار دەرىزە يېنىغا يېقىن كەلدى ۋە قەغەزنىڭ يىرتىقىدىن بىر گەۋدىنى كۆردى، كۆردىيۇ، كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك ھاياجاندىن ئۆزىنى بېسىۋالالمىغىلى تاسلا قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆرگىنى باشقا بىرى ئەمەس دەل ئۇنىڭ دوستى ئالىم ئىدى، ياسىن ئىچىدە ،ھە، ئالىمنىڭ تۈرمىدىن چىقىدىغان چاغلىرى بولۇپ قالغانىدىغۇ، نىمىشقا ئۇنتۇپ قالغاندىمەن، دەپ ئويلىدى، ياسىن ئۇنى ھازىرقىدەك شارائىتتا كۆرمىگىنىدە ئىدى، ئەلۋەتتە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن، ئاشخانىغا ئەكىرىپ تەملىك بىر تاماق قىلىپ بىرىپ بولسىمۇ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى بىلدۈرگەن بولاتتى. مانا ئەمدى ئۆزى دەرىزىنىڭ سىرتىدا، قەدىردان دوستى ئۆي ئىچىدە ناھايىتى بىئەپ بىر ئەھۋالدا تۇراتتى. ئۆي ئىچىدىكى ئون ۋاتلىق لامپىنىڭ خىرە يۇرۇقىدا ئالىمنىڭ كۆزلىرى دەھشەتلىك چەكچەيگەن ھالدا قاراپ تۇراتتى. يوتقان بىلەن ئۆزىنى ئورىۋىلىپ تىترەپ ياتقان سەلىمباي بىلەن ئاينۇر قورقۇنچتىن بەزگەكتەك تىترەيتتى.

-تۈرمىدىمۇ ھەمىشە سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ چۈشەيتتىم ئاينۇر، راستلا ئادەم تېرىسىدىكى شەيتانكەنسەن، بۆگۈن ھەرئىككىلىڭنىڭ ئەجىلى توشۇپتۇ، مەن بۆگۈنلا تۈرمىدىن كېلىشىم، ئەتە يەنە تۈرمىگە كىرىپ كەتسەممۇ كېرەك يوق، تىزدىن كىيىمىڭنى كىيىشە، ئۆلۈمىڭ شەرمەندە ھالەتتە قالمىسۇن،- ئالىم شۇنداق دىدى ۋە ئىشىكنىڭ يېنىدىكى دەمنى قولىغا ئالدى. ئۇنىڭ ياداڭغۇ ۋە قارىداپ كەتكەن چىرايى، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى كوھىقاپنى ئەسلەتكۈدەك ھالەتتە قورقۇنچلۇق بولۇپ شۇتاپتا ئۇنىڭ ئەپتىگە قاراپ دەرىزە سىرتىدا قاراپ تۇرۇۋاتقان ياسىننىمۇ ئىختىيارسىز تىترەك باستى. شۇچاغدا يېرىم يالىڭاچ دىگۈدەك تۇرۇۋاتقان ئاينۇر تىزلىنىپ ئالىمنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە:

-مەن ئېزىپتىمەن، بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەيمەن، نەچچە يىللىق ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ مېنى كەچۈرۈڭ ئالىم، مەن ئىت-ئىشەك بولۇپ ئايىغىڭىزدا خىزمەت قىلاي،- دەپ قار-يامغۇر يىغلاشقا باشلىدى، ئالىم ئۇنىڭ زاڭىقىغا كېلىشتۇرۇپ بىرنى تەپتى ۋە:

-ماڭە ھۇ سېسىق قانجۇق، سېنىڭ بەدبۇي نامىڭ تۈرمىگىمۇ يېتىپ بارغان، مەن سىنى بۇھالدا كۆرمىگەندىمۇ ئەدىپىڭنى بىرەتتىم، ئەمدى ئۆز ئەجىلىم بىلەن ئۆلدۈم دەپ ئويلاۋەر،-دەپ ۋارقىرىدى. شۇچاغدا ياسىننىڭ يۈرىگى قېپىدىن چىقىپ كەتكلى تاس قالدى. چۈنكى ئۇ سەلىمباينىڭ كىيىمىنى كىيگەچ، ئالىمنىڭ ئاينۇر بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھەمىشە يېنىدىن ئايرىمايدىغان تىغى ئۇزۇن پىچىقىنى يىڭىگە يۇشۇرۇپ ئالىمنىڭ ئالدىغا كەلگىنىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى. ئەمما سەلىمباي ئالىمنىڭ ئالدىغا سەل مېڭىپلا تىزلاندى ۋە:

-جېنىم ئۇكام، مەن ئېزىپتىمەن، پوق يەپتىمەن، ياق بىز ئېزىپتۇق، مەن ئەتە ھەرەمگە ماڭماقچى ئىدىم، پاكلانماقچى ئىدىم، ئەمما مىنى راستىنلا شەيتان ئازدۇرۇپتۇ، بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسەڭ، مەن توۋا قىلسام، نىمە دېسەڭ، بەرسەم...- دەپ ساقاللىرىنى تىترىتىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا خۇددى جەڭگاھتىكى پالۋانلاردەك زەبەردەست قاراپ تۇرغان ئالىم:

-تۈفى، ھۇ نىجاسەت، مىنى خوتۇنىنى سېتىپ جان باقىدىغان لامزەللە كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسەن، سەندەك توخۇ پوقى بايلارنى سېتىپ خەجلىسەم خەجلەيمەنكى سىنىڭ دامىڭغا ھەرگىز چۈشمەيمەن، سەندەك ئىپلاسلارغا پۇل مۇھىم بولغىنى بىلەن ماڭا ھازىر كېرىكى سىنىڭ جېنىڭ، سەندەك توخۇ پوقلىرى ھەرەمگە بارساڭمۇ پاكلىنالمايسەن، شۇڭا ئۇ پاك يەرنى بۇلغايمەن دىمەي ئۇدۇل جەھەننەمگە بارغىنىڭ ياخشى! ئۇقتۇڭمۇ؟- دىدى ۋە كالتەكنى ئۇنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى. شۇدەقىق ياسىن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. قاتتىق قورقۇپ كەتكەن سەلىمباي ئۆز جېنىنىڭ ئامان قالمايدىغانلىغىغا كۆزى يەتتىمۇ قانداق، قورققان ئاۋال مۇشت كۆتۈرەر دېگەندەك يىڭىدىن ،شارت،لا قىلىپ پىچاقنى چىقاردى ۋە :

-مانا ئەمىسە،-دېگىنىچە ئالىمغا ئېتىلدى. تۇيۇقسىز قالغان ئالىم پىچاقنىڭ ،يالت، قىلغان نۇرىنى كۆرۈپلا كالتەكنى تاشلاپ سەلىمباينىڭ قولىنى كاپلا قىلىپ تۇتۇۋالدى. ئۆي ئىچىدە بىرمەيدان تىركىشىش، بىرمەيدان ھايات-ماماتلىق جەڭ باشلىنىپ كەتكەن ئىدى، تەمبەل كەلگەن سەلىمباي، ئورۇق ھەم ئېگىز ئالىمغا پىچاقنى تىقماق بولاتتى. ئەمما تۈرمىنىڭ جاپالىرىدا سەۋرىچان، چىداملىق بولۇپ يېتىلگەن قارىمۇتۇق ئالىم، كۈچ بىلەن پىچاقنى ئۆزىدىن نېرى قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى. دەرىزە سىرتىدا قاراپ تۇرغان ياسىننىڭ يۈرىگى ئاغزىغا تىقىلىپ قالدى. ئۇ كىرىپ ئىككىسىنى ئاجرىتىۋەتمەكچى ياكى ئالىمغا بولۇشماق بولدىيۇ، راستىنى دېگەندە قورقتى. ئاينۇرنىڭ ئۆزىنىمۇ ئالىم ئالدىدا پاش قىلىپ قويۇشىدىن، ئالىم بىلەن بولغان دوستلۇق مىھرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقتى. ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەت ئالىمغا پايدىسىزدەك تۇراتتى. چۈنكى سەلىمباي ئالىمدىن كۆپ تەمبەل بولغاچقا ئالىم كۈچ ئېلىشالماي قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇچاغدا ئالىمنىڭ ئايالى ئاينۇر:

-بىزنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدىڭغۇ، ئۆزەڭ ئۆلە،-دىدى ۋە يوغان بىر بىلەي تاشنى ئالىمنىڭ كاللىسىغا قارىتىپ ئاتتى. تاش ئالىمنىڭ كاللىسىغا تېگىپ ئۇيەردىن نەق دەرىزىگە تەگدى ۋە قەغەزنى يىرتىپ ياسىننىڭ پۇتىغىلا چۈشتى. ياسىن ئەمدى دەرغەزەپكە كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئالىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئالىم راسا كۆتۈرگەن، قەدرىنى قىلغان ئايالى شۇتاپتا سەلىمبايغا بولۇشۇپ ئالىمغا-ئۆز ئېرىگە قارشى مەيداندا تۇرۇپ ،جەڭ، قىلىۋاتاتتى. بېشىغا تاش تەككەندىن كېيىن ئالىم سەل بوشاشقاندەك بولۇپ سەنتۈرۈلۈپ كەتتىيۇ، يەنە بىردىن:

-يوقال قانجۇق!-،دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئاينۇرنىڭ قۇرسىغىغا بىرنى تىپىپ بوغۇزىغا تىرىلىپ قالغان پىچاقنى كۈچەپ ئىتتىرىشكە باشلىدى. ئەمما ئاينۇر يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئالىم تاشلىۋەتكەن دەمنى قولىغا ئالدى ۋە ئالىمنىڭ كەينىگە ئۆتتى. بۇنىڭدىن بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ياسىن ئەمدى قاراپ تۇرسا بولمايدىغانلىغىنى ھىس قىلىپ جىددىيلەشتى ۋە ئىڭىشىپ بىلەينى قولىغا ئالدى ئاندىن ئاينۇرغا ئاتماق بولۇپ تەمشەلدى. ئەمما شۇچاغدا تويۇقسىز ئاينۇر ئالىمنىڭ قاق پاچىقىغىغا كالتەك بىلەن بىرنى سېلىۋەتتى. ئالىم بۇ كۈتۈلمىگەن زەربىدىن يەرگە يېقىلدى، ئەمما ئۇ يېقىلدىيۇ، ئۆزى تۈۋرۈكنىڭ بىريېنىغا سەلىمباي بىر يېنىغا يىقىلدى. تەقدىرنىڭ ھىكمىتى شۇنداقمۇ يىقىلغانلار ئىچىدە ئورنىدىن سەلىمباي ئەمەس ئالىم تۇردى. كونتروللىقىنى يوقاتقان سەلىمباينىڭ پىچىغى ئالىمنىڭ قاتتىق ئىتتىرىشى ۋە تۈۋرۈكنىڭ زەربىسىدە ئۆزىنىڭ كۆكرىگىنى يېرىپ ئۆتۈپ دۈمبىسىدىن چىققان ئىدى. ئالىم ئورنىدىن تۇرۇپ غەزەپ بىلەن ئاينۇرغا يۈزلەندى. ئاينۇر ئالىمنىڭ كەينىدىكى سەلىمباينىڭ ئورنىدىن تۇرمىغىنىنى كۆرۈپ قولىدىكى دەمنى تاشلىدى-دە، ،ئاھ، جېنىم، مىنىڭ بايلىغىم، ئەنگۈشتىرىم، دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئالىمنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ سەلىمباينىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. ئەمما ئۇ سەلىمباينىڭ ئۈستىگە يىقىلا-يىقىلماس ،ۋايجان!، دەپ بىرلا چىرقىراپ يەنە جىمىپ قالدى...

-9-
ياسىن خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بولۇپ قالغان ئىدى. چۈنكى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار خۇددى بىر مۆجىزىدەكلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا يۈز بەرگەن، ئۇ خۇددى كىنو كۆرۈۋاتقاندەك، ياق، كىنودا رول ئېلىۋاتقاندەك غەلىتە تۇيغۇدا بولۇپ قالغان ئىدى. ئاشۇ كېچىدە ئۇ ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتكەن ئالىمنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچىمۇ بولدى، ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمىدى، خۇددى مەستتەك دەلدەڭشىپ ياتاققا كىلىپ ياتتى. كۆرگەن ئىشلىرى ئۇنىڭغا خۇددى خىيالىدىكى ئىشتەك بىلىنەتتى. گاھى ئۆزىنىڭ قورقۇنچاقلىقىدىن ئۆكۈنۈپ ئۆزىنى ئەيىپلەيتتى. ئۇ شۇ كېچىسى ئۇخلىيالمىدى. يەنە كېلىپ ئەتىسى ئۇ ئاغىنىسى ئالىمنى ھىچيەردىن تاپالمىدى. چۈنكى ئالىم شۇ كېچىسى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ ئۇنى ناھىيىگە ئەكىرىپ كېتىشكەنىدى،

بۇ ئىش توغرىسىدا جەمئىيەتتە ناھايىتى زور غولغۇلا بولۇپ كەتكەن، ئىككى شەھۋەتپەرەسنىڭ، بولۇپمۇ ئەتە ھەرەمگە يول ئالماقچى دەپ تۇرۇۋاتقان سەلىمباي توغرىسىدىكى گەپلەر ھەممىلا يەرگە تارقىلىپ كەتكەنىدى. ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا:

-پاسىقلارنى ئالىم ئەجەپ جايلاپتۇ-ھە؟.

-ئالىمنى ئوغرى دەپ يۈرسەك ئەسلى ئۇ بىر جىگەرلىك ئەزىمەتكەن ئەمەسمۇ.

-تۈرمىدىن كەلگەن كۈنىكەن، ئەمدى ئوزاق ياتقۇزۇۋىتەرمۇ؟

-ھېلىقى توخۇ پوقى باينىڭ ئىشىنى دەڭلا، ھەرەمگە ماڭماق بولغاندىن كىيىن كۆتىنى قىسسا بولمامدۇ.

-ئالىم ئوغۇل بالىچىلىق قىپتۇ. يۇرتتا مۇشۇنداق شەھۋەتخورلار كۆپەيسىلا پېقىرلىق كۆپىيىدۇ، قورغاقچىلىق بولىدۇ، ئەينا.

-ئالىم ھەقىقى ئەركەككەن،-دىگەندەك گەپلەر ئۇچۇپ يۈرەتتى، ھەممىسىلا ئالىمنى ماختايتتى. ھەتتا بىرمۇ كىشى ئۇنىڭ يامان گىپىنى قىلمايلا قالماستىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئوغرى ئىكەنلىگىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەندەك ئىدى...

 شۇتاپتا تەقدىرنىڭ كۆزى ياسىنغا قاراپ تۇرۇۋاتقاندەك، ئۇنىڭ ئالدىغا مۈشكۈل بىر سىناقنى قويۇپ قويدى. چۈنكى بۈگۈن ئالىمغا ئوچۇق سوت ئېچىلماقچى، ئالىم ئىشەنگەن، ياسىن ئۆزىمۇ ،ۋىجدان قەرزىم بار، دەپ يۈرىكىدىن قايىل بولىدىغان ئاغىنىسى ئالىمنىڭ نەق مەيداندىكى ئىشىغا ئۇ گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەكمۇ ياكى بەرمىسۇنمۇ؟ بۇ مەسىلىدە ئۇ ھەقىقەتەن ئىككىلىنىپ قالدى. ،ئەگەر گۇۋاھلىق بەرسە جان-جىگەر ئاغىنىسى ئاقلىنىشى، بەلكىم قويۇپ بىرىلىشى مۈمكىن. ئەمما سەلىمباينىڭ قار-يامغۇر يىغلاپ كىتىۋاتقان ئايالى سەيدىخان، ئۇرۇقلاپ بىرتېرە-بىر سۆڭەك بولۇپ قېلىۋاتقان گۈلنارلا قانداق ئويلاپ قالار؟ ئۆزى ئاشۇ سەلىمباينىڭكىدە ئۈچ-تۆت يىلدىن بىرى تۇز يىدى ئەمەسمۇ؟ بىرى جان دوست، يەنە بىرى كىيىنكى كۈنلىرىگە يار-يۆلەك بولغان ئادەملەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە گەرچە تېخى ھىچكىم بىلمىسىمۇ يۈرىكىنى لاۋۇلداپ كۆيدۇرۈۋاتقان مەشۇقىنىڭ دادىسى. توغرا، ئۇنىڭ سەلىمباي ۋە ئاينۇرنىڭ ئۆلۈمىگە گۇۋاھچى ئىكەنلىكىنى بىر ياراتقۇچىدىن بۆلەك ھىچكىم بىلمەيدىغۇ، ئەگەر گۇۋاھلىق بىرىپ قويسا بۇندىن كېيىن سەلىمبايلارنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىيەلەرمۇ؟ ئىشقۇ تېپىلار، ئەمما گۈلنارچۇ؟ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئېنىققۇ...؟، ياسىن شۇ خىياللار بىلەن ئورنىدىن تۇردى ۋە سىرتقا ماڭدى. ئەمما ئۇ ئۈچ-تۆت قەدەم مېڭىپ بولۇپ بىردىن ،چىپپىدە، توختاپ قالدى ۋە كىرىپلا ھېلىقى بىلەي تاشنى يانچۇقىغا سېلىۋالدى. چىرايىدىمۇ قەتئىيلىك جىلۋە قىلدى. كۆڭلىدە ،مەن باشقىلارنى ئالدىساممۇ مەيلى، ئەمما ئۆز كۆڭلۈمگە بۇ قېتىم ئاسىيلىق قىلسام بولمايدۇ. ئالىم مەن ئۈچۈن ھەممىسىدىن كېچەلەيدىيۇ، مەن مۇشۇ ۋاقىتتا يەنە قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرسام، كىيىن ئۆزەمنى كەچۈرەلەمدىمەن، مىنىڭ ئادىمىيلىكىمدىن ئېغىز ئاچقىلى بولارمۇ؟، دىگەنلەرنى ئويلىدى. چۈنكى سىرتتىكى گەپلەرگە قارىغاندا ئالىم ئۆزىنى  ئاقلىيالماسمىش، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىغاندىمۇ ئوزاق يېتىپ كەتمەمدۇ؟ ھازىر جەمئىيەتتە باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىكى ،سېسىق ئوغرى، دەپ ئاتالغان ئالىم بىردىنلا كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى ،قەھرىمان،غا ئايلاندى. ھەممە ئۇنى تەرىپلەپ ماختىشاتتى. ئەمما ھىچكىم ئەتىسى ھەجگە ماڭماقچى بولغان ،مۇۋەققەت ھاجى،نى ئاقلىمىدى، زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن كاۋاپتەك بىر پىچاققا نىسىپ بولغان ئاينۇر ئىككىسىگە لەنەت ئوقۇمىغان ئادەم قالمىدى. ئالىمنى بولسا ،جىگىرى بار ئوغرىكەن، ئەركىشى دىگەن مانا شۇنداق بولمامدۇ؟، دىيىشتى. بۇلارنى ئويلىغىنىدا ياسىن تېخىمۇ كەسكىنلىك بىلەن سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئۇ ئاشخانىدىن چىقىپ كەلگىنىدە يولدا كىشىلەر ئالدىراش شەھەر تەرەپكە قاراپ كېتىشىۋاتاتتى. بۆگۈن خۇددى بىرەر بايرام بولغاندەك بازار ئىچىدىكى كىشىلەر تەۋرەپ كەتكەندەك ئىدى. يېزا ئالدىدىكى ماي يولىدا كىشىلەر ماشىنا، موتسىكلىتلىق ھالدا ئالدىراش شەھەرگە- سوت مەيدانىغا كېتىشىپ باراتتى. تويۇقسىز ئالىمنىڭ يېنىدا بىر كىچىك ماشىنا توختىدى ۋە ئىچىدىن سالاپەتلىك كەلگەن بىرى چۈشۈپ كەلدى. ئاڭغىچە ئەتراپتا تۇرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرمۇ بۇ يەرگە يېغىلغانىدى.

-سەنمۇ ماڭمامسەن-،دىدى ياسىننى كۆرۈپ ھېلىقى ماشىنىدىن چۈشۈپ كەلگەن يېزا بويىچە بايلىقى جەھەتتە سەلىمبايدىن قېلىشمىغۇدەك ئورۇندا تۇرىدىغان تۇرداخۇن ئۇستام،- سىنى ئالىم بىلەن يېقىن دىيىشىۋاتاتتى. ئوغۇل بالىكەن كاساپەت. ئەگەر ئاقلىنىپ چىقسا ياكى ئۆي كىسىلىپ قالسىمۇ يېنىپ چىققىنىدا مانا مەن ئۆزەم يېنىمغا تارتىمەن، ئاڭلاپ قويۇڭلار بولسا ئۇنىڭغا قىزىمنى بىرىپ ئۆيلەپ قويىمەن، ھۈنەر ئۈگىتىپ توغرا يولغا سالىمەن.

ئەتراپتىن ،بارىكاللا، ساداسى ياڭرىدى. تۇرداخۇن ئۇستام قورۇلۇش سېلىشتا نامى بار ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا بىرەر يۈز ئادەم ئىشلەيتتى. ئۆزىمۇ ناھايىتى مەردانە كىشى ئىدى. ياسىنمۇ تۇرداخۇن ئۇستىنىڭ بۇ سۆزىدىن ھاياجانلانماي تۇرالمىدى. ئۇ ئەمدى ئاغزىنى ئۆمەللەپ بىرنىمە دەي دىيىشىگە تۇرداخۇن ئۇستام يەنە:

-ھە ياسىن، ئاغىنەڭ ھازىرقى لىڭتاسمىلارغا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنىڭ قانداق قان ئىكەنلىگىنى كۆرىسىتىپ قويدى. بىزدە ئەزەلدىن خوتۇنىنىڭ ناشايان ئىشلىرىنى كەچۈرۈۋېتىدىغان ئەركەك بولغان ئەمەس، ئەمما ھازىرقى يۇمشاقباشلار تاس قالىدۇ ئەمەسمۇ، خوتۇنىنى باشقىلارغا سولاپ بەرگىلى. بولدى بارامسەن، ماشىنىدا ئالغاچ باراي-،دىدى. ياسىن:

-مەن سەيدىخان ئاچاملار بىلەن بىللە بارايمىكىن-،دىدى تەمتىلەپ تۇرۇپ. تۇرداخۇن ئۇستام ،ھە بوپتۇ، دەپ قويۇپ ماشىنىسىغا چىقتى-دە، يۈرۇپ كەتتى. ئەتراپتىكىلەرمۇ ئالدىراپ يۈرۈپ كىتىشتى. ئاڭغىچە ئاق ياغلىقىنى ئالدىدىن چىگىۋالغان سەيدىخان بىلەن گۈلنارلارمۇ چىقىپ كەلدى. ياسىن نۆۋەت ساقلاپ تۇرغان شيالى ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپ سەيدىخانلارنى باشلىدى. ئەمما دەل شۇ چاغدا گۈلنار نېمىشقىدۇر ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. كەينىدىنلا سەيدىخان يۈگۈرەپ كىرىپ يەنە ھايال بولمايلا يېنىپ چىقتى. ئاندىن ياسىنغا قاراپ:

-بىچارە قىزىم، خىجىل بولغان چېغى، باياتىنمۇ ماڭغىلى ئۇنىمىغان، زورلاپ ئېلىپ چىقىۋىدىم، ھازىر يەنە ئاشخانىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن قېچىپ ئۆيگە كېتىپتۇ. بولدى مېڭىۋىرەيلى-،دىدى. ياسىنلار ماشىنىغا چىقىپ جايلىشىپ ئولتۇرۇۋالدى. ياسىن گۈلنارنىڭ نىمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى ھىس قىلغاندەك، ئۇنىڭ ئازابلىرىنى، قايغۇلىرىنى چۈشەنگەندەك بولدى. چۈنكى ئۇ دادىسىغا بەك ئامراق ئىدى. دادىسىغا قاتتىق ئىشىنەتتى. ياسىن سەيدىنىساخاننىڭمۇ سېمىز يۈزلىرى سۈزۈلۈپ، ئورۇقلاپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ماشىنا تارغىنا ئاسفالت يولدا تىز سۈرئەتتە كىتىۋاتاتتى. شۇتاپتا ياسىننىڭ يۈرىكى مۇنۇ ماشىنىدىنمۇ بەكرەك چايقىلىپ كىتىۋاتاتتى. چىرايلىق ياسىتىۋالغان بۇرۇتى ئاستىدىكى لەۋلىرى ئىختىيارسىز تىترەيتتى. ھېلىقى ئاخشامدىن بىرى گۈلنار ياسىنغا قارىمايلا قويدى. كىيىن يەنە بىرمۇنچە ئىشلار بولۇپ كەتكەچكە ياسىن گۈلناردىكى روھى ئازابلارنى چۈشەنگەندەك بولغانىدى. چۈنكى بىچارە قىز تاغدەك ئىشەنگەن دادىسىنىڭ شۇ قەدەر شەرمەندىلەرچە ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئازابلانماي تۇرالمايدۇ-دە. ئارامسىزلىنىپ ئولتۇرغان ياسىننىڭ شۇتاپتا نىمىشقىدۇر بىلەي تاش سېلىنغان يانچۇقى ئېغىرلاپ كەتكەندەك ئىدى. باياتىن بىرى ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغان سەيدىخان سىمىز بەدىنىنى ئەپچىل جايلاشتۇرۇۋالغان، قىيسىق كۆزلىرى يىراققا تىكىلگەن ئىدى. تويۇقسىز ئۇ ياسىنغا قاراپ:

-ياسىن ئۇستام، ئالىم ئوغرىنى سېلىنىڭ يېقىنلىرى دەپ ئاڭلايمەنغۇ؟-،دەپ سوراپ قالدى. ياسىن نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي بىر دەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئەمما تىزلا قەتئىيلىك بىلەن:

-شۇنداق مېنىڭ دوستۇم ئىدى-،دىدى. ئۇنىڭ بۇسۆزى بىلەن ماشىنىدىكىلەر ياسىنغا  قاراپ قويدى. ماشىنا يېزىنىڭ تارغىنە ماي يولىدا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى. يول بويىدىكى دەرەخلەر لىپ-لىپ قىلىپ كەينىدە قالاتتىيۇ، ئادەمگە دەرەخلەرمۇ خۇددى مېڭىۋاتقاندەك تەسىرات بېرەتتى. ماي يولى بويىدىكى بوستانلىقنىڭ نېرىسىدىكى قۇم بارخانلىرى بولسا سەھەر قوياشىنىڭ ئالتۇن نۇرىدا خۇددى لـۆمشۈپ كىتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.

-دوستىڭىز جىگەرلىك يىگىتكەن،-سەيدىخاننىڭ تۇيۇقسىز دىگەن بۇ سۆزىدىن ھەيران بولغان ياسىنمۇ ھەتتا شوپۇرمۇ كەينىگە قايرىلىپ سەيدىخانغا قاراپ قويدى. سەيدىخان ھىچقانداق ئىپادىسىز ھالدا يىراققا تىكىلىپ ئولتۇراتتى. ياسىننى ئىختىيارسىز ئاللىقانداق خىياللار ئورىۋالغان ئىدى. ،ئادەم دىگەن ئاجايىپ نىمىكەن. شۇتاپتا مۇنۇ سەيدىخاننىڭ كۆڭلىدە قانداق خىيال بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. سەلىمباي ئۆلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە چاچلىرىنى يۇلۇپ ھەمىشە يىغلاپلا يۈرىدىغان مۇنۇ ئايال ھازىر نېمىشقىدۇر باشقىچە ھالەتتە كۆرۈنىدىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەلىمباينىڭ ئىشى پۈتۈن يېزا، ھەتتا ناھىيە تەۋەسىدە پۇر بولۇپ كەتتى. ،ئەتىسى ھەجگە ماڭماقچىكەن، ھەجگە ئەمەس جەھەننەمگە يول ئاپتۇ، دىگەن گەپ ھەممە يەردە ئېقىپ يۈرىدۇ. ئۇستامغىمۇ خوپ بولدى، پاكلىق ئىزدىمەك بولغان ئادەم نىمە قىلىدۇ سېسىق جالاپنىڭ قېشىدا، يەنە بىر ئىش يېزا تەۋەسىدە شۇنچە ئىناۋىتى بار بىر ساخاۋەتچى باينىڭ نامىزىغا ئۇنىڭ تۇققانلىرى ۋە شاگىرتلىرىدىن باشقا تۈزۈكرەك ئادەم قاتناشمىدى، تېخى تۈنۈگۈنلا ئۇنىڭغا ئۈلپەت بولۇپ داستىخىنىنى يىگەن، كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان ئادەملەرنىڭ تولىسى نامازدا يوق ئىدى. ئاينۇرنىڭ نامىزىغىمۇ شۇنداق. قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نامىزىنى جىممىدە ئوقۇپ جەسىتىنى شاۋقۇن-سۆرەنسىزلا كۆمۈپ قويۇشتى. توۋا، ئەگەر ئۇستام باشقىچە ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، مەسىلەن، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان بولسا ئۇنىڭ نامىزى پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى مەسچىت ئىماملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن، يېزا رەھبەرلىرى بۇ مائارىپقا تۆھپە قوشقان، يېزا تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشقان ساخاۋەتچى باي ئۈچۈن تەنتەنىلىك تەزىيە نۇتقى سۆزلىگەن بولارىدى. ئەمما ھازىر ،ئۇنداق پاھشىۋاز ئىشەكنىڭ نامىزىغا بارسىمۇ گۇناھ بولىدۇ، دەپ ھېچكىم كەلمىدى. ھەتتا ئاخشىمى ئۇنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولغانلارمۇ، سەلىمباينىڭ نامىزى شۇقەدەر غېرىپلىق ئىچىدە ئۇزىتىلدىكى، گۈلنارنىڭ يىغىسى كەلگەنلەرنىڭ يۈرىكىنى ئىزىۋەتتى.

 ئالىم خىيالدىن ئۆزىنى تارتقىنىدا ئۇلار ئاللىقاچان شەھەرگە كىرىپ، ماشىنا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا توختىغانىدى.

سوت مەيدانى ھەيۋەتلىك تۈس ئالغان بولۇپ مەيدانغا لىق تولغان كىشىلەر تىنىقىنى ئۈنلۈكرەك چىقىرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي جىممىدە ئولتۇراتتى. ياسىنلار ئۆزلىرىگە تەييارلاپ قويۇلغان ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. سوراقچىنىڭ قوپال ئاۋازىدىن كېيىن ئالىم شۇ كۈنى كېچىدىكى ئىشلارنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىشقا باشلىدى. ھەممە كۆزلەر ئالىمغا تىكىلگەن بولۇپ ئۇنىڭ مەغرۇرانە قىياپىتىنى تاماشا قىلاتتى ۋە ئاللىقانداق تەشۋىش ئىلكىدە يۈرەكلىرى ئىختىيارسىز كۈچلۈك سوقاتتى. ياسىن ئالىمنىڭ سۆزلىرىنى بىرىلىپ ئاڭلىغاچ ئىختىيارسىز، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ خېلىلا سالماق، سەمىمىي بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلماقتا ئىدى. چۈنكى ئادەتتىن تاشقىرى تەمكىن كۆرۈنىدىغان ئېگىز بويلۇق بۇ دوستى شۇ تاپتا ئاشۇكېچىدىكى ھەممە ئىشنى قىلچە يالغان ئارىلاشتۇرماي، راستى بىلەن بايان قىلماقتا ئىدى. كىشىلەر قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن، ئالىمنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قالغانىدى. ياسىن يېنىدا ئاپئاق ياغلىقىنى ئىڭىكىدىن ئاشۇرۇپ چىگىۋالغان سەيدىنىساخانغا قاراپ قويدى. ئۇ ئالىمنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ پەرىشان ھالەتتە ئولتۇراتتى. شۇ تاپتا سوتچىلارلا ئەمەس پەستىكى كىشىلەرمۇ ئۆز قولىقىغا ئىشەنمىگەن ھالدا ئالىمنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇراتتى. چۈنكى ھەممىسى ناشايان ئىش قىلغان پاھىشۋازلارنى ،ئالىم ئۆلتۈرگەن، دەپ ئويلايتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز لەقۋالىقى، ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەنلىگىنى ئاڭلىغىنىدا ئامما ھەقىقەتەن ھاياجانغا چۆمدى. ئالىمنىڭ سۆزى تۈگىگەندە بولسا مەيدان بىرپەس جىمجىتلىققا چۆمۈپ قالدى. ھېچكىممۇ ئۆزى ھىس قىلغان ھاياجانلىق بۇ دەقىقىدىن كەچكۈسى كەلمىگەندەك سۆزسىز ئىدى. بىر چاغدا سوراقچى:

-پىچاقنىڭ ھەقىقەتەن سەلىمباينىڭ ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. يارا ئورنىدىن ۋە قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ ئىسپاتلىرىدىن قارىغاندىمۇ جاۋابكارنىڭ سەلىمباينىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى گەپلىرى پاكىتقا ئۇيغۇن. پىچاق سەلىمباينىڭ بىخەستلىگىدىن ئۆزىگە كىرىپ كەتمىگەندىمۇ ئالىمنىڭ قىلمىشى يوللۇق قوغدىنىشقا كىرىدۇ، چۈنكى سەلىمباي ئالىمنى ئۆلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلغان، ئەمما جاۋاب بەر، ئاينۇرنىڭ ئۆلۈمىنى سەن كەلتۈرۈپ چىقاردىڭمۇ-يوق؟

-ئۇنىڭ زاڭىقىغا بىرنى، قورسىغىغا بىرنى تەپكىنىم راست، ئەمما ئۇ سەلىمبايغا ئۆزىنى ئاتتى. پىچاقنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئاتتىمۇ، ياكى كۆرمەي شۇنداق قىلدىمۇ بىلمىدىم، ئىشنى قىلىپ ئۇ مەندەك ھالال ئېرىدىن ئاشۇ سېسىق باينى ئەۋزەل كۆرۈپ ئۇنىڭغا بولۇشتى.

-بولدى. سەن قانۇنغا ھىسسياتىڭنى ئارىلاشتۇرساڭ بولمايدۇ، پاكىتنى سۆزلە، سەن ئاينۇرغا ئۆچلۈك قىلىدىغان ئەشۇ ھىسسياتىڭ بىلەن سەلىمباينىڭ ئۈستىگە ئاينۇرنى يىقىتقان بۇلۇشۇڭ، شۇ ئۇسۇل بىلەن ساختا نەق مەيدان ياسىغان بۇلۇشۇڭ مۈمكىن، شۇنداق ئەمەسمۇ-؟سوراقچىنىڭ بۇ سۆزى پەستىكىلەرگە ياقمىدىمۇ ئازراق غولغۇلا كۆتۈرۈلدى. ئالىم تىزلا:

-ياق، مەن ئۇنداق قىلمىدىم،-دىدى.

-بۇنىڭغا پاكىتىڭچۇ؟

سوراقچىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئالىم نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. غولغۇلا ئەۋجىگە چىققانىدى. ۋەزىيەت ھەقىقەتەن ئالىمغا پايدىسىز بولۇپ قېلىۋاتقان بولۇپ باياتىنقى سۆزلەردىن ئۈمىدلەنگەن، ئالىمغا ئىشەنگەن ئالامان ئەمدىلىكتە ئالىمنىڭ بىھۇدە قارىلىنىپ كىتىشىنى خالىمايتتى. ئەمما ئاينۇرنىڭ ئۆزىنى سەلىمباينىڭ ئۈستىگە ئاتقانلىغىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىسا ئالىمغا جىنايەت كېلىپ قالاتتى. شۇتاپتا ھەمما ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇ چاغدا سوراقچى يەنە:

-ئالىم سەن ئىنىق ئاڭلا، ئاينۇرنىڭ بەدىنىدە تاياق ئىزلىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئاينۇرغا ئۆچ، تۈرمىدىنمۇ ئاينۇرغا بولغان ئاچچىقىڭنى بېسىۋالالماي ئاران چىققان، شۇڭا بىز سېنى ئاينۇرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ ساختا نەق مەيدان راستلىغان دەپ گۇمان قىلىمىز، راستىڭنى ئېيت؟-،دىدى.

-ياق، مەن ئۆلتۈرمىدىم...-ئالىم پەقەت شۇ سۆزنى دەپلا تۇردى. ئۇھەقىقەتەن گاڭگىراپ قالغان بولۇپ باياتىنقى سالماقلىقى يوقالغان، بۇ سوئالغا تەييارلىقى يوق بولغىنى ئۈچۈنمۇ گاڭگىراپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال سوراقچىلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇۋاتاتتى.

-راستىڭنى ئېيت، پاكىت سۆزلە،-سوراقچىنىڭ شۇ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن تويۇقسىز پەستىن:

-ئالىمنىڭ ئاينۇرنى ئۆلتۈرمىگەنلىگىگە مانا مەن گۇۋاھ! - دىگەن جاراڭلىق بىر سادا ئاڭلاندى. ھەممىنىڭ كۆزى پەستىكى ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان ياسىنغا ئاغدۇرۇلغان ئىدى. ھەممىنىڭ كۆزىدە ھەيرانلىق ئىپادىسى ئەكىس ئېتەتتى. بولۇپمۇ ئىككى كىشى، ئالىم بىلەن سەيدىنساخان ياسىنغا قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى. سوتچىلارمۇ بېشىنى بىر يەرگە قىلىپ بىرنىمىلەرنى دېيىشەتتى. ياسىن بولسا ئورنىدا قەتئىيلىك بىلەن ئۆرە تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى بىردىن ئالىمنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئالىم ئۇنىڭغا چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئىشەنچ بىلەن قارىدى. بىرھازادىن كىيىن ياسىن سوت مەيدانىغا چاقىرتىلدى.

-ئىنسان بالىسى ئازغۇچى، لېكىن ئالىمنىڭ ئايالى ئاينۇر ئادەم ئەمەسكەن. مەن ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، يەنى ئۇستامنىڭ ئۆيىدىن ھەممە ئىشلارنى يىغىشتۇرۇپ ھايال بولۇپراق ياندىم، يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئۆستەڭ بويىدا بىردەم ئولتۇردۇم، شۇ ۋاقىتتا ئۇستامغا ئوخشايدىغان بىرگەۋدىنىڭ تىمىسقلاپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قىزىقىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەن ئىدىم، ئەپسۇس ئۇ دەل ئالىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىشىغا قىزىقىپ، ئۆيىنىڭ كەينىگە، ئالىملارنىڭ ھوجرىسىنىڭ دەرىزىسى تۈۋىگە كىلىپ تۇردۇم. ئۇستام بىلەن ئاينۇرنىڭ ئارىلىشىۋاتقىلى ئوزۇن بولغانىكەن. ئۇستام ئاينۇرغا ،مەن مەككىگە مېڭىشنىڭ ئالدىدا سەن بىلەن ئاخىرقى قېتىم بىرگە بولۇۋالاي، ھەج قىلىپ كىلىپ ئىككىنچى مۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، دىدى. مەن بۇيەرگە كېلىپ قالغىنىمغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغان پەيتتە ئالىم ئۆيگە بۆسۈپ كىردى. كىيىنكى تەپسىلاتلارنى بولسا ئالىم راستچىللىق بىلەن ئېيتتى. قىلچە يالغان گەپ ئارىلاشتۇرمىدى. ئەمدى ئاينۇرغا كەلسەك، ئۇ ھەقىقەتەن نائەھلى ئايال ئىكەن. ئۇ ئۇستامغا بولۇشۇپ ئالىمنىڭ كاللىسىغا مۇنۇ بىلەينى ئاتتى. ئاندىن كالتەك بىلەن پاچىقىغا بىرنى قويدى، مەن شۇۋاقىتتا چىداپ تۇرالماي ئاينۇرنىڭ بىلەي تېشىنى ئۇنىڭغا ئاتاي دىگەن پۇرسەتتە، ئۇستام بىلەن ئالىم يەرگە يېقىلدى. ئەمما ئالىم ئورنىدىن تۇردىيۇ، ئاۋال تۈۋرۈككە قاتتىق بىر ئۈسسۈپ ئاندىن يىقىلغان ئۇستام ئۈنسىز جىمىپ قالدى. ئۇستام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاينۇر راستلا ئۆزىنى ئۇستامنىڭ ئۈستىگە ئاتتى، مەن بۇ تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم،-ياسىننىڭ سۆزى تۈگىشىگە سوراقچى:

-ئېيتقىنىڭ راستمۇ؟-،دەپ سورىدى. ياسىن قەتئىيلىك بىلەن يانچۇقىدىن بىلەي تاشنى ئېلىپ:

-راست، مانا بۇ بىلەي تاش نەق مەيداندىن ئۇچۇپ چىققان،-دىدى. ياسىننىڭ قولىدىكى تاشنى كۆرۈپ سوت مەيدانى يەنە دەۋرەپ كەتتى. كىشىلەر قاتتىق ھاياجانغا چۈمگەن ھالدا غولغۇلا قىلىشماقتا ئىدى. پەستىكى تۇرداخۇن ئۇستام باشلىق كىشىلەر ياسىنغا قول ئىشارىسى قىلىپ ،يارايسەن!، دىگەندەك كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئالىم ھاياجانلىنىپ كەتكەن، سەيدىخان بولسا بۇتتەك قېتىپ ئولتۇراتتى. كۆكسى بىرئاز بوشاپ قالغاندەك بولۇپ قالغان ياسىن ئالىمغا قارىۋىدى، ئالىمنىڭ ئۇنىڭغا ھەم ھەيرانلىق ھەم خوشاللىق ئىلكىدە داڭقېتىپ قاراپ قالغانلىغىنى كۆردى. شۇۋاقىتتا باش سوتچى:

-گۇۋاھچىنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئالىمنىڭ كاللىسىغا ئۇرۇلغان بىلەي تاشنى تاپالمىغان، نەق مەيدان سىرتىدا يەنى، دەرىزە سىرتىدا يوچۇن ئاياغ ئىزىنى بايقىغان، ئەمما ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى تاپالمىغانىدۇق. شۇڭا گۇۋاھچىنىڭ سۆزىنى دەلىللەپ، ئاياغ ئىزىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن كېڭەشمە سوتتا ئالىمغا ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۆگۈنكى سوت تامام!-،دەپ جاكارلىدى...

-10-
نەچچە كۈندىن بىرى ياسىننىڭ ئۆيىدىن ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمىدى. چۈنكى ياسىن ئەمدىلا تۈرمىدىن چىقىپ بىرمۇنچە پالاكەتلەرگە ئۇچراپ يەنە تۇتۇلغان، ئاخىرى ،ئۆزىنى يوللۇق قوغدىغان، دەپ ئاقلىنىپ يەنە يېنىپ چىققان ئالىمنى ئۆيىگە ئەكىلىۋالغان ئىدى، ئۆزىمۇ ھېلىقى كۈندىن بىرى ساقچىلارغا ماسلىشىپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئالىمنى ئەپچىقىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولدى، ئۇنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئاشخانىغا بارماسلىق قارارىغا كېلىپ، ھازىرچە ئۆز ئۆيىگە ئاياغ بېسىشنى خالىمايدىغان ئالىمغا ھەمراھ بولۇۋاتاتتى. ئۇلارنى يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ تولىسى ئالىمنىڭ تۈرمىداشلىرى، يەنە ئالىمنى، ئۇنىڭ جەسۇرلىقى، ۋاپاسىز خوتۇن بىلەن پاھىشىۋاز ئەرنى جۆندىگەنلىگىنى تەبرىكلەپ ئۇنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئىدى. مانا ئۇلارنىڭمۇ ئايىغى بېسىقىپ بۆگۈن ئۇلار ئىككىسى يالغۇز قالدى. ياسىن ئالىمغا:

-مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى يارلىققا بېرىپ سۇغا چۆمۈلۈپ كېلەمدۇق-،دىۋىدى. ئالىم تىزلا:

-ماقۇل، كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىڭ ئاداش، بېرىپ كىلەيلى-،دىدى. شۇ سۆز بىلەن ئىككىسى يولغا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا چۈش مەزگىلى بولۇپ قالغان بولۇپ، كۈن راسا قىزىغان ئىدى. مەھەللىنىڭ توپىلىق يولى قوياشنىڭ كۆيدۇرگۈچ ئىسسىغىدا يال-يۇل يېنىپ تۇراتتى. كىشىلەرمۇ ئىسسىقتىن قېچىپ ئۆيلىرىگە كىرىۋېلىشقان، مەھەللە شۇ تاپتا چۈشلۈك ئۇيقۇغا غەرق بولغان ئىدى. يول بويىدىكى جىگدىلەرنىڭ كۆمۈشرەڭ ياپراقلىرىمۇ كىشىگە خۇددى ئىسسىقتىن نالە قىلىۋاتقاندەك تەسىرات بىرەتتى.

-سەن تېخىچە ئۆيلىنەي دىمەپسەنغۇ؟-،دىدى ئالىم ياسىنغا قاراپ قويۇپ، ياسىنمۇ قىزغىنلىق بىلەن:

-ئەمدى ئۆيلىنەرمەن، يېگىت قولدىشىم سولاقتا تۇرسا-،دىدى.

-ھە خىيال قىل ئەمدى، بىرەرسى بارمۇ-يا؟

-سەندىن يوشۇرمايمەن ئاداش، مەن ئۇستامنىڭ قىزى گۈلنارغا كۆيۈك دىگىنە.

-بۇنى ئۇ بىلەمدۇ؟

-مېنىڭ ئۇنىڭغا كۆيۈپ يۈرگىنىمگە ئوزۇن بولدى، ئەمما كۆيۈكلۈكۈمنى تۇنجى بولۇپ سەن ئاڭلىدىڭ، مانا.

-جاھان نىمانداق تاردۇ؟ سەن ئەخمەق نىمە دەپ ئاشۇ نائەھلىنىڭ قىزىغا.. ھە بولدى ئالايما، سەن ئۇنىڭغا كۆيۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ جىنايىتىنى قىزىغا ئارتمايلى،  قىزغا ئوچۇغىنى دەيدىغان گەپ ئىدى ئەمەسمۇ؟

-ساڭا دىسەم، مەن سىنىڭ ،شەھۋەت-ئەرنىڭ دۈشمىنى، دىگەن گىپىڭگە ئەمەل قىلىپ ھىچقانداق قىزغا چىراي ئاچمىدىم، ئۇقساڭ كۈلۈپ كىتىسەن، شۇ سەۋەپتىن قىزلار تېخى مىنى ھېلىقىدەك كېسىلى باركەن، دەپ ئويلاپ قاپتۇ، ھا،ھا...

-ھا،ھا،ھاھ...

شۇ سۆزدىن كېيىن ئىككىسى قاقاھلاپ كۈلۈپ كىتىشتى. ياسىن ھازىر ئۆزىنىڭ ھالىتىگە ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى، چۈنكى ئۇ بورۇنقى جىمغۇر، كەمسۆز ياسىنغا پەقەتلا ئوخشىماي قالغان، قاچان ئالىمغا ئۇلاشتى، شۇ ھامان ئەسلىدىكى ۋاپادار، سادىق خۇشچاقچاق ياسىنغا ئايلانغان، جان-جىگەر دوستىنىڭ يېنىدا ئۇششاق تىللىرى چىقىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان كىچىك بالىدەك بولۇپ قالغانىدى.

-گۈلنار ئۆزىمۇ ماڭا خېلى يېقىنلىشىپ باققانىدى بولمىسا.

-مۇنداق دە تېخى، ھازىرچۇ؟

-...

ئالىمنىڭ سوئالى جاۋابسىز قالدى. ياسىن بىردىن  جىمىپ كەتتى. ئالىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەندەك:

-خاتىرجەم بول ئاداش، ئەگەر گۈلنار، ئەقىللىق، سەمىمىي قىز بولسا سېنى كەچۈرىدۇ، سېنىڭ دادىسىنى قارىلاش ئۈچۈن ئەمەس، ھەققانىيەتنى ياقلاش ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگېنىڭنى چۈشىنىدۇ، سېنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ساڭا جەزمەن ماقۇل بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدە سەمىمىيلىك بولمايدىكەن، ئۇ سىنىڭمۇ ئەقىدە قىلىشىڭغا، كۆيۈش، كۆيۈنۈشلىرىڭگە ئەرزىمەيدۇ.

ياسىن ئالىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ تۈرمىدە تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدى. گۈلنار توغرىسىدىكى گەپ ئۇنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئېچىشتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئالىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىر ئاز خاتىرجەم بولۇپ قالدى. ئاندىن ئالىمغا چىقىشىپ:

-،ھۈنەر،نى قاچان باشلايمىز؟ ،-دەپ سورىدى. ئالىم ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ كۈلدى ۋە:

-ھۈنەردىن قول ئۈزدۇق ياسىن، بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتىمەن.

-ھەراست، تۇرداخۇن ئۇستام، سېنى قۇرۇلۇشچىلىققا شاگىرت ئالىمەن دەۋاتاتتى.

-شاگىرت؟ مەن دىگەن قۇرۇلۇش ئۇستىسى، مەن تۇرغان مەيداندىكى ئەترەتتە ھەمىشە قۇرۇلۇشتىلا بولدۇق، ھازىر ئۇستا بولۇپ قالدىم.

-ئۇنداقتا بولىدىكەنغۇ، يەنە تېخى تۇرداخۇن ئۇستام جامائەت ئالدىدا، سەندەك جىگەرلىك يىگىتكە ،قىزىمنى بىرىمەن، دىگەن، ئەمدى ساڭا ئامەت قوش كېلىشى تۇرغان گەپ جومۇ؟

-ئامەت ئالدىنى قىلسا ھەرگىز كەينىمنى قىلىۋالمايمەن، لېكىن، يۈرەك زىدە شۇڭا ئۆيلىنىشتە ئالدىرىمايمەن ئاداش.

ئالىمنىڭ كۆزلىرى، يۈزلىرى كۈلۈپ تۇرسىمۇ گەپلىرى ناھايىتى سالماق ۋە تەمكىن ئىدى. ياسىن ئۇنىڭدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى، ھەممە ئىشقا ۋەزمىن مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىغىنى ھىس قىلدى. ئۇلار گەپ بىلەن ئەتراپلىرىنى قۇمۇشلۇق ئوراپ تۇرغان يارلىق لىۋىگە كېلىپ قالغېنىنى سەزمەيلا قېلىشتى. يىڭىلا پۈپەك چىقارغان قۇمۇشلار، چۇرقىرىشىپ تۇرغان سۇ قۇشلىرى بۇيەرنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئەگرى-بۈگرى تولغىنىپ ئېقىۋاتقان يارلىقنىڭ سۈيى ھەقىقەتەن سۈزۈك ئىدى. ئىككەيلەن خۇددى كىچىك بالىلاردەك خوشلۇق ئىلكىدە سۇغا چۈمۈلدى. ئاھ، ئېقىننىڭ سۈيىگە چۆمۈلۈش قانداق راھەت-ھە، ئۇلار سۇدىن چىققۇسى كەلمەي بىرھازا سۇ ئۈزدى، بىر-بىرسىنى سۇغا شۇڭغۇتۇپ شوخلۇق بىلەن ئوينىدى...

ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىدە ئىشىك تۈۋىدىكى ئىككى كىچىك ماشىنىنى كۆرۈپ سەل ھەيران بولغان ھالدا ئۆيگە كىردى. ھويلىدىكى سۇپىدا ئۇلارنى تۇرداخۇن ئۇستام، سەيدىخانلار ساقلاپ ئولتۇرغانىدى.

-ھە كەلدىڭلىمۇ يىگىتلەر، پۈتۈن ناھىيىنى زىلزىلىگە سېلىپ قويۇپ، غېمىڭلىدە يوق ئوينايسىلەر مانا، ئەمدى ھاردۇقمۇ چىققاندۇ؟-،تۇرداخۇن ئۇستام شۇنداق دىگەچ ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، سەيدىخانمۇ ئۇلارغا قىزغىن سالام قىلدى. ياسىننىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا تاپسىدىلا قول باغلاپ تۇراتتى. ئۇلار جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تۇرداخۇن ئۇستام:

-ئەمدى بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسەت، مىنىڭ تۆت-بەش قۇرۇلۇش ئەترىتىم بارلىقىنى بىلىسىلەر، ھەممىسىگە يېتىشىپ بولالمايمەن. سەلىمبايغا ئوخشاش مىنىڭمۇ ئوغۇللىرىم يوق، شۇڭا ئەگەر ئالىم بالام خالىسا ئۆزەمگە يانتاياق قىلىۋالاي دەپ كەلگەنىدىم-،دەپ ئۇدۇللا كېلىشىدىكى مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ سۆزىدىن كېيىن ھەممە بىردەك ئالىمغا قاراشتى. ئالىم بولسا بىردەم جىمىپ قالغاندىن كىيىن:

-تۇرداخۇن ئۇستام، سېلىنىڭ مىنى پاناھلىرىغا ئالماق بولغانلىقلىرىغا رەھمەت. ئۆزلىرى بىلىلا، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ يىتىملىكتە چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمىيەتتە نامىممۇ ياخشى ئەمەس. شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە داغ كەلتۈرۈپ قويارمەنمىكىن.

-خاتىرجەم بول بالام، سەن بىلەن بىز بىر مەھەللىدىن بولمىساقمۇ بىركەنتتىن، سەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا چوڭ بولغان، يامان يولغا كىرىپ قېلىشىڭدا بىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بار. مانا ئەمدى كىم سىنى يامان دەيدۇ؟ سەن قىلغان ئەركەكلىكنى قېنى كىم قىلالايدۇ؟ سىنىڭ روھىڭ يىڭىلىنىپتۇ، چۈنكى يۈرىكى بۇزۇق ئادەملەرنىڭ قولىدىن ھەرگىزمۇ سەن قىلغان جەسۇرانە ئىشنى قىلىش كەلمەيدۇ. شۇڭا مەن ساڭا تولۇق ئىشىنىمەن، ئاۋال بىرەر ئەترەتكە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيسەن، مىنىڭ نامىزىمنى ئوقۇپ، دەم ئالىدىغان ۋاقتىممۇ بولۇپ قالدى. كېيىنچە ھەممە ئىشنى ئۆتكۈزۈپ ئالىسەن. ئۆيلىنىش ئىشىڭغا كەلسەك، مەن جامائەت ئالدىدا سەن تۈرمىدىن چىقساڭلا ،قىزىمنى بىرىمەن، دەپ كۆپ قېتىم دىگەن. شۇ گىپىمدە تۇرىمەن. ئەمما بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا قىزنىڭ رايى ئاساس قىلىنىدۇ. شۇڭا قىزىم رازى بولسا تويۇڭلارنى قىلىپ قويىمەن. ئەگەر قوشۇلمىسا سەن رازى بولغىدەك قىز بىلەن تويۇڭنى قىلىپ قويىمەن.

-ئوبدان گەپ قىلدىلا ئۇستام-،دىدى ياسىن-، ئالىم تۈرمىدە قۇرۇلۇشتا تۇرۇپتىكەن، چوقۇم ئىشلارنى جايىدا قىلىپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئەخلاق، دىيانىتىگىمۇ ئىشەنسىلە بولىدۇ.

-بىلىمەن، ئاڭلىغان، بۇ تەرىپىدىن مەن خاتىرجەم، ياسىن بالام، ئەمدى سېنىڭ گېپىڭگە كەلسەك، مونۇ سەيدىخانمۇ سېنى ئاشخانىغا قايتسا دەپ كەپتىكەن. بۇنىڭغا نىمە دەيسەنكىن.

ياسىن ئاتا-ئانىسىغا قارىدى. قېرىلىقتىن كۆزلىرى ياشاڭغىراپ تۇرىدىغان دادىسى ياسىنغا قاراپ:

-ئەتىگەننىڭ يانى سەيدىخان بىلەن كۆپ پاراڭلاشتۇق- بالام، بارغىن، ئەمما ئىھتىيات قىل-،دىدى. ياسىن بىرنىمە دىمەي قاراپ تۇردى. سەيدىخان كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا:

-سەن كەتكەندىن كېيىن ئاشخانىنىڭ ئىشى شۇ پېتى توختىدى، قوتانغا قارايدىغانلارمۇ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ خاپا سېلىۋاتىدۇ. مەن قىينىلىپ قالدىم بالام. كاللىسى مۆرىسىنىڭ ئۈستىدە بولغان ئادەم ھەرگىز سىنى ،ئۇستىسىغا يامان گۇۋاھلىق بەردى، دىمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ شەرمەندە ئۆلۈمى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. شۇڭا ئاشخانىغا قايتىپ كەتسەك،-دىدى. ياسىن ئەتراپىدىكى قاراپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي بىرھازا تۇرۇپ قالدى، ئاندىن بىر قارارغا كەلگەندەك ئۈندىمەستىنلا بېشىنى لىڭشىتتى...

-11-
-بىزگە سومىيەندىن ئىككىنى قورۇۋېتىڭا، ھەراست بىرسى يېرىم بولسۇن!-،بۇئاۋازنى ئاڭلاپ ياسىننىڭ يۈرىكى يەنە قوقاستا كۆيگەندەك تولغىنىپ كەتتى. بۇ گۈلنارنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ كۈندە مۇشۇ چاغدا ئاشخانىغا نايناقلاپ بىرسى بىلەن كىرىپ كىلەتتى ۋە ياسىنغا تاماق بۇيرۇتۇپ ئالدىرىماي ھېلىقى ئالىقاپ بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ پاراڭلاشقاچ تامىقىنى يەپ چىقىپ كېتىشەتتى. ياسىنغا پەقەتلا قارىمايتتى. ياسىننىڭ كۈنلىرى غەشلىك، ئازاپ ئىلكىدە ئۆتۈۋاتاتتى. ياسىننىڭ خىيالىدا ئۇستىسىنىڭ ئۆلۈمىگە بىرەر يىلدەك بولۇپ قالغان، ئۆزى ئاشخانىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۈچىگەن بولسىمۇ گۈلنار ئۇنى كەچۈرمىگەن ھەم قاتتىق ئاداۋەت ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياسىننىڭ كۆزىچىلا خوشنا كەنت باشلىقىنىڭ ئوغلى-ھېلىقى ئۇرۇق، بۈدرە چاچ ئەلى بىلەن كۈندە ياسىننىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلاتتى. ئۇ كىلىپ كەتكەن كۈنلىرى ياسىننىڭ مىجەزى بەكلا چۇس بولۇپ كېتەتتى. سەۋەپسىزلا شاگىرتلىرىنى تىللاپ، چۈمۈچنى قازانغا مۇشتلاپ كېتەتتى.  ئۇنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبنى ھەمىشە غەللە ساندۇقى يېنىدا ئولتۇرىدىغان سەيدىخاندىن باشقا يەنە شاگىرتلارمۇ بىلىپ كەتكەنىدى. ياسىننىڭ يۈرىكى شۇ تاپتا ئۆزى قورۇۋاتقان سەيدەك پۇچۇلىنىپ كىتىپ بارسىمۇ، ئۈن-تىنسىز ئىشىلىمەكتە ئىدى. شۇۋاقىتتا ئاشخانىنىڭ مىھمانلار ئولتۇرىدىغان ئايرىم خانىسىدىن:

- ھەي ئاۋۇ ياسىن دىگەن ئۇزۇن چاچ ئاغىنە نېمىشقا تاماقنى پاتراق ئەكىرمەيدۇ! ،-دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇنىڭ گۈلنارنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان ھېلىقى ئەلى دىگەن بىكارتەلەپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ياسىن يەنە چۈمۈچنى ئاچچىق بىلەن سەي قازىنىغا ئۇردى. ئۇنىڭ ئاچچىقىنى سىزىپ ئۈلگۈرگەن، ئۆزىمۇ غەزەپلىنىپ تۇرغان گەۋدىلىك كەلگەن ئالىمنىڭ شاگىرتى ئايرىم خانىغا كىرىپ:

-نىمە دەۋاتىسەنا ۋاي جىن ئۇرغان ئاۋاق، ھەركۈنى بىكىرىغا بولغاندىن كىيىن پىشمىسىمۇ خاملا يەۋىرەمتىڭ-يا-، دەپ گۈلەيدى. ئەلى چېقىر كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ ئۆزىدەك ئىككى كىلىدىغان كۈتكۈچىگە سەل ئەيمەنگەن ھالدا قارىدى ۋە گۈلنارنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا گەپ قىلالمىسا سەت بولمىسۇن دىدىمۇ:

-ساڭا نىمە گەپ، ئۆتە ۋاي ھاراملىق. مەن ئا ياسىن دىگەن ئۇزۇن چاچقا گەپ قىلىۋاتىمەن-،دىدى. بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىغى يامان كۈتكۈچى يىگىتنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كەتتىيۇ، ئەلىنىڭ يېنىدىكى ئالىيىپ ئولتۇرغان گۈلنارغا قاراپ قويۇپ مەنىلىك ھالدا:

-ما ئەبگانى، ھېلى بىكار خامىرىڭ تۈزلىنىپ كەتمىسۇن، ساڭا دەپ قوياي، سەندەك چۈپرەندە ياسىن ئۇستامنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىغىغىمۇ تەڭ كىلەلمەيسەن. ئۇقتۇڭمۇ؟!،-دەپ ۋارقىرىدى. ئەلى بىرنىمە دەپ بولغىچە ئورنىدىن دەست تۇرغان گۈلنار:

-بولدى!-،دەپ ۋارقىرىدى ۋە ئەلىنى سۆرىگىنىچە،- قوپۇڭە باشقا ئاشخانىدىن يەيمىز تاماقنى!،- دەپ ئېلىپ ماڭدى. ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرغان سەيدىخان ئالدىراپ:

-ۋاي بالام تاماق يىمەي نەگە بارىسەن؟-دىدى. گۈلنار تۇمشۇقى بىلەن ئاشخانىنى ئىما قىلىپ:

-ياسىن ئۇستامنىڭ شاگىرتلىرى بىزنى پاتۇرمايدىكەن ئانا-،دىدى ۋە يۈگرىگېنىچە چىقىپ كەتتى. سەيدىخان بولسا:

-توختا، ۋاي قىزىم، قانداق قىلسام بولار بۇ ناكەسنى، يېنىدىكى ئا لەقۋانى نەدىن تېپىۋالغاندۇ، ۋاي خۇدايىم قانداق قىلارمەن، سەلىماخۇن ھايات بولغان بولسىمىغۇ ئۇنداق بولۇپ كەتمەستى-،دەپ زارلاشقا باشلىدى. ياسىننىڭ قولى ئىختىياسىز ئىشتىن توختاپ قالغانىدى. ئۇ شۇھالەتتە بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن بىردىنلا پەرتۇقلىرىنى سېلىپ تاشلاپ سىرتقا ماڭدى. ياسىندىكى بۇ ھالەتنى سىزىپ تۇرغان سەيدىخان ئالدىراپلا:

-ۋاي ياسىن بالام نەگە؟-،دەپ سورىدى. ياسىن ماڭغاچ:

-قوتانغا بېرىپ كېلەي-،دىدى ۋە يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، سوزۇنچاقراق چىرايى سەل قارىداپ كەتكەندەك ئىدى. يېزا مەركىزىگە جايلاشقان قايناق بازاردىكى ئادەملەر ئۇنىڭ قولىدىن كۆپراق تۇز يىگەچكىمۇ تۇرقىدىنلا پاكىزلىقى يېغىپ تۇرىدىغان ياسىنغا ئامراق ئىدى. بولۇپمۇ قىزلار ئۇنىڭ گەۋدىلىك بەستى، باشقىلاردىن ئوزۇنراق قويۇۋالىدىغان چاچلىرىغا، ئاپئاق سۈزۈك چىرايىغا ماسلاشقان قاپقارا بۇرۇتلىرىغا مەپتۇنكارلارچە قاراپ قالاتتى.

سەيدىخان ياسىننىڭ ،قوتانغا، دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ سەل خاتىرجەم بولدى. ئۇ ياسىننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ تۇراتتى. ياسىنمۇ گۈلنارغا ئاشىق، لېكىن ئۇ سەيدىخاننىڭ قارىشىچە دەردىنى ئىچىگە يۇتىدىغان، قىزلار قەلبىنى مايىل قىلالمايدىغان ئاشىق ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئانا بولغان كىشى قىزىنى ئويلىمىسا بولمايدۇ-دە، بىچارە قىزى ئىشىق دەردىدە تۈگىشىپ كەتتى. شۇڭا ئۇ قىزىغا ،ئەقىل، ئۈگەتكەن، ھېلىقى ئەلى ئىسىملىك ئاۋاق يىگىتنى تېپىۋىلىپ ياسىننىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىش دەل سەيدىخاننىڭ كۆرسەتكەن ئەقلى ئىدى. دەرۋەقە بۇنىڭ ئۈنۈمى بولدى. ياسىن ئۆزىنىڭمۇ گۈلنارنى ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى ئاسانلا بىلدۈرۈپ قويدى. ،بۇمۇ ئوبدان بولدى. ياسىنمۇ كۆيۈكنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسۇن ئاندىن...، سەيدىخاننىڭ خىيالى ئەنە شۇ ئىدى. دېمىسىمۇ ياسىندەك قاملاشقان، ئەخلاقلىق ھەم ھۈنەرگە ئۇستا گۆھەردەك بىر يىگىتنى قولدىن چىقىرېۋىتىش ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقنىڭ ئىشى ئىدى. ئېرىنىڭ قىلىقلىرى ئىچىنى ئۆرتەپ گاھىدا ئاللىقانداق قىساس تۇيغۇلىرى ئويغىنىپ قالىدىغان سەيدىخان تېخى ئىچىدە ،قىزىمنىڭ لايىقى بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا بىرەر كېچە قوچاقلاپ يېتىشقا يارايدىغان نىمە ئىدى، دىگەن خىياللارنىمۇ قىلىپ قالاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئويلىرىنى يوللۇق دەپ ئويلايتتى. چۈنكى سەلىمباي ئۇنىڭغا ئۆزى ياش چاغلىرىدا يېقىنلاشقانچە تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە يېقىن يولىمىدى. ئۆزىنىڭمۇ ئۇنىڭدا ھەققى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى ئۆزىنىڭ سەلىمبايدىن ئون ياش كىچىك ھەم ئۇرغۇپ تۇرغان ھىسياتقا ئىگە جانلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلىمىدى. شۇڭا ئۇ ئىچىدە ،ئەمدى كىم نىمە دىسە دىسۇن، مەنمۇ ئۆزەمگە تىگىشلىك لەززەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق، قاغجىرىغان جىسمىم، قورغاقلىشىپ كەتكەن روھىم قانداق ئۇسۇلدا قانسا شۇنى قىلىمەن، دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاللىقانداق ئويۇنلىرىنى توغرا قىلدىم دەپ ئويلايتتى...

ياسىن يېزىنىڭ سول تەرىپىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭنىڭ قىرىدىكى سۆگەتنىڭ سايىسىدا ئولتۇردى، ئۇنىڭ خىيالى دەممۇ-دەم ئۈزۈلەتتى. يۈرىكى پۇچۇلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئېغىر ھەسرەتتىن دەردلىك تىناتتى. ئۇنىڭ دەردلىك تىنىشىنىڭ ئاساسى بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىنىڭ خارلىنىپ قالغانلىقىلا ئەمەس، ئايال خوجايىن سەيدىنىساخاننىڭ قىلىقلىرى ئىدى. ئۇ يېقىندىن بىرى غەلىتە قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئاشخانىغا كىرگەن ئەرلەرگە غىلجىڭشىيدىغان، بەزىلىرى بىلەن ئوچۇق قاش ئېتىشىپ سەتلىشىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا بەزى كۈنلىرى ھەممە ئىشلارنى ياسىنغا تاشلاپ قويۇپ كۈنلەپ ئاشخانىغا كەلمەيدىغان، شاگىرت بالىلارغىمۇ ئەركىلەپ ياپتا گەپ قىلىپ، بىكارغىلا قاقاھلاپ كۈلىدىغان سەت قىلىقنى چىقىرىۋالغانىدى. ئۇنىڭ پات-پات شەھەردە ئويناپ كېلىدىغىنىنىمۇ ياسىن بىلىپ قالدى. بۇ ئەلۋەتتە خەقنىڭ ئاغزىغا چىقماي قالمايتتى. بۇلارنى ئويلىغىنىدا ياسىننىڭ قەلبى مۇزلاپ كەتكەندەك بولۇپ ئۇنى غەم بولۇتلىرى ئورىۋالاتتى. ،ئانىسى شۇھالەتتە كىتىۋەرسە قىزىنىڭ كىيىن نىمە بولۇشىنى پەرەز قىلغىلى بولسۇنمۇ، ئۆزى ئىشەنگەن، ئىشلىرىمنى ئوڭشاپ، بېشىمىزنى بىر قىلىپ قويىدىغۇ دەپ ئىشەنگەن سەيدىخان قېرىغىنىدا شۇنداق بۇزۇلۇپ كىتىۋاتسا، گۈلنارغۇ ئەقىللىق قىز، مىنىڭ ئويۇمدا ئۇنىڭ ئەلىنى تېپىۋېلىشى ھەرگىزمۇ ئەلىگە كۆڭۈل بەرگەنلىگىدىن ئەمەس. ئەمما ھەي، مونۇ سەيدىنساخاچامنىڭ قىلىقلىرى...،، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق خىياللىرى بىلەن يەنە ئىچى ئاچچىق بولۇپ كەتتى. دىمىسىمۇ ئۇ تېخى ھىچ تەپتارتماي ياسىنغىمۇ سىرلىقلا گەپلەرنى قىلىدىغان، يەۋىتىدىغاندەك قارايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئەلۋەتتە ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس. ياسىن شۇ ھالەتتە خيال بىلەن بىر ھازا ئولتۇردى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ يېزا مەركىزىگە يېقىنلا يەرگە پىششىق خىشلاپ خېلى چوڭ كۆلەمدە سېلىنغان سەلىمباينىڭ قوتىنىغا كەلدى. سەلىمباي ھايات ۋاختىدا ئوبدان باشقۇرۇلغان بۇ قوتان ھازىر سەل چۆلدەرەپ قېلىۋاتاتتى. ياسىن ئۆزىنىڭ قوتانغا نىمە دەپ كەلگىنىنى بىلمەيتتى. پەقەت باياتىن ئاشخانىدا ئاڭلىغان سېسىق گەپلەردىن سىقىلغان ئىچىنى سەگىدىسۇن دەپ چىققاندۇ، ئەمما قوتانغا كېلىش ئۇنىڭ ئاشخانىدىن چىقىش ئۈچۈن دەۋالغان باھانىسى ئىدى. ئۇ كەينىگە يېنىپ ئالىمنى يوقلاپ كەلمەكچى بولدى. ئالىم ھازىر خېلىلا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ ئۆزىگە ياراشتۇرۇپ قىسقىغىنە ساقال-بۇرۇت قويۇۋالغان، رەتلىك كىيىنىپ ناھايىتى سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەنىدى، ئۇ تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ بىر-ئىككى قۇرۇلۇش ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كىتىۋاتقان بولغاچقا موتسىكلىت بىلەن ئالدىراشلا يۈرىدىغان، ياسىن بىلەنمۇ ئۈچ-تۆت كۈندە بىر كۆرۈشكىلى ئاران ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئالىمنىڭ تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ يېنىدا ئىشلىشى، ئالىمغىلا ئەمەس، تۇرداخۇن ئۇستامغىمۇ خېلىلا ئىناۋەت ئېلىپ كەلدى. چۈنكى ئالىم ھازىر تولىمۇ ئەستائىدىل ھەم ئەخلاقلىق ئادەم بولۇپ قالغان، ھۈنەرگىمۇ پۇختا، ئىشلارنى ئىدىتلىق پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش ئىگىلىرىنى ھەم ئىشلەمچىلەرنى ئۆزىگە بەكلا مايىل قىلىۋالغاچقا، تۇرداخۇن ئۇستاممۇ ئۇنىڭدىن بەك رازى ئىدى. ياسىن ئۆزىنىڭ شۇ تاپتىكى ھەسرىتى بىلەن  ئورتاقلىشىدىغانغا ئالىمدىن بۆلەك مۇۋاپىق ئادەمنىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلىپ قوتاننىڭ تۈمۈر دەرۋازىسى يېنىغا كىلىپ بولۇپ ئىچىگە كىرمەيلا ئالىمنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن كەينىگە قايرىلدى. ئەمما ئۇ كەينىگە يېنىشىغىلا قولىقىغا گۈلنارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۇ ئىشەنمىگەندەك يەنە ئىتتىك كەينىگە يېنىپ دەرۋازا يېنىغا كېلىپ قولاق سالدى. دەرۋازىنىڭ پىششىق خىشلاپ سېلىنغان يان بۇزىسى ئىچىدە راستىنلا گۈلنار بىلەن ئەلى سۆزلىشىۋاتاتتى.

-قېتىقنىمۇ ئىچىپ بولدۇق، قايتايلىچۇ، راستىڭىزنى ئېيتىڭە، بۇرۇن ھېلىقى ياسىن دىگەن ئاداش بىلەن يۈرگەنمۇ؟

-نىمە كارىڭىز، سىزنى بىرى سوراقچى قويدىمۇ-يا.

-ئەمدى دەيمىنا.

-ئۇ بىزنىڭ ئۆيدىكى بىر ئىشلەمچى خالاس، ئەجەپ كاللىڭىز ئىشلىمەيدىكەن، مىنى چاكار بىلەن يۈرىدىغان پەس دەپ ئويلايدىكەنسىزدە؟...

دەرۋازا سىرتىدا تۇرۇپ گۈلنارنىڭ ،مىنى چاكار بىلەن يۈرىدىغان پەس دەپ ئويلايدىكەنسىزدە، دىگەن سۆزىدىن ياسىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى تاسلا قالدى. ،ئەسلى مۇنداقكەندە، مەن تېخى مەن قارىمىغاندىن كېيىن ماڭا كۆز-كۆز قىلغىلى قىلىۋاتقان ئىشى دەپ بىلىپتىكەنمەن، ئەمما، ئۇ ئۆزىنى بىلەلمەيدىغان نادانكەنغۇ...، شۇ خىيال بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى لازا سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشىپ كەتتى. گۈلنارنىڭ بايىقى سۆزى بىلەن ئەلى:

-ھە، مانداق دىمەمسىز. ئۇنداق يۈندىكەش سىزنىڭ خىلىڭىزمىدى. مانا بىزدەك تۇتسا سېپى، چاقىرسا ئېتى بار ئادەمنىڭ بالىلىرىلا سىزنىڭ لايىغىڭىز ماقما؟-،دىدى.

-ھە دەپ قويسا ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ، سىزنىمۇ كۆرۈپ قالىمىزغۇ؟-،ياسىن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە چىداپ تۇرالماي ئاخىرى قەلبى ئاجايىپ ئېغىر ھىسلارغا تولغان، بىرتاغار ئازاپنى يۈدۈگەن ھالدا قايتماق بولدى. ئەمما دەل شۇ چاغدا قوتان ئىچىدىن پاتپاراق كۆتۈرۈلدى. باياتىن بىرى جىمجىت تۇرغان بۇ يەر بىردىن ،ئاللا-توۋا،، ،قاچ-قاچ!، سادالىرى بىلەن تولۇپ كەتتى. ياسىننىڭ يۈرىكى ،قارت، قىلىپ قالدى ۋە ئىتتىك قوتاننىڭ ئىچىگە قارىۋىدى، يوغان بىر قارا بۇقا دەرۋازا تەرەپكە قاراپ قېچىپ كىلىۋاتقان، قوتانغا قارايدىغان تۆت-بەش ئادەم پاتپاراق بولۇشۇپ بوقىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كىلىشىۋاتقانىدى. غالجىرلاشقان بوقا ئۇدۇل گۈلنار بىلەن ئەلى تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ئالاقزادە بولغان ئىككىسى نىمە قىلارىنى بىلمەيلا قېلىشقان بولۇپ ئەلى بىردىنلا گۈلنارنى تاشلاپ دەرۋازىنىڭ ئۇ تەرىپىگە قاراپ يۈگۈرۈپ قېچىپ كەتتى. شۇدەقىق قاتتىق قورقۇپ كەتكەن گۈلنار نېمە قىلارىنى بىلمەي داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغان بولۇپ خەتەر قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالغانىدى. ياسىن قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ مۈڭگۈزىنى نەقلەپ ئۇدۇل گۈلنارغا قارپ كېلىۋاتقان بوقا يىتىپ كىلىشتىن بىر-ئىككى سىكۇنت بورۇنلا گۈلنارنى دەرۋازا كەينىدىكى پاخالغا قاتتىق ئىتتىرىپ ئۆزىمۇ گۈلنارنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى، بۇقا يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى تامغا ئۈسسىۋىدى، ئۇنىڭ بېشىدىن قان ئېتىلىپ چىقتى. بوقا تەن بەرمىگەندەك يەنە ئاشۇ غالجىرلاشقان ھالىتى بىلەن ئۇدۇل دەرۋازىدىن چىقىپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. شۇ دەقىق گۈلنارنىڭ ئۈستىدىكى ياسىن ئۇنىڭ كىشىنى مەست قىلغۇچى قىزلىق پۇرىقى بىلەن پۈتكۇل ھۈجەيرىلىرى قىزىشىپ، ۋۇجۇدىنى چىداپ تۇرغۇسىز تەشنالىق ئورۇۋالغان، گۈلنارمۇ بۇ چاغدا قورقۇنچتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئەيتاۋۇر ياسىنغا چىڭ يېپىشىپ ئۇنى ھىدلاۋاتاتتى. شۇقەدەر شىرىن دەقىقىلەر ئۆتۈپ كەتتى. ئاڭغىچە قوتانغا قارايدىغانلار تىزلا يىتىپ كېلىشتى ۋە يۇمشاق قوناق پاخىلى ئۈستىدىن تۇرۇۋاتقان ئىككىسىگە قاراپ:

-شۈكرى خۇدايىم، گۈلنار قىز بىر ئۆلۈمدىن ئامان قالدى ماقىما، ماۋۇ ياسىن ئۇستامدىمۇ ئات كاللىسىدەك يۈرەك باركەنيا.

-ساقمۇ سىز قىزىموي.

-خۇدايىم بىر ساقلىدى-دە.

-ھېلىمۇ ياسىن ئۇستام بولۇپ قاپتىكەن، قېنى ھېلى گۈلنار قىزنىڭ يېنىدا يەنە بىرى تۇرغاندەك قىلاتتىغۇ؟

-قاچتى.

-بوقىنى كۆرۈپ ئىنەكتەك قاچتى دەڭلا

-ھا،ھا،ھا...

شۇچاغدا ياسىن قوتانغا قارايدىغانلاردىن:

-ھېلىقى بوقا قېنى؟-،دەپ سورىۋىدى قوتانغا قارايدىغانلار يەنە ئالاقزادە بولۇشۇپ:

-قېچىپ كەتتى. ھوي تىز تۇتۇۋالايلى، ھېلى بىزگە بالا تېرىپ بەرمىسۇن، بۇ قېتىم ئۇ يامان بەك غالجىرلىشىپتۇ، يۈرۈڭلار-،دىيىشىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ياسىن قورقۇنچ ۋە ئاللىقانداق تۇيغۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە قىزىرىپ كەتكەن گۈلنارغا قاراپ:

-بىرنېمە بولمىغانسىز؟-،دىدى.

گۈلنار گەپ قىلماي ياسىننىڭ چېچىدىكى چاۋارنى ئېلىۋەتتى. ئۇنىڭ قىپ-قىزىل كۆينىكى ۋە ھالرەڭ ياغلىقى توپا بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئاق سۈزۈك چىرايى، كىچىككىنە ئويماقتەك لەۋلىرى ئىختىيارسىز تىترەيتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئالىمغا كۆيۈنۈۋاتقان، باياتىنقى سۆزلىرىگە چەكسىز خىجىل بولۇۋاتقاندەك بىر ھالەت بار ئىدى. ئاھۇ كۆزلىرىدىن ياش ئۈنچىلىرى سىرغىپ چىقماقتا ئىدى. شۇچاغدا ئۇلارنىڭ قېشىغا يىتىپ كەلگەن ئەلى:

-بىرنىمە بولمىغانسىز، ئالامەت قورقۇپ كەتتىميا، ئۇھ-،دىدى ۋە ياسىنغا قاراپ-بۇ يەردە سەن نىمە قىلىپ يۈرىسەنۇي ئاداش-،دىدى. ياسىن ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەستىن مەڭسىتمىگەندەك نەزەردە قاراپ قويدى، ئاندىن گۈلنارغا قاراپ، ئۇنىڭ باياتىنقى ئۆزىنى ،چاكار، دىگەن گىپىنى ئىسىىگە ئالدى ۋە ئىپادىسىز بىر تەرىزدە:

-خوش، مەن ئاۋۇلارغا بوقىنى تۇتىشىپ بىرەي-،دىدى ۋە خىجالەت ھەم ئاللىقانداق ھىسلار تۈرتكىسىدە ئۆزىگە قاراپلا قالغان گۈلنارغا قاراپ قويۇپ بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى. ئۇلار بوقىنى تۇتۇپ ئارغامچا بىلەن قات-قات باغلاپ تۆت تەرەپتىن تارتىپ ئېلىپ كىرگىنىدە گۈلنار بىلەن ئەلى يوق ئىدى. ئۇلار بوقىنى پۇختىلاپ سولاپ قويغاندىن كېيىن ياسىننى كەتكىلى قويماي، ئامباردا سۇغۇق ساقلاپ قويغان تاۋۇزدىن ئېلىپ چىقتى. ئۇلار پالال تۆپىسىدىلا ئولتۇرۇپ تاۋۇزنى تىلىپ يىيىشكەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. پاراڭ تولىراق بايامقى ئىش ئۈستىدە بولاتتى. ياسىن ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ گەپ قىلماي تاۋۇز يىگەچ توم ياغاچلار بىلەن چادىرلانغان پادىلار توپىغا قاراپ ئولتۇراتتى.

-توۋا، گۈلنار قىزنى قانداق كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە شۇنداق تىز ۋاقىت ئىچىدە قۇتقۇزىۋالدىڭىز-ھە ئۇستام؟

-مۇھەببەت. ئاغىنىلەر، شۇنداقمۇ ئۇستام؟

-ئەمما تاس قالدى، غالجىر بوقىنىڭ مۈڭگۇزى تېگىپ كەتسىلا جاننى ئالاتتى. ئۇچاغدا ئۇستاممۇ جانان ئۈچۈن جاندىن كەچكەن بولاتتى-دە.

-سىلىمۇ ئەخمەق ئۇستام، ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن ئىشنى تۈگىتىپ چۈشمەي..

-ۋاي ماڭە، سەن بولمىسا ئۇستام، كۈپكۈندۈزدىلا خىجىل بولماي ئىشەكنىڭ كەينىگە چاپلىشىۋالىدىغان. ئۇستام دىگەن ئەخلاقلىقتا نامى بار ئادەم ماقما.

-ھەي، ھېلىقى لىڭتاسمىنى دەيمەن، قارابوقىنى كۆرۈپلا ئالا ئىنەكتەك قېچىپ كەتتى دىسە...

-ھا،ھا،ھاھ..

-12-
-ئادەم دىگەننىڭ تەن ھەم روھىنىڭ بۇزۇلىشى بىردەملىكلا ئىشكەنيا. ئادەم بالىسىغۇ ھەمىشە ئاچچىق ساۋاقلارنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ شەھۋەت ئىشىدا ئادەم ئاسانلا كاردىن چىقىدىكەن. مەن ئەزەلدىن شۇنى دەيتتىمغۇ، شەھۋەتتە بۇزۇلمايدىغان ئادەم ئاندىن ھەقىقى ئادەمگە ئايلانغان بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىزمۇ ،ئېغىزىڭ بىلەن ئەۋرىتىڭنى بۇزۇلۇشتىن ساقلىيالىساڭ مەن سېنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭگە كىپىل، دېگەنىكەن. ھېلىقى سېنىڭ خوجايىنىڭ سەيدىخاننى دەيمەن، ئۇنىڭ بارغانچە سېسىق نامى چىقىپ كېتىۋاتىدۇ-جۇمۇ.

-راست ئاداش، ئاشخانىدىكى ھەممە بالىلارنىڭ ئېغىزىدا شۇگەپ، ئۇنى دېمىسە پات-پاتلا ئاشخانىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ كۈپ-كۈندۈزدىلا يوقاپ كېتىدۇ دېگىنە. ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا چىداپ بولغىلى بولمايۋاتىدۇ.

-يېشىمۇ قىرىقتىن ئاشقاندۇ، قېرىغاندا نېمە ئويۇن ئۇنىڭغا، تېخى ساپلا ياش باللىنى يولدىن چىقىرىپ يۈرەرمىش. بۇرۇن يۇشۇرۇن ئوينايدىكەندۇق، ھازىر بارغانچە يۈرىگى يوغىناپ ئويۇنى كۆپىيىپ كېتىپتۇ، سىرتلاردا ئاشۇ خوتۇننىڭلا گېپى. ئۆتكەندە ئېرى شۇ ئىش تۈپەيلى ئۆلگەندىن كېيىن كۆتىنى قىسسا بولمامدىغاندۇ. بۇنداق ئادەملەر ھەرگىز تۈزەلمەيدىغان چېغى، ئاشۇنداقلا ماڭسا ئۇنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنى بار ماقىما.

-ھەي، گۈلنار بەكلا سەبىي قىزتى، ئۇمۇ ئانىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالارمۇ دەيمەن.

-سەيدىخان دېگەن خوتۇن قىزىغا پەقەت چاندۇرماي سىرتلاردىلا ئوينايمىشقۇ. ئەمما ئاداش، ھازىر پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە شۇ خوتۇننىڭلا گىپى، ئاڭلىماي قېلىشى مۈمكىن ئەمەس، شۇڭا سەن پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولساڭ، مەدەت بەرسەڭ بولاتتى. ھەراست، ھازىر مۇناسىۋىتىڭلار قانداقراق؟

-ئۆتكەندە قوتاندا بولغان ئىشنى ئاڭلىۋىدىڭغۇ، شۇئىشتىن كېيىن ماڭا ئۇنچە ھۆرپىيىپ قارىمايدۇ. لېكىن ئوچۇق پاراڭلاشمايمىز. يېنىدا ھېلىقى ئەلى دىگەن سولتەكمۇ بار.

-مېنىڭچە گۈلنار ئەلىنى پەقەت ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇ ساڭا خاپا، ئەمما بىر خوتۇن ئېلىپ قويىۋەتكەن ئۇ بىرنېمە بىلەن نېمىشقا يېقىن ئۆتىدىغاندۇ؟

-بىلەلمىدىم، ئاداش.

-ئەسلى بورۇنراق ئېغىز ئاچساڭ، ئۇنى تىزراق قولغا چۈشۈرۈپ ئاۋۇ سەيدىخان دىگەن ئايالدىن نېرى قىلساڭ ياخشى بولاتتى. سېنىڭ مۇشۇ ئىچ مىجەز بولۇپ قالغىنىڭ..

-بىر ۋاقتى كېلەر ئاداش، ھازىر ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى پەقەتلا بىلمەيمەن دېگىنە. ھازىر ھەممىدىن بەك بېشىمنى قاتۇرىۋاتقىنى ھېلىقى خوتۇن، ئۆتكەندە ئاشخانىدا سەيدىخاچام گۇڭشىدا ئىشلەيدىغان بىر غىتمەك بىلەن قاش-كۆزىنى ئوينىتىپ يۈرۈپتىكەن، مىنىڭ سەن تونۇيدىغان دارازا شاگىرتىم بارغۇ، شۇ بارغىنىچە ھېلىقىنىڭ ياقىسىدىن بوغۇپ تامغا ئۈچ-تۆتنى ئۈستۈرىۋەتتى. ئاندىن ،بۇنداق جالاپنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىمەيمەن، ياسىن ئۇستامنى دەپ تۇرۇپ قالغانىدىم، تويدۇم، كېتىمەن، بۇيەردە ئەمدى شوۋىكەش بولۇپ تۇرىۋەرگىم يوق، دەپ سەيدىخاچامنىمۇ تىللاپ سالپايتىپ قويۇپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ھازىر ئۇ ئايالغا قاراپ بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتىمەن ئاداش. ھەراست سېنىڭ ئىشىڭچۇ؟

-ساڭا قاراپ ئولتۇرسام، پات ئارىدا توي قىلمىغۇدەكسەن، مەن باشلاپ بېرەي دىدىمغۇ.

-نىمە؟ توي قىلامسەن، كىم بىلەن؟

-تۇرداخۇنكامنىڭ كەنجى قىزى نۇرنىسا بىلەن.

-ۋاھ، ھېلىقى پۈركەنجىگە ئوخشاش ئوزۇن ياغلىق ئارتىپ، ئوزۇن كۆينەك بىلەن يۈرىدىغان ھېلىقى ئايدەك چىرايلىق قىزى بىلەن؟

-ھەئە.

-ئامىتىڭ بار ماقما سەن ،ھۈنەرۋەن، نىڭ.

-ھا،ھا، ھاھ...

-ھە راست، ياسىن ھېلىقى ئەلى دىگەن نېمىنى پەيچۇسودا ياللانما ساقچىلىق قېلىۋىتىپتۇغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەنۋەر سوجاڭ بىلەن ناھايىتى يېقىنمىش. ئاڭلىغانمۇسەن، ئەلى دىگەن لالمىنىڭ بورۇنقى خوتۇنىنىڭ قىزلىقىغا ئەنۋەر سوجاڭ چېقىپتىكەن دېيىشىدۇ.

-قانداق گەپ ئىكەن ئۇ باشتىن دېگىنە؟

-سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ ھېچنىمىدىن خەۋىرىڭ يوقكەن، ئىچ مىجەزلىگدىن مۇشۇنداق بولۇپ قالغان نېمە-سەن. مەن تۇرمىدىن كەلگىلى ئوزۇن بولماي يېزا تەۋەسىدىكى ھەممە گەپلەردىن خەۋەر تاپتىم مانا.

-ھە تىزراق دىگىنە، ئەڭ سادىق دوستۇم مېنىڭ ،ھۈنەر،نى ياخشى ئۈگەنمىگەنلىگىم سەۋەبىدىن تۈرمىگە كىرىپ كەتسە مەن يەنە كىمنى دوست دەپ يۈرىمەن، كىمدىن گەپ ئاڭلايمەن.

- ئەمىسە ئاڭلا، ئەلى توي قىلغان ئاخشىمى قىزنى ھوجرىغا ئەكىرىپ بولغاندا ئەنۋەر سوجاڭ چالا مەست كىرىپ كەپتۇ ۋە تويغا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەنلىگىگە ئەپۇ سوراپتۇ. ئاندىن بىردەم ئۆزىنىڭ ھۇقۇقىنى پەش قىلىپ، بىردەم ئەلىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن دەپ ۋەدە قىلىپ ئىككىسى مۇڭداشقاچ ئولتۇرۇپ تازا ئىچىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئەنۋەر سوجاڭ ئەلىگە ناھايىتى كۆپ ئىچۈرىۋىتىپ ئۇنى ئېغىر مەست قىلىپ قويۇپ، ئۆزى ھۈنەر ئىشلىتىپ ھاراق ئىچمىگەنىكەن. ئاخىرى قانداق بوپتۇ دېمەمسەن، ئەلى ئۆلگۈدەك مەست بولۇپ ئۇخلاپتۇ. ئەنۋەر سوجاڭ بولسا ئەلىنىڭ خوتۇنى بىلەن....

-ئەلى دىگەن بىر گۆش كاللا، لىڭتاسمىكەنغۇ؟ ھە ئاخىرىچۇ؟ ئەلى بۇنى بىلەلمەپتىمۇ؟

-شۇ ۋاقىتتا ھېچنىمىنى ئۇقالماپتۇ. ئەمما كېيىن ئەنۋەر سوجاڭ بىر سورۇندا مەستچىلىكتە ئەلىنىڭ شۇ توي كېچىسىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ ساپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ گەپ ھەممە يەردە پور بولۇپ كېتىپ ئاخىرى ئەلى نۇمۇس ۋە ئەلەمگە چىدىماي خوتۇنىنى قويىۋېتىپتۇ. ئەسلىدە ئەلى خېلى ئوغۇل بالىچىلىغى بار، نوچى يىگىت ئىكەندۇق، ئەنۋەر سوجاڭ دىگەن كاساپەت ئۇنى تۈگەشتۈرىۋەتكەن گەپ.

-قانداق نىمە ئۇ، خەق ئەخمەق قىلسا يەنە يالىغىنى يالايدىغان، ئۇنى نوچى دەپ ئاقلاۋاتقىنىڭنى تېخى، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئەشۇنداق لىڭتاسما، بۇزۇق بىر نېمە دېگىنە. مەن راستلا بىلمەيدىكەنمەن، توختا ئاداش، بۇ ئىشقا ئەمدى قاراپ تۇرسام بولمىغۇدەك.

-ھە مۆرىمەس، ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ مانا. قوزىچىغىڭنى قاچان بۆرە چىشلەركىن دەپ قاراپ ئولتۇرماي، تىزراق ھەركەتكە كەل سەنمۇ.

ياسىن بىلەن ئالىم ئاشۇنداق خوشال پاراڭلار بىلەن شەھەردە قانغۇدەك ئوينىدى. ئەسلىدە ئىككىسى بۆگۈن بىكار بولۇپ قالغان بولغاچقا شەھەرگە كىرگەن، بازار ئارىلاپ ئۆزلىرىگە بىرەر قۇردىن كىيىم ئېلىشقانىدى. ياسىن ئالىمغا:

-كەچ كىرىپ قېلىۋاتىدۇ، قايتايلىمۇ ياكى ئازراق ،ھۈنەر، قىلىمىزمۇ؟-،دىۋىدى ئالىم ياسىننىڭ مۆرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ:

-قاملاشتۇرالمايدىغان نېمەڭگە قانداق ھۈنەر قىلىسەن، بىكار مېنى قاماقتا ياتقۇزىسەن-شۇ-،دىدى.

-ئەمىسە قايتايلىمۇ؟

-توختا، ھەمىشە قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ئالغىلى كىرسەم، ئالدىراشلا چىقىپ كېتىمەن. بۆگۈن ئالدىرىمايلىچۇ، يىڭى ئېچىلغان كەچلىك بازارنى ئالامەت قىزىيدۇ دەيدۇ. كۆرۈپ بولۇپ چىقىپ كىتەيلىلا.

شۇگەپ بىلەن ئىككىسى بىر چوڭ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىيىشتى، ئاندىن كەچلىك بازار تەرەپكە يول ئالدى. بۇ چاغدا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ شەھەرنىڭ يول چىراقلىرى، چوڭ-كىچىك ماشىنىڭلارنىڭ چىراقلىرى قوشۇلۇپ شەھەر كوچىلىرىنى كۈندۈزدەك يۇرىتىۋەتكەنىدى. كوچا دوقمۇشلىرىدىكى سېتىقچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرى، ئۈنئالغۇ-سىنئالغۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرى قايناق شەھەرنىڭ كۆركەم كەچكى مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ئۇلار قىزىپ قايناپ تۇرغان كەچلىك بازاردا ئۇنى بۇنى يىگەچ يەنە بىر-ئىككى سائەت ئوينىغاندىن كېيىن قايتماق بولۇپ بىكەتكە كەلدى. ئۇلار بىكەتتە تۇرغان ئاخىرقى بىر كىچىك ماشىنىغا چىقىپ شەھەرگە قىيمىغان ھالدا يېزىسىغا راۋان بولۇشتى. يولدا ئالىم ياسىننىڭ مۆرىسىگە بېشىنى قويۇپلا ئۇخلاپ قالدى. ياسىن ئۇنى ئويغاتماستىن ئىككىسىنىڭ قەشقەردىكى تونۇشۇپ قېلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئۇستا ،ھۈنەرۋەن، ئىكەنلىگىنى، ھېيتگاھدىكى ئىشىنى، ئۆزىگە قىلغان ساداقىتىنى ئويلاپ ئىختىيارسىز مېيىغىدا كۈلدى. مانا ھازىر زاڭىقىدىكى قۇيۇق ساقىلىنى قىسقا قويۇپ چىرايلىق ياسىتىۋالىدىغان بۇ يانچۇقچىنى  يېزا تەۋەسىدە ئوڭلۇقلۇقتا ماختىمايدىغان ئادەم يوق. ياسىن ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق مەردانە، ئەقىللىق دوستىنىڭ بارلىغىدىن پەخىرلىنەتتى. ئۇنىڭدىن ئۆگەنمەك بولاتتى، ئەمما ئالىم سۆزمەن ھەم چىقىشقاق بولغاچقا ھەممە ئادەم بىلەن بىردەمدىلا تونۇشۇپ قالاتتى. ئەمما ئۆزى بولسا قولىدىكى گۈلىنى خەق تارتىۋالغىلىۋاتسىمۇ ئامال تاپالماي يۈرىۋاتمامدۇ...

ماشىنىنىڭ يىنىك توختىشى بىلەن ياسىن ئالىمنى پەس ئاۋازدا چاقىرىپ ئويغاتتى. ئالىم ئىسەنكىرىگەن ھالدا:

-نەگە كەلدۇق-،دەپ سورىدى.

-يېزىغا يىتىپ كەلدۇق، قوپە ماشىنىدىن چۈشىمىز.

ئالىم چالا ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ماشىنىدىن چۈشۈپ يەنە ياسىنغا يۆلىنىپ تۇراتتى. ياسىن ئۇنىڭ قاتتىق ئۇيقۇسى كەلگىنىنى كۆرۈپ ئۆز ياتىغىغا، ئاشخانىنىڭ كەينىدىكى ياتاققا ئېلىپ كەتمەك بولۇپ يۆلەپ ماڭدى. ،قانداق قىلسا مۇشۇنداق ئۇيقۇسى كېلىدىغاندۇ؟ مېنىڭمۇ مۇشۇ ئالىمنىڭ يېرىمىچىلىك ئۇيقۇم بولسىچۇ، بەلكىم قۇرۇلۇشتا جاپالىق ئىشلىگەندىن كىيىن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇ شۇنداق ئويلىغاچ، ئالىمنىڭ ،كېتىمەن، دېگىنىگە ئۇنىماي بىللە قونۇپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار ياتاققا كىرىپ كەلگىنىدە ئاللىقاچان ئەلياتقۇ مەھەلدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ بازاردىكى دوكانلارنىڭ چىراقلىرى ئۆچۈپ ئەتراپ تىمتاس بولۇپ قالغان ئىدى. ياسىن ئالىمنى ياتقۇزۇپ قويۇپ ھاجەت قىلىپ كىرمەك بولۇپ سىرتقا چىقتى. ئۇ يول ياقىسىدىكى كىچىككىنە قاۋاق بوتكىسىنىڭ يېنىغا كىلىشىگىلا، قاۋاقخانىنىڭ كەينىدىكى چوڭ سۈگەتنىڭ تۈۋىدىن:

-سەن سەيدىخاننىڭ قىزىنى ياخشى كۆرەمسەن ياكى پۇلىنىمۇ؟-،دىگەن بوغۇق ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى ۋە چىپپىدە توختاپ ئۆزىنى چەتكە ئالدى. مەستلىكتىن ئۈنى تەسلىكتە چىقىۋاتقان بىرى:

-مەن قىزىنى..ياق.. پۇلىنى..ھەر ئىككىسىنى ياخشى كۆرىمەن سوجاڭ..-، دەپ تىلىنى چايناۋاتاتتى.

ياسىن ئۇلارنىڭ ئەلى بىلەن ئەنۋەر سوجاڭ ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدى ۋە تېخىمۇ يېقىنراق كېلىپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قولاق سالدى.

-ئۇنداقتا سەيدىخان بىلەن قانداق ئۆتىسەن؟

-ئۇنىڭ بىلەنما.. نەچچە قېتىم بىرگە بولدۇق دەڭا سوجاڭ...ھى...ھى... قېرى بولغان بىلەن خېلى خۇيى بار...

-كۈندۈزى قىزى بىلەن كېچىسى ئانىسى بىلەن دىگىنە؟

-ھى..ھى ئەمدى سوجاڭ، كۆڭۈل دىگەن.. ئەمما لېكىن ھېلىقى گۈلنار دىگەن قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزمايدۇ دىسىلە..

-سەن قىزىغا ھەم بايلىغىغا تەڭلا ئېرىشمەكچى شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئاچكۆز بولما.

-ھە..ئەمدى سىز بىلىسىز سوجاڭ، دادام مىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. پۇل تاپاي دىسەم ھۈنەر يوق. ھېلىمۇ سىز بېشىمنى سىلاۋاتىسىز، ئەمما ياللانما ساقچىلارنى تارقىتىۋەتكۈدەك. شۇڭا تىزراق ھېلىقى سەيدىخان دىگەن دەللىنىڭ بايلىغىغا ۋارىسلىق قىلمىساق ياشىغىلى بولمايدۇ جۇمۇ سوجاڭ..

-قانداق قىلساڭ قىل، بىراق قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلغۇچى بولما جۇمۇ، بولمىسا مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرىۋىتىسەن.

-قانۇن؟ قانۇن دىگەن نېمە؟ ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا نېمىتى، سىزلا بولسىڭىز مەن قانۇن بىلەن بىر تۇققان!

-مەست بولۇپ قاپسەن،ماڭە قايتايلى.

-ياقەي سوجاڭ، مەن مەست بولمىدىم، مەن ھېلىقى.. ھېلىقى سەيدىخان دىگەن دەللىنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن.

-جۆيلىمە ئەلى، يۈر...

-راست، بۆگۈن، ياق ئەتە...-،ئەنۋەر سوجاڭ بىلەن ئەلى ئىككىسى قاۋاقخانىنىڭ كەينىدىكى چوڭ سۆگەتنىڭ تۈۋىدىن شۇنداق پاراڭلار بىلەن بىر-بىرىنى سۆرەشكىنىچە قايتىپ كېتىشتى.

ياسىننىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپلا قالدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەزايى بەدىنىدىن تەر ئېقىپ كەتكەنىدى. ئۇ تىزلىكتە ھاجەت قىلىپ بولۇپ ياتاققا كىردى-دە، ئالىمنى ئويغاتماق بولدى. ئەمما ئۇنىڭ بىر تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئويغىتىشقا پايلىماي ئۆزىمۇ ئاستاغىنە ئورنىغا كىرىپ ياتتى. ئەمما باياتىنقى گەپلەرنى يادىغا كېلىۋىلىپ ئۇزۇنغىچە ئەندىشە ئىچىدە ئۇخلىيالمىدى.

-13-
تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتتا ياسىن ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ بىر باياۋاندا كېتىۋاتقۇدەكمىش، مىستەك قىزىپ كەتكەن باياۋاندا ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى كۆيۈك زەربىسىدە چىدۇغۇسىز بىر ئاغرىق بىلەن تىنىمسىز يۈگرەپ ھايات يولى ئىزدەۋاتقاندا تويۇقسىز بىر جايغا كېلىپ قاپتۇدەك، ئۇ خۇددى غايەت چوڭ تونۇرغا ئوخشاش بىر جاي بولۇپ ئاغزى تار، تېگى تەرەپ بولسا كەڭرى ئىمىش، ئۇنىڭدا گۈركىرەپ قاپقارا ئوت كۆيىۋاتقۇدەك، ئوتنىڭ ئىچىدە قىپ-يالىڭاچ ئەر-ئاياللار نالە پەرياد ئىچىدە كۆيۈپ كىتىۋاتقۇدەكمىش، باياۋان بۇ يەردىكى ئوتنىڭ تەپتىدە مىستەك قىزىپ كەتكەنىكەن. غايەت چوڭ تونۇر ئىچىدىكى ئوتنىڭ شىددىتى شۇقەدەر زور ئىمىشكى، ئۇ ئۇلغايغاندا ئىچىدە تۈتەپ كۈيىۋاتقانلار تونۇر ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكۈدەك ھالدا ئۆرلەيمىش، ئەمما ئوت يەنە بىر پەسلىسە تونۇرنىڭ تېگىگە چۈشەرمىش، شۇ تەرىقىدە ھېلىقى يالىڭاچ كىشىلەر ئاجايىپ ئېچىنىشلىق نالە-پەريادلار بىلەن ئۆز ئىختىيارى ئۆزىدە ئەمەس ھالدا كۆيۈپ كىتىۋاتقۇدەكمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ جان يېرىدىن چوڭ ھەم قىزىپ چوغدەك بولۇپ كەتكەن قارماقلار بىلەن ئىلىگلىك ئىمىش، شۇ چاغدا ئىچىدىكىلەردىن بىرسى تويۇقسىز ،ئايەردە بىزنىڭ شىرىگىمىزدىن بىرسى تۇرىدۇ، قاراڭلار ئەنە ئاۋۇ ياسىن دېگەنمۇ بىر پاھىشۋازغۇ؟، دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلانغۇدەكمىش، ياسىن قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە سۆزلىگۈچىگە سەپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا، كۆيۈك دەستىدىن خۇددى كۈسەيدەك بولۇپ قالغان بىرسى ھەدەپ ئۆزىنى ئىشارە قىلىۋاتقۇدەك، ياسىن بىردىن ئۇنىڭ ئاينۇرخان ئىكەنلىگىنى تونۇپ قالغۇدەك. ئارقىدىنلا سەلىمباي، سەيدىخان، ئەلىيلەرنىڭ كۆيۈك دەردىدە چۇچۇلىدەك بولۇپ قالغان سىيماسىمۇ كۆرۈنگۈدەكمىش، ئۇلار بولسا بىرتەرەپتىن نالە-پەريادى كۆككە يەتكۈدەك بولغان ھالدا ۋارقىرىشىپ يەنە بىرتەرەپتىن ئۇنى ئىشارە قىلىپ بىرنىمىلەرنى دېيىشەرمىش، ياسىن غايەت چوڭ تونۇرنىڭ لىۋىدە ھەدەپ سىرتىغا ئىنتىلگۈدەكمىش، ئەمما قانداقتۇر بىر كۈچ ئۇنىمۇ تونۇرغا سۆرەپ كېتىۋاتقۇدەكمىش. ياسىننىڭمۇ يۈرەك باغرى كۆيۈپ، تەنلىرى ئېرىپ كېتىۋاتقۇدەكمىش، ئۇ بۇ ئازابى دەھشەتنى كۆرۈشكە چىداپ تۇرالماي قورقۇنچ ئىچىدە ئىختىيارسىز ،ۋايجان!،دەپ ۋارقىرىۋەتتى.

-نىمە بولدۇڭ، ھوي-،ئالىمنىڭ تۈرتۈپ ئويغىتىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغانغان ياسىن چالا ئۇيقۇلۇقتا ئەتراپىغا ئالاق-جالاق قارىۋەتكەندىن كېيىن كۆز ئالدىدا ئۆزىگە ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ تۇرغان ئالىمنى كۆرۈپ بىردىن جىمىپ قالدى. ئۇنى شۇتاپتا چاپ-چاپ قارا تەر بېسىپ كەتكەنىدى. ئالىم يەنە:

-نىمە بولدى ئاداش، قارا بېسىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟-،دىدى. ياسىن بىردەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاجايىپلا بىر چۈش كۆرگەنلىگىنى ھىس قىلدى. ئاندىن ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئاخشام ئەلى ۋە ئەنۋەر سوجاڭلارنىڭ گەپلىرىنى ۋە ھازىر كۆرگەن چۈشىنى قالدۇرماي بايان قىلدى. ئالىم ياسىننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن چۆچۈپ كەتتى ۋە:

-ئەلىلارنىڭ سۆزى ئادەتتىكى ئىش ۋەجىدىن ئەمەس، يىلان ئاخىرى ئۆزىنى ئاشكارىلىماق بولغان ئوخشايدۇ. بىز دەرھال ھەركەتكە كېلەيلى، ئورنۇڭدىن تۇر ئاداش، تاڭ ئېتىپ قېلىۋاتىدۇ. دەنالار ،تاڭ ئېتىۋاتقاندا ئۇخلىغانلار خۇددى قان ئىچىدە ياتقاندەك بولىدۇ، دېگەنىكەن، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كېتەيلى-،دىدى....

بۆگۈن ياسىن بارلىق تارتىنچاقلىقلىرىنى بىرياققا قايرىپ قويۇپ گۈلنارلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى ۋە ئۇنى سىرتقا ئېلىپ ماڭدى.

-نۇرنىسانىڭكىگە دىدىڭىزما؟ نۇرنىسا دىگەن كىم؟

-نۇرنىسا دىگەن تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ قىزى، ئالىم توي قىلماقچى بولغان قىز.

-ئالىم؟، شۇنىڭ گىپىنى قىلسىڭىزلا ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ-مىنىڭ.

-ئۇنداق ئويلىماڭ، دادىڭىزنى ئالىم ئۆلتۈرمىگەن، مانا مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھ.

-بولدى سىزگە ئىشىنىمەن، ئەمما بىز نېمىشقا نۇرنىسانىڭكىگە بارىمىز؟

-نۇرنىسانىڭ سىز بىلەن تونۇشقۇسى باركەن.

-ھە، ئەمەلىيەتتىغۇ بىز بىرگە ئوقۇغان،...

-شۇنداقمۇ؟ ياخشىغۇ، ئۇنداقتا سىلەر تونۇشىدىكەنسىلەردە؟ گۈلنار ئېيتىڭە، مەندىن خاپىمۇسىز؟

-سىزگە يا خاپا بولىشىمنى يا خاپا بولماسلىغىمنى بىلمەيمەن..

-ئۇنداقتا ماڭا ئۆچكەنسىزدە.

-ياق، راستىمنى ئېيتسام ياسىن ئاكا، سىز مىنىڭ ئىشەنگەن تېغىم ئىدىڭىز، ئەمما...

گۈلنارنىڭ شۇ سۆزىدىن ياسىن نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى. ئالىمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن گۈلنارنى نۇرنىسانىڭكىگە ئېلىپ كىتىۋاتقان ياسىن شۇتاپتا يەنە ئىچكى ئازابلار قاينىمىغا غەرق بولغان ئىدى. چۈنكى گۈلنار ھازىر خېلى ئوڭلۇق گەپ قىلىپ كىتىۋاتقان بولسىمۇ ئۆتكەندە ،چاكار، دىدىغۇ، ئۇلار ئەشۇنداق بىئەپ پاراڭلار بىلەن تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. بۇ كۈن غەرىپكە قىسىيىشقا باشلىغان مەزگىل بولۇپ، يول بويلىرىدىكى قوناقلىقلارنىڭ لەرزان ئىغاڭلاشلىرى، ماللىرىغا ئوت بېسىپ ماڭغان دىھقانلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى بىلەن كەچكى ھايات قىزغىن كەيپىياتقا چۈمگەنىدى. ھەممە ئۇلارنىڭ ناھايىتى قاملاشقان بىر جۇپ ئىكەنلىگىگە مەستلىگى كەلگەندە ئۇلارغا قاراپ چىرايلىق سالام قىلىشىپ يولىغا راۋان بولاتتى. دېمىسىمۇ ئىگىز بوي، قاملاشقان بىر يىگىت بىلەن، غۇنچە بوي، چىرايلىق بۇ بىر جۈپ قىز-يىگىت تەبىئەتكىمۇ ھۆسىن قوشۇپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى. ياسىن ئىچىدە ،ئاخشامقى گەپلەرنى گۈلنارغا ئېيتىش كېرەكمۇ، ياق، گۈلنار ئانىسىنىڭ شۇقەدەر نۇمۇسسىزلارچە سەتلىشىپ كىتىۋاتقىنىنى بىلەرمىكىن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىم بىر ئىش چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ، گۈلنارنى نۇرنىسانىڭكىگە ئاپىرىپ قوي، نۇرنىساغا ئېيتىپ قوياي، دىگەنىدى. سەيدىخاچاممۇ ئادەم بولمايدىكەن، بۈگۈنمۇ قاق ئەتىگەندە ئىچىۋالغان مەست غالچىدىن بىرسى ئاشخانىغا كىرىپ، سەيدىخان جېنىم بارمۇسىز؟ دەپ سەتلىشىپ يۈرىدۇ. ھېلىمۇ شاگىرتلار تىللاپ قوغلىۋەتتى. بولمىسا.. يەنە بەزى كىشىلەر بالىلىرىمىزنى سەيدىخان بۇزىۋەتتى. دەپ قاخشاپ يۈرىيمىش، سەيدىخاچامنىڭمۇ ئاشخانىدا چاندۇرماي يۈرگىنى بىلەن كۈركە توخىدەك كىمنى كۆرسە يېتىپ بىرىدىغان قىلىغى بارمىدۇ؟، دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىچى ئاچچىق بولدى. ،ھەممىدىن مۇنۇ گۈلنارغا ئۇۋال، ئۇ بىر سەبىي قىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنى چاكار دىگىنى بىلەن چىن كۆڭلىدىن دېمىگىنىگە ئىشىنىمەن، بىراق ئەمدى قانداق قىلسام بولىدىكىن، دەسلەپكىدەك، گۈلنارنىڭ ئۆزى ماڭا قىزغىن ھىسيات بىلەن گەپ قىلىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ. ئۇ ناھايىتى ئىھتىياتچان، ئېغىر بېسىق بولۇپ قاپتۇ، مۇنداق ئەھۋالدا مەن تېخى ئېغىز ئاچالمىسام..، ياسىن ئەشۇنداق مۇرەككەپ ھىسياتلار بىلەن قوشۇمىسىنى مەھكەم تۈگۈپ، يىراقلارغا تىكىلىپ كىتىۋاتقان گۈلنارغا قارىدى. گۈلنار ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق بولۇپ سەل سوزۇنچاقراق يۈزى، ئېقىپ چۈشكەندەك چىرايلىق بۇرنى، ئويماقتەك لەۋلىرى ئۇنىڭ زىبالىغىغا ھۆسۈن قوشۇپ تۇراتتى. ئۇلار تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ ئۆيىگە قايرىلىدىغان دوقمۇشتىكى چوڭ ياڭاقنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە ياسىن ئەتراپقا قاراپ ئادەم يوقلىغىنى بايقىغاندىن كېيىن نىھايەت ئېغىز ئاچتى:

-گۈلنار، مەن ئۆمرۈمدە يالغان ئېيتىپ باقمىغان، يالغان ئېيتقاننى ھەم يامان كۆرىمەن، شۇڭا گەرچە بۇنداق دىيىشكە جۈرئىتىم بولمىسىمۇ سىزگە راستىمنى ئېيتاي، مەن سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىمەن....

ياسىننىڭ ئوزۇن تەييارلىق بىلەن زور جۈرئەت قىلىپ ئېيتقان بۇ گىپىدىن گۈلنار مېڭىۋاتقان قەدىمىنى ،چىپپىدە، توختىتىپ ئۇنىڭغا قاراپلا قالدى. ياسىن گۈلنارنىڭ نىگاھلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەندەك ئىختىيارسىز يەرگە قارىۋالغانىدى. گۈلنارنىڭ شۇتاپتىكى ئازاب بىلەن پۈرۈشكەن چىرايى، ياسىنلارنىڭكىگە بارغاندىكى سەبىي، غەمسىز شوخ ھالىتىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ قۇشۇمىلىرى چىڭ تۈرۈلگەن، لەۋلىرى ھىم يۇمۇلغان ھالەتتە ياسىنغا قاراپ دەقىق قېتىپ قالدى. ئاندىن:

-سىز مىنى چۈشىنەمسىز؟ مىنى ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارامسىز؟ ھازىرقى ئەھۋالىمنى بىلەمسىز؟ ئازابلىرىمنى ھىس قىلالامسىز؟!

ئۇنىڭ بۇ قاتمۇ-قات سوئاللىرىدىن ياسىن دەماللىققا گاڭگىراپ قالدى. گۈلنارنىڭ نىمە ئازاب بىلەن قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلالىسىمۇ ئەمما ئۇنى ئىپادىلەپ بىرىشكە، شۇ ئارقىلىق گۈلنارغا تەسەللى بىرىشكە ياسىن ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتى. ئاخىرى يەنە گۈلنار ئېغىز ئاچتى.

-سىز بەلكىم مىنى ئەلى بىلەن يۈرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايدىغانسىز، ئەمەلىيەتتە مەن ئازاب ئىسكەنچىسىدە يۇڭۇزلاپ تاشلانغان ناتىۋان قۇشمەن، مىنىڭ كىم بىلەن يۈرۈشۈم ھازىر مەن ئۈچۈن بەرىبىر، چۈنكى لەختە-لەختە قانغا تولغان يۈرەكتە مۇھەببەتتىن كۆپرەك نەپرەت ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىلگىرى سىزنى مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرەتتىم، ھازىرمۇ راستىنى ئېيتسام، سىزدىن بۆلەك ھىچكىم قەلب قەسىرىمگە سىغمايدۇ. ئەمما سىز بىلەمسىز، مەن ھازىر ئىلگىركى گۈلنار ئەمەس، مىنىڭ ھۇجۇدۇم ئازابقا، نەپرەتكە تولۇپ كەتكەن، سىز ۋە سىزنىڭ دوستلىرىڭىز مېنى ئانىسىنىڭ قىلىقلىرىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايسىلەر، ئەمما مەن ھەممىنى بىلىمەن، بىلگىنىم ئۈچۈنلا ئازابلىنىمەن، نەپرەتلىنىمەن!. مىنىڭ ئەڭ ئامراق ئادىمىم دادام ئىدى. ئۇنىڭسىز ھاياتنى پەرەز قىلالمايتتىم، بەلكى سىز سوتقا بارمىغانلىغىمنىمۇ چۈشەنمىگەن بولىشىڭىز مۈمكىن، مەن ئۇيەرگە نىمە دەپ بارىمەن، ئۆز جىگەر-پارەم بولغان دادامنىڭ قايتا ئۆلگىنىنى، پۈتۈن خەلقنىڭ نەپرىتىدە ئۆلۈمدىنمۇ بەتتەر ھالغا چۈشكىنىنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ؟ ئۇنىڭ ئاينۇرنىڭ ئۆيىدە ئۆلگىنى پاكىت تۇرسا، دادام ئۆلدى. قەلبىممۇ سولۇشقا باشلىدى. ئەمدىلىكتە ئانامنىڭ قىلىقلىرى مىنى پۈتۈنلەي ھالاكەتكە ئىتتىرىۋاتىدۇ. قەلبىم قاناپ كىتىۋاتىدۇ ياسىن، ئېيتىڭە، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ نىمىلا بولسا ئۆز ئانام ئەمەسمۇ، ئۇنى بۇ پاتقاقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولماسمۇ؟! ھەممە كەلگۈلۈك ماڭىلا كېلەرمۇ؟

-ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ، گۈلنار، بىز ئاۋال تۇرداخۇنكاملارنىڭكىگە بارايلى. بۆگۈن تۇرداخۇنكاملار ئۆيىدە يوق، سىز ئەقىللىق قىز، ئالىمنى ئەيىبلىسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنىڭدا گۇناھ يوق، ئۇ ناھايىتى جىگەرلىك ھەم ئەقىللىق يىگىت، نۇرنىسامۇ ئۇقۇملۇق، ئىشەنچلىك قىز، سىزگە راستىنى ئېيتسام، بۆگۈن دەل ئانىڭىزنى يامان يولدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇشنى مەسلەھەتلەشكىلى مېڭىۋاتىمىز، ئالىم چوقۇم بىر ئامال تاپىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ئىشىنەيلى، بولامدۇ.

-راستما؟ سىلەر راستلا شۇ ئىشنى مەسلىھەتلەشكەنمىدىڭلار، ئەمىسە تىزراق ماڭايلى-، ياسىننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، نازۇك قەلبى ئازاب دېڭىزىغا غەرق بولىۋاتقان گۈلنار ياسىنغا تىكىلگىنىچە بىر دەقىق تۇرۇپ قالدىيۇ، يەنە خۇددى ھاياتلىق قىرغىغىنى كۆرگەن تەنھا چۆكۈپ كەتكۈچىدەك چوڭقۇر ئۈمىد بىلەن ياسىنغا شۇنداق دىدى-دە، يېشىنى ئېرتىۋىتىپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ياسىنغا ئەگەشتى.

-14-
 ياسىنلار تۇرداخۇن ئۇستاملارنىڭ ھەيۋەتلىك قوروسىغا كىرىپ كەلگىنىدە تۇرداخۇن ئۇستاملار بىريەرگە مىھماندارچىلىققا كەتكەن بولۇپ ئۆيىدە ھېلىقى نۇرنىسا ئىسىملىك چىرايلىق قىزلا قالغانىدى. نۇرنىسا ئۇلارنىڭ كېلىدىغانلىغىدىن خەۋىرى بار چېغى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ناھايىتى ياسىداق بىر ئۆيگە باشلاپ تاتلىق تۈرۈملەر بىلەن تولدۇرۇلغان داستىخاننىڭ يۈزىنى ئېچىۋەتتى. ئاندىن قىزىق چاي قۇيۇپ مەزە قويدى. ياسىن نۇرنىساغا كۆزىنىڭ قۇيرۇغىدا قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭ زىلۋا، چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە ئوزۇن چىرايلىق كىيىملەر بىلەن ناھايىتى چوڭ سۈپەت ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ ئىچىدە ،ئالىم دېگەن گۈينىڭ ئامىتى بار جۇمۇ، تېخى مۇنۇ قىزمۇ ئالىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرەرمىش، ئەمەلىيەتتىغۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە بەكمۇ ماس كېلىدىكەن، دىگەنلەرنى ئويلىدى. ياسىن تاتلىق-تۈرۈملەردىن ئالغاچ گۈلنار بىلەن نۇرنىسالارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئولتۇردى. ئۇ ئىككەيلەن ھازىر ئارىلاشمىغىنى بىلەن كونا تونۇشلاردىن بولغاچقا قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتكەن، پاراڭ تىمىسى تولىراق تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندىكى ساۋاقداشلىرى، مۇئەللىملىرى توغرىلىق، جەمىيەتتىكى بىر قىسىم قىز-چوكانلارنىڭ مودا قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقىنى توغرىلىق بىر-بىرى بىلەن ئىچكىپ مۇڭدىشىپ كەتكەنىدى. بۇلار تونۇش بولغاچقا ياسىننىڭ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچە گەپ-سۆزلىرىگە ئارلاشقۇسى كەلمەي ئاستىلا سىرتقا چىقتى. بۇ چاغدا ئاللىقاچان ئاسمان گۈمبىزى ئۆزىنىڭ قارا لىباسىنى ئارتىۋالغان بولۇپ ئاللىقاياقلاردىن كەنت لاباسىنىڭ ئاۋازى ۋە ئاللىكىملەرنىڭ تىلۋىزورىنىڭ ئۈنى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، ياسىن بىردىن ئەنسىرەپ قالدى. چۈنكى ،ئەھۋالنى ئۇقۇپ كىلەي، دەپ قالغان ئالىمدىن ھىچ سادا يوق ئىدى. ئەسلىدە ئەلىلار گۈلنارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قالمىسۇن دەپ، ئالىم گۈلنارنى بىرنىمە قىلىپ ئۆيىدىن ئەپ چىقىپ نۇرنىسانىڭكىگە ئەكىلىپ قويۇشنى ئېيتقانىدى. ياسىن گۈلنارنىغۇ ئاسانلا ئېلىپ كەلدى. ئەمما ئالىمنىڭ قايتىپ كەلمەسلىگى ياسىننى ئەنسىرەتمەي تۇرالمىدى. ئۇ بىردەم ئىشىك ئالدىدا تۇرغاندىن كېيىن قىزلارنىڭ قېشىغا قايتىپ كىردى. قىزلار ھېلىمۇ بېشىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ قىزغىن سۆھبەتلىشىپ كەتكەن ئىدى. ھازىر كەيپىياتى سەل تۇراقلىق بولۇپ قالغان گۈلنارمۇ ئازادە ئولتۇراتتى. دەل شۇچاغدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا كىرىپ كەلگەن ئالىم:

-يامان بولدى، مەن گۇڭشىدىكى قۇرۇلۇشنى چۆرگىلەپ كەلسەم سەيدىخاچام يوق تۇرىدۇ-،دىدى. بۇنى ئاڭلىغان گۈلنار ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ:

-نىمە ئاناممۇ؟ ئانام نىمىشقا يوق. ياسىن قايتىپ كېتەيلى-،دەپ جىددىلىشىشكە باشلىدى. ئالىم:

-ئەھۋالنى سىزگە ئېيتمىساق بولمىدى گۈلنار، ئاخشام ياسىن ئەلىنىڭ سىزگە ھەم ئانىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغىنىنى ئاڭلاپ قالغانىكەن، شۇڭا بىز سىزنى بۇ يەرگە ئەكىۋالغان، ئەمما ئەمدى قارىسام سەيدىخاچاممۇ يوق.

-نىمە؟ ئەلى دىگەن بىرنېمىدە شۇنداق يۈرەك بارمىكەن، ئاپلا ئانام نەدىدۇ، ئىزدىشىپ بەرسەڭلارچۇ؟...

شۇنداق قىلىپ ھەممە بىرلىكتە ئۆيدىن چىقتى. تۇرداخۇن ئۇستام تېخىچە قايتىپ كەلمىگەچكە ئالىم نۇرنىسانى يالغۇز قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىمۇ ئېلىۋالدى. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھويلىسىدىكى ئېلىكتىر چىراقلارنىڭ نۇرىدا ئاندا-ساندا يۇرۇپ تۇرغان يول بىلەن گۈلنارنىڭ ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. گۈلنارلار يىتىپ كەلگىنىدە راستىنلا ئۆيدە ھىچكىم يوق بولۇپ چىقتى. جىددىلەشكىنىدىن گۈلنارنىڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتكەنىدى. ئادەتتىمۇ سەيدىخان ئۆيگە كەچ قايتاتتى ئەمما بۆگۈن نېمىشقىدۇر گۈلنارنىڭ يۈرىگى ئۆيۈپ تۇرغاچقا ئەنسىرەپ بولالمايلا قالغانىدى. شۇ چاغدا ئالىم:

-يۈرۈڭلار، پەيچۇسوغا بارايلى. ئەنۋەر سوجاڭلار ساقچىخانىدا بولمىسا ئاندىن باشقا يەرگە بارارمىز. ئۇلارنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاۋۋال تىۋىش چىقارماي بېرىپ قاراپ باقايلى، ئەمما سىلەر ئىككىڭلار ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇرساڭلار، بىز ياسىن بىلەن بېرىپ كەلسەك بولارمىكىن-،دىدى. گۈلنار ئىتتىكلا:

-ياق مەنمۇ بارىمەن-،دىدى. ئالىملار ئۇنىڭ گەپ يىمەيدىغانلىغىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇيەردە قالسىمۇ تازا بىخەتەر ئەمەسلىگىنى ئويلاپ  ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلالماي، ھەممىسى پەيچۇسو تەرەپكە قاراپ يۈرۇپ كەتتى. بۇ چاغدا ئاللىقاچان ئېغىر ئەلياتقۇ مەھەل بولۇپ قالغان ئەتراپ تىمتاس بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار راستىنلا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يېزا ئورگىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ تىۋىش چىقارماي پەيچۇسونىڭ كەينىگە كەلدى ۋە دەرىزىدىن قارىدى. قارىدىيۇ ھەممە قاتتىق چۆچۈپ بىر-بىرىگە قاراپ قالدى. نۇرنىسا گۈلنارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ قوقۇنچلۇق بىر مەنزىرە ئايان بولغانىدى، ئۆي ئىچى كۈن نۇرلۇق لامپىنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن بولۇپ، پولدا بىر ئايال ئانىدىن تۇغما قىپ-يالىڭاچ ياتاتتى، ئۇنىڭ ئەتراپى قىپ-قىزىل قان بىلەن بويىلىپ كەتكەن، دەرىزە تەرەپكە قاراپ تۇرغان كۆزلىرى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالدا چەكچىيپ قالغان بولۇپ ئىنىقكى ئۇ سەيدىخان ئىدى. جەسەتنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئەلى قولىدا قان تېمىپ تۇرغان خەنجەرنى تۇتۇپ تۇراتتى. ئىشىك يېنىدىكى جاۋەننىڭ قېشىدا بولسا قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ئەنۋەر سوجاڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق ھالدا ئەلىگە قاراپ تۇراتتى. ياسىن بىلەن ئالىم گۈلنارنىڭ توۋلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا قارىدى. گۈلنار دەرىزىگە تىكىلگىنىچە ھۇشىنى يوقاتقان ئادەمدەك قاراپ تۇراتتى. قولىنى نۇرنىسا چىڭ سىقىۋالغانىدى، بىرچاغدا ئۆي ئىچىدىن:

-جېنىم ئۇكام، پىچاقنى تاشلا، مەن سىنى قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلما دېگەنىدىمغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېمە دەپ بۇ يەرگە ئېلىپ كىلىپ مېنىڭ ئىشخانامدا پىچاق سالىسەن؟-، دېگەن تىترەك ئاۋاز ئاڭلاندى. ئەلىنىڭ كۆزلىرى ناھايىتى قورقۇنچلۇق تۈس ئالغان بولۇپ ئۇ مەسخىرىلىك ھىجىيىپ قويۇپ:

-ھا...ھا... ئەنۋەر دىگەن ئوغرى، مېنى نېمە كۆرۈپ قالغانىدىڭ، خوتۇنىنى جايلىسام يەنە مېنى ، خوجام، دەيدۇ دەپ ئويلاپ قالغانما؟ ئۇقۇپ قوي مەن سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق لىڭتاسما ئەمەس. گەرچە ئۆزەمنىڭ ياخشى ئادەم ئەمەسلىگىمگە، باشقىلارغا توزاق قۇرىدىغان، ئالدامچى، قىزىل كۆز ئىكەنلىگىمگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆگۈنكىدەك قاتىللىقمۇ قىلالايدىغان ئەسكى ئادەم ئىكەنلىگىمگە ئىشەنسەممۇ، خوتۇنىنى سولاپ بىرىدىغان، لامزەللە ئەمەسمەن، ماڭا مۇشۇ پۇرسەتنى كۈتكىلى ئۇزاق بولغان. مانا قارا ماۋۇ سەيدىخان دىگەن جالاپ سىنىڭ ئىشخاناڭدا ئۆلدى. ئۇنىڭغا ، سىزنى ئەنۋەر سوجاڭ چاقىرىدۇ، دېسەم تىزلا كېلىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەردى. بۇ نەق مەيداننى سەن ئۈچۈن تەييارلىدىم، شۇنداق ئۇنى سەن ئۈچۈن ئۆلتۈردۈم، بۆگۈن ساقچىخانىدا سەنلا دىجۇرنى بولۇپ قالغان، شۇڭا مەن ھازىردىن باشلاپ يوق، ھەممە ئىشنى سەن قىلغان بولىسەن، كەچۈرگىن، سەنمۇ ھازىرلا پىچاق يەپ ئۆلىسەن، ئاندىن پىچاقنى قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويسام، باشقىلار سىنى ،سەيدىخاننى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ، دەيدۇ. مەن بولسام، سەيدىخاننىڭ قىزىغا، گۈلنارغا ئۆيلىنىمەن، گەرچە ئۇ مېنى ياخشى كۆرمىسىمۇ ئۇنى چوقۇم ئالىمەن، ئاندىن ئۇلارنىڭ پۈتۈن بايلىغىغا ئېرىشىمەن-ھا،ھا...سەن تېخى خىيالىڭدا ، ئەلى سەيدىخاننى ئۆلتۈرىۋەتسە سەيدىخاننىڭ بايلىغىنى بىللە تۈگىتىمىز، قىزىنى يەنە مەن ئاۋۋال جايلايمەن، دەپ خام خىيال قىلغانمىدىڭ، ھۇ مۇناپىق ئوغرى-،دەپ تىل سالغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

-ئۇكام، نېمىلەرنى دەۋاتىسەن،  مەن...مەن سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئادەم ئەمەس، خەقلەرنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمە؟ مەن سىنىڭ خوتۇنۇڭغا چېقىلغىنىم يوق، بەلكى ئايالىڭ بورۇنقى ئويۇنلىرىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق گەپ تارقاتقان بولىشى مۈمكىن. جېنىم ئۇكام، مەن راستلا ئۇ ئىشلاردا پاكمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ساڭا ئامراق ئەمەسمۇ؟

-تۈفىي، مېنى تۈگەشتۈرۈش بەدىلىگە ماڭا ئامراقمۇ سەن، مېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرگەن سەن ئىت. سېنىڭ ئۇز گىپىڭگە ئالدىنىپ سېنى قويىۋىتىمەنما؟ شۇتاپتا سېنى قويىۋەتسەم مەندەك ئامراق ئادەمنىڭ قوللىرىغا سەن ئاۋال كويزا سالارسەن؟ سەن ئۆزەڭنىڭ ئىشلىرىدىن ھەرگىزمۇ تېنىۋالالمايسەن!. مەن ھەم سېنىڭ پاك ئىكەنلىگىڭگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن، سەن ھايۋان مېنىڭ قاچامغا چېقىلغاندىن بىرى مەن چۈشۈمدىمۇ سېنى ئۆلتۈرۈپ چۈشەيتتىم. تېخى مۇشۇ يەرگە ياللانمىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ يوغان ئىش قىلدىم دەپ قارامسەن، مەن مۇشۇ پۇرسەتنى كۈتۈپ بۇيەردە ئىشلەپ كەلگەن ئۇقتۇڭمۇ؟،-ئەلى شۇنداق دېگەچ دىۋەيلىگىنىچە تەمتىلىگىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ئەنۋەر سوجاڭنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەمما ئەنۋەر سوجاڭ چاققانلىق بىلەن يېنىدىكى جاۋەننىڭ تارتمىسىنى تارتىپلا ئىچىدىن بىر تاپانچىنى ئالدى ۋە ئەلىگە تەڭلەپ:

-ھۇ سويما. مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ، مەن سېنىڭ خوتۇنۇڭغا راستىنلا چېقىلمىغان، يەنە تېخى سېنى ئادەم قىلىپ قويسام سەندىن كەلگەن ۋاپا شۇمۇ-، دەپ يېنىغىلا كىلىپ قالغان ئەلىگە تاپانچىنى بەتلىگەچ شىلتىدى ۋە:

-قولۇڭدىكى پىچاقنى تاشلا بولمىسا مىڭەڭدىن تۈشۈك ئاچىمەن-،دەپ ۋارقىرىدى. ئەلى ئەنۋەر سوجاڭنىڭ قولىدىكى تاپانچىنى كۆرۈپ دەقىق مەڭدەپ قالدىيۇ:

-كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇقى بىلەن مېنى قوقىتىمەن دېمە، بۈگۈن سېنى ئۆلتۈرگىنىم ئۆلتۈرگەن-،دىدى ۋە كىلىپلا بۇنداق بولىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ ئۈلگۈرمىگەن ئەنۋەر سوجاڭنىڭ كۆكرىگىگە پىچاق سېلىۋەتتى. ئەمما ئەلى پىچاقنى سۇغۇرۇپ قايتا يەنە بىر پىچاق سېلىشىغا ،گۈم، قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىككىلىسى سەيدىخاننىڭ ئايىغىغىلا يىقىلدى. گۈلنار تاپانچىنىڭ ،گۈم، قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ خۇددى ئۇيقۇدىن ئەمدىلا چۆچۈپ ئويغانغان ئادەمدەكدەك ، ئانا!، دەپ قاتتىق بىر چىقىراپلا نۇرنىساغا يۈلىنىپ قالدى. ئۈنىنى چىقىرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي تۇرغان ياسىن، ئالىم، نۇرنىسالار بۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە يەنە ئۇزاقراق قاراپ تۇرۇشقا تاقەت قىلالمىغان ھالدا گۈلنارنى يۈلەپ قايتىپ كەتتى.  ھازىرلا قورقۇنۇچلۇق بىر مەيدان تىراگىدىيە يۈز بەرگەن بۇ ئورۇن بارغانسىرى كېچە قوينىغا غەرق بولماقتا ئىدى.

 گۈلنارنى يۈدۈپ كىتىۋاتقان ياسىننىڭ يۈرىگى شۇتاپتا كۆكرەك قەپىزىگە پاتماي سوقىۋاتاتتى. بۇ ھەرگىزمۇ گۈلنارنى يۈدىۋالغانلىغىدىن، سۆيگەن ئادىمىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىگىدىن پەيدا بولغان ھىسيات بولماستىن، ئالىملارنىڭ يېنىدا ئۈنسىز كىتىۋىتىپ نېمىشقىدۇر مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ قالغانلىغىنى، ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە ئاللىقانداق قورقۇنچ ۋە سىقىلىش ئىچىدە ياشاپ كىلىۋاتقانلىغى، ئالىمنىڭ قورقۇمسىز، مەردانىلىغى ھەم باياتىنقى ئىشلارنى كۆرۈپ پەيدا بولغان ئالاھىدە ھىسيات ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قەلبى نۇرلانغاندەك بولۇپ گەرچە ئەتراپ كىچە قاراڭغۇلىغىغا غەرق بولغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھايات نىشانىدا يورۇق بىر يول  پەيدا بولغانلىغىنى ھىس قىلماقتا ئىدى....

 (مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىمەن )









تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-25, 14:58
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-25 02:03 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 532
شۆھرەت: 3440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3431 سوم
تۆھپە: 1923 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1957 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 975(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ،ئەخلاقسىزلىق ،بۇزۇقلۇق سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەننى ھىسابقا ئالمىغاندا بۇ ئەسەر دىكى گۇزەللىك ۋە بەدئىلىك ئۇستىلىق بىلەن يارىتىلىپتۇ،نەق ھىسياتىم بولسا ئوقۇپ بولۇپ ئەسەر ۋەقەلىگىدىن ئىچىم ئېلىشىپ كەتتى.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 02:22 |
qinyvrak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1239
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 177 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 167 سوم
تۆھپە: 95 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 98 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

99%ئوغرىنىڭ ھېكايىدىكىدەك شۇنداق مەرت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،99% ھاجىنىڭ ھېكايىدىكىدەك بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،ئاپتورنىڭ ئىسلامىيەتكە بولغان مۇھەببىتىنى چۈشەنمىدىم،ئۇنىڭ ئىدىيىۋى خائىشى مەجبۇرى تېڭىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 10:16 |
sadir-palwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
شۆھرەت: 848 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 849 سوم
تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 507 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆرگىنڭدىن كۆپتۇر ،كۆرمىگىنىڭ ،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ !

بۇ جاھان كەڭرى جاھان ، بۇنداق ئىشلارنىڭ رېئال تۇرمۇشتىمۇ بولىشى ئېھتىمالغا يېققىن !
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 14:12 |
shtjyy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 50 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 50 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بۇنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ بولۇشقا كۆزۈم يەتمىدى. بىرەر مەتبۇئاتتا ئېلان قىلسىڭىز، كىتابىڭىزدىن ئوقۇۋالارمەن.
جاپا چېكىپسىز.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 17:32 |
abdulhemidyasin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 250 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 142 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 142 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ،ئەخلاقسىزلىق ،بۇزۇقلۇق سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەننى ھىسابقا ئالمىغاندا بۇ ئەسەر دىكى گۇزەللىك ۋە بەدئىلىك ئۇستىلىق بىلەن يارىتىلىپتۇ،نەق ھىسياتىم بولسا ئوقۇپ بولۇپ ئەسەر ۋەقەلىگىدىن ئىچىم ئېلىشىپ كەتتى.

99%ئوغرىنىڭ ھېكايىدىكىدەك شۇنداق مەرت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،99% ھاجىنىڭ ھېكايىدىكىدەك بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،ئاپتورنىڭ ئىسلامىيەتكە بولغان مۇھەببىتىنى چۈشەنمىدىم،ئۇنىڭ ئىدىيىۋى خائىشى مەجبۇرى تېڭىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم

كۆكتۈرك بىلەن چىنيۈرەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەسەرنى ئەستائىدىل ئوقۇغۇنىغا تەشەككۈرلەر!
shtjyy قېرىندىشىمىز تېلىگەندەك ياخشى تېلەكلەر روياپقا چىقىپ، <<مۇھەببەتنىڭ تىنىقى>> ناملىق بىر كىتابىم تەستىقلىنىپتۇ. بۇ پوۋېستمۇ شۇ توپلامدا بار. بىر ياخشى يېرى ھازىر كىتابنىڭ ئازراق يېرىنى قايتا ئىشلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كىتاب قولۇمدا. شۇڭا كۆكتۈرك بىلەن چىنيۈرەكنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ئويلىشىشقا پۇرسەت بار. مەن ئەسەردە ئەتراپىمىزدىلا يۈز بېرىۋاتقان بۇزۇقچىلىقلاردىن نەپرەتلىنىپ، ئىنسان تەبىئىتىدىن ياتلاشمىغان ھالدا بۇ ئىللەتلەرنى ئېچىپ تاشلىماقچى ئىدىم. ئەمما بەزى تەسىرلەرگە سەل قارىغانلىقىمغا ئىقرار بولدۇم. بولۇپمۇ ھاجى مەسىلىسىنى يەنە ئويلاشمىسام بولمىغۇدەك. چىن يۈرەك، ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت. مەن مېنىڭ مۇھەببىتىمنى چۈشەنمىگۈدەك قىلىپ مۈجمەل ئىپادىلەپ قېلىشتىن، ياكى سەركەشلىك قىلىشتىن قورققۇچى. بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى ئويلىشىپ بەرسەڭلار شادلىناتتىم.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-28 01:00 |
abdulhemidyasin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 250 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 142 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 142 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۈزەتكىنىم




كېپەنسىز جەسەتلەر

− 1−

ئىيۇلنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقى ھەم ئاشخانىدىكى ھور دەستىدىن تەرلەپ بىر بولۇپ كەتكەن ياسىن ئۆستەڭ بويىغا سېلىنغان ھەشەمەتلىك بۇ چوڭ ئاشخانىنىڭ كەينى بىلەن مېڭىپ تەتۈر سۆگەتنىڭ يۇمران شاخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان سىمۇنت تاختايلىق ئۆستەڭ بويىغا چىقىپ بىردەم ئولتۇردى. ئۇنىڭ قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى قوي كۆزلىرى ئۆستەڭدىكى ئويناقلاپ ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ قېتىپ قالغان، خىياللىرى خۇددى مۇشۇ لايقىپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭدەك تىنىمسىز ئەمما سىر - ئەسرارغا باي، ئىزتىراپلىق ئىدى. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن سەل سەگىدىگەندەك بولدى ۋە خىيالدىن ئۆزىنى يىغىپ ئاشخانىغا كىرىپ كېتىش ئۈچۈن ئورنىدىن قوزغىلىۋىدى، ئۇنىڭ ئالدىدىنلا چىقىپ كەلگەن گۈلنارنىڭ:
− ياسىن، توختاپ تۇرۇڭە، بىر ئېغىز گېپىم بار ئىدى، − دېگەن سۆزى بىلەن تۇرۇپلا قالدى ۋە بىردىن سورىدى:
− نېمە دېمەكچىدىڭىز؟ −   ياسىننىڭ بۇ سوئالىغا گۈلنار ئىتتىكلا سوئال بىلەن جاۋاب بەردى.
− سىز ماڭا پەقەت قارىمامسىز.
− سىزگە قاراپ تۇرۇپتىمەنغۇ؟
−  گەپنى تولا ئەپ قاچماڭ، سىزنى راھىلەك بىلەن كۆرگەنلەر باركەنغۇ، راستىڭىزنى ئېيتىڭە، مېنى ياراتمايۋاتامسىز.
− نېمىلەرنى دەپ يۈرىيسىز؟ مەن تېخى ھۈنەرنى ئۆگىنىپ بولالمىدىم، يەنە دەپ قوياي، مەن ھېكىم بىلەن ئۇنداق ئەمەس ماقىما؟
− سىز يەنە گەپنى ئېلىپ قېچىۋاتىسىز.
−  نېمە دېسىڭىز دەڭ. مەن تېخى ئۇنداق خىياللاردا بولغىنىم يوق. سىزگىمۇ سىڭلىم سۈپىتىدە ئېيتىپ قوياي، سىزمۇ قالايمىقان خىياللاردا بولماي ھازىرچە ھۈنەرنى ياخشى ئۈگىنىڭ. بولامدۇ.
− نېمە؟ −  ياسىننىڭ سۆزىدىن بىر مەنىنى ھېس قىلغاندەك بولغان گۈلنار خۇشال ھالدا، −  راست دەۋاتامسىز؟ ئەمىسە مەن ھازىرچە ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنەي، سۆزىڭىزنى ئاڭلايمەن. خوش مەن كەتتىم...
ساددا قىز شۇ سۆزلەرنى دەپ بولۇپ كېتىپ قالدى. سەلىمباينىڭ گۈلنار ئىسىملىك بۇ يالغۇز قىزى بەكلا چىرايلىق، ئوماق، يەنە كېلىپ شۇ قەدەر سەبىي بىر قىز بولۇپ، ياسىن ئۇنىڭ يېقىنچىلىقلىرىغا پەرۋا قىلمىغاچقا ئۇ ياسىنغا تېخىمۇ ئامراق ئىدى. لېكىن ئىككىسىنىڭ كۆرۈشۈش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس ئىدى. چۈنكى گۈلنار ئۇستىسىنىڭ دۇكىنىدىن تاماق يېگىلى ئاشخانىغا كەلگىنىدە ياسىن تەرلەپ - پىشىپ سەي قورۇۋاتقان، ئاللىقانداق ئېسىل بۇيرۇتمىلارنى تەييارلاۋاتقان بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزى كەلسىلا سەيدىخان ،ۋاي قىزىم، كەلدىڭمۇ؟ نېمە يەيسەن، ياسىن ئاكاڭ بىر دەمدىلا تەييارلاپ بىرىدۇ؟ ھۈنەرنى ئۆگەنمە، دېسەم ئۇنىمايسەن. ياداپ كېتىپسەن مانا، دەپ چىرايىنى سىلاشقا باشلايتتى. ئەمما قىز بولسا ياسىننىڭ ئەتكەن مېزىلىك تامىقىغا ئېغىز تەگكەچ ئانىسىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي، ئەينەكلىك ئاشخانىدا تىنىمسىز ئىشلەۋاتقان ياسىنغا تىكىلەتتى. ئۇنىڭ لـۆڭگىنى مۈرىسىگە سېلىپ قويۇپ قىلىۋاتقان چەبدەس ھەرىكەتلىرىگە، ئېگىز بويىغا ماسلاشقان ئۇزۇن چاچلىرى، كۈنى ھەمىشە ئاشخانىدا بولغاچقىمىكىن دائىملا ئاق سۈزۈك تۇرىدىغان چىرايى، قاپقارا بۇرۇتى، كېلىشكەن قامىتىگە تويماي قارايتتى. مۇشۇ يېزا تەۋەسىدە بىردىن - بىر ياخشى ئېقىۋاتقان بۇ ئاشخانىنىڭ ياسىننىڭ ئاجايىپ كۆيۈمچانلىق بىلەن كۈچ چىقىرىشى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئېغىزىدا قالىدىغان قورۇمىلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى سەلىمبايلا ئەمەس، ئۇنڭغا مەستانىلارچە قاراپ ئولتۇرىدىغان مۇنۇ گۈلنارمۇ ئەلۋەتتە چۈشىنەتتى. تاماقلىرىنى ماختاپ تۇرۇپ يەيدىغان مەكتەپتىكى قورچاقتەك خانىمچاقلارنىڭ ياسىنغا نازلىق بېقىشلىرىنى، سۆز تاشلاشلىرىنى كۆرگەندە بولسا رەشىك ئوتىدا پۇچىلىناتتى. ئەمما ياسىننىڭ بۇلار بىلەن پەرۋايى يوق ھالدا ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولاتتى. ئەمما ئۇمۇ گۈلنارنى ياخشى كۆرەتتى. ياخشى كۆرەتتىلا ئەمەس، ئۇنىڭغا چىن ئاشىق ئىدى. ھەئە ئۇ بەكلا ئىچ مىجەز يىگىت بولغاچقا، گۈلنارنى قانچە ياخشى كۆرسۈن ئۇنى سىر قىلىپ ساقلايتتى. بۇنىلا ئەمەس ئۇ ھەرقانداق ئىشنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيتتى. شۇڭلاشقىمىكىن باشقىلارنىڭ ئېغىزىدا ياسىن توغرىلىق ھەرخىل گەپلەر بولۇپ تۇراتتى. ئۇنى بۇرۇن ئالىم ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان، مۇنداق تۇرغىنى بىلەن ئۇمۇ ئەسلى تامدا ماڭىدىغان ئوغرى ئىدى، سەلىمباي ئۇنى ئادەم قىلغان،، ،ھېچقانداق قىزغا قارىماسمىش،، ،ھېلىقىدەك كېسىلى بار ئەركەك ئىمىش،، ،ھۈنەرنى قەشقەردە ئۆگىنىپتىكەنمىش، شۇڭا، كاساپەتنىڭ قورۇمىلىرى ئاجايىپ ئوخشايدىكەن...، دەيدىغان گەپلەرنى قىلىشاتتى. ماختىشىدىغانلارمۇ، يامان گېپىنى قىلىدىغانلارمۇ تولا ئىدى. تېخى باشقا ئاشخانا خوجايىنلىرىدىن بىزگە كېلىپ ئىشلە، دېگىنىڭنى بېرەيلى، دېگەنلەرمۇ بولغان. ئۇلارلا ئەمەس ئائىلىدە پات - پاتلا ياسىننى تالىشىپ سەلىمباي بىلەن سەيدىخان ئوتتۇرىسىدىمۇ تالاش - تارتىشلار بولۇپ تۇراتتى. چاربازارلارغا قالدۇرماي بېرىپ كاۋاپ ساتىدىغان سەلىمباي ياسىننى ،مەن ئېلىپ ماڭىمەن، دەيتتى. سەيدىخان ،ياسىننى ئېلىپ كېتەر بولساڭ، ئاشخانىنىمۇ يۈدۈپ بىللە ئېلىپ ماڭ، دەپ چالۋاقايتتى. ئەمما ياسىن پەرۋاسىز ئىدى. قانداقتۇر بىرەر دەردى باردەك، بىر ئىچكى ئازاپ ئۇنى قىيناپ تۇرۇۋاتقاندەك ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىغا ئۈنسىز سۈكۈت قىلىدىغان جىمغۇر يىگىت ئىدى. بۇ ھال باشقىلارغا ئۇنى بەكلا سىرلىق كۆرسىتەتتى ھەم كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى. دېمىسىمۇ ئۇ ئاشخانىدىكى باشقا ئۇستا - شاگىرتلارغا مەيلى چىراي، بوي - تۇرق جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى خۇي - مىجەزى، ھۈنەرگە كامىللىقى جەھەتتىن بولسۇن پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۆسكىلەڭ بەستى، قاچانلا قارىسا پاكىز كىيىملەر بىلەن ئۆزىنى قىرلاپ يۈرۈشلىرى، ئاق چىرايىغا ماسلاشقان قاپقارا، يۇمران بۇرۇتلىرى ئۇنىڭ يىگىتلىك جاسارىتىدىن، شەھەر يىگىتلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك ھالدىكى چېۋەر، پاكىزلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقانداق ئىشقا ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىشلىرى ئۇنى خۇددى پىشقان ئادەمدەك تەسىرات بېرەتتى. ئۇ يىراق مەھەللىدىكى ئاتا - ئانىسىنى پات - پات يوقلاپ تۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن ئاشخانىغا يېقىنلا يەردىكى  سەلىمبايلارنىڭكىدە يېتىپ قوپاتتى. بىراق سەلىمبايلار يەنە بىر ھەشەمەتلىك قورۇسىدا تۇرىدىغان بولغاچقا گۈلنار بىلەن ياسىننىڭ كۆرۈشۈش پۇرسىتى بەكلا ئاز بولاتتى. گۈلنارنىڭ ياسىنغا مەجنۇنلارچە كۆيىدىغان بۇ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭ ئانىسى سەيدىخانلا بىلىپ تۇراتتى. قىزىنىڭ ياسىن بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى چىقىرىشقا تىرىشاتتى. بەزى كۈنلىرى سەۋەپسىزلا ياسىن بىلەن قىزىنى شەھەرگە ،ئويناپ كېلىڭلار، دەپ قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ يولغا سالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ياسىن قىزىرىپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتەتتى ۋە ئامالسىز قىزنى ئېلىپ شەھەرگە كىرەتتى. قىزنىڭ دېگىنىنى ئېلىپ بېرەتتى، باغچىلارغا ئاپىرىپ قانغۇدەك ئوينىتىپ ئاندىن يېنىپ چىقاتتى. گۈلنارمۇ بۇنداق چاغدا ئۆزىنىڭ يېنىدا كۈچلۈك بىر يۆلەنچۈك باردەك ھېس قىلىپ، چىناردەك قامەتلىك ياسىننىڭ ئالدىدا قىلغىلى قىلىق تاپالمايلا قالاتتى، ياسىننىڭ ئۇزۇن چاچلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ مودا بولۇۋاتقان كۆينەكلەرنى ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئېلىپ بېرەتتى. ئاخشىمى سەلىمبايلارغا شەھەردە كۆرگەنلىرىنى، ياسىن ئاكىسىنىڭ ئوڭلۇقلۇقىنى ئېغىزى- ئېغىزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى. بۇنداق چاغدا سەلىمباي كۈلۈمسىرەپ ئايالىغا قارايتتىيۇ، ئېغىزىنى كالچايتىپ ،ۋاي ئوماق قىزىم، دەپ چوپچوڭ قىزىنى سۆيۈپ كېتىۋاتقان سەيدىخانغا ئالىيىپ قوياتتى. شۇنداق، ئۇ سەيدىخاننىڭ قىلىقلىرىدىن بىرنېمىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ تۇرۇپ قالاتتى ۋە «ئادەمنى ھۆ قىلىپ خۇشال بولۇپ كېتىشلىرىنى بۇ دەللىنىڭ» گۈلنارنى لايىقىدىراق بىرەرىگە بىرەرمىزا!،دەپ ئويلايتتى.
− 2−

كەنت كېچە قاراڭغۇلۇقىغا غەرق بولۇشقا باشلىغان مەزگىل. ئەتراپتىن ئىتلارنىڭ ئاندا - ساندا كاڭشىپ ھاۋشىشلىرى، قوي - كالىلارنىڭ مەرەشلىرى، بوغۇزى چالا قالغان ئېشەكلەرنىڭ ئاچچىق سوزۇپ ھاڭراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. باراڭ ئاستىدىكى سالقىن كارىۋاتتا ياتقان سەلىمباينىڭ نېمىشقىدۇر ئىچى سىقىلىپ ئۇيقۇسى قاچتى. بىرھازاغىچە ئورنىدا يېتىپ خىيال سۈردى، خىيال سۈرگەنسىرى نېمىشقىدۇر ئىچى تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ ئاخىرى ئورنىدىن تۇردى - دە، سىرتقا چىقتى. بۇ چاغ ئېغىر ئەلياتقۇ مەھەل بولۇپ قالغان بولغاچقا سىرتتا ھېچكىم قالمىغان، كەنتنىڭ توختىماي ۋارقىراپ تۇرىدىغان كارنىيىمۇ ئاللىقاچان جېمىققان ئىدى. سەلىمباي بۇلۇتلار ئارىسىدىكى ئاينىڭ خىرە يورۇقى چۈشۈپ تۇرغان مەھەللە يولىدا كېتىۋىتىپ شۇ تاپتا بىرسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغۇسى كەلگەنلىگىنى ھېس قىلدى. ئۇ، ئايال كىشى يولۇقۇپ قالغان بولسا...، دەپ تاتلىق بىر خىيال قىلدىيۇ، يەنە بىردىن ،قويە، ئايال كىشى دېگەن ناكەسنى!، دەپ ئۈنلۈك سۆزلىۋەتتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ گىپىنى بىرەرسى ئاڭلاپ قالدىمۇ - يوق، دېگەندەك ئىتتىك ئىككى يانغا قارىدى. ئەتراپ ئۆلۈم جىملىغىغا چۆككەن ئىدى. ،قويە، ئايال كىشى دېگەننى، دېگنىدە ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئايالىنىڭ «سەن ئاشۇنىڭ بىلەن ئوينىغان بولساڭ، مەنمۇ بىرى بىلەن ئوينىدىم تازا، نېمە قىلالايتتىڭ» دېگەن ئالۋاستى سۈپەت ھالىتى كەلگەنىدى.  ئەمەلىيەتتە مۇشۇ سۆز ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىنىمسىز غاجاپ كەلدى. ئاجرىشىپ كېتەي دېسە ياش ئەللىكتىن ئاشتى. كېچىكىپرەك كۆرگەن يالغۇز پەرزەنتى گۈلنارمۇ بويىغا يېتىپ ئىڭەككە تاقاشقان بۇ چاغدا ئۇنداق قىلسا سەت تۇراتتى. ئەمما ئايالىنىڭ ئاشۇ سۆزى ھەربىر يادىغا يەتسىلا تاپ يەپ سالغان ئادەمدەك كۆڭلى ئېلىشاتتى. ئايالىغا قارىغۇسى، چىش يېرىپ بىر نېمە دېگۈسى كەلمەيتتى، تېخى ئۆزىدىن خوپلا ياش بولسىمۇ، چىرايى غازاڭدەك سارغايغان، سەمىرىپ كۈپتەك بولۇپ كەتكەن ئايالىنىڭ يېنىغا كەلمىگىلى، يېقىنچىلىق قىلمىغىلىمۇ ئۇزۇن زامانلار بولۇپ كەتكەنىدى. ئايالى سەيدىخان بولسا دەرد يۇتۇپ يۈرەمدۇ ياكى خۇيى تۇتۇپ قالامدۇ ئېرىگە ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيتتى.  ،گۈلنار بەختسىز بولۇپ قالامدۇ - نېمە؟، دەپ ئويلايتتى سەلىمباي يېزا بازىرىدىكى چوڭ ئاشخانىنى باشقۇرۇپ يۈرگەن ئايالى يادىغا يەتكەندە. چۈنكى بۇ جادۇگەرنىڭ ھېلىقى گېپىنى ئويلىغىنىدا سەيدىخاننىڭ ھازىرلا بىرەر ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىشىنى، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى شۇقەدەر ئارزۇ قىلىپ قالاتتى. ئەمما ئۇ ھامان كۆزىگە قادالغان مىخ، ھاياتىغا چۈشكەن كۈيە بولۇپ ھازىرغىچە تېمەن ياشاپ كېلىۋاتاتتى. شۇڭا سەلىمباي ئۈچۈن بازار، ئادەم دېڭىزدەك چايقىلىپ، شاۋقۇن سېلىپ تۇرغان بازارلا تىنچ يەردىكىدەك بىلىنىپ، بازارغا بېرىۋالسىلا كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى. ئالتە بازارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ قايناق يەردىن ئورنى بولۇپ، ئاشخانىنىڭ ئىشلىرىنى ئايالىغا تاشلاپ بىرىپ ئۆزى بازارمۇ-  بازار چېپىپ كاۋاپچىلىق قىلاتتى. بازاردا ئۇ ھەممە دەردلىرىنى ئۇنتۇپ شاگىرتلارغا ئىش بۇيرىغاچ چىرايلىق ياسىتىۋالىدىغان ساقال- بۇرۇتىنى سىلاپ قويۇپ ئۆرۈك ئوتۇنى ۋە كاۋاپنىڭ ھورى ئۆرلەپ تۇرغان كاۋاپدان ئالدىدا يەلپۈگۈچنى چۆرىگەچ، خېرىدار چاقىراتتى. تونۇش - بىلىشلەر بىلەن ئازادە پاراڭلىشىپ، چاقچاقلىشاتتى. قاقاھلاپ كۈلەتتى. ئەمما ئۆيدىكى ۋاقتىدا بولسا مۇھىم نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئادەمدەك چىرايىنى ئاچمايتتى. تۇلىراق يېزا كەينىگە پىششىق خىشلاپ سېلىنغان ناھىيە بويىچە ،ئۈلگىلىك قوتان، بولۇپ باھالانغان چوڭ قوتىنىغا بېرىپ مال باققۇچىلاردىن مال چارۋىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيتتى. نەسىللىك كالا- قويلارغا قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى. ئەمما كەچتە ئۆيىگە قايتىپ كەلگۈدەك بولسىلا ئايالىدىن قوپال ۋارقىراپ تاماق سورايتتى. ئەرزىمەس ئىشلارغا چېچىلاتتى. ئايالىمۇ بوش كەلمەيتتى. تاماق سورىسىمۇ، چېچىلىپ بىر بولۇپ كەتسىمۇ غېمىدە يوق ئېرىدىن ئۆتۈپرەك ۋارقىرايتتى. غودۇڭشۇپ، بىرنېمىلەرنى دەيتتى. ئەمما سەلىمباي ئۇرغىلى كەلگۈدەك بولسا يۈگۈرگىنىچە سىرتقا چىقىۋالاتتى. سەلىمباي گەرچە ئۆي ئىچىدە چېچىلغاق، قوپال بولسىمۇ ئۆي سىرتىغا چىقسىلا ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئايايدىغانلاردىن بولغاچقا، ھويلىغا چىقىۋالغان ئايالىغا ھېچ نېمە دېمەيتتى. خۇشنىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى ياكى گۈلنارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى ئەسلا خالىمايتتى. ئەمما ئۆي ئىچىدە ئايالى سەيدىخان پات - پات  ئاياغ، چىنە - قاچا دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئۇيەر - بۇيەرلىرىگە گىرىم قىلىپ تۇراتتىيۇ، يەنە ئېرىگە قىلچە قويۇپ بەرگۈسى كەلمەيتتى. ئايالىنىڭ قىلىقلىرىغا سەلىمباينىڭ ئۆتى يېرىلىپ كەتكۈدەك ئاچچىقى كەلسىمۇ، يەنە ئامالسىز ھەممە دەردلىرىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر ئىدى. ھەر ئىككەيلەن ئۆيگە شۇنداق ئادەم كىرگۈدەك بولسا ئاجايىپ ئىناق، مېھماندوست بولۇپ مېھماننىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. قىلچە چاندۇرۇپ يۈرمەيتتى. «بۇ تەرىپىغۇ بىر قەدەر بولىدۇ، ئەمما بۇ بۇزۇق ئايالنىڭ دەستىدىن ئىچىمدىن تۆگىشىپ كەتتىمدە...» سەلىمباي ئېغىر ئۇھ تارتقىنىچە بىرھازا مەھەللىنىڭ قاراڭغۇلۇق قاپلاپ تۇرغان يوللىرىنى مەقسەتسىزلا ئايلاندى. ئايالىنىڭ چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئاشۇ جادۇگەر نابۇت قىلىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. تېخى «مەنمۇ تازا ئوينىدىم» دېگەن ئاقسانى دەيمۇ؟ يىل ئون ئىككى ئاي سامانلىقنىڭ ئارقىسىدا يېتىپ ئۇخلايدىغان بىر لەقۋا ئوغرىغۇ؟ تۈفىي، ئايال كىشى دېگەن ھاراملىقنى! ئەگەر ئۈستىدىن تۇتىۋالىدىغان بولسام چانىۋىتەرمىنا، سەن لامزەللە خوتۇن مېنى رەللە قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان بولدۇڭ، گەرچە ياش بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ ھەر كۈنى يەپ تۇرىدىغان گۆش - كاۋاپنىڭ تەسىرىدىنمۇ تېخى كۆڭۈل ياش تۇرۇپتۇ. ئەمما سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاياللىق مەجبۇرىيىتىڭنى ئورۇنلاشقا لايىق كەلمەيسەن، قاچان ئاشۇ ئاخسانىڭ گېپىنى قىلدىڭ، شۇندىن بويان سەندىن كۆڭلۈم چورتلا قالدى. ئەمما چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يېمىسەڭ...  ھە راست ھېلىقى چاغدا بىزنىڭ ئۆينى قۇرۇغدىغان، كىيىن ئۆزىنىڭ بېشىنى يېگەن ئالىمنىڭ، تامدا ئۇچىدىغان ئالىم ئوغرىنىڭ خوتۇنى ئاينۇر دېگەن كاساپەتكە ئادەمنىڭ ھەجەپ ئىچى كۆيىدۇ جۇمۇ؟... ئەمما ئايالىچۇ؟ چوشقىنىڭ ئۆزى! ھە راست تومۇچۇق، ئۆيىدە بارمىدۇ؟ سەلىمباي بىردىن ئاينۇرخاننى ئويلاپ يۈرىكى ئىختىيارسىز كۈچلۈك سوقۇشقا باشلىدى. دېمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئايال زاتىغا يېقىنلىشىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولۇپ كەتتى ئەمەسمۇ؟ توختا، بۈگۈن بىر بېرىپ باقاي، ئەگەر بولۇپ قالسا... ئۇنىڭ يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ، ئىختىيارسىز قەدەملىرىنى ئۇياقتىكى كوچىغا -  ئاينۇرخانلارنىڭ كوچىسىغا بۇرىدى. ئەمما تۆت - بەش قەدەم مېڭىپ بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ يادىغا مەسچىتتە ئىمامنىڭ ،زىنا ھارام قىلىنغان ئىش، ئايالى تۇرۇپ زىنا قىلغان كىشىنى ئىسلام دىنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. قىيامەتتە جان يېرى ئازابلىنىدۇ. ئۆزى خار قىلغۇچى ئازاپقا مۇپتىلا قىلىنىدۇ...، دېگىنى يادىغا يەتكەنىدى. بۇ سۆزلەر ھازىرچە ئۆزىدىن يىراقتەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما سەلىمبايغا كۆرۈنمەس بىر ۋەھىمىدىن سىگنال بەرگەنىدى.
ئىنسان شۇنداق نەرسە، باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ - يۇ، ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۈستىگە كەلگەندە، تەبىئىيلا ئۆزىنى ئاقلاش، ھەرقانداق مۈشكۇلاتقا باھانە ئىزدەش خاھىشى تۇغۇلىدۇ. ئۇ قانداق قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى. ئەمما ئايالى ھەم ئايالىنىڭ سۆزلىرىنى ئويلىغىنىدا ، شۇنداق قىلغىنىڭغا...، دېدى ۋە ئاينۇرخاننى خىيالىدىن چىقىرىۋېتەلمەي بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئاينۇرخاننىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئىشىكنى چېكەي دەپ ئويلىدى - يۇ، بىردىنلا نىيىتىدىن يېنىپ باغدىن كىرىپ ئارقا ئىشىككە باردى ۋە ئۈزۈپ- ئۈزۈپ ئۈچنى چەكتى. تىۋىش بولمىغاندىن كىيىن يەنە تەكرار چەكتى... چېكىپ بولۇپ بىردىنلا  ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ قاپلىۋالدى ۋە ئىتتىكلا باغ ئىشىكىدىن چىقىپ كەتتى.
− 3−
− ۋوي بۇ يەردە تۇرۇپسىزغۇ؟
− بىر ئۆيدە تۇرۇپ كۆرۈشكىلى بولمىغاندىن كېيىن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇردۇم.
− بۇنداق قىلسىڭىز مەن خىجىل بولىدىكەنمەن.
− مەن خىجىل بولمىسام تېخى سىز خىجىل بولامسىز. يۈرىڭە، ئۆيىڭىزدىكلەرنى بىرگە يوقلايلى.
ئەتە ئاشخانىنى ئاچمايدىغان كۈن بولغاچقا ئاتا - ئانىسىنى يوقلاپ ماڭغان ياسىن گۈلنارنىڭ ئۆزىنى بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى پەقەت خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. ،ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بارسا ئاتا - ئانىسى قانداق ئويلاپ قالىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەشەمەتلىك ئۆيدە كۆنۈپ قالغان بۇ قىز ئۆزىنىڭ ئادەتتىكىچىلا ئۆيىنى كۆرسە قانداق ئويغا كېلىپ قالار؟ ياسىن ھەقىقەتەن ئىككىلىنىش ئىچىدە قالغان ئىدى. ئۆيگە يېقىنلا قالغان بولغاچقا قىزنى كەتكۈزۈۋېتىش تېخىمۇ بىئەپ. ئېلىپ بارسا... بۇ قىزغۇ مەيلى، ئۆيدىكىلەر نېمە دەپ قالار... ؟
− مېنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ بېرىشتىن نومۇس قىلىۋاتامسىز؟
− ياقەي، قانداقمۇ نومۇس قىلاي، مەن بىر نامرات يىگىت، سىز باينىڭ قىزى تۇرسىڭىز.
− سىز مېنى مەسخىرە قىلماڭ. ھەممىمىز ئوخشاش ئادەم. ئېلىپ كىرەمسىز - كىرمەمسىز؟ − گۈلنار ئەمدى راستلا خاپا بولغاندەك ئىدى.
− ۋاي بولدى ئېلىپ كىرەي. كېتىڭ دېسەممۇ كەچ كىرىپ كەتتى ئەمدى. ئەمما...
− ماقول بولۇپ بولدىڭىز، ئەمدى نېمە ئەمما؟ ماۋۇ قولۇمدىكى نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشۈپ بېرەمسىز.
− نېمىلەر بۇ؟
− ئاتا - ئانىڭىزغا ئازراق بىرنەرسە ئېلىۋالغان ئىدىم.
− نېمىشقا كۆتۈرۈپ يۈرگەنسىز بۇلارنى. سەت بولارمىكىن؟
− ھە بولدى يۈرۈڭە، سىزنى مۇشۇنداق ئۈستۈن خاراكتىرگە ئىگە قىلىپ قويغان ئۆيۋاق - ماكانىڭىزنى مەن بىر كۆرەي.
− كۆرسىڭىز بىر كەپە، سىزنىڭكىدەك ھەشەمەتلىك ئەمەس، كۆرۈپ بولۇپ مۇنداق بولۇپ قالارسىزمىكىن؟
− سىزگىمۇ ئايان، مەن ھېلىمۇ ،مۇنداق، بولۇپ قېلىقلىق، بولدى مېڭىڭە.
ياسىن قىزنىڭ ئۇرغۇلۇق قىلىپ ھېلىمۇ مۇنداق بولۇپ قېلىغلىق دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى، ئەمما ئۇنىڭ نېمە دەپ ئۆزى بىلەن بىرگە بارماقچى بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئامالسىز يەنە ئۇنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئويىچە گۈلنارنىڭ بۇ يەرگە كەلگۈدەك جۈرئىتى يوق بىر قىز، ئەمما ياسىنغا بۈگۈنكى بۇ ئىشنىڭ تېگىدە قانداقتۇر بىر ئويۇن باردەك، گۈلنارنىڭ كەينىدە بىرى، يەنە كېلىپ گۈلنارنى ئەڭ چۈشىنىدىغان بىرى يول كۆرسىتىۋاتقاندەك ئىدى.
سۈيىگە قىپ - قىزىل شوخلا سۈيى سېلىپ ئىنچىكە كېسىپ ئېتىلگەن ئۈگرىنى ھويلىدىلا ئىچىشىپ ئولتۇرغان ياسىننىڭ ئۆيىدىكىلەر قاملاشقان بىر جۈپ قىز - يىگىتنىڭ كىرىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى. ئاندىن چاچلىرىنى گەدىنىگىچە ئۆستۈرۈۋالغان، تولۇق شەھەر پەدىسىدە ياسانغان ئۆسكىلەڭ يىگىتنىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى تونۇغان ئانىنىڭ قورۇق باسقان چىرايى نۇرلىنىپ ئورنىدىن ئىتتىك تۇردى ۋە:
− ياسىن بالاممۇ سەن، كەل قوزام، − دېگىنىچە ئالدىغا ئوقتەك ئۇچۇپ باردىيۇ، بىردىن يېنىدىكى قىزنى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك بىردە ياسىنغا، بىردە قىزغا قاراپ تۇرۇپ قالدى.
− تىنچلىقمۇ ئانا. سەن تونۇيسەنغۇ؟ ئۇستامنىڭ قىزى، − دېدى ۋە ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، كۆزلىرى ياشاڭغىراپ تۇرغان دادىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يانغا قارىۋالدى.  ئانىسى گۈلناردىن ئەھۋال سوراي دەپ تۇرۇشىغىلا گۈلنار:
− ئوبدان تۇردىلىمۇ ئانا، − دەپ ياسىننىڭ ئانىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشتى. ئۇنىڭ بۇ قىزغىنلىقىدىن ئانىنىڭ قەلبىگە بىر ئىسسىق ئېقىم تارالدى. گۈلنار باشقىلار بىلەنمۇ شۇنداق يېقىملىق كۆرۈشتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ يېنىغا جايلىشىپ:
− نېمە تاماق بۇ؟ ۋۇي ئۈگرىكەنغۇ، كىچىك چېغىمدا ئانام مۇشۇنداق تاتلىق ئۈگرە ئېتىپ بېرەتتى. ماڭىمۇ بىر چىنە ئۇسسۇپ بەرسىلىچۇ؟ − دېدى. ئۇنىڭ جۈرئەتلىكلىكى، خۇشخۇيلۇقى بۇ ئائىلىدىكى تەئەججۈپنى قىزغىنلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىپ باراتتى. ياسىننىڭ ئىككى سىڭلىسى ۋە ئىنىسى بۆلەكچىلا شادلىنىپ كەتكەن، گۈلنارمۇ ئاش ئۇسسۇلۇپ بولغىچە ئېلىپ چىققان پىرەنىك، كەمپۈت... قاتارلىق تاتلىق - تۈرۈملەردىن ئېلىپ، شادلىقتىن ھەممە يىرى كۈلۈپ تۇرغان بالىلارغا تۇتقۇزۇپ ئۈلگۈردى. ئاندىن ھورى ئۆرلەپ تۇرغان ئۈگرىدىن ماختاپ تۇرۇپ بىر چىنە ئىچتى. ئۆيدىكىلىرىدىن ئىختىيارسىز خىجالەت بولۇپ قالغان ياسىن بىردە گۈلنارغا زوقلىنىپ قاراپ ئولتۇرغان ئاتا- ئانىسى، ئىنى- سىڭىللىرىغا، بىردە خۇشاللىقىدىن قىلغىلى قىلىق تاپالمايلا قالغان گۈلنارغا قاراپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى. ئۇنىڭغا گۈلنار ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىۋاتقاندەك، بىراق ئۇ بۇ ئۆيگە تەبىئىي سىڭىپ كەتكەندەكلا بىلىنىپ ئىچ - ئىچىدىن سەبىيلىكى بىلەن ئوماقلىقى چىقىپ تۇرغان گۈلنارغا قاراپ ئىچى ئىسسق بولۇپ قالدى. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن گۈلنار:
− ماۋۇ توخۇ گۆشىنى ئالغاچ چىققان، ھەرقايسىلىرى بالىلار بىلەن يېسىلە. بولمىسا ئەتىگىچە بۇزۇلۇپ قالمىسۇن، يەنە مۇنۇ گۆشنى سالقىنراق بىر يەرگە ئېلىپ قويسىلا ئەتىگەندە ياسىن تاتلىق بىر تاماق قىلىپ بىرەر. ئاندىن مۇنۇ رەختنى بىر نېمە قىلىپ كىيەرمىكىن دەپ سىلىگە ئاچىققان، − دەپ رەختنى ياسىننىڭ ئانىسىغا سۇندى. ياسىننىڭ ئانىسى بولسا:
− ۋاي ئوماق بالام، نېمە قىلاتتىڭىز بۇلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئەستا...− دېدى ۋە قىزنىڭ قولىنى قايتۇرۇشنى بىئەپ كۆرۈپ رەختنى ئالدى. بالىلار بولسا بىردە توخۇ گۆشىگە، بىردە گۈلنارنىڭ ئوماق چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ قالغان، بوۋايمۇ گەپ سۆزسىز جىمىپ كەتكەن ئىدى. ياسىن بولسا تېخىمۇ بىئەپ ئەھۋالدا قالغانىدى. ئاخىرى جىملىقنى يەنە گۈلنار بۇزدى ۋە:
− ۋاي ئېلىڭلار ئۇكىلىرىم، سىلىمۇ ئالسىلا دادا، ئېلىڭە ياسىن سىزمۇ، − دېدى ۋە توخۇ گۆشىنى ئۆزى پارچىلاشقا تۇتۇندى. ياسىن بىردىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانىدى. گەرچە ئۇنىڭ يۈرىكى كۈچلۈك سوقۇپ، تاتلىق بىر سېزىم پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئوراپ تۇرۇۋاتسىمۇ ئۇ جۈرئەتلىك بولۇشقا، ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈشكە يەنىلا ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتى. بىردىن ئۇ گۈلنارنىڭ قوللىرىنىڭ قولاشماي قېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئىتتىكلا:
− بولدى، مۇنداق قىلىڭە، مەن پارچىلاي، − دېدى ۋە گۈلنارنىڭ قولىدىن پىچاقنى ئېلىپ ئۆزى پارچىلاشقا باشلىدى.
− 4−
نېمىشقىدۇر، ياسىننىڭ ئۇيقۇسى قاچتى، بىرھازا ئورنىدا كۆزى ئوچۇق ھالدا ياتتى، ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپ تىۋىش چىقارماي ئاستاغىنە سىرتقا چىقتى. بۇ چاغ ئاللىقاچان ئەل ياتقۇ بولۇپ قالغان، ھەممە ياق ئۆلۈم جىمجىتلىقىغا چۆمگەن ئىدى. سۈتتەك ئاي نۇرى ئەتراپنى ئېقىش نۇرغا تولدۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى دۆڭلۈككە يانداشتۇرۇپ ياساپ قويۇلغان تال بارىڭىنىڭ ئاستىغا كېلىپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئىچىنى تىڭشاپ يۇمشاق قۇم ئۈستىدە بىر پەس ئولتۇردى. شۇ چاغدا ئىچ - ئىچىدىن بىر دەردلىك تىنىق سىرتقا ئېتىلىپ چىقتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئازابلىق قەلبىنى ئاچچىق ئەسلىمىلەر ئۆز قوينىغا چىللىماقتا ئىدى...
ئۇ ئەسلىدە شوخ بالا ئىدى. مەھەللىدىكى ھەممە بالىلار ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتتى. ئۇ نېمىنى راست دېسە بالىلارمۇ شۇنى سۆزسىز ،راست، دېيشەتتى. مەھەللىنىڭ بېشىدىكى شورلۇقتا قوي باققىلى بارغىنىدا ئۇ بالىلارنى خىلمۇ - خىل ئويۇنلارغا تەشكىللەپ ئوينايتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ قۇۋناق كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى. بىر كۈنى مەكتەپتە مۇئەللىمى ئۇنى كەپسىزلىك قىلدىڭ دەپ ناھەق ئۇردى. بۇ ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم بولدى. نېمە قىلارنى بىلەلمەي ئاخىرى ھېچكىمگە دەپ قويمايلا باش ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. چىقىپ كەتتىيۇ، كىچىككىنە بېشىغا كەلگەن مۇساپىرلىقنىڭ ئاچچىق ئەلەملىرى ئۇنى يەتكۈچە خارلىدى. ئۇ ئۇياقتا سەرسان بولۇپ، بۇيەردە خارلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى قەشقەردىكى بىر داڭلىق ئاشخانىدا تۇرۇپ قالدى. نەچچە يىل ئۆتۈپ دەسلەپتىكى يۇندا تۆككۈچى، قاچا - قۇچا يۇغۇچىلىقتىن بارا - بارا ئاشخانىدىكى بارلىق ھۆنەرلەرنى پۇختا ئۆگىنىپ بولغان ئۇستىغا، ئەتىۋارلىق ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇيىمۇ ئۆسۈپ ئاللىقاچان يىگىتلىك يېشىغا يەتكەن، قىزلارنى كۆرسىمۇ يۈرىكى سېلىپ كېتىدىغان ياشقا بېرىپ قالغان ئىدى. شۇ چاغدىمۇ ئۇ قەشقەردىكى ئۇستىسىنىڭ كەنجى قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، قىزمۇ ئۇنىڭغا كۆيۈپ يۈرەتتى. ئىككىسى پات - پاتلا يالغۇز كۆرۈشۈپ ئاجايىپ تارتىملىق سۆھبەتلەرنى قىلىشىپ مۇڭدىشىپ كېتەتتى. بىر- بىرىگە قانماي سائەتلەپ ئولتۇراتتى، ھەتتا يالغۇز جايلاردا بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ قالاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنداق شىرىن كۈنلىرى ئۇزاققا بارمىدى. ئۇستىسى بۇ ئارزۇلۇق قىزىنى بىرسىگە زورلاپ تويلاپ قويدى. ئىككىسىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى، يوشۇرۇن كۈيۈشلىرى سىر پېتىچە قېلىۋەردى. ئەمما ئۆزى تۈگىشىپ كەتتى. تاماقتىن، ئۇيقۇدىن قالدى. سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنىڭغا بەكلا ئەلەم بولغانىدى. ئاشۇ پەيتتە ئالىم - كېيىنكى ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان دوستى ئالىم تۇرمۇشىغا كىرىپ كەلدى. ئادەمگە ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ يىگىت قەشقەرگە ئاللىقانداق بىر ئىش بىلەن چىقىپ قالغان بولۇپ، ئاشۇ ئاشخانىدا تاماق يېيىش جەريانىدا  ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئىككىسى بىر يېزىدىن بولغان بولغاچقا ياسىن ئالىم بىلەن تونۇشۇپلا ئىختىياسىز ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنىدەك كۆردى. ئۇنىڭ بەكلا ئەقىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆزىگە ئەڭ ياخشى دوست بولۇپ قالىدىغاندەك بىلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىم راستلا ناھايىتى چىۋەر بولۇپ ياسىننىڭ ئازاپلىرىنى چۈشىنىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا «مەن بىلەن بىرگە تىجارەت قىل. بىر ئوبدان پايدا ئالىمىز، بۇ يەردە دۇزاخ ئازابى تارتقىچە ئىككىمىز ئىشلەپ بىرگە راھەت كۆرمەمدۇق» دېدى. ئاشخانىدىكى كۈنلىرى ھىجران دەردىدە زىنداندا ئۆتىۋاتقاندەك ئازابلىنىپ كېتىۋاتقان ياسىن نېمە ھۈنەر، نېمە تىجارەت ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئالىمنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ بەش - ئون يىل ئۆزىنى ئىللىق قوينىغا ئالغان ئاشخانىدىن جىمجىتلا كېتىپ قالدى. ئەگەر يەنە تۇرۇۋەرسىمۇ ئىچكى كۆيۈك، جۇدالىق تۈپەيلى ئۆزىنىڭ تايانچسىز ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغاندەك ھېس قىلىپ قالغانىدى. چۈنكى ئۇستىسىنىڭ قىزى پات - پاتلا ئاشخانىغا كېلىپ تۇراتتى ۋە ياسىنغا ناھايىتى بىر مۇرەككەپ ئىپادە بىلەن قاراپ كېتەتتى. بۇنىڭدىن ياسىننىڭمۇ قەلبى بەكلا ئۆرتىنىپ كېتەتتى. ياسىن ئاشخانىدىن كەتتىيۇ، يۈرىكىنىڭ تېڭى ئاشۇ ئاشخانىدا قالدى، پۇشايمانمۇ قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى، تۇنجى سۆيگۈسى شۇنداقلا ئۆمرىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىدىكى ئازاب ۋە شادلىقلىرى ئاشۇ يەردە قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئالىمنىڭ قانداق ھۈنىرى بارلىقىنى بىلىپ قالغان ئىدى. ئالىم داڭلىق ،لاخشىگىر، بولۇپ، كۆزىگە ئېلىنغانلىكى پۇلنى ھەر باپ بىلەن سۇغۇرىۋالىدىغان ماھىر ئۇچار ئوغرى ئىدى. ياسىن بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئالىمدىن ئايرىلىپ كەتمەكچىمۇ بولدى. بىراق نەگە بارىدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئۇستىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ جېنىنى جان ئېتىشى، ياكى يۇرتقا قايتىپ كېتىپ بىرەر ئىش قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، ئەمما بىر كۈنى ئۇ ئالىم بىلەن كوچىغا چىققىنىدا ئالىمدا ھېچقانداق ئوغرىدا كۆرۈلمەيدىغان بىر مەردلىك ۋە پەزىلەتنى كۆرۈپ قالدى. شۇ كۈنكى ئىشنى ياسىن پەقەت ئۇنتۇيالمايتتى. ھېيتگاھدىكى قايناق بازاردا ياسىن بىلەن ئالىم بىر قاچىدىن دۇغ ئىچمەك بولۇپ تۇرغىنىدا بىر لـۆكچەك بىر مۇنچە شېرىكلىرىنى باشلاپ كېلىپ دۇغچىلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالغا كۈپكۈندۈزدە پوخۇرلۇق قىلىشقا باشلىدى. ئايال ئۇنىڭدىن بەكلا قورقىدىغان چېغى، ھېلىقىنىڭ قىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىپلا تۇراتتى. ھېلىقىلار ئايالنىڭ بۇ ئىشىنى ئۆزىگە بوي سۇنغانلىق دەپ قالدىمۇ، تەپ تارتماستىن غەللە ساندۇقىغا قولىنى سېلىپ ئىچىدىكى پۇللارنى سىيرىپلا ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى ۋە قاقاھلاپ كۈلۈشكىنىچە كېتىپ قېلىشتى. غەللىدە ئۇششاق پۇللاردىن سىرت يەنە خېلى كۆپ چوڭ پۇللارمۇ باردەك ئىدى. ھېلىقى ئايال ئۆپكىدەپ يىغلىغىنىچە يا ۋارقىرىشىنى، يا ئۇلارغا يېلىنىشنى بىلەلمەي ئىككى يېنىغا قاراپ لېۋىنى چىشلىگىنىچە تۇرۇپ قالدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بولسا ئايال ئاللا− توۋا قىچقىرىپ زارلاشقا باشلىدى. ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغان ياسىننىڭ غەزىپى ئۆرلەپ ھېلىقىلارغا بىرنېمە دەي دەپ تۇرغىنىدا يېنىدىكى ئالىمنىڭ بىردىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئىچى ئاچچىق بولۇپ گەپ قىلمىدى. ئالدىدىكى قايماقلىق دۇغنىمۇ ئىچكۈسى كەلمىدى. كۆڭلىدە «مۇشۇنداق چاغدا قېچىپ كەتكىنى نېمىسى، كۈندۈز تۇرسا، ھېلىقىلار ھەرقانچە ۋەھشىي لـۈكچەكلەر بولغان تەقدىردىمۇ ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلىشىپ بەرسە نېمە بولار ئىدى، ئادەم مۇشۇنداق ۋاقىتتا تاياق يېسىمۇ ئەرزىيتتى ئەمەسمۇ» دەپ ئويلاپ ئالىمدىن ئاغرىندى، ئۆزىنىڭ يۈرەكسىزلىكىگە، مۇنۇ ئايال بولاڭچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ،قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ھە، دەپ قويۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىپەرۋا دۇغ ئىچىۋاتقان ئاۋۇ ئادەملەرگە قاتتىق ئېچىندى. ئالىمنىڭ ئۆزىگە دەپ قويمايلا كېتىپ قالغىنى بولسا ئۇنىڭغا خېلىلا ئەلەم بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئاز ساقلاپ باققاندىن كېيىن قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇشىغىلا ئالىم ھاسىرىغىنىچە يېتىپ كەلدى ۋە قولىدىكى بىر بولاق پۇلنى تېخىچە ئۆپكىدەشتىن، پەرۋاسىز ھالدا دۇغ ئىچىۋاتقان ئادەملەرگە قاراپ ھېلىقىلارنى قارغاشتىن توختىمىغان ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ۋە:
− ئۇنداق لـۈكچەكلەرگە بوزەك بولغانسېرى بوزەك قىلىدۇ، ئەمدى كەلسە ۋارقىراڭ، تىللاپ ياقىسىغا ئېسىلىڭ. كۈپ- كۈندۈزدە شۇنداق قىلىپ يۈرسە، ئۇلارنى ئا مۇز چاقىدىغان بولقىڭىز بىلەن ئايىماي سېلىڭ. ھەرقانچە بولسىمۇ ئادەم يېمەيدىغۇ، − دېدى. ھېلىقى ئايال كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك ئالىمغا قاراپ بىرھازا تۇرۇپ قالدى. ئاندىن توختىماي رەھمەت ئېيتىپ كەتتى. ياسىننىڭمۇ ئالىمنىڭ قىلىقلىرىغا مەستلىكى كەلگەنىدى. چۈنكى بۇ ،لاخشىگىر، ھېچقانچە ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلمايلا ھېلىقىلارنى ئوڭدا قويۇپ، مۇنۇ يۈرىكى ئازابتىن يېرىلغۇدەك بولغان ئايالنى خاتىرجەم قىلغانىدى... ئالىم مەرد بولۇپلا قالماي ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقى بىلەن ياسىننىڭ كۆڭلىنى ئەنە شۇنداق مايىل قىلىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىمنىڭ ئولجىلىرىنى ئىككىسى خالىغانچە خەجلەيتتى. ياسىننى پەقەت «ھۈنەر»گە سالمايتتى. بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ ئىشلەي دېسە ئالىم قويمايتتى. ئىككىسى ئاشۇنداق بەگدەك ياشاپ، شەھەرمۇ - شەھەر ئايلىنپ يۈرۈپ ئاخىرى يەنە ئۆز يۇرتىغا، ئۆز يېزىسىغا قايتىپ كېلىشتى. ئالىم كۆرگەنلا نەرسىگە چېقىلىدىغان چۈكىنەم ئوغرىلاردىن ئەمەس بولۇپ، راسا تومپىيىپ قالغان، ئۆزىنى بىلمەي ئىغاڭلاپ قالغانلارنى جىمىقتۇرۇپ قويىدىغان «ئۇچار قانات»لاردىن، يەنە كېلىپ يوۋاشلارغا، ئاجىزلارغا ئايانماي پۇل بىرەلەيدىغان سېخى ئوغرى ئىدى. ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق مەردانىلىكلىرىنى ئالىم ياسىنغا ،ئوغۇلبالىچىلىق، دەپ شەرھىيلەپ تۇراتتى. ياسىنمۇ كىچىكىدىن ئەتراپلىق تەربىيىلەنمىگەن، جەمئىيەت كۆرۈپ چوڭ بولغان بولغاچقا بارغانچە ئالىمنىڭ قىلغانلىرىنى يامان ئىش دەپ تونۇمايدىغان، ئۇنىڭ غەمخورلۇقلىرىغا ئۆزىنى قەرزداردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ياسىننىڭ نەچچە يىل يوقاپ كېتىپ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرگەن ئاتا - ئانا خۇشال بولدىيۇ، ھەمىشە ئۆيدە تۇرمايدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇرتتا نام ئېلىپ قالغان ئالىم بىلەن كېچە - كۈندۈز بىللە يۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالغىنىدىن سەل گۇمانلىنىشقا باشلىدى. ياسىن بۇ چاغدا ئالىمغا ئوبدانلا ئىچەكېشىپ قالغان بولۇپ ئالىمنىڭ ياسىننى پات - پات تەربىيىلەپ تۇرىدىغان ياشاش يولى ھەققىدىكى تەربىيىلىرى، ئۆز ھۈنىرىدىكى چېۋەرلىكى، يوۋاشنى بوزەك ئەتمەيدىغان، قىلغان ئىشىدىن قىلچە يوچۇق، ئىز قالدۇرمايدىغان ئەقىللىقلىقى، خۇشچاقلىقى ئۇنى بەكلا قايىل قىلاتتى. بارا - بارا ئۇمۇ تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ ئالىم بىلەن بىرگە «ھۈنەر»گە چىقىدىغان، ئانچە - مۇنچە قۇلۇپ يۈمۈرۈپ، تام تېشىدىغان «ئەزىمەت» بولۇپ قالدى. قاچانلاردىدۇر نىكاھىغا ئېلىۋالغان چىرايلىق خوتۇنىنى ئوبدانلا ياساندۇرۇپ قويىدىغان ئالىم ياسىنغا پات- پاتلا، سەن مۈڭگۈز تۇۋاقنىمۇ ئۆيلەپ قويسام بولاتتى، دەپ چىقىشىپ قوياتتى. ياسىن ئالىمنىڭ بۇ غىلجىڭ ئايالىنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى. بۇ خوتۇن نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمايتتى. بىر كۈنى ياسىن پىلان بويىچە ئالىمنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇلار بۈگۈن يېزا بويىچە داڭلىق باي - سەلىمباينى ئوڭدا قويماقچى ئىدى. لېكىن ياسىن كەلگىنىدە ئالىم ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقتى. ياسىن قايتىپ كېتىشنى ئويلىدىيۇ، بىر ئاز ساقلاپ باقماقچى بولۇپ ئولتۇردى. ئالىمنىڭ ئايالى ئاينۇر ئىچ كىيىملىرى بىلەنلا ئولتۇرغان بولغاچقا ياسىن يەنە قورۇنۇپ چىقىپ كەتمەك بولدى. ئەمما چىقىپ كېتەلمىدى. كۆزى ئالىمنىڭ ئايالىغا، ئاينۇرنىڭ روپاشكا ئىچىدىكى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان مەيدىسىگە، خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى. ياسىننى كۆرسىلا قانداقتۇر بىر سىرلىق قاراشلىرى، نازلىرى بىلەن قارشى ئالىدىغان بۇ چوكان ئەسلىدىنلا شەھۋەتنىڭ قۇلى بولۇپ كەتكەن ئايال بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ھەمىشە ياسىننى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدىلا يۈرەتتى. ياسىننىڭ شۇ تاپتىكى تىترەشلىرىنىڭ سەۋەبنى ئۇ ئاللىقاچان بايقىغان، ياسىننىڭ ئۆزىنى تۇتالمايلا قالغانلىقىنى، كۈتكەن پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى سېزىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. بۇ چاغدا ياسىن ئورنىدىن تۇرۇپلا پەگادىكى سىمغا ئېلىندۈرۈپ قويۇلغان لـۆڭگىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىنى سوزغان ئاينۇرنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىۋالدى. بۇنداق بولۇشنى ئاللىقاچان پەملىگەن ئاينۇرنىڭ ۋۇجۇدى ياپراقتەك تىترەپ كەتتى. ياسىن بىردىن قاتتىق چۆچۈدى، ئاينۇرخاننى قۇچاقلىۋالغىنىغا پۇشايمان قىلدى. ئاينۇرخاننى ئىتتىكلا قويىۋەتتى. ئۆزىدىن، ئاينۇرخاندىن يېرگەندى. ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالمايلا قالدى. ئالىم تېخىچىلا قايتىپ كەلمىگەنىدى، ئاخىرى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا ئالىم بىلەن پىلانلىغان بۈگۈنكى ئىشنى ئۆزى يالغۇز قىلماقچى بولدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى قاتتىق جىنايەتكار ھېس قىلغان، ئاشۇ جىنايىتىنى يۇيۇش ئۇسۇلىنى ئاشۇ ئىشنى قىلىش دەپ ئويلاپ قالغانىدى. ئۇ تۈنۈگۈن ئالىم بىلەن پىلانلىغىنى، تۈزگەن لايىھىسى بويىچە ئۆزى يالغۇز سەلىمباينىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، چاندۇرماي تامدىن ئارتىلىپ، كۆزلىگەن يېرىدىن سەلىمباينىڭ بارلىق پۇللىرىنى ئوڭۇشلۇق قولغا چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئويىچە ئۇ قىلچە چاندۇرمىغان ئىدى. بۇ چاغ تۈن نېسپىدىن ئاشقان ۋاقىت بولۇپ قالغاچقا ئۇ قايتماقچى بولدى. ئەمما ئۇ ئۆيىگە قايتمىدى. ئاستا قەدەملەر بىلەن ئالىمنىڭ ئۆيىگە، تېخى بايىلا ئۆمرىدىكى تۇنجى قېتىم ئازغان جايغا قاراپ ماڭدى. بەلكىم ئۇ سەلىمباينى ئوڭدا قويۇشنى بىرگە پىلانلىغاندىن كېيىن ئولجىدا ئالىمنىڭمۇ ھەققى بار دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم باياتىنقى ئىش تۈپەيلى ئۆزىنى ئالىمغا قەرزدار ھېسابلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ھېسلار ئىلكىدە ئالىمنىڭكىگە بارغىنىدا ئالىم ئەمدىلا ئۆيىگە كەلگەن بولۇپ، ئىككىسى ئۇيقۇدىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ تۇرغان ئاينۇرغا قاراپ قويۇپ سىرتقا چىقتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەممە ئىشلىرىنى ئاينۇردىن يوشۇرۇن تۇتاتتى. ياسىننىڭ كۆڭلىدە ئالىم باياتىنقى ئىشنى بىلىپ قالغانمىدۇ دېگەن بىر ئەندىشە بار بولسىمۇ ئەمما ئالىم ھېچنېمىدىن بىخەۋەر ھالدا ياسىنغا، سەنمۇ كېچە پادىشاھى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىڭغۇ، كۆز تەگمىسۇن، دەپ چاقچاق قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ باشقا بىر ئولجىنى قولغا چۈشۈرگىنىنى ئېيتىپ ياسىنغا بىر - ئىككى كاللەك پۇلنى تۇتقۇزدى. ياسىنمۇ سەلىمباينىڭ ئۆيىدىن سوققان پۇللارنى قالدۇرماي ئالىمغا بەردى. بۈگۈن ئۇلار بىر - ئىككى ئاي «تىجارەت» قىلمىسىمۇ بولغىدەك كۆپ مول ھوسۇل ئالغانىدى. ياسىن ئالىمنىڭ چاقچاق بىلەن ئۇزىتىپ قويۇشلىرىغا ئۈندىمەي قايتىپ كەتتى.
− 5−

ياسىن ئەتىسى قاتتىق ھەيران قالدى. ئالىمنى ،سەلىمباينىڭ ئۆيىنى قورۇقدىغان، دەپ نەق پۇل بىلەن قولغا ئالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئالىم ئىش قىلغاندا ئىز قالدۇرمايتتى. ئەمما ياسىن چاندۇرۇپ قويغان بولۇپ سەلىمباينىڭ ئۆيىدىكىلەر ياسىننىڭ شەپىسىنى سىزىپ قېلىپ ئاز ئۆتمەيلا پۇلنىڭ ئوغرىلانغىنىنى تۇيغان ۋە ساقچى چاقىرىپ ئاياغ ئىزىغا ئاساسەن كېچىلەپ ئالىمنى نەق پۇل بىلەن قولغا ئالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالىم بەش يىللىق كېسىلىپ كەتتى. ياسىن ئالىم بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا «راستىنى ئېيتايلى ئاداش، ئۇ پۇلنى ئۆزۇم ئوغرىلىغاندىن كېيىن ئۆزۇمنى مەلۇم قىلاي» دېۋىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئالىم «ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ مېنى يەنىمۇ ئۇزۇنراق ياتسۇن دەمسەن» دەپ ۋارقىرىدى. ياسىن ھەيران بولۇپ «بۇ نېمە دېگىنىڭ» دەپ سورىغىنىدا ئالىم «ھەممىنى ئۆزۇم ئۈستۈمگە ئالدىم، ئەگەر سىنى پاش قىلسام، شىرىكلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ ئېغىرلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساڭا تېخى چىكىت قويۇلمىغان. شۇڭا سىنى پاش قىلمىدىم، سىنىڭمۇ ئۆزۇڭنى مەلۇم قىلىشىڭغا يول قويمايمەن. سەن ياسىن، ئوغرىلىققا ماس كەلمەيدىكەنسەن. ئەگەر مېنى ھەقىقى دوستۇم دەپ بىلسەڭ بۇندىن كېيىن بۇ ئىشنى تاشلا» دېدى. ياسىن جىم تۇرغانىدى، ئالىم ياسىننى سىلكىپ تۇرۇپ، «ماڭا ۋەدە بەر» دەپ ۋاقىرىدى. شۇندىلا ياسىن ئالىمغا ۋەدە بەردى. ياسىننىڭ ئالىمغا بەرگەن ۋەدىسى بۇلا ئەمەس ئىدى. ئالىم شۇ گەپلەرنى دېگەندىن كېيىن يەنە ياسىننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ «سەن يەنە ماڭا بىر ئىش توغرىلىق ۋەدە بەر» دېدى. ياسىن ئالدىراپ «نېمە ئىش» دەپ سورىغىنىدا ئالىم «شەھۋەتكە بېرىلمە. ئوغۇل بالىنى شەھۋەت تۆگەشتۈرىدۇ» دېدى. ئالىم بۇ سۆزنى دېگىنىدە بۇ سۆزدىن نىمىنىدۇر ھېس قىلىپ يۈرىكىدە بىر چاقماق چېقىلغاندەك بولغان ياسىن دەرھاللا «ۋەدە بىرىمەن، ۋەدە بىرىمەن ئاداش، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ھەرگىزمۇ شەھۋەتنىڭ قۇلى بولمايمەن» دەپ ۋەدە بەرگەنىدى. شۇندىن كېيىن ياسىن باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىپ كەتتى. دېمىسىمۇ ئۆز دوستىغا قىلغان ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلى ئۇنىڭ يۈرەك - باغرى پۇچۇلىنىپ، قەلبى ئۆز ۋىجدانىي ئوقىنىڭ ئەجەللىك زەربىسىدە ئۆزىنى مەڭگۈ كەچۈرەلمىگۈدەك ئۆرتىنىپ كەتكەنىدى. چۈنكى ئۇ ھەممىگە سەۋەبچى. ھەتتا ئۆزى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق قۇربان بېرەلەيدىغان مەرد يىگىتكە، ئۆزى قىيامەتلىك دوستۇم دەپ يۈرىدىغان ئاغىنىسىگە خىيانەت قىلغان ئىدى. مانا شۇندىن بىرى ئۇ ئىچىگە تىندى. ئاتا - ئانىسىغا قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان قارغىش قېپى بالىدىن ئاتا - ئانىسىنى رازى قىلىشنى ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان رايىش بالىغا، تىنماي ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىدىغان دېھقان يىگىتكە ئايلاندى. ئەمما ئاشۇ سەلىمباي ئۇنى تىنچ قويمىدى. ئۇنىڭ ئۇستا ئاشپەز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان سەلىمباي ئۇنى ئاشخانىسىغا دەپ سوراپ كېلىپ ئاتا - ئانىسىنى كۆپ پۇل بىلەن رازى قىلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتتى. ياسىن ئاشخانىغا باردى. بارلىق ھۈنېرىنى چىقاردى،ۋۇجۇدىنى ئاشخانىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىدى. باشقلار ئۇنىڭ ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىنى بىلمەيتتى، بىلگەندىمۇ ئۇنىڭ ئالىم بىلەن يېقىن ئۆتىدىغانلىقىنىلا بېلەتتى، ئەمما ئۇنىڭغا ۋىجدان قەرزى بارلىقىنى، ھەتتا ئالىمنىڭ ئۆز ھاياتىنى ياسىننىڭ ۋىجدانىغا تېگىشىپ ئۇنى تۆلەپ بولالمايدىغان قەرزگە بوغۇپ قويغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇمۇ باشقىلارنىڭ بىلىشنى خالىمايتتى ۋە ھېچ كىشىگە تىنمايتتى. قەلبىنى ئۆزلۈكسىز ئازابلاپ، چىرماپ تۇرىدىغان كەچۈرمىشلىرى، دوستىغا قارا سانىغانلىقى، ئەمما دوستىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشلىرى ھەرقانداق ئادەم مەڭگۈ بىلەلمەيدىغان بىر سىر ئىدى. سىر بولغىنىدىمۇ ياسىننى ئۆزلۈكسىز ۋىجدان ئازابىدا ئۆرتەپ تۇرىدىغان سىر ئىدى. ئۇ بۇلارنى ئويلىغىنىدا  پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئارامسىزلىناتتى. ۋەدىلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئىرادىسى ھەسسىلەپ كۈچىيەتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ ھازىرغا قەدەر ھېچكىمنىڭ يىڭنە چاغلىق نەرسىسىگە قارا ساناپ باقمىدى. كېيىنكى ۋەدىسىگە، ئۇنى ھامان ئازاب دېڭىزىغا غەرق قىلىپ تۇرىدىغان شەھۋەتتىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە بولسا تېخىمۇ قاتتىق ئەمەل قىلدى. ئۇنىڭ قاملاشقان بوي بەستىگە، ئېسىل خۇي - پەيلىگە ئاشىق بولۇپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ چىرايلىق رەت قىلىۋېرىپ ھازىر «كېسىلى باركەن» دېگەن سەت نامغىمۇ قالدى. بىراق ئۇ دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلدى. ئۇ بۇ ۋەدىسىدىن بەكلا ئازابلىناتتى. چۈنكى بىر بولسا ئالىم ئۇنىڭ ئاينۇرنى قۇچاقلىۋالغان سەتچىلىكلىرىنى بىلىپ قالغان ئىدى.  ئەمما ياسىن ئۇ بىلمىگەن دەپ ئويلايتتى . ئالىم دېگەن جىگەرلىك ئەركەك. بىلگىنىدە ھەرگىزمۇ مېنى دوست ھېسابلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاينۇرمۇ ئۇستا بىر نېمە، ھەرگىز ئۆز جېنى بىلەن ئوينىشىدىغان ئۇنداق گەپلەرنى قىلمايدۇ، بورۇنمۇ ئالىم ئايال كىشىنىڭ ئەركەكلەرگە كەلتۈرىدىغان بالايى ئاپىتى، ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ھەرگىزمۇ ئاياللارغا، ئۇلارنىڭ ناز- كەرەشمىلىرىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى توغرىلىق سۆزلەپ تۇراتتىغۇ، دەپ ئويلايتتى. قىلمىشلىرىغا ئۆكۈنۈپ ئازابلىناتتى. شۇڭا ھېچقانداق ئايال زاتىغا كۆڭۈل بۆلمەي دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاشقا تىرىشاتتى. ئۆز ئىشىنى پۇختا قىلاتتى. ئەڭ گەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىكى ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ پاكىز يۈرەتتى. كىيىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. ساقال - بۇرۇتىنى چىرايلىق ياسىتىپ، ئاشخانىدا خالاتنى پاكىز يۇيۇپ، سىرتتىمۇ كىيىمنى قاتۇرۇپ كىيەتتى. بۇ ھال ئۇنىڭ مىجەزى بىلەن بىردەك بولمىغاچقا ئۇنى باشقىلارغا تېخىمۇ سىرلىق قىلىپ كۆرسىتەتتى. قىزلارمۇ ئۇنى پەرۋانىدەك ئەگىيتتى. مانا ئۇ قاچقانسىرى ئۇستىسىنىڭ قىزى كەينىگە كىرىۋېلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇ قىزنى رەت قىلىشقا ئامالسىز. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىگە ئۈنسىز ھۇجۇم قىلىپ كىرىۋاتقان بۇ چىرايلىق قىزنى ئۇمۇ ياخشى كۈرىدۇ. قاچاندىن بىرى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى، بۇنىسى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ. ئەمما ئۇنى بەكلا ياخشى كۈرىدۇ، ياخشى كۈرىدىيۇ، ئەمما ئاشكارىلىمايدۇ، ئۆزىنىڭ بۇ نازۇك تۇيغۇسىنى سىر پېتى ساقلايدۇكى ھېچكىمگە بىلدۈرگۈسى كەلمەيدۇ. لېكىن ھەمىشە ئۆزىنىڭ قەلبى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىگە مېنىڭ ھازىرقى گۈلنارنى ياخشى كۆرۈشۈم مۇنداقلا ياخشى كۆرۈش ياكى ئەرلىك تەقەززاسىنىڭ تەلىپىدىن ئەمەس، چىن قەلبىمدىن ھەقىقىي ياخشى كۆرىمەن. ھەمىشە كۆرۈشۈشنى، مۇڭدىشىشىنى ئىزدەيمەن. كۆپرەك بىللە بولغۇم، سىرداشقۇم كېلىدۇ. يەنە ئاللىقانداق ئويلارنى، تويدىن كېيىنكى بەخت...قاتارلىق تاتلىق ئارمانلارنى قىلىمەن دېسە، قەلبى ئۇنىڭغا «سەن شەھۋەت تەقەززاسىدىن شۇنداق ئويلايسەن. بولدى،  ھېسلىرىڭغا ئاللىقانداق ساپ مۇھەببەت دېگەن گەپلەر بىلەن ھەل بىرىمەن دەپ ئاۋارە بولما» دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇ قەلبىگە گۈلناردىن باشقىنى سىغدۇرالمايدۇ. ئۇنى ئەڭ پاك، ئەڭ غۇبارسىز ھالەتتە ياخشى كۈرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قەلبىدىكى كۆرۈنمەس كۈچ ھامان ئۇنى توسۇپ تۇرىدۇ. ،ئۆزۈڭنى بىل، شەھۋەتتىن يىراق تۇر، دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.  شۇڭا ئۇ قەلبىنىڭ ئاللىقانداق يارىلىرى ئىچىدە قورقىدۇ، جىمىپ قالىدۇ...
كېچە قاراڭغۇلىقىغا ئاي ئۆزىنىڭ سېخى نۇرىنى ئايىماي سەپمەكتە ئىدى. ياسىن ئۆزىنىڭ قەلبىنى ۋەھشىي قاتىلدەك ئازابلاپ كېتىۋاتقان ئەسلىمىلىرىنىڭ تۇتقۇنىدىن، ھەمىشە قەلبىگە ھۆكۈمران بولۇۋالىدىغان مۇھەببەت لەشكەرلىرىدىن يۈرىكىنى قۇتقۇزالماي تۇرغان شۇ پەيتتە كەينى  تەرىپىدىن يېنىك ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. ياسىن بىر ئاز قورقتى. چۈنكى بۇ يېرىم كېچە بولۇپ قېلىۋاتقان بىر مەزگىل بولغاچقا يېنىدا لوڭڭىدە بىر قارا گەۋدىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇنى سۈر باستۇرۇۋەتكەنىدى. ئۇ ئىتتىك قاراپ سۈتتەك ئايدىڭدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان قاپقارا گەۋدىنىڭ زىلۋا بويلۇق بىر قىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ گۈلنار ئىكەنلىكىنى  تونۇۋالدى ۋە ئۇنىڭدىن:
− نېمىشقا چىقتىڭىز؟ −  دەپ سورىدى. گۇلنارمۇ ياپراقتەك تىترەپ تۇرۇپ:
− سىزمۇ نېمىشقا چىقتىڭىز؟ − دەپ قايتۇرۇپ سورىدى. ياسىن گەپ قىلمىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئوت بولۇپ يانماقتا ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئويىچە ئۆزىنىڭ نەپسى ئۇنى يەنە بىر خاتالىققا، شەھۋەتتىن ئىبارەت ئېزىتقۇ شەھەرگە ئۈندەۋاتاتتى. «ئەمەلىيەتتە قىز پاك قەلبى، كىرسىز مۇھەببىتى بىلەن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ سەمىمىيتىگە ئالەمچە ئىشىنىپ چىققان بولسىچۇ؟ چىرايلىق پاراڭلىشىپ بولۇپ ئاندىن ئەكىرىپ كېتەيمۇ؟» دەپ ئويلىدىيۇ، ئەمما مۇشۇ كېچىدە، ئۆزى تولۇق يېتىلگەن بىر ئەركەك تۇرۇپ، پەقەت پاراڭلىشىپلا كىرىپ كەتكىلى بولامدۇ، ئۆزىنىڭ ھېسلىرى بىر قېتىم يار ئېلىپ كەتكەن تۇغاندەك تۇرسا، يەنە بىر قېتىم يار ئالمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ «ياق» دەيتتى ئۇ كەسكىنلىك بىلەن، ئۆمرۈمدە بىر خاتا قىلغان ئىشىم بىلەن جىسمىم ئادەم بولغان بىلەن روھىم ئادەمگە ئوخشىمايدىغان ئازاب بىلەن ياشاپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى يەنە خاتالاشسام بولمايدۇ. مەن ۋەدەمدە تۇرۇشۇم كېرەك، خەير، ئۇ ئۆزىگە شۇنداق دەپ شىۋىرلىدى ۋە قەتئىي بىر ئىرادە بىلەن گۈلنارغا گەپ - سۆز قىلماي كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدە سۆيگۈگە خۇددى چەكسىز كەتكەن قاقاس سايدىكى تەنھا يولۇچى بىر تامچە سۇغا مۇشتاق بولغاندەك تەشنا بولغان بىرى، شۇ تاپتا باغرى چاك - چاك بىر ئاشىق مەجنۇنلارچە قان يۇتقان ھالدا جىممىدە قاراپ قالدى...
− 6−
سەلىمباينىڭ راسا ئامىتى كەلگىلى تۇرغانىدى. نېمىشقا دېسىڭىز، ھەر كۈنى ئۇنىڭ بازاردىن، چوڭ ئاشخانىسىدىن توختىماي ئۇچۇپ كىرىۋاتقان كىرىمى قوشۇلۇپ، ئۇنى ئوبدانلا كېرىلدۈرۈپ قويغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوتان ئىسلاھاتىدا ھەقسىز سالدۇرۇۋالغان قوتىنىدا ھازىر يەتمىش - سەكسەندەك سورتلۇق كالىسى بېقىلماقتا. ئۇ بۇ دەپئى- دۇنيالىرىنىڭ خىسلىتى بىلەن يېزا تەۋەسىدە ئىناۋىتى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. سەلىمباي ئەنە شۇنداق زەردارغا ئايلىنىپ ئەمدى قولىنى نەگە سۇنسا يەتكۈدەك بولغاندا ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىر ئوت كىرىۋالدى. ئۇ مەككە- مۇكەررەمنى تاۋاپ قىلىپ كېلىش  بولۇش ئويى بار ئىدى. بۇ ئوي ئۇنىڭ كۈن - تۈن ئەس - يادىنى قامال قىلىۋالدى. شۇڭا توختىماي بۇ ئىشنىڭ يولىنى قىلىشقا تۇتۇندى. ئاللىكىملەرگە پارا بەردى. يەنە كىملەرنىدۇر مېھمان قىلدى. ھەر بازاردا ئاجىز - ئورۇقلارغا ئايانماي خەير - ئېھسان قىلدى. ئۆيدىمۇ رايىش مۇلايىم بولۇپ سەيدىخانغىمۇ قوپال تەگمىدى. ھەتتا بەزىدە ئانچە - مۇنچە ئەركىلىتىپ چاقچاق قىلىپ قويىدىغان، «خۇدا خالىسا كېلەر يىلى سېلىنىمۇ ئېلىپ بارىمەن» بىر تاتلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ قويىدىغان خۇشخۇي ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. سەيدىخانمۇ سەلىمبايغا «بوپتۇ بېرىپ كەلسىلە، ئۆيۋاقتىن، ئىشلاردىن خاتىرجەم بولسىلا» دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى توقلىدى. ئۇنىڭ ئويىدا  ئۇنداق قىلمايمۇ ھېچنىمە قىلالمايتتى. «ئەركىشى دېگەن خالىغىنىنى قىلىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لامزەللە قېرىنىڭ ھازىرقىدەك خۇشخۇي ھالىنى كۆرمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن. بەلكىم مەككىگە بېرىپ كېلىپ ئوڭلۇق ئادەم بولۇپ قالسا ھەجەپ ئەمەس»، سەيدىخاننىڭ ئويى شۇ ئىدىيۇ، يەنە بىر ئاز ئاچچىقى يوقمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئېرى ھەرەمگە بارىدىغان پۇلنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئۇ ئىشلەپ تاپقان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇ ئاغزىدا شۇنداق دەپ قويغىنى بىلەن ئىچىدە يەنە «مېنى بىلمەيدۇ دېمە، ئوينايدىغاننى ئويناپ قېنىپ بولدۇڭ، مېنى راسا ئانىي تاپتىڭ. ماڭساڭمۇ بىر ماڭغىنە، ئەمدى مىنىڭ ئويۇنۇمنى كۈرىسەنغۇ» دېگەنلەرنى ئويلايتتى. ئېرىگە قارىغاندا ئون نەچچە ياش كىچىك بۇ ئايال گەرچە سەمىرىپ بىر بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئىچىنى ئۆرتەپ كېتىۋاتقان ئازاب ئەلۋەتتە ئۆزىگە ئايان ئىدى. ئېرىنىڭ قىلىقلىرى، ئۆزىگە پەقەتلا يېقىن يۇلىمايدىغانلىقى ئۇنىڭ قەلبىنى ئازابلىسا، ھەر ۋاقىت ئويغىنىپ تۇرىدىغان شەھۋەت ئوتلىرى ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىمۇ ئاللىقانداق خىياللارنى، تاتلىق ئارزۇلارنى ئويغاتماي قالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرىنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئوغرىنىڭ ئايالى بىلەن چاتىقى بار دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىمايمۇ قالمىغانىدى. شۇڭا ئۇنىڭمۇ بارغانچە كۆزىگە ئاشخانىدىكى قوپال كۈتكۈچى يىگىت، ياسىن، يەنە يېزا تەۋەسىدىكى ئاللىقانداق قاملاشقان «لاچىن»لارنى خىيال قىلىپ قالاتتى...
گۈلنارنىڭ نېمىشقىدۇر ھالى بەكلا سولغۇن ئىدى. بۇنى ئۆزىنىڭ مەككىگە بېرىش ئويىنىڭ تۈرتكىسىدە شۇنداق بولغان دەپ بىلگەن سەلىمباي ھەر ئاماللاپ قىزىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشنى ئويلايتتى، ئۇنى خۇددى كىچىك بالىدەك ئەركېلىتەتتى. ئەمما گۈلنار ھېچ ئېچىلىدىغاندەك ئەمەس، ھەتتا ئاتا - ئانىسىغىمۇ توڭ تېگەتتى. ھۈنەرگىمۇ بارماي كۈن بويى ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ئىدى. سەلىمباي بۇنىڭدىن ناھايىتى پەرىشان بولۇپ سەيدىخاندىن سورىغىنىدا سەيدىخان سەل قوپاللىق بىلەن «مەن نېمە بىلەي!» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما قۇۋ ئانا قىزىدىكى ھالەتنىڭ سەۋەبىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىدى. چۈنكى ھېلىقى كۈنى گۈلنارغا ياسىننىڭ ئۆيىگە بېرىشنى ئۇ ئېيتقان، بارغاندا ئاپىرىدىغان نەرسىلەرنىمۇ تاللاپ ئېلىشىپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئەتىسى قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى قىزىنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆرۈپلا ھەممىنى چۈشەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئويىچە ياسىن ئەخلاقلىق بولۇپلا قالماي، ئاللىقانداق بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالغان سىرلىقلا بىر بالا ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ قىزى قاتتىق ياخشى كۈرىدىغان بۇ سۈلكەتلىك يىگىتنىڭ سىرلىقلىقى، سۇباتلىق بەستىنى ئويلاپ كېچىلىرى ئۆزىمۇ ئاللىقانداق خىياللارنى قىلىپ قالاتتى. ئەمما يىگىت ئاياللاردىن قاچىدىغان «تاڭ سىڭ» تۇرسا نېمە ئىلاج، «بىچارە قىزىم» دەپ ئويلايتتى ۋە «خەپ» دەپ ئېغىر تىناتتى...
ئۇزۇنغا بارمايلا سەلىمباينىڭ ئارمانلىرى ئەمەلگە ئېشىپ ھەرەمگە بارىدىغان پاسپورتمۇ قولىغا تەگدى. يۈگۈر - يېتىم تەييارلىقلار تۈگىگەن بولغاچقا ئەتىلا يولغا چىقماقچىمۇ بولدى. شۇڭا بۈگۈن ئۇ ئۆيىدە كاتتا چاي تەييارلاپ ئۆزىنى ھەرەمگە ئوزاتقىلى كەلگەنلەرگە ئۆزىنىڭ سېخىيلىقىنى بىلدۈرۈۋاتاتتى. ئۆي ئىچى، ھويلا ئۇزاتقىلى كەلگەن مېھمانلارنىڭ ۋاڭ - چۇڭى بىلەن لىق تولغان، كەلگەنلەر ئىچىدە يېزا باشلىقىدىن تارتىپ، يېزا ئورگاننىڭ چوڭلىرى، ھۆرمەتكە سازاۋەر يۇرت مۆتىۋەرلىرى، سەلىمباينىڭ دوستلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. سەلىمباي خۇشاللىقىدا قىن - قىنىغا پاتماي باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە قاقاھلاپ كۈلۈپ ئولتۇراتتى. داستىخان ئىنتايىن مول بولۇپ ياسىننىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىشى بىلەن ھازىرلانغان ھەرخىل سەي تۈرلىرى، پۈتۈن قوي كاۋىپى، زىخ كاۋاپ، قوۋۇرغا بېسىلغان شاھ پولو، ھەرخىل مېۋە - چىۋىلەرنىڭ ھەممىسى يېيىلىدىغان ئېغىزغا نۆۋەت ساقلاپ قاتار تىزىلىپ تۇرۇشاتتى. ئاشخانىدا شاگىرتلارغا ئىش بۇيرۇپ، ئۆزىمۇ ئاللىقانداق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ياسىننىڭ قولى داستخانغا ھەممىنى تۆكۈپ بولغاندىن كېيىن بىر ئاز بۇشىدى. ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ شاگىرتلارنىڭ چاي تۇشۇشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلغاچ سەل ئويغا پېتىپ قالدى. گۈلنارغا قوپاللىق قىلىپ قويغىنىم، ئۇنى كېچىدە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ سەل ئاشۇرۇۋەتكىنىم راست، ئەمما مەن ۋەدە بەرگەن، مۇھەببەت ھەرقانچە ساپ بولسىمۇ ئۇنى شەھۋەتكە يول ئاچمايدۇ دېگىلى بولامدۇ، ھەي! قىز قانداق ئويلىدىكىن، بۇرۇن ئالىمدىن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بىر قىز توي قىلىدىغان يىگىتى بىلەن تويدىن ئىلگىرى بىر ئورۇندا يېتىشقا توغرا كەپتۇ. قىز يىگىت بىلەن ئارىسىغا بىر تىغنى قويۇپ ئەگەر ماڭا يېقىنلاشساڭ سەن ھايۋان، بۇنىڭغا مۇنۇ تىغ گۇۋاھ، دەپ قويۇپ يېتىپ قاپتۇ. راست دېگەندەك ھېلىقى ساددا يىگىت قىزنىڭ دېگىنى بويىچە قىزغا قىلچە يېقىنلاشماستىنلا كېچىنى يورۇتۇپتۇ. ئەتىسى ھېلىقى قىز يىگىتكە، بىز توي قىلمايمىز، دەپتۇ. يىگىت نېمە ئۈچۈن؟، دەپ سورىغىنىدا، قىز، سەن ھايۋانچىلىكمۇ بولالمايدىكەنسەن، دېگەنىكەن. ئايال كىشى دېگەننىڭ نەپسى ئالامەت بولارمىشكەن، مەن ھېلىقى كېچىسى گۈلنارغا سەل ياخشى مۇئامىلە قىلمىدىممۇ قانداق؟ توغرا، ئۇ كېچىدە ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى دۆڭلۈككە شەھۋەت تۈرتكىسىدە ئەمەس، مۇھەببەتنىڭ، غەرەزسىز ساپ مۇھەببەتنىڭ كۈچى بىلەن چىققان بولسىچۇ؟ ئۇنىڭ ئويلىغىنى ساپ مۇھەببەت، ئەمما ئەمما مىنىڭ ئويۇمدا شەھۋەت بولسىچۇ؟ ئاھ، شۇ چاغدا مەن نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭغا ئازراق سىلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۆيگە كىرگۈزۈۋەتمەي، كېچىدە ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ ئاستىلا قاچتىم، بۇ بىر ساپ مۇھەببەتكە تەشنا قىزغا نىسبەتەن ئېغىر كەلمەمدۇ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەمدىمەن - يا، ئۇنداق ئەمەس، ئۇنى ئويلىمايدىغان، گەپلىرىنى، قىلىقلىرىنى ئويلىمايدىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق. مەن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئاشىق. ئەمما مەن ئىشىقنى ئەقىل ئۈستىگە دەسسىتىۋالىدىغان ئەخمەق ئاشىق ئەمەس. توغرا، ھېلىقى ھېكايە مۇھەببەتكە ئەمەس، شەھۋەتكە ئىشارە قىلىدىكەن. ھەرقانداق ساپ مۇھەببەت غەرەزنىڭ قولى بولۇپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى شەھۋەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شەھۋەتكە ئايلىنىپ قالىدىغان مۇنداق ئاجىز مۇھەببەت ياسىننىڭ قەلبىدە بولماسلىقى كېرەك. مەن ئۆز سۆيگۈمنى ئاشكارىلىماي ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىكى، ئاشكارىلاپ ئىشرەت قولى بولۇپ قالغۇم يوق. مىنىڭ بىكىنمىچىلىكىم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشىم، ماڭا مەن ئويلىمىغان بەختلەرنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن. ھازىر گۈلنارنىڭ قەلبى ناھايىتى ئازابلاندى، چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەنە ئازاب ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ نەچچە كۈندىن بىرى ماڭا پەقەت قارىمايلا قويدى. ئەمما مەن بۇنىڭدىن ئۈكۈنمەسلىكىم كېرەك. چۈنكى ئۇ ھامان چۈشىنىدۇ، مىنىڭ پاكلىققا شۇقەدەر تەشنا يۈرىكىمنى ئۇ چۈشەنمەي قالمايدۇ. يانار تاغدەك لاۋۇلداپ تۇرغان مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا ھامان ئايان بولىدۇ. شۇ چاغدا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز سىناقلاردىن ئۆتكەن ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ، مەن بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەن، ئۇنىڭ خىياللىرى شۇ يەرگە كەلگەندە كۆڭلى خېلى تىنچىپ قالدى. شۇ چاغدا ئايۋاندىن كۆتۈرۈلگەن ۋاڭ - چۇڭ ئۇنى ئىختىيارسىز خىيالدىن سەگىدىتىپ قويدى. ئۇ نېمە ۋاڭ - چۇڭلىقىنى بىلىپ ئۈلگۈرگۈچە ئايۋاندىن بىرسى يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كىرىپ:
− ياسىن ئۇستام، سىلىنى چوڭلار چاقىرىۋاتىدۇ، − دەپ توۋلاپ قالدى.
− 7−
ياسىن ئۆزىنى كىمنىڭ، نېمە سەۋەبتىن چاقىرغانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا ئايۋانغا كىردى. ئايۋان ئىچى يەنىلا ۋاڭ - چۇڭلۇق بولۇپ ياسىننىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ھەممە بىردىن جىم بولۇپ قېلىشتى. ياسىن تۆردە ئۆزىگە تىكىلىپ ئولتۇرغان يۇرت مۆتىۋەرلىرىگە قارىغىنىدا نېمىشقىدۇر ئىختىيارسىز تېنى ئەيمەندى. چۈنكى ھەممىسىنىڭ كۆزى ياسىنغا  تىكىلىپ قېلىشقانىدى.
− مۇنداق گەپ ئۇكام، − دەپ گەپ باشلىدى يېزا باشلىغى يوغان قورسىقىنى سىيلىغاچ، − ماۋۇ سەلىمباي ئەتە ئولۇغ ھەرەمگە يول ئالماقچى، بۈگۈن ئۇنىڭدىن سېنى سورىغانىدىم. نېمىشقا دېسەڭ ئۇكام، يېزىغا سەندەك بىر ئۇستا ئاشپەز لازىم دېگىنە، ئەمدى يېزىغا كىرسەڭ، ئوزۇن ئۆتمەي شىتاتلىق بولۇپ قالساڭ، كېيىنكى كۈنۈڭ راھەتتە ئۆتەرمىكىن دەيمىنا، تۇز -  تەمىڭنى كۆپ يېدۇق، شۇڭا ساڭا بىر ياخشىلىق قىلغۇم بار، قانداق دېدىم كۆپچىلىك. ئەمما ئۇكام، ما سەلىمباي سېنى «نەگە بارىدىغىنىنى ئۆزى تاللىسۇن» دەپ تۇرۇۋالدى. قارىسام سېنى ماڭا بەرمەيدىغاندەك.
− ئۇنداق ئەمەس شاڭجاڭ، ئەمدى ئۇستا سىلىدىن ئايلانسۇن، ئەمما ياسىن بىر غەلىتە مىجەزلىك بالا، كۈتكەن يەرلىرىدىن چىقالماي قالارمىكىن دەيمىنا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ بىر پۈتۈن سۈرۈك ئادەم بولغاندىن كىيىن ئۆزى بىر نېمە دەپ باقسا بولارمىكىن.
− ئاھاي، غەلىتە مىجەزلىك دېگىنىڭلا نېمىسى، مەن ئۇنى سىلىدەك قويۇپ قويمايمەن، ئۆيلەپ قويىمىز مۇنداق، ئاندىن ئوڭشالمامدۇ. ئەمما ئۆزى بىرنېمە دىسۇن دېگىنىڭلىگە مەنمۇ قوشۇلىمەن. قېنى بىرنېمە دەپ باق يىگىت، يېزىغا كىرىشنى خالامسەن؟
ياسىن ئەمدى ھەقىقەتەن تەڭقىسلىقتا قالغان ئىدى. ماقۇل باراي، دەي دېسە سەلىمباينىڭ ئۇنى قويىۋەتكۈسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلنار... بارماي دېسە پۈتۈن سۈرۈك بىر يېزىنى ئالقىنىدا ئوينىتىپ كېلىۋاتقان مۇنۇ پور كۆتەكتەك ئادەمگە چىش يېرىپ بىرنېمە دېيەلمىسە.. ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلمەي گەدىنىنى قاشلاپ ئەتراپتىكىلەرگە قارىدى. ھەممە ئۇنىڭ ئاغزىدىن نېمە چىقاركىن دېگەندە بويۇنداپ قاراپ تۇرۇشاتتى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى ئانىسىنىڭ يېنىدا چوغدەك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ خۇددى «قانداق قىلىسەن؟» دېگەندەك قاراپ تۇرغان گۈلنارنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ياسىن كۆزىنى ئىتتىك ئەپ قاچتى. ئاندىن بىر ئەقىل تاپقاندەك بولۇپ شاڭجاڭغا:
− شاڭجاڭنىڭ ماڭا كۆيۈنۈپ، مېنى ئۆزىگە يېقىن ئادەم بولۇشقا تاللىغىنى مەن ئۈچۈن شەرەپ، جان دەپ بېرىشىمغا تېگىشلىك. لېكىن سەلىمباي ئاكام ھەج سەپىرىگە ماڭغىلىۋاتىدۇ. ئۇ كەتسە ئاشخانىنىڭ، بازارنىڭ، قوتاننىڭ ئىشلىرىغا سەيدىخان ئاچام يېتىشىپ بولالماسمىكىن، شۇڭا سەلىمباي ئاكام قايتىپ كەلگەندە ئاندىن سېلىنىڭ يانلىرىغا پاناداپ بارساممىكىن، − دېدى.
− مىجەزى غەلىتە دەۋاتاتتىڭلا، ئەينا تۈزۈكلا بالىكەن. بوپتۇ ۋاپادار يىگىتكەنسەن، جايىدا گەپ قىلدىڭ، لېكىن سەلىمباي قايتىپ كەلگەندە سېنى ئەكەتكىنىم ئەكەتكەن. ئۇقتۇڭلىما سەلىماخۇن.
− ماقۇل شاڭجاڭ، دېمىسىمۇ مەن كەتسەم، سەيدىخان بەكلا يالغۇزچىلىق تارتىپ قالىدۇ. ياسىن بالام بولسا مەن خاتىرجەم ماڭىمەن.
− سېلىنىڭ كۆڭلۈڭلا ئاشۇنداق ئالا ئەينا سەلىماخۇن، بايا بۇ يىگىتنى تالاشقاندىلا بەرگۈڭلار يوقلىقىنى بىلىپ قالغان مەن. ئەمما تاماقنى ئالامەت ئوخشىتىدىكەنسەن ئۇكا، نى - نى شەھەرلەردە بولدۇم، ئەمما سەن ئەتكەن تاماقتەك ئوخشىغان تاماقنى يېيەلمىگەنىدىم.
− ئۇنداق دېمىسىلە شاڭجاڭ، بىزنى يۈلىگەنلىرىنى، پاسپورتقا كۈچ چىقارغانلىقلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن دېسىلە، ھەجدىن يېنىپلا...
سەلىمباينىڭ شۇ سۆزىدىن كېيىن جامائەت ھەممىسى شاڭجاڭغا سۈلھى - سالا قىلىشقا باشلىدى. ياسىن ئەمدى بۇ يەردە ئۆزى تۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى. خىيالىدا ،مەن ئۇلار قولىدىكى ئالماشتۇرىدىغان مال بولمىسام، دېگەنلەرنى ئويلاپ سەل ئاچچىقى كەلدى.
مېھمانلار ئاخىرى تارقاشتى. ياسىن شاگىرتلارغا قاچا - قۇچىلارنى يىغۇشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ سىرتقا چىقتى. سەلىمباينىڭ ھويلىسى باغقا تۇتاش بولۇپ تولغان ئاي شولىسى باغنى كۈندۈزدەك يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ باغدىكى بۈك - باراقسان نامازشام گۈلى تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇزاق مۇددەت ئاشخانىدا ئىشلەش، ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى كېمەيتىۋەتكەن ئىدى. ئۇ بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا تۇيۇقسىز گۈلنارنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى ۋە دەرھاللا ئۆزىنى گۈللەرنىڭ ئارىسىغا ئالدى. گۈلنار كېلىپ باغنىڭ ھەممە بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا قاراپ ئاخىرى گۈل تۈۋىگە كەلدى ۋە بىردەم تۇرۇپ كىرىپ كەتتى. گۈلنار كىرىپ كېتىشىگىلا ياسىن ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقى مەنىسى بىلەن قورقۇنچاق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئۆزىگە ئېچىنغان ھالدا سىرتقا چىقتى..
− 8−
قاراڭغۇ كېچىدە ئالىمنىڭ دەرىزىسى تۈۋىدە تۇرغان ياسىننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى غەزەپتىن قىزىپ كەتتى. ئەسلىدە يېرىم  كېچىدە سەلىمباينىڭكىدىكى ئىشىنى تۈگەتكەن ياسىن ئۆزى ياتىدىغان سەلىمباينىڭ يەنە بىر ئۆيىگە كېتىۋىتىپ، بايا باغدا بولغان ئىشنى ئويلاپ يىڭىلا سىمۇنتلانغان ئۆستەڭنىڭ قىرىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئويغا چۆمگەنىدى. ئۇ بىر ھازا «زادى مىنىڭ قەلبىمدە قورقۇنچاقلىق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرامدۇ ياكى مۇھەببەتمۇ» دېگەنلەرنى ئويلىدى، ھەرقانچە ئويلىسىمۇ كۈچلۈك مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگۈدەك جۈرئەتنىڭ ئۆزىدە يوقلىقىنى ھېس قىلىپ، تەگسىز خىيالغا چۆكتى. ئەمما ئۇ خىيالىنى يىغىپ بولغىچە تويۇقسىز بىرىنىڭ ئوغرى مۇشۈكتەك مارىلاپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى ۋە  ئۇنىڭ سەلىمباي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كەينىدىن ئەگەشتى. سەلىمباي ئاستا يورغىلاپ ماڭغىنىچە ئالىمنىڭ ئۆيى بار كوچىغا بۇرۇلدى. ياسىننىڭ ئىختىيارسىز يۈرىكى ئاغدى. ئۇ ئەسلىدىمۇ «ئاينۇرخان بىلەن سەلىمباينىڭ چاتىقى بار» دەپ ئاڭلىغان، ئەمما ئىشىنەلمەي يۈرگەنىدى. ئاينۇرخانغۇ ھېلىقىدەك ئايال، ئەمما ئۇ سەلىمباينى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىمىغان بولغاچقا ئەپقاچتى گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ سەلىمباينىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ئالىمنىڭ بېغىغا كىردى، ئىشىك چىكىلىپ سەلىمباي ئۆيگە كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ يەنە ئىختىيارسىز دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ قالغانىدى. ئۇ ئەمدى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي بىرھازا تۇرۇپ قالدى. ئۇ سەلىمباينىڭ كىرىپ كەتكىنىنى كۆردى، قارىماققا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىشلار ئۆزىدىن ئىككى- ئۈچ مېتىر نېرىدا بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتاتتى. بۇ قانداق نومۇسسىزلىق، ئەتىلا ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن ئەڭ پاك جايغا، خاسىيەتلىك يەرگە ئاتلىنىدىغان ئۇستىسىنىڭ بۇ نېمە قىلغىنى؟ قارىغاندا شەھۋەتنىڭ قولى بولۇپ قالغان ئادەم خىروئىنغا ئۆگىنىپ قالغاندىن يامان، دېگەن گەپ راستكەندە، مانا ئەڭ شەرمەندە ئىش، ئۆزى ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان ئىش، مۇشۇ تامنىڭ ئىچىدىلا يۈز بېرىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ غەزەپتىن پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى، ئۇ يۈز - كۆزىنى تېڭىپ كىرىپ ئىككىسىنىڭ راسا بىر ئەدىپىنى بەرمەكچىمۇ بولدى. ئەمما ئۆزىنى زىيادە ھۆرمەتلەيدىغان سەلىمباي بىلىپ قالسا قانداق بولار؟ بۇ يەردىن ئاستىلا كېتىپ قالسا قانداق بولىدىكىن، ئۇنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ تەڭقىسلىق ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغان ئاشۇ پەيتتە، تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ زەردە بىلەن تېپىلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ دەرھاللا قەغەز بىلەن توسۇپ قويۇلغان پاكار دېرىزە يېنىغا يېقىن كەلدى ۋە قەغەزنىڭ يىرتىقىدىن بىر گەۋدىنى كۆردى، كۆردىيۇ، كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك ھاياجاندىن ئۆزىنى بېسىۋالالمىغىلى تاسلا قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆرگىنى باشقا بىرى ئەمەس دەل ئۇنىڭ دوستى ئالىم ئىدى، ياسىن ئىچىدە، ھە، ئالىمنىڭ تۈرمىدىن چىقىدىغان چاغلىرى بولۇپ قالغانىدىغۇ، نېمىشقا ئۇنتۇپ قالغاندىمەن، دەپ ئويلىدى، ياسىن ئۇنى ھازىرقىدەك شارائىتتا كۆرمىگىنىدە ئىدى، ئەلۋەتتە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن، ئاشخانىغا ئەكىرىپ تەملىك بىر تاماق قىلىپ بېرىپ بولسىمۇ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى بىلدۈرگەن بولاتتى. مانا ئەمدى ئۆزى دېرىزىنىڭ سىرتىدا، قەدىردان دوستى ئۆي ئىچىدە ناھايىتى بىئەپ بىر ئەھۋالدا تۇراتتى. ئۆي ئىچىدىكى ئون ۋاتلىق لامپىنىڭ خىرە يورۇقىدا ئالىمنىڭ كۆزلىرى دەھشەتلىك چەكچەيگەن ھالدا قاراپ تۇراتتى. ئاينۇرنىڭ يېنىدا تۇرغان سەلىمباي قورقۇنچتىن بەزگەكتەك تىترەيتتى.
− تۈرمىدىمۇ ھەمىشە سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ چۈشەيتتىم ئاينۇر، راستلا ئادەم تېرىسىدىكى شەيتانكەنسەن، بۈگۈن ھەرئىككىلىڭنىڭ ئەجىلى توشۇپتۇ، مەن بۈگۈنلا تۈرمىدىن كېلىشىم، ئەتە يەنە تۈرمىگە كىرىپ كەتسەممۇ كېرەك يوق، − ئالىم شۇنداق دېدى ۋە ئىشىكنىڭ يېنىدىكى دەمنى قولىغا ئالدى. ئۇنىڭ ياداڭغۇ ۋە قارىداپ كەتكەن چىرايى، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى كوھىقاپنى ئەسلەتكۈدەك ھالەتتە قورقۇنچلۇق بولۇپ شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئەپتىگە قاراپ دېرىزە سىرتىدا قاراپ تۇرۇۋاتقان ياسىننىمۇ ئىختىيارسىز تىترەك باستى. شۇچاغدا ئاينۇر تىزلىنىپ ئالىمنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە:
− مەندە گۇناھ يوق، سەلىمبايدىمۇ تىرناقتەك گۇناھ يوق. ئۇ ئەتە ھەرەمگە ماڭماقچىكەن. ئۆزەڭ بىلىسەن، مەن تۇرمۇشتا پۈتۈنلەي تايانچىسىز قالغان. مانا مۇشۇ سەلىمكام ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈنمۇ ماڭا پۇل بەرگىلى كەپتىكەن، − دەپ قار - يامغۇر يىغلاشقا باشلىدى، ئالىم ئۇنىڭ زاڭىقىغا كېلىشتۇرۇپ بىرنى تەپتى ۋە:
− ماڭە، ھۇ سېسىق قانجۇق، سېنىڭ بەد - بۇي نامىڭ تۈرمىگىمۇ يېتىپ بارغان، مەن سېنى بۇ ھالدا كۆرمىگەندىمۇ ئەدىۋىڭنى بېرەتتىم، بىكارغا پۇل بېرىدىغان سەلىمباي تېخى توغۇلمىغاندۇ، ئەمدى ئۆز ئەجىلىم بىلەن ئۆلدۈم دەپ ئويلاۋەر، − دەپ ۋارقىرىدى.
− ئەخمەق بولما ئۇكام، ئىشەنمىگىنىڭ توغرا، كېچىدە بىراۋنىڭ ئۆيىگە ياخشىلىق قىلغىلى كەلگەن دېسە ھېچكىم ئىشەنمەسلىكى مۈمكىن. ئەمما مەن راستىنلا ياخشى نېيىتىم بىلەن كەلگەن. ئايالىڭغا يامان نېيەتتە بولۇپ باقمىدىم. ئايالىڭ دېگەندەك مەن ئەتە ھەجگە ماڭىمەن. بۇنداق ئەھۋالدا مەندىن ياخشىلىق زاھىر بولىدۇكى، يامانلىقنى زىنھار ئويلىمايمەن. شەيتىنىڭنى ھەيدىۋەت ئۇكام.
ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا خۇددى جەڭگاھتىكى پالۋانلاردەك زەبەردەست قاراپ تۇرغان ئالىم:
− تۈفى، ھۇ نىجاسەت، مېنى خوتۇنىنى سېتىپ جان باقىدىغان لامزەللە كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسەن، سەندەك توخۇ پوقى بايلارنى سېتىپ خەجلىسەم خەجلەيمەنكى سېنىڭ دامىڭغا ھەرگىز چۈشمەيمەن، سەندەك ئىپلاسلارغا پۇل مۇھىم بولغىنى بىلەن ماڭا ھازىر كېرىكى سېنىڭ جېنىڭ، سەندەك توخۇ پوقلىرى ھەرەمگە بارساڭمۇ پاكلىنالمايسەن، شۇڭا ئۇ پاك يەرنى بۇلغايمەن دېمەي ئۇدۇل جەھەننەمگە بارغىنىڭ ياخشى! ئۇقتۇڭمۇ؟ −  دېدى ۋە كالتەكنى ئۇنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى. شۇدەقىق ياسىن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. سەلىمباي كەينىگە چىكىنىۋىدى ئاينۇر ئوزۇن بىر پىچاقنى شىلتىپ كەلدى. سەلىمباي چاققانلىق بىلەن ئاينۇرنىڭ قولىدىكى پىچاققا ئېسىلدى. پىچاقنى ئۆزىگە تىقماقچى دەپ ئويلاپ قالغان ئالىممۇ پىچاققا ئېسىلدى. ئۆي ئىچىدە بىر مەيدان تىركىشىش، بىر مەيدان جەڭ باشلىنىپ كەتكەن ئىدى، تەمبەل كەلگەن سەلىمباي، ئورۇق ھەم ئېگىز ئالىمدىن ھەدەپ پىچاقنى تالىشاتتى. ئەمما تۈرمىنىڭ جاپالىرىدا سەۋرىچان، چىداملىق بولۇپ يېتىلگەن قارىمۇتۇق ئالىم، كۈچ بىلەن پىچاقنى تالىشاتتى. دېرىزە سىرتىدا قاراپ تۇرغان ياسىننىڭ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالدى. ئۇ كىرىپ ئىككىسىنى ئاجرىتىۋەتمەكچى ياكى ئالىمغا بولۇشماق بولدىيۇ، راستىنى دېگەندە قورقتى. ئاينۇرنىڭ ئۆزىنىمۇ ئالىم ئالدىدا پاش قىلىپ قويۇشىدىن، ئالىم بىلەن بولغان دوستلۇق مېھرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقتى. ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەت ئالىمغا پايدىسىزدەك تۇراتتى. چۈنكى سەلىمباي ئالىمدىن كۆپ تەمبەل بولغاچقا ئالىم كۈچ ئېلىشالماي قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇچاغدا ئالىمنىڭ ئايالى ئاينۇر:
− بىزنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدىڭغۇ، ئۆزەڭ ئۆلە، − دېدى ۋە يوغان بىر بىلەي تاشنى ئالىمنىڭ كاللىسىغا قارىتىپ ئاتتى. تاش ئالىمنىڭ كاللىسىغا تېگىپ ئۇ يەردىن نەق دېرىزىگە تەگدى ۋە قەغەزنى يىرتىپ ياسىننىڭ پۇتىغىلا چۈشتى. ياسىن ئەمدى دەرغەزەپكە كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئالىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئالىم راسا كۆتۈرگەن، قەدرىنى قىلغان ئايالى شۇتاپتا سەلىمبايغا بولۇشۇپ ئالىمغا - ئۆز ئېرىگە قارشى مەيداندا تۇرۇپ جەڭ قىلىۋاتاتتى. بېشىغا تاش تەگكەندىن كېيىن ئالىم سەل بوشاشقاندەك بولۇپ سەنتۈرۈلۈپ كەتتىيۇ، يەنە بىردىن:
− يوقال قانجۇق! − دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئاينۇرنىڭ قۇرسىقىغا بىرنى تېپىپ بوغۇزىغا تىرىلىپ قالغان پىچاقنى كۈچەپ ئىتتىرىشكە باشلىدى. ئەمما ئاينۇر يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئالىم تاشلىۋەتكەن دەمنى قولىغا ئالدى ۋە ئالىمنىڭ كەينىگە ئۆتتى. بۇنىڭدىن بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ياسىن ئەمدى قاراپ تۇرسا بولمايدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ جىددىيلەشتى ۋە ئىڭىشىپ بىلەينى قولىغا ئالدى ئاندىن ئاينۇرغا ئاتماق بولۇپ تەمشەلدى. ئەمما شۇچاغدا تۇيۇقسىز ئاينۇر ئالىمنىڭ قاق پاچىقىغا كالتەك بىلەن بىرنى سېلىۋەتتى. ئالىم بۇ كۈتۈلمىگەن زەربىدىن يەرگە يېقىلدى، ئەمما ئۇ يېقىلدىيۇ، ئۆزى تۈۋرۈكنىڭ بىر يېنىغا سەلىمباي بىر يېنىغا يىقىلدى. تەقدىرنىڭ ھېكمىتى شۇنداقمۇ يىقىلغانلار ئىچىدە ئورنىدىن سەلىمباي ئەمەس ئالىم تۇردى. كونتروللىقىنى يوقاتقان سەلىمباي ئالىمنىڭ قاتتىق ئىتتىرىشى ۋە تۈۋرۈكنىڭ زەربىسىدە پىچاق كۆكرىگىنى يېرىپ ئۆتۈپ دۈمبىسىدىن چىققان ئىدى. ئالىم ئورنىدىن تۇرۇپ غەزەپ بىلەن ئاينۇرغا يۈزلەندى. ئاينۇر ئالىمنىڭ كەينىدىكى سەلىمباينىڭ ئورنىدىن تۇرمىغىنىنى كۆرۈپ قولىدىكى دەمنى تاشلىدى - دە:
− ئاھ، ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرگە نېمە كەلگۈلۈك بۇ! − دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئالىمنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ سەلىمباينىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. ئەمما ئۇ سەلىمباينىڭ ئۈستىگە يىقىلا - يىقىلماس «ۋايجان!» دەپ بىرلا چىرقىراپ يەنە جىمىپ قالدى...
− 9−
ياسىن خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بولۇپ قالغان ئىدى. چۈنكى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار خۇددى بىر مۆجىزىدەكلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا يۈز بەرگەن، ئۇ خۇددى كىنو كۆرۈۋاتقاندەك، ياق، كىنودا رول ئېلىۋاتقاندەك غەلىتە تۇيغۇدا بولۇپ قالغان ئىدى. ئاشۇ كېچىدە ئۇ ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتكەن ئالىمنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچىمۇ بولدى، ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمىدى، خۇددى مەستتەك دەلدەڭشىپ ياتاققا كېلىپ ياتتى. كۆرگەن ئىشلىرى ئۇنىڭغا خۇددى خىيالىدىكى ئىشتەك بىلىنەتتى. گاھى ئۆزىنىڭ قورقۇنچاقلىقىدىن ئۆكۈنۈپ ئۆزىنى ئەيىبلەيتتى. ئۇ شۇ كېچىسى ئۇخلىيالمىدى. يەنە كېلىپ ئەتىسى ئۇ ئاغىنىسى ئالىمنى ھېچيەردىن تاپالمىدى. چۈنكى ئالىم شۇ كېچىسى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ ئۇنى ناھىيىگە ئەكىرىپ كېتىشكەنىدى،
بۇ ئىش توغرىسىدا جەمئىيەتتە ناھايىتى زور غۇلغۇلا بولۇپ كەتكەن، بىچارە سەلىمبايغا بار توقۇ - لەنەتنىڭ ھەممىسى چاپلانغان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلمايتتى. ھەممە ئادەم «ئىككى شەھۋەتپەرەس، بولۇپمۇ ئەتە ھەرەمگە يول ئالماقچى دەپ تۇرۇۋاتقان سەلىمباينىڭ شەرمەندىچىلىكى» توغرىسىدىلا سۆزلىشەتتى.
− پاسىقلارنى ئالىم ھەجەپ جايلاپتۇ - ھە؟.
− ئالىمنى ئوغرى دەپ يۈرسەك ئەسلى ئۇ بىر جىگەرلىك ئەزىمەتكەن ئەمەسمۇ.
− تۈرمىدىن كەلگەن كۈنىكەن، ئەمدى ئوزاق ياتقۇزۇۋىتەرمۇ؟
− ھېلىقى توخۇ پوقى باينىڭ ئىشىنى دەڭلا، ھەرەمگە ماڭماق بولغاندىن كىيىن كۆتىنى قىسسا بولمامدۇ.
− ئالىم ئوغۇل بالىچىلىق قىپتۇ. يۇرتتا مۇشۇنداق شەھۋەتخورلار كۆپەيسىلا پېقىرلىق كۆپىيىدۇ، قورغاقچىلىق بولىدۇ، ئەينا.
− ئالىم ھەقىقى ئەركەككەن، − دېگەندەك گەپلەر ئۇچۇپ يۈرەتتى، ھەممىسىلا ئالىمنى ماختايتتى. ھەتتا بىرمۇ كىشى ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلمايلا قالماستىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئوغرى ئىكەنلىگىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەندەك ئىدى...
شۇتاپتا تەقدىرنىڭ كۆزى ياسىنغا قاراپ تۇرۇۋاتقاندەك، ئۇنىڭ ئالدىغا مۈشكۈل بىر سىناقنى قويۇپ قويدى. چۈنكى بۈگۈن ئالىمغا ئوچۇق سوت ئېچىلماقچى، ئالىم ئىشەنگەن، ياسىن ئۆزىمۇ ،ۋىجدان قەرزىم بار، دەپ يۈرىكىدىن قايىل بولىدىغان ئاغىنىسى ئالىمنىڭ نەق مەيداندىكى ئىشىغا ئۇ گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەكمۇ ياكى بەرمىسۇنمۇ؟ بەرسە نېمە دەپ بېرىدۇ. ئۇ ئۇستىسىنىڭ غەرىزىنى ھەقىقەتەنمۇ بىلەلمىگەن ئىدى. شەھۋەتنىڭ كۈچىدىن ئاينۇرخاننىڭكىگە بارغان دەيلى دېسە، ئاينۇرخاننىڭكىگە كىرىپ كېتىپ خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق غەيرى ئەھۋال بولمىدى. توغرا نىيەتتە دەيلى دېسە، كېچىدە تۇل خۇتۇننىڭ ئۆيىدە يۈرگەن كىشىنى ئاق، پاك دېگىلى بولامتى. بۇ مەسىلىدە ئۇ ھەقىقەتەن ئىككىلىنىپ قالدى. ئەگەر ئاغىنىسىگە گۇۋاھلىق بەرسە جان - جىگەر ئاغىنىسى ئاقلىنىشى، بەلكىم قويۇپ بىرىلىشى مۇمكىن. ئەمما سەلىمباينىڭ قار - يامغۇر يىغلاپ كېتىۋاتقان ئايالى سەيدىخان، ئۇرۇقلاپ بىر تېرە - بىر سۆڭەك بولۇپ قېلىۋاتقان گۈلنارلا قانداق ئويلاپ قالار؟ ئۆزى ئاشۇ سەلىمباينىڭكىدە ئۈچ - تۆت يىلدىن بىرى تۇز يېدى ئەمەسمۇ؟ بىرى جان دوست، يەنە بىرى كېيىنكى كۈنلىرىگە يار - يۆلەك بولغان ئادەملەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە گەرچە تېخى ھېچكىم بىلمىسىمۇ يۈرىكىنى لاۋۇلداپ كۆيدۇرۈۋاتقان مەشۇقىنىڭ دادىسى. توغرا، ئۇنىڭ سەلىمباي ۋە ئاينۇرنىڭ ئۆلۈمىگە گۇۋاھچى ئىكەنلىكىنى بىر ياراتقۇچىدىن بۆلەك ھېچكىم بىلمەيدىغۇ، ئەگەر گۇۋاھلىق بېرىپ قويسا بۇندىن كېيىن سەلىمبايلارنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىيەلەرمۇ؟ ئىشقۇ تېپىلار، ئەمما گۈلنارچۇ؟ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئېنىققۇ...؟، ياسىن شۇ خىياللار بىلەن ئورنىدىن تۇردى ۋە سىرتقا ماڭدى. ئەمما ئۇ ئۈچ - تۆت قەدەم مېڭىپ بولۇپ بىردىن «چىپپىدە» توختاپ قالدى ۋە كىرىپلا ھېلىقى بىلەي تاشنى يانچۇقىغا سېلىۋالدى. چىرايىدىمۇ قەتئىيلىك جىلۋە قىلدى. كۆڭلىدە ،مەن باشقىلارنى ئالدىساممۇ مەيلى، ئەمما ئۆز كۆڭلۈمگە بۇ قېتىم ئاسىيلىق قىلسام بولمايدۇ. ئالىم مەن ئۈچۈن ھەممىسىدىن كېچەلەيدىيۇ، مەن مۇشۇ ۋاقىتتا يەنە قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرسام، كېيىن ئۆزۈمنى كەچۈرەلەمدىمەن، مېنىڭ ئادىمىيلىكىمدىن ئېغىز ئاچقىلى بولارمۇ؟ گۇۋاھلىق بېرىمەن. ئەمما ھەقلىق ئاساستا. مەن ئۇستامنىڭ ناشايان ئىشلىرىنى كۆرمىدىم. ئالىمنىڭ ئۇستامنى ئۆلتۈگىنىنىمۇ كۆرمىدىم. راست گۇۋاھچى بولاي، دېگەنلەرنى ئويلىدى. چۈنكى سىرتتىكى گەپلەرگە قارىغاندا ئالىم ئۆزىنى  ئاقلىيالماسمىش، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىغاندىمۇ ئوزاق يېتىپ كەتمەمدۇ؟ ھازىر جەمئىيەتتە باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىكى «سېسىق ئوغرى» دەپ ئاتالغان ئالىم بىردىنلا كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى «قەھرىمان»غا ئايلاندى. ھەممە ئۇنى تەرىپلەپ ماختىشاتتى. ئەمما ھېچكىم ئەتىسى ھەجگە ماڭماقچى بولغان «مۇۋەققەت ھاجى»نى ئاقلىمىدى، زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن كاۋاپتەك بىر پىچاققا نېسىپ بولغان ئاينۇر ئىككىسىگە لەنەت ئوقۇمىغان ئادەم قالمىدى. ئالىمنى بولسا «جىگىرى بار ئوغرىكەن، ئەركىشى دېگەن مانا شۇنداق بولمامدۇ؟» دېيىشتى. ئەمما ياسىن سەلىمبايغا ئۇۋال بولغاندەك تۇيغۇدىنمۇ قۇتۇلالمىدى. نېمىلا بولمىسۇن ھەققانىي گۇۋاھچى بولىمەن. بۇلارنى ئويلىغىنىدا ياسىن تېخىمۇ كەسكىنلىك بىلەن سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئۇ ئاشخانىدىن چىقىپ كەلگىنىدە يولدا كىشىلەر ئالدىراش شەھەر تەرەپكە قاراپ كېتىشىۋاتاتتى. بۈگۈن خۇددى بىرەر بايرام بولغاندەك بازار ئىچىدىكى كىشىلەر تەۋرەپ كەتكەندەك ئىدى. يېزا ئالدىدىكى ماي يولىدا كىشىلەر ماشىنا، موتسىكلىتلىق ھالدا ئالدىراش شەھەرگە - سوت مەيدانىغا كېتىشىپ باراتتى. تۇيۇقسىز ئالىمنىڭ يېنىدا بىر كىچىك ماشىنا توختىدى ۋە ئىچىدىن سالاپەتلىك كەلگەن بىرى چۈشۈپ كەلدى. ئاڭغىچە ئەتراپتا تۇرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرمۇ بۇ يەرگە يىغىلغانىدى.
− سەنمۇ ماڭمامسەن، − دېدى ياسىننى كۆرۈپ ھېلىقى ماشىنىدىن چۈشۈپ كەلگەن يېزا بويىچە بايلىقى جەھەتتە سەلىمبايدىن قېلىشمىغۇدەك ئورۇندا تۇرىدىغان تۇرداخۇن ئۇستام، −  سېنى ئالىم بىلەن يېقىن دېيىشىۋاتاتتى. ئوغۇل بالىكەن كاساپەت. ئەگەر ئاقلىنىپ چىقسا ياكى ئۆي كېسىلىپ قالسىمۇ يېنىپ چىققىنىدا مانا مەن ئۆزۈم يېنىمغا تارتىمەن، ئاڭلاپ قويۇڭلار بولسا ئۇنىڭغا قىزىمنى بىرىپ ئۆيلەپ قويىمەن، ھۈنەر ئۈگىتىپ توغرا يولغا سالىمەن.
ئەتراپتىن «بارىكاللا» ساداسى ياڭرىدى. تۇرداخۇن ئۇستام قۇرۇلۇش سېلىشتا نامى بار ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا بىرەر يۈز ئادەم ئىشلەيتتى. ئۆزىمۇ ناھايىتى مەردانە كىشى ئىدى. ياسىنمۇ تۇرداخۇن ئۇستىنىڭ بۇ سۆزىدىن ھاياجانلانماي تۇرالمىدى. ئۇ ئەمدى ئاغزىنى ئۆمەللەپ بىر نېمە دەي دېيىشىگە تۇرداخۇن ئۇستام يەنە:
− ھە ياسىن، ئاغىنەڭ ھازىرقى لىڭتاسمىلارغا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنىڭ قانداق قان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى. بىزدە ئەزەلدىن خوتۇنىنىڭ ناشايان ئىشلىرىنى كەچۈرۈۋېتىدىغان ئەركەك بولغان ئەمەس، ئەمما ھازىرقى يۇمشاقباشلار تاس قالىدۇ ئەمەسمۇ، خوتۇنىنى باشقىلارغا سولاپ بەرگىلى. بولدى بارامسەن، ماشىنىدا ئالغاچ باراي − ،دېدى. ياسىن:
− مەن سەيدىخان ئاچاملار بىلەن بىللە بارايمىكىن، − دېدى تەمتىلەپ تۇرۇپ. تۇرداخۇن ئۇستام «ھە بوپتۇ» دەپ قويۇپ ماشىنىسىغا چىقتى - دە، يۈرۇپ كەتتى. ئەتراپتىكىلەرمۇ ئالدىراپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئاڭغىچە ئاق ياغلىقىنى ئالدىدىن چىگىۋالغان سەيدىخان بىلەن گۇلنارلارمۇ چىقىپ كەلدى. ياسىن نۆۋەت ساقلاپ تۇرغان شىيالى ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپ سەيدىخانلارنى باشلىدى. ئەمما دەل شۇ چاغدا گۈلنار نېمىشقىدۇر ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. كەينىدىنلا سەيدىخان يۈگرەپ كىرىپ يەنە ھايال بولمايلا يېنىپ چىقتى. ئاندىن ياسىنغا قاراپ:
− بىچارە قىزىم، خىجىل بولغان چېغى، باياتىنمۇ ماڭغىلى ئۇنىمىغان، زورلاپ ئېلىپ چىقىۋىدىم، ھازىر يەنە ئاشخانىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن قېچىپ ئۆيگە كېتىپتۇ. بولدى مېڭىۋىرەيلى، − دېدى. ياسىنلار ماشىنىغا چىقىپ جايلىشىپ ئولتۇرۇۋالدى. ياسىن گۈلنارنىڭ نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك، ئۇنىڭ ئازابلىرىنى، قايغۇلىرىنى چۈشەنگەندەك بولدى. چۈنكى ئۇ دادىسىغا بەك ئامراق ئىدى. دادىسىغا قاتتىق ئىشىنەتتى. ياسىن سەيدىنىساخاننىڭمۇ سېمىز يۈزلىرى سۈزۈلۈپ، ئورۇقلاپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ماشىنا تارغىنا ئاسفالت يولدا تىز سۈرئەتتە كېتىۋاتاتتى. شۇ تاپتا ياسىننىڭ يۈرىكى مۇنۇ ماشىنىدىنمۇ بەكرەك چايقىلىپ كېتىۋاتاتتى. چىرايلىق ياسىتىۋالغان بۇرۇتى ئاستىدىكى لەۋلىرى ئىختىيارسىز تىترەيتتى. ھېلىقى ئاخشامدىن بىرى گۈلنار ياسىنغا قارىمايلا قويدى. كىيىن يەنە بىرمۇنچە ئىشلار بولۇپ كەتكەچكە ياسىن گۇلناردىكى روھى ئازابلارنى چۈشەنگەندەك بولغانىدى. چۈنكى بىچارە قىز تاغدەك ئىشەنگەن دادىسىنىڭ شۇ قەدەر شەرمەندىلەرچە ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئازابلانماي تۇرالمايدۇ - دە. ئارامسىزلىنىپ ئولتۇرغان ياسىننىڭ شۇ تاپتا نېمىشقىدۇر بىلەي تاش سېلىنغان يانچۇقى ئېغىرلاپ كەتكەندەك ئىدى. باياتىن بىرى ئۈن - تىنسىز ئولتۇرغان سەيدىخان سىمىز بەدىنىنى ئەپچىل جايلاشتۇرۇۋالغان، قىيسىق كۆزلىرى يىراققا تىكىلگەن ئىدى. تۇيۇقسىز ئۇ ياسىنغا قاراپ:
− ياسىن ئۇستام، ئالىم ئوغرىنى سېلىنىڭ يېقىنلىرى دەپ ئاڭلايمەنغۇ؟ − دەپ سوراپ قالدى. ياسىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي بىر دەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئەمما تىزلا قەتئىيلىك بىلەن:
− شۇنداق مېنىڭ دوستۇم ئىدى، − دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ماشىنىدىكىلەر ياسىنغا  قاراپ قويدى. ماشىنا يېزىنىڭ تارغىنە ماي يولىدا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى. يول بويىدىكى دەرەخلەر لىپ - لىپ قىلىپ كەينىدە قالاتتى - يۇ، ئادەمگە دەرەخلەرمۇ خۇددى مېڭىۋاتقاندەك تەسىرات بېرەتتى. ماي يولى بويىدىكى بوستانلىقنىڭ نېرىسىدىكى قۇم بارخانلىرى بولسا سەھەر قۇياشىنىڭ ئالتۇن نۇرىدا خۇددى لـۆمشۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
− دوستىڭىز جىگەرلىك يىگىتكەن، − سەيدىخاننىڭ تۇيۇقسىز دېگەن بۇ سۆزىدىن ھەيران بولغان ياسىنمۇ ھەتتا شوپۇرمۇ كەينىگە قايرىلىپ سەيدىخانغا قاراپ قويدى. سەيدىخان ھېچقانداق ئىپادىسىز ھالدا يىراققا تىكىلىپ ئولتۇراتتى. ياسىننى ئىختىيارسىز ئاللىقانداق خىياللار ئورىۋالغان ئىدى. «ئادەم دېگەن ئاجايىپ نېمىكەن. شۇ تاپتا مۇنۇ سەيدىخاننىڭ كۆڭلىدە قانداق خىيال بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. سەلىمباي ئۆلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە چاچلىرىنى يۇلۇپ ھەمىشە يىغلاپلا يۈرىدىغان مۇنۇ ئايال ھازىر نېمىشقىدۇر باشقىچە ھالەتتە كۆرۈنىدىغۇ» ئۇنىڭ ئۈستىگە سەلىمباينىڭ ئىشى پۈتۈن يېزا، ھەتتا ناھىيە تەۋەسىدە پۇر بولۇپ كەتتى. «ئەتىسى ھەجگە ماڭماقچىكەن، ھەجگە ئەمەس جەھەننەمگە يول ئاپتۇ» دېگەن گەپ ھەممە يەردە ئېقىپ يۈرىدۇ. ئۇستامغىمۇ خوپ بولدى، پاكلىق ئىزدىمەك بولغان ئادەم نېمە قىلىدۇ سېسىق جالاپنىڭ قېشىدا، تۇل خوتۇن دەپ پۇل ئەۋەتمەكچى بولسا بىرەرسىدىن ئېۋەتسە بولمىدىمۇ، يەنە بىر ئىش يېزا تەۋەسىدە شۇنچە ئىناۋىتى بار بىر ساخاۋەتچى باينىڭ نامىزىغا ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ۋە شاگىرتلىرىدىن باشقا تۈزۈكرەك ئادەم قاتناشمىدى، تېخى تۈنۈگۈنلا ئۇنىڭغا ئۈلپەت بولۇپ داستىخىنىنى يېگەن، كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان ئادەملەرنىڭ تولىسى نامازدا يوق ئىدى. ئاينۇرنىڭ نامىزىغىمۇ شۇنداق. قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نامىزىنى جىممىدە ئوقۇپ جەسىتىنى شاۋقۇن - سۈرەنسىزلا كۆمۈپ قويۇشتى. توۋا، ئەگەر ئۇستام باشقىچە ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، مەسىلەن، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان بولسا ئۇنىڭ نامىزى پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى مەسچىت ئىماملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن، يېزا رەھبەرلىرى بۇ مائارىپقا تۆھپە قوشقان، يېزا تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشقان ساخاۋەتچى باي ئۈچۈن تەنتەنىلىك تەزىيە نۇتقى سۆزلىگەن بولارىدى. ئەمما ھازىر ،ئۇنداق پاھشىۋاز ئېشەكنىڭ نامىزىغا بارسىمۇ گۇناھ بولىدۇ، دەپ ھېچكىم كەلمىدى. ھەتتا ئاخشىمى ئۇنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغانلارمۇ، سەلىمباينىڭ نامىزى شۇقەدەر غېرىپلىق ئىچىدە ئۇزىتىلدىكى، گۈلنارنىڭ يىغىسى كەلگەنلەرنىڭ يۈرىكىنى ئىزىۋەتتى.
ئالىم خىيالدىن ئۆزىنى تارتقىنىدا ئۇلار ئاللىقاچان شەھەرگە كىرىپ، ماشىنا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا توختىغانىدى.
سوت مەيدانى ھەيۋەتلىك تۈس ئالغان بولۇپ مەيدانغا لىق تولغان كىشىلەر تىنىقىنى ئۈنلۈكرەك چىقىرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي جىممىدە ئولتۇراتتى. ياسىنلار ئۆزلىرىگە تەييارلاپ قويۇلغان ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. سوراقچىنىڭ قوپال ئاۋازىدىن كېيىن ئالىم شۇ كۈنى كېچىدىكى ئىشلارنى بىر - بىرلەپ بايان قىلىشقا باشلىدى. ھەممە كۆزلەر ئالىمغا تىكىلگەن بولۇپ ئۇنىڭ مەغرۇرانە قىياپىتىنى تاماشا قىلاتتى ۋە ئاللىقانداق تەشۋىش ئىلكىدە يۈرەكلىرى ئىختىيارسىز كۈچلۈك سوقاتتى. ياسىن ئالىمنىڭ سۆزلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلىغاچ ئىختىيارسىز، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ خېلىلا سالماق، سەمىمىي بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. چۈنكى ئادەتتىن تاشقىرى تەمكىن كۆرۈنىدىغان ئېگىز بويلۇق بۇ دوستى شۇ تاپتا ئاشۇ كېچىدىكى ھەممە ئىشنى قىلچە يالغان ئارىلاشتۇرماي، راستى بىلەن بايان قىلماقتا ئىدى. كىشىلەر قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن، ئالىمنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قالغانىدى. ياسىن يېنىدا ئاپئاق ياغلىقىنى ئىڭىكىدىن ئاشۇرۇپ چىگىۋالغان سەيدىنىساخانغا قاراپ قويدى. ئۇ ئالىمنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ پەرىشان ھالەتتە ئولتۇراتتى. شۇ تاپتا سوتچىلارلا ئەمەس پەستىكى كىشىلەرمۇ ئۆز قولۇقىغا ئىشەنمىگەن ھالدا ئالىمنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇراتتى. چۈنكى ھەممىسى ناشايان ئىش قىلغان پاھېشۋازلارنى «ئالىم ئۆلتۈرگەن» دەپ ئويلايتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىدا ئامما ھەقىقەتەن ھاياجانغا چۆمدى. ئالىمنىڭ سۆزى تۈگىگەندە بولسا مەيدان بىرپەس جىمجىتلىققا چۆمۈپ قالدى. ھېچكىممۇ ئۆزى ھېس قىلغان ھاياجانلىق بۇ دەقىقىدىن كەچكۈسى كەلمىگەندەك سۆزسىز ئىدى. بىر چاغدا سوراقچى:
− پىچاقنىڭ ھەقىقەتەن ئاينۇرنىڭ ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. يارا ئورنىدىن ۋە قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ ئىسپاتلىرىدىن قارىغاندىمۇ جاۋابكارنىڭ سەلىمباينىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى گەپلىرى پاكىتقا ئۇيغۇن. پىچاق سەلىمباينىڭ بىخەستلىگىدىن ئۆزىگە كىرىپ كەتمىگەندىمۇ ئالىمنىڭ قىلمىشى يوللۇق قوغدىنىشقا كىرىدۇ، چۈنكى سەلىمباي ئىككىسى پىچاقنى تالاشقان، ئەمما جاۋاب بەر، ئاينۇرنىڭ ئۆلۈمىنى سەن كەلتۈرۈپ چىقاردىڭمۇ - يوق؟
− ئۇنىڭ زاڭىقىغا بىرنى، قورسىغىغا بىرنى تەپكىنىم راست، ئەمما ئۇ سەلىمبايغا ئۆزىنى ئاتتى. پىچاقنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئاتتىمۇ، ياكى كۆرمەي شۇنداق قىلدىمۇ بىلمىدىم، ئىشنى قىلىپ ئۇ مەندەك ھالال ئېرىدىن ئاشۇ باينى ئەۋزەل كۆرۈپ ئۇنىڭغا بولۇشتى.
− بولدى. سەن قانۇنغا ھېسسياتىڭنى ئارىلاشتۇرساڭ بولمايدۇ، پاكىتنى سۆزلە، سەن ئاينۇرغا ئۆچلۈك قىلىدىغان ئەشۇ ھېسسياتىڭ بىلەن سەلىمباينىڭ ئۈستىگە ئاينۇرنى يىقىتقان بولىشىڭ، شۇ ئۇسۇل بىلەن ساختا نەق مەيدان ياسىغان بولۇشۇڭ مۇمكىن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ − سوراقچىنىڭ بۇ سۆزى پەستىكىلەرگە ياقمىدىمۇ ئازراق غولغۇلا كۆتۈرۈلدى. ئالىم تىزلا:
− ياق، مەن ئۇنداق قىلمىدىم، − دېدى.
− بۇنىڭغا پاكىتىڭچۇ؟
سوراقچىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئالىم نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. غولغۇلا ئەۋجىگە چىققانىدى. ۋەزىيەت ھەقىقەتەن ئالىمغا پايدىسىز بولۇپ قېلىۋاتقان بولۇپ باياتىنقى سۆزلەردىن ئۈمىدلەنگەن، ئالىمغا ئىشەنگەن ئالامان ئەمدىلىكتە ئالىمنىڭ بىھۇدە قارىلىنىپ كېتىشىنى خالىمايتتى. ئەمما ئاينۇرنىڭ ئۆزىنى سەلىمباينىڭ ئۈستىگە ئاتقانلىغىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىسا ئالىمغا جىنايەت كېلىپ قالاتتى. شۇ تاپتا ھەممە ناھايىتى تىت - تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇ چاغدا سوراقچى يەنە:
− ئالىم سەن ئېنىق ئاڭلا، ئاينۇرنىڭ بەدىنىدە تاياق ئىزلىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئاينۇرغا ئۆچ، تۈرمىدىنمۇ ئاينۇرغا بولغان ئاچچىقىڭنى بېسىۋالالماي ئاران چىققان، شۇڭا بىز سېنى ئاينۇرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ ساختا نەق مەيدان راستلىغان دەپ گۇمان قىلىمىز، راستىڭنى ئېيت؟ − دېدى.
− ياق، مەن ئۆلتۈرمىدىم... − ئالىم پەقەت شۇ سۆزنى دەپلا تۇردى. ئۇ ھەقىقەتەن گاڭگىراپ قالغان بولۇپ باياتىنقى سالماقلىقى يوقالغان، بۇ سوئالغا تەييارلىقى يوق بولغىنى ئۈچۈنمۇ گاڭگىراپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال سوراقچىلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇۋاتاتتى.
− راستىڭنى ئېيت، پاكىت سۆزلە، − سوراقچىنىڭ شۇ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن تۇيۇقسىز پەستىن:
− ئالىمنىڭ ئاينۇرنى ئۆلتۈرمىگەنلىكىگە مانا مەن گۇۋاھ! −  دېگەن جاراڭلىق بىر سادا ئاڭلاندى. ھەممىنىڭ كۆزى پەستىكى ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان ياسىنغا ئاغدۇرۇلغان ئىدى. ھەممىنىڭ كۆزىدە ھەيرانلىق ئىپادىسى ئەكېس ئېتەتتى. بولۇپمۇ ئىككى كىشى، ئالىم بىلەن سەيدىنساخان ياسىنغا قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى. سوتچىلارمۇ بېشىنى بىر يەرگە قىلىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشەتتى. ياسىن بولسا ئورنىدا قەتئىيلىك بىلەن ئۆرە تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى بىردىن ئالىمنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئالىم ئۇنىڭغا چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئىشەنچ بىلەن قارىدى. بىرھازادىن كىيىن ياسىن سوت مەيدانىغا چاقىرتىلدى.
− ئىنسان بالىسى ئازغۇچى، مەن ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، يەنى ئۇستامنىڭ ئۆيىدىن ھەممە ئىشلارنى يىغىشتۇرۇپ ھايال بۇلۇپراق ياندىم، يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئۆستەڭ بويىدا بىردەم ئولتۇردۇم، شۇ ۋاقىتتا ئۇستامغا ئوخشايدىغان بىر گەۋدىنىڭ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قىزىقىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەن ئىدىم، ئۇ دەل ئالىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىشىغا قىزىقىپ، ئۆيىنىڭ كەينىگە، ئالىملارنىڭ ھۇجرىسىنىڭ دېرىزىسى تۈۋىگە كىلىپ تۇردۇم. سەلىمباي ئۇستام بىلەن ئاينۇر نېمىلەرنى دېيىشتى، ئاڭلىيالمىدىم. ئەمما ئۇلاردىن ناشايان ئىشلار ئۆتۈلمىدى. مەن كېتەيمۇ دەپ، نېمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغان پەيتتە ئالىم ئۆيگە بۆسۈپ كىردى. كېيىنكى تەپسىلاتلارنى بولسا ئالىم راستچىللىق بىلەن ئېيتتى. قىلچە يالغان گەپ ئارىلاشتۇرمىدى. ئەمدى ئاينۇرغا كەلسەك، ئۇ ئۇستامغا بولۇشۇپ ئالىمنىڭ كاللىسىغا مۇنۇ بىلەينى ئاتتى. ئاندىن كالتەك بىلەن پاچىقىغا بىرنى قويدى، مەن شۇ ۋاقىتتا چىداپ تۇرالماي ئاينۇرنىڭ بىلەي تېشىنى ئۇنىڭغا ئاتاي دېگەن پۇرسەتتە، ئۇستام بىلەن ئالىم يەرگە يېقىلدى. ئەمما ئالىم ئورنىدىن تۇردىيۇ، ئاۋال تۈۋرۈككە قاتتىق بىر ئۈسسۈپ ئاندىن يىقىلغان ئۇستام ئۈنسىز جىمىپ قالدى. ئۇستام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاينۇر راستلا ئۆزىنى ئۇستامنىڭ ئۈستىگە ئاتتى، مەن بۇ تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، − ياسىننىڭ سۆزى تۆگىشىگە سوراقچى:
− ئېيتقىنىڭ راستمۇ؟ − دەپ سورىدى. ياسىن قەتئىيلىك بىلەن يانچۇقىدىن بىلەي تاشنى ئېلىپ:
− راست، مانا بۇ بىلەي تاش نەق مەيداندىن ئۇچۇپ چىققان، − دېدى. ياسىننىڭ قولىدىكى تاشنى كۆرۈپ سوت مەيدانى يەنە دەۋرەپ كەتتى. كىشىلەر قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن ھالدا غۇلغۇلا قىلىشماقتا ئىدى. پەستىكى تۇرداخۇن ئۇستام باشلىق كىشىلەر ياسىنغا قول ئىشارىسى قىلىپ «يارايسەن!» دېگەندەك كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئالىم ھاياجانلىنىپ كەتكەن، سەيدىخان بولسا بۇتتەك قېتىپ ئولتۇراتتى. كۆكسى بىرئاز بوشاپ قالغاندەك بولۇپ قالغان ياسىن ئالىمغا قارىۋىدى، ئالىمنىڭ ئۇنىڭغا ھەم ھەيرانلىق ھەم خوشاللىق ئىلكىدە داڭقېتىپ قاراپ قالغانلىقىنى كۆردى. شۇ ۋاقىتتا باش سوتچى:
− گۇۋاھچىنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئالىمنىڭ كاللىسىغا ئۇرۇلغان بىلەي تاشنى تاپالمىغان، نەق مەيدان سىرتىدا يەنى، دېرىزە سىرتىدا يوچۇن ئاياغ ئىزىنى بايقىغان، ئەمما ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تاپالمىغانىدۇق. شۇڭا گۇۋاھچىنىڭ سۆزىنى دەلىللەپ، ئاياغ ئىزىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن كېڭەشمە سوتتا ئالىمغا ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۈگۈنكى سوت تامام!− دەپ جاكارلىدى...
− 10−

نەچچە كۈندىن بىرى ياسىننىڭ ئۆيىدىن ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمىدى. چۈنكى ياسىن ئەمدىلا تۈرمىدىن چىقىپ بىرمۇنچە پالاكەتلەرگە ئۇچراپ يەنە تۇتۇلغان، ئاخىرى ،ئۆزىنى يوللۇق قوغدىغان، دەپ ئاقلىنىپ يەنە يېنىپ چىققان ئالىمنى ئۆيىگە ئەكېلىۋالغان ئىدى، ئۆزىمۇ ھېلىقى كۈندىن بىرى ساقچىلارغا ماسلىشىپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئالىمنى تۈرمىدىن قايتا ئېلىپ چىقىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولدى، ئۇنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئاشخانىغا بارماسلىق قارارىغا كېلىپ، ھازىرچە ئۆز ئۆيىگە ئاياغ بېسىشنى خالىمايدىغان ئالىمغا ھەمراھ بولۇۋاتاتتى. ئۇلارنى يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ تولىسى ئالىمنىڭ تۈرمىداشلىرى، يەنە ئالىمنى، ئۇنىڭ جەسۇرلىقى، ۋاپاسىز خوتۇن بىلەن پاھىشىۋاز ئەرنى جۆندىگەنلىگىنى تەبرىكلەپ ئۇنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئىدى. مانا ئۇلارنىڭمۇ ئايىغى بېسىقىپ بۈگۈن ئۇلار ئىككىسى يالغۇز قالدى. ياسىن ئالىمغا:
− مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى يارلىققا بېرىپ سۇغا چۆمۈلۈپ كېلەمدۇق، − دېۋىدى. ئالىم تىزلا:
− ماقۇل، كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىڭ ئاداش، بېرىپ كېلەيلى، − دېدى. شۇ سۆز بىلەن ئىككىسى يولغا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا چۈش مەزگىلى بولۇپ قالغان بولۇپ، كۈن راسا قىزىغان ئىدى. مەھەللىنىڭ توپىلىق يولى قۇياشنىڭ كۆيدۇرگۈچ ئىسسىقىدا يال - يۇل يېنىپ تۇراتتى. كىشىلەرمۇ ئىسسىقتىن قېچىپ ئۆيلىرىگە كىرىۋېلىشقان، مەھەللە شۇ تاپتا چۈشلۈك ئۇيقۇغا غەرق بولغان ئىدى. يول بويىدىكى جىگدىلەرنىڭ كۈمۈشرەڭ ياپراقلىرىمۇ كىشىگە خۇددى ئىسسىقتىن نالە قىلىۋاتقاندەك تەسىرات بېرەتتى.
− سەن تېخىچە ئۆيلىنەي دېمەپسەنغۇ؟، − دېدى ئالىم ياسىنغا قاراپ قويۇپ، ياسىنمۇ قىزغىنلىق بىلەن:
− ئەمدى ئۆيلىنەرمەن، يىگىت قولدىشىم سولاقتا تۇرسا، − دېدى.
− ھە خىيال قىل ئەمدى، بىرەرسى بارمۇ - يا؟
− سەندىن يوشۇرمايمەن ئاداش، مەن ئۇستامنىڭ قىزى گۈلنارغا كۆيۈك دېگىنە.
− بۇنى ئۇ بىلەمدۇ؟
− مېنىڭ ئۇنىڭغا كۆيۈپ يۈرگىنىمگە ئۇزۇن بولدى، ئەمما كۈيۈكلۈكۈمنى تۇنجى بولۇپ سەن ئاڭلىدىڭ، مانا.
− جاھان نېمانداق تاردۇ؟ سەن ئەخمەق نېمە دەپ ئاشۇ نائەھلىنىڭ قىزىغا.. ھە بولدى ئالايما، سەن ئۇنىڭغا كۆيۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ جىنايىتىنى قىزىغا ئارتمايلى،  قىزغا ئۇچۇغىنى دەيدىغان گەپ ئىدى ئەمەسمۇ؟
− ساڭا دېسەم، مەن سېنىڭ «شەھۋەت - ئەرنىڭ دۈشمىنى» دېگەن گېپىڭگە ئەمەل قىلىپ ھېچقانداق قىزغا چىراي ئاچمىدىم، ئۇقساڭ كۈلۈپ كېتىسەن، شۇ سەۋەبتىن قىزلار تېخى مېنى ھېلىقىدەك كېسىلى باركەن، دەپ ئويلاپ قاپتۇ، ھا،ھا...
− ھا،ھا، ھاھ...
شۇ سۆزدىن كېيىن ئىككىسى قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتى. ياسىن ھازىر ئۆزىنىڭ ھالىتىگە ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى، چۈنكى ئۇ بۇرۇنقى جىمغور، كەمسۆز ياسىنغا پەقەتلا ئوخشىماي قالغان، قاچان ئالىمغا ئۇلاشتى، شۇ ھامان ئەسلىدىكى ۋاپادار، سادىق خۇشچاخچاق ياسىنغا ئايلانغان، جان- جىگەر دوستىنىڭ يېنىدا ئۇششاق تىللىرى چىقىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان كىچىك بالىدەك بولۇپ قالغانىدى.
− گۈلنار ئۆزىمۇ ماڭا خېلى يېقىنلىشىپ باققانىدى بولمىسا.
− مۇنداق دە تېخى، ھازىرچۇ؟
− ...
ئالىمنىڭ سوئالى جاۋابسىز قالدى. ياسىن بىردىن  جىمىپ كەتتى. ئالىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەندەك:
− خاتىرجەم بول ئاداش، ئەگەر گۈلنار، ئەقىللىق، سەمىمىي قىز بولسا سېنى كەچۈرىدۇ، سېنىڭ دادىسىنى قارىلاش ئۈچۈن ئەمەس، ھەققانىيەتنى ياقلاش ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگىنىڭنى چۈشىنىدۇ، سېنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ساڭا جەزمەن ماقۇل بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدە سەمىمىيلىك بولمايدىكەن، ئۇ سېنىڭمۇ ئەقىدە قىلىشىڭغا، كۆيۈش، كۈيۈنۈشلىرىڭگە ئەرزىمەيدۇ.
ياسىن ئالىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ تۈرمىدە تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. گۈلنار توغرىسىدىكى گەپ ئۇنىڭ يۈرەك- باغرىنى ئېچىشتۇرىۋەتكەن بولسىمۇ، ئالىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىر ئاز خاتىرجەم بولۇپ قالدى. ئاندىن ئالىمغا چىقىشىپ:
− «ھۈنەر»نى قاچان باشلايمىز؟ − دەپ سورىدى. ئالىم ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ كۈلدى ۋە:
− ھۈنەردىن قول ئۈزدۇق ياسىن، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتىمەن.
− ھە راست، تۇرداخۇن ئۇستام، سېنى قۇرۇلۇشچىلىققا شاگىرت ئالىمەن دەۋاتاتتى.
− شاگىرت؟ مەن دېگەن قۇرۇلۇش ئۇستىسى، مەن تۇرغان مەيداندىكى ئەترەتتە ھەمىشە قۇرۇلۇشتىلا بولدۇق، ھازىر ئۇستا بولۇپ قالدىم.
− ئۇنداقتا بولىدىكەنغۇ، يەنە تېخى تۇرداخۇن ئۇستام جامائەت ئالدىدا، سەندەك جىگەرلىك يىگىتكە «قىزىمنى بېرىمەن» دېگەن، ئەمدى ساڭا ئامەت قوش كېلىشى تۇرغان گەپ جۇمۇ؟
− ئامەت ئالدىنى قىلسا ھەرگىز كەينىمنى قىلىۋالمايمەن، لېكىن، يۈرەك زېدە شۇڭا ئۆيلىنىشتە ئالدىرىمايمەن ئاداش.
ئالىمنىڭ كۆزلىرى، يۈزلىرى كۈلۈپ تۇرسىمۇ گەپلىرى ناھايىتى سالماق ۋە تەمكىن ئىدى. ياسىن ئۇنىڭدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى، ھەممە ئىشقا ۋەزمىن مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇلار گەپ بىلەن ئەتراپلىرىنى قومۇشلۇق ئوراپ تۇرغان يارلىق لېۋىگە كېلىپ قالغىنىنى سەزمەيلا قېلىشتى. يېڭىلا پۈپەك چىقارغان قومۇشلار، چۇرقىرىشىپ تۇرغان سۇ قۇشلىرى بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئەگرى - بۈگرى تولغىنىپ ئېقىۋاتقان يارلىقنىڭ سۈيى ھەقىقەتەن سۈزۈك ئىدى. ئىككەيلەن خۇددى كىچىك بالىلاردەك خوشلۇق ئىلكىدە سۇغا چۆمۈلدى. ئاھ، ئېقىننىڭ سۈيىگە چۆمۈلۈش قانداق راھەت - ھە، ئۇلار سۇدىن چىققۇسى كەلمەي بىرھازا سۇ ئۈزدى، بىر - بىرسىنى سۇغا شۇڭغۇتۇپ شوخلۇق بىلەن ئوينىدى...
ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىدە ئىشىك تۈۋىدىكى ئىككى كىچىك ماشىنىنى كۆرۈپ سەل ھەيران بولغان ھالدا ئۆيگە كىردى. ھويلىدىكى سۇپىدا ئۇلارنى تۇرداخۇن ئۇستام، سەيدىخانلار ساقلاپ ئولتۇرغانىدى.
− ھە كەلدىڭلىمۇ يىگىتلەر، پۈتۈن ناھىيىنى زىلزىلىگە سېلىپ قويۇپ، غېمىڭلىدە يوق ئوينايسىلەر مانا، ئەمدى ھاردۇقمۇ چىققاندۇ؟ − تۇرداخۇن ئۇستام شۇنداق دېگەچ ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، سەيدىخانمۇ ئۇلارغا قىزغىن سالام قىلدى. ياسىننىڭ ئاتا- ئانىسى بولسا تاپسىدىلا قول باغلاپ تۇراتتى. ئۇلار جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تۇرداخۇن ئۇستام:
− ئەمدى بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسەت، مىنىڭ تۆت - بەش قۇرۇلۇش ئەترىتىم بارلىقىنى بىلىسىلەر، ھەممىسىگە يېتىشىپ بولالمايمەن. سەلىمبايغا ئوخشاش مېنىڭمۇ ئوغۇللىرىم يوق، شۇڭا ئەگەر ئالىم بالام خالىسا ئۆزۈمگە يانتاياق قىلىۋالاي دەپ كەلگەنىدىم، − دەپ ئۇدۇللا كېلىشىدىكى مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ سۆزىدىن كېيىن ھەممە بىردەك ئالىمغا قاراشتى. ئالىم بولسا بىردەم جىمىپ قالغاندىن كىيىن:
− تۇرداخۇن ئۇستام، سېلىنىڭ مېنى پاناھلىرىغا ئالماق بولغانلىقلىرىغا رەھمەت. ئۆزلىرى بىلىلا، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ يېتىملىكتە چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتتە نامىممۇ ياخشى ئەمەس. شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە داغ كەلتۈرۈپ قۇيارمەنمىكىن.
− خاتىرجەم بول بالام، سەن بىلەن بىز بىر مەھەللىدىن بولمىساقمۇ بىر كەنتتىن، سەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا چوڭ بولغان، يامان يولغا كىرىپ قېلىشىڭدا بىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بار. مانا ئەمدى كىم سىنى يامان دەيدۇ؟ سەن قىلغان ئەركەكلىكنى قېنى كىم قىلالايدۇ؟ سېنىڭ روھىڭ يېڭىلىنىپتۇ، چۈنكى يۈرىكى بۇزۇق ئادەملەرنىڭ قولىدىن ھەرگىزمۇ سەن قىلغان جەسۇرانە ئىشنى قىلىش كەلمەيدۇ. شۇڭا مەن ساڭا تولۇق ئىشىنىمەن، ئاۋال بىرەر ئەترەتكە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيسەن، مېنىڭ نامىزىمنى ئوقۇپ، دەم ئالىدىغان ۋاقتىممۇ بولۇپ قالدى. كېيىنچە ھەممە ئىشنى ئۆتكۈزۈپ ئالىسەن. ئۆيلىنىش ئىشىڭغا كەلسەك، مەن جامائەت ئالدىدا سەن تۈرمىدىن چىقساڭلا «قىزىمنى بىرىمەن» دەپ كۆپ قېتىم دېگەن. شۇ گېپىمدە تۇرىمەن. ئەمما بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا قىزنىڭ رايى ئاساس قىلىنىدۇ. شۇڭا قىزىم رازى بولسا تويۇڭلارنى قىلىپ قويىمەن. ئەگەر قۇشۇلمىسا سەن رازى بولغىدەك قىز بىلەن تويۇڭنى قىلىپ قويىمەن.
− ئوبدان گەپ قىلدىلا ئۇستام، − دىدى ياسىن، −  ئالىم تۈرمىدە قۇرۇلۇشتا تۇرۇپتىكەن، چوقۇم ئىشلارنى جايىدا قىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەخلاق، دىيانىتىگىمۇ ئىشەنسىلە بولىدۇ.
− بىلىمەن، ئاڭلىغان، بۇ تەرىپىدىن مەن خاتىرجەم، ياسىن بالام، ئەمدى سېنىڭ گېپىڭگە كەلسەك، مۇنۇ سەيدىخانمۇ سېنى ئاشخانىغا قايتسا دەپ كەپتىكەن. بۇنىڭغا نېمە دەيسەنكىن.
ياسىن ئاتا - ئانىسىغا قارىدى. قېرىلىقتىن كۆزلىرى ياشاڭغىراپ تۇرىدىغان دادىسى ياسىنغا قاراپ:
− ئەتىگەننىڭ ياقى سەيدىخان بىلەن كۆپ پاراڭلاشتۇق -  بالام، بارغىن، ئەمما ئېھتىيات قىل، − دېدى. ياسىن بىر نېمە دېمەي قاراپ تۇردى. سەيدىخان كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا:
− سەن كەتكەندىن كېيىن ئاشخانىنىڭ ئىشى شۇ پېتى توختىدى، قوتانغا قارايدىغانلارمۇ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ خاپا سېلىۋاتىدۇ. مەن قېينىلىپ قالدىم بالام. كاللىسى مۈرىسىنىڭ ئۈستىدە بولغان ئادەم ھەرگىز سىنى «ئۇستىسىغا يامان گۇۋاھلىق بەردى» دېمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ شەرمەندە ئۆلۈمى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. شۇڭا ئاشخانىغا قايتىپ كەتسەك، − دېدى. ياسىن ئەتراپىدىكى قاراپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي بىرھازا تۇرۇپ قالدى، ئاندىن بىر قارارغا كەلگەندەك ئۈندېمەستىنلا بېشىنى لىڭشىتتى...
− 11−
− بىزگە سومىيەندىن ئىككىنى قورۇۋېتىڭا، ھە راست بىرسى يېرىم بولسۇن! − بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ياسىننىڭ يۈرىكى يەنە قوقاستا كۆيگەندەك تولغىنىپ كەتتى. بۇ گۈلنارنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ كۈندە مۇشۇ چاغدا ئاشخانىغا نايناقلاپ بىرسى بىلەن كىرىپ كېلەتتى ۋە ياسىنغا تاماق بۇيرۇتۇپ ئالدىرىماي ھېلىقى ئالىقاپ بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ پاراڭلاشقاچ تامىقىنى يەپ چىقىپ كېتىشەتتى. ياسىنغا پەقەتلا قارىمايتتى. ياسىننىڭ كۈنلىرى غەشلىك، ئازاب ئىلكىدە ئۆتۈۋاتاتتى. ياسىننىڭ خىيالىدا ئۇستىسىنىڭ ئۆلۈمىگە بىرەر يىلدەك بولۇپ قالغان، ئۆزى ئاشخانىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۈچىگەن بولسىمۇ گۈلنار ئۇنى كەچۈرمىگەن ھەم قاتتىق ئاداۋەت ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياسىننىڭ كۆزىچىلا خوشنا كەنت باشلىقىنىڭ ئوغلى - ھېلىقى ئۇرۇق، بۈدرە چاچ ئەلى بىلەن كۈندە ياسىننىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۆز - كۆز قىلاتتى. ئۇ كېلىپ كەتكەن كۈنلىرى ياسىننىڭ مىجەزى بەكلا چۇس بولۇپ كېتەتتى. سەۋەبسىزلا شاگىرتلىرىنى تىللاپ، چۆمۈچنى قازانغا مۇشتلاپ كېتەتتى.  ئۇنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبنى ھەمىشە غەللە ساندۇقى يېنىدا ئولتۇرىدىغان سەيدىخاندىن باشقا يەنە شاگىرتلارمۇ بىلىپ كەتكەنىدى. ياسىننىڭ يۈرىكى شۇ تاپتا ئۆزى قورۇۋاتقان سەيدەك پۇچۇلىنىپ كېتىپ بارسىمۇ، ئۈن - تىنسىز ئىشىلىمەكتە ئىدى. شۇۋاقىتتا ئاشخانىنىڭ مېھمانلار ئولتۇرىدىغان ئايرىم خانىسىدىن:
− ھەي ئاۋۇ ياسىن دېگەن ئۇزۇن چاچ ئاغىنە نېمىشقا تاماقنى پاتراق ئەكىرمەيدۇ! − دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇنىڭ گۈلنارنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان ھېلىقى ئەلى دېگەن بىكار تەلەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ياسىن يەنە چۆمۈچنى ئاچچىق بىلەن سەي قازىنىغا ئۇردى. ئۇنىڭ ئاچچىقىنى سىزىپ ئۈلگۈرگەن، ئۆزىمۇ غەزەپلىنىپ تۇرغان گەۋدىلىك كەلگەن ئالىمنىڭ شاگىرتى ئايرىم خانىغا كىرىپ:
− نېمە دەۋاتىسەنا ۋاي جىن ئۇرغان ئاۋاق، ھەر كۈنى بېكىرىغا بولغاندىن كىيىن پىشمىسىمۇ خاملا يەۋېرەمتىڭ - يا، − دەپ گۆلەيدى. ئەلى چېقىر كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ ئۆزىدەك ئىككى كېلىدىغان كۈتكۈچىگە سەل ئەيمەنگەن ھالدا قارىدى ۋە گۈلنارنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا گەپ قىلالمىسا سەت بولمىسۇن دېدىمۇ:
− ساڭا نېمە گەپ، ئۆتە ۋاي ھاراملىق. مەن ئا ياسىن دېگەن ئۇزۇن چاچقا گەپ قىلىۋاتىمەن، − دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىغى يامان كۈتكۈچى يىگىتنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كەتتىيۇ، ئەلىنىڭ يېنىدىكى ئالىيىپ ئولتۇرغان گۈلنارغا قاراپ قويۇپ مەنىلىك ھالدا:
− ما ئەبگانى، ھېلى بىكار خامىرىڭ تۈزلىنىپ كەتمىسۇن، ساڭا دەپ قوياي، سەندەك چۈپرەندە ياسىن ئۇستامنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغىمۇ تەڭ كېلەلمەيسەن. ئۇقتۇڭمۇ؟!− دەپ ۋارقىرىدى. ئەلى بىر نېمە دەپ بولغىچە ئورنىدىن دەست تۇرغان گۈلنار:
− بولدى!− دەپ ۋارقىرىدى ۋە ئەلىنى سۆرىگىنىچە، − قۇپۇڭە باشقا ئاشخانىدىن يەيمىز تاماقنى! − دەپ ئېلىپ ماڭدى. ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرغان سەيدىخان ئالدىراپ:
− ۋاي بالام تاماق يېمەي نەگە بارىسەن؟ − دېدى. گۈلنار تۇمشۇقى بىلەن ئاشخانىنى ئىما قىلىپ:
− ياسىن ئۇستامنىڭ شاگىرتلىرى بىزنى پاتۇرمايدىكەن ئانا، − دېدى ۋە يۈگرىگىنىچە چىقىپ كەتتى. سەيدىخان بولسا:
− توختا، ۋاي قىزىم، قانداق قىلسام بولار بۇ ناكەسنى، يېنىدىكى ئا لەقۋانى نەدىن تېپىۋالغاندۇ، ۋاي خۇدايىم قانداق قىلارمەن، سەلىماخۇن ھايات بولغان بولسىمىغۇ ئۇنداق بولۇپ كەتمەستى، − دەپ زارلاشقا باشلىدى. ياسىننىڭ قولى ئىختىيارسىز ئىشتىن توختاپ قالغانىدى. ئۇ شۇ ھالەتتە بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن بىردىنلا پەرتۇقلىرىنى سېلىپ تاشلاپ سىرتقا ماڭدى. ياسىندىكى بۇ ھالەتنى سىزىپ تۇرغان سەيدىخان ئالدىراپلا:
− ۋاي ياسىن بالام نەگە؟ − دەپ سورىدى. ياسىن ماڭغاچ:
− قوتانغا بېرىپ كېلەي، − دېدى ۋە يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، سوزۇنچاقراق چىرايى سەل قارىداپ كەتكەندەك ئىدى. يېزا مەركىزىگە جايلاشقان قايناق بازاردىكى ئادەملەر ئۇنىڭ قولىدىن كۆپراق تۇز يېگەچكىمۇ تۇرقىدىنلا پاكىزلىقى يېغىپ تۇرىدىغان ياسىنغا ئامراق ئىدى. بولۇپمۇ قىزلار ئۇنىڭ گەۋدىلىك بەستى، باشقىلاردىن ئۇزۇنراق قۇيۇۋالىدىغان چاچلىرىغا، ئاپئاق سۈزۈك چىرايىغا ماسلاشقان قاپقارا بۇرۇتلىرىغا مەپتۇنكارلارچە قاراپ قالاتتى.
سەيدىخان ياسىننىڭ «قوتانغا» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ سەل خاتىرجەم بولدى. ئۇ ياسىننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ تۇراتتى. ياسىنمۇ گۈلنارغا ئاشىق، لېكىن ئۇ سەيدىخاننىڭ قارىشىچە دەردىنى ئىچىگە يۇتىدىغان، قىزلار قەلبىنى مايىل قىلالمايدىغان ئاشىق ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئانا بولغان كىشى قىزىنى ئويلىمىسا بولمايدۇ - دە، بىچارە قىزى ئىشىق دەردىدە تۈگىشىپ كەتتى. شۇڭا ئۇ قىزىغا ،ئەقىل، ئۆگەتكەن، ھېلىقى ئەلى ئىسىملىك ئاۋاق يىگىتنى تېپىۋىلىپ ياسىننىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىش دەل سەيدىخاننىڭ كۆرسەتكەن ئەقلى ئىدى. دەرۋەقە بۇنىڭ ئۈنۈمى بولدى. ياسىن ئۆزىنىڭمۇ گۈلنارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاسانلا بىلدۈرۈپ قويدى. ،بۇمۇ ئوبدان بولدى. ياسىنمۇ كۈيۈكنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسۇن ئاندىن...، سەيدىخاننىڭ خىيالى ئەنە شۇ ئىدى. دېمىسىمۇ ياسىندەك قاملاشقان، ئەخلاقلىق ھەم ھۈنەرگە ئۇستا گۆھەردەك بىر يىگىتنى قولدىن چىقىرېۋېتىش ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقنىڭ ئىشى ئىدى. ئېرىنىڭ قىلىقلىرى ئىچىنى ئۆرتەپ گاھىدا ئاللىقانداق قىساس تۇيغۇلىرى ئويغىنىپ قالىدىغان سەيدىخان تېخى ئىچىدە «قىزىمنىڭ لايىقى بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا بىرەر كېچە قوچاقلاپ يېتىشقا يارايدىغان نېمە ئىدى» دېگەن خىياللارنىمۇ قىلىپ قالاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئويلىرىنى يوللۇق دەپ ئويلايتتى. چۈنكى سەلىمباي ئۇنىڭغا ئۆزى ياش چاغلىرىدا يېقىنلاشقانچە تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە يېقىن يولىمىدى. ئۆزىنىڭمۇ ئۇنىڭدا ھەققى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى ئۆزىنىڭ سەلىمبايدىن ئون ياش كىچىك ھەم ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسىياتقا ئىگە جانلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلىمىدى. شۇڭا ئۇ ئىچىدە ،ئەمدى كىم نېمە دېسە دېسۇن، مەنمۇ ئۆزۈمگە تېگىشلىك لەززەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق، قاغجىرىغان جىسمىم، قورغاقلىشىپ كەتكەن روھىم قانداق ئۇسۇلدا قانسا شۇنى قىلىمەن، دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاللىقانداق ئويۇنلىرىنى توغرا قىلدىم دەپ ئويلايتتى...
ياسىن يېزىنىڭ سول تەرىپىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭنىڭ قىرىدىكى سۆگەتنىڭ سايىسىدا ئولتۇردى، ئۇنىڭ خىيالى دەممۇ- دەم ئۈزۈلەتتى. يۈرىكى پۇچۇلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئېغىر ھەسرەتتىن دەردلىك تىناتتى. ئۇنىڭ دەردلىك تىنىشىنىڭ ئاساسى بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىنىڭ خارلىنىپ قالغانلىقىلا ئەمەس، ئايال خوجايىن سەيدىنىساخاننىڭ قىلىقلىرى ئىدى. ئۇ يېقىندىن بىرى غەلىتە قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئاشخانىغا كىرگەن ئەرلەرگە غىلجىڭشىيدىغان، بەزىلىرى بىلەن ئوچۇق قاش ئېتىشىپ سەتلىشىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا بەزى كۈنلىرى ھەممە ئىشلارنى ياسىنغا تاشلاپ قويۇپ كۈنلەپ ئاشخانىغا كەلمەيدىغان، شاگىرت بالىلارغىمۇ ئەركىلەپ ياپتا گەپ قىلىپ، بىكارغىلا قاقاھلاپ كۈلىدىغان سەت قىلىقنى چىقىرىۋالغانىدى. ئۇنىڭ پات - پات شەھەردە ئويناپ كېلىدىغىنىنىمۇ ياسىن بىلىپ قالدى. بۇ ئەلۋەتتە خەقنىڭ ئاغزىغا چىقماي قالمايتتى. بۇلارنى ئويلىغىنىدا ياسىننىڭ قەلبى مۇزلاپ كەتكەندەك بولۇپ ئۇنى غەم بۇلۇتلىرى ئورىۋالاتتى. ئانىسى شۇ ھالەتتە كېتىۋەرسە قىزىنىڭ كېيىن نېمە بولۇشىنى پەرەز قىلغىلى بولسۇنمۇ، ئۆزى ئىشەنگەن، ئىشلىرىمنى ئوڭشاپ، بېشىمىزنى بىر قىلىپ قويىدىغۇ، دەپ ئىشەنگەن سەيدىخان قېرىغىنىدا شۇنداق بۇزۇلۇپ كېتىۋاتسا، گۈلنارغۇ ئەقىللىق قىز، مىنىڭ ئويۇمدا ئۇنىڭ ئەلىنى تېپىۋېلىشى ھەرگىزمۇ ئەلىگە كۆڭۈل بەرگەنلىكىدىن ئەمەس. ئەمما ھەي، مۇنۇ سەيدىنساخاچامنىڭ قىلىقلىرى... ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق خىياللىرى بىلەن يەنە ئىچى ئاچچىق بولۇپ كەتتى. دېمىسىمۇ ئۇ تېخى ھېچ تەپتارتماي ياسىنغىمۇ سىرلىقلا گەپلەرنى قىلىدىغان، يەۋېتىدىغاندەك قارايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئەلۋەتتە ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس. ياسىن شۇ ھالەتتە خىيال بىلەن بىر ھازا ئولتۇردى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ يېزا مەركىزىگە يېقىنلا يەرگە پىششىق خىشلاپ خېلى چوڭ كۆلەمدە سېلىنغان سەلىمباينىڭ قوتىنىغا كەلدى. سەلىمباي ھايات ۋاختىدا ئوبدان باشقۇرۇلغان بۇ قوتان ھازىر سەل چۆلدەرەپ قېلىۋاتاتتى. ياسىن ئۆزىنىڭ قوتانغا نېمە دەپ كەلگىنىنى بىلمەيتتى. پەقەت باياتىن ئاشخانىدا ئاڭلىغان سېسىق گەپلەردىن سىقىلغان ئىچىنى سەگىدىسۇن دەپ چىققاندۇ، ئەمما قوتانغا كېلىش ئۇنىڭ ئاشخانىدىن چىقىش ئۈچۈن دەۋالغان باھانىسى ئىدى. ئۇ كەينىگە يېنىپ ئالىمنى يوقلاپ كەلمەكچى بولدى. ئالىم ھازىر خېلىلا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ ئۆزىگە ياراشتۇرۇپ قىسقىغىنە ساقال - بۇرۇت قويۇۋالغان، رەتلىك كىيىنىپ ناھايىتى سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەنىدى، ئۇ تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ بىر - ئىككى قۇرۇلۇش ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كېتىۋاتقان بولغاچقا موتسىكلىت بىلەن ئالدىراشلا يۈرىدىغان ئالىم بىلەنمۇ ئۈچ- تۆت كۈندە بىر كۆرۈشكىلى ئاران ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئالىمنىڭ تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ يېنىدا ئىشلىشى، ئالىمغىلا ئەمەس، تۇرداخۇن ئۇستامغىمۇ خېلىلا ئىناۋەت ئېلىپ كەلدى. چۈنكى ئالىم ھازىر تولىمۇ ئەستايىدىل ھەم ئەخلاقلىق ئادەم بولۇپ قالغان، ھۈنەرگىمۇ پۇختا، ئىشلارنى ئېدىتلىق پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش ئىگىلىرىنى ھەم ئىشلەمچىلەرنى ئۆزىگە بەكلا مايىل قىلىۋالغاچقا، تۇرداخۇن ئۇستاممۇ ئۇنىڭدىن بەك رازى ئىدى. ياسىن ئۆزىنىڭ شۇ تاپتىكى ھەسرىتى بىلەن  ئورتاقلىشىدىغانغا ئالىمدىن بۆلەك مۇۋاپىق ئادەمنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ قوتاننىڭ تۆمۈر دەرۋازىسى يېنىغا كېلىپ بولۇپ ئىچىگە كىرمەيلا ئالىمنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن كەينىگە قايرىلدى. ئەمما ئۇ كەينىگە يېنىشىغىلا قۇلىقىغا گۈلنارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۇ ئىشەنمىگەندەك يەنە ئىتتىك كەينىگە يېنىپ دەرۋازا يېنىغا كېلىپ قۇلاق سالدى. دەرۋازىنىڭ پىششىق خىشلاپ سېلىنغان يان بۇزىسى ئىچىدە راستىنلا گۈلنار بىلەن ئەلى سۆزلىشىۋاتاتتى.
− قېتىقنىمۇ ئىچىپ بولدۇق، قايتايلىچۇ، راستىڭىزنى ئېيتىڭە، بۇرۇن ھېلىقى ياسىن دېگەن ئاداش بىلەن يۈرگەنمۇ؟
− نېمە كارىڭىز، سىزنى بىرى سوراقچى قويدىمۇ - يا.
− ئەمدى دەيمىنا.
− ئۇ بىزنىڭ ئۆيدىكى بىر ئىشلەمچى خالاس، ھەجەپ كاللىڭىز ئىشلىمەيدىكەن، مېنى چاكار بىلەن يۈرىدىغان پەس دەپ ئويلايدىكەنسىزدە؟...
دەرۋازا سىرتىدا تۇرۇپ گۈلنارنىڭ «مىنى چاكار بىلەن يۈرىدىغان پەس دەپ ئويلايدىكەنسىزدە» دېگەن سۆزىدىن ياسىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى تاسلا قالدى. ئەسلى مۇنداقكەندە، مەن تېخى مەن قارىمىغاندىن كېيىن ماڭا كۆز - كۆز قىلغىلى قىلىۋاتقان ئىشى دەپ بىلىپتىكەنمەن،
ئۇ ئۆزىنى بىلەلمەيدىغان نادانكەنغۇ... شۇ خىيال بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى لازا سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشىپ كەتتى. گۈلنارنىڭ بايىقى سۆزى بىلەن ئەلى:
− ھە، مۇنداق دېمەمسىز. ئۇنداق يۈندىكەش سىزنىڭ خىلىڭىزمىدى. مانا بىزدەك تۇتسا سېپى، چاقىرسا ئېتى بار ئادەمنىڭ بالىلىرىلا سىزنىڭ لايىقىڭىز ماقىما؟ − دېدى.
− ھە دەپ قويسا ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ، سىزنىمۇ كۆرۈپ قالىمىزغۇ؟ − ياسىن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە چىداپ تۇرالماي ئاخىرى قەلبى ئاجايىپ ئېغىر ھېسلارغا تولغان، بىر تاغار ئازابنى يۈدۈگەن ھالدا قايتماق بولدى. ئەمما دەل شۇ چاغدا قوتان ئىچىدىن پاتپاراق كۆتۈرۈلدى. باياتىن بىرى جىمجىت تۇرغان بۇ يەر بىردىن:
− ئاللا - توۋا! قاچ - قاچ!− سادالىرى بىلەن تولۇپ كەتتى. ياسىننىڭ يۈرىكى «قارت» قىلىپ قالدى ۋە ئىتتىك قوتاننىڭ ئىچىگە قارىۋىدى، يوغان بىر قارا بۇقا دەرۋازا تەرەپكە قاراپ قېچىپ كېلىۋاتقان، قوتانغا قارايدىغان تۆت - بەش ئادەم پاتپاراق بولۇشۇپ بۇقىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىشىۋاتقانىدى. غالجىرلاشقان بوقا ئۇدۇل گۈلنار بىلەن ئەلى تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ئالاقزادە بولغان ئىككىسى نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قېلىشقان بولۇپ ئەلى بىردىنلا گۈلنارنى تاشلاپ دەرۋازىنىڭ ئۇ تەرىپىگە قاراپ يۈگۈرۈپ قېچىپ كەتتى. شۇ دەقىق قاتتىق قورقۇپ كەتكەن گۈلنار نېمە قىلارىنى بىلمەي داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغان بولۇپ خەتەر قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالغانىدى. ياسىن قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ مۈڭگۈزىنى نەقلەپ ئۇدۇل گۈلنارغا قاراپ كېلىۋاتقان بۇقا يېتىپ كېلىشتىن بىر - ئىككى سىكونت بۇرۇنلا گۈلنارنى دەرۋازا كەينىدىكى پاخالغا قاتتىق ئىتتىرىپ ئۆزىمۇ گۈلنارنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى، بۇقا يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى تامغا ئۈسسىۋىدى، ئۇنىڭ بېشىدىن قان ئېتىلىپ چىقتى. بۇقا تەن بەرمىگەندەك يەنە ئاشۇ غالجىرلاشقان ھالىتى بىلەن ئۇدۇل دەرۋازىدىن چىقىپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. شۇ دەقىق گۈلنارنىڭ ئۈستىدىكى ياسىن ئۇنىڭ كىشىنى مەست قىلغۇچى قىزلىق پۇرىقى بىلەن پۈتكۈل ھۈجەيرىلىرى قىزىشىپ، ۋۇجۇدىنى چىداپ تۇرغۇسىز تەشنالىق ئورۇۋالغان، گۈلنارمۇ بۇ چاغدا قورقۇنچتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئەيتاۋۇر ياسىنغا چىڭ يېپىشىپ ئۇنى ھېدلاۋاتاتتى. شۇقەدەر شىرىن دەقىقىلەر ئۆتۈپ كەتتى. ئاڭغىچە قوتانغا قارايدىغانلار تېزلا يېتىپ كېلىشتى ۋە يۇمشاق قوناق پاخىلى ئۈستىدىن تۇرۇۋاتقان ئىككىسىگە قاراپ:
− شۈكرى خۇدايىم، گۈلنار قىز بىر ئۆلۈمدىن ئامان قالدى ماقىما، ماۋۇ ياسىن ئۇستامدىمۇ ئات كاللىسىدەك يۈرەك باركەنيا.
− ساقمۇ سىز قىزىموي.
− خۇدايىم بىر ساقلىدى - دە.
− ھېلىمۇ ياسىن ئۇستام بولۇپ قاپتىكەن، قېنى ھېلى گۈلنار قىزنىڭ يېنىدا يەنە بىرى تۇرغاندەك قىلاتتىغۇ؟
− قاچتى.
− بۇقىنى كۆرۈپ ئىنەكتەك قاچتى دەڭلا
− ھا،ھا،ھا...
شۇ چاغدا ياسىن قوتانغا قارايدىغانلاردىن:
− ھېلىقى بوقا قېنى؟ − دەپ سورىۋىدى قوتانغا قارايدىغانلار يەنە ئالاقزادە بولۇشۇپ:
− قېچىپ كەتتى. ھوي تېز تۇتۇۋالايلى، ھېلى بىزگە بالا تېرىپ بەرمىسۇن، بۇ قېتىم ئۇ يامان بەك غالجىرلىشىپتۇ، يۈرۈڭلار، − دېيىشىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ياسىن قورقۇنچ ۋە ئاللىقانداق تۇيغۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە قىزىرىپ كەتكەن گۈلنارغا قاراپ:
− بىر نېمە بولمىغانسىز؟ − دېدى.
گۈلنار گەپ قىلماي ياسىننىڭ چېچىدىكى چاۋارنى ئېلىۋەتتى. ئۇنىڭ قېپ- قىزىل كۆينىكى ۋە ھالرەڭ ياغلىقى توپا بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئاق سۈزۈك چىرايى، كىچىككىنە ئويماقتەك لەۋلىرى ئىختىيارسىز تىترەيتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئالىمغا كۈيۈنۈۋاتقان، باياتىنقى سۆزلىرىگە چەكسىز خىجىل بولۇۋاتقاندەك بىر ھالەت بار ئىدى. ئاھۇ كۆزلىرىدىن ياش ئۈنچىلىرى سىرغىپ چىقماقتا ئىدى. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەن ئەلى:
− بىر نېمە بولمىغانسىز، ئالامەت قورقۇپ كەتتىميا، ئۇھ، − دېدى ۋە ياسىنغا قاراپ، − بۇ يەردە سەن نېمە قىلىپ يۈرىسەنۇي ئاداش، − دېدى. ياسىن ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەستىن مەڭسىتمىگەندەك نەزەردە قاراپ قويدى، ئاندىن گۈلنارغا قاراپ، ئۇنىڭ باياتىنقى ئۆزىنى «چاكار» دېگەن گېپىنى ئېسىىگە ئالدى ۋە ئىپادىسىز بىر تەرىزدە:
− خوش، مەن ئاۋۇلارغا بوقىنى تۇتىشىپ بېرەي، − دېدى ۋە خىجالەت ھەم ئاللىقانداق ھېسلار تۈرتكىسىدە ئۆزىگە قاراپلا قالغان گۈلنارغا قاراپ قويۇپ بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى. ئۇلار بۇقىنى تۇتۇپ ئارغامچا بىلەن قات- قات باغلاپ تۆت تەرەپتىن تارتىپ ئېلىپ كىرگىنىدە گۈلنار بىلەن ئەلى يوق ئىدى. ئۇلار بۇقىنى پۇختىلاپ سولاپ قويغاندىن كېيىن ياسىننى كەتكىلى قويماي، ئامباردا سوغۇق ساقلاپ قويغان تاۋۇزدىن ئېلىپ چىقتى. ئۇلار پاخال تۆپىسىدىلا ئولتۇرۇپ تاۋۇزنى تىلىپ يېيىشكەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. پاراڭ تۇلىراق بايامقى ئىش ئۈستىدە بولاتتى. ياسىن ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ گەپ قىلماي تاۋۇز يېگەچ توم ياغاچلار بىلەن چادىرلانغان پادىلار توپىغا قاراپ ئولتۇراتتى.
− توۋا، گۈلنار قىزنى قانداق كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە شۇنداق تېز ۋاقىت ئىچىدە قۇتقۇزىۋالدىڭىز- ھە ئۇستام؟
− مۇھەببەت. ئاغىنىلەر، شۇنداقمۇ ئۇستام؟
− ئەمما تاس قالدى، غالجىر بۇقىنىڭ مۈڭگۈزى تېگىپ كەتسىلا جاننى ئالاتتى. ئۇچاغدا ئۇستاممۇ جانان ئۈچۈن جاندىن كەچكەن بولاتتى - دە.
− سىلىمۇ ئەخمەق ئۇستام، ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن ئىشنى تۈگىتىپ چۈشمەي..
− ۋاي ماڭە، سەن بولمىسا ئۇستام، كۈپكۈندۈزدىلا خىجىل بولماي ئېشەكنىڭ كەينىگە چاپلىشىۋالىدىغان. ئۇستام دېگەن ئەخلاقلىقتا نامى بار ئادەم ماقىما.
− ھەي، ھېلىقى لېڭتاسمىنى دەيمەن، قارا بۇقىنى كۆرۈپلا ئالا ئىنەكتەك قېچىپ كەتتى دېسە...
− ھا،ھا، ھاھ..
− 12 −

− ئادەم دېگەننىڭ تەن ھەم روھىنىڭ بۇزۇلىشى بىردەملىكلا ئىشكەنيا. ئادەم بالىسىغۇ ھەمىشە ئاچچىق ساۋاقلارنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ شەھۋەت ئىشىدا ئادەم ئاسانلا كاردىن چىقىدىكەن. مەن ئەزەلدىن شۇنى دەيتتىمغۇ، شەھۋەتتە بۇزۇلمايدىغان ئادەم ئاندىن ھەقىقى ئادەمگە ئايلانغان بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىزمۇ ، ئېغىزىڭ بىلەن ئەۋرىتىڭنى بۇزۇلۇشتىن ساقلىيالىساڭ مەن سېنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭگە كېپىل، دېگەنىكەن. ھېلىقى سېنىڭ خوجايىنىڭ سەيدىخاننى دەيمەن، ئۇنىڭ بارغانچە سېسىق نامى چىقىپ كېتىۋاتىدۇ - جۇمۇ.
− راست ئاداش، ئاشخانىدىكى ھەممە بالىلارنىڭ ئېغىزىدا شۇ گەپ، ئۇنى دېمىسە پات - پاتلا ئاشخانىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ كۈپ - كۈندۈزدىلا يوقاپ كېتىدۇ دېگىنە. ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا چىداپ بولغىلى بولمايۋاتىدۇ.
− يېشىمۇ قىرىقتىن ئاشقاندۇ، قېرىغاندا نېمە ئويۇن ئۇنىڭغا، تېخى ساپلا ياش باللىنى يولدىن چىقىرىپ يۈرەرمىش. بۇرۇن يوشۇرۇن ئوينايدىكەندۇق، ھازىر بارغانچە يۈرىكى يوغىناپ ئويۇنى كۆپىيىپ كېتىپتۇ، سىرتلاردا ئاشۇ خۇتۇننىڭلا گېپى. ئۆتكەندە ئېرى شۇ ئىش تۈپەيلى ئۆلگەندىن كېيىن كۆتىنى قىسسا بولمامدىغاندۇ. بۇنداق ئادەملەر ھەرگىز تۈزەلمەيدىغان چېغى، ئاشۇنداقلا ماڭسا ئۇنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنى بار ماقىما.
− ھەي، گۈلنار بەكلا سەبىي قىزتى، ئۇمۇ ئانىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالارمۇ دەيمەن.
− سەيدىخان دېگەن خوتۇن قىزىغا پەقەت چاندۇرماي سىرىتلاردىلا ئوينايمىشقۇ. ئەمما ئاداش، ھازىر پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە شۇ خوتۇننىڭلا گېپى، ئاڭلىماي قېلىشى مۈمكىن ئەمەس، شۇڭا سەن پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولساڭ، مەدەت بەرسەڭ بولاتتى. ھەراست، ھازىر مۇناسىۋىتىڭلار قانداقراق؟
− ئۆتكەندە قوتاندا بولغان ئىشنى ئاڭلىۋىدىڭغۇ، شۇ ئىشتىن كېيىن ماڭا ئۇنچە ھۆرپىيىپ قارىمايدۇ. لېكىن ئوچۇق پاراڭلاشمايمىز. يېنىدا ھېلىقى ئەلى دېگەن سولتەكمۇ بار.
− مېنىڭچە گۈلنار ئەلىنى پەقەت ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇ ساڭا خاپا، ئەمما بىر خوتۇن ئېلىپ قويىۋەتكەن ئۇ بىرنېمە بىلەن نېمىشقا يېقىن ئۆتىدىغاندۇ؟
− بىلەلمىدىم، ئاداش.
− ئەسلى بۇرۇنراق ئېغىز ئاچساڭ، ئۇنى تېزراق قولغا چۈشۈرۈپ ئاۋۇ سەيدىخان دېگەن ئايالدىن نېرى قىلساڭ ياخشى بولاتتى. سېنىڭ مۇشۇ ئىچ مىجەز بولۇپ قالغىنىڭ..
− بىر ۋاقتى كېلەر ئاداش، ھازىر ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى پەقەتلا بىلمەيمەن دېگىنە. ھازىر ھەممىدىن بەك بېشىمنى قاتۇرىۋاتقىنى ھېلىقى خوتۇن، ئۆتكەندە ئاشخانىدا سەيدىخاچام گۇڭشىدا ئىشلەيدىغان بىر غىتمەك بىلەن قاش - كۆزىنى ئوينىتىپ يۈرۈپتىكەن، مېنىڭ سەن تونۇيدىغان دارازا شاگىرتىم بارغۇ، شۇ بارغىنىچە ھېلىقىنىڭ ياقىسىدىن بوغۇپ تامغا ئۈچ - تۆتنى ئۈستۈرىۋەتتى. ئاندىن «بۇنداق جالاپنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىمەيمەن، ياسىن ئۇستامنى دەپ تۇرۇپ قالغانىدىم، تويدۇم، كېتىمەن، بۇيەردە ئەمدى شوۋىكەش بولۇپ تۇرىۋەرگىم يوق» دەپ سەيدىخاچامنىمۇ تىللاپ سالپايتىپ قويۇپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ھازىر ئۇ ئايالغا قاراپ بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتىمەن ئاداش. ھە راست سېنىڭ ئىشىڭچۇ؟
− ساڭا قاراپ ئولتۇرسام، پات ئارىدا توي قىلمىغۇدەكسەن، مەن باشلاپ بېرەي دېدىمغۇ.
− نېمە؟ توي قىلامسەن، كىم بىلەن؟
− تۇرداخۇنكامنىڭ كەنجى قىزى نۇرنىسا بىلەن.
− ۋاھ، ھېلىقى پۈركەنجىگە ئوخشاش ئۇزۇن ياغلىق ئارتىپ، ئۇزۇن كۆينەك بىلەن يۈرىدىغان ھېلىقى ئايدەك چىرايلىق قىزى بىلەن؟
− ھەئە.
− ئامىتىڭ بار ماقىما سەن «ھۈنەرۋەن»نىڭ.
− ھا،ھا، ھاھ...
− ھە راست، ياسىن ھېلىقى ئەلى دېگەن نېمىنى پەيچۇسودا ياللانما ساقچىلىق قېلىۋىتىپتۇغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەنۋەر بىلەن ناھايىتى يېقىنمىش. ئاڭلىغانمۇسەن، ئەلى دېگەن لالمىنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنىنىڭ قىزلىقىغا سوجاڭ چېقىپتىكەن دېيىشىدۇ.
− قانداق گەپ ئىكەن ئۇ باشتىن دېگىنە؟
− سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ ھېچنىمىدىن خەۋىرىڭ يوقكەن، ئىچ مىجەزلىگدىن مۇشۇنداق بولۇپ قالغان نېمە سەن. مەن تۇرمىدىن كەلگىلى ئۇزۇن بولماي يېزا تەۋەسىدىكى ھەممە گەپلەردىن خەۋەر تاپتىم مانا.
− ھە تېزراق دېگىنە، ئەڭ سادىق دوستۇم مېنىڭ «ھۈنەر»نى ياخشى ئۈگەنمىگەنلىكىم سەۋەبىدىن تۈرمىگە كىرىپ كەتسە مەن يەنە كىمنى دوست دەپ يۈرىمەن، كىمدىن گەپ ئاڭلايمەن.
−  ئەمىسە ئاڭلا، ئەلى توي قىلغان ئاخشىمى قىزنى ھۇجرىغا ئەكىرىپ بولغاندا سوجاڭ چالا مەست كىرىپ كەپتۇ ۋە تويغا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەنلىكىگە ئەپۇ سوراپتۇ. ئاندىن بىردەم ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى پەش قىلىپ، بىردەم ئەلىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن دەپ ۋەدە قىلىپ ئىككىسى مۇڭداشقاچ ئولتۇرۇپ تازا ئىچىپتۇ. ئەمەلىيەتتە سوجاڭ ئەلىگە ناھايىتى كۆپ ئىچۈرىۋىتىپ ئۇنى ئېغىر مەست قىلىپ قويۇپ، ئۆزى ھۈنەر ئىشلىتىپ ھاراق ئىچمىگەنىكەن. ئاخىرى قانداق بوپتۇ دېمەمسەن، ئەلى ئۆلگۈدەك مەست بولۇپ ئۇخلاپتۇ. بولسا ئەلىنىڭ خوتۇنى بىلەن....
− ئەلى دېگەن بىر گۆش كاللا، لېڭتاسمىكەنغۇ؟ ھە ئاخىرىچۇ؟ ئەلى بۇنى بىلەلمەپتىمۇ؟
− شۇ ۋاقىتتا ھېچنىمىنى ئۇقالماپتۇ. ئەمما كېيىن سوجاڭ بىر سورۇندا مەستچىلىكتە ئەلىنىڭ شۇ توي كېچىسىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ ساپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ گەپ ھەممە يەردە پور بولۇپ كېتىپ ئاخىرى ئەلى نومۇس ۋە ئەلەمگە چىدىماي خوتۇنىنى قويىۋېتىپتۇ. ئەسلىدە ئەلى خېلى ئوغۇل بالىچىلىغى بار، نوچى يىگىت ئىكەندۇق، سوجاڭ دېگەن كاساپەت ئۇنى تۈگەشتۈرىۋەتكەن دېگەن گەپلەر بار. ئەمما ھەممە ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. سوجاڭ ئۇنداق ئادەم ئەمەسمۇ تېخى.
− توختىغىنا، قانداق نېمە ئۇ، خەق ئەخمەق قىلسا يەنە يالىغىنى يالايدىغان، ئۇنى نوچى دەپ ئاقلاۋاتقىنىڭنى تېخى، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئەشۇنداق لىڭتاسما، بۇزۇق بىر نېمە دېگىنە. مەن راستلا بىلمەيدىكەنمەن، توختا ئاداش، بۇ ئىشقا ئەمدى قاراپ تۇرسام بولمىغۇدەك.
− ھە مۆرىمەس، ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ مانا. قوزىچىقىڭنى قاچان بۆرە چىشلەركىن دەپ قاراپ ئولتۇرماي، تېزراق ھەرىكەتكە كەل سەنمۇ.
ياسىن بىلەن ئالىم ئاشۇنداق خۇشال پاراڭلار بىلەن شەھەردە قانغۇدەك ئوينىدى. ئەسلىدە ئىككىسى بۈگۈن بىكار بولۇپ قالغان بولغاچقا شەھەرگە كىرگەن، بازار ئارىلاپ ئۆزلىرىگە بىرەر قۇردىن كىيىم ئېلىشقانىدى. ياسىن ئالىمغا:
− كەچ كىرىپ قېلىۋاتىدۇ، قايتايلىمۇ ياكى ئازراق ،ھۈنەر، قىلىمىزمۇ؟ − دېۋىدى ئالىم ياسىننىڭ مۆرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ:
− قاملاشتۇرالمايدىغان نېمەڭگە قانداق ھۈنەر قىلىسەن، بىكار مېنى قاماقتا ياتقۇزىسەن شۇ، − دېدى.
− ئەمىسە قايتايلىمۇ؟
− توختا، ھەمىشە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئالغىلى كىرسەم، ئالدىراشلا چىقىپ كېتىمەن. بۈگۈن ئالدىرىمايلىچۇ، يىڭى ئېچىلغان كەچلىك بازارنى ئالامەت قىزىيدۇ دەيدۇ. كۆرۈپ بولۇپ چىقىپ كېتەيلىلا.
شۇ گەپ بىلەن ئىككىسى بىر چوڭ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېيىشتى، ئاندىن كەچلىك بازار تەرەپكە يول ئالدى. بۇ چاغدا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ شەھەرنىڭ يول چىراغلىرى، چوڭ - كىچىك ماشىنىڭلارنىڭ چىراغلىرى قوشۇلۇپ شەھەر كوچىلىرىنى كۈندۈزدەك يۇرىتىۋەتكەنىدى. كوچا دوقمۇشلىرىدىكى سېتىقچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرى، ئۈنئالغۇ - سىنئالغۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرى قايناق شەھەرنىڭ كۆركەم كەچكى مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ئۇلار قىزىپ قايناپ تۇرغان كەچلىك بازاردا ئۇنى بۇنى يېگەچ يەنە بىر - ئىككى سائەت ئوينىغاندىن كېيىن قايتماق بولۇپ بېكەتكە كەلدى. ئۇلار بېكەتتە تۇرغان ئاخىرقى بىر كىچىك ماشىنىغا چىقىپ شەھەرگە قىيمىغان ھالدا يېزىسىغا راۋان بولۇشتى. يولدا ئالىم ياسىننىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپلا ئۇخلاپ قالدى. ياسىن ئۇنى ئويغاتماستىن ئىككىسىنىڭ قەشقەردىكى تونۇشۇپ قېلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئۇستا «ھۈنەرۋەن» ئىكەنلىكىنى، ھېيتگاھدىكى ئىشىنى، ئۆزىگە قىلغان ساداقىتىنى ئويلاپ ئىختىيارسىز مېيىغىدا كۈلدى. مانا ھازىر زاڭىقىدىكى قويۇق ساقىلىنى قىسقا قويۇپ چىرايلىق ياسىتىۋالىدىغان بۇ يانچۇقچىنى  يېزا تەۋەسىدە ئوڭلۇقلۇقتا ماختىمايدىغان ئادەم يوق. ياسىن ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق مەردانە، ئەقىللىق دوستىنىڭ بارلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. ئۇنىڭدىن ئۆگەنمەك بولاتتى، ئەمما ئالىم سۆزمەن ھەم چىقىشقاق بولغاچقا ھەممە ئادەم بىلەن بىردەمدىلا تونۇشۇپ قالاتتى. ئەمما ئۆزى بولسا قولىدىكى گۈلىنى خەق تارتىۋالغىلىۋاتسىمۇ ئامال تاپالماي يۈرىۋاتمامدۇ...
ماشىنىنىڭ يېنىك توختىشى بىلەن ياسىن ئالىمنى پەس ئاۋازدا چاقىرىپ ئويغاتتى. ئالىم ئېسەنكىرىگەن ھالدا:
− نەگە كەلدۇق، − دەپ سورىدى.
− يېزىغا يېتىپ كەلدۇق، قوپە ماشىنىدىن چۈشىمىز.
ئالىم چالا ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ماشىنىدىن چۈشۈپ يەنە ياسىنغا يۆلىنىپ تۇراتتى. ياسىن ئۇنىڭ قاتتىق ئۇيقۇسى كەلگىنىنى كۆرۈپ ئۆز ياتىقىغا، ئاشخانىنىڭ كەينىدىكى ياتاققا ئېلىپ كەتمەك بولۇپ يۆلەپ ماڭدى. ،قانداق قىلسا مۇشۇنداق ئۇيقۇسى كېلىدىغاندۇ؟ مېنىڭمۇ مۇشۇ ئالىمنىڭ يېرىمىچىلىك ئۇيقۇم بولسىچۇ، بەلكىم قۇرۇلۇشتا جاپالىق ئىشلىگەندىن كىيىن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇ شۇنداق ئويلىغاچ، ئالىمنىڭ «كېتىمەن» دېگىنىگە ئۇنىماي بىللە قونۇپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار ياتاققا كىرىپ كەلگىنىدە ئاللىقاچان ئەلياتقۇ مەھەلدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ بازاردىكى دوكانلارنىڭ چىراغلىرى ئۆچۈپ ئەتراپ تىمتاس بولۇپ قالغان ئىدى. ياسىن ئالىمنى ياتقۇزۇپ قويۇپ ھاجەت قىلىپ كىرمەك بولۇپ سىرتقا چىقتى. ئۇ يول ياقىسىدىكى كىچىككىنە قاۋاق بوتكىسىنىڭ يېنىغا كېلىشىگىلا، قاۋاقخانىنىڭ كەينىدىكى چوڭ سۆگەتنىڭ تۈۋىدىن:
− سەن سەيدىخاننىڭ قىزىنى ياخشى كۆرەمسەن ياكى پۇلىنىمۇ؟ − دېگەن بوغۇق ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى ۋە چىپپىدە توختاپ ئۆزىنى چەتكە ئالدى. مەستلىكتىن ئۈنى تەسلىكتە چىقىۋاتقان بىرى:
− مەن قىزىنى..ياق.. پۇلىنى..ھەر ئىككىسىنى ياخشى كۈرىمەن سوجاڭ..−  دەپ تىلىنى چايناۋاتاتتى.
ياسىن ئۇلارنىڭ ئەلى بىلەن سوجاڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە تېخىمۇ يېقىنراق كېلىپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى.
− ئۇنداقتا سەيدىخان بىلەن قانداق ئۆتىسەن؟
− ئۇنىڭ بىلەنما.. نەچچە قېتىم بىرگە بولدۇق دەڭا سوجاڭ...ھى...ھى... قېرى بولغان بىلەن خېلى خۇيى بار...
− كۈندۈزى قىزى بىلەن كېچىسى ئانىسى بىلەن دېگىنە؟
− ھى..ھى ئەمدى سوجاڭ، كۆڭۈل دېگەن.. ئەمما لېكىن ھېلىقى گۈلنار دېگەن قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزمايدۇ دېسىلە..
− سەن قىزىغا ھەم بايلىقىغا تەڭلا ئېرىشمەكچى شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئاچكۆز بولما.
− ھە..ئەمدى سىز بىلىسىز سوجاڭ، دادام مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. پۇل تاپاي دېسەم ھۈنەر يوق. ھېلىمۇ سىز بېشىمنى سىيلاۋاتىسىز، ئەمما ياللانما ساقچىلارنى تارقىتىۋەتكۈدەك. شۇڭا تېزراق ھېلىقى سەيدىخان دېگەن دەللىنىڭ بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلمىساق ياشىغىلى بولمايدۇ جۇمۇ سوجاڭ..
− قانداق قىلساڭ قىل، بىراق قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلغۇچى بولما جۇمۇ، بولمىسا مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرىۋېتىسەن.
− قانۇن؟ قانۇن دېگەن نېمە؟ ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا نېمىتى، سىزلا بولسىڭىز مەن قانۇن بىلەن بىر تۇغقان!
− مەست بولۇپ قاپسەن،ماڭە قايتايلى.
− ياقەي سوجاڭ، مەن مەست بولمىدىم، مەن ھېلىقى.. ھېلىقى سەيدىخان دېگەن دەللىنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن.
− جۆيلىمە ئەلى، يۈر...
− راست، بۈگۈن، ياق ئەتە...− ئەنۋەر سوجاڭ بىلەن ئەلى ئىككىسى قاۋاقخانىنىڭ كەينىدىكى چوڭ سۆگەتنىڭ تۈۋىدىن شۇنداق پاراڭلار بىلەن بىر - بىرىنى سۆرەشكىنىچە قايتىپ كېتىشتى.
ياسىننىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپلا قالدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەزايى بەدىنىدىن تەر ئېقىپ كەتكەنىدى. ئۇ تېزلىكتە ھاجەت قىلىپ بولۇپ ياتاققا كىردى - دە، ئالىمنى ئويغاتماق بولدى. ئەمما ئۇنىڭ بىر تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئويغىتىشقا پايلىماي ئۆزىمۇ ئاستاغىنە ئورنىغا كىرىپ ياتتى. ئەمما باياتىنقى گەپلەرنى يادىغا كېلىۋىلىپ ئۇزۇنغىچە ئەندىشە ئىچىدە ئۇخلىيالمىدى.
− 13 −

تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتتا ياسىن ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ بىر باياۋاندا كېتىۋاتقۇدەكمىش، مىستەك قىزىپ كەتكەن باياۋاندا ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى كۆيۈك زەربىسىدە چىدۇغۇسىز بىر ئاغرىق بىلەن تىنىمسىز يۈگرەپ ھايات يولى ئىزدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر جايغا كېلىپ قاپتۇدەك، ئۇ خۇددى غايەت چوڭ تونۇرغا ئوخشاش بىر جاي بولۇپ ئاغزى تار، تېگى تەرەپ بولسا كەڭرى ئىمىش، ئۇنىڭدا گۈركىرەپ قاپقارا ئوت كۆيىۋاتقۇدەك، ئوتنىڭ ئىچىدە قېپ - يالىڭاچ ئەر - ئاياللار نالە پەرياد ئىچىدە كۆيۈپ كېتىۋاتقۇدەكمىش، باياۋان بۇ يەردىكى ئوتنىڭ تەپتىدە مىستەك قىزىپ كەتكەنىكەن. غايەت چوڭ تونۇر ئىچىدىكى ئوتنىڭ شىددىتى شۇقەدەر زور ئىمىشكى، ئۇ ئۇلغايغاندا ئىچىدە تۈتەپ كۈيىۋاتقانلار تونۇر ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكۈدەك ھالدا ئۆرلەيمىش، ئەمما ئوت يەنە بىر پەسلىسە تونۇرنىڭ تېگىگە چۈشەرمىش، شۇ تەرىقىدە ھېلىقى يالىڭاچ كىشىلەر ئاجايىپ ئېچىنىشلىق نالە - پەريادلار بىلەن ئۆز ئىختىيارى ئۆزىدە ئەمەس ھالدا كۆيۈپ كېتىۋاتقۇدەكمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ جان يېرىدىن چوڭ ھەم قىزىپ چوغدەك بولۇپ كەتكەن قارماقلار بىلەن ئىلىگلىك ئىمىش، شۇ چاغدا ئىچىدىكىلەردىن بىرسى تۇيۇقسىز «ئايەردە بىزنىڭ شىرىكىمىزدىن بىرسى تۇرىدۇ، قاراڭلار ئەنە ئاۋۇ ياسىن دېگەنمۇ بىر پاھىشۋازغۇ؟» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلانغۇدەكمىش، ياسىن قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە سۆزلىگۈچىگە سەپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا، كۆيۈك دەستىدىن خۇددى كۈسەيدەك بولۇپ قالغان بىرسى ھەدەپ ئۆزىنى ئىشارە قىلىۋاتقۇدەك، ياسىن بىردىن ئۇنىڭ ئاينۇرخان ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالغۇدەك. ئارقىدىنلا سەلىمباي، سەيدىخان، ئەلىيلەرنىڭ كۆيۈك دەردىدە چۇچۇلىدەك بولۇپ قالغان سىيماسىمۇ كۆرۈنگۈدەكمىش، ئۇلار بولسا بىرتەرەپتىن نالە- پەريادى كۆككە يەتكۈدەك بولغان ھالدا ۋارقىرىشىپ يەنە بىرتەرەپتىن ئۇنى ئىشارە قىلىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشەرمىش، ياسىن غايەت چوڭ تونۇرنىڭ لېۋىدە ھەدەپ سىرتىغا ئىنتىلگۈدەكمىش، ئەمما قانداقتۇر بىر كۈچ ئۇنىمۇ تونۇرغا سۆرەپ كېتىۋاتقۇدەكمىش. ياسىننىڭمۇ يۈرەك باغرى كۆيۈپ، تەنلىرى ئېرىپ كېتىۋاتقۇدەكمىش، ئۇ بۇ ئازابى دەھشەتنى كۆرۈشكە چىداپ تۇرالماي قورقۇنچ ئىچىدە ئىختىيارسىز «ۋايجان!» دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
− نېمە بولدۇڭ، ھوي، − ئالىمنىڭ تۈرتۈپ ئويغىتىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغانغان ياسىن چالا ئۇيقۇلۇقتا ئەتراپىغا ئالاق - جالاق قارىۋەتكەندىن كېيىن كۆز ئالدىدا ئۆزىگە ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ تۇرغان ئالىمنى كۆرۈپ بىردىن جىمىپ قالدى. ئۇنى شۇتاپتا چاپ - چاپ قارا تەر بېسىپ كەتكەنىدى. ئالىم يەنە:
− نېمە بولدى ئاداش، قارا بېسىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ − دېدى. ياسىن بىردەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاجايىپلا بىر چۈش كۆرگەنلىگىنى ھس قىلدى. ئاندىن ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئاخشام ئەلى ۋە سوجاڭلارنىڭ گەپلىرىنى ۋە ھازىر كۆرگەن چۈشىنى قالدۇرماي بايان قىلدى. ئالىم ياسىننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن چۆچۈپ كەتتى ۋە:
− ئەلىلارنىڭ سۆزى ئادەتتىكى ئىش ۋەجىدىن ئەمەس، يىلان ئاخىرى ئۆزىنى ئاشكارىلىماق بولغان ئوخشايدۇ. بىز دەرھال ھەرىكەتكە كېلەيلى، ئورنۇڭدىن تۇر ئاداش، تاڭ ئېتىپ قېلىۋاتىدۇ. دانالار «تاڭ ئېتىۋاتقاندا ئۇخلىغانلار خۇددى قان ئىچىدە ياتقاندەك بولىدۇ» دېگەنىكەن، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كېتەيلى، − دېدى....
بۈگۈن ياسىن بارلىق تارتىنچاقلىقلىرىنى بىرياققا قايرىپ قويۇپ گۈلنارلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى ۋە ئۇنى سىرتقا ئېلىپ ماڭدى.
− نۇرنىسانىڭكىگە دېدىڭىزما؟ نۇرنىسا دېگەن كىم؟
− نۇرنىسا دېگەن تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ قىزى، ئالىم توي قىلماقچى بولغان قىز.
− ئالىم؟ شۇنىڭ گېپىنى قىلسىڭىزلا ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ- مىنىڭ.
− ئۇنداق ئويلىماڭ، دادىڭىزنى ئالىم ئۆلتۈرمىگەن، مانا مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھ.
− بولدى سىزگە ئىشىنىمەن، ئەمما بىز نېمىشقا نۇرنىسانىڭكىگە بارىمىز؟
− نۇرنىسانىڭ سىز بىلەن تۇنۇشقۇسى باركەن.
− ھە، ئەمەلىيەتتىغۇ بىز بىرگە ئوقۇغان،...
− شۇنداقمۇ؟ ياخشىغۇ، ئۇنداقتا سىلەر تۇنۇشىدىكەنسىلەردە؟ گۈلنار ئېيتىڭە، مەندىن خاپىمۇ سىز؟
− سىزگە يا خاپا بولىشىمنى يا خاپا بولماسلىقىمنى بىلمەيمەن..
− ئۇنداقتا ماڭا ئۆچكەنسىزدە.
− ياق، راستىمنى ئېيتسام ياسىن ئاكا، سىز مىنىڭ ئىشەنگەن تېغىم ئىدىڭىز، ئەمما...
گۈلنارنىڭ شۇ سۆزىدىن ياسىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى. ئالىمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن گۈلنارنى نۇرنىسانىڭكىگە ئېلىپ كېتىۋاتقان ياسىن شۇ تاپتا يەنە ئىچكى ئازابلار قاينىمىغا غەرق بولغان ئىدى. چۈنكى گۈلنار ھازىر خېلى ئوڭلۇق گەپ قىلىپ كىتىۋاتقان بولسىمۇ ئۆتكەندە «چاكار» دېدىغۇ، ئۇلار ئاشۇنداق بىئەپ پاراڭلار بىلەن تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. بۇ كۈن غەرىبكە قىسىيىشقا باشلىغان مەزگىل بولۇپ، يول بويلىرىدىكى قۇناقلىقلارنىڭ لەرزان ئېغاڭلاشلىرى، ماللىرىغا ئوت بېسىپ ماڭغان دېھقانلارنىڭ ۋاراڭ- چۇرۇڭلىرى بىلەن كەچكى ھايات قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. ھەممە ئۇلارنىڭ ناھايىتى قاملاشقان بىر جۇپ ئىكەنلىكىگە مەستلىكى كەلگەندە ئۇلارغا قاراپ چىرايلىق سالام قىلىشىپ يولىغا راۋان بولاتتى. دېمىسىمۇ ئېگىز بوي، قاملاشقان بىر يىگىت بىلەن، غۇنچە بوي، چىرايلىق بۇ بىر جۈپ قىز- يىگىت تەبىئەتكىمۇ ھۆسىن قوشۇپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ياسىن ئىچىدە، ئاخشامقى گەپلەرنى گۈلنارغا ئېيتىش كېرەكمۇ، ياق، گۈلنار ئانىسىنىڭ شۇقەدەر نومۇسسىزلارچە سەتلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى بىلەرمىكىن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىم بىر ئىش چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ، گۈلنارنى نۇرنىسانىڭكىگە ئاپىرىپ قوي، نۇرنىساغا ئېيتىپ قوياي، دېگەنىدى. سەيدىخاچاممۇ ئادەم بولمايدىكەن، بۈگۈنمۇ قاق ئەتىگەندە ئىچىۋالغان مەست غالچىدىن بىرسى ئاشخانىغا كىرىپ، سەيدىخان جېنىم بارمۇ سىز؟ دەپ سەتلىشىپ يۈرىدۇ. ھېلىمۇ شاگىرتلار تىللاپ قوغلىۋەتتى. بولمىسا.. يەنە بەزى كىشىلەر بالىلىرىمىزنى سەيدىخان بۇزىۋەتتى، دەپ قاخشاپ يۈرىيمىش، سەيدىخاچامنىڭمۇ ئاشخانىدا چاندۇرماي يۈرگىنى بىلەن كۈركە توخىدەك كىمنى كۆرسە يېتىپ بېرىدىغان قىلىغى بارمىدۇ؟، دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىچى ئاچچىق بولدى. ھەممىدىن مۇنۇ گۈلنارغا ئۇۋال، ئۇ بىر سەبىي قىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنى چاكار دېگىنى بىلەن چىن كۆڭلىدىن دېمىگىنىگە ئىشىنىمەن، بىراق ئەمدى قانداق قىلسام بولىدىكىن، دەسلەپكىدەك، گۈلنارنىڭ ئۆزى ماڭا قىزغىن ھېسيات بىلەن گەپ قىلىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ. ئۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان، ئېغىر بېسىق بولۇپ قاپتۇ، مۇنداق ئەھۋالدا مەن تېخى ئېغىز ئاچالمىسام..، ياسىن ئاشۇنداق مۇرەككەپ ھىېسىياتلار بىلەن قوشۇمىسىنى مەھكەم تۈگۈپ، يىراقلارغا تىكىلىپ كېتىۋاتقان گۈلنارغا قارىدى. گۈلنار ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق بولۇپ سەل سوزۇنچاقراق يۈزى، ئېقىپ چۈشكەندەك چىرايلىق بۇرنى، ئويماقتەك لەۋلىرى ئۇنىڭ زىبالىقىغا ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى. ئۇلار تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ ئۆيىگە قايرىلىدىغان دوقمۇشتىكى چوڭ ياڭاقنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە ياسىن ئەتراپقا قاراپ ئادەم يوقلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن نېھايەت ئېغىز ئاچتى:
− گۈلنار، مەن ئۆمرۈمدە يالغان ئېيتىپ باقمىغان، يالغان ئېيتقاننى ھەم يامان كۆرىمەن، شۇڭا گەرچە بۇنداق دېيىشكە جۈرئىتىم بولمىسىمۇ سىزگە راستىمنى ئېيتاي، مەن سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىمەن....
ياسىننىڭ ئۇزۇن تەييارلىق بىلەن زور جۈرئەت قىلىپ ئېيتقان بۇ گېپىدىن گۈلنار مېڭىۋاتقان قەدىمىنى چىپپىدە توختىتىپ ئۇنىڭغا قاراپلا قالدى. ياسىن گۈلنارنىڭ نىگاھلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك ئىختىيارسىز يەرگە قارىۋالغانىدى. گۈلنارنىڭ شۇ تاپتىكى ئازاب بىلەن پۈرۈشكەن چىرايى، ياسىنلارنىڭكىگە بارغاندىكى سەبىي، غەمسىز شوخ ھالىتىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ قۇشۇمىلىرى چىڭ تۈرۈلگەن، لەۋلىرى ھىم يۇمۇلغان ھالەتتە ياسىنغا قاراپ دەقىق قېتىپ قالدى. ئاندىن:
− سىز مېنى چۈشىنەمسىز؟ مېنى ئۆزىڭىزنى ھازىرمۇ ياخشى كۈرىدۇ دەپ قارامسىز؟ ھازىرقى ئەھۋالىمنى بىلەمسىز؟ ئازابلىرىمنى ھېس قىلالامسىز؟!
ئۇنىڭ بۇ قاتمۇ - قات سۇئاللىرىدىن ياسىن دەماللىققا گاڭگىراپ قالدى. گۈلنارنىڭ نېمە ئازاب بىلەن قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالىسىمۇ ئەمما ئۇنى ئىپادىلەپ بېرىشكە، شۇ ئارقىلىق گۈلنارغا تەسەللى بېرىشكە ياسىن ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتى. ئاخىرى يەنە گۈلنار ئېغىز ئاچتى.
− سىز بەلكىم مېنى ئەلى بىلەن يۈرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايدىغانسىز، ئەمەلىيەتتە مەن ئازاب ئىسكەنچىسىدە يۇڭۇزلاپ تاشلانغان ناتىۋان قۇشمەن، مېنىڭ كىم بىلەن يۈرۈشۈم ھازىر مەن ئۈچۈن بەرىبىر، چۈنكى لەختە- لەختە قانغا تولغان يۈرەكتە مۇھەببەتتىن كۆپرەك نەپرەت ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىلگىرى سىزنى مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرەتتىم، ھازىرمۇ راستىنى ئېيتسام، سىزدىن بۆلەك ھېچكىم قەلب قەسىرىمگە سىغمايدۇ. ئەمما سىز بىلەمسىز، مەن ھازىر ئىلگىركى گۈلنار ئەمەس، مېنىڭ ۋۇجۇدۇم ئازابقا، نەپرەتكە تولۇپ كەتكەن، سىز ۋە سىزنىڭ دوستلىرىڭىز مېنى ئانىسىنىڭ قىلىقلىرىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايسىلەر، ئەمما مەن ھەممىنى بىلىمەن، بىلگىنىم ئۈچۈن ئازابلىنىمەن، نەپرەتلىنىمەن! مىنىڭ ئەڭ ئامراق ئادىمىم دادام ئىدى. ئۇنىڭسىز ھاياتنى پەرەز قىلالمايتتىم، بەلكى سىز سوتقا بارمىغانلىقىمنىمۇ چۈشەنمىگەن بۇلىشىڭىز مۈمكىن، مەن ئۇيەرگە نېمە دەپ بارىمەن، ئۆز جىگەر - پارەم بولغان دادامنىڭ قايتا ئۆلگىنىنى، پۈتۈن خەلقنىڭ نەپرىتىدە ئۆلۈمدىنمۇ بەتتەر ھالغا چۈشكىنىنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ؟ ئۇنىڭ ئاينۇرنىڭ ئۆيىدە ئۆلگىنى پاكىت تۇرسا، ئەمما مەن دادامنىڭ پاكلىقىغا ھېلىھەم ئىشىنىمەن. سىزمۇ دادامنىڭ ئالىمنىڭ قولىدا ئۆلمىگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىڭىز - يۇ، دادامنىڭ پاكلىقىغا گۇۋاھلىق بېرەلمىدىڭىز. گۇناھكار ئىكەنلىكىگە ھەم گۇۋاھ ئەمەسسىز. نېمىلا بولمىسۇن دادام ئۆلدى. قەلبىممۇ سۇلۇشقا باشلىدى. ئەمدىلىكتە ئانامنىڭ قىلىقلىرى مېنى پۈتۈنلەي ھالاكەتكە ئىتتىرىۋاتىدۇ. قەلبىم قاناپ كېتىۋاتىدۇ ياسىن، ئېيتىڭە، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ نېمىلا بولسا ئۆز ئانام ئەمەسمۇ، ئۇنى بۇ پاتقاقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولماسمۇ؟! ھەممە كەلگۈلۈك ماڭىلا كېلەرمۇ؟
− ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ، گۈلنار، بىز ئاۋال تۇرداخۇنكاملارنىڭكىگە بارايلى. بۈگۈن تۇرداخۇنكاملار ئۆيىدە يوق، سىز ئەقىللىق قىز، ئالىمنى ئەيىبلىسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنىڭدا گۇناھ يوق، ئۇ ناھايىتى جىگەرلىك ھەم ئەقىللىق يىگىت، نۇرنىسامۇ ئۇقۇملۇق، ئىشەنچلىك قىز، سىزگە راستىنى ئېيتسام، بۈگۈن دەل ئانىڭىزنى يامان يولدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇشنى مەسلىھەتلەشكىلى مېڭىۋاتىمىز، ئالىم چوقۇم بىر ئامال تاپىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ئىشىنەيلى، بولامدۇ.
− راستما؟ سىلەر راستلا شۇ ئىشنى مەسلىھەتلەشكەنمىدىڭلار، ئەمىسە تېزراق ماڭايلى، −  ياسىننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، نازۇك قەلبى ئازاب دېڭىزىغا غەرق بولىۋاتقان گۈلنار ياسىنغا تىكىلگىنىچە بىر دەقىق تۇرۇپ قالدىيۇ، يەنە خۇددى ھاياتلىق قىرغىقىنى كۆرگەن تەنھا چۆكۈپ كەتكۈچىدەك چوڭقۇر ئۈمىد بىلەن ياسىنغا شۇنداق دېدى - دە، يېشىنى ئېرتىۋىتىپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ياسىنغا ئەگەشتى.
− 14−

ياسىنلار تۇرداخۇن ئۇستاملارنىڭ ھەيۋەتلىك قورۇسىغا كىرىپ كەلگىنىدە تۇرداخۇن ئۇستاملار بىريەرگە مېھماندارچىلىققا كەتكەن بولۇپ ئۆيىدە ھېلىقى نۇرنىسا ئىسىملىك چىرايلىق قىز قالغانىدى. نۇرنىسا ئۇلارنىڭ كېلىدىغانلىغىدىن خەۋىرى بار چېغى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ناھايىتى ياسىداق بىر ئۆيگە باشلاپ تاتلىق - تۈرۈملەر بىلەن تولدۇرۇلغان داستىخاننىڭ يۈزىنى ئېچىۋەتتى. ئاندىن قىزىق چاي قۇيۇپ مەزە قويدى. ياسىن نۇرنىساغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭ زىلۋا، چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇزۇن چىرايلىق كىيىملەر بىلەن ناھايىتى چوڭ سۈپەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچىدە ئالىم دېگەن گۈينىڭ ئامىتى بار جۇمۇ، تېخى مۇنۇ قىزمۇ ئالىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرەرمىش، ئەمەلىيەتتىغۇ ئىككىسى بىر - بىرىگە بەكمۇ ماس كېلىدىكەن، دېگەنلەرنى ئويلىدى. ياسىن تاتلىق - تۈرۈملەردىن ئالغاچ گۈلنار بىلەن نۇرنىسالارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇردى. ئۇ ئىككەيلەن ھازىر ئارىلاشمىغىنى بىلەن كونا تونۇشلاردىن بولغاچقا قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتكەن، پاراڭ تېمىسى تولىراق تولۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقاندىكى ساۋاقداشلىرى، مۇئەللىملىرى توغرىلىق، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم قىز - چوكانلارنىڭ مودا قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقىنى توغرىلىق بىر - بىرى بىلەن ئىچەكىشىپ مۇڭدىشىپ كەتكەنىدى. بۇلار تونۇش بولغاچقا ياسىننىڭ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچە گەپ - سۆزلىرىگە ئارىلاشقۇسى كەلمەي ئاستىلا سىرتقا چىقتى. بۇ چاغدا ئاللىقاچان ئاسمان گۈمبىزى ئۆزىنىڭ قارا لىباسىنى ئارتىۋالغان بولۇپ ئاللىقاياقلاردىن كەنت لاباسىنىڭ ئاۋازى ۋە ئاللېكىملەرنىڭ تېلۋىزورىنىڭ ئۈنى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، ياسىن بىردىن ئەنسىرەپ قالدى. چۈنكى «ئەھۋالنى ئۇقۇپ كېلەي» دەپ قالغان ئالىمدىن ھېچ سادا يوق ئىدى. ئەسلىدە ئەلىلەر گۈلنارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قالمىسۇن دەپ، ئالىم گۈلنارنى بىرنىمە قىلىپ ئۆيىدىن ئەپ چىقىپ نۇرنىسانىڭكىگە ئەكىلىپ قويۇشنى ئېيتقانىدى. ياسىن گۈلنارنىغۇ ئاسانلا ئېلىپ كەلدى. ئەمما ئالىمنىڭ قايتىپ كەلمەسلىكى ياسىننى ئەنسىرەتمەي تۇرالمىدى. ئۇ بىردەم ئىشىك ئالدىدا تۇرغاندىن كېيىن قىزلارنىڭ قېشىغا قايتىپ كىردى. قىزلار ھېلىمۇ بېشىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ قىزغىن سۆھبەتلىشىپ كەتكەن ئىدى. ھازىر كەيپىياتى سەل تۇراقلىق بولۇپ قالغان گۈلنارمۇ ئازادە ئولتۇراتتى. دەل شۇ چاغدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا كىرىپ كەلگەن ئالىم:
− يامان بولدى، مەن گوڭشىدىكى قۇرۇلۇشنى چۆرگىلەپ كەلسەم سەيدىخاچام يوق تۇرىدۇ، − دېدى. بۇنى ئاڭلىغان گۈلنار ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ:
− نېمە ئاناممۇ؟ ئانام نېمىشقا يوق. ياسىن قايتىپ كېتەيلى، − دەپ جىددىلىشىشكە باشلىدى. ئالىم:
− ئەھۋالنى سىزگە ئېيتمىساق بولمىدى گۈلنار، ئاخشام ياسىن ئەلىنىڭ سىزگە ھەم ئانىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغىنىنى ئاڭلاپ قالغانىكەن، شۇڭا بىز سىزنى بۇ يەرگە ئەكىۋالغان، ئەمما ئەمدى قارىسام سەيدىخاچاممۇ يوق.
− نېمە؟ ئەلى دېگەن بىر نېمىدە شۇنداق يۈرەك بارمىكەن، ئاپلا ئانام نەدىدۇ، ئىزدىشىپ بەرسەڭلارچۇ؟...
شۇنداق قىلىپ ھەممە بىرلىكتە ئۆيدىن چىقتى. تۇرداخۇن ئۇستام تېخىچە قايتىپ كەلمىگەچكە ئالىم نۇرنىسانى يالغۇز قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىمۇ ئېلىۋالدى. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھويلىسىدىكى ئېلىكتىر چىراقلارنىڭ نۇرىدا ئاندا - ساندا يورۇپ تۇرغان يول بىلەن گۈلنارنىڭ ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. گۈلنارلار يېتىپ كەلگىنىدە راستىنلا ئۆيدە ھېچكىم يوق بولۇپ چىقتى. جىددىلەشكىنىدىن گۈلنارنىڭ كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ كەتكەنىدى. ئادەتتىمۇ سەيدىخان ئۆيگە كەچ قايتاتتى ئەمما بۈگۈن نېمىشقىدۇر گۈلنارنىڭ يۈرىگى ئۆيۈپ تۇرغاچقا ئەنسىرەپ بولالمايلا قالغانىدى. شۇ چاغدا ئالىم:
− يۈرۈڭلار، پەيچۇسوغا بارايلى. ئەنۋەر سوجاڭلار ساقچىخانىدا بولمىسا ئاندىن باشقا يەرگە بارارمىز. ئۇلارنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاۋۋال تىۋىش چىقارماي بېرىپ قاراپ باقايلى، ئەمما سىلەر ئىككىڭلار ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇرساڭلار، بىز ياسىن بىلەن بېرىپ كەلسەك بولارمىكىن، − دېدى. گۈلنار ئىتتىكلا:
− ياق مەنمۇ بارىمەن، − دېدى. ئالىملار ئۇنىڭ گەپ يېمەيدىغانلىغىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇيەردە قالسىمۇ تازا بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئويلاپ  ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلالماي، ھەممىسى پەيچۇسو تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ چاغدا ئاللىقاچان ئېغىر ئەلياتقۇ مەھەل بولۇپ قالغان ئەتراپ تىمتاس بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار راستىنلا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يېزا ئورگىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ تىۋىش چىقارماي پەيچۇسونىڭ كەينىگە كەلدى ۋە دېرىزىدىن قارىدى. قارىدىيۇ ھەممە قاتتىق چۆچۈپ بىر - بىرىگە قاراپ قالدى. نۇرنىسا گۈلنارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ قوقۇنچلۇق بىر مەنزىرە ئايان بولغانىدى، ئۆي ئىچى كۈن نۇرلۇق لامپىنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن بولۇپ، پولدا بىر ئايال يېرىم يالىڭاچ ياتاتتى، ئۇنىڭ ئەتراپى قېپ - قىزىل قان بىلەن بويىلىپ كەتكەن، دېرىزە تەرەپكە قاراپ تۇرغان كۆزلىرى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالدا چەكچىيپ قالغان بولۇپ ئېنىقكى ئۇ سەيدىخان ئىدى. جەسەتنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئەلى قولىدا قان تېمىپ تۇرغان خەنجەرنى تۇتۇپ تۇراتتى. ئىشىك يېنىدىكى جاۋەننىڭ قېشىدا بولسا قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ئەنۋەر سوجاڭ كۆزلىرى ئالاق - جالاق ھالدا ئەلىگە قاراپ تۇراتتى. ياسىن بىلەن ئالىم گۈلنارنىڭ توۋلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا قارىدى. گۈلنار دېرىزىگە تىكىلگىنىچە ھۇشىنى يوقاتقان ئادەمدەك قاراپ تۇراتتى. قولىنى نۇرنىسا چىڭ سىقىۋالغانىدى، بىرچاغدا ئۆي ئىچىدىن:
− جېنىم ئۇكام، پىچاقنى تاشلا، مەن سېنى قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلما دېگەنىدىمغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېمە دەپ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ مېنىڭ ئىشخانامدا پىچاق سالىسەن؟ − دېگەن تىترەك ئاۋاز ئاڭلاندى. ئەلىنىڭ كۆزلىرى ناھايىتى قورقۇنچلۇق تۈس ئالغان بولۇپ ئۇ مەسخىرىلىك ھىجىيىپ قويۇپ:
− ھا...ھا... ئەنۋەر دېگەن ئوغرى، مېنى نېمە كۆرۈپ قالغانىدىڭ، خوتۇنىنى جايلىسام يەنە مېنى خوجام، دەيدۇ دەپ ئويلاپ قالغانما؟ ئۇقۇپ قوي مەن سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق لېڭتاسما ئەمەس. گەرچە ئۆزۈمنىڭ ياخشى ئادەم ئەمەسلىكىمگە، باشقىلارغا تۇزاق قۇرىدىغان، ئالدامچى، قىزىل كۆز ئىكەنلىكىمگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكىدەك قاتىللىقمۇ قىلالايدىغان ئەسكى ئادەم ئىكەنلىكىمگە ئىشەنسەممۇ، خوتۇنىنى سولاپ بېرىدىغان، لامزەللە ئەمەسمەن، ماڭا مۇشۇ پۇرسەتنى كۈتكىلى ئۇزاق بولغان. مانا قارا ماۋۇ سەيدىخان دېگەن جالاپ سېنىڭ ئىشخاناڭدا ئۆلدى. ئۇنىڭغا ، سىزنى ئەنۋەر سوجاڭ چاقىرىدۇ، دېسەم تىزلا كېلىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەردى. بۇ نەق مەيداننى سەن ئۈچۈن تەييارلىدىم، شۇنداق ئۇنى سەن ئۈچۈن ئۆلتۈردۈم، بۈگۈن ساقچىخانىدا سەنلا دىجۇرنى بولۇپ قالغان، شۇڭا مەن ھازىردىن باشلاپ يوق، ھەممە ئىشنى سەن قىلغان بولىسەن، كەچۈرگىن، سەنمۇ ھازىرلا پىچاق يەپ ئۆلىسەن، ئاندىن پىچاقنى قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويسام، باشقىلار سىنى سەيدىخاننى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ، دەيدۇ. مەن بولسام، سەيدىخاننىڭ قىزىغا، گۈلنارغا ئۆيلىنىمەن، گەرچە ئۇ مېنى ياخشى كۆرمىسىمۇ ئۇنى چوقۇم ئالىمەن، ئاندىن ئۇلارنىڭ پۈتۈن بايلىقىغا ئېرىشىمەن - ھا،ھا...سەن تېخى خىيالىڭدا ئەلى سەيدىخاننى ئۆلتۈرىۋەتسە سەيدىخاننىڭ بايلىغىنى بىللە تۈگىتىمىز، قىزىنى يەنە مەن ئاۋۋال جايلايمەن، دەپ خام خىيال قىلغانمىدىڭ، ھۇ مۇناپىق ئوغرى، − دەپ تىل سالغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
− ئۇكام، نېمىلەرنى دەۋاتىسەن،  مەن...مەن سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئادەم ئەمەس، خەقلەرنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمە؟ مەن سېنىڭ خوتۇنۇڭغا چېقىلغىنىم يوق، بەلكى ئايالىڭ بۇرۇنقى ئويۇنلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق گەپ تارقاتقان بولىشى مۈمكىن. جېنىم ئۇكام، مەن راستلا ئۇ ئىشلاردا پاكمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ساڭا ئامراق ئەمەسمۇ؟
− تۈفىي، مېنى تۈگەشتۈرۈش بەدىلىگە ماڭا ئامراقمۇ سەن، مېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرگەن سەن ئىت. سېنىڭ ئۇز گېپىڭگە ئالدىنىپ سېنى قۇيىۋىتىمەنما؟ شۇ تاپتا سېنى قۇيىۋەتسەم مەندەك ئامراق ئادەمنىڭ قوللىرىغا سەن ئاۋال كويزا سالارسەن؟ سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىشلىرىدىن ھەرگىزمۇ تېنىۋالالمايسەن!. مەن ھەم سېنىڭ پاك ئىكەنلىكىڭگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن، سەن ھايۋان مېنىڭ قاچامغا چېقىلغاندىن بىرى مەن چۈشۈمدىمۇ سېنى ئۆلتۈرۈپ چۈشەيتتىم. تېخى مۇشۇ يەرگە ياللانمىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ يوغان ئىش قىلدىم دەپ قارامسەن، مەن مۇشۇ پۇرسەتنى كۈتۈپ بۇيەردە ئىشلەپ كەلگەن ئۇقتۇڭمۇ؟ − ئەلى شۇنداق دېگەچ دېۋەيلىگىنىچە تەمتىلىگىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ئەنۋەر سوجاڭنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەمما ئەنۋەر سوجاڭ چاققانلىق بىلەن يېنىدىكى جاۋەننىڭ تارتمىسىنى تارتىپلا ئىچىدىن بىر تاپانچىنى ئالدى ۋە ئەلىگە تەڭلەپ:
− ھۇ سويما. مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ، مەن سېنىڭ خوتۇنۇڭغا راستىنلا چېقىلمىغان، يەنە تېخى سېنى ئادەم قىلىپ قويسام سەندىن كەلگەن ۋاپا شۇمۇ، −  دەپ يېنىغىلا كېلىپ قالغان ئەلىگە تاپانچىنى بەتلىگەچ شىلتىدى ۋە:
− قولۇڭدىكى پىچاقنى تاشلا بولمىسا مېڭەڭدىن تۆشۈك ئاچىمەن، − دەپ ۋارقىرىدى. ئەلى ئەنۋەر سوجاڭنىڭ قولىدىكى تاپانچىنى كۆرۈپ دەقىق مەڭدەپ قالدىيۇ:
− كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇقى بىلەن مېنى قورقىتىمەن دېمە، بۈگۈن سېنى ئۆلتۈرگىنىم ئۆلتۈرگەن، − دېدى ۋە كېلىپلا بۇنداق بولىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ ئۈلگۈرمىگەن ئەنۋەر سوجاڭنىڭ كۆكرىگىگە پىچاق سېلىۋەتتى. ئەمما ئەلى پىچاقنى سۇغۇرۇپ قايتا يەنە بىر پىچاق سېلىشىغا گۈم قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىككىلىسى سەيدىخاننىڭ ئايىغىغىلا يىقىلدى. گۈلنار تاپانچىنىڭ گۈم قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ خۇددى ئۇيقۇدىن ئەمدىلا چۆچۈپ ئويغانغان ئادەمدەكدەك:
− ئانا! − دەپ قاتتىق بىر چىقىراپلا نۇرنىساغا يۆلىنىپ قالدى. ئۈنىنى چىقىرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي تۇرغان ياسىن، ئالىم، نۇرنىسالار بۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە يەنە ئۇزاقراق قاراپ تۇرۇشقا تاقەت قىلالمىغان ھالدا گۈلنارنى يۆلەپ قايتىپ كەتتى.  ھازىرلا قورقۇنۇچلۇق بىر مەيدان تېراگىدىيە يۈز بەرگەن بۇ ئورۇن بارغانسېرى كېچە قوينىغا غەرق بولماقتا ئىدى.
گۈلنارنى يۈدۈپ كېتىۋاتقان ياسىننىڭ يۈرىكى شۇتاپتا كۆكرەك قەپىزىگە پاتماي سوقىۋاتاتتى. بۇ ھەرگىزمۇ گۈلنارنى يۈدىۋالغانلىقىدىن، سۆيگەن ئادىمىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىدىن پەيدا بولغان ھېسىيات بولماستىن، ئالىملارنىڭ يېنىدا ئۈنسىز كېتىۋىتىپ نېمىشقىدۇر مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە ئاللىقانداق قورقۇنچ ۋە سىقىلىش ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقانلىغى، ئالىمنىڭ قورقۇمسىز، مەردانىلىقى ھەم باياتىنقى ئىشلارنى كۆرۈپ پەيدا بولغان ئالاھىدە ھېسىيات ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قەلبى نۇرلانغاندەك بولۇپ گەرچە ئەتراپ كېچە قاراڭغۇلىغىغا غەرق بولغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھايات نىشانىدا يورۇق بىر يول  پەيدا بولغانلىغىنى ھېس قىلماقتا ئىدى....
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-06 13:25 |
يولۋاس
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 45 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 45 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھىكايە ناھايىتى ياخشى بەدىئىي تىل بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئوقورمەننىڭ يۈرەك-تارىسىنى چىكىۋىتىدىكەن. ئاپتۇرغا كۆپ رەھمەت، ھەممىنى تولۇق ئوقوپ چىقتىم. مەردلىك ھەم باتۇرلۇقنىڭ، ئادەملەردىكى ۋىجدان بىلەن مۇھەببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.

بۇنداق ئىشلارنى جەمىئەتتە يوق دىيىشكە ئاجىزمەن، چۈنكى ھاياتتىكى ھەر بىر قەدەمدە، ئىزىڭ قالغاندەك، جەمىئەتتىكى ئىشلارنىمۇ كۆزىمىز ھەم قۇلىقىىمىز بىلەن بىلىپ تۇرىمىزكەن.

ھىكايىدىكى ياسىن بىلەن ئالىمنىڭ ئوبرازى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئۇلارغا مەسلىكى كەلگۈدەك دەرىجىدە تەسۋىرلىنىپتۇ، ھىلىمۇ مۇشۇنداق ئوغلانلىرىمىز ھازىرمۇ ھايات بار، لىكىن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە چۈشىنىشكە ئىرىشەلىسە، ھەقنى ئاللا تونوتسىلا، بۇنداق ھەققانىيەتچى يىگىتلىرىمىز ھىلىھەم مەۋجۇت، لىكىن ھەققانىيەتنى بۇرمىلايدىغان ئەنۋەر سوجاڭلار كۆپىيىپ قالغاچقا، ئۇلارغا ھەققانىيەت دەرۋازىسى ئىتىكلىك بولۇپ قالدى.

گۈلناردەك پاك- مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان قىزلىرىمىز ئازلاپ قىلىۋاتىدۇ.

ئەلىدەك قارا-كۆڭۆل ئەرلەرنىڭ ھاياتى ئاخىرى شۇ قارىلىق بىلەن تۈگەيدۇ.

سەلىمبايدەك، سەيدىخاندەك شەھۋەت بىلەن كۈن ئۆتكۆزىدىغانلار جەمىئەتتە بەكلا كۆپ، بەزى ھاجىم بايلارنىڭ ئۈچ-تۆتتىن ئايالى بار دەپ ئاڭلىدىم(بۇ مەلۇمات ئىشەنچىلىك)
لىكىن بۇلار ئۆلگەندە قىلغان گۇناھىغا يارىشا ئىچىنىشلىق ھەم پەسكەشلىك ئىچىدە ئۆلۆپتۇ.  ياراتقان  ئاللا رەھمەت قىلمىسا بىكار.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-06 19:14 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتى