karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 1481 قېتىم كۆرۈلدى
qinyvrak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1239
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 177 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 167 سوم
تۆھپە: 95 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 98 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پاكىز يۈرەك ۋە ئۇيغۇر جەمىئىتى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-05-31)
رەسىم:
پاكىز يۈرەك ۋە ئۇيغۇر جەمىئىتى

            ئۇ ئۆزى ئىشىنىدىغان بىر كۈچتىن تىلەك تىلىدى «ماڭا پاكىز يۈرەك ئاتا قىلغىن!» توساتتىنلا ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ يىنىك ھېس قىلدى چۇنكى ئۇ تىلىكىگە يەتكەنئىدى.
          ئۇ بىر كۈنى ماشىنىسى بىلەن ئىتتىكلا يولغا چىقتى، بەكلا ئالدىراش كىشى بولغاچقىمىكىن ماي تەپكىسىنى چىڭلا دەپسىدى، چىرايلىق ئائىلە ماشىنىسى شۇڭقاردەك جانلىنىپ، 120كىلومېتىر سائەتلىك تىزلىك بىلەن شۇڭغۇشقا باشلىدى، يىراقتىن قايسى بىر خىش باسقان يۈك ئاپتۇموبىلى كاتاڭغا چۈشكەندە، سېرىلىپ كەتكەن، ئاسپالىت يولدا قاتناشنىڭ راۋانلقىغا ئېغىر توسقۇن بولىدىغان، رەتسىز ،خېلى جىق خىش پارچىلىرىنى كۆردى،ئۆزىنىڭ ئالدىراش بولغىنىغا، ماشىنا سۇرئىتىنىڭ تېز بولىشىغا قارىماي يولنىڭ چېتىدە توختىدى-دە يولنى ئادالىدى.
پاكىز يۈرەك كىشىلەرنىڭ ھەر بىر قەدىمى پاكىز تاشلىنىدۇ، ھەر بىر ئىشى پاكىز بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئاللىقاچان شەخسىيەتتىن ھالقىپ كەتكەن،گۈزەللىكنى سۆيگەن،كىبىر، تەمەدىن يىراق، ئادەم ياش توككۈدەك دەرىجىدە ئېسىل ئەخلاققا تولغان بولىدۇ، ھەرقانداق بوران- چاپقۇن، ھىيلە-نەيرەڭ، مالۇ- دۇنيا ئۇلارنىڭ يېڭىلا سېغىلغان سۈتتەك پاك ۋۇجۇدىنى بۇزالمايدۇ.
            مەن تارىختا ئوتكەن بىر پادىشاھنى تونىيمەن،« سالاھىددىن» دىسە، كىتاپ جازىسىدىكى،باش مۇقاۋىسىغا،بېشىغا ساۋۇت كەيگەن، ئۇچىسىغا روپاش ئارتقان،سول يېنىغا ئۆتكۈر قېلىچ ئاسقان، سول قولىدا قېلىچنى تۇتۇپ، يىراققا نەزەر تاشلىغان، سالاپەتلىك گىنىرالنىڭ سۇرىتى چۈشۈرۈلگەن، تولا ئوقۇلغانلىقتىن ئۇپىراپ قالغان، يۇمشاق مۇقاۋىلىق كىتاپنى، كىتاپخۇمار، كىتاپ ئوقۇمىسا ئۇيقۇسىغا قانمايدىغان ئەزىمەتلىرىمىز  ئېسىگە ئالماي قالمايدۇ.
          مۇندىن مىڭ يىللار ئىلگىرى ئىسلام دۇنياسىنى ئەھلى سەلىپ ئىستىلاسىدىن ساقلاپ قالغان ھۆرمەتلىك قەخرىماننىڭ تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق ئۇنىڭ ھاياتى- پائالىيەتلىرىگە، كۆرسەتكەن قەخرىمانلىقلىرىغا، ھەق ئۈچۈن بېغىشلانغان پاكىز قەلبىگە ئاپىرىن ئوقۇماي، قايىل بولماي تۇرالمايمىز،ھاياتىدا بىر دۆۋلەتكە پادىشاھمۇ بولغان بۇ سۆيۈملۈك قەخرىماننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاياتىغا قارايدىغان بولساق تولىمۇ ھۆرمەت بىلەن ئىسسىق بىر تامچە ياش تۆكمەي قالمايمىز، ئۇ مەڭگۈگە كۆز يۇمۇپ، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان چاغدا، مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھېساۋات بانكىسىنى سۇرۇشتۇرگەندە، ئۇنڭ بايلىق ئامبىرىدىن پەقەت ۋە پەقەت بىر يېرىم دىنار، بادۇيوقى بىر يېرىم دىنار مال-دۇنياسى چىققانلىقىنى،ئۇنىڭ پاكىز يۈرىكىنى،ئەتلى ئادىللىقىنى كۆرگەن جامائەت چىن، يۈرىكىدىن يىغلاپ تۇرۇپ،«بىزگە يەنە ئاتاقىلغىن! بىزگە يەنە ئاتاقىلغىن! »دىگەن سۆيۈملۈك ئىتىقاد دۇردانىسى ئارقىلىق پاكىز يۈرەككە بولغان مەڭگۈلۈك ئىززەت-ئىھتىرامىنى بىلدۇردى.
            مانا بۇ مېنىڭ تەپەككۈرۈمدىكى يەنە بىر پاكىز يۈرەك!!، «تاپقىنىڭنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ بارالمايسەن،چۈنكى كىپەنلىكنىڭ يانچۇقى يوق،پەقەت ھەمىراھ بولىدىغىنى ھاياتلىقىڭدا توغرا يول ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئەقىل،سەرىپ قىلغان مال-دۇنيا،خىيانەتسىز ئۆتكۈزگەن ۋاقىت ۋە تىرىشىپ قولغا كەلتۇرگەن ياخشى ئەمەللەر» دىگەن ئۇلۇغ ھەقىقەتنى قەلبىگە پۈكۈپ،ئەتلى-ئادىللىقتىن ئىبارەت ئالىي دەرىجىلىك بەخىت ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ تاشلىغان تولىمۇ پاكىز يۈرەك!!!.
          پاكىز يۈرەكلەر جاھان رەنالىرى ئىچىدىن ئەڭ سۈزۈك ئاقىل ئۈىچە-مارجانلىرىنى سۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ياشاش مىزانى، قىممەت ئۆلچىمى قىلىدۇ،ئاشۇ كامالەت، ئاشۇ قۇدىرەت چەكلىگەن چاكىنا- چىركىنلىكلەرگە يېققىن يوللىمايدۇ،ئاشۇ قۇدىرەت، ئاشۇ دىيانەتتىن چاقنىغان يورۇق نۇرغا ئەبەدىي ئەگىشىدۇ، ئالتۇن كولدۇرمىدەك ياڭراق ئاۋازلارغا مىننەتسىز، ئاكتىپائال ئاۋازقوشۇدۇ.
         مۇندىن مىڭ يىللار ئىلگىرى قارىخانىلار سۇلالىسىدە پۇتكۈل بەدىنىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر بۇۋاق دۇنياغا ئاپىرىدە بولدى ئۇنىڭغا ئاتا- ئانىسى سۇتۇق بۇغراخان دىگەن چىرايلىق نامنى ھەدىيە قىلدى،ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىي ئابدۇكېرەمخان دەپ ئاتىدى ئۇ ئۇستازىنىڭ بىر قوللۇق،پاك قەلب بىلەن تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە تولىمۇ ئەقىللىق، تولىمۇ زىرەك چوڭ بولدى، ئاشۇ قۇدىرەت، ئاشۇ كامالەت، ئاشۇ دىيانەتنى تاپتى،ئۆزى مەردانىلىك بىلەن باشلامچى بولۇپ 950-يىلدىن كىيىنكى روھىيەت تارىخىمىزنىڭ، شانلىق تارىخىمىزنىڭ يېڭى بېتىنى ئاچتى.
             تارىخ بەتلىرىنى توختىماي ۋاراقلايدىغان بولساق قات- قاتلىرىدىن پاكىز يۈرەك ئادەملەرنى ئۇچۇراتماي قالمايمىز ۋە ئۇلارنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك،قىممەتلىك ھاياتى- پائالىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بايراقدارى» نامىدىكى مەڭگۇتاش يازمىلىرىنى ئۇچۇراتقىنىمىزدا ئاتۇش بۇيامەتتە دۇنياغا كەلگەن، ئىستىداتلىق، پاكىز يۈرەك كىشىمىز مەمتېلى توختاجى (تەۋپىق) ئەپەندىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىمىز ، ئۇ 20يېشىغا كەلگەنگە قەدەر دىنى بىلىم ئۆگەنگەچ ،ئاتىسىنى ئەگىشىىپ يۈرۈپ،قەشقەر ،خوتەن،ئىلى،ئاقسۇلاردىكى قەۋىم-قېرىنداشلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر خۇراپاتلىقىدىن ئىبارەت «كونا كىسەل»نىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان، مىللى ۋە سىنىپى زۇلۇمنىڭ تومۇر تاپىنى ئاستىدا ئىڭىراۋاتقان ئېچىنىشلىق تۇرمۇش مەنزىرسىنى كۆرۈدۈ . بۇ تولىمۇ ئازاپلىق، تىراگىدىيىلىك كۆرىنىشلەر ياش يۈرەكنىڭ قەلب تارىنى تىرىڭڭڭڭىدە چىكىپ، ۋەتەن سۆيگۈسى، ھەدە-سىڭىل، ئەل-مەھەللىگە ھەقىقى ئەركەكلەرچە مەسئول بولۇشتەك پاكىز روھنى پەيدا قىلىدۇ. «چىقىش ئېغىزى»ئىزدەشتەك ئىزتىراپلىق خىياللاردىن ئەڭ ئۈلگىلىك ،پاكىز يول ھىجىرەتنى تاللايدۇ، مىڭ بىر جاپادا ئىلى ئارقىلىق روسىيەگە ئۆتىدۇ، روسىيە دارىلفۇنۇندا ئوقۇيدۇ، بۇنىڭدىن قانائەت تاپمىغان ئەل ئوغلى تۇركىيەگە ئۆتىدۇ، بىرمۇنچە سەرسانلىقلاردىن كىيىن بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ، مانا مۇشۇنداق ھەممىگە تونۇش سەزگۈزەشتىلەر ئۇنى تاۋلايدۇ، ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىلىم-پەن مائارىپى،پەن-تېخنىكا مائارىپى ئىكەنلىكىنى تونىتىدۇ،بۇخىل پاكىز تەپەككۈر مائارىپ باشلامچىمىزنى بىر ئوبدان خىىزمىتىنى،ئەمدىلا باشلانغان كۆڭۈللۈك تۇرمىشىنى تاشلاپ، يۇرتقا قايتىپ كىلىشكە ئىلھاملاندۇردۇ، ئاشۇ ھەيدەكچىسىز ئۆز مەسئولىيىتىنى ئادا قىلىشتەك پاكىز يۈرەكنىڭ يىتەكچىلىكىدە تۇرلۇك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاتۇش ئېھساقتىن باشلانغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپىنى باشلىۋېتىدۇ، ھەتتاكى ئۇنىڭغا جاننى ئاتايدۇ .
           مەن تارىخشۇناس ئەمەس،بىراق ئۆز تارىخىمنى يازماقچى، پاكىز يۈرەك ئوبرازىنى سىزماقچى بولدۇم، ئەگەر مۇشۇ تۈز ۋە تېز سىزمام ئۆزتۈرۈكلەرگە بىر تامچە سۇنى نەمۇرۇتنىڭ يېلىنجاپ تۇرغان ئۆتىغا چېچىپ قويغان قۇچقاچنىڭكىچە بولسىمۇ پاكىز يۈرەك، ساپ قەلب ئاتا قىلالىسا بۇ مېنىڭ بەختىم .
          ئۇيغۇر جەمىئىتى دېڭىزدا كېتىۋېتىپ،قارا تۇمانغا يولۇققانلىقى تۈپەيلىدىن شارقىراتما يولىغا كىرىپ قالغان، ئۈچ،تۆت يۈز مېتىر ئىگىزلىكتىكى تارىخى شارقىراتمىدىن چۈشۈپ كەتكەن،ئەسلىھەلىرى بۇزۇلغان، چاك كېتىپ يېرىلغان نوھنىڭ كېمىسىگە ئوخشايدۇ بەزىلەر سەرپايى سېتىش بىلەن ئالدىراش، بەزىلەر « نەفىسە» تەتقىقاتى بىلەن تىنەش، بەزىلەر «جۇبا»دىن،«دىبا»دىن كۆپ پۇل تېپىۋالغىنىغا خۇش، بەزىلەر مۇستاپا كامالنىڭ ئۇرۇشتا كېسىلىپ كەتكەن بارمىقىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە، بەزىلەر پۇلنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ چىركاۋغا كەتتى خېلى كۆپ بەزىلەر سۇۋادان تىرەك كۆچىتىنى پەرۋىش قىلىپ بىچارە، نىمە سەۋەپتىنكىن بىلمىدىم،بىلسەممۇ دىيەلمىدىم بۇ كېمىنىڭ كۈنسايىن چاك كەتكەن يېڭى دەزلىرى ئاۋۇپ قىيامەت ۋەھىمىسى پەيدا قىلماقتا.
           پاكىز يۈرەك بۇ كېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان يار يىلىمىدۇر، بۇ غايەت زور كېمە ئۆزئىگىلىرىنىڭ، مىڭلىغان ئونمىڭلىغان كېمە خوجايىنلىرىنىڭ، ماتۇروسلارنىڭ ۋۇجۇدىدا كېچەلەيدىغان روھ تىكلەپ،زور مىقتاردا يار يىلىمى ھازىرلىشىغا، خام ماتىريال بىلەن تەمىنلىشىگە مۇختاج.
        پاكىزيۈرەك-ساپ ئەقىلدۇركى،ئۇ قەلب ئىگىسىنى سەمىيمى بولۇشقادىيانەتلىك بولۇشقا، ئاقكۆڭۈل بولۇشقا ئۇندەيدۇ. ئىمانىي مۇكەممەللىك – پاكىز يۈرەكنىڭ تاكامۇللىشىشى،ئۇ قەلب ئىگىسىنى ئەلاقىي باتۇرلۇققا، ئۇممەتى قېرىنداشلىققا،ئىنسانىي مەجبۇريەتنى ھەقىقى چۈشۈنۈپ،ئۇنى ھاياتى دۇنيادا ئادا قىلىشقا چاقىرىدۇ .
ئۇ تىلەك تىلەپ، تىلىكگە يەتتى. مەنمۇ توختىماي تىلەك تىلەۋاتىمەن! بىز ھەممىمىز سەمىيمى قەلب بىلەن بىرلىكتە تىلەك تىلەيلىكى، تىلىكىمىز ھاسىل بولغانغا قەدەر.
      « بىزگە پاكىز يۈرەك ئاتاقىلغىن!!!!!!!!!.......................»
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-26, 09:53
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-26 09:50 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 517
شۆھرەت: 3325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3311 سوم
تۆھپە: 1860 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1894 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 965(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەڭرى ئىنسان ۋۇجۇدىنى ئەسلىدىنلا پاكىز ياراتقان ئىدى،ئەمما قان،مۇھىت،تىل،ئاتموسفىرا،ۋە مۇھەببەت ئىنساننى خىلمۇ-خىل يۇرەكلەر بىلەن رەڭلەپ چىقتى.
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 12:14 |
iztirap1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1161
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 650 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 660 سوم
تۆھپە: 372 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 372 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 186(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چىن يۇرەك ئەپەندى،پاكىز يۇرەك ئۇقۇمى توغۇرلۇق كۆپ ئىزدەنگەنىدى.ئۇنىڭ بۇ توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى بىۋاستە ئاڭلاپ ئۇلۇغ بىر ئىدىيىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئىشەنگەنىدۇق.ئەپسۇس،بۇ پىشقەدەم ئۇستاز ئۆز ئىدىيىسىنى ئىپادىلەشتە مەلۇم كۆرۇنمەس دوقاللارغا دۇچ كەلگەنمۇ قانداق،بىۋاستە سۆھبەتتىكى پۇراقنى ھېس قىلالمىدىم.ئەلۋەتتە بۇ بىز ئاپتۇرلار دائىم دۇچ كىلۋاتقان مەسىلە.بەلكىم چىن يۇرەك ئەپەندىمۇ قالغىنىنى بىزنىڭ ئۆيلاپ تەپەككۇر قىلشىمىزغا قالدۇرغاندۇ.ئاخىردا بۇ ئۇستازغا  ياراتقۇچىنىڭ ئىنايىتى بولسۇن.
[ بۇ يازمىنىiztirap1دە2011-05-26 18:42قايتا تەھرىرل ]
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان يەرگە قادا.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 17:58 |
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 925 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 964 سوم
تۆھپە: 492 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 492 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1018(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پاكىز يۈرەكتىن چىققان پاكىزە تىلەكلەرگە كۆز تەگمىگەي. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزمۇ، ئىنسان تېنىدە بىر پارچە گۆش بولۇپ، ئۇ تۈزەلسە ئىنساننىڭ تۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇزۇلسا ئىنساننىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى مۇبارەك ھەدىسىدە بايان قىلغان.
دەرۋەقە، توغرا ئەقىدە تەننى توغرا يولغا خورىتىدۇ، بۇزۇق ئەقىدە بۇزۇق يولغا خورىتىدۇ. ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى شەيتان بىلەن پەرىشتە ھەرۋاقىت ئۈستۈنلۈك تالىشىپ تۇرىدۇ. شەيتىنىنى يەڭگۈچىلەرگە ياخشى ئاقىۋەت نېسىپ بولىدۇ.
ياراتقۇچىمىز ھەر بىرىمىزگە توغرا ئەقىدە ئاتا قىلغاي.
hawar
چ چ:1272497571
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-27 10:38 |
nur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 200
شۆھرەت: 1138 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1144 سوم
تۆھپە: 667 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 668 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 119(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر__  ئەگەر پاكىز يۈرەكلەر ،پاكىز يۈرەكنىڭ ئىلھامى بىلەن بىر يەرگە يىغىلىدىغان بولسا، ئەييۇھەنناس!  جەمىيىتىمىز بۇ دۇنيانىڭ جەننىتىگىلا ئايلانغان بولاتتى.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-27 10:50 |
tohotur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 729
شۆھرەت: 3957 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3958 سوم
تۆھپە: 2335 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2338 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1607(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەيسەر يۇرەك ، پاكىز يۇرەك ، توخو يۇرەك ، گۆشتىن پۇتكەن يۇرەك ، چويۇندەك قاتقان يۇرەك،  جىم تۇرما يۇرەك ، قىپقىزىل قان يۇرەك ،
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-27 10:52 |
motiwarlar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
شۆھرەت: 665 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 665 سوم
تۆھپە: 373 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 373 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 573(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پاكىز يۈرەك بولغاچقىلا ياخشى ئەمەللەر  شەخسىيەتسىز  بولىدۇ.ئەگەر ھەممە ئادەم ياخشىلىقنى بىراۋغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلىدىغان  بولسا  ئاللىقاچان قىيامەت قايىم بولارمىدى دەپ ئويلاپ قالىمەن.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-05 16:53 |
manzil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3333
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
شۆھرەت: 415 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 428 سوم
تۆھپە: 244 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 244 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پاكىز يۈرەكلەر  پاكىز تىلەكلەر   ياراتىقۇچىنىڭ رەھمىتىسىز  كۆكلىيەلمەس...ئاللھقا تەشەككۈر
شۇنىڭ بىلەن  بىرلىكتە نۇرغۇنلىغان پاكىز يۈرەكلەرگە تەشەككۈر.......
hawar
يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن، ياۋۇزلۇ ق قىلىدۇ!!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 18:16 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 259
شۆھرەت: 1310 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1320 سوم
تۆھپە: 783 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 783 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھالال ياشاش ، پاك ئېتىقادلىق بولۇش  ئەسلىدىنلا  ئىنسانغا خاستۇر .

ئۇلۇق ئاللاھ ،  ھەممىمىزگە ئۆز يۈرىكىمىزنى تىڭشىيالىغۇدەك ، پاكلىيالىغۇدەك  غەيرەت - شىجائەت ئاتا قىلسۇن !
sarkar
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-08 10:12 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر