بىز شۇنداق ياشىشىمىز كىرەككى
جەميەتتىكى ھەر بىر ئىنسان ئىنساندەك ياشىشى كىرەك ،يالغان ئېيتماسلىق،ۋەدىگە ۋاپا قىلىش،ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق،ئۆز ۋۇجۇدىنى تازلاپ ھەقىقى ئىنساندەك ،ھەقىقى ئەر كىشىدەك،ھەقىقى ئانىدەك ياشىشى كىرەك،دۇنيا مىڭلىغان ،ئونمىڭلىغان كىشىلەرنى كۇتىۋالدى،ئاشۇ كىشىلەر نام- نىشانسىز بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالدى،ئۇنتۇلۇپ كەتتى،بىراق ياخشى نام،ئىسىل ئەخلاق ئۇنتۇلمىدى،بولۇپمۇ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كىتابى ۋە سۆز- ئۆگۇتلىرى ئۇنتۇلمىدى،بۇ تۇپراق ئۇستىدىكى تۇپراقلارنىڭ ھەم تەغدىرى ھەم قىسمىتى ئىدى ،بىز شۇنداق ياشىشىمىز كىرەككى، بىزدىن كىيىنكىلەر پەخىرلىنىپ بىزنى ياد ئىتىدىغان بىزنىڭ ئەخلاقىمىزنى ،پاكىز ئىش-ئىزلىرىمىزنى ئەۋلادلىرىغا سۆيۇنۇپ سۆزلەپ بىرىدىغان بولسۇن.
مەن مەكتەپتە ياخشى ئوقىمىغان بولغاچقىمۇ ،باشقىلار ھەمىشە مىنى ‹‹يارىماس ،قولىدىن ئىش كەلمەس›› دەپ مىنى ياراتمايتتى،كۆزگە ئىلمايتتى ،شۇڭا دائىم ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم تۇۋەن بولغاچقا خۇدۇكسىرەپ ياشايتتىم،مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ كۆپلەپ پۇل تېپىشنى چۇشۇمدىمۇ كۆرەتتىم، شۇ كۇنى ئانام قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن بولغاچقا دۇختۇرىخانىدا يېتىپ قالغان ئىدى،مەن دۇختۇرخانىغا تاماق ئاپىرىش ئۇچۇن ئاشخانىغا بېرىپ سۇيۇق –سەلەڭ تاماق قىلدۇرۇپ تۇرۇشۇمغا ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقان لۇكچەك،بىكار تەلەت بىر نەچچە ساۋاغدىشىم ئۇچىراپ قالدى،
-ھوي ئالىم كىلە ،بىردەم ھال-مۇڭ قىلىپ پەيزى قىلىمىز،
شۇنىڭ بىلەن بىز تۆت ساۋاغداش ئولتۇرۇپ ئوقىۋاتقان ۋاقىتتىكى ئەسلىملەرنى سۆزلەپ تەڭشىلىپ كىتىپتىمىز ،ئەتىسى كوزلىرىمىزنى ئېچىپ ،يۇز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ دۇختۇرخانىغا ماڭاي دەپ تۇرىشىمغا :
-ھوي ئالىم ،ماۋۇنىڭدىن بىر رومكا ئىچە،بولمىسا كەچتىكى ھاراق قويۇپ بەرمەيدۇ ،دەپ بىر رومكا ئىچىرۋەتتى ،ئامالسىز دۇختۇرخانىغا بارسام مەندىن ھاراق پۇرىمىسۇن دەپ،يەنە ئولتۇرۇپ قالدىم ،چۇش بىر ۋاقىتتا بىر كىچىك بالا ھاسىراپ-ھۆمۇدىگىنچە :
-ئالىمكا،ئانىڭىز ئاخشام تۇگەپ كىتىپتۇ،سىزنى تاپالمىغان بولغاچقا جامائەت بۇگۇن پىشىندىن يېنىپ مىيىتنى يەرلىككە قويۇپ بوپتۇ.
بېشىمدىن تاغ يىقىلغاندەك بولۇپ كەينىمگە قىڭغىيىپلا قالدىم ،كۆزلىرىمدىن ياش تاراملاپ تۆكۇلمەكتە ئىدى،‹‹ئاپا››،‹‹ئاپا›، دىگىنىمچە ئورنۇمدىن قوپۇپ ماڭماقچى بولدۇم ،ئەمما ساۋاغداشلىرىم مىنى تۇتىۋلدى.
-ئالىم ،بولدى قىل ،بونداق بارساڭ بولمايدۇ،سەن بارساڭ بولمايدۇ،ئاغىنلىرىم مىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان ئىدى.‹‹ئاپا››،‹‹ئاپا››‹‹ئاپا مىنى كەچۇرەرسەنمۇ ئاپا›› ئىچ-ئىچىمدىن يىغا تىغلاپ تۇراتتى ،ئۆپكەم ئۆرىلىپ ئۆزەمنى زادىلا تۇتىۋالالمايتتىم،ئاچچىقىمدا ھاراق سورىندىكى ھاراقلارنى ئۇرۇپ چېقىۋەتتىم،داستىخاننى تىپىپ ئۆرىۋەتتىم،ساۋاغداشلىرىم مەندىن خىجىل بولغاندەك ماڭا ئۇنسىز قاراپ :
-- بولدى قىل ئالىم ،بۇنداق قىلما،ئۆزەڭنى تۇگەشتۇرۋالسەن.
مەن بېشىمنى تامغا ئۇرغىنىمچە ئۆكسۇپ=ئۆكسۇپ يىغلاشقا باشلىدىم.
ئەتىسى جامائەت يەرلىكتىن قايتقان ۋاقىتتا قەبرىستانلىققا كەلدىم ،ھىچكىم قالمىغان بولۇپ بىر نەچچە تەكلىپ قىلغان قارى مۇڭلۇق قىرائەت قىلىۋاتاتتى،مەن ئانامنىڭ قەبرىسىگە ئۆزەمنى ئاتقىنىمچە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم،خۇددى كۆك ئاسمان باھار پەسىلدە تارام-تارام يامغۇر تۆككەندەك مەنمۇ ئۆزەمنى زادىلا تۇتىۋالالمىدىم،شۇ ئەسنادا بىرسى كەينىڭگە قارا دىگەندەك كەينىمگە قارىسام دادام كۆزلىرىدە ياش :
-نەلەردە يۇردۇڭ،ئاڭلىسام ئىشەك سۇيدىگىنى ئىچىۋېلىپ مەس بولۇپ قالغاچقا مىيىتكە ئۇلگىرىپ كىلەلمەپسەن،ئاناڭ رەھمىتى،جان ئۇزۇش ئالدىدا سىنى توختىماي بىر كۆرۋالسام بولاتتى دەپ يولۇڭغا بەك قاراپ كەتتى،لېكىن سەن كەلمىدىڭ،ھەتتا مىيىتىگىمۇ كەلمىدىڭ،دادامنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىققاچقا ،مەن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرغىنىمچە سىرتقا قاراپ يۇگەردىم ،قەلبىمدە،پۇشمان،ئازاپ،ھەسرەت،ئىزتىراپ ،كۆزلىرىمدە يىپى ئۇزۇلگەن ياش تاراملاپ تۆكۇلەتتى،جامائەتكە،ئەل- يۇرتقا قانداق قارايمەن،قانداق يۇزۇمنى كۆتىرىپ يۇرۇيمەن،ئاخىرى ئۇرۇمچىنىڭ پويىزىغا چىققىنىمچە يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كەتتىم.
ئۇرۇمچىنىڭ ئىگىز بىنالىرىمۇ،قىستا-قىستاڭ قاتناش،ئۇششاق يايمىچىلارنىڭ توۋلاشلىرى ئادەمنىڭ قۇلاق-مىڭىسىنى يەيتتى،‹‹ بىركۇي،بىر كوي ئامىرىكىنىڭ داڭلىق پايپاقلىرى››،‹‹ بەش كۇي،بەش كوي ئامىرىكىنىڭ داڭلىق ئاياقلىرى›› ھەيران قالدىم ،نىمە دىگەن ئەرزان مەن ھېلقى داڭلىق ئاياقتىن بىرنى ،پايپاقتىن بىرنى ئالدىم ،داڭلىق ئاياق،ۋە داڭلىق پايپاق كىيگەچكە ئۆزەمنى خېلىلا سالاپەتلىك ھىس قىلدىم ،مەن بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلىمىسەم مىنىڭ ئازغىنە پۇلۇم بىر نەچچە كۇنگىمۇ يەتمەيدىغىنى ئېنىق ،شۇنىڭ بىلەن ئاشخانا-ئاشخانىمۇ يۇرۇپ خىزمەت ئىزدىدىم ،نىمە ئىش قىلالايسەن،مەن ‹‹ھىچنىمە›› دىگەن جاۋابتىن باشقا سۆزنى بىلمەيتتىم،شۇنىڭ بىلەن بىر ئاي ئۇيەر بۇيەرلەردە ئىشلەپ 500 يۇەندەك پۇل تاپقان ئىدىم ،كەچلىگى ياتقىچە مىڭبىر جاپادا تاپقان پۇلۇمنى بىر قېتىم ساناپ بولۇپ شۇنچىلىك تاتلىق ئۇخلاپ قالاتتىم،چۇشۇمدە نۇرغۇن پۇل تېپىپ چۇش كۆرەتتم ،بىر كۇنى مەدىكارلار تۇرىدىغان بازارغا بېرىشىمغا بىر ئۇچ چاقلىق موتۇ مىنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۇكامۇي بىر سائەتلىك ئىش بار،50 يۇەن بىرىمەن ئىشلەمسەن ،مەن دەرھاللا ماقۇل بولدۇم،ئۇنىڭ موتۇ مىنگەن تۇرقىدىن مەرت ۋە سېخلىغى چىقىپ تۇراتتى،ئۇ يولدا ماڭغاچ قىلىدىغان ئىشنى چۇشەندۇردى،مىنىڭ ئۇيۇم 2-قەۋەتتە ،ئۆينىڭ ئاچقۇچى يۇتۇپ كەتكەن بولغاچقا قۇلۇپنى چاقىمىز،ئاندىن ئۆيدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا توشۇيمىز،مەن سەل ھەيران بولغان ھالدا،قۇلۇپنىغۇ چاقارمىز ئۆيدىكى نەرسىلەرنى قانداق توشۇيمىز،ئۇ ئاچچىقلانغان ھالدا مەن 50 يۇەنگە بىكار سىنى ئىشلەتمىدىم ئۆزەڭ توشۇيسەن ئاندىن 112-نومۇرلۇق ئەسكى-تۇسكىلەرنى يىغىش ئورنىغا ئاپىرىپ ساتىمىز،چۇنكى ئۆي سايمانلىرى بەك كونىراپ كەتتى،مەن ساڭا ئۆينى كورسىتىپ قويۇپ باشقا جايغا بارىمەن ،سەن ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن چوقۇم تىلھوزۇر،توڭلاتقۇنىلا ئېلىپ چۇش مەن رىمۇنتچى چاقىرىپ ئىشىكنى ئوڭشايمەن،مەن ئۇ كورسىتىپ قويغان ئىشىكنى بولقا،بازغان،لوم تومۇرلەر بىلەن شۇنچە قېيىشىپمۇ زادىلا ئاچالمىدىم،بولقا ئاۋازىدىن ئىشىك ئالدىغا نۇرغۇن كىشىلەر توپلىشىپ كەتتى،مەن تېخىمۇ كۇچەپ ئىشلىدىم،ئۇھ ئاخىرى ئىشىكنى چېقىپ توڭلاتقۇنى مىڭبىر جاپادا موتوغا باستىم شۇ ئەسنادا ج خادىملىرى كىلىپ قولۇمغا كويزا سېلىپ ئېلىپ كەتتى ،ئۇلار كۇپكۇندۇزدىلا ئوغرىلىق قىپسەن،موتو ئوغىرىلاپسەن دەپ ماڭا بىر مۇنچە گۇناھنى ئارتتى ،مەن ھەرقانچە چۇشەندۇرسەممۇ ئۇلار مىنى سولاپ قويدى ،ئارىدىن بىر نەچچە كۇن ئۆتكەندىن كىيىن مەندىن قانچىلىك پۇلۇم بارلىغىنى سۇرىدى ،مەن راستچىللىق بىلەن 500 يۇەن بارلىغىنى ئېيتتىم ،ئۇلار بىرىنجى قېتىم ئوغىرلىق قىپسەن شۇڭا 500 يۇەن جەرىمانە قويۇپ قويۇپ بىرىمىز يەنە تەكرارلانسا كىسىلىپ كىتىسەن ،ھازىردىن باشلاپ يۇرتۇڭغا قايت،بۇ شەھەردە جان باقالمايسەن ،دەپ مىنى ئاپتوبۇس بېلىتى بىلەن يۇرتۇمغا سېلىپ قويدى،ھەيرانلىق،ۋە ئىزتىراپ بىلەن يۇرتۇمغا قاراپ يول ئالدىم.....
دۇنيا مىڭلىغان ،ئونمىڭلىغان كىشىلەرنى كۇتىۋالدى،ئاشۇ كىشىلەر نام- نىشانسىز بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالدى،ئۇنتۇلۇپ كەتتى،بىراق ياخشى نام،ئىسىل ئەخلاق ئۇنتۇلمىدى،بولۇپمۇ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كىتابى ۋە سۆز- ئۆگۇتلىرى ئۇنتۇلمىدى،بۇ تۇپراق ئۇستىدىكى تۇپراقلارنىڭ ھەم تەغدىرى ھەم قىسمىتى ئىدى .