300-70 -1 oztil xj 50
بۇ تېما 202 قېتىم كۆرۈلدى
bagdaxadabiyati
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 128
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 520 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 490 سوم
تۆھپە: 260 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 260 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 داڭلىق سېھرىگەر -داۋد كوپپورفىلدنىڭ ھېكايىسى

          

       ئۇ ئامىرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتىدا، بىر نامرات كۆچمەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن تارتىنچاق، ئىچ مېجەز بولۇپ، ھېچنىمىنى بىلمىگەچكە تەڭتۈشلىرى ئۇنى ياقتۇرمايتى. ھەر قېتىملىق ئىمتىھانىدا، ئۇ ھامان ئارقىدىكى بىرقانچە قاتارىدا ئىدى. ئۇ دائىم تارتىنىپ تۇرۇپ« بىلمەيمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەچكە ئوقۇتقۇچىمۇ ئۇنىڭدىن سۇئال سورىمايتى. كۆپچىلىك ئۇنى « دۆت، ساراڭ قېتىش» دەپ قارايتى. بۇرادەرلىرى ئۇنى زاڭلىق قىلىپ ، ئۇ مەڭگۈ مەغلۇبىيەتچى، مەغلۇبىيەت بىلەن قېرىنداش، دېيىشەتتى. خوشنىلارمۇ ، بۇ بالا كەلگۈسىدە ھېچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېپچىقالمايدۇ، دېيىشەتتى.  ئۇ تىرىشقان بولسىمۇ، نەتىجىسى كۆرۈلمىگەنىدى. دەرسلەردىكى تىرىشچانلىقى نۆل ئىدى.
         ئۇ ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرغىنىدا، مەكتەپكە بېرىشتىن، يەنە مەسخىرىگە قېلىشتىن قورقاتتى. ھەتە ئاخىرلىدىا ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئوتلاقتا خۇشال ئويناۋاتقان بالىلارغا قاراپ كەلگۈسىدىن ئۈمىتسىزلىنەتتى.
كۈنلەر ئۆتمەكتە. مەكتەپ ئۇنى نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرمەكچى بولدى.
          بىر قېتىم ئۇ بىر بوۋاينىڭ چاشقان تىتىۋەتكەن بىر دوللار پۇلغا قاراپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزى يىغقان بىر دوللار پۇلىنى بوۋايغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇنى سېھىر ئىشلىتىپ پەيدا قىلدىم ، دەيدۇ. بوۋاي چەكسىز مىننەتدار بولۇپ، ئۇنى سەمىمىي ھەم ئاقكۆڭۈل بالا ،دەيدۇ.
         دادىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى بوستونغا ئاپارماقچى بولىدۇ. ئۇ « بوستونغا ماشىنىدا بارغىلى بولىدۇ» دەيدۇ. دادىسى « ئۇنداقتا ماشىنىدا بارايلى» دەيدۇ. ئەما، ئارلىقتىكى بىت بېكەتتە دادىسى نەرسە سېتىۋالغىلى چۈشۈپ، ماشىنىغا ئۈلگۈرەلمەيدۇ. ماشىنا ئۇنىڭ ۋاقىراشلىرى ئىچىدە ئالغا ماڭىدۇ. ئۇ بەكلا قورقۇپ« ماشىنا بولمىسا، دادام بوستونغا قانداق بارار » دەپ ئويلايدۇ. ماشىنا بوستونغا بارغاندا قارىسا، دادىسى بىكەتتە ساقلاپ تۇرغان، ئۇ ئۆزىنى دادىسىغا ئېتىپ، دادىسىنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى سورايدۇ. دادىسى« ئات مېنىپ كەلدىم» دەيدۇ.
        ئۇ بەكلا ھەيران قالىدۇ. دادىسى « پەقەت مەنزىلگە يەتسەكلا قانداق ئۇسۇل بولسا، نېمە كارىمىز، ئوغلۇم، سېنىڭ ئۆگىنىشتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقىم ھەرگىزمۇ باشقا تەرەپتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقىڭدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز باشقا بىر شەكىلنى ئالماشتۇرۇپ باقايلى » دەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇ بىردىنلا ئۇيقىدىن ئويغانغاندەك بولىدۇ.
كېيىن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئكز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقى تۈپەيلى ئازاپلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ناۋادا بىر سېھرىگە ربولۇپ، ۇلارغا ياردەم بەرسەم گەرچە يالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ روھىي ئازابىنى بىرئاز بولسىمۇ يەڭگىللىتەرمەن، دەپ ئويلايدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن ئۇ سېھرىگرلىككە ئىشتىياق باغلاپ، سېھرىگەرلىكنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.
        ئۇ ئۆز غايىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى باشلىۋىتىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇدتاز بولغان سېھرىگەر ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە تالانتى بارلىقىنى ، ناھايىتى تېز ئۆگىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ئەسلىدىكى ئاساستا يېڭىلىق يارىتالايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ناھايىتى تېزلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى ئۇنىڭغا يېتىشەلمەي قالىدۇ. ئۇ ئوقۇتقۇچى ئالماشتۇرىدۇ . شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە، ئۇ تۆت سېھرىگەرنى ئالماشتۇرىدۇ.كېيىن ئۇ نامى مەشھۇر سېھرىگەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇ دەل –داۋد كوپپورفىلدتۇر.
        بەزىلەر ئۇنىڭدىن قانداق مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىنى سوراشقىنىدا ئۇ « دادام ماڭا، مۇۋەپپىقىيەت مۇقىم بىر بېكەت، بىز قانداق يېتىش ئۈچۈن باش قاتۇرىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماشىنىدىكى ئورۇننى تالىشىدۇ. ئورۇن قالمىغانلار كېيىنكى ماشىنىنى ساقلايدۇ. ئەمما، بىز نېمە ئۈچۈن ئاتقا مىنىڭ ياكى پاراخۇتقا ئولتۇرۇپ مەنزىلگە يېتىشنى تاللىمايمىز؟ ئۇنداق بولغاندا، بىزمۇ بارالايمىز ئەمەسمۇ؟ دېگەن. بىز پەقەت شەكىلنى ئالماشتۇردۇق ، خالاس.
         ئاخىرىدا داۋد كوپپورفىلد يەنە « كېيىن مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دادامنىڭ ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدىم » دېگەن.



باغداش تورى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ ! رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !


تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-26, 16:46
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-26 16:45 |
tohotur

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 385
شۆھرەت: 2162 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2167 سوم
تۆھپە: 1271 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1274 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 723(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

« كېيىن مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دادامنىڭ ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدىم »


مۇنۇ جۇملە ماڭا بەك ياقىتى ، ئاتا ئانا بولغۇچىلار قۇرۇق گەپنى ئازراق قىلىپ مۇشۇنداق يېرىم پەدىلىك  كۆمۇديە ئورۇنلاشتۇرسا بولغۇدەك ،  رەخمەت
music bagdax
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 19:48 |
iwirghol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 333 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 334 سوم
تۆھپە: 198 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 199 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 205(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇنىڭ سېھېرگەرلىكلىرىنى كۆرۈپ،ھەقىقەتەن ھەيران قالغان.بولۇپمۇ ئادەمنى پارچىلاپ يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ نەچچە كۈنلەرگىچە ئىسىمدىن چىقمىغان ئىدى.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 20:49 |
hacker
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 461 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 463 سوم
تۆھپە: 276 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 278 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 180(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ﭼﻪتئـﻪللىكنىڭ ﺗﻪﭘﻪككۇرى بوغۇلمىغان ... بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بىرەسى ئاشۇنداق دەرس بىلمىسـﻪ ئۇنى دۆت  دەپ قاراپ ئۇنىڭغا بولغان قارىشىمىز ئۆزگىرىپ ئۇنى كۆزگـﻪ ئىلمايمىز، ئۇنىڭمۇ ئاللاھ ﺗﻪرىپىدىن بىر ھېكمـﻪت بىلـﻪن يارىتىلغان ئىنسان ئىكـﻪنلىكىنى ئويلاپ قويمايمىز، ئېدىسونمۇ ﺋﻪسلىدە بىر ئويۇنچۇق چاقپـﻪلـﻪكنى ئوڭلاپ ياسىيالمايدىغان بالىكـﻪندۇق، نىيۇتونمۇ ساﺋﻪتنى تۇخۇم دەپ ﭼﻪﻳﻨﻪككـﻪ سـﻪۋەتكـﻪن ئاداشكـﻪنتۇق ! دېمـﻪك ﺋﻪسلى يارىتىلىشىمىز ئوخشاشتى . تـﻪربىيـﻪ ۋە ﺟـﻪمئىيـﻪت بىزنى ئۇلاردىن قالدۇردى....
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 21:23 |
iwirgholl

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 66
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 349
شۆھرەت: 2023 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2039 سوم
تۆھپە: 1166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1167 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 836(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئۇنىڭ بىر پويىز ۋاگونىنى يوقىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان! ھەرقانچە ھۈنەر ئىشلەتسىمۇ شۇنچە چوڭ ۋاگوننى چاندۇرماي يوقىتىۋېتىش ئاسان ئىشمۇ؟
تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 22:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر