ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى ۋە بالىلارنىڭ پىسخىك قابىليەت مەسىلسى ھەققىدە
سەن ئۆتمۈشكە تاپانچىدا ئوق ئاتساڭ،كىلەچەك ساڭا زەمبىرەكتە ئوق ئاتىدۇ.
_________ قۇددۇس ھەمزەتۇف
شەۋكەت ھامۇت
بىزدە چوڭلار دائىم
:<<بالىلار ئويۇنغا قېنىش كىرەك!>> دەپ تەكىتلەپ تۇرىدۇ.لېكىن بۇتخانا پەلسەپەسى ئۇنداق دىمەيدۇ.ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمنى ئەسلىسەم:
ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟
ئېغىلدىكى كالا بارمۇ؟
دەپ،بىمالال ئەركىن ۋارقىراپ ئوينايتتۇق.ھازىرقى بالىلار بولسا :
يانچۇقۇڭدا پۇل بارمۇ؟
ئوينايدىغان تور بارمۇ؟
دەپ،پىچىرلاپ سورايدۇ.پۇل بولمىسا ھەرگىز ئوينىيالمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرلىشىش ۋەزىيىتى ئېلىپ كەلگەن تۇرار - جاي قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگۈرۈش،ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت بىرلىگى،ئەخلاق بىرلىگى ۋە ئېتىقات بىرلىگىدە پارچىلنىش ھەم ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن،بالىلاردا ئادىمىلىك خىسلەتلىرى سۇسلۇشۇپ،ھايۋانى تەبىئەت ئەۋجىۋاتىدۇ.شۇڭا بۇ خىل ۋەزىيەتكە بىزدىن بالدۇر دۇچ كەلگەن چەتئەلدىكى خەنزۇ زىيالىلىرى كوڭزىنىڭ:<<شاگىرتلار دەستۇرى>> قاتارلىق كىلاسسىك نەمۇنىلەرنى قايتا نەشىر قىلدۇرۇپ،مەخسۇس ئەنئەنە تەربىيىسى دەرىسلىگى تەسىس قىلىپ،باشلانغۇچ ۋە ئالى مائارىپقا ئوموملاشتۇرۇۋاتىدۇ.توغرىسى،<< دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش>> ،<< سەككىز شەرەپ،سەككىز نومۇس مەسىلسى>> مەلۇم جەھەتتەيوقۇرقى ۋەزىيەتنىڭ بىر خىل تىزلىنىشىدن ئىبارەت.
تەبىئىكى،ئادەمنىڭ ساپاسى تەربىيەگە باغلىق. شۇڭا ئەنئەنە تەربىيىسىدىن مۇستەسنا ھالدا زامانىۋى مەدىنيەتنى،ئادىمىلىكنى،ئىللىق جەمىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش بىر خىل خام خىيالدىن ئىبارەت. يەنە كىلىپ مائارىپنىڭ مەخسىتى بويۇنتۇرۇققا لايىق كالا تەربىيەلەش ئەمەس!.
ئەلبەتتە،بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيا ،كىشىلەردىن بەلگىلىك دەرىجىدە پەن- مەدىنيەت،بىلىم قۇرۇلمىسى بولۇشنىلا ئەمەس، بەلكى زامانىۋى پىسخىك ساپانى،بولۇپمۇ ئادىمىلىك قابىليەتنىڭ بولۇشىنى كەسكىن تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.ئۇنداقتا ،بىز بۇ قابىليەتنى بالىلاردا قانداق يىتىلدۈرىمىز؟ ئىلگىركى ئاتا - بوۋىلار قانداق يىتىلدۈرگەن؟ بىزدە چوڭلار دائىم:<<بالىلار ئويۇنغا قېنىش كىرەك!>> دەپ تەكىتلەشتە قانداق ئالاھىدە سەۋەپ بار؟
شىۋىتسارىيەلىك پىسخولوگ پىياگېت :<< پىسخىكا ،تۇغما پىشىپ يىتىلىشتىنمۇ كەلگەن ئەمەس،كېيىنكى تەجرىبىدىنمۇ كەلگەن ئەمەس،بەلكى ھەركەتتىن كەلگەن >> دىگەن نەزىريىنى ئوتتۇرغا قويغان. مەسلە ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇمكى،ھەركەت بالىلار پىسخىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى.ئويۇن بالىلارنىڭ ئاساسى پائالىيىتى. شۇڭا ئۇيغۇرلار:<< بالىلار ئويۇنغا قېنىش كىرەك!>> دەپ تەكىتلىگەن.يەنە بىر جەھەتتىن ، ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى نوقۇل بالىلارنى ئوينۇتۇش،كۈيمەندۈرۈش، كۆڭۈل ئېچىش جەھەتتە بىر ۋاستە بولماستىن،بەلكى ئۇ مەلۇم پىسخولوگىيە ئىلمى نەزىر يىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن ،بالىلاردا مەلۇم پىسخىك قابىليەت يىتىلدۈرۈشنى ئاڭلىق نىشان قىلغان ،ئويۇن ئىچىگە ھەركەتنى،ھەركەت ئىچىگە مەخسەتنى يۇغۇرۇۋەتكەن ،بالىلارنىڭ ئۆزلۈك تەڭپۇڭلىغىنى ساقلايدىغان روھى تارازىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى بىلەن بالىلارنى ئوينۇتۇپ،ئۇلارنى يېڭى بىلىشكە، يېڭى قىزىقىشقا ئىگە قىلغىلى،بالىلاردا ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيىسى يىتىلدۈرۈپ،مۇھىتقا ماسلىشىش قابىليىتىنى ئۆستۈرگىلى، كەيپىياتنى تەڭشەپ،ئەسلى ئۆزلۈكنى ئېچىپ،يوشۇرۇن قابىليەتنى بايقاپ،بالىلاردىكى روھى توسالغۇنى كۆرسىتىپ،پىسخىكىلىق داۋالاشنى بىۋاستە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇدۇ.
مەسلەن ئالساق: بالىلارنىڭ تەپكۈچ ئويۇنى ،بالىلاردىكى سەزگۈ- ئىدراكنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ. دىققەتنى تەخسىملەشنى،بەدەننى ھەركەتكە تېز ماسلاشتۇرۇشنى ئۆگۈتىدۇ. بالىلارغا نومۇس- شەرەپ تۇيغۇسى بىرىدۇ، بالىلارنىڭ ئىرادە ئىندۇۋىندىئاللىغىنى پەرۋىشلەپ، ۋاقىت ئېڭى بىلەن رىقابەت ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ.شۇڭا تەپكۈچ ئويناپ ئۆسكەن بالىلار شوخ،ئەقىللىق ھەم غورورلۇق كىلىدۇ. بۈركۈت ئويۇنى بولسا بالىلارنىڭ تىل قابىليىتىنى ئۆستۈرۈپ،ئۇلارنى تۇرمۇشقا ئەقىل ۋە جاسارەت بىلەن يۈزلىنىپ ،كوللىكتىپنى سۆيۈشنى،ئىتتىپاق بولۇشنى،ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى ئۆگۈتىدۇ.كەپتەر ئوينۇتۇش ئويۇنى، بالىلارنىڭ سەزگۈ ،ئىدراك، ىاتىرە ،خىيال،تەپەككۈر قابىليىتى بىلەن مۇناسىۋەت قابىليىتىنى ئۆستۈرىدۇ.كەپتەر ئويناپ ئۆسكەن بالىلار تۇرمۇشتا قىزغىن،ھىس - تۇيغۇغا باي،ئەرك سۆيەر كىلىدۇ. دىمەك ،ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى شەكىل ۋە مەزمون جەھەتتىكى پەرقى بىلەن بالىلاردا تۈرلۈك پىسخىك قابىليەت يىتىلدۈرۈشنى مەخسەت قىلغان. ئوخشاشلا،تارىختىكى نۇرغۇن بالىلار ئويۇنلىرى، ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان،جانلىق پىسخولوگىيە دەرسخانىسى بولغان. نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرى مانا مۇشۇ دەرسخانىدا ئەركىن ،بىمالال پىسخىك مەسلەھەت ئالغان، ئۆزلۈكىنى تونۇغان، تۈرلۈك ئويۇن شەكلىدىكى كوللىكتىپ سىناقلاردا ئۆزىنى ئۆزى( بىشارەت ،مۇزىكا ،ھەركەت،،قايىتما ئىنكاس ئارقىلىق )داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.شۇڭا بۈگۈنكى ئيغۇر يەسلى-باشلانغۇچ مائارىپى ئۆز ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلىشى، بالىلارنىڭ پىسخىك قابىليىتىنى تەربىيەلەش مەسىلسىدە ،بالىلار ئويۇنىدىن ئىبارەت بۇ تەۋەرۈك ئەڭگۈشتەرنى ھەرگىز چۆرۈۋەتمەسلىگى كىرەك.
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى،قومۇل.
[ بۇ يازمىنىtuglukدە2011-08-11 23:16قايتا تەھرىرلىد ]