ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر!
مەن بۇ مۇنبەرنىڭ يېڭى بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىمنى سىزلەرگە سۇندۇم. مەن پەقەت ئەدەبىيات ھېرىسمەنى.
تەكلىپ ۋە تەنقىدىي پىكىرلەر بولسا كۆپلەپ بېرىشىڭىزلەرنى ئۈمىد قىلىمەن.
گۇناھ كىمدە
گۈلجەننەت مۇھەممەت
ھېكايە
گۇناھ ئىشلارنىڭ تۈرلىرى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامىنى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىۋېلىشتۇر. بەك چوڭ ئىشلار بولمىسا، بەك زور تەسىرى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن چوڭراق ئىشلار چىقىپ قالسا، ئاخىرىنى يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان پاجىئەلەرمۇ يۈز بېرىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ھېچكىم ھېچكىمنى قانات ئاستىغا ئېلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن. پەقەت بۇنىڭ ئىگىسى شۇ خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىنىڭ ئۆزىدۇر. گۇناھىنى تونۇش ئەڭ ياخشى. تونىماسلىق يامان ئىللەتتۇر ھەم يوقىتىشتۇر.
مەن بۈگۈن توي قىلىمەن. بۇ خۇشاللىق مېنىلا ئەمەس پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنى خۇشال قىلدى.
ھازىر مەن توي گىرىمى قىلدۇرۋاتىمەن. مەن بۈگۈن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتتىم. ئەسلىدىمۇ قونچاقتەك قىز بالا ئىدىم. ھەممىسىنىڭ مەسلىكى كىلەتتى. مەيلى گىرىم قىلىۋاتقانلار بولسۇن، مەيلى گىرىم قىلدۇرىۋاتقانلار بولسۇن، مەيلى دوستلىرىم بولسۇن ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي مېنى ماختاۋاتاتتى.
_ئاداش بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭ جۇمۇ. ھېلى يىگىتىڭ تونىيالماي قالىدىغان بولدى دە.
_ يىگىتىڭ دەيسەنغۇ، ئەتىگەن نىكاھ ئوقۇلدى ئېرىڭ دىمەمسەن ... ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشتى. مەنمۇ كۈلدۈم. مەن ھەقىقەتەن خۇشال بولغان ئىدىم. بۇ خوشلىقىمنىڭ بۇنچە قىسقا بولدىغانلىقىنى مەن خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم. بۈگۈن تويۇم بولدى، مېنىڭچە ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەشەددىي بولغان قاباھەتلىك چۈشۈم باشلاندى.
بىز ياسىنىشىپ دېگەندەك ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىشىپ، قىز ئولتۇرۇشى بولىۋاتقان رېستۇرانغا كەلدۇق.
ئاپام-داداملار، باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلار ھەممىسى مېھمانلارنى كۈتىۋاتاتتى. ھەممىسى مېنىڭ تويۇمغا تەنتەنە قىلىۋاتاتتى. لېكىن ئاشۇ بىچارە ئاپامغىلا بىر تال قىزنى ياتلىق قىلىشى سەل ئېغىر كەلدى. بۈگۈندىن باشلاپ مېنى تالالىق قىلىپ خەققە تۇتقۇزىدۇ. ئاپام كۈلەلمىدى. كۆز چاناقلىرىدا ياشلار ئەگىپ تۇراتتى. ئاپامنىڭ يېنىدا تۇرغان قولداش خوتۇنلار :- خۇش بولۇڭ، زۈمرەتخان، خۇش بولۇڭ، پەرھىز ئادا قىلىندى دەپ ئاپامغا تەسەللىي بېرىۋاتاتتى. گىرىمخانىدا خۇشال يېنىپ كەلگەن مەن ئەمدى يىغامنى توختىتالمىدىم. مەن ئۇلاردىن بۈگۈندىن باشلاپ ئايرىلىدىكەنمەن. مەن بۇنى بۇرۇن ھېس قىلماپتىكەنمەن. مانا مۇشۇ دەقىقىلەردە ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن ئەمدى بۇلارنىڭ ئەمەس ئىكەنمەن. ئۆزۈمنى خۇددى ئاتا-ئانىسى مەجبۇرىي باققۇسى كەلمەي، خەققە بېرىۋېتىلگەن 3-4 ياشلىق بالىدەك ھېس قىلىۋاتىمەن. لېكىن مەن كىچىك بالا ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ مەن ئەمدى ئۇلارغا ئەركىلەلمەيدىغان بولدۇم، ئۇلارغا قىيدىيالمايدىغان بولدۇم، ئاپامنى كۆپ قاخشىتىپتىمەن. دادامنى نۇرغۇن قېتىم ئۇھسىندۇرۇپتىمەن. بالا باققانغا راستىنلا تويغۇزغان ئوخشايمەن. نەچچە ۋاقىتتىن قىلچىمۇ بۇنداق ئويلىمايدىغان ئادەم بۈگۈن ھەممىنى ئويلاپ يەتكەندەك بولدۇم. ئەمدى سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى قىلاي دېسەممۇ قىلالمىغۇدەكمەن، چوڭلارنىڭ قىز بېقىپ نېمەڭ قالدى دېسە، بىر چېلەك يۇندىسى دېگىنى شۇ ئىكەن. بۇ گەپنىڭ تېگىگىمۇ ئەمدى تېخىمۇ بەك يەتكەندەك قىلدىم. ھەممە ئادەم بېشىغا كەلگەندە بىلىدىكەن. باشقىلار مېنىڭ تويۇمغا توي قوشماقتا ئىدى. مەن بولسام قەلبىمدە ماتەم تۇتماقتىمەن. خەقلەر تويۇڭدا مەجبۇرىي يىغلايسەن دېسە ئۇنىمۇ بىلمەپتىكەنمەن. مەجبۇرىي ئەمەسكەن. ئىچى-ئىچىدىن چىققان پۇشايمان، ئۆكۈنۈش، ئاچچىق ھەسرەت، ئايرىلىش ئازابى ئۈچۈن يىغلايدىكەن. يىغلىمايمەن دېگەنگە ئۇنىماي چىقىدىغان توي يىغىسى ئىكەن.
_يىگىتلەر كەلدى، قىزنىڭ يۈزىنى يېپىڭلار دېدى بىر دوستۇم ئالدىراش كىلىپ.
_تېز ، تېز ، قىزلار قۇچقاچلاردەك چۇرقىرىشىپ كەتتى. ئۇلار مېنى ئوڭشاپ قويدى.
يىگىتلەر كىردى.
-يىگىتىمىز نېمانچە قاملاشقان بۈگۈن دېدى قىز بېشى.
_ قىز تېخىمۇ چىرايلىق بولغاچقا ئېلىپ كەتكۈلى كەلدۇققۇ دېدى يىگىتلەرنىڭ بېشى.
_ئۇنداق ئاسان ئېلىپ كېتىدىغان قىز نەدىكەن دەيسىز، تۆش بېرىسىز تۆش.
_ قىزلار تۆش ئالمىغۇچە قىز بەرمەيمىز شۇنداققۇ .....
_ بىز تۆشنىمۇ بەرمەيمىز، قىزنىمۇ ئېلىپ كېتىمىز قانداق دېدىم يىگىتلەر دېدى يىگىت بېشى.
گارمونچى مۇزىكىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك چېلىپ، ئۈنلۈك ئېيتىشقا باشلىدى. ھەممەيلەن توي شادلىقىغا چۆمۈلگەن ئىدى. لېكىن مەن ئېچىلالمىدىم. ئاپامنىڭ سىماسى ئالدىمدا. مەن ئۇنىڭغا قىيالمىغۇدەكمەن. قانداقمۇ مېڭىپ چىقىپ كېتەرلەرمەن بۇ يەردىن....
بىز ھەممىمىز دادام-ئاپاملارنىڭ ئالدىغا ئاستا مېڭىپ كەلدۇق. چوڭلار مېنىڭ ئۆمۈرلۈك يولدىشىم دەپ قارالغان مەردان بىلەن ئىككىمىزنىڭ بېشىدىن نان تۇزلارنى ئۆردى. ھەممەيلەن رازىلىق دۇئالىرىنى بېرىشتى.
مەردان مېنى تارتىپ ماڭدى. كەينىمگە قانداق ئۆرۈلگىنىمنى بىلمەيمەن ئاپامغا ئېسىلىپ ھۈڭرەپ يىغلىدىم.
ھەممەيلەن :- بولدى قىزىم بولدى، تېز مېڭىڭ، تېز مېڭىڭ.
زۈمرەتخان بولدى قىلسىلا، يولدىن قويمىسىلا...
مەن كەتتىم. ئىچىمدە :- ئاپا ، دادا، مەندىن رازى بولۇڭلار دىدىم.
مۇزىكا ئىچىدە بىز كەتتۇق.
كەچتە ئوغۇل تەرەپتىمۇ توي شۇنداق ياخشى بولدى. توي قىزىپ خىلى ئەۋىجگە چىققان ئىدى. بىر ۋاقىتتا تويۇقسىز بىر تۇنۇش چىراينى كۆرۈپ قالدىم. كۆزۈمگە ئىشەنمىگەندەك يەنە بىر ئىزلەپ قارىدىم. يۈرۈكۈم قارتتىدە قىلدى. يۈرىكىم ئېغىشى تېنىمنى شۈركەندۈرۋەتتى. ئۇ تونۇش چىراي يەنە يوقاپ كەتتى. ئىچىمدە:- خىيالىمكەندە، دېدىم دە، كۆڭلۈمدە ۋاقىت ھېسابلىدىم، 12 يىل، بۇ يىل 12- يىلى ئىكەن. ئۇ تۈرمىدىن چىققانمىدۇ؟ يەنە ئەنسىز ئەتراپقا قارىدىم. يېنىمدىكى قولداش مەندىن:- ئاداش، ساۋاقداشلىرىڭ كەپتىمۇ، ئەجەپ قاراپ كەتتىڭغۇ؟
_ ھە، ياق ، ھە .... مەن كىكەچلەپ كەتتىم يەنە:- شۇنداق بىر ساۋاقدىشىمنى ئوخشىتىپ قالدىم. ئەمەستەك قىلىدۇ.
_زۇلپىيە، يۈر، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقايلىچۇ مەن قولداشنىڭ قۇلىقىغا بوش ئاۋازدا دېدىم. رېستۇران ئىچى مۇزىكىدا، ئۇسسۇل-ناخشىلاردا قىزىپ، قايناپ كەتكەن ئىدى. مەن مەردانغا سىرتقا چىقىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئىشارەت قىلدى. ئۇمۇ باش لىڭشىتىپ قويدى.
مەن قولدىشىم بىلەن تازىلىق ئۆيى تەرەپكە ماڭدىم. راستىنلا شۇ ئوخشىمامدۇ؟ ئۇ ئاۋۇ يەردە تۇرامدۇ قانداق؟
مەن دەرھال كىرىپ كەتمەكچى بولغان ئىدىم. ئۇ كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ:- قانداق، ئويلىمىغان بولغىيىتىڭىز نازاكەت.
مەن جايىمدا قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. بۇ دەل ھېلىقى ئاۋاز. مەن ئەڭ يىرگىنىدىغان ھېلىقى ئاۋاز. سەن كىىرپ تۇرغىن زۇلپىيە، مەن كەينىڭدىن كىرىمەن دېدىم.
زۇلپىيە كىرىپ كەتتى. ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كىلىپ:- قانجۇق، مەن چىقتىم. ئويلىمىغان بولغىيىدىڭ، بۈگۈنكىدەك بەختلىك كۈنلىرىڭدە پەيدا بولۇشۇمنى ھە! مەن ئەمدى سېنى كۈندە يوقلاپ تۇرىمەن. مۇشۇنى ساڭا ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن. سەن ئەمدى مېنىڭكىگە كۆنىسەن، كۆنمەيدىكەنسەن، مەن سېنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىڭنى خەلقى-ئالەم ئالدىدا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمەن دېدى_ دە، يەنە:- بۈگۈن ھەقىقەتەن چىرايلىق بولۇپ كېتىپسەن، دېدى ئۇ ئاغزىنى بوينۇمنىڭ يېنىغا يېقىن كەلتۈرۈپ، بەك خۇشپۇراق دېدى ئۇ ئەسەبىيلەرچە، مەن دەرھال ئۇنى ئىتتىرىۋەتتىم. ئاڭغىچە زۇلپىيە چىقتى.
مەۋلان:- ساۋاقداشلار سالىمىنى يەتكۈزدى دېدى زۇلپىيەگە يالغان كۈلۈمسىرىدى. ئۇ زالغا كىرىپ كەتتى.
زۇلپىيە:- ئاداش نېمانداق ئۇزۇن تۇرۇپ قالدىڭ.
مەنجاۋاب بەرمەيلا تازىلىق ئۆيىگە كىردىم. ئەينەككە قارىدىم. مېنى قاتتىق ۋەھىمە بېسىۋالدى. يۈرەكلىرىم ئەنسىزلىكتىن سوقۇش سۈرئىتى تېزلىشىپ كەتكەن ئىدى. _ئۇ نېمىشقا مېنى يوقلايدۇ، بۇ قانداق گەپ دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە، يەنە:-مېنىڭمۇ يولدىشىم بار بولدى. ئۇ قۇرۇق گەپ قىلىۋاتىدۇ دەيتتىم. ئۆزۈمگە شۇنداق ئىشەنگەندەك گەپلەر بىلەن تەسەللىي بېرىۋاتقان بولساممۇ لېكىن مەن ھەقىقەتەن قورقۋاتقان ئىدىم. :- بۇ تويدا ئۇ نېمە قىلىدۇ. بۇ يەردە تونۇشى بارمۇ يە؟ قەستەن مېنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلدىمۇ يە؟ بىرەر ئۇرۇق-تۇغقىنىمۇ يە؟ قورقۇنۇش چىرايىمغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. زۇلپىيە كەينىمدىن كىردى:- ئاداش ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
_ ياق، زۇلپىيە. مەن سەل چارچاپ قالغان ئوخشايمەن. يۈر چىقايلى دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىقتىم. ئۇ كەينىمدىن كۆينەكلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ چىقتى.
جايىمىزغا كىلىپ ئولتۇردۇق. مەردان:- نېمانچە ئۇزۇندا چىقىسىلەر، ئىچكىردىن كەلگەن ساۋاقداشلار بىر گە سۈرەتكە چۈشىۋالمىز دېگەن ئىدى سىز يوق بولۇپ قالدىڭىز دېدى.
_تازىلىق ئۆيىدە ئادەم كۆپكەن. شۇڭا دېدىم سەل تارتىنىپ. مانا مېنىڭ يالغانچىلىقىم ھازىردىن باشلانغان بولدى. مەن بۇ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم بولغان كىشىگە يالغان سۆزلەشنى باشلىۋەتكەن بولدۇم. لېكىن ئۇ بۇنى بىلمەيتتى.
توي يەنە ئۆز يوسۇنىدا قىزغىن كەيپىياتتا ئىدى.
مەن غىل-پال ئۇنى كۆرۈپ قالاتتىم. بىر ھازدىن كېيىن مەۋلان ئۇدۇل مەن تەرەپكە كىلىۋاتاتتى. مەن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ كۆزۈمنى يۇمىلۋالدىم.
_ ئاكا، بۇياققا كەل سۈرەتكە چۈشىۋالايلى، ئەتىگەندىن چۈشەلمىگەن ئىدۇق دېدى مەردان بىراۋغا.
مەن بېشىمنى كۆتۈردۈم. كۆزۈم ھەيرانلىقتا يوغىراپ چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى« مەۋلان، ئاكىسى، مەن ئەجەپ....»
-قانداقراق ئۇكا، بۈگۈن ساڭا قۇت كۈن جۇمۇ، مۇبارەك بولسۇن، بېشىڭلار باش، ئايغىڭلار تاش بولۇپكەتسۇن دېدى بىزنىڭ كەينىمىزگە ئۆتكەچ. ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئورۇندۇقى كەينىگە تۇردى. لېكىن قولىدا بىلىندۈرمەي مېنىڭ دۈمبەمنى سىلىۋاتاتتى.
مەن تىنالمىدىم، سۆز قىلالمىدىم. ئەگەر گەپ قىلساملا، مەن تۈگىشىمەن.
_ يەنە ئىككى پارچە تارتە ئۇكا، يەنە ئىككىنى دېدى مەۋلان سۈرەتچىگە.
ئۇ توختىماي دۈمبەمنى سىلىدى. مەن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا ئامالىسز قالدىم، مەجبۇرىي كۈلىۋاتىمەن. مەن خۇددى نىمجان بىر قۇشتەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم. بۇ سۈرەتكىمۇ چۈشۈپ بولدۇق.
_ بەك چىرايلىقكەنسىز سىڭلىم، مەردان بەختىنى تېپىپتۇ، بەخىتلىك بولۇڭلار دېدى مەۋلان. بۇگەپلەر ئوچۇقتىن-ئوچۇق ماڭا قىلىنغان تەنە سۆز ئىدى. ئەمما مەردان بۇلاردىن قىلچە خەۋەرسىز. ئۇ ئاكىسىنىڭ تىلەكلىرىدىن سۆيۈنگەن ئىدى.
_رەھمەت ئاكا دېدى مەردان.
_ بۇ قايسى ئاكىڭىز دېدىم مەن تۆۋەن ئاۋازدا، ئۇنىڭ قۇلىقىغا يىقىنراق كىلىپ.
_ ھازىر دەپ بەرسەم گەپ جىق، كېيىن ئايرىم بولغاندا تەپسىلىي چۈشەندۈرەي. لېكىن ئۆز ئاكامدەكلا دېدى ئۇ ماڭا سىنجىلاپ قاراپ يەنە:- بۈگۈن سىز پەرىلەردىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىپسىز دېدى.
مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خۇشاللىق تاپاي دېسەممۇ، ۋەھىمە چۈشىۋالغان كۆڭلۈم ئۇنى قاياقلارغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى.
_ئۇنىڭغا دەيمۇ دېمەيمۇ، دەي بولدى، دېمىسەم بولمىغىدەك، ياق دېسەم تېخىمۇ بولمىغىدەك، دېمەي، دېمەيمەن. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر. مەن خىيالغا چۆكتۈم.
ئاشۇ ئويۇننىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۆزۈمنى بىلمەي يۈرگەن ۋاقىتلىرىمنىڭ بىر كۈنى مەن ئۆيدە تارىنىپ، ياسىنىپ ئوينىغىلى ماڭماقچى بولدۇم.
ئاپام ياغلىقىنى ئوڭشىغاچ يېنىمغا كىرىدى. مېنىڭ ياسىنىپ بىر يەرگە مېڭىشقا تەمشەلگىنىمنى كۆرۈپ:- قىزىم، يەنە نەگە بارىسەن بۇ كەچتە، قارىغىنا سائەتكە، قانچە بولدى دېدى تامدىكى سائەتكە ئىشارەت قىلىپ.
_ ئاپا، دېدىم ئەركىلەپ ۋە يەنە:- بۈگۈن دوستۇم زىبانىڭ ئۆيىدە توغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى قىلىپتىكەن بېرىپ كىلەي، ماقۇل دېگىنە ئاپا. دېدىم ئاپامنىڭ شىلاپ يۈزىگە سۆيۈپ. ئاپام مۇشۇ كەمگىچە مېنىڭ سۆزۈمنى ئەزەلدىن رەت قىلىپ باقمىغان. نېمە ئۈچۈنكىن مېنى بىر بالا دەپ شۇنچىلىك ئارزۇلىغان ئىدى.
_ماقۇل قىزىم، كەچ قالما جۇمۇ، داداڭغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي كېتىدىكەنمەن دېدى ئاپام.
_ئاپا ئۇ يەردە ئولتۇرساق كەچ بولۇپ كېتىدۇ. مەن زىبانىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاي. ئەتە سەھەردىلا كىلىمەن. دادامغا كىچىك ئاپسىنىڭكىگە كەتتى دەپ قويغىنچۇ. يەنە ئەركىلىدىم.
_بالام تازا ياخشى بولماسمىكى، بۇنداق بولىۋەرسە ياخشى بولمايدۇ. بۈگۈن يېنىپ كەل بىلدىڭمۇ ، يېنىپ كەل دېدى ئاپام سەل قاپىقىنى تۈرۈپ. لېكىن ئاپامنىڭ شۇنداق دېسىمۇ قوشۇلغانلىقىنى مەن بىلىپ بولغان ئىدىم.
_ مەن ئەھۋالغا قاراي ھە ئاپا شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.
مەن ئۆيدىن چىقىپلا ، مەۋلانغا تېلېفون قىلدىم.
مەۋلان مېنىڭ يېشىمغا نىسبەتەن سەل چوڭراق بالا ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئەركەكلىكى، قەيسەرلىكى، باتۇرلىقى مەردلىكى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ئىدى. يەنە ئۇنىڭ قاراملىقىنىمۇ بىلەتتىم.
_سىز نەدە، مەن ھازىر ئۆيدىن چىقتىم.
_مەن ھازىر «ئۇچقۇر» دېسكوخانىسىدا. سەن مۇشۇ يەرگە كەلگىن دېدى ئۇ.
_ بولىدۇ دەپ شۇ يەرگە ماڭدىم.
مانا مۇشۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش، مۇشۇ قېتىملىق ئويۇن مېنىڭمۇ ھەم ئۇ مەۋلاننىڭمۇ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇ شۇ كۈنى مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي نومۇسۇمغا تەگدى. مېنى دەپسەندە قىلدى.
_مەن سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن، جېنىم، سەن مېنىڭكى، ئۇندىن كېيىنكى گەپلەر مۇشۇ بولدى.
ئەسلىدە بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە دېمەي يىغىشتۇرۋېتەي دېگەن ئىدىم. لېكىن ئىشلار يەنە ئويلىغىنىمدەك بولماي قالدى. ئىككى ئايدىن كېيىن بويۇمدا قالغانلىقىنى بىلدىم. ئەمدى قانداق قىلىمەن.
ئاپامغا بۇ ئەھۋالنى ئېيتتىم. ئاشۇنداق سۆرىشىپ يۈرۈپ دېگەندەك، ئاپام، داداملار بۇ ئىشتىنمۇ خەۋەر تاپقان بولدى. دادامنىڭ ئالدىدا يۈزۈم تۆكۈلدى. ئاپام مېنى بىر نەرسە دەي دېسە تېخى، دېمەي دېسە تېخى دىمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى.
داۋامى بار