ھىتتەنىڭ رولى توغرىسىدىكى ماقالىڭىزنى ئوقۇدۇم،يەنىلا شۇ سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىز بويىچە گۇمانتارلىق روھ پۇراپ تۇرىدۇ.سىزنىڭ پىكىر قىلىش يوللىرىڭىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆزگىچە،تۇرۇپلا مېنىڭ ئىسىمگە قومۇل 2-ئىلىكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان ئىسمايىل ياقۇپ دېگەن قېرىندىشىمىزنىڭ <<قومۇل ئەدەبىياتى>>ژورنىلىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا ئېلان قىلغان <<سېرىق ئىت>>تېمىسىدىكى يازمىسى كېلىدۇ.ئوخشاشلا گۇمانتارلىق روھ.
قېرىندىشىم،سىزنىڭ مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىڭىزغا ھەۋەس قىلىش بىلەن بىرگە،بەزىبىر تەكلىپلەرنى بىرىشنى لايىق تاپتىم.مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز قوبۇل قىلارسىز.
1.ئىنكاس يوللاش جەھەتتە،توردىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە،ھەق-ناھەق مەسىللىرىدە گۇمانتارلىق روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشلەر تەرىقىسىدە قىياس قىلىپ،بەزى تېمىلارغا نىسبەتەن گۇمانىي مەيداندىكى ئىنكاسلارنى يېزىپ،بۇ تېمىلارغا چىكىت قويۇپ قويىۋاتىسىز.شۇنىڭ بىلەن بۇ تېما تېگىشلىك دەرىجىدە جامائەت پىكرى قوزغىيالمايۋاتىدۇ.
2.ئاممىباپ تىل ئىشلىتىش نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر روھىيەت ساھەسىدە تېخىمۇ مۇھىم بولىشى مۇمكىن.
مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەش تەكىتلىنۋاتىدۇ،بۇ ھەقىقەتەن توغرا يول.لېكىن پىكىر قىلىش يوللىرىنى ئۇگىنىپ بولۇشتىن ئىلگىرى يىتەكلەش باسقۇچىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.
مەن بىر ئاددى ئىنسانلىق سالاھىيتىم بىلەن،سىزنى ئەل-قەۋمنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ،سۇيىدە ئاققۇچى ۋىجدان ئىگىسى دەپ قارىغاچقا بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن.ئاخىردا تۇرمۇش ۋە ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن. [ بۇ يازمىنىhawarدە2011-06-15 16:23قايتا تەھرىرلىدى ]