بۇلبۇر ئېيتۇر:گۈلزارىمدىن ئايرىما،
لاچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما .
مەن ئېيتۇرمەن:بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن،
مېنى خەلقىم قۇچاغىدىن ئايرىما.
......***.....***.....*** ......
شادلىق بىلەن قايغۇ قوشكىزەك ئىمىش،
مۆلدۈرگە باھارۇ كۈز بىردەك ئىمىش.
ئۇتۇقتا يوق دىمە ئوڭۇشسىىزلىقنى ،
كىشلىك ھاياتى شۇدىمەك ئىمىش.
......***.....***.....*** .....
قارىغاينىڭ كۆكلۈكى ،ئۇنىڭ زىننىتى،
تۈزلۇكى -ئۇنىڭكى قەدىر-قىممىتى.
ھەركىشى قارىغايدەك بولالىسا تۈز،
ئەل ئىچرە ساقلىنار ئىززەت-ھۆرمىتى.
مەنبە: ئۆمۈر مەنزىللىرى
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-01-13 11:07قايتا تەھرىرلىدى ]