نىكاھتىكى ياش ئالدامچىلىقى دىگەن نىمە؟
مىنىڭ بىر يىراق توغقىنىم 2004-يىلى چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئۆيلەنگەن بولۇپ،ئەينى چاغدا ئايالى تۇرغان يەر بىلەن ئارلىقى سەل يىراق ،ھەم خىزمىتى بەك ئالدىراش بولغاچقا تۈزۈكرەك چۈشۈنۈش ھاسىل قىلالمىغان.تويدىن كېيىن مۇناسىۋىتىمۇ بارغانسىرى ياخشى بولماي قالغان.2010-يىلىدىكى 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە ،تەسسادىپى ھالدا ئايالىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يېشىنى يوشۇرغانلىقىنى بايقاپ قالغان.ئەسلىدە ئايالى تويدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا نوپۇس دەپتىرىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈيىدە ساقلاپ كەلگەن بولۇپ ،ئىرىگە پەقەت كۆرسەتكىلى ئۇنۇمىغان.ئىرى نەچچە قېتىم نوپۇس لازىم بولۇپ قالىدۇ،نۇسخلاپ ئېلىپ چىق دىگەن بولسىمۇ ،ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەپ باھانە كۆرسىتىپ ئېلىپ چىققىلى ئۇنىمىغان.ئېرى ئازراق بىر ئىشتىن گۇمان قىلغان بولسىمۇ ئارتۇقچە زورۇقۇپ كەتمىگەن.بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشتە كىملىك،نوپۇس،توي خېتى قاتارلىقلار بىر يەرگە كىلىپ قېلىپ بۇ ئىش ئاخىرى ئاشكارا بولۇپ قالغان.ئەسلىدە ئايالى ئەينى ۋاقىتتا توي خېتىگە توغۇلغان يىلىنى دەل 3 يىل كىچىكلىتىپ يازدۇرغان .شۇنىڭ بىلەن بۇ خوتۇن بىردىنلا 3 ياش ياشىرىپ قالغان.كىملىك بىلەن نوپۇستىكى ياش ئوخشاش بولۇپ ،توي خېتىدىكى ياش 3 ياش كىچىك ئىكەن.ئىرى خوتۇنىنىڭ بۇ ياش يوشۇرغان ئىشىنى بىلگەن بولسىمۇ ،لېكىن خوتۇنىغا بۇ ئىشنى بىلىپ قالغانلىقىنى ئېيىتمىغان.لىكىن خوتۇنىنىڭ ياش يوشۇرغان ئىشىغا قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن.ھەم بۇ خوتۇن يېشىنى يوشۇرۇپ مىنى ئالدىغان دەپ قارىغان.بۇ راستىنلا ئالدامچىلىققا ياتامدۇ؟خەت كەسكۈچىگە مەسئۇلىيەت ئارتىلامدۇ؟كىمگە قانداق مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ؟ قانۇن مۇتەخخەسىسلىرى ۋە قانۇندىن خەۋىرى بار دوسىتلار تەلىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-06-06 03:08قايتا تەھرىرلىدى ]