turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«123»Pages: 3/3     Go
بۇ تېما 1219 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 118
شۆھرەت: 800 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 906 سوم
تۆھپە: 444 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 444 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن يەكۈنلىگەن ماتېرياللار ئاساسىدا چىقىرىلغان ئىلمىي خۇلاسە تۆۋەندىكىلەردۇر:
1> تارىم ۋادىسىدا تېپىلغان قەدىمكى جەسەدلەردىن ۋە ئاتۇش ئادىمىنىڭ تاشقاتمىسىدىن، تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن، قەدىمكى سەيياھلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن مەلۇمكى، ھۇن-تۈركىي تىللىق خەلقلەر خۇددى ئارىيان-ساك نەسلىگە ئوخشاش ھىندى-ياۋروپا ئىرقىغا، يەنى ئاق ئىرققا مەنسۇبتۇر. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە قۇمۇلدىن سىپرۇس ئاراللىرىغىچە تارقالغان شۇ كەڭ زېمىندىكى ئايرىلىپ كەتكىلى مىڭ يىل بولغان بارلىق تۈركىي مىللەتلەردە بۇ ئالامەت گەۋدىلىك ھەم ئۇلارنىڭ ئىرقى تىپىك ئاق ئىرىققا تەۋە.
2> ئۇرخۇن خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن خانلىق تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار باشقا يەرگە ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ قان-قېرىنداشلىرى ئولتۇراقلاشقان تارىم-جۇڭغار، پەرغانە ۋادىسى ۋە كەڭسۇ دىيارىغا كۆچكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىرقى ۋە مىللىي تەۋەلىكى پەقەت بىرلا، يەنى قاڭشارلىق، ئورا كۆز ھۇن-تۈركلەردۇر. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئاق ئىرققا تەۋەلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
3> قۇمۇل-تۇرپان ۋە باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلاردا ساقلانغان موڭغۇللوئىدلىق ئالامەتلەر جۇغراپىيلىك مۇھىت ۋە ئىرقىي قوشۇلۇشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدە ئۇيغۇرلار تەركىبىگە 200مىڭ موڭغۇل قوشۇلۇش بىلەن ئۇيغۇرلاردا موڭغۇللوئىدلىق ئالامەت شەكىللىنىش بىلەن بىرگە قۇمۇل-تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئۇزاق مەزگىل موڭغۇل ئىرقى بىلەن بىر مۇھىتتا ئارلىشىپ ياشاش جەريانىدا ئۇلاردا موڭغۇللوئىدلىق ئالامەت شەكىللەنگەن. بۇ خۇددى تۇغما ئۇرۇمچىلىكنىڭ بۇرنى جەنۇب ئۇيغۇرلۇرغا قارىغاندا سەل پەس بولغىنىغا، شىنجاڭدا تۇغۇلغان خەنزۇلارنىڭ ئىچكىردىكى خەنزۇلارنىڭ ئەكسىچە قوش قاپاق بولغىنىغا، گېرمان، پارىس ۋە ھىندىلارنىڭ ئەسلى بىر خەلق بولسىمۇ كېيىن ئوخشىمىغان جۇغراپىيلىك ماكان ۋە كىلىمات ئاستىدا ئۈچ خىل مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغىنىغا، ئەمما ھىندىلارنىڭمۇ يەنىلا پارىس ۋە گېرمانلارغا ئوخشاش ئاق ئىرققا كىرگىنىگە ئوخشاش ئىش.
4> تام سۈرئەتلىرى ۋە بالباللارغا كەلسەك، ئۇ بىر سەنئەت ئەسىرى بولۇپ، تەسەۋۋۇرنىڭ مەسىئۇلىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا ئادەملەر ئاساسەن سېمىز، يۈزى گۆشلۈك، قۇرساق سالغان ھالەتتە سىزىلغان بولۇپ، يۈزى گويا ئىششىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ھەتتا تىپىك ئاق ئىرقتىن بولغان پارسلارمۇ قەدىمىي دەۋردە ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ سىزمىچىلىقىدا ھەم مىڭ ئۆيلەردىكى پارىس سودىگەرلىرى ئەكس ئەتتۈرلگەن تام سۈرئەتلىرىدە يۇقارقى تەقلىدتە سىزىلغان. بۇ بەلكىم بۇددىستلارنىڭ سېمىزلىكنى ياقتۇرىدىغان گۈزەللىك قارىشىدىن بولسا كېرەك (چۈنكى، نۇرغۇنلىغان بۇددىزىم ئەسەرلىرى ۋە ھازىرقى زامان كىنولىرىدا راھىبلار، بۇددىستلار، بۇددا ئىلاھلىرىنىڭ سىرتقى ئوبىرازى ناھايتى سېمىز، يۈزلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن ھالدا يارىتىلغان). ھازىرمۇ سېمىز ئادەملەرنىڭ قاڭشىرى يوقاپ، كۆزى كىچىكلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ سۈرئەتلەرنى ئىرق ئېنىقلاشتا قوشۇمچە ماتېريال قىلىشقا بولىدۇكى، ئاساسىي ماتېريال قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگر بىز ئۇنى ئاساس قىلساق پارىسلارمۇ موڭغۇل ئىرقىغا تەۋە بولۇپ قالىدۇ.
5> تىل ۋە شىۋىنى ئىرق ئېنىقلاشنىڭ ئاساسى قىلىشنىڭ كۆپ ئورنى يوق. بىر مىللەت باشقا بىر مىللەتكە قېتىلىپ تىلىنى ئۆزگەرتسە ئۇنىڭ ئىرقىمۇ تەڭ ئۆزگىرىدۇ. ئەمما مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىپ تىل ئۆزگەرتسە ئىرقىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەسىلەن، تۈركلەر بىلەن بابۇر ئەۋلادلىرى.
6> تۈركىيە تۈركلىرى ئانادولىيىگە كۆچكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىرقىدا ئاق ئىرقلىق ئالامەت شەكىللەنگەن بولسا، نېمىشقا بىز بىلەن موڭغۇل ئىرقىدىكىلەرگە قارىغاندا تۈركلەرنىڭ ئىرقىي ئالامەتلىرى بەك يېقىن كېلىدۇ ھەم بۇ خىل يېقىنلىق تىپىكلىككە ئىگە بولىدۇ؟ ئىشەنمىسىڭىز تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدىكى يېزا كىشىلىرى بىلەن بىزنىڭ چىرايىمىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. يەنە كېلىپ بۇ خىل يېقىنلىق مىڭ يىلدىن بۇيان شۇنچە يىراق جۇغراپىيلىك ماكاندا ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ كەلگەن.
شۇڭا بىز يۈزەكى پاكىتلارنى تۇتۇپ تۇرۇپ مىللەتنىڭ ئىرقىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋەتمەيلى قېرىنداشلىرىم!
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-16 00:49 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 3/3     Go
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى