300-70 -1 oztil xj 50
بۇ تېما 176 قېتىم كۆرۈلدى
iwirgholl

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 66
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 369
شۆھرەت: 2128 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2144 سوم
تۆھپە: 1228 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1229 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 952(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 2011 جۇڭگو مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى

«2011جۇڭگو شەھەرلەر قاتارى»پائالىيتىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى
2011-يىلى جۇڭگو دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ”جۇڭخۇا مەدەنىيەت ساياھىتى“ يىللىق ساياھەت تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو ساياھەت كەسپى موشۇ تېمىنى چۆگىلىگەن ھالدا ساياھەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ بىرگەۋدىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، ھەرتەرەپتىن سېستىمىلىق تونۇشتۇرۇش ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى شەھەرلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، دۇنياغا جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىش، جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ماركىسىنى يارىتىش ئۈچۈن جۇڭگو خەلقئارا رادىئو-تېلىۋىزىيسى خەلقئارا لىنىيسى تورى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلاپ«2011جۇڭگو شەھەرلەر قاتارى   پۈتۈن دۇنيا تورداشلىرى جۇڭگو مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنى باھالاش» تور پائالىيتى ئۇيۇشتۇردى.
بۇ پائالىيەت گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە يول يورۇقىغا ئېرىشتى......
پائالىيەت كۈن تەرتىپى:2011-يىلى3-ئاينىڭ15-كۈنىدىن31-كۈنىگىچە مۇتەخخەسسىسلەر گۇررۇپپىسى تەشكىللەش، مۇتەخخەسسىسلەر تاللاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن 20 شەھەرنى تاللاپ چىقىش باسقۇچى؛4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە شەھەرلەر ماتىرىيال تاپشۇرۇش ۋە بەت لاھىيلەش باسقۇچى؛6-ئاينىڭ 1-كۈنى دائىرىگە كىرگەن 20شەھەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپ، خەنزۇچە ۋە چەتئەل تىللىرىدا قىسقا ئۇچۇر ۋە توردا بېلەت تاشلاش باسقۇچى؛7-ئاينىڭ 31-كۈنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ قىسقا ئۇچۇر ۋە توردا تاشلانغان بېلەتكە ئاساسەن، ئاخىرقى 10 شەھەر ”ئەڭ داڭلىق جۇڭگو مەدەنىيەت شەھىرى“ نامىغا ئېرىشىدۇ.
2010-يىللىق داڭلىق شەھەر پائالىيتىگە پۈتۈن دۇنيادا 100گە يېقىن دۆلەت، 10مىليوندىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان، بېلەت سانى 5مىليون 600مىڭدىن ئارتۇقراق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %92 دۆلەت سىرتىدىن تاشلانغان.43 دۆلەت چىگرا سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاستىسى پائالىيەتكە قاتناشقان......



بۇيىللىق 20شەھەر تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپتۇ، شىنجاڭدىن پەقەت تۇرپان شەھىرىلا بار ئىكەن، 2010-يىللىق ئەڭ ئاخىرقى 10 شەھەر قاتارىغا قەشقەر شەھىرى كىرىپتىكەن.

مەنبە:
http://chinesecity.cri.cn/
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-11, 01:31
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-10 22:12 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار