نىھايەت باغداشقا سەپەر قىلىدىغان بولدۇم، يىگىرمە كۈنلۈك دەم ئېلىشىمدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق-تۇغقانلارنى بولۇپمۇ بالا ئىشقىدا بىر ئۆمۈر سەكپارە بولۇپ ياشاۋاتقان ئانامنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم،لېكىن ئۇلار بىلەن بىر نەچچە كۈن ئەھۋاللىشىپ بولۇپلا باغداشقا چىقىشنى نىيەت قىلىپ قالدىم،چۈنكى ماڭا مۇنداق ئۇزۇن دەم ئېلىش پۇرسىتى يوق ئىدى،بارلىقىغۇ بار لېكىن مېنى ئارام تاپقۇزمايۋاتقان قەلەم ئىشقى ئارام ئېلىشىمنى چەكلەيتتى،يېڭىدىن يېڭى ئەسەر يېزىش ئىشقىدا ۋاقتىمنى مىنۇت سىكۇنىت ھىساپلاپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى،بۇ قېتىممۇ قومۇلدىكى يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنى تەكلىۋى بىلەن ئىككى پارچە ئەسەر ماتىرىيال توپلىۋېلىشنى نىيەت قىلىپ كەلگەنىدىم{ئەسەر تېمىسى ھازىرچە مەخپى}. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ باغداش چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ قويۇپتۇ. مەن ساقا دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن مەيدان رەھبەرلىكى ماشىنا بىلەن ئەچىقىپ كەتمەكچى بولۇپ كىلىشتۇق. ساقا دىھقانچىلىق مەيدانىدىكى تۇغقانلار بىلەن يىگىرمىنچى ماي كۆرۈشتۈم،{ئىسىملارنى يوشۇرۇپ قالماقچىمەن،كەچۈرۈڭلار}ئەتىسى مېنى ئەچەقىپ كىتىدىغان ماشىنىنىڭ خەۋىرى كەلدى،لېكىن ئۈچ ئادەم بولۇپ مەن بىلەن پاراڭلاشقاچ چىقىپ كەتمەكچى بوپتۇ،لېكىن بىز ئاللىقىچان ئۈچ ئادەم چىقماچى بولغانىدۇق،چۈنكى مېنىڭ تۇغقىنىم باغداشدىكى مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچقا مەن بىلەن بىللە بىر دوستىنى ئېلىپ چىقماقچى بولغانىدى،ئاخىرى ئۇلار مېنى ئالغىلى كەلگەن مەيدان رەھبەرلىرىنى چىقىپ تەييارلىق قىلىپ تۇرۇشنى،مېنى بولسا ئۇلار ئۆزىنىڭ ماشىنىسىدا ئېلىپ چىقماقچى بولۇپ كىلىشتۇق،ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مۇئەللىم تۇغقىنىم بىر دوستىغا تىلىغۇن قىلىپ ماشىنىسىنى ئەكەلدۈردى،بىز شوپۇر بىلەن تۆتىمىز باغداشقا قىلىدىغان سەپىرىمىزنى باشلىۋەتتۇق. مەن تاشار بىلەن ئاراتام باغقا چىقىپ باغقان،لېكىن ئاراتام باغنىڭ ئۈستى تارىپىدىن شاقىراپ چۈشىدىغان تاغ سۇلىرىدىنمۇ زوقلانغان،لېكىن مۇشۇ سۇنىڭ باش قىسمى بولغان قارلىق تاغنىڭ باغرىدىكى باغداشقا چىقىپ باقمىغانىكەنمەن،ئەمتى ئېغىزىدىن كىرىشىمىز ھامانلا ماڭا ئۇرۇلغىنى ساپ ۋە سالقىن تاغ ھاۋاسى بولدى،مەن تاغلىرى ياپ يېشىل قارىغايلار بىلەن ئورالغان يايلاقنى تەسەۋۋۇرقىلىۋىدىم ئەمما قورام تاشلاردىن پۈتۈلگەن بەھەيۋەت تاغلار ماڭا قارىشىپ تۇراتتى،لېكىنزە ساپ ھاۋاسى بىلەن كۈجۈم مەھەللىلەر،مەھەللىلەرگە يانداشقان باغلار مېنى خۇددى سىھىرلىك بىر دۇنياغا كىلىپ قالغاندەك بەكلا ھاياجانلاندۇردى،مەيدان رەھبەرلىرى ئىشخانىسى ئالدىدا كۈتۈپ تۇرۇشقانىكەن،قايتىدىن كۆرۈشتۇق،ئۇلارنىڭ تەييالىغان چايلىرىنى ۋاقتىنچە توختۇتۇپ قويۇپ كۈيدۈرىۋېتىلگەن ۋاڭ ئوردىسى ئورنىغا سېلىنغان باشلانغۇچ مەكتەپنى،مەكتەپنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى باغنى زىيارەت قىلىشقا ئالدىرىدىم،چۈنكى بۇ باغدا ئەينى دەۋىردە مۇشۇ مەيدانغا شۇجى بولۇپ تۇرغان سەمەت ئەمەت ئىسىملىك قېرىندىشىمىز جەسىدىنى يۈتكەپ چىقىپ ئۇنىڭ چىرايلىق قەبرىسىنى ياساتقان چىن مۇھەببەت قۇربانلىرى چىن مودەن{شەرۋانۇم}بىلەن قەبرىگاھى بار ئىدى،بىز باغنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بۇ قەبرىگاھ ئالدىدا ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالدۇق،بەلكىم قىلىۋاتقان دۇئالىرىمىز ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى مەنىۋىيىۋىتىمىز بۇزۇلۇپ كىتىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردىكى ياش قىز-يىگىتلىرىمىزگىمۇ ئىنساپ،دىيانەت،شەرمى ھايا،ئەڭ مۇھىمى ئۆزى ياخشى كۆرگەن مەشۇقىغا ساداقەت تىلىگەندىمىز،. شۇ كۈنى مەيدان رەھبەرلىك تاغ مەشرىپى قىلىپ بەرمەكچى بولىۋىدى مەن رەت قىلىۋەتتىم مەخسىدىم مۇشۇ زىمىننى چۈشۈنىدىغان،ئۆرۈپ-ئادىتىنى بىلىدىغان،جۇغراپىيىلىك شارائىتىنى بىلىدىغان ئاقساقاللار بىلەن مۇڭدىشىش ئويىمنىڭ بارلىقىنى چۈنكى مەن ئەتە قايتمىسام قومۇلدا ئاچامنىڭ قىزى توي قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزرە ئېيتتىم،شۇڭا ئۇلار دۆش ئۆي مەھەللىسىدە ناماز شامدىن كىيىن يىغىلىدىغان ئادەملەرنى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى،ھەراست،باغداش -بوستان،ئارا قۇرا،ئوردا ئۈستى،يەنى باغچە ئۈستى،باغداش يەنى ئوردا ئاستى،دۈشۈي،تۆۋەن دۈشۈي ئەمتى ئاغزى دىگەنگە ئوخشاش بىر نەچچە تەبىي مەھەللىدىن تەشكىل تاپقانىكەن، [ بۇ يازمىنىeverollدە2011-06-13 15:03قايتا تەھرىرلى ]