saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 4/4     Go
بۇ تېما 3895 قېتىم كۆرۈلدى
kalamxah
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 214
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 149
شۆھرەت: 1035 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1037 سوم
تۆھپە: 576 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 576 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 366(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ھەرقانداق نەرسىگە ئىلمىي يوسۇندا قارىساق ياخشى بولاتتى.ئەنە ئاشۇنداق ھېچقانداق مېھنەتسىز سۇنغان ،پايدىلىنىش قىممىتى زور،باشقىلارغا نەپ ئېپ كېلىدىغان مۇشۇنداق ئىسىل تېمىلار ئۆچۈرۈلۈپ كەتسە، ئۇنداقتا بىز «ناخشا -ئۇسۇل مىللىتى» بولغاندىكىن باشقا بىر قىسىم بېكەتلەردەك ساپلا ،ناخشا ،ئۇسۇل، مۇزىكا تېمىلىرىكى ئەسەرلەرنى يوللايلى . مۇشۇنداق ياخشى تېمىنىڭ «سىياسى»غا بېرىپ تاقالغىنى قىززىق. خەنزۇچە تور بېكەتلەرگە كىرىپ بېقىڭلار ،چۆچۈپ كېتىسىلەر ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىدىن ،سىياسى ،ئىقتىساد ،ئىشقىلىپ ھەر ساھەدىكى تېمىلار تېپىلىدۇ،قورقماستىن ئىنكاس يازىدۇ،مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىدۇ...... بۇنىڭغا بىرنىمە دەيدىغان ئادەم يوق،ئەجىبا  ئاشۇ چىلان توغرىلىق يېزىلغان ئىلمىيلىكى،پايدىلىنىش قىممىتى بار ماقالا سىياسىي سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكەنلەر تەرىپىدىن ئۆچۈرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشى كۈلكىلىك ئىش! ئالدىنقى قېتىملىق باغداش تورىدىكى قايسى بىر ماقالام توغرۇلۇق ماڭىمۇ قاتىىق «ئاگاھلاندۇرۇش» بېرىلگەن،(ئۇلار IP ئادرىسى ئارقىلىق مېنىڭ كىملىكىمنى تاپقانمىش)كېيىن توردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىمنى كۆرۈپ ئۆزۈممۇ ھەيران قالغانىدىم...
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!
چوققا [33 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-22 19:17 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 576
شۆھرەت: 3736 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3727 سوم
تۆھپە: 2094 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2137 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1079(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىز ئالدى بىلەن باغداشنىڭ مەۋجۇتلۇغىنى ،ئاندىن قالسا ئاپتورلارنى ئويلايمىز ،ئۇيغانغان زېمىن بۇ ھەقتە بىر نەرسە دىسە بولغىدەك.
lutun
چوققا [34 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-22 20:43 |
karwan@
ئادەم ئادەمدەك ياشىشى كېرەك!!!

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 469
شۆھرەت: 2508 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2524 سوم
تۆھپە: 1489 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1502 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 840(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    زىيانداش ھاشارەتنى يوقىتىش چارىسى سىياسى جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلىنسا،باغۋەنلەر چىلاننى ساتقان چېغىدا، سىياسىيىۋىلىكى يۇقۇرى چىلان،رەھبەرلەرنىڭ يوليۇرىقى بىلەن تەملىك پىشقان چىلان،دەپ ساتامدۇ؟توۋا،دوستلار،گەپنىمۇ ئويلىشىپ قىلايلى،مۇنبەرنى چەتئەل مۇخبىرلىرىمۇ كۆرىشى مۇمكىن،بىزگە ھەيران قالمىسۇن.
چوققا [35 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-22 22:10 |
oyganganzimn
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 14
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 260
شۆھرەت: 1601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1586 سوم
تۆھپە: 919 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 928 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم،باغداش  مۇنبىرىمىزنىڭ  خالىس  ئاگرانومى  باغداشخان،ئالدى  بىلەن  سىزنىڭ  باغداش  مۇنبىرىمىزنىڭ يېڭى  سەھىپىسى  ئۈچۈن  تۆكىۋاتقان  قىممەتلىك  ئەجىر-مېھنىتىڭىزگە  چىن دىلىمدىن  تەشەككۈر   ئېيتىمەن،باغداش  مۇنبىرىمىزدە  سىزگە  ئوخشاش  خەلق ئۈچۈن قەلەم  تەۋرىتىدىغانلار  ئۇنچىلا  كۆپ  ئەمەس،بولۇپمۇ  ئەمەلى  نەپ  بېرىدىغان  تېمىلارنى  يوللايدىغانلارنى  دېڭىزدىن  يىڭنە  ئىزدىگەندەك  ئىزدەيدىغان  گەپ،مەن  باغداش  مۇنبىرىنىڭ  ساقىلىغا  <<ئاق>>  كىرگەن  ئەزاسى،مەيلى  مۇنبەردىكى  ئىسمىم  يا    ئۇنداق  يا  مۇنداق  بولسۇن  بۇ سىزنىڭ  ئىستىداتىڭىزغا  ھېچقانداق  تەسىر  يەتكۈزمەيدۇ،باغداش  مۇنبىرىمىزدە  ھېسيتقا تايىنىپ قىزززىق  قانلىق  بىلەن  مۇنازىرە  قىلىدىغان  ياشلىرىمىز  كۆپ،بىراق  ماھىيەتنى  چۈشىنىپ  ئەقىل بىلەن  ھۆكۈم چىقىردىغان،خۇلاسە  قىلىدىغان  سوغاققان  دانالار  ئاز.شۇڭا  نەچچە ۋاقتتىن ئادەمنىڭ  ئېسىدە << قالغۇدەك>> بىر قىسىم   <<ياخشى>>  ئىنكاسلار  باغداشنىڭ  ساپ ھاۋاسىنى  بۇلغاپ  بىرقىسىملارنىڭ  ئىچىنى  ئاچچىق  قىلدى،مەززىسىز  ئىختىلاپ-مۇنازىرىگە  سەۋەپ  بولدى،ھەتتا  باغداش  سەيناسىدىن  ھەيدەپ  چىقىرىلدى.مۇنبەرنىڭ  ئۆزى كۆڭۈل  ئېچىش  مەيدانىلا   ئەمەس  بەلكى ئىلىم-ھېكمەت،ئەدەپ-ئەخلاق  ئۆگۈنىش  مەيدانى  بولغىنى  ياخشى.
ئەمدى  مەقسەدكە  كېلەيلى،مېنىڭ  چىلان  ئۆسەك  قۇرىتى  ھەققىدىكى  ماقالىنى  ئۆچىرىشنى  ھاۋالە  قىلىشىمدىكى  مەقسەد  بەلكى،سىزنىڭ  خالىس  نىيىتڭىزدىن  قېلىشمايدىغان  ئېزگۈلۈكنى  ئىزدىگەنلىكىمدىن  ئىبارەتتۇر.
1.قومۇل  چىلىنى  بىرقانچە يىلدىن بۇيان  دۆلتىمىزدىن  ھالقىپ خەلقئارادا   ئالاھىدە  بازار  تاپتى،بۇ  قومۇلدىكى دېھقان  قېرىنداشلىرىمىز  ئۈچۈن  تېپىلغۇسىز  پۇرسەت  ئەلۋەتتە.قومۇلدىكى دېھقانلىرىمىزنىڭ  ئەڭ  كۆپ  كىرىمى  ھازىر  چىلاندىن  بولىۋاتىدۇ،بولۇپمۇ  بالدۇر  ئويغانغانلارنىڭ.شۇڭا  چىلانغا  كەلگەن  بۇ  ۋەھىمە  پۈتكۈل  تىرىكچىلىكىنى چىلانغا  باغلىغان بىرقىسىم  دېھقانلىرىمىز  ئۈچۈن  بەكمۇ قورقۇنچلىق  ئەھۋال،بۇنى  ئاللىبۇرۇن چۈشەنگەن  ۋە  بايقىغان   مۇتەخەسسىس،پراففىسورلار  بۇ  ھەقتە ئىنتايىن  كۆپ تەتقىقاتلارنى  ئېلىپ بارغان  ۋە بۇ  قۇرۇتقا مۇناسىۋەتلىك  ئەمەلى  خىزمەتلەرنى  ئىشلىگەن،ئىككى يىلغا  يەتمىگەن  قىسقىغىنا  ۋاقىتتىللا  قومۇلدىكى  مۇشۇ  قۇرۇتنى  يوقىتىش  ئۈچۈن  30 مىليون يۈئەنگە  يېققىن  ئىقتىساد  ئاجرىتىلغان ۋە  ئىچكىرى ئۆلكىلەر،ئاپتوبۇم  رايۇندىن  مۇتەخەسىسلەر  تەكلىپ  قىلىنغان.بۇنىڭدىن  ئورمانچىلىق  تارماقلىرىنىڭ  دېھقانلار  ئۈچۈن  قانچىلىك كۆپ  ھەرەج تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىش  تەس  ئەمەس  دەپ  قارايمەن.
2.چىلاننىڭ خەلقئارادىكى  ئىناۋىتى   دېھقانلىرىمىزنىڭ  يانچۇقىدىكى  خىراجىتىنىڭ  كاپالىتى.
ئىستىمال  بۇيۇملىرىغا  نىسبەتەن  سەزگۈرلىكى  ئىنتايىن كۈچلۈك  بولغان چەتئەللىكلەر  مەرۋايىتتەك  كۆز  چاقنىتىپ  كېلىۋاتقان  چىلانلىرىمىزغا  تەگكەن  بۇ   نىجاسەتتىن  خەۋەر  تاپسا    بۇ <<قىزىل  ئالتۇن>>ىمىزنىڭ  ئېكىسپورت  قىلىنىشى  قانداق  ھالغا  چۈشۈپ  قالار؟  بۇ  دېھقنالىرىمىزنىڭ  قانچىلىك  ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى كۆپۈككە   ئايلاندۇرار؟!( بۇ  ئىشنىڭ  سىياسىۋىلىق  بىلەن  ھېچقانداق  مۇناسىىۋىتى  يوق،بۇ  تەرەپلەردىن  قۇرۇق  ئەسنەپ  كەتمەڭلار).
  بۇ  جەھەتتە كەسىپ ئەھىللىرى   ئالاھىدە  ئەسكەرتىش  بەرگەن يەنى  بۇ  نىجاسەتنىڭ  نامى  تارقىلىپ  كەتمەستىلا   ئۇنى   بۆشۈكىدە  ئۇجۇقتۇرۇشنىڭ  چارىلىرى  ھەققىدە  ھەركەتكە  كەلگەن،شۇنداقلا  بۇ بايقالغان  جايلارغا  نۇرغۇنلىغان  كەسپىي خادىملارنى   ئەۋەتىپ   بۇ نىجاسەتنى يوقىتىشنىڭ  كۈرىشىگە  زەربىدارلىق بىلەن  ئاتلانغان.سىز  كۆرسەتكەن  چارىلەردىن نەچچە  ھەسسە  ھالقىيدىغان  چارىلەرنى  قوللانغان.  (ھازىرمۇ  قوللىنىپ  كېلىۋاتىدۇ)ئۆز مەنپەئەتىنىڭ  زىيانغا  ئۇچرىشىدىن  ئەنسىرگەن  دېھقانلىرىمىز  ئۇلارغا    يېققىندىن ماسلىشىپ قاپاق ياردى سوغاقلاردا،كاللا  قاينار  ئىسىقلاردا  ھەركەتكە  كەلگەن.بۇمۇ  ئۇلارنىڭ  بۇ  قۇرۇتنىڭ  نامى  تارقىلىپ كەتمەىستە  تېزراق  بېشىقتۇرۇشنىڭ   غېمىنى يىگەنلىكىدۇر.
3.بۇ  ئەھۋال  ئىلگىرى  باشقا  ۋىلايەتلەردىمۇ  كۆرۈلگەن،شۇنداقلا  پۈتۈن ۋىلايەت  ،ناھىيە  بويىچە  چىلانلار  كېسىلىپ  دېھقانلىرىمىزنىڭ  جانىجان مەنپەئەتىگە  قاتتىق  تەسىر  كۆرسەتكەن،تور  دۇنياسى  ھەممەيلەنگە  ئايان  بولغان دۇنيا،ئۇنىڭدا  تارقالغان تەشۋىقات  ناھايتى تېزلا  يەر  شارىنى  ئايلىنىپ  چىقالايدۇ،سىزنىڭ  ئېزگۈ  ھېسياتتا  يوللىغان  بۇ ئىلمىي  يازمىڭىز  بىرقىسىملارغا مەنپەئەت  ئېلىپ  كەلسىمۇ  لېكىن  ئۇنىڭ  ئەكس  تەسىرىنى  ئويلاشمايمۇ  بولمايدۇ،چۈنكى  مەسلىنى  ئىككى  تەرەپتىن  ئويلاشنى  بىلگەنلەر  بۇنىڭغا  ئەقلى  ھۆكۈم چىقىرالايدۇ.قاراپ باقسام سىزدە بىلىم، قايناق ھېسيات  باركەن،تەمكىنلىك  كەمكەن  ئەگەر بۇلارنى  زىچ  بىرلەشتۈرەلىسىڭىز  باغداشنىڭ يېزا  ئىگىلىكىگە  مۇناسىۋەتلىك سەھىپىسىگە  مەسئۇل  بولسىڭىزمۇ  بولغۇدەك.(چىن  دىلىمدىن دەۋاتىمەن،مەنمۇ  باغداش  مۇنبىرىنىڭ بىر  مەسئۇلى ئىدىم،مەلۇم سەۋەپلەر  بىلەن  ئىستىپا  بەرگەن)،باغداش  مۇنبىرىمىز  ئىلگىرىمۇ  نۇرغۇن  ياخشى  پائالىيەتلەرنى  ئېلىپ بارغان،بۇ  پائالىيەتلىرىمىز  ھەتتا  خەلقئارادا  ئالاھىدە  تەسىر  قوزغاپ  چەتئەللەرنىڭ  تور بەتلىرىمۇ  تەشۋىق  قىلغان.ۋە  بىزنى قوللاپ  مەخسۇس  ئۇچۇرلار  كەلگەن...
4.مۇشۇ   مۇناسىۋەت بىلەن سىز  ۋە  باشقا  قېرىنداشلىرىمغا  دەيدىغىنىم    باغداش  مۇنبىرىمىز  بۇنىڭدىن كېيىن  تېخىمۇ  ئۆزگىچە  رەڭدە  خەلقىمىزگە   مەنپەئەت   بەرگۈسى،بۇنىڭ  ئۈچۈن بىزدە   ئىناق-ئاتتىپاقلىقنى گەۋدە  قىلغان  بىرلىك بولىشى  كېرەك،ھەدىستە  ئېيتىلغاندەك<<  ئېغىرلىق راھمانلىق، يېنىكلىك شەيتانلىق>>،بىلگەنلىرىمزنى  بىر-بىرىمىزدىن  ئاياشمايلى. ئۇسسۇلۇققا  تېگىدىغان تېمىلىرىڭىزنى  باغداشتىن  ئايىمىغايسىز.
[ بۇ يازمىنىoyganganzimnدە2011-06-22 23:25قايتا تەھ ]
saltanat
چوققا [36 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-22 23:10 |
karwan@
ئادەم ئادەمدەك ياشىشى كېرەك!!!

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 469
شۆھرەت: 2508 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2524 سوم
تۆھپە: 1489 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1502 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 840(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   ھازىر ئىنسانلارغا يېمەكلىكلەردىن كېلىۋاتقان ۋەھىمە ئىنتايىن يوقۇرى،مۇشۇ ۋەزىيەتتە ئىمپورت-ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان كارانتىن سەزگۈرلىشىپ كەتتى.2 يىلدىن بېرى قۇمۇل ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرى ھەل قىلالمايۋاتقان،ھەتتا مەركەزدىن تەتقىقاتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ئاپەتنى يىلتىزىدىن قۇرىتالمايۋاتقان شارائىتتا،ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ ياردەم تەلەپ قىلسىمۇ بۇ خاتا ئىش ئەمەس،جەمئىيىتىمىزدە كىشىلەرگە تونۇلمىغان ئەمىلى تەجىربىگە ئېگە يەرلىك بىلىم ئەھلىلىرى چىقىپمۇ قېلىشى مۇمكىن،شۇلارنىڭ ئىلمى ياردىمى نەتىجىسىدە بۇ نىجاسەت قۇرۇت يوقىتىلىشىمۇ مۇمكىن،ھەتتا خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن ياردەم كېلىشىمۇ مۇمكىن،شۇنىڭ بىلەن بۇ نىجاسەت قۇرۇت يوقىتىلسا تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلىمىڭ ئاشكارا دېگەن گەپ بار،پۈتكۈل ئىلىم ئەھلىلىرى يېقىندىن ماسلاشسا بۇ ئاپەت چوقۇم يوقىتىلىدۇ.سېنىڭ چارەڭدىن نەچچە ھەسسە ئىلغار چارىلەر كۈچىنى كۆرسىتەلمىدى دەپ بىراۋنىڭ بىلىمىگە سوغۇق سۇ سېپىش ئاقىلانىلىك ئەمەس،مۇشۇمۇ ئۆزىمىزدىن چىققان ئىلىم ئەھلىلىرىنى تۆۋەن كۆرگەنلىك،سۇنى يېقىلغۇ قىلىدىغان دېۋىگاتىلنى كەشىپ قىلغانمۇ ئۇيغۇر دېھقان،ئۇ قانداقتۇر بىر ئالى مەكتەپنى ئوقىمىغان،ياكى بىر تەتقىقات ئورنىدا تەربىيىلەنمىگەن،ئۇنىڭ يوقۇرى تەپەككۇرى ئاشۇ تەتقىقاتنى مەيدانغا چىقىرىشقا سەۋەپ بولدى،ئۆزىگە ئىشەنگەن،تىرىشقان كىشى مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ،ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىك تولىمۇ بىلىمسىزلىك،ئاخماقلىق.بىلىمنىڭ يۇقۇرى تۆۋىنى يوق.ئىككى يىلدىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان بۇ مەسىلە ئەمدى جەمئىيەتكە مۇراجەت قىلىپ كەسىپ ئەھلىلىرىنى ئورتاق كۈچ چىقىرىش ھالىتىگە كەلگەندەك تۇرىدۇ.
[ بۇ يازمىنىkarwan@دە2011-06-23 22:44قايتا تەھرىرلى ]
simfoniya
چوققا [37 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-23 09:50 |
xayda
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 33
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 380 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 221 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 221 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 365(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«چىلان ئۈزەك قۇرتى » توغۇرسىدىكى ماقالىنىڭ ئۆچىرۋېتىلىشى مېنىڭچىمۇ توغرا بولمىغاندەك قىلىدۇ. ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى پەقەت «چىلان ئۈزەك قۇرتى»نىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ۋە ئۇنى يوقۇتۇشنىڭ تەدبىرلىرىكەن،.....دېمەك ،بۇ تېما بىزنىڭ جاپاكەش دېھقانلىرىمىزغا نەپ ئېلىپ كىلىدۇ،خالاس. بۇ بەلكىم دوكتۇر باغداشخاننىڭ سىناقلاردىن ئۆتكۈزگەن رېستىپى بولىشى مۇمكىن.....
lutun
چوققا [38 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-23 10:36 |
baghdaxhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 697
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 112
شۆھرەت: 714 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 710 سوم
تۆھپە: 405 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 415 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 924(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
ئەسسالام ئەلەيكوم مۇنبەرداشلار، مەن ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى دوستىمىز ئۇيغانغان زىمىننىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
     ھازىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونۋېرسىتىتىدىكى ئادىل ساتتار مۇئەللىم، شنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئاكادىمىيسىدىكى پىروففىسور ئەختەم ئۇۋەيىش ئاكا قاتارلىق كىشىلەر دۆلەت تەبىئى پەنلەر فوندى ۋە باشقا ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ تەتقىقات مەبلىقىگە ئېرىشتى ھەم تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئەختەم ئاكا بۇيىل بېشىدا دۆلەت تەبىئى پەنلەر فوندىغا مىۋىلىك دەرەخلەردىكى زىيانداش ھاشارەتلەر نىڭ ئونۋېرسال ئالدىنى ئېلىش توغۇرسىدا مەخسوس بىر تەتقىقات تۈرى ئىلتىماس قىلدى. ئەگەر تەستىقلىنىپ قالسا موشۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى. ھازىر مەن تۇرغان تەجرىبىخانىدا  بىر خىل ھاشارەتلەردە پارازىت ياشايدىغان ماكرو ئورگانىزىم (绿僵菌) بار بولۇپ،  ھازىر چىكەتكە، يەرئاستى زىيانداش ھاشارەتلىرى(چىملىقلاردىكى زىيانداش ھاشارەتلەر) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتا قوللىنىلۋاتىدۇ. بۇ خىل بىئولوگىيلىك دارا ئادەملەرگە زىيانسىز بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈم بېرىدۇ. پىروففىسور ئەختەم ئۇۋەيىشنىڭ ئىلتىماس قىلغان تۈرىدە بىر بۆلەكنى ئىگەللىگەن بولۇپ، كېيىن قومۇلدا چىلان ئۈزەك قۇرتىغا نىسبەتەن سىناق ئېلىپ بارماقچى.
ھازىر شىنجاڭدا ئاشكارلاشقا بولمايدىغان كارانتىن ئوبىكتى چىلان ئۈزەك قۇرتى ئەمەس، بەلكى باشقا بىر ئىقتىسا دى زىرائەتتىكى كېسەللىك.
تۆۋەندىكىسى ئادىل مۇئەللىم قاتارلىقلارنىڭ چىلان ئۈزەك قۇرتى ھەققىدىكى «ئورمانچىلىق پەن- تېخنىكىسى» دىگەن ئىلمى ژۇرنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسى، كۆرۈپ بېقىڭلار (چەتئەللىكلەر توردىن ئېنگىلىزچە نامى ياكى لاتىنچە نامى بىلەن ئىزدەپ تاپالماسمۇ؟ ).
simfoniya
ئۇيغۇرۇم ئۆز ئىشەنچىمنىڭ مەنبەسى !
باغداشخان
چوققا [39 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-23 20:24 |
karwan@
ئادەم ئادەمدەك ياشىشى كېرەك!!!

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 469
شۆھرەت: 2508 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2524 سوم
تۆھپە: 1489 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1502 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 840(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ئىلىم ئەھلىلىرىنى قەدىرلەيلى،ئۇلارغا مەدەت بېرەيلى،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيلى،قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇلارنى ھەقىقى قوللايلى،ئۇلارنى قىرقىمايلى،مەھمۇد قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئالىملىرىمىز ئۇيغۇرنى ئىلىم-پەن ساھەسىدە دۇنياغا تونۇتقان،ئەمدى بىلىمسىزلىكتە،ئەقىلسىزلىكتە،ئاخماقلىقتا،سېسىق نام بىلەن تونۇلماي،ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىدا يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئاۋال ئۆزىمىز ئالىم دەپ تونۇپ،ئۇلارنى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان ئالىم دەرىجىسىگە كۆتىرىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى،مەسئۇلىيىتى.
saltanat
چوققا [40 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-23 22:32 |
kokbozat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىنى بېسىۋېلىپ تەمكىنلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشتۇر.
ئۆزەڭنى تۇت، ئەدەپكە قايت !
ozgul munbar
چوققا [41 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-24 02:57 |
ھەقىقەت
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2112
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 51 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 51 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 99(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭچىمۇ ئۆچۈرۋەتكىنى راستىنلا قاملاشماپتۇ! بۇ ئۇنچىۋالا ئۈركۈپ -چاچارقىپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن بولمىسا!ناھايىتى بىر قۇرۇتنىڭ پەيدابولىشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش،يوقىتىش تەدبىرلىرى چۈشەندۈرۈلگەن ئىلمى قىممەتكە ئىگە بىر تېمىكەنغۇ؟مەن ئۇنىڭدىن چىلاننىڭ بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكىدەك بىرەر ئەھۋالنى بايقىمىدىم.ناۋادا چەتئەللىكلەر كۆرسىمۇ:  ھە،بۇ بىر ئىلمى ماقالىكەن دەپ ئويلايدۇ خالاس .( قومۇل چىلىنىدا قۇرۇت پەيدابولۇپ قالغان ئوخشايدۇ،دەپ ئويلىماس ھىچقاچان)
مۇنازىرە مەيدانى بولغاچقا راست گېپىمنى دەپ قويدۇم ،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگۈچىلەرگە گېپىم يوق!
چوققا [42 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-07 13:55 |
alqondi
ئەلقوندى
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 698
شۆھرەت: 3776 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3785 سوم
تۆھپە: 2237 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2246 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2005(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چىلان قۇرتىنىڭ تېمىسىنى ئەگەر قومۇل چىلىنىنىڭ نامىغا تەسىر يەتكۈزۈپ دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قارالغان بولسا  تېمىدىكى  قومۇل چىلىنىدا شۇقۇرۇتنىڭ كۆرۈلگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرنى ئۈچۈرۈپ ، ياكى دېھقانلىرىمىز بۇقۇرۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كىرەك دىگەندىرەك ئۆزگەرتىپ قويغان بولساقلا بولاتتى دەپ قارايمەن .  ئەگەر قىزىققانلىق بىلەن مەسىلىنى يۈزەكى ئويلاپ ئاتالمىش سىياسىغا تاقاپ  يېزىلغان ئىنكاسلار كۆپلاپ يېزىلىپ كەتسە تېمىنى تاقاپ ئىنكاس يېزىشنى چەكلەپ قويساقمۇ بولار ئىدى .  
چوققا [43 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-07 18:25 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 4/4     Go
Bagdax bbs » پىكىر -تەكلىپلەر