ئانا تىلىم (مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە)
قەيەردە سەن ئانا تىلىم
(مەرسىيە)
تۇرك دۇنياسىنىڭ شان- شەرىپى بولغان ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا،ئەلۋىدا ئانا تىلىم،ئۆلگەن تېنىڭ تېخى مۇزلىغىنى يوق،سەن بىزدىن ئۇزاپ كىتىۋاتىسەن يىغلايدىغان قەۋمىڭ يوق،ياش تۆكىدىغان ئوغلۇڭ يوق،ئەلۋىدا ئانا تىلىم ،بىزنى تاشلاپ كىتىۋاتىسەن ،تاۋۇتىڭنى كۆتىرىدىغان زەبەردەس ئەۋلادىڭ يوق،ئاماننىساخان كەبى قىزلىرىڭ يوق،ئەلۋىدا،ئەلۋىدا ئانا تىلىم....ئاستاراق ماڭغىن،ئاستاراق،مەن تاۋۇتىڭنى پۇرىۋالاي،ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۇرىغىنى پۇرىۋالاي،ئاھ ھەسرىتىم ..ئەلۋىدا ئانا تىلىم ئەلۋىدا...
ئالىپ ئەرتۇڭا زەپەر قۇچۇپ قايتقاندا بۇ تىل قانچىلىك ئۇلۇغلانغان ئىدى،چىڭگىز قوشۇنلىرى ئۇيغۇر يېزىغىدا ،ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلىگەن ئۇيغۇر تىلىدا لەشكىرى مەكتۇپ يوللاپ خوشنا ئەللەرنى بوي سۇندۇرغاندا ئۇيغۇر تىلىم قانچىلىك شەرەپ ھىس قىلغان بولغىيتتى ...
جۇگىلياڭنىڭ شاگىرتى جاڭۋىي شۇنچىلىك ئەقىل - پاراسىتى بولغان بىلەن ئاخىرى سىما جەمەتى تەرىپىدىن مۇنقەرز بولغاندا كۆككە قاراپ توۋلاپ تۇرۇپ <<تەڭرىنىڭ ھۆكمى شۇنداق ئىكەن،تەڭرىنىڭ ھۆكمى شۇنداق ئىكەن>> دەپ ۋاقىرغىنچە قارنىنى يېرىپ ئۇلىۋالغان ئىكەن ،ھازىدار كۆزلىرىم قىززىرىپ ئىشىپ كەتكەن ،يىغىدىن ئۇنۇم پۇتۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ مەنمۇ كۆككە قاراپ شۇنداق دىيىشكە مەجبور بولدۇم<<تەڭرىنىڭ ھۆكمى شۇنداق ئىكەن،تەڭرىنىڭ ھۆكمى شۇنداق ئىكەن>>. ئەلۋىدا،ئەلۋىدا ئانا تىلىم....ئاستاراق ماڭغىن،ئاستاراق،مەن تاۋۇتىڭنى پۇرىۋالاي،ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۇرىغىنى پۇرىۋالاي،ئاھ ھەسرىتىم ..ئەلۋىدا ئانا تىلىم ئەلۋىدا... تارىخنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى شىھىتلەر بەلكىم قېلىچىنى قۇچاقلىغىنچە يۇلغۇن تۈۋىدىن سۇغىرلىپ چىقىپ ھۆكىرەپ يىغلاۋاتقاندۇ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەۋاتقاندۇ،خانتەڭرى،باغداش،قىياتاش،كۆكتاشلار ھازا ئېچىۋاتقاندۇ،بۈيۈك تەڭرىتاغ ماتەملىك ئۇچۇن ئاق باغلاپ تىترەۋاتقاندۇ...قېنى مىنىڭ ئەۋلادىم دەپ. ناۋائىنىڭ قەبرىسى ئالدىدىكى گۇللەرنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كەتكەن،مەھمۇد،يۇسۇپ سەككاكىنىڭ روھىنى يۇلتۇزلارلا يوقلاپ ئۆتكەن،ھاياتلىق لەھزە ئىچىدە توختاپ ئانا تىلىمغا ھازا ئاچماقتا ....ئەلۋىدا ئانا تىلىم..ئەلۋىدا... تاۋۇتنىڭ كەينى تۇمان،ئالدىمۇ تۇمان بەلكىم تاۋۇتنى قارا تۇمان ياكى قۇيۇن كۆتىرىپ ماڭغان بولسا كىرەك ،كۆزلىرىمدىكى ياشلار زېمىنغا توپان كەبى تۆكۇلمەكتە... ئاھ ئۇرارمەن ،ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سىنى. كۆز ياشلىرىم دەريا بولۇپ، بىلىقلىرىم يۇتقاي سىنى. ئەلۋىدا،ئەلۋىدا ئانا تىلىم....ئاستاراق ماڭغىن،ئاستاراق،مەن تاۋۇتىڭنى پۇرىۋالاي،ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۇرىغىنى پۇرىۋالاي،ئاھ ھەسرىتىم ..ئەلۋىدا ئانا تىلىم ئەلۋىدا... كۆيدۇرۇلگەن كىتابلار،كۆيدۇرۇلگەن ئۈگۇتلەر ،كۆيدۇرۇلگەن ئىسسىق قانلار ،شىڭ شىسەينىڭ تۇرمە تاملىرىغا ئاخىرقى نەپەستە يېزىپ قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرچەخەتلەر << ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇش جىنايەت>>، شۇڭلاشقىمىكىن تاۋۇتۇڭنى كۆتىرىشكە ھىچكىم جۇرئەت قىلالمىغان ،ھىدىڭنى پۇراشقا ھىچكىم بارالمىغان،ھىچكىم ئۇنلۇكرەك <<ئەلۋىدا،ئەلۋىدا >> دىيىشكە پېتىنالمىغان... پەقەتلە يۇلتۇز ۋە ئۇيغۇر ئۇيغاق ۋە سىرداش .ئۇيغۇر تىلى كۆيۇپ-كۆيۇپ زېمىنغا سىڭىپ كەتكەن ،يۇلتۇز ئۇيغۇر تىلى ئۇچۇن كۆپ ياش تۆككەچكە خىرەلەشكەن،شۇڭلاشقىمۇ يۇلتۇزلار ئۇنلۇك ۋە يارقىن چاقناشقا پېتىنالمىغان،ئەي بىچارە يۇلتۇزلار نىمىشقىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۇچۇن ياش تۆككەن بولغىتتىڭلار.. ئۇۋال بولمامدۇ ماڭا ، دەريادەك كۆز يېشىمدا ئاقسام، كۆز ياشلىرىم قۇرۇپ كەتتى ،ئاۋازىم پۇتۇپ كەتتى ،لېكىن ئۇنلۇك يىغلىيالمايمەن،كىملەردىندۇر قورقۇپ ،پەقەتلا قارايمەن كۆكتىكى يۇلتۇزغا ،ھۆكەرگە،ئالتۇن يارۇق،ئالتۇن قوزۇققا ،بەلكىم ئۇلۇغبەك قارىغان مەغرور ۋە غورۇر بىلەن ،لېكىن مەن قارىيالمايمەن يىغلامسىراپ ،لاغىلداپ تىترەپ تۇرۇپ.. ئەلۋىدا،ئەلۋىدا ئانا تىلىم....ئاستاراق ماڭغىن،ئاستاراق،مەن تاۋۇتىڭنى پۇرىۋالاي،ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرىغىنى پۇرىۋالاي،ئاھ ھەسرىتىم ..ئەلۋىدا ئانا تىلىم ئەلۋىدا...
پەقەت باغداش تورىغىلا خاس باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۇرۇپ چاپلاشقا بولمايدۇ.بىر راۋرۇس ئەر بولساممۇ كۆزلىرىمدىكى ياش تىزگىنىمدىن چىقىپ كەتتى ،خەتلەر ھۆل بولۇپ كەتكەن بولسا ئۆزرە سۇرايمەن.
[ بۇ يازمىنىkokturukدە2011-06-24 16:39قايتا تەھرىرل ]