كېۋەزنىڭ ساغىرىپ سولىشىش كېسەللىكى
كېۋەز ساغىرىپ سولىشىش كېسلى: كېۋەز ساغىرىپ سولىشىش كېسەللىكى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرغا كەڭرى تارقالغان بولۇپ، كېۋەز مەھسولاتى ۋە سۈپىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كېۋەز ساغىرىپ سولىشىش كېسىلىنى ۋېرتىكىللىيۇم زەمبۇرىغى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ پارازىت خوجىسى كۆپ، ھازىر ئېنىقلانغىنى 660خىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى 184خىلغا يېتىدۇ. كېۋەزگە زىيان سالغاندىن باشقا، پېدىگەن، پەمىدۇر، قوغۇن-تاۋۇز تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، تاماكا ۋە كۈنجۈت قاتارلىق زىرائەتلەرگىمۇزىيان سالىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى ۋە مورفولوگىيسى: كېۋەز گۈلى ئېچىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە پەيدا بولدىغان بولۇپ، كېۋەز تۈپى ئوتتۇرا قىسمىدىن چىققان يوپۇرماقنىڭ يوپۇرماق گىرۋىكى ۋە يوپۇرماق تومۇرى ئارىسىدا سۇس ساغۇچ تەرتىپسز داغلار پەيدابولۇپ، تەدرىجى كېڭىيىپ سېرىق داغقا ئۆزگىرەيدۇ، كېيىن قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرەپ، ئالقانسىمان داغ شەكىللىندۇ. يوپۇرماق گىرۋىكى ئۈستىگە قورۇلدۇ، ئېغىر بولغاندا، تۈپى بىلەنلار قۇرۇپ تۈگەيدۇ، ئەمما يوپۇرماق تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ. كېۋەز غوزا تۇتۇش مەزگىلدە، ھەر قېتىملىق يامغۇردىن كېيىن، بىرخىل جېددى خاراكتىرلىق ساغىرىپ سولىشش پەيدا بولۇپ، يوپۇرماق ئاساسى تومۇرى ئارىسىدا سۇ ئۆرلەپ قالغاندەك سۇس يېشىل داغلار پەيدا بولىدۇ، يوپۇرماق ناھايتى تىزلا سولىشىپ ساڭگىلاپ قالدۇ. كېۋەز قۇرۇپ سولىشىش كېسىلى ۋە كېۋەز ساغىرىپ سولىشىشى كېسىلى بىرلا ئېتىزدا ئارلاش پەيدا بولدۇ، بۇ ئىككى خىل كېسەللىكنىڭ پەرقى ئاساسلىق تۆۋەندىكى 6 تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. قۇرۇپ سولىشىش كېسەللىكى بولسا كېۋەزنىڭ مايسا مەزگىلدە ئېغىر پەيدا بولۇپ، غۇنچە مەزگىلى بولسا كېسەللىك يۈز بېرىشنىڭ يوقىرى پەللىسىگە يېتىدىغان ۋاقتى. ساغىرىپ سولىشىش كېسىلى بولسا غۇنچە مەزگىلدىن باشلاپ پەيدا بولىدۇ؛
2. قۇرۇپ سولىشىش كېسىلى كېۋەز ئۇچىدىن يىلتىز تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ، ساغىرىپ سولىشىش كېسىلى ئەكسىنچە يىلتىزغا يېقىن تەرەپتە ئاۋال پەيدا بولۇپ، كېيىن كېۋەز تۈپى ئۇچىغا قاراپ تەرەققى قىلدۇ؛
3. قۇرۇپ سولىشىش كېسىل بولغان كېۋەز تۈپىدە پاكارلاپ، سولىشىش ئالامىتى ئىپادىلىندۇ، ھەم كېۋەز يوپۇرمىقى كىچىكلەپ، قېلىنداپ، قورۇلۇپ قالىدۇ. ساغىرىپ سولىشىش كېسەللىكىدە يوقارقىدەك ئۆزگىرىشلەر بولمايدۇ؛
4. قۇرۇپ سولىشىش كېسىلى بولغان كېسەل تۈپىنىڭ يوپۇرماق تومۇرلىرى ساغىرىپ، تورسىمان داغلار پەيدا بولىدۇ شەكىللنىدۇ. ئەمما ساغىرىپ سولىشىش كېسىلى بولغان كېۋەز تۈپىنىڭ يوپۇرماق تومۇرى يېشىل ھالەتتە بولۇپ، يوپۇرماق ئاساسى تومۇرى ئوتتۇرسىدىكى يوپۇرماق ئېتىدە سېرىق داغ پارچىلىرى ھاسىل بولدۇ؛
5. قۇرۇپ سولىشىش كېسىلى دەسلەپكى مەزگىلدە يوپۇرماق تاشلاپ، قۇرۇق شېخىلا قالىدۇ، ساغىرىپ سولىشىش كېسەللىكىدە دەسلەپكى مەزگىلدە يوپۇرماقنىڭ چۈشىشى ئاز بولۇپ، كۆپىنچە كېيىنكى مەزگىلدە كۆپ بولدۇ؛
6.كېسەل تۈپىنىڭ يىلتىز، غول، يوپۇرماق سېپى قاتارلىق قىسىملىرنى ئوتتۇردىن يارغاندا، قۇرۇپ سولاشقان كېسەللىك تۈپىنىڭ توشۇغۇچى نەيچىسى قېنىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، ساغىرىپ سولاشقان كېسەللىك تۈپىنىڭ توشۇغۇچى نەيچىسى سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇرۇپ سولىشىش كېسىلى ۋە ساغىرىپ سولىشىش كېسىلىنىڭ دائىم ئوخشاش بىر كېۋەز تۈپىدە پەيدا بولغانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. قۇرۇپ سولىشىش كېسىلى ئاساس بولغان كېۋەز تۈپىنىڭ ئاساسى غول ۋە مىۋە شاخچىلىرى بوغۇم ئارلىقى قىسقىرايدۇ، كېۋەز تۈپى دائىم ئەتراپىغا يېيىلىپ پاكارلايدۇ، كۆپ قىسىم يوپۇرماقلار قورۇلۇپ كىچىكلەيدۇ، يوپۇرماق رەڭگى قېنىقلايدۇ ياكى سېرىق تورسىمان داغلار بولغان تىپىك ھالەتتىكى قۇرۇپ سولىشىش كېسەللىك ئالامىتى ئىپادىلىندۇ. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، كېۋەز تۈپىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن قىسىم يوپۇرماقلىردا ئالقانسىمان سېرىق داغلار پەيدا بولدۇ. ساغىرىپ سولىشىش كېسىلى ئاساس بولغان كېسەللىك تۈپنىڭ كۆپ قىسىم يوپۇرماقلىرىدا پارچە-پارچە داغلار ياكى ئالقانسىمان قۇرۇشقان بولۇپ، تىپىك ھالەتتىكى ساغىرىپ سولىشىش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلدۇ. ئەمما ئۇچ قىسمىدىكى يوپۇرماق قۇرۇلۇپ، يوپۇرماق رەڭگى قېنىقلايدۇ، بەزىدە قۇرۇپ سولىشىش كېسەللىكىدە بولدىغان تىپىك ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ بىر قىسىم يوپۇرماقلاردا سېرىق تورسىمان داغلار شەكىللىندۇ، توشۇغۇچى نەيچىسى سۇس قوڭۇر رەڭ ياكى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرەيدۇ.
پەيدا بولۇش قانونىيتى: كېۋەز ساغىرىپ سولىشىش كېسەللىك مىكروبى بولسا ئاساسلىق ماكرو زەمبۇرۇغ يادرۇسى ئارقىلىق قىشتىن ئۆتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا كېۋەز ئۇرۇقىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا، كېسەللىك قالدۇق تېنىدە، كېسەللىك مىكروبى بولغان كېۋەز ئۇرۇقى پوستىدا قىشتىن ئۆتۈپ تارقىلدۇ. كېسەللىك مىكروبى بولغان ئۇرۇق بولسا يىراق ئارلىققا تارقىلىش ۋە كېسەللىك رايونىدىكى تارقىلىشنىڭ ئاساسلىق باسقۇچى. كېسەللىك پەيدا بولدىغان مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا بولسا 25 سېلسىيە گىرادۇستىن 28 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ، 25 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغاندا، ياكى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن يوقىرى بولغاندا كېسەل پەيدا بولۇشى ئاستىلايدۇ. 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يوقىرى بولغاندا كېسەللىك ئالامەتلەر يوشۇرۇن بولۇپ ئىپادىلەنمەيدۇ. ھۆل- يېغىن كۆپ بولغان يىللار ياكى مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا، يوقىرى نەملىك شارائىتى كېسەللىكنىڭ پەيدا بولىشىغا پايدىلىق.
ساغىرىپ سولىشىش كېسىلدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە داۋالاش ئۇسوللىرى: كېسەللىككە قارشىلىقى بولغان ئەلا سورتلارنى كېڭەيتىش كېرەك. ئەگەر كېۋەزلىكتە ساغىرىپ سولىشىش كېسىلى پەيدا بولغاندا، ئۇنى داۋالاش ناھايتى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن كېسەل مىكروبلىرنىڭ كېرىشى قاتتىق توسۇش كېرەك، كېسەللىك رايونىغا قارىتا ئونۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم. كېسەلسىز رايوننى قوغداش ، ئاز كۆرۈلدىغان كېسەل رايونىنى يوق قىلىش، يىنىڭ بولغان كېسەل رايونىنى كونتىرول قىلىش، ئېغىر بولغان كېسەل رايونىنى ئۆزگەرتىش لازىم. 1. كېسەلسىز رايوننى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم، ھازىر دۆلىتىمىز كېۋەز ئېتېزلىرنىڭ 3تىن 2 قىسمى كېسەلسىز رايون. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىشنى كۆچەيتىپ، كېسەل مىكروبلىرنىڭ كەڭ دائىرلىق تارقىلىشى كونتىرول قىلىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇقنى دېززىنفىكسىيە قىلىش لازىم. سىرىتقا يۆيكەيدىغان ئۇرۇق ياكى گۇمانلىق ئۇرۇقلارنى سولفات كىسلاتاسى بىلەن ئۇرۇق پوستى سىرتىدىكى تالالارنى چۈشۈرۈش ۋە باشقا مىكروپ ئۆلتەرگۈچى دارىلار بىلەن دېززىفىكسىيەلەش لازىم.
(1) سولفات كىسلاتاسى بىلەن ئۇرۇق پوستى سىرتىدىكى تالالارنى چۈشۈرگەندە، 1كىلوگىرام سولغات كىسلاتاسىنى 110دىن120 سېلسىيە گىرادۇسقىچە قىزدۇرغاندىن كېيىن، 10 كىلوگىرام ئۇرۇق بار بولغان ئىدىش ياكى باشقا قاچىلارغا قۇيۇش بىلەن بىرگە 10 مىنوت ئەتراپىدا ئارلاشتۇرلىدۇ. كېۋەز ئۇرۇقىنىڭ سىرتقى پوستىدىكى قىسقا تالالار تەلتۆكۈس تازلىنىپ، ئۇرۇق قارا سىلىق ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇرۇق سۈزۈك سۇ بىلەن تاكى سۇدا پەيدا بولغان ساغۇچ رەڭ ۋە سولفات كىسلاتا پۇرۇقى يوقالغىچە چايقىلدۇ. چايقاپ بولغاندىن كېيىن يېيىپ قۇرۇتۇلۇپ تېرىشقا بولىدۇ.
(2) ئىلمان بولغان 402 دارا سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇرۇقنى چىلاپ تۇرغۇزۇش لازىم: ئىدىش ئىچىگە 65 سېىلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى ئىسسىق سۇدىن 100 كىلوگىرام قۇيغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە 80% لىك 402 دارا سۇيۇقلۇقىدىن 50 مىللىلىتىر قۇيۇپ ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن، سولغات كىسلاتاسىدا تالاسىزلاشتۇرۇلغا كېۋەز ئۇرۇقىدىن 40 كىلوگىرامنى دارا سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ سۈزىۋېلىندۇ. دارا سۇيۇقلۇقىنىڭ تېمپىراتورىسى 55-60 سېىلسىيە گىرادۇس ئارلىقدا بولىشى لازىم. سۈزىۋېلىنغان ئۇرۇق بىۋاستە تېرىلسىمۇ ياكى قۇرۇتقاندىن كېيىن ئىشلىتىلسىمۇ بولىدۇ.
(3) كۆپخىل كېسەللىك مىكروبىنى ئۆلتۈرەلەيدىغان رىئاكتىۋ _ دوجۈنلىڭ)多菌灵( غا ئۇرۇقنى چىلاش: ئۈنۈملۈك تەركىبى% 0.3-%0.4 بولغان دوجۈنلىڭ سۇيۇقلىقى بىلەن ئادەتتىكى تېمپىراتورىدا كېۋەز ئۇرغىنى 12-14 سائەت ئەتراپىدا چىلىندۇ، بۇئارقىلىق ئۇرۇق ئۇرۇق شاكىلى ئىچى ۋە سىرتىدىكى كېسەللىك مىكروبلىرنى يوقىتىشقا بولىدۇ.
[ بۇ يازمىنىbaghdaxhanدە2011-06-22 18:23قايتا تەھرى ]