karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 711 قېتىم كۆرۈلدى
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 934
شۆھرەت: 5201 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5173 سوم
تۆھپە: 3056 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3038 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2819(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئايتاراتى--ئاز ھەم ساز يازىدىغان شائىر

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-28)
                  ئاز ھەم ساز يازىدىغان شائىر
                
-- سەمەت ئابدۇراخمان شېئىرلىرى توغرىسىدا
رىسالەت مەردان

سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرىنى تۇنجى ئوقۇغاندا مەن تېخى شېئىرىيەت باغچىسىدا تەمتىلەپ يۈرگەن بىر بالا ئىدىم، ئارىدىن ئون بەش يىل ئۆتتى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى داۋاملىق ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يارىتىلغان شېئىرىي مەنزىرە ۋە قومۇل قوشاقلىرىغا خاس پۇراق مېنى ئىزچىل مەھلىيا قىلىپ كەلدى، ئۇنىڭ تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، ئەنئەنىۋىيلىككە قاراپ ئىلگىرلىگەن ئىجادىيەت يۆنىلىشى نۇرغۇنلىغان كىتابخۇمارلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋار بولۇپ كەلدى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاكتىپ بىر قىسمى بولغان شېئىرىيەت ھامان يورۇق نۇقتا بولدى، ھەر قايسى يەرلىك ژورناللار، ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك ژورناللار شېئىرىيەت  ئۈچۈن ئالاھىدە سەھىپە ئاجىراتتى. جۈملىدىن، ‹‹قومۇل ئەدەبىياتى ›› ژورنىلىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئەلۋەتتە، شائىر سەمەت ئابدۇراخماننىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ‹‹قومۇل ئەدەبىياتى ›› ۋە ‹‹قومۇل گېزىتى ›› دە ئېلان قىلىندى.ئۇنىڭ شېئىرلىرى گەرچە كۆپ ئېلان قىلىنمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى شېئىرىي دىتاللارنىڭ قويۇقلۇقى، تىلىنىڭ يەڭگىللىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇننىڭ نامى ئويۇلۇپ قالدى.
سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن قومۇل خەلق قوشاقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىقنى ھېس قىلالايدۇ، بۇ خىل ئورتاقلىق يىللار مابەينىدە بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، بۇ شائىرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىنىڭ، تىرىشىشىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ ئۆز شېئىرلىرىنىڭ يىنىك، دەبدەبىسىز، تىلى ئاددى ئەمما ئىپادىلەنگەن شېئىرىي مۇھىتنىڭ قويۇق ھەم چىن بولىشىغا كۆپ ئەھمىيەت بەردى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن قومۇل قوشاقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئورتاقلىق  تۈۋەندىكى نۇقتىلاردا روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ:
1
. قومۇل خەلق قوشاقلىرىدا ئەكىس ئەتكەن شېئىرىي مەنزىرىنى سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
سەمەت ئابدۇراخماننىڭ ناخشىچى ئىسكەندەر سەمەتكە ئاتاپ يازغان بىر شېئىرى بار، بۇ شېئىرنى ئوقۇغانلار شۇنى ئېنىق ھېس قىلالايدۇكى، بۇ شېئىردا شائىر ناخشىچى ئىسكەندەر سەمەتنىڭ قومۇل مۇقاملىرىنى ئېيتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ دىتالنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇ ئېيتقان ناخشىلاردىكى سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن جانلىق پايدىلانغان ھەم ناخشىچىنى گەۋدىلەندۈرۈش مەقسىدىگە يەتكەن.تۈۋەندىكى مىساللاردىمۇ يوقىرىقى ھالەت ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ:
 
جاڭگالدا تەمەچ تەرمىدىم، ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى،
باغدا يوپۇرماق سەرمىدىم، ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى.
...
ھەممىلا مەشرەپ توي ئەمەس، ھەممىلا ئادەم قوي ئەمەس،
يولۋاسقىمۇ يول بەرمىدىم، ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى.

‹‹ ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى››

‹‹ساراڭ›› دەيسەن، مەن كۆككىنە كەپتەر بولۇپ،
كۈندە سېنى ئەگىسەم.

‹‹مەن بۇزۇقمۇ تۈزۈكمۇ››

بۇ غەزەلدىكى ‹‹ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى››، ‹‹ جاڭگالدا تەمەچ تېرىش››، ‹‹ يولۋاسقا يول بەرمەسلىك ››قاتارلىق ئىبارىلەر قومۇل خەلق قوشاقلىرىدا ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەتكە تالىق، قومۇل خەلق قوشاقلىرىنى بىۋاستە ئەسلىتىپ تۇرىدىغان ئىبارىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن شائىرنىڭ بۇ غەزىلى روشەن مىللىي ۋە يەرلىك پۇراققا ئىگە بولغان. شائىر شېئىرىدىكى دىتاللارنى مىللىي پۇراققا تويۇندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.‹‹ شېئىر بىلەن ئىلىم-پەننىڭ بىرىنچى پەرقى: شېئىر بولسا ئىجاد قىلىدۇ، ئىلىم پەن بولسا بايقايدۇ، ئىسپاتلايدۇ، يىغىنچاقلايدۇ، تەھلىل قىلىدۇ››(1)، قومۇل قوشاقلىرىدىكى قومۇلغا خاس بەزى ئىلمىنىتلار شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا قايتا ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ يېڭىچە ۋە ئۆزگىچە بولغان ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇپ، مۇئەييەن دەرىجىدە ئىجادىي قىممىتىنى تاپتى. شائىرنىڭ بىز يوقۇرىدا تىلغا ئالغان ۋە بۇ ماقالىگە كىرگۈزۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان قىسمەن شېئىرلىرى بۇ قارىشىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.
2.سەمەت ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدا قومۇل شىۋىسى بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلدى.
قومۇل شېۋىسىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مۇۋاپىق، جايىدا  ئىشلىتىلىشى سەمەت ئابدۇراخمان شېئىرلىرىنى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. يېقىندىن بېرى قومۇل شىۋىسىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا قايتا ئىزلىنىش ھەمدە ئۇلارنى ئەدەبىي تىلدىكى كىرەكلىك ئورۇنغا قويۇش ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدىن خېلى كۆپ يېزىلدى، بەزى ئىزدەنگۈچىلەر ئەمەلىي تەتقىقات ئارقىلىق قومۇل شېۋىسىدە ساقلىنىۋاتقان كۆپلىگەن سۆزلەرنى ئەدەبىي تىلغا يانداشتۇرۇش ھەققىدە ناھايىتى چوڭقۇر ئىزدەندى ھەم بۇ ھەقتە قىسمەن مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى. شائىر سەمەت ئابدۇراخمانمۇ بۇ ھەقتە ئەمەلىي ئىزدىنىپ، شېئىرلىرىدا قومۇل شىۋىسىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، شېئىرىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇردى .
قارىغىن تاشاردا ھەممە نەرسە تاش
تاش ئېرىق، تاش ئادەم، تاش تام، تاش گۆتەن،
ئەزىزلىك بابىدا يوللايدۇ سالام،
يىراقتىن قاشتىشى ماكانى خوتەن.
 ‹‹تاشار››

 مارىسا كىملەر ‹‹چۇجۇڭ››دىن، گاھ ئۆيىدە چاچ تاراپ،
گاھ بېشىنى چىڭ تېڭىپ، ئاغرىقى يالغان ئايخېنىم.
‹‹ئايخېنىم››

قارلىغاچلار باغرىنى ياقمايدۇ ‹‹ئەرنى ››گە،
ئالقىنىڭدا پادىشاھ زوقلانغۇدەك شەر بولمىسا.
‹‹ بولمىسا››

ھېچ غايلىمايدۇ ياۋ ئوقى، جەرەن كۆزىدە ياش يۇقى،
تاغلاردا ئوقيا كەرمىدىم، .ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى.
‹‹ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى ››

گۆتەن دىگەن بۇ قومۇل شىۋىسىدىكى سۆز ئەدەبىي تىلدا ‹‹‹ئۆي ›› مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چۇجۇڭ دىگەن سۆز سۇڭگۇچ دىگەن مەنىدە، ‹‹ ئەرنى›› دىگەن سۆز لەۋ، كالپۇك دىگەن مەنىدە كېلىدۇ، غايلاش دىگەن بۇ سۆز‹‹ئاداشمايدۇ، چەتنىمەيدۇ›› دىگەن مەنىدە. بۇنداق مىساللارنى سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرىدىن ناھايىتى كۆپنى تېپىش مۇمكىن. مەرھۇم شائىر روزى سايىت بىر مەزگىللەردە ‹‹مۇت، ئۆمۈلاخمان،بۇغۇناق...›› دىگەندەك خوتەن شىۋىسىدىكى سۆزلەرنى رادىف قىلىپ ۋە ئىشلىتىپ بىر قىسىم شېئىرلارنى يېزىپ، بۇ سۆزلەرنى كۆپچىلىك بىلىدىغان سۆزلەرگە ئايلاندۇرىۋەتكەن ئىدى. سەمەت ئابدۇراخمان باشلىق قومۇلدىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلەرمۇ بۇ ھەقتە سىناق ئېلىپ بېرىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتىدۇ. قومۇل شېىۋىسىدىكى بۇنداق سۆزلەر كۆپىنچە ھاللاردا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان سۆزلەر بولۇپ، بۇنداق سۆزلەرنى ئۆز شېئىرىدا مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلەردىن يەنە شائىر ئوسمانجان ساۋۇتمۇ بار، ئۇ قومۇل شىۋىسىدىكى ‹‹ئۇدۇسقاش›› قاتارلىق سۆزلەرنى شېئىرلىرىدا قايتا ئىشلىتىپ ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى ھەمدە تەتقىقاتچى غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار تەرىپىدىن ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنى قازغۇچى ، ئىشلەتكۈچى، جانلاندۇرغۇچى ›› دەپ تەرىپلەندى. (2) دىمەك سەمەت ئابدۇراخمانمۇ بۇ يۆنىلىشتە يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى قېزىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.
3. قومۇل خەلق قوشاقلىرىدىكى ۋەقەلىك، تەركىبلەر سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرىدا قايتا ئىپادىسىنى تاپتى.
قومۇل خەلق قوشاقلىرىنىڭ ھەر بىر ئاھاڭىدا بىردىن ھەتتا، بەزى بىر كوپلىتلاردا بىردىن ۋەقەلىك يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ‹‹ئىز›› رومانىدا قومۇل قوشاقلىرىدىكى بەزى قوشاقلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يازغان، بۇ ۋەقەلىكلەرنىڭ بەزىلىرى ھازىرغىچە يىتىپ كەلدى، بەزىلىرى بولسا قوشاققا ئايلىنىپ كېتىپ، ۋەقەلىكلىرى ئۇنتۇلدى.
قارىدۆۋىچى گۈلدەستىخان
چەشمە ياراشقان،
سۇغا چىقسا سەھەردە
يىگىتى ئېلىپ قاچقان
‹‹ قارىدۆۋىچى گۈلدەستىخان ››
بۇ شېئىرنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن ئىختىيارسىز ھالدا قومۇل قوشاقلىرىدا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان
قارىدۆۋىچى گۈلدەستىخان
بەكرىئاخۇن بىلەن قاچقان
بەگ دادام تۇيۇپ قېلىپ،
ئارقىسىدىن قوغلاشقان
دىگەن مىسىرالارنى ئېسىگە ئالىدۇ، بۇ مىسىرالارنىڭ كەينىگە چوڭقۇر بىر ھېكايىۋىي تارىخ يوشۇرۇنغان بولۇپ، خۇددى پەرھات-شېرىن، تاھىر-زۆھرە، غېرىب-سەنەملەرنىڭ ھېكايىسىگە ئوخشاشلا ئاشىق-مەشۇقلار قىسىسىدۇر. قارىدۆۋىلىك بەگنىڭ چىرايلىق قىزى گۈلدەستىخان نامرات يىگىت بەكرى ئاخۇن بىلەن تېپىشىپ قالىدۇ، لېكىن بەگ ئۇلارنىڭ تويىغا قوشۇلمايدۇ، مۇرادىغا يىتىشنى ئىستىگەن گۈلدەستىخان بىلەن بەكرى ئاخۇن قېچىپ كىتىدۇ. بەگ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئۇلارنى تۇتىۋالىدۇ. مانا بۇ ۋەقەلىك قومۇل قوشاقلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ بىر ناخشىسى بولۇپ قالغان، شائىر سەمەت ئابدۇراخمان بۇ ناخشا ئارقىسىدا ‹‹قارىدۇۋىچى گۈلدەستىخان ›› ناملىق يېڭى شېئىرنى يېزىپ، ئۇنى ناخشا تېكىستى قىلىشقا بەرگەن. شائىرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغانلار ئىختىيارسىز قومۇل مۇقاملىرىدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان شۇ ناملىق ناخشىنى ئېسىگە ئالىدۇ.
شائىرنىڭ ‹‹ئايخېنىم ››، ‹‹سەرۋەڭ ››...قاتارلىق شېئىرلىرىدىمۇ بۇنداق تەركىبلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ‹‹ئايخېنىم سۈزۈك چىراي ›› ۋە ‹‹سەرۋەڭ ›› قاتارلىق قومۇل ناخشىلىرى ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئاڭلاپ باققان، ئېيتالىغان ناخشىلارغا ئايلاندى ھەم بۇ ناخشىلار سەمەت ئابدۇراخماندىن ئىبارەت ئەل سۆيگەن شائىرنىڭ قەلىمىدە يەنە بىر قېتىم قايتا يېزىلىپ، يېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ شېئىرنى خاسلىققا ئىگە قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپلا قالماي، ئەجدادلار مىراسى بولغان ئەنئەنىگە، خەلق ئەدەبىياتىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەتتۇر.
سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرى نىمىشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىب قىلالايدۇ؟ بۇ مەسىلىگە يوقىرىقىدەك جاۋاب بەرگەندىن سىرىت يەنە ئۇنىڭ ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرى ۋە سۆز ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.
سەمەت ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدا تاللانغان تېمىلار ئۆزگىچە بولۇپ، ئۆزگىچە كۈزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ تاللانغان تېمىلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەدىئىي زوقىنى قوزغىيالايدۇ ھەمدە ئۇلاردا تەسەۋۋۇر قۇشلىرىنى ئۇيغۇتالايدۇ، شېئىرنىڭ مىسىرالىرىدا ئەكىس ئەتكەن بەدىئىي كەڭلىكتىن ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى تاپالايدۇ، ‹‹ئادەتتىكى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەممە ئادەم ئىجاد قىلىدۇ، ئەمما سەنئەتكارلار ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىجادىيەت ئېڭىغا ئىگە، ئۇلار بۇ خىل ئىجادىيەت ئېڭىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتىرىپ ئۆزىگە خاس دۇنيا بەرپا قىلالايدۇ ››(3) شۇنداق، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى نەرسە بولۇپ كۆرۈنگەن شەيئىيلەر سەنئەتكارنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۈزىتىلىپ يۈكسەكلىككە كۆتىرىلىدۇ. شائىرنىڭ ‹‹ئاقتاش››ناملىق شېئىرىدا شائىر ئاقتاشنى يادىتاشقا، ئاق بۇلۇت، تاشقا ئايلانغان ئاققۇغا، ئاق بوز ئاتقا، يىگىتنىڭ مۇھەببىتىگە تەققاس قىلغان. ئاقتاشقا چىقىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. كەڭرى كەتكەن يايلاقتىكى ئاپئاق تاش ئۇزۇن يىللىق تارىخقا گۇۋاھ بولۇپ، نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ زىيارەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرماقتا. شائىرنىڭ نەزىرىدە ئاقتاش رىۋايەتلەردىن سىرىتمۇ نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنىڭ سىمۋۇلىغا ئايلانغان. مانا بۇ شائىرنىڭ يۈكسەكلىككە كۆتىرىلگەن تەسەۋۋۇرىنىڭ، ئىجادىيەت ئېڭىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
سەمەت ئابدۇراخمان‹‹ قومۇل گېزىتى ›› ۋە ‹‹قومۇل ئەدەبىياتى ›› دىن باشقا ژورناللاردا ئاز ئەسەر ئېلان قىلىدۇ، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ تاللىشى ۋە خاھىشىدۇر ۋە بەلكىم يازغان ئەسەرلىرى بۇ مەتبۇئاتلارنىڭ ئىھتىياجىدىن ئېشىنىپ بولالمىغانلىقىدۇر، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسىمۇ  قومۇلدىن ئىبارەت بۇ ماكاندىن سىرتقا جىق چەتنەپ كىتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ‹‹باغداش ئانا››، ‹‹قارلىقتاغ ئانا›، ‹‹ مۇقامچىلار››، ‹‹يۇرت ئانىسى ››، ‹‹ سەرۋەڭ››، ‹‹ بىزنىڭ دۆۋەجىن››، ‹‹چىلان ››، ‹‹سالام شارلار تېغى ››، ‹‹ئايخېنىم››، ‹‹ قوغۇن بولمىسا››، ‹‹كۆك مەشىرىپى ۋە باھار ››...قاتارلىق شېئىرلىرىنىڭ ماۋزۇسىدىنلا قومۇل ۋە قومۇل مەدەنىيىتىگە تالىق بولغان مۇھىتنى سېزىش مۇمكىن. ئۇنىڭ يۇرتقا مۇھەببىتى شېئىرلىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا شېئىرلىرىنىڭ ماۋزۇسىدىنمۇ روشەن بىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىر شېئىرىدە مۇنداق مىسىرالار بار:
كۆڭلۈم تويمىسا
گۈللەرگە تۇيدۇرماي
ھەم ئىمىزا قويدۇرماي
پۇرىۋالىمەن ئۇزاق
يانچۇقىمدىن ئېلىپ يۇرتۇمنى
‹‹جەنۇبتىكى سېغىنىش››

باھار
قومۇللۇقلار
مۇز ئۈستىدە ئۈندۈرگەن بۇغداي!
‹‹ كۆك مەشىرىپى ۋە باھار››
ئۇ جەنۇبىي جۇڭگۇنىڭ سۈرەتتەك گۈزەللىكى ئالدىدا ھەيرانۇ-ھەس قالىدۇ، گۈللەرگە، گۈزەل مەنزىرىلەرگە قاراپ تۇيمايدۇ، لېكىن شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۆزىنىڭ ‹‹يانچۇق››ئىدا ئېلىپ يۈرگەن يۇرت سېغىنىشى ئۇنىڭ دىققىتىنى چالغىتىپ تۇرىدۇ. يۇرتىدىن پەخىرلىنىش، يۇرتىنى سۆيۈش بىر شائىرغا نىسبەتەن ئۇنىڭ غۇرۇرىنى ئۆستۈرىدىغان، غۇرۇرغا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم بىر تەرەپتۇر. ئۇ شېئىرلىرىدا ھەر تەرەپتىن يۇرت سۆيگۈسىنى ئىپادىلەيدۇ.
سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرىدا تىلغا ئېلىش كېرەك بولغان يەنە بىر تەرەپ بار، ئۇ بولسىمۇ ئەرلەرگە خاس جاسارەت ۋە ئەركەكلىكنىڭ روشەن ئىپادىلىنىشىدۇر، ئۇنىڭ بۇخلدىكى شېئىرلىرى چۈشكۈنلۈكتىن، يىغلاڭغۇلۇقتىن خالىي، سۆيگۈ مۇھەببەتنى ئىپادە قىلىش ئۇسۇلىدىمۇ ئەركەكلەرگە خاسمەردۇ-مەردانىلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان:
ئالدىمغا دۆۋىلەپ قويدى بىر ئوۋچى،
ھاۋا رەڭ شەپقەتنىڭ جەسەت كۈلىنى،
پۇراقسىز نەۋباھار كۆرگەزمىسىدە،
ئۈزمەيمەن رەسسامنىڭ سىزغان گۈلىنى.
‹‹سىزغان گۈلنى ئۈزمەيمەن››

‹‹ ئاق بۇلۇتلار باغرىدىن سۇسىرىغان تومۇزدا
يادا تاشتىن ئەر چىقتى، سۇغۇرغىلى دېڭىزنى .
...
قۇلىقىمغا پىچىرلاپ قويدى سۈزۈك تاش يامغۇر،
ئېلىپ چىقار لوپنۇرلۇق مۇز ئاستىدىن قۇياشنى .
‹‹يادا تاشتىن چىققان ئەر››

بەزىدە
تاملاردىن ئاتلايدۇ ياۋا رەسىملەر
‹‹بەزىدە ››

ئەگەر چەيلەنسە گۈل-غۇنچە، غەزەب بەرگىدە لەرزىم بار،
نىجىس پۇتلارنى كەسلەشكە ئوچۇق مەيداندا لەۋزىم بار.
‹‹قەرزىم بار››

سەن يېنىمدىن كەتمەكچى بولساڭ،
سېنى چىڭ بىر قۇچاقلىۋالاي،
سۇنۇپ كەتسۇن ھەممە قوۋۇرغاڭ،
سۇنۇپ كەتسۇن بەل ۋە ئومۇرتقاڭ
‹‹كەتمەكچى بولساڭ››
ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن بۇ خىل روھ ھازىر ھەممەيلەن ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان تۇيغۇدىن ئىبارەت. ئۇ ھەتتا ‹‹ئۇ ›› نىڭغا ‹‹ئەگەر مېنى تاشلاپ كەتمەكچى بولساڭ سېنى چىڭ قۇچاقلاپ، بەل قۇۋۇرغاڭنى سۇندۇرۋىتىمەن ›› دەپ خىتاپ قىلىدۇ، ئەكسىچە يالۋۇرۇپ، كۆز ياش ئېقىتىپ يۈرمەيدۇ، مانا بۇنداق روھ قىزلار ئىزلەيدىغان، ئىنتىلىدىغان ئەركەكلەرچە روھ ئەمەسمۇ! ئۇ ھەتتا ‹‹دېڭىزنى سۇغىرىدىغان، ‹‹ مۇز ئاستىدىن قۇياشنى ئېلىپ چىقىدىغان ›› ئەرلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەتتا ‹‹ سىزغان، سۈنئىي گۈللەرگە ئالدانمايدۇ›› مانا بۇلاردىن بىز ئۇ ياراتقان ھەققىي،مۇكەممەل ئەركەكلىك ئوبرازىنى كۆرەلەيمىز.
سەمەت ئابدۇراخماننىڭ ‹‹ئايخنىم››، ‹‹ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى ››، ‹‹سالام، شارلار تېغى››، ‹‹‹باغداش ئانا ››، ‹‹قارلىقتاغ ئاتا ››..قاتارلىق بىر تۈركۈم غەزەللىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىسىل غەزەللەردىن ئىبارەت، شائىرنىڭ يۇرت مۇھەببىتىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھەببىتىنى غەزەلدىن ئىبارەت ئەنئەنىۋىي شەكىلدە ئىپادىلىشى بىر خىل تاسادىپىيلىقمۇ ياكى مۇقەرەرلىكمۇ؟ بۇ بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان تېما.
شائىرنىڭ كۆپلىگەن شېئىرىنى ئوقۇش جەريانىدا ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، لېكىن شائىر ئىزلىنىش، سىناق، تاكاممۇللىشىشقا يىتىش جەريانىدا قىسمەن خاتالىقلاردىنمۇ خالى بولالمىدى، شائىرنىڭ غەزەللىرى شۇنچە ئويناق، تىلى يەڭگىل، سۆزلىرى راۋان بولىشىغا قارىماي، بەزىدە ۋەزىن، قاپىيە، تۇراق جەھەتلەردە بەزى يىتىشسىزلىكلەر مەۋجۈت، يەنە بەزى شېئىرلاردا شېئىرىي مۇھىت كەمچىل. مىسرالار ئوتتۇرىسىدىكى سەكرەتمىلىك چوڭراق بولغاچقا، كىتابخانلارنىڭ تەپەككۈرى يىتىپ بولالماي، قۇرغاق بىر مۇھىتنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى قىسمەنلىكلەر بولۇپ، ئومۇمىي يۆنىلىشتىن قارىغاندا، شائىر سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرى يەنىلا ئۆز خاسلىقىنى ئىزدەپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ.
شائىر ئۆز خاسلىقىنى يارىتىش يولىدا تىرىشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ سەپىرى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ھەم نەتىجىلىك بولغاي.
ئىزاھاتلار :
(1) (3)  ۋاڭ جىڭجى : شېئىرىيەت پىرىنسىپلىرى ‹‹سېلىشتۇرما پوئىتىكا ›› خەنزۇچە، بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتى نەشىرىياتى 2005-يىلى 1-نەشىرى.
(2) غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار‹‹ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا›› تەڭرىتاغ ژورنىلى 2004-يىلى 3-سان


 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-24 22:12 |
birtalyultuz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 743
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 55 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 55 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شائىرنىڭ يۇرت مۇھەببىتىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھەببىتىنى غەزەلدىن ئىبارەت ئەنئەنىۋىي شەكىلدە ئىپادىلىشى بىر خىل تاسادىپىيلىقمۇ ياكى مۇقەرەرلىكمۇ؟ بۇ بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان تېما.
بۇ  قۇرلۇرىڭىزنى ئوقۇپ خەيزنىڭ شېرئىيەت مۇساپىسىنى ئەسلەپ قالدىم.
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 00:22 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 934
شۆھرەت: 5201 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5173 سوم
تۆھپە: 3056 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3038 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2819(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خەيزىنىڭ شېئىرىيەت مۇساپىسى-ھەققى سەنئەت يارىتىش مۇساپىسى.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 12:06 |
arkim
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 327
شۆھرەت: 1940 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1990 سوم
تۆھپە: 1116 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1116 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 415(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئايتاراتىنىڭ جىق تېمىلىرى جەۋھەرلىنەتتى! ئەپسۇسلانغىنىم بۇ تېمىسىنىڭ جەۋھەرلەنمىگەنلىكى بولدى!...
سەمەت ئابدۇراخمان ئاكامنىڭ ھەر بىر شئېرىدىن قىزغىنىمەن، ئۇنىڭغا قايىل بولىمەن...
hawar
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-28 18:47 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 934
شۆھرەت: 5201 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5173 سوم
تۆھپە: 3056 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3038 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2819(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭ تېما جىقلىغىدىن جەۋھەرلەنمەس بوپ قالدىغۇ تاڭ....
ئەركىمنىڭ رىغبىتىگە رەھمەت.  
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-28 18:55 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
تۆھپە: 696 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 696 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باغداش ئانا دىگەن ناخشىنى يېزىپ قويۇپتىكەن بۇياق ،...........
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 13:06 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر