300-70 -1 oztil xj 50
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 1780 قېتىم كۆرۈلدى
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 183 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 174 سوم
تۆھپە: 101 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 102 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقوش كېرەكمۇ؟(مۇنازىرە)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-26)
 
         2011-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى ئېلان قىلىندى ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرۈپ شادلانغان بولسا يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆز نومۇرىدىن مەيۈسلەندى . يەنە شۇنداقلا نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىدىن سۆيۈنۈپ بالىسىنىڭ قانچە نومۇر ئالغانلىقى توغرىسىدا ماختانسا يەنە بىر قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى . بەزىلىرى بالىسىغا كايىسا يەنە بەزىلىرى بالىسىغا تەسەللىي بېرىشتى .
   ئالىي مەكتەپ بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىممۇ ؟ 
   ئىچكىرى ئۆلكىدە بىر قانچە ئوقۇغۇچى ئىمتىھان مەيدانىغا كېچىكىپ قېلىپ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالدى ، ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئىمتىھان ئەنە شۇنداق مۇھىم ئىدى ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقوغۇچىغا قارىغاندا ئاتا - ئانىغا بەكرەك مۇھىم ئىدى. ئەگەر ئاتا- ئانا بالىسى ئورنىغا ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتى بولغان بولسا ئاتا- ئانىلار كېچىنى كۈندۈزگە كۈندۈزنى چۈشتىن كېيىنگە ئۇلاپ كىتاپ كۆرەر بولغىيمىتى؟


         چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىلا ياراملىق ئادەم بولغىلى بولامدۇ؟
  بۇ دەل مۇشۇ كۈنلەردىكى قىزغىن نۇقتا،  مىكروسوفىتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقىماپتىكەن ،دىمەك ئالىي مەكتەپتە ئوقىمايمۇ  نەتىجە قازانغىلى بولىدىكەن دەپ تەسەللىي ئىزدەيدۇ نومۇرى تۆۋەنلەر .يەنە پالانچىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقىماپتىكەن ھازىر شىركەت دېرىكتورىكەن  ،

  بەرىبىر خىزمەت بولمىسا نىمە ئىش قىلىدۇ نۇرغۇن پۇلنى ئىسراپ قىلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ، ئۇ پۇلنى بىرەر ئىشقا مەبلەغ سالساق 5 يىلدا نۇرغۇن پۇل تاپقىلى بولىدۇ .
    شۇنداق بىل گەيتىس ئالىي مەكتەپتە ئوقىمىغان ،ئۇ دۇنياغا داڭلىق ،لېكىن سىزگە شۇ پۇرسەت كېلەرمۇ ؟ سىز شۇنىڭدەك پۇرسەتنى تۇتالامسىز ؟ سىزدە شۇنىڭدە تالانىت بارمۇ ؟ سىز ئامىرىكا قوشما شىتاتىدا تۇرىۋاتامسىز ؟
  
ئالىي مەكتەپتە ئوقوش بەكمۇ مۇھىم ؟

     1. ئالىي مەكتەپتە سىز نۇرغۇن كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگۈنىسىز ، ئەگەر سىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش دۆلىتىمىز مائارىپىنى ئەخلەت مائارىپ دەپ قارىسىڭىز ئۇنىڭغىمۇ مەيلى ، دەرسلىك بىلىملەرنى ئۆگەنمەي گوللاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ، بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى مۇستەقىل ياشاشنى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ، باشقىلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگۈنىسىز ، بۇ سىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىڭىزدا سىز ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كېرەك بولىدىغان بىلىملەر .
   سىز بەلكىم ھېس قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن ،لېكىن 1 يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ئوقۇشقا چىقمىغان ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ سۆھبەتلىشىپ بېقىڭ ،ئۆزىڭىزنىڭ خېلى پىشىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز !

 
      2.بىزدە يۇرت كۆرگەن ئەر قالتىس دەيدىغان گەپ بار ، بۇ بۇرۇنقى گەپ. سىز ئالىي مەكتەپكە چىقسىڭىز ھەممە يۇرتقا بېرىپ كۆرۈش كەتمەيدۇ ، سىز بۇ يەردە 16 شەھەردىن كەلگەن شۇ يۇرتنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولىدىغان بالىلارنى ئۇچىرتىسىز . ئەنە شۇلار ئارقىلىق شۇ يۇرتنىڭ مەدەنىيتىنى ، كىشىلىرىنىڭ مىجەزىنى بىمالال چۈشىنەلەيسىز .ئاتۇشلۇق بالىلارنىڭ پۇل تېپىشقا قانداق ماھىرلىقىنى ، ئۈرۈمچىلىك بالىلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قانداق ماڭىدىغانلىقى، قومۇللۇق بالىلارنىڭ قانداق ئاقكۆڭۈلىكىنى ،چۈشىنىسىز .كېيىن شۇ يۇرتلارغا بېرىپ قالسىڭىز بىمالال يۈرۈپ كېتەلەيسىز .
 
      3. دۇنيانى ،جەمئىيەتنى چۈشىنىسىز ، بۇ 5 يىل جەريانىدا سىزدە مەلۇم دۇنيا قارىشى ،قىممەت قارىشى شەكىللىندۇ .سىز بۇ يەردە بەش ۋاق نامازنى تەرك ئەتمەيدىغان تەقۋادارلارنىمۇ ، كۈندە ھاراق ئىچىشنى ۋەزىپە قىلغان ھاراقكەشلەرنىمۇ ؟ كىتاپتىن بېشىنى كۆتۈرمەيدىغان كىتاپ موللىلىرىنىمۇ ، ھەپتىدە بىر مۇھەببىتىنى يەڭگۈشلەيدىغان ئۈجمە كۆڭۈل شاپاقلارنىمۇ ، كېچىسى سىرتنىڭ ياتىقىدا تۈنەيدىغان قىز ئوغۇللارنىمۇ ، ئوقوش پۇلىنى دوغا تىكىدىغان قىمارۋازلارنىمۇ ئىشقىلىپ ھەرقانداق كىشىنى ئۇچرىتىسىز . دىمەك مۇشۇ بىر تۈركۈم خىلمۇ- خىل كىشىلەر سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ .

      دىمەك ئالىي مەكتەپ ھەقىقەتەن مۇھىم ؟ ئەمدى سىزگە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسدا ئاز تولا سۆزلەپ بەرگۈم بار .

      1.مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە بەك ھاكاۋۇر بەك نوچى بولىۋالماڭ ، سىز ئۆز يۇرتىڭىزدا كىملا بولۇڭ بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى يېرىدىن كەلگەنلەر بار ، مەكتەپتە مەن نوچى دەپ قېلىپ ئەدەبىنى يەپ قالىدىغانلار كۆپرەك.
 
      2.كونا ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلەڭ . بىزدە كونا ئوقۇغۇچى ،يېڭى كەلگۈندى دەپ قارايدىغان ئەھۋال بارلىق مەكتەپلەردە ئاساسەن مەۋجۇت ، گەرچە يېڭى كەلگەنلەرنى ئەدەپلەپ كۈتىۋالىدىغان ئىشلار سەل بېسىققان بولسىمۇ كونىلارنى ھۆرمەتلىمەي ھۆرپىىيپ قاراپ نوچىلىق قىلسىڭىز مەكتەپكە كېلە-كەلمەي كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىۋالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالىدۇ .
 
       3.ياتاقتىكىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈڭ ، ياتاقتا ھوقوق تالاشماڭ ، ھەممىسىنى ئۆزەمنىڭ گىپىگە كىرگۈزىمەن دىگەن خىيالدا بولماڭ ،بولمىسا ئەكسىچە سىز قالغانلارنىڭ گېپىگە كىرىدىغان ياتاقنىڭ كاندىدات تازلىق ئىشچىسى بولۇپ قالىسىز، ئۆيدىكىلار ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى ياتاقتىكىلەر بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇڭ .5 يىل جەريانىدا ئۇلار كۆپ ھاجىتىڭىز چۈشىدۇ ،
 
      4.مۇئەللىملەرگە چەكتىن ئاشۇرۋەتمىگەن ئاساستا يېقىنچىلىق قىلىپ قويۇڭ ، مەكتەپ ھويلىسدا ئۇچراپ قالسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ سالام بېرىپ ئەھۋال سوراپ قويۇڭ ،ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىڭ .مەكتەپ ئالدىدا ئىچىملىك ئېلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا مۇئەللىمىڭىز كەپ قالسا دەرھال مۇئەلىمگە (مۇئەللىم .ئۇسسۇلۇق ئىچىۋېلىڭ ،بۈگۈن ھاۋا بەكلا ئىسىدى )دەپ ئىچىملىكنى مۇئەللىمگە بېرىڭ ، ئەگەر ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا مۇئەلىمىڭىزمۇ باشقا يەردە تاماق يەۋاتقان بولسا مەردلىك قىلىپ تاماق پۇلىنى تۆلىۋېتىڭ . بۇنداق بولغاندا ئىمتىھاندا 45 نىڭ ئۈستىدە نومۇر ئالسىڭىز ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، نەتىجىڭىز چوقۇمكى 60 بولۇپ چىقىدۇ. 
  
       5.قىزلار بىلەن ئەخلاتتىن چەنتەپ كەتمىگەن ئاساستا ئارلىشىپ تۇرۇڭ ،ئېپى كەلسە 1-2 قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ ، قىزلار سىزگە ئەرلىك مەسئولىيەتنى ، كۆيۈنۈشنى ، جەسۇرلۇقنى ئۆگىتىدۇ .لېكىن ئاشىق بولۇپ بېشىچىلاپ كىرىپ كەتمەڭ ، ئەگەر قىزلار سىزدىن يۈزىنى ئۆرۈپ قالسا ئازاپلىنىپ كەتمەڭ ، ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمرايىڭىز ئەمەس .
 سىنپىتىكى بارلىق قىزلار بىلەن ئوخشاش ئۆتۈڭ .سەت -چىرايلىق دەپ ئايرىماڭ .ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا بويۇن قىسىپ ئولتۇرغان سەترەك قىزلارنىمۇ تانسىغا تارتىپ قويۇڭ . قىزلار بىلەن تاماققا چىققاندا ھەرگىز ئۇلارغا پۇل تۆلەتمەڭ ياكى ئۆزىڭىزنىڭكىنى تۆلەپ چىقىپ كەتمەڭ ، قىزلار پىخسىقلارنى بەك ئۆچ كۆرىدۇ .

 
       6.ياتاقدىشىڭىزنىڭ دوستلىرى كېلىپ قالسا ناياھىتي قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇڭ ، مېھمان قىلشقا توغرا كەلسە سىزمۇ بىللە چىقىپ مېھمان قىلىشىپ بېرىڭ  ،قونۇپ قالسا ئورنىڭىزنى بوشىتىپ ياتاقدىشىڭىز بىلەن قىسىلىپ يېتىڭ .دوستىڭىز سىزدىن بەكمۇ مىننەتدار بولۇپ كېتىدۇ. 
  
       7.دوستلىرىڭىز سىزدىن قەرز سورىسا يېنىڭىزدا بولسا چوقۇم بېرىڭ ،ۋاقتىدا قايتۇرالمىسا بەك سۈيلەپ كەتمەڭ ،كېيىن سىزمۇ دوستىڭىزدىن پۇل سوراپ قالىدىغان ۋاقىتلار بولىدۇ ، لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن بەزى ئوقۇغۇچىلار سىزدىن پۇل ئالسا مەڭگۈ قايتۇرمايدۇ ، بۇنداقلارغا يولۇقۇپ قالسىڭىز  ئامال قانچە دەپلا قويۇڭ ، راستلا ئامال قانچە ؟
 
       8.تەتىلدە شارائىت يار بەرسە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ يۇرتلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىڭ  ،لېكىن بەك چىقىم قىلدۇرۋەتمەڭ ، چۇنكى ئۇمۇ ئوقوغۇچى يەنە كېلىپ ساۋاقدىشىڭىزنى ئائىلە ئەھۋالى ئۇنچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن ، ئۆيىدىكىلىرگە ئازراق سوۋغات ئېلىۋېلىڭ ئۆزىڭىزمۇ يېتەرلىك پۇل ئېلىۋېلىڭ .
 
     قەدىرلىڭ ئىنىم ،.سۆيۈملۈك سىڭلىم ، سىز كۆزلىگەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بولسىڭىز كۆڭلىڭىزنى بەك يېرىم قىلماڭ  . ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ . مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ھەممە مەكتەپنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز ، سىز مەمۇرىلار ئىمتاھىنى بەرگەندە سىزنىڭ قايسى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىڭىزنى ھېچكىم سۈرۈشتە قىلمايدۇ ، بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچى تامامەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ .
 
  مەن ئالىي مەكتەپنى تاماملىغان شۇنداقلا يوقىردا دەپ ئۆتكەندەك ئالىي مەكتەپنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆككەن كونا سىتۇدىنت بولۇش سالايتىم بىلەن سىزگە يەنە بىر قانچە تەكلپ بەرمەكچى:
 
        1. يۈكسەك ئارزۇ بىلەن كىتاپقا بېشىڭىز بىلەن كىرىپ كەتمەڭ ، ئەمەلىيەتتە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسى سىزگە ئەسقاتمايدۇ ، ئانچە -مۇنچە ئويۇن- تاماشىلارغا قاتنىشىپ قويۇڭ . ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىدىن ھەرگىز قېپ قالماڭ .

        2.مەكتەپ كۇتۇپخانىسى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ كۈندىلىك بارار جايىڭىز بوپ قالمىسۇن ، ئانچە مۇنچە تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا ، قىزلار بىلەن مەكتەپ باغچىلىرىغا  بېرىپ قويۇڭ . كىنولارغا كىرىپ قويۇڭ .

        3.تۈرلۈك كۇرۇسلارغا قاتنىشىپ قويۇڭ ، كۇرسلار مەكتەپ دەرسلىرىگە قارىغاندا كۆپرەك ئەركىن بولغاچقا كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ . يەنە باشقا مەكتەپتىكى قىزلار بىلەن تونىشالايسىز .

       4.دوستىڭىز ئۇرۇشۇپ قالسا كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىڭ ،تاياق يەپ كەتسىڭىزمۇ ھاجىتى يوق . 

       5.قىيىنچىلىق بار دوستلىرىڭىزنى سىرتتىكى ئاشخانىلارغا ئېلىپ چىقىپ ياخشى تاماق بىلەن مېھمان قىلىپ تۇرۇڭ ،.5 يىل مەكتەپ ئاشخانىسدا تاماق يەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاز ئەمەس .

       6.يەنە ئەڭ مۇھىمى ئۆزلىكىڭىزنى يوقاتماڭ ،يۇرتىڭىزنى سۆيۈڭ ،ھەرگىزمۇ يۇرتىڭىزدىن تانماڭ ،ئارىمىزدا شەنبە-يەكشەنبە ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلاردىن  نەگە ماڭدىڭ دەپ سورىدا ئۆيگە دەيدىغان ،نەلىك دىسە ئۆزىنى ئۈرۈمچىلىك دەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ،بولۇپمۇ قىزلار ئىچىدە  ، ھەرگىز بۇنداق بولماڭ ،بەلكىم بەزىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالىغان بىلەن كۆپىنچىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىسىز ،

      7.مەيلى قىزلار بولسۇن مەيلى ئوغۇللار بولسۇن ،بۇ بەش يىلنى پاك ياشاڭ . ئىپپىتىڭىزنى قەدىرلەڭ ،مۇھەببەتلەشسىڭىزمۇ بەدەن جەھەتتە ئارلىق ساقلاڭ ، نۇرغۇن مەكتەپ پۈتتۈرگەن قىزلار ئەينى چاغدا خۇددىنى بىلمەي ھازىر دەردىنى يەتكىچە تارتماقتا  .
 
سۆيۈملۈك سىتودىنىت ،ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈنىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ،ئالىي مەكتەپتىكى ھەربىر كۈنىڭىز خوشال -خورام ئۆتكەي .


يازمام باغداش تورىغا خاس ، باشقا مۇنبەرلەرگە رۇخسىتىمىز يۆتكىمەڭ !
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-26, 15:00
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-26 15:00 |
iwirgholl

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 66
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 388
شۆھرەت: 2228 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2244 سوم
تۆھپە: 1287 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1288 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1080(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

....بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى مۇستەقىل ياشاشنى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ، باشقىلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگۈنىسىز ، بۇ سىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىڭىزدا سىز ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كېرەك بولىدىغان بىلىملەر ...

ئالىي مەكتەپ تەربىيسىدە چېنىقىش ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم، ئەمما ئالىي مەكتەپ ھەرگىزمۇ خىزمەت تېپىش، جان بېقىشنىڭ مۇھىم باسقۇچى ئەمەس...
music bagdax
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 16:18 |
zamani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1735
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەمىمىزدە ئەقىل بار لىكىن جايىدا ئىشلىتىشنى بىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقوش كېرەك
ھەمىمىزدە توپلانغان تەجىربىلەر بار شۇ تەجىربىلەرنى <<تاسقاش >> ۋە خىلللاش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە كىرەكلىكنى تاللاش ئۈچۈن چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقوش كېرەك...
ئەقىل ئەسلىدە ئويلىنىشتەپەككۈرنىڭ جەۋھىرى            ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىشتىن،كۆپ تەجىرىبىلەردىن كىلىپ چىقىدۇ،
بىلىم بىلەن ئۆگنىش بىلەن تۇراقلىشىدۇ،تېخىمۇ،ئۆتكۈرلىشىدۇ…
ئالىي مەكتەپ، ئۆگنىشنى تۇراقلاشتۇردىغان  ئۆتكۈرلەشتۇردىغان موللاشتۇردىغان ،سىنايدىغان  جاي،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 16:36 |
sarsan88
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 73
شۆھرەت: 375 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 375 سوم
تۆھپە: 223 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 223 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىشنى تازا خوپ كۆرمەيمەن ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار يۈگەنسىز ،شۇڭلاشقا مۇھەببەتلەسسە ئاسانلا يېيىش چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ قويىشى ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يوقىرى .
يەنە بىرسى ھازىرقى ۋازىيەتتە ئالىي مەكتەپتە ئوقىماي كەسپ ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ
مېدىيا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن پەخىردىن قارلۇقمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقىماپتىكەن .لېكىن يەنىلا تىرىشچانلىققا باغلىق .
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 16:40 |
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 625 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 635 سوم
تۆھپە: 371 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 371 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 373(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىسرانىمدا ئىككى قېتىم ئۆتەلمىدىم، ئۆزەمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن دەپ بىرى ۋەسىيەت يېزىپتىكەن...  
مەشئەل20!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 17:04 |
sarsan88
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 73
شۆھرەت: 375 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 375 سوم
تۆھپە: 223 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 223 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى maxal20دە2011-06-26 17:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىسرانىمدا ئىككى قېتىم ئۆتەلمىدىم، ئۆزەمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن دەپ بىرى ۋەسىيەت يېزىپتىكەن...  



ئۇ شۇ توردىكىلەرنىڭ ئويۇنى ، ئىچكىرىكى مەلۇم تىلىۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئادەم يىغىش ئۈچۈن خىلمۇخىل يالغانچىلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقىدۇ ، ئىشىنىپ كەتمەڭ !
music bagdax
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 17:24 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 322 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 312 سوم
تۆھپە: 184 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 187 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 125(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چوقۇم ئالىي مەكتەپ ئوقۇش كېرەك:
1) ئومومىي ساپايىمىز ئۆسىدۇ...
2) جەمىيەتكە بولغان، دۇنياغا بولغان كۆز قارىشىمىز ئۆزگىرەيدۇ...
3) كىشىلىك مۇناسىۋاتنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ......
4) نەزەر دائىرىمىز كېڭىيىدۇ..
5) لېكىن چوقۇم ياخشى ئوقۇش كېرەك.. ئاتا-ئانىمىزنىڭ پۇلىنى بىھۇدە خەجلىمەسلىكىمىز كېرەك......

يەنە دەيدىغىنىم: ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا، ئوقۇش بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، ئاز تولا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك..... بىزدە بۇ روھ بەك كەمچىل... شۇڭلاشقا، ئاتا ئانىمىزغا پۈتۈنلەي تايىنىۋالىمىز.... مەكتەپ پۈتتۈرگەندىمۇ گاڭگىراپ قالىمىز...
oztil
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 19:55 |
satar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 100
شۆھرەت: 510 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 510 سوم
تۆھپە: 304 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 304 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەكتەپتىكى مۇھەببەت
بەكمۇ شېرىن كارامەت
دەسلەپ كۈلدۈرگەن بىلەن
يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت

مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىپ توي قىلالايدىغانلار 100دە 21 % ......ھەرگىز مۇھەببەتلەشمەسلىك كېرەك
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 21:17 |
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 625 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 635 سوم
تۆھپە: 371 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 371 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 373(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى sarsan88دە2011-06-26 17:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :



ئۇ شۇ توردىكىلەرنىڭ ئويۇنى ، ئىچكىرىكى مەلۇم تىلىۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئادەم يىغىش ئۈچۈن خىلمۇخىل يالغانچىلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقىدۇ ، ئىشىنىپ كەتمەڭ !



ياق، ئۇ باشقىلارنىڭ ئەمەس بىر 19 ياشلىق ئەزانىڭ تېمىسى ئىدى. مۇنبەردىكىلەر بىرمۇنچە تەربىيە قىلىپ ئاندىن جىمىقتى.
oztil
مەشئەل20!
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 21:54 |
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 625 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 635 سوم
تۆھپە: 371 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 371 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 373(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى be42lateدە2011-06-26 19:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
چوقۇم ئالىي مەكتەپ ئوقۇش كېرەك:
1) ئومومىي ساپايىمىز ئۆسىدۇ...
2) جەمىيەتكە بولغان، دۇنياغا بولغان كۆز قارىشىمىز ئۆزگىرەيدۇ...
3) كىشىلىك مۇناسىۋاتنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ......
4) نەزەر دائىرىمىز كېڭىيىدۇ..
.......


ماۋۇ پىكىرلەر ھەقىقەتەن توغرا. لېكىن يەنە شۇنى قوشۇپ قويۇش كېرەكمىكىن دەيمەن، يەنى چوقۇم نىشان تۇرغۇزۇش كېرەك. مەلۇم نىشاننى تۇرغۇزۇپ بولغاندىلا شۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىش ۋە بەدەل تۆلەش روھى بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش كېرەك دەپلا ئوقۇغان، ئوقۇپ بولۇپ گاڭگىراپ نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەيۋاتقان ياشلىرىمىز كۆپ ئۇچرايدۇ.
مەشئەل20!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-26 21:57 |
zohal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 89
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 156
شۆھرەت: 832 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 832 سوم
تۆھپە: 488 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 491 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 442(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

、ئالىي مەكتەپنى جەمىئيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر كارتىنىسى دەپ بىلىمەن ،خۇددى ماقالىدە دىيىلگەندەك بۇ جايدا ھەرخىل -ھەر ياڭزا كىشىلەرنى ۋە ئىشلارنى كۆرىدىغان ، بىلىدىغان گەپكەن ،كاللىڭىز جايىدا بولسا ئىبرەت ئالىدىغانلاردىن ئىبرەت ئېلىپ ، ئۈلگەقىلىدىغانلارنى ئۈلگە قىلىپ ئىلىمدار، بىلىمدار بوپ چىقىسىز ، ئەگەر ئۇنداق بولماي قالسىچۇ ؟؟؟ قالغىنى خۇدايىمغا ئامانەت دەپ قالىدىغان گەپ ...
مۇشۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشنى بالىلارغا بېسىم قىلمىسىكەن دەيمەن ، بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى مەن تونۇيدىغان بىر قىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدى .بولمىسا دەرستە خېلى ياخشى قىز ئىدى ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ تاپا -تەنىسى بۇ قىزنىڭ روھىي بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋەتتى بولغاي ، ئاز كۈن ئۆتمەي بىچارە قىز كاللىسىدىن كىتىپ قالدى ، ئۇندىن كىيىن يۈز بەرگەن ئىشلار بىر-بىرىدىن ئېچىنىشلىق ... بىر يىلنىڭ ئالدىدا بۇ قىز ئۆلۈپ كەتتى...
كىمگە پايدا كىمگە زىيان ؟؟؟ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىردىن -بىر چىقىش يولى ئەمەس ئىدى مېنىڭچە،«خۇدايىمنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرىدا باشقا ھېكمەت بولىشى مۇمكىن»دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ ،  قايتا ئىمتىھان بەرسە ، ياكى تىرىشىپ باشقا ئىش قىلسا  كىم بىلىدۇ تېخى زور نەتىجىلەر كۈتۈپ تۇرامدۇ تېخى... ئادەم دىگەن ئۈمۈدۋار بولغىنى ياخشى ، شۇنداقمۇ؟؟؟
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-27 15:24 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە