ئىشلىتىش
1. يۈكسەك ئارزۇ بىلەن كىتاپقا بېشىڭىز بىلەن كىرىپ كەتمەڭ ، ئەمەلىيەتتە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسى سىزگە ئەسقاتمايدۇ ، ئانچە -مۇنچە ئويۇن- تاماشىلارغا قاتنىشىپ قويۇڭ . ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىدىن ھەرگىز قېپ قالماڭ .
2.مەكتەپ كۇتۇپخانىسى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ كۈندىلىك بارار جايىڭىز بوپ قالمىسۇن ، ئانچە مۇنچە تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا ، قىزلار بىلەن مەكتەپ باغچىلىرىغا بېرىپ قويۇڭ . كىنولارغا كىرىپ قويۇڭ .
تېما ئىگىسىنىڭ يوقۇرىدىكى تەكلىپىگە ئازراق تولۇقلىما بېرىپ قوياي:
1. بەلكىم تېما ئىگىسى كۈندە كىتاپلا كۆرىدىغان، ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولماي، ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمايدىغان ئادەم بولۇپ قالماڭ دېمەكچىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىدىغان ئورنى بار، گەپ سىزنىڭ ئاشۇ ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا چىقالىغان ياكى چىقالمىغانلىقىڭىزدا. شۇڭا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن زادى قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش 100% ئېنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەسقاتمايدۇ دەپ سەل قارىساق ھەرگىز بولمايدۇ. مەسىلەن، بىز ئاددى بولغان بىر مېخانىكىلىق قۇرۇلما لايىھەلەپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيىۋى بىلىم بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانچە خىل دەرسلەرنى ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىلەر ئاز-ئازدىن جۇغلانغاندىلا ئاندىن مۇكەممەل بولغان سېستىمىلىق نەزىرىيىۋى ئاساسقا ئىگە بولالايمىز.
2. ئالىي مەكتەپتە ئۆز كەسپىمىز بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق بولمايدۇ، ئاددىسى كېيىن خىزمەت تېپىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان كومپيوتېر تىلى ( بولۇپمۇ تەبىئى پەن ئوقۇغانلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم)، ئېنگىلىز تىلى قاتارلىق كەسپتىن سىرت بىلىملەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك، بۇلارنى ئىگەللەش ناھايىتى كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى 6 مىليوندىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ، شۇڭا خىزمەت ئىزدەش جەھەتتە رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك. سىز ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان قابىلىيىتىڭىز بولىشى كېرەك. ئوخشاش كەسپ ئۆگەنگەن ساۋاقداشلىرىڭىز ئىچىدە تۇرۇپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچىغا قانداق قىلىپ ئالاھىدە تەسىر بېرەلەيسىز ئەلۋەتتە بۇنى ئويلىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، جەمىيەت سىزگە ھەرخىل سەۋىيەدىكى خىزمەت ئورنى تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ، بىر تازىلىق ئىشچىسى قىلۋاتقىنىمۇ خىزمەت، چوڭ بىر شېركەتنىڭ CEOسى ۋە ياكى ئوبامانىڭ قىلىۋاتقىنىمۇ بىر خىزمەت. ھەرقانداق بىرى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە تالانتىغا قاراپ ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلەيدۇ. گەپ سىزنىڭ نىشانىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىز مەكتەپ پۈتتۈرگەندە يوقۇرىلاپ ئوقۇشنى تاللىشىمىز، شۇنداقلا چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجىمىز ۋە ئېنگلىز تىلى سەۋىيەيىمىز مۇھىم بولىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپتە يەنىلا ئۆگىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. بۇ يەردە، كۆپچىلىكنىڭ «خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تېمىغا يېزىلغان 20 ھېكمەت»نى دائىم ئوقۇپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن (ئەسلى قايسى بېكەتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلەلمىدىم).
1. ھازىر ئۇخلىسىڭىز چۈش كۆرىسىز، ھازىر كىتاپ كۆرسىڭىز چۈشىڭىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالايسىز.
2. سىز بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەن بۈگۈن، تۆنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى.
3. بەزى ئىشلاردا كېچىكىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىز شۇ ئىشنىڭ دەل ۋاقتى سائىتىدۇر.
4. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
5. ئۆگۈنۈش قىلغاندىكى ئازاپ ۋاقىتلىق، ئۆگەنمىگەنلىكنىڭ ئازابى بولسا ئۆمۈرلۈك ئازاپتۇر.
6. ئۆگۈنۈشتە ۋاقىت كەمچىلىك قىلمايدۇ، كەم بولغىنى تىرشچانلىق.
7. بەخت دەرىجىگە تىزىلمايدۇ، ئەمما مۇۋاپىقىيەت دەرىجىگە تىزىلماي قالمايدۇ.
8. ئۆگىنىش ھاياتنىڭ بارلىقى ئەمەس، بىراق ھاياتنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۆگىنىشنىمۇ باش ئەگدۈرەلمىگەن ئادەمنىڭ قولىدىن نىمە ئىش كەلمەكچى ئىدى.
9. ساقلانغىلى بولمايدىغان ئازاپتىن ھوزۇرلىنىڭ.
10. باشقىلاردىن بۇرۇن، باشقىلاردىن بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، مۇۋەپىيەتنىڭ تەمىنى تېتىماي قالمايسىز.
11. ھېچكىم مۇنداقلا ئۇتۇق قازىنىپ قالغان ئەمەس. ئۇ ئۈزۈل-كېسىل ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە مۇستەھكەم ئىرادىدىن كەلگەن.
12. ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ.
13. بۈگۈن ئاققان شالۋاقلىرىڭىز ئەتىدە كۆز ياشلىرىڭىزغا ئايلانغۇسى.
14. ئىتتەك ئۆگىنىپ، ئاقسۆڭەكتەك ئويناڭ.
15. بۈگۈن ماڭمىسىڭىز ئەتە يۈگۈرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
16. كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغان ئادەم رىئاللىققا سادىق ئادەمدۇر.
17. تەربىيىلىنىش دەرىجىسى كىرىمگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
18. بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ.
19. ھازىرنىڭ ئۆزىدە رەقىبىڭىزنىڭ قوللىرى توختىماي كىتاب ۋاراقلاۋاتىدۇ.
20. جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق
ئەلۋەتتە، بۇلاردىن باشقا كىشىلىك مۇناسىۋەت، مۇستەقىللىق، تەپەككۇر قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىڭىزمۇ سىزنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزدا ئىنتايىن مۇھىمدۇر. شۇڭا، ئۆگۈنۈشنى چىڭ تۇتقان شەرت ئاستىدا، باشقا پائالىيەتلەرگىمۇ مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىڭ. ئەمما ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاجراتقان ۋاقتىڭىز باشقا ئىشلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ كەتمىسۇن.
بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىكى مەقسىتىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت يىغىش. شۇڭا ھەرقانداق باھانە-سەۋەپ ئىزدىمەي، ئۈزلۈكسىز ئەجىر سىڭدۈرسەك، نىشانىمىزغا بارغانچە يېقىنلىشالايمىز. ئالىي مەكتەپتىكى قىسقىغىنا نەچچە يىلنى ئويناپ كۈلۈپمۇ ئۆتكۈزىۋەتكىلى بولىدۇ، ئۆگىنىش قىلىپ جىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغىلىمۇ بولىدۇ. مۇھىمى، ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ قاراپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېرىشكىنىمىزدىن رازى بولماي، ئۆتكۈزىۋەتكەن ۋاقتىمىزغا پۇشايمان قىلىپ قالمىساقلا بولدى.