مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە قومۇللۇقلارنىڭ باشقا يەرلەردىمۇ ئاسانلا بىريەرگە كېلەلىشى ئۇلارنىڭ يۇرتۋازلىق قىلۋاتقانلىقى بولماي بەلكى ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈش،ھېسداشلىق قىلىشتۇر. بۇ بىر-بىرىنى چىشلىشىپ تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەندىن مىڭ ئەلا ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۆز-ئارا ئىناق بولغان بىلەن، باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەرنى باشقايەرلىك دەپ سىقىپ چىقىرۋەتمەيدۇ! بىز دە:«ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دىگەن ماقال بار. مۇ ماقال تەمسىللىرىمىز ئەمىلى تۇرمىشىمىزنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ؟ باشقا تەرەپتىن ئويلاپ باقايلى، ئۆز يۇرتلىقلار ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتەلمەي، ئۇرۇشۇپ يۈرسە، باشقا يەردىكىلەر بىلەن ئىناق ئۆتەلىشى مۇمكىنمۇ؟
تارىخى شەخىسلىرىمىز توغرىسدا كۆپرەك ماتىريال توپلاپ، كېيىنكىلەرگىمۇ قالدۇرۇپ كېتەلىسەك ياخشى بولاتتى. ئۆزگىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تۇلۇق چۈشىنىشىمىز كېرەككۇ؟!
ئونۋېرسىتىتتا ئوقىۋاتقان چېغىمدا مېنىمۇ يۇرتۋاز دەپ قويدىغان، ئەمىليەتتە مەن باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قاققان ئەمەس،پەقەت يۇرتلىقىم ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاتتىم خالاس!
ناۋادا ھەممىمىز ئۆم بولالىساق تەرەققىياتىمىز قانداق بولاتتى؟ بۇلارنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىڭلار!!!
[ بۇ يازمىنىbaghdaxhanدە2011-08-29 21:26قايتا تەھرى ]