ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىچىلىقىمىزدىكى يېتىلىۋاتقان تالانتلىق ناخشىچى
(مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە)
ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىچىلىقىمىزدا ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۆزىنىڭ يېقىملىق، شوخ، لىرىك ناخشىلىرى بىلەن تونۇلۇپ، سەھنە-ئېكرانلاردا چاقناپ يېتىلىۋاتقان بىر تالانتلىق ناخشىچىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ ــ ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ.
«مەشرەپ ناۋاسى»، «شاتلىق جىلۋىسى»، «سۆيگۈ ئىقرارى»، «ئوينايدىغان بالا بارمۇ»، «ئوماق جانانىم»، «تاققا-تۇققۇ» قاتارلىق ناخشىلىرى قەلىبلىرىمىزگە زوق بېغىشلاپ ھەممىمىزنى ئۆزىگە رام قىلىدۇ. بىز ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېيتىپ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىمىز. ئۇ ناھايىتى تېزلا ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، قەلىب تۆرىمىزدىن ئۆزىگە بىر كىشىلىك ئورۇن ئالدى.
ئۇنى بىز ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىچىلىقىمىزدىكى يېتىلىۋاتقان شاھزادە دەپ قارىساق، بۇ نام ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتىدىكى ساپلىقنى، سۈپەتنى، يېڭىلىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك قەيسەر روھىغا، تەقلىدچىلىك، كۆچۈرمىچىلىك، ئۆزلەشتۈرۈلمىچىلىكنى بىر چەتكە قايرىۋېتىشتەك ئىرادىسىگە، ناخشا تېكىستى، ناخشا مۇزىكىسىنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى ئىجاد قىلىش، ئۇسۇلنى ئۆزى ئىشلەپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتەك تالانتىغا ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ئۇنىڭ ناخشىلىرى مەيلى تېكىست ۋە ياكى مۇزىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئۇنىڭ «مەشرەپ ناۋاسى» ناملىق ناخشىسىنىڭ ناخشا تېكىستىدە بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىمىز ساقلىنىپ كەلگەن مەشرىپىمىزنىڭ ئىلىم-مەرىپەت، ئەخلاق، مەدەنىيەت، خۇشال-خۇراملىق، ئىززەت-ئېكرام، باراۋەرلىك، كەمتەرلىك، ئادىللىق، خۇشخۇيلۇق مەدھىيلىنىپ، ھەممىمىزنى مەكتىپىمىز بولغان مەشرىپىمىزگە باشلاپ بارىدۇ. «شاتلىق جىلۋىسى» ناملىق ناخشىسىنىڭ ناخشا تېكىستىدە بولسا شاتلىق، خۇشاللىق، جۇشقۇنلۇق مەدھىيلىنىپ، ھەممىمىزنى «شاتلىق جىلۋىسى»گە چۆمۈلدۈرىدۇ. بىزگە تېخىمۇ تونۇشلۇق بولغان «ئوماق جانانىم»، «سۆيگۈ ئىقرارى» ناملىق ناخشىلىرىنىڭ تېكىستىدە ياشلىرىمىزدىكى ئوتلۇق مۇھەببەت، جۇشقۇن سۆيگۈ، قايناق ھايات تەسۋىرلىنىپ، ھەممىمىزنى سۆيگۈ بېغىغا باشلاپ كىرىدۇ. ئوماق بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقان «تاققا-تۇققۇ»، «ئوينايدىغان بالا بارمۇ» ناملىق ناخشىلىرىنىڭ ناخشا تېكىستىدە بالىلىرىمىزنىڭ خۇشاللىقى، ئوماقلىقى، ئەركىلەشلىرى، سەبىيلىكىنى كۈيلەپ، غۇنچىلارغا بولغان ئامراقلىقىمىزنى كەلتۈرۈپ بالىلىرىمىزنىڭ تولىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ناخشىللىرى نىمە ئۈچۈن ھەممىمزنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىدى؟ چۈنكى ئۇ ناخشا مۇزىكا ئىجادىيىتىدە ساپلىق، يېڭىلىق، چىنلىق، سۈپەت ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ، ناھايتى چوڭقۇر ئىزدىنىپ ناخشا تېكىستىدە يېڭى، يەڭگىل، ساپ، چىن، زوق، ئۈمىد ، ئىشەنچ، خوشاللىق بېغىشلايدىغان، مېھىرى-مۇھەبەتكە يىتەكلەيدىغان سۆزلەرنى قوللانغان.
ناخشا تېكىستىنى، ناخشا مۇزىكا، ئۇسۇلدىن تارتىپ ئۆزى بىر قوللۇق ئىشلەپ، سەھنىلەشتۈرۈپ ئېلىپ چىققان. شۇنداقلا ئۇنىڭدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب، يۇقۇرى ماھارەت، تالانت بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ روھى ناخشا مۇزۇكىچىلىقىمزدىكى ئىزدەنگۈچىلەرگە ئۆرنەك بۇلالايدۇ.
سىلەر ئابلانجاندەك بىر تالانت ئىگىسنىڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى، بۈگۈنكىدەك ھەممىمىزنىڭ دىقىتىنى تارتىپ سەھنىمىزدە چاقنىشىنى ئويلىغانمۇ؟ قاراڭلار ئۇنىڭدا ھەقىقى تالانت، ئۆزگىچە ئۇسلۇب، يۇقۇرى ماھارەت، ناخشا مۇزىكىچىلىقمزغا بولغان ئىشتىياق، ئوتلۇق ئارمان جۇش ئۇرۇپ تامچىراپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەممىنڭ كۆزى بولالىدى، ئۇنىڭ تالانتى ھەممىزنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئۇسلۇب بىلەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك، چالغۇ ئەسۋاپ مەدەنيىتىمزگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا چوڭقۇر ئىزدىنىپ قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرلىسە چۇقۇم ناخشا مۇزىكىچىلىقىمزدا يېڭى بىر يول ئاچقۇچى بۇلۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا كەلگۈسىدە داڭلىق چولپانغا ئايلىنىپ قالماي، ناخشا-مۇزىكىچىلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سالىدىغان بىر چوڭ سېتۇدىيە قۇرۇپ چىققۇسى.
دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەمدە كەمچىلىكنىڭ تۇغۇلۇپ تۇرۇشى بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر. شۇڭا بىر ئادەمنىڭ كەمچىلىكىگە ئېسىلىۋېلىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى يوققا چىقارساق ياكى ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن كەمچىلىكلىرىنى يېپىپ قويساق بۇ باشقىلارنى مەنسىتمىگەنلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىز بىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا ئۇنىڭ كەمچىلىك تەرەپلىرىنىمۇ سەمىگە سېلىپ قويۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرۈپ، كەمچىلىكلىرىنى كۆزگە ئىلماي ياكى كەمچىلىكلىرىنى ئاڭلاپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ھېس قىلماي مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ماختاش بىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمىز بولسا، تەنقىد ئەينىكىمىز ھەم ئەڭ ياخشى دوستىمىز. ئۇنداقتا دوستىمىز ئابلاجاننىڭ ھېس قىلمىغان كەمچىلىك تەرەپلىرى راستىنلا بارمۇ؟
ئۇنىڭ سەھنىگە ئېلىپ چىققان ناخشىلىرى مەيلى مۇزىكا ياكى تېكىستى جەھەتتىن بولسۇن ھەممىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىمىزغا مۇيەسسەر بولدى. بىراق «مەشرەپ ناۋاسى» ناملىق ناخشىسىنىڭ ناخشا تېكىستىدە ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىمىز ساقلىنىپ كەلگەن مەشرىپىمىزدىكى گۈزەللىك مەدھىيلىنىپ، ھەممىمىزنى مەشرەپكە چىللىسىمۇ، لېكىن ئۇسۇل، كىيىم-كېچەك، چالغۇ ئەسۋابلار غەربنىڭ بولغاچقا ئۇلار ياراتقان ئوبرازدىن مەشرىپىمىزدىكى گۈزەللىك ھەرگىزمۇ تېپىلماي قالغان. ئەپسۇس غەربلىكلەرنىڭ كىيىم-كېچەك، ئۇسۇل-مۇزىكا مەدەنىيىتى تەشۋىق قىلىنىش بىلەن بىرگە، ماختانچاقلىق، مەنمەنچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك تۇيغۇسى شەكىللىنىپ، بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىم-كېچەك، ئۇسۇل-ساما، چالغۇ ئەسۋابلىرىمىز، ئاددىي-ساددا، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر قىياپىتىمىز چەتكە قېقىلغان.
ئەنئەنىۋىي مەشرىپىمىز گۈزەللىكى، ئادىللىقى، شەرم-ھايالىقى، كەڭ قورساقلىقى، كەمتەرلىكى بىلەن ئەزەلدىن ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارنى، ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن تۇرۇقلۇق، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە غەربلىكلەرنىڭ ماختانچاقلىققا، شۆھرەتپەرەسلىككە، مەنمەنچىلىككە بۇيرۇيدىغان كىيىم-كېچەك، ئۇسۇل مۇزىكا مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلسا بولامدۇ؟ غەربلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتى مەشرىپىمىزگە كىرىشكە قانداق پېتىنالايدۇ؟
«مەشرەپ ناۋاسى» ناملىق ناخشىسىنىڭ تېكىستىدە مەشرىپىمىزنىڭ گۈزەللىكى مەدھىيلىنىپ بىزنى مەشرەپكە چىللىسىمۇ، ئۇسۇل، كىيىم-كېچەك مەشرىپىمىزنىڭ مەدەنىيىتىگە ماس كەلمەي، ئېغىز بىلەن ئەمەلىيەت ماسلاشماي يالغانچىلىق شەكىللىنىپ، ئەسەرنىڭ چىنلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن. «شاتلىق جىلۋىسى» ناملىق ناخشىدىمۇ تېكىست، مۇزىكا ئىنتايىن ماسلاشقان ھالدا شاتلىق جىلۋىلىنىپ تۇرسىمۇ، MTV سى غەرب تۈسىنى ئالغان بولغاچقا، مەجبۇرىي ھالدا چۇۋالچاق، پۈچەك ئەسەرلەردەك تەسىر بېرىپ قالغان. «ئوماق جانانىم»، «سۆيگۈ ئىقرارى»، «تاققا-تۇققۇ» ناملىق ناخشىلاردىمۇ مەيلى ناخشا تېكىستى، ناخشا مۇزىكىسى جەھەتتىن بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىم-كېچەك، چالغۇ ئەسۋاب، ئۇسۇل-سامالىرىمىز بىز چەتكە قايرىلىپ، غەربلىكلەرنىڭ كىيىم-كېچەك، چالغۇ مۇزىكىلىرى سەھنىنى بىر ئالغان.
ھەممىمىزگە شۇنداق ياراپ، ياشلىرىمىزنى، بالىلىرىمىزنى ئۆزگىچە جانلاندۇرۇپ، غەربلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇلارغا ئوت بولۇپ كۆرۈنگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاياسىز مەدەنىيىتى تەشۋىق قىلىنىپ قالغان.
ئەسلىدە «مەشرەپ ناۋاسى» ناملىق ناخشىدا بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىم-كېچەك، چالغۇ ئەسۋاب، ئۇسۇل-سامالىرىمىز چەتكە قېقىلماي، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىملىرىمىزنى كىيىپ، ئۇيغۇر ساماسى ياكى دولان ئۇسۇلىنى ئوينىغان بولسا؛ «شاتلىق جىلۋىسى» ناملىق ناخشىدا قىزلار ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىملىرىمىزنى كىيىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىدەك ياسىنىپ، شەرم-ھايالىقىمىزنى نامايەن قىلغان ھالدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، بىر مېۋىلىك گۈزەل باغدا ياكى قەشقەر ھېيىتگاھىنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن بولسا ئاندىن ئىسمى-جىسمىغا لايىق «شاتلىق جىلۋىسى»گە ئايلانغان بولاتتى. «ئوماق جانانىم»، «سۆيگۈ ئىقرارى»، «تاققا-تۇققۇ» ناملىق ناخشىلاردىمۇ بىزنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمىز، چالغۇ ئەسۋابلىرىمىز، ئۇسۇل-سامالىرىمىز يىتىمسىراپ قالماي سەھنىگە چىقالىغان بولسا، بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىز تەشۋىق قىلىنىش بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدىكى يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلىرىمىز ئۆز مەدەنىيىتىنى سەھنىمىز ئارقىلىقلا بىلىۋالغان بولاتتى. شۇنداقلا بۇ ئەسەرنىڭ جېنىغا تېخىمۇ جان قوشۇلۇپ، خۇددى «مەشرەپ»، «دىدار غەنىمەت»، «بىر كۈنى»، «پۇشايمان»، «بىلىم ئىشقىدا»، «ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە»، «ئەخلاق ئادەم زىننىتى» قاتارلىق نادىر ناخشىلاردەك مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان، ئاڭلىغانسېرى ئاڭلىغۇڭىز كېلىپ سىزگە گۈزەل قەلىب ئاتا قىلىدىغان، كەمتەرلىككە، ياخشىلىقلارغا، گۈزەل ئەخلاقلارغا بۇيرۇيدىغان ئەسەرگە ئايلىناتتى.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزىمىزگە يارىمايدۇ؟ ئۇنى بىز ياراتمىساق كىم يارىتىدۇ؟ بىز سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىپ تەرەققىي قىلدۇرمىساق كىم تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؟ ئۆز سەھنىسىدە چەتكە قېقىلغان مەدەنىيەت باشقىلارنىڭ سەھنىسىگە قانداقمۇ چىقالىسۇن؟ ھەممىمىز ئۆزىمىنىڭ مەدەنىيىتىنى قويۇپ غەربلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلامدۇق؟ گۈل چەككەن ناندەك ئېسىل مەدەنىيىتىمىزنى كۆرمەي، باشقىلارنىڭ ھاياسىز مەدەنىيىتىنى سەھنىمىزگە كۆتۈرۈپ چىقساق بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىمىز ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەردە خەلقنىڭ كىيىملىرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى ئىشلىتىلمەيدۇ؟ ياكى ئۆزىمىزنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى، چالغۇ ئەسۋابلىرىمىزنى قويۇپ باشقىلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، چالغۇ-مۇزىكىلىرىنى چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىغاندا ئاندىن ياخشى ئەسەر ئىجاد قىلغىلى، چولپان بولغىلى بولامدىغاندۇ؟
مەن ئاخىرىدا ئابلاجان ۋە باشقا بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان تۆھپىكارلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ سەھنىسىدىلا ئەمەس، خەلقئارا سەھنىلەرگىمۇ ئېلىپ چىقىپ چاقنىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-06-27 22:45قايتا تەھرىرلىدى ]