ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قادىر گايىز مۇئەللىمنىڭ يازمىلىرىنى كۆرگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. مەكتىپىمىزنىڭ تارىخىنى بىلسەممۇ لېكىن بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋە جاپا مۇشەققەتلىك تارىخىنى تولۇق چۈشەنمەيدىكەنمەن... بۇ يازمىنى ئوقۇپ ئاز بولمىغان قان تەر بەدىلىگە بۈگۈنكى زامانىۋىي ئۈسكۈنىلىرى بولغان، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ جۈملىدىن مائارىپ بۆشىكىنىڭ يۇرتىمىز تارىخىدا ئاز بولمىغان ئاكتىپ روللارنى ئوينىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندىم.
قارادۆۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار سېپىنى سەرخىل قوشۇن دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار پەقەت مائاش ئۈچۈن ئەمەس، خەلىق ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان مائارىپچىلار. رەسمىي شىتاتى بولمىسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ئازراق بولسىمۇ ئۆزىنى بېغىشلاش ئۈچۈن زېھنى ۋە كۈچىنى چىقىرىۋاتقان، بۇ بۆشۈكنىڭ گۈللىشى ئۈچۈن قان تەر ئاققۇزىۋاتقان قارادۆۋە ياشلىرىمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلارغا ئاپىرىنلار بولسۇن!
يەنە شۇنداقلا، ئۆزنىڭ مول بىلىمى، تەجرىبىلىرى شۇنداقلا ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن ياش نوتىلارنى تەربىيلەۋاتقان، ئۆزىنى خەلققە بېغىشلاۋاتقان، تىنماي ئۆگىنىپ ۋە ئۆگىتىۋاتقان پىشقەدەملىرىمىزگە ئوتلۇق يۈرەكلەردىن سالاملار بولسۇن! گەرچە ئوقۇتقۇچىلىق جاپالىق بولسىمۇ، ئۆگىنىش ۋە ئىلگىرلەش يوقۇرى بەدەل تەلەپ قىلسىمۇ ئۆزىنى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرىۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم پىشقەدەملەر قارادۆۋە خەلقىنىڭ، قىسقىسى بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ بىر پەرۋىش قىلغۇچى باغۋەن سۈپىتىدە نۇر چېچىپ تۇرغۇسى...
ئۆزۈم ئوقۇغان، ئۆگەنگەن شۇنداقلا سۆيگەن ئانا مەكتىپىمنىڭ تارىخىدىن، خاسلىقىدىن شۇنداقلا شان شەرەپلىرىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن.!
تولۇق ئوتتۇرا قىسمى يۆتكەپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىدىن شۇنچىلىك قايغۇردۇم. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ شۇنداق بولسىمۇ تىنىمسىز تىرىشقانلىقىدىن سۆيۈندۈم. ئاخىرىدا، تولۇق ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى، بۇ بىلىم بۇلىقىنىڭ توختىماي ئېقىپ، مەنىۋىيىتىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۇستازلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىم، مۇئەللىملىرىم! سىلەرنىڭ قان تەرلىرىڭلەرگە، جاپا مۇشەققەتلىرىڭىلەرگە، شۇنداقلا كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشىڭلەرگە رەھمەت... جاپالىق مۇھىتتا توختىماي كۈرە ش قىلىپ جاپا چەكتىڭلار! سىلەر بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز!
سىلەرنى سېغىنىپ، يىراقلاردا ئەسلەپ، نامازلىرىدا سىلەرگە ئۇتۇقلارنى تىلەپ --- ئوقۇغۇچۇڭلاردىن
[ بۇ يازمىنىmaxal20دە2011-06-28 04:35قايتا تەھرىرلى ]