مەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، بولۇپمۇ مەڭگۈتاشنىڭ ئەسەرلىرىدى تىلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ، تەپەككۈرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى .شۇندىن بۇيان مەڭگۈ تاشنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنىگە ئايلاندىم ، مەڭگۈتاشنىڭ ئەسەرلىنى بىر قېتىم ئوقۇش بىلەن چەكلىنىپلا قالماي قايتا- قايتا ئوقۇپ چىقتىم . ئەسلىدە باغداش مۇنبىرىگە ئەزا بولغاندىن كېيىن ئاپتورنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىگە ئىنكاس يېزشنى ئويلىغان بولساممۇ قەلەم كۈچۈمنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇردانە يازمىلارغا ئالدىراپ ئىنكاس يېزىشتىن ساقلاندىم.
ئاپتورنىڭ تېخىمۇ ئېسىل بولغان ئەسەرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە تەشنامىز .
مەڭگۈ تاش ئەپەندىمگە سالامەتلىك تىلەيمەن ،سالامەت بولۇڭ ، سىزگە ئوخشاش تەپەككۈرى ئويغاق كىشىلەر بىزگە كېرەك .
، ئەسەرلىرىڭىزنى كىتاپ ئىشكاۋىمدا مەڭگۈ قەدىرلەپ ساقلايمەن ! ئامان بولۇڭ !