karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 1014 قېتىم كۆرۈلدى
arman03
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 117 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 117 سوم
تۆھپە: 61 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 64 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى» گە ئۇچۇق خەت




«ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى» گە ئۇچۇق خەت
«باغداش» مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيتى»دىكى بارىلىق قېرىنداشلار، ياخشىمۇ سىلەر !

ئۆتكەندە سىلەرنىڭ مۇنبەرلەردە ئىچكىرىدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا«شىنجاڭ ياشلىرى» « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» « مىراس» قاتارلىق ژورناللارنى ھەقسىز  يەتكۈزۈپ بىرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىڭلارنى كۆردۈم، شۇچاغدىكى خوشلىقىمنى قانداق تەسۋىرلەشنى بىلەلمەيلا قالدىم. بۇ قۇتلۇق پائالىيتىڭلار بەلكى مېنىلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىنى شۇنداق خوش قىلغان، ھاياجانغا سالغاندۇ . سىلەر «ساخاۋەتلىك ئاتىلار» دېگەن مۇبارەك نامىڭلارنى تېخىمۇ نۇرلاندۇردىڭلار.

دەسلەپتە بۇ پائالىيەتتىن خوش بۇلۇپ يۈرۈپتىمەن. كىيىن تۇرۇپلا نېمە ئۈچۈن بۇخىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش زۈرۈ بوپقالدى؟ دېگەن بىر سۇئال كاللامنى چۇلغۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇسۇئالغا جاۋاپ ئىزلەپ ئويلىنىپ قالدىم، سەۋىيەم تۈۋەنرەك بولغاندىكىن، دەمال جاۋاپ تاپالماي قىينالدىم. ئاخىرى مۇنۇ ئاددى، ئەرزىمەس تەھلىلىمنى يازمىغا ئايلاندۇرۇپ، دوستلارنىڭ مەسلىھەت بىرىشى ئۈچۈن سۇندۇم.

دەۋىرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگەردى. ئىلگىرى بىزدە « قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل» دەيدىغان گەپ بارئىدى. يېقىنقى نەچچە يىل مابەينىدە دېھقانلىرىمىز قاپاق تېرىپ خېلى ئۈرە ساتىدىغان بۇلۇپ كەتتى، بەزىلەر تېخى قاپاققا چىرايلىق رەسىملەرنى سىزدۇرۇپ سېتىۋاتىدۇ. ئالدىنقى يىلى ئۈرۈمچىگە بارغاندا، ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئىزلەپ شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر كۇچىغا تاماققا كىرىسەم، يۇغان بىر قاپاقنى چىرايلىق ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە، كۆزگە چېلىقىدىغان بىريەرگە قۇيۇپ قۇيۇپتۇ. ئاشخانا خۇجايىنى ئاۋازىمنى ئاڭلاپلا « قايلىسا ئۇكا، بۇقاپاقنى تەستە تاپتۇق، ئاتايىن جەنۇپتىن ئەكەلدۈردۇم» دەپ قەشقەر شىۋىسىدا تۇنۇشتۇردى. بۇقاپاققا تېخى رەسىممۇ سىزىلمىغان، سىداملا قاپاق ئىكەن، يەنە شۇنداق ئەتىۋاربۇيۇم سۈپىتىدە كۆرگەزمىگە قۇيۇپتۇ. مانا شۇنداق ئۆزگۈرۈشلە قاتارىدا، يەنە نۇرغۇن ئىشلار دائۆزگۈرۈش بولدى. جۈملىدىن باللىرىمىزدىمۇ ئۆزگۈرۈشلەر بۇلۇشقا باشلىدى. مەسلەن ئەمدى  قوش تىل يەسلىسىدىن تارتىپ، ئىچىكىرى تۇلۇقسىز، ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا دېگەندەك مەكتەپلەر بارىلىققا كەلدى، بۇمەكتەپلەر ئەلبەتتە بىزخەقنىڭ باللىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇقۇش شارائىتىگە ئىرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھۈكۈمەت نۇرغۇن خىراجەت ئاجىراتتى. باللىرىمىز بىز ئۇخلاپ چۈش كۈرۈپمۇ كۈرەلمەيدىغان چوڭ شەھەرلەرگە باردى، بىز ئەلبەتتە بۇنىڭدىن خوشاللىققا چۈمدۇق. ئەمما بۇخۇشاللىققا يەنە بەزى ئەنسىرەشلەرمۇ بىللە كەلگەنىدى. تىپىكرەكى، بۇباللىرىمىزغۇ شۇنداق ياخشى ئۇقۇش شارائىتىگە ئىرىشتى، ئەمما ئۇيەردە ئۇلار خەنزۇ تىل- يېزىقىنى ئۈگۈنەتتى. ئۇنداق ئىكەن بىزنىڭ تىل-يېزىقىمىزدا ساۋاتسىز قالسا، بۇمۇبىر نۇمۇس ئەمەسمۇ، دەپ بېشىمىز قاتتى. بالىلار كىچىك بولغاندىكىن بىزنىڭ بۇ ئەنسىرەشلىرىمىزبىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى. ئۇلار چوڭ بۇلۇپ، يېشى ئوتتۇز-قىرىقتىن ئاشقاندا ئۈزىنىڭ تىل-يېزىقىنى بىلمەسلىكى تۈپەيلى نۇمۇس ھېسقىلىپ، بەلكى:«  ھەي ئىست، مۇنۇ ئاتا-ئانام بولغان ئادەم ئەجەپ قىپتىكەن، مانا ئەمدى تىل-يېزىقىمىز دىنغۇ ساۋادىمنى چىقىرىۋالدىم، ئەمما شۇنداق نەچچەمىڭ يىللىق مەدەنىيەت-تارىخقا ئىگەئىكەنمىز-يۇ، بۇلارنى مەن بىلمەي كىتەي» دەپ بىزدىن رەنجىشى مۇمكىن. بىزنىڭ قۇلىمىزدىن كېلىدىغىنى ئۇلارغا ئائىللەردە ساۋادىنى چىقىرىپ قۇيۇش، خالاس. ئائىللەردە شانلىق تارىخىمىزنى بىز قانداق ئۈگۈتۈپ بۇلىمىز؟ تارىختىكى سەلتەنەتلىرىمىزنى قانداق چۈشەندۈرۈپ بۇلىمىز؟ تارىختا ئۆتكەن مەشھۇرلىرىمىزنى قانداق تۇنۇشتۇرۇپ بۇلىمىز؟ ئىسىمدە قېلىشىچە، بىز تۇلۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپتە ئۇقۇغاندا « مۇھەممەت ناپىر قۇشاقلىرى » دەپ بىردەرس بۇلىدىغان، مۇئەللىم بۇقۇشاقنىڭ ئۇسلۇبى، شەكلى، تۈرى، خۇسۇسىيىتى، ئالاھىدىلىكى  ...  دېگەنلەرنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ كونسىپىك يازغۇزغىنى ئىسىمدە. مانا بۇلارنى بىز ئائىلىدىلا ئېلىپ بارالمايمىز. ھەم بىزدە ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسىدىكى بىلىم- سەۋىيەمۇ يوق.

باياتىن دېگەندەك كىچىك بالىلار غەرەز ئۇقمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىغۇلارچە دۇراش-ئۈگۈنۈش پىسخىكىسى كۈچلۈك بۇلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇلار تىزلا يېڭى شەيئىنىڭ ئۆزگەرتىۋىتىشىگە ئۇچىرايدۇ. مانا بۇلار يالغۇز مېنىڭلا ئەمەس، خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ كۈڭۈل بۈلىدىغان، ئويلايدىغان تېمىسى بولساكىرەك.

ماناشۇنداق بىر شائارائىتتا، سىلەر تۇلۇمۇ ئەھمىيەتلىك بىرئىشنى باشلىدىڭلا. بۇپائالىيىتىڭلار تىلدىن تىلغا كۈچۈپ، ھەممە يەردە زور ئىجابى تەسىر پەيدا قىلدى. دېمەك  سىلەر كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپتىڭلا،  كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خوش ئەتتىڭلار.

يەنە تۇرۇپلا، نېمە ئۈچۈن بۇلار باشقا ژورناللارنى ئەمەس، پەقەت « شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، « شىنجاڭ ياشلىرى» « مىراس» قاتارلىق بىرنەچچەخىل ژورنالنىلا ھەقسىز تەمىنلىگەندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم.

مېنىڭچە، بىرسى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلىغۇ دەيمەن، بولمىسا ھەممە ژورنالنى ھەقسىز تەمىنلىگۈڭلار باردۇ؟ ئىككىنجىدىن، ھازىر ئاناتىلدىكى ژورناللار بىزنىڭ  نۇپۇس ۋە كىتاپ ئۇقۇش قىزغىنلىقىمىزغا قارىغاندا ھەرھالدا سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن يامان ئەمەس. يەنە كىلىپ « شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى بېسىلىشى كۆركەم، مەزمۇنى ئۇنۋىرسال چىقىۋاتقان، خېلى ئالدىنقى قاتاردىكى ژورناللارنىڭ بىرى. ئىچكىرىدە ئۇقۇۋاتقانلار ھىساپتا « ياشلار» قاتارىغا كىرىپ قالغانلار، بۇژورنال تازا باپ كېلىدىكەن. « شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلى ئۇيغۇر دىيارىدا چىقىۋاتقان بىردىن بىر مەدەنىيەت تارقىتىش تىپىدىكى، جۈملىدىن تارىخ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات- سەنئەت ... جەھەتتىكى مەزمۇنى مول ھەم يېڭى بىلىملەر بىرەلەيدىغان ژورنال، بۇمۇ بالىلارنىڭ نۆۋەتتىكى « تارىخ، مەدەنىيەت» جەھەتتە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەسلىكتىكى بوشلىقىنى تولدۇرالايدىكەن. « مىراس» ژورنىلىنى چۈشەندۈرمىسەكمۇ بۇلار، ئىسىمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇ.

ئۇمۇمەن، سىلەر خېلى باش قاتۇرۇپسىلە، بەلكى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنسىلەر. يەنە نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كېلەرسىلەر. ئەممابۇ خاسىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىلغانىكەنسىلەر، ئەمدى ئالغا بېسىڭلاركى توختاپ قالماڭلا ( بەلكى سىلەر بۇنى بىزدىن ئوبدان چۈشەنگەچكە پۇختا تەييارلىق قىلىپمۇ قويغانسىلە).

3-ئايدا بىز ئىكىسكۇرسىيە بىلەن چىڭداۋ شەھرىگە باردۇق. «چىڭداۋ پەن-تېخنىكا ئۇنۋىرىستىتى» دا ئىكسكۇرسىيەدە بولدۇق. بۇ مەكتەپ بىزگە تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا بىر فىلىم ئىشلەپتۇ. مەن بۇنى مۇنداق چۈشەندىم: بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇرتىلى بىلىدىغان ئۇقۇتقۇچىلار يوق بۇلىشى مۇمكىن، بۇفىلىمنى ئىشلەش ۋەزىپسى تەبىئى ھالدا چۇقۇم شۇمەكتەپتىكى ئۇيغۇرئۇقۇغۇچىلارغا بىرىلگەن بۇلىشى چۇقۇم، بەلكى شۇ بالىلار « شىنجاڭدىن ئۇيغۇرلار مەكتىۋىمىزگە ئىكسكۇرسىيىگە كېلىدىكەن » دېگەننى ئاڭلاپ قىن-قىنىغا پاتماي خوش بولغاندۇ. نېمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى بۇ فىلىم شۇنداق سۈپەتلىك، تەپسىلى ئىشلەنگەن. ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرتىلىدا ئاۋاز بىرىلگەن، ئۇيغۇر يېزىقى كىرىشتۈرۈلگەن. يېزىقنىغۇ شۇمەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۈزىلا كىرگۈزەر، ئەمما بىرىلگەن ئاۋاز شۇنداق كەسپى، شۇنداق سەۋىيىلىك بۇلۇپ، كەسپى دىكتۇرئاۋازبەرگەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى( غالىپ نىياز بىلەن تەڭ سەۋىيىدە). چىڭداۋدا مۇنداق ئۇيغۇردىكتۇر نېمىش قىلسۇن؟ بۇنى بىيجىڭ تەرەپكە بېرىپ، مەركىزى خەلىق رادىئۇ ئىستانىسسىدىكى دىكتۇرلارغا ئىشلەتتىمىكىن،  دىيىشتۇق( بۇبىزنىڭ پەرزىمىز). ئەمما ئىكىسكۇرسىيە داۋامىدا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلاربىلەن كۈرۈشتۈرۈش كۈن تەرتىپى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەكتەپتىكى ئىكىسكۇرسىيەنىڭ جەمى ۋاقتى پەقەت يېرىم سائەتتىن سەل كۆپرەك بولغاچقا، بىز ئەنەشۇنداق پەرەز بىلەن بۇ مەكتەپتىن ئايرىلدۇق. (« باغداش» مۇنبىرىگە شۇمەكتەپتىكى بالىلار كىرەمدۇ-يوق بىلمەيدىكەنمەن، ئەگەر كىرگەن بولساڭلا بۇنىڭ جاۋابى سىلەردىن بولسۇن). ئەمما بىز شۇنداق خوش بولدۇقكى، فىلىم ئاخىرلاشقانداق زال ئىچىنى گۈلدىراس ئالقىش ساداسى قاپلىدى. بۇئالقىش ساداسى شۇمەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلارغا بىرىلگەن، ئۇيغۇر يېزىقىغا بىرىلگەن، ئۇيغۇرتىلىغا بىرىلگەن ئالقىش ساداسى ئىدى.

دېمەكچى بولغىنىم، ئىچكىرىدە ئۇقۇۋاتقان بالىلار بىز ئويلىغاندەك ( ياكى مەن شۇنداق تار مەنىدە چۈشەندىممۇ) ئۇنداق «نادان» مۇ ئەمەس ئىكەن، ئۇلارنىڭمۇ يۈرۈكى ئۆزئانا دىيارىغا، ئاناتىل- يېزىقىغا تەلپۈنۈپ تۇرىدىكەن. ئەمما ئىچكىرى رايۇنلار ئاناتىلدىكى كىتاپ- ژورناللارنى تاپماق تەستۇ. شۇنداق ئەھۋالدا سىلەر مانا بۇ كاتتا ئىشنى باشلىدىڭلا. شۇڭا تەشەككۇر دېمەي تۇرالمىدىم. ھازىرغۇ مېنىڭ ئوغلۇم تېخى كىچىك، بۇئىشلار مەن بىلەن ئالاقىسى ئانچە چوڭ ئەمەس دەپ تۇراي، ئەمما بىركۈنلىرى ياراتقان ئىگىسى بۇيرىسا، بۇبالىلارمۇ چوڭ بۇلار، شۇتەرەپلەرگە ئۇقۇشقا بارار، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟

ئۈچۈنجىدىن، ھازىرقى زامان ئۇچۇر دەۋرى، جۈملىدىن ئىنتىرنىت بىزنى قۇل قىلىۋالدى، بۇلۇپمۇ بالىلارنى تېخىمۇ شۇنداق. ئەسلى كىتاپ ئۇقۇيدىغان ۋاقىتىنى تورغا قاراتتى. تور بىزگە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كىلىش بىلەن يەنە بىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەتتى. كىتاپلىرىمىز بۇيۇن قىسىپ قالىدى. بەزىلەر « پۇل خەجلەپ كىتاپ ئالغىچە، مۇنۇ كومپىيۇتىردىنلا ھەقسىز ماتىريال كۆرمەيمەنمۇ» دىيىشى تۇرغانلا گەپ، شۇنداق شارئىتتا سىلەر بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بەل باغلىغىنىڭلار كىشىنى خوش قىلمامدۇ؟

تاغدىن باغدىن بىرمۇنچە گەپ قىپتىمەن، سىلەرگە دېمەكچى بولغان نىگىزلىك گەپكە كىلەي. ھازىر كىتاپ باھاسىمۇ ئۆستى. خىزمەتتىكى ئادەمگە نىسبەتەنغۇ ھېچ گەپ ئەمەس (بەلكى بەزى خىزمەتتىكىلەرمۇ ھىساپ چىقىرىپراق كىتاپ ئالارمىكىن تېخى)، ئەمما بىزنىڭ نۇپۇسىمىزنىڭ 80٪ يېزىلاردىكى كەڭ دېھقانلار ( 80٪ئەتىراپىداغۇ دەيمەن)، ئۇلار تېخى باي بۇلۇپ، كەڭ-كۇشادە پۇل خەجلىگۈدەك بولغىنى كۆپ ئەمەس، ئوتتۇرچە يىللىق كىرىمى 3مىڭ سوم ئەتىراپىدا، بۇپۇلنى بىريىل خەجلەيدۇ دېگەن گەپ، بۇپۇل بىركادىرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى بىلەن تەڭ. ئۇلار بىرسوم پۇلىنمۇ ئويلۇنۇپ خەجلەيدۇ، بىرەريۈزسومنى پىلاندىن سىرىت خەجلىۋەتسە كۆپ قىيىنچىلىق تارتىدۇ. نۆۋەتتە كىتاپلارنىڭ باھاسى يۇقىرىلاۋاتىدۇ. ئەلبەتتە، بىرەرپارچەكىتاپ سېتىۋالغانغا نامراتلىشىپ كەتمەيمىز،ئەمما 80٪نۇپۇسىمىز تېخى قۇرساقنى تويغۇزۇش بىلەن ئاۋارە بۇلىۋاتقان قەۋىمگە نىسبەتەن، « كاناي ياغلىغىلى ياغ يوق، سۇناي ياغلىغىلى ياغ نەدە؟» دەپ، قىممەت باھادىكى كىتاپلارنى سېتىۋېلىشتىن، بىرجىڭ گۆش ئېلىپ، ئايلاپ گۆشلۈك تاماققا تەشنا بولغان ، كاككۇك بالىسىدەك ئاغزىنى ئېچىپ قالغان بالىلارغا بىرۋاخ تاماق ئىتىپ بىرىش ئەلا. گۆشكە پۇل يوق، كىتاپقا نەدىكى پۇل؟ دەپ ئويلايدۇ دېھقانلىرىمىز. بولمىسا يېزىللىرىمىزدىمۇ نى-نى كىتاپخۇماردېھقانلار بار. يېزا دېھقانلىرى ئىچىدىمۇ خېلى ياخشى ئەسەرلەرنى يازىدىغان ئاپتۇرلار مۇبار، ئۇلارغا مەن قايىل. ئەمما، يەنە شۇگەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، ئۇلارنىڭ كىتاپ- ژورنالغا تەشنا ئوتتەك يۈرىكى بار، ئەمما يانچۇقى بوش. مەسلەن، ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان بىرقىسىم ئىسىل كىتاپلارنىڭ بىرىنجى نەشىرى مانچە سوم چىقىپتۇ، دەپ ئاڭلاپ بولغىچە، تۈگەپ، ئىككىنجى نەشىرىنىڭ باھاسى ئۇنىڭدىن يۇقىراق چىقىپتۇ دېگەن گەپ پەيدا بولدى، بەلكى شۇكىتاپلارنىڭ ئۈچۈنجى، تۆتىنجى نەشىرىمۇ چىقار، باھاسى خۇددى شۇتىدا ئۆرلىگەندەك يۇقىرىلار، بۇ خىل كىتاپ باھاسىنى كۈرۈپلا نۇرغۇن دېھقان ياشلىرى ئارقىسىغا داجىپ كىتىشى چۇقۇم. چۈنكى ئۇلار بىريىل ئىشلەپ قەرىز بولماي، ئازراق ئېشىنسىلا ئەڭ چوڭ ئىش. پۇلنى خەجلىۋەتكەن بىلەن بىرئۆي، خۇتۇن-بالا، قېرىپ قالغان ئاتا-ئانا، ۋە ئېغلدىكى جانىۋارلارنى باقىدىغان ئىشمۇ بار-دە.

شۇنداق بىركۈنلىرىگە كىلىپ، ناۋادا سىلەرنىڭ تەرەققىياتىڭلار ياربىرىپ قالسا ( پەقەت ياربىرىپ قالسا دەۋاتىمەنغۇ )، يېزا-قىشلاقلاردىكى دېھقان ياشلارغىمۇ شۇنداق بىرياكى بىرنەچچە پارچىدىن ژورنالنى ھەقسىز تەمىن ئىتەلىسەڭلا-ھە، يائاللا، شۇنداق بولسا، ئاشۇ كىتاپخۇمار، بىلىمخۇمار دېھقان ياشلىرىنىڭ خوشلىقتىن يۈرىكى يېرىلىپ كەتمەس... بۇلۇپمۇ بايا گېپىنى قىلغان ئىسىل كىتاپلاردىن « ئانايۇرت» ۋە «باھادىرنامە»گە ئوخشاش قىممەترەك ئەمما ئىسىل كىتاپلارنى تەمىن ئەتسەڭلا. بىرئەترەتكە بىرنەچچە پارچىدىنلا بولسا (بۇمۇ پەقەت نامرات رايۇنلارغاقارتىلدى، بەزىلەر پۈتۈن جەنۇبى شىنجاڭدا نەچچەمىڭ كەنىت بار، دەپ ھىساپ چىقىرىپ بەرمەڭ-ھە)، يەنە تېخى ئۇلارنى ئىت تالاشتۇرۇش، خۇراز سۇقۇشتۇرۇش، ياكى ھاراق ئىچىپ، قىمارئويناپ يامان يولغا مېڭىپ قىلىشتىنمۇ ساقلىغىلىمۇ بۇلاتتى. بىزتەكىتلەۋاتقان ھېلىقى مۇقۇملىققىمۇ پايدىسى بۇلارئىدى. بەزىلەر يەنە « ئۇياشلار راسا ئىشلەپ، ھالال بېيىسا بولمامدۇ؟ شۇنداق بولسا، باي بۇلۇپ ئۇ كىتاپلارنى ئۈزىلا سېتىۋالارئىدى» دىيىشىڭلار مۇمكىن، ئاپلاھۇئەكبەر، بۇمۇ يېزىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ گېپى جۇمۇ، ئۇنداق ئاسان ۋە ئاددى ئىش نېمە قىلىدۇ؟ بۇياشلارمۇ لىۋىنى چىڭ چىشلەپ، راسا ئىشلەۋاتقانلار شۇ.

سىلەرگە ئۇشۇق- ئارتۇق تەلەپ قۇيۇپ ئەدەپسىزلىك قىلدىممۇ، ياكى ئەمدى تېخى ئۇقۇغۇچىلارغا ژورنالنى ھەقسىز تەمىنلەپ بولغىچە، بۇيەردە بىرئاداش قۇپۇپ دېھقانلارغىمۇ شۇنداق قىلساڭلا دەيدۇ، دەپ خاتاچۈشۈنۈپمۇ قالدىڭلارمۇ؟ شۇنداق بولسا بىرقېتىم ئەپۇ قىلساڭلا. ھەراسىت، بەزى قېرىنداشلار« ھازىر ھەربىر كەنىتتە بىردىن كۈتۈپخانا بارغۇ، ياشلىرىڭلا شۇيەرگە كىرسە، ھەقسىز كىتاپ كۈرۈدىغاندۇ؟ ... » دىيىشى مۇمكىن. ئۇ قىرائەتخانىلاغا مەنمۇ كىرگەن، بىرىنجىدىن ئۇ قىرائەتخانىلارنى پەقەت يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش كەلسە ئاندىن ئاچىدۇ، بولمىسا قۇلۇپلاقلىق، ئىككىنجىدىن، ئۇ قىرائەتخانىدا « باھادىرنامە» ياكى « ئويغانغان زىمىن» ۋەياكى « قۇمباسقان شەھەر» دېگەندەك كىتاپلارنى تاپالمايسىز. « ئانايۇرت» نىغۇ ئەسلا تاپقىلى بولمايدۇ. كۈپۈنچىسى لازا ساتىدىغانلار خېرىدارغا لازا يۆگەپ بىرىشكە پايلايدىغان كونا كىتاپلار ( سىلەر تەرەپتىكى كەنىت كۈتۈپخانىسىدا يۇقارقى كىتاپلار بار بولسا قانداقكىن) .

خەيىر، خەتنىمۇ يېزىپ بوپتىمەن. ھېلى قارىسام گېپىم تۈگۈگەندەك قىلىدۇ، يەنە بىر قارىسام شۇنداق جىق گەپلىرىم باردەك قىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما زادى يەنە قايسى گەپنى چالا يازدىم، بۇنىمۇ بىلەلمەي قالدىم. تىلسەڭ ئۇرۇيسەن، دېگەن گەپمۇ بارغۇ، سىلەرگە ئەڭ ياخشى نەتىجە-ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن، سالامەت بۇلۇڭلا، خەلىق سىلەردىن خوش، سىلەرنى بېشىدا كۈتۈرۈپ تەنتەنە قىلىدۇ.

خاتا كەتكەن، ياكى مۇۋەپىق بولمىغان تەرەپلىرىنى تۈزۈتۈپ بەرسەڭلا، چۈنكى مەنمۇ « باغداش مۇنبىرى»دىكى ئاددى بىر كارۋان. كەڭ تورداشلارنىڭمۇ ئىلمى، مەنتىلىق تەكلىپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، مۇنبەرلەردە يەنە نى-نى سەۋىيىسى يۇقىرى ئۇستازلاربار، بۇ ئۇستازلار بۇ تېمىلار ئۈستىدە ئەھمىيەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارسا، بىزمۇ نەپكە ئىرىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس-دە. بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارمۇق سۇئىچىپتۇ-دەپتىكەن.

ئاخىردا ھۆرمەتلىك «ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى»گە تېخىمۇ زور ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپ تىلەيمەن. مۇنبەر يۈزىدىن پايدىلىنىپ بىزبىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشقان يازغۇچى-شائىرلاردىن زوردۇن سابىر، ئابدىرېھىم ئۆتكۈر، تۇردى سامساق، زۇنۇن قادىر، رۇزى سايىت قاتارلىق پىشۋالىرىمىزنى سېغىنىپ ئەسلەش بىلەن بىرگە،  ئۇيغۇرنى يېزىۋاتقان، دېھقاننى يېزىشقا تىرىشىۋاتقان بارىلىق يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، ئىجادىيىتىنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. ئۇيغۇر ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈن خالىس ساخاۋات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسىل پەزىلەتلىك كارخانىچلار ۋە شەخىسلەرگە ئالى ئىھتىرام بىلدۈرىمەن.

مەنبە: ئۈزۈم



  






[ بۇ يازمىنىarman03دە2011-07-01 12:04قايتا تەھرىرلى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-30, 17:00
ۋ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-30 16:43 |
arman03
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 117 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 117 سوم
تۆھپە: 61 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 64 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز، بۇتىمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە كۈچۈرۈپ يوللىمىغايسىز.
西部医院
ۋ
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-30 23:36 |
satar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 630 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 375 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 375 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ ئىچىكىرى مەكتەپلەردىكى ئوقوغۇچىلارنى ھەقسىز ژۇرنال بىلەن تەمىنلىشى ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرگەن .
سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىگە كەلسەك ، ساخاۋاتچى ئاتىلارنىڭمۇ  بەلىكم شۇنداق قىلغۇسى بار لېكىن ئىقتىساد يار بەرمىگەن بولىشى مۇمكىن ،
سىز ۋە ماڭا ئوخشاشلار ساخاۋەتچى ئاتىلار سېپىگە قوشۇلۇپ قوشۇننى زورايتساق بەلكىم ئۇ ئىشلارمۇ بوپ قالار !
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 11:40 |
perman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2475
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ساخاۋەتچى  ئاتىلارنىڭ  بۇ  ئشى  مىنى  بەك  سۆيۈندۈردى.    قوش  تىللىق  بولۇش  شەرەپ، ئانا  تىلنى  ئۇنتۇش  جىنايەت.
hawar
ۋەتەنسىز ئۆلسۇن!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-06 05:32 |
karwan@
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 134
شۆھرەت: 698 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 699 سوم
تۆھپە: 415 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 416 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 187(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ساخاۋەتچى ئاتىلار ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىققان ئاساستا ساخاۋەتلىك قولىنى ئاجىزلارغا،بالىلارغا سۇنىۋاتقان شارائىتتا ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى بۇ ئىشلاردىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايدۇ،ئەركەكلىرىمىز بېلى بوش بولمىسا،ئازراق پۇل ئۈچۈن ۋىجدانىنى ساتمىىسىلا،ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ بېسىمى ئاشمايدۇ.ئۇلارنىڭ سېپى ئۇلغىيىدۇ.
   جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم«بالام ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدۇ»دېگەن نۇمۇسسىز گەپنى قىلىۋاتقان مىللەت مۇناپىقلىرى ئازايسا،ھەتتا يوقالسا بولاتتى،ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەمنى ھايۋانغا ئوخشاتساق ھايۋانغا تولىمۇ ئۇۋال قىلغان بولىمىز.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-06 06:59 |
anwarkapak
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 289
شۆھرەت: 1465 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1485 سوم
تۆھپە: 877 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 877 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەمىمىز پەخىىرلەنگۈدەك  ياخشى باشلىنىش بوپتۇ .
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-06 10:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتى