سالام ئەزىز قېرىنداشلار،
ئېچكىردەئىشلەۋاتقان ئاكام تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى، ئۆزۈم بىۋاستە ئىزدەي دېسەم مەن بەكمۇ ئۇزاقتا(دۆلەت سىرتىدا) ھەم ئۆيدە باشقا ئەركىشى بولمىغاچ، مەن ھازىر ئېچكىردىكى يەنى چاڭجوۋ ۋە سۇجوۋدىكى ياكى شۇ يەرگە يىقىن شەھەرلەردىكى دوستلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم. ماڭا ياردەملىشىپ ئاكامنىڭ خەۋىرىنى ئېلىشىپ بەرسەڭلار. ھازىر مەندە بار بولغان ئۇچۇرلار:
ئاكام بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 4-ئايغىچە بولغان ۋاقىتلاردا چاڭجوۋ شەھەردىكى "مەمەترېستۇرانى"دا ئىشلەپتىكەن، ھەم ئۆيگە ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم تېلفۇن قىلىپ تۇرغان، 4-ئاينىڭ بېشىدا ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ "مەن سۇجوۋدا، بىرەر ئايغىچەتېلفۇن قىلالماسلىقىم مۇمكىن" دەپ تېلفۇننى قويىۋەتكەنچە قايتا تېلفۇن قىلمىغان، ئۈچ ئاي بولدى خەۋەر يوق. ساقچى تەرەپتىمۇ ھېچقانداق جىنايى سەۋەبلىك تۇتۇلۇش خاتىرسى يوق.
مەن توردىن چاڭجۇدىكى "مەمەت رېستۇرانى"نىڭ تېلفۇن نۇمۇرنى تېپىپ تېلفۇن قىلدىم، لېكىن ئىككى ھەپتىدىن بىرى تېلفۇنغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى.
, 常州市钟楼区公园路27号 :رېستۇراننىڭ ئادرەسى ۋە تېلفۇنى 051986607777
ئاكامنىڭ كېملىك بىلگىلىرى: ئەخمەتجان بارات، بۇ يىل 27ياش،(كېملىكتە 4ياش چوڭ ئېلىنغان)بويى بىر مېتىر70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، كەسپى ئاشپەز، باشقا يامان كەسىپ ۋە ئادەتلىرى يوق.
تۆۋەندىكىسى ئاكامنىڭ كېملىكى ۋە باش سۈرىتى: خەۋىرىنى بىلىدىغان ياكى ياردەم قىلالايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
:381497045QQ
[url=mailto:erki1987@gmail.com]erki1987@gmail.com[/url] : Gtalk
ئانامنىڭ تېلفۇنى: 15109989742 (خەۋىرنى بىلگەنلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىنى سورايمەن) ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار: بۇ تېمىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ تەستىقلاپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ رازى بولسۇن. [ بۇ يازمىنىerkiدە2011-07-01 19:26قايتا تەھرىرلىدى ]