turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 497 قېتىم كۆرۈلدى
tirx
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 149
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 1147 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1142 سوم
تۆھپە: 604 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 607 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىمىن ئابلا،  (تەرجىمان)

       ئىمىن ئابلا، ئەر، ئۇيغۇر، ئالىي مۇھەررىر، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى ــــ «تۇلپار» مۇكاپاتىنىڭ تەرجىمە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىسى. ھازىر جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەتقىقات ئىشىخانىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

  ئىمىن ئابلا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەرجىمانى، مەمۇرىي كاتىپى، ئىدارە كۇتۇپخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچسى، «مىللەتلەر تەرجىمىسى» (ھازىرقى ‹مىللەتلەر تەرجىمىچىلىكى›)نىڭ تەھرىرى، ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.

  ئىمىن ئابلا ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىدە «كاپىتال»، «جىياڭ زېمىن ماقالىلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ۋە بېكىتىش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە قاتناشقان. خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلارنىڭ سېلىشتۇرما ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تەرجىمە ماتېرىياللىرىنى پىلانلاپ، توپلاپ ۋە تەھرىرلەپ، تەرجىمانلار ئۈچۈن «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر سېلىشتۇرمىسى» ۋە «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەرنىڭ سېلىشتۇرما قوللانمىسى»نى بېسىپ تارقاتقان، بۇلارنىڭ بىر قىسىمى «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر لۇغىتى» (ئىمىن ئابلا باش مۇھەررىرلەرنىڭ بىرى)گە كىرگۈزۈلۈپ، 2008-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

  «شېئىر»، «خەلق گېزىتى» «نۇر گېزىتى»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «غەربىي يۇرت ئەدەبىياتى»،«ئىلى» قاتارلىق خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ئىمىن ئابلانىڭ 110 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە شېئىرى ئېلان قىلىنغان. «مەن سۆيگۈنى چىللايمەن پەقەت» ناملىق تەرجىمە شېئىرى «1949-1999 جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەر ئامبىرى»غا كىرگۈزۈلگەن؛ «مەن ھېسسىياتچان ئەمەس، ئەمما» ناملىق شېئىرى «2003-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر شىئىرلار» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن؛ «مۇھەببەت كارىدورى» شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر تاللانمىسىغا كىرگۈزۈلگەن، «شور پېشانە ئاشىق» ناملىق شېئىرى «ئەسىر ھالقىغان مۇھەببەت شېئىرلىرىدىن 300 پارچە» دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.

  2004-يىلى «كۇچار خەلق ناخشىلىرى توپلىمى»نى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «ئۇمۇرتقىسىز روھ»، «كۆز قارىچۇقىدىكى مەخپىيەتلىك»، «قەھرىماننىڭ ئوغلى» ،«پامىردىكى چاقماق» قاتارلىق پوۋېست، ھېكايىلەر توپلىمى ۋە تۆمۈر داۋامەتنىڭ «ئۆمۈر مۇساپىسى» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى بولۇپ جەمئىي 1 مىليون خەتتىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسەر ئېلان قىلغان.

  2006-يىلىدىن 2008–يىلىغىچە، ئىمىن ئابلا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئاسپىرانتلارغا «تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى» دەرسى ئۆتكەن. 2008-يىلى 11-ئايدا لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنسىتىتۇتى ئىمىن ئابلانى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي تەرجىمانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات سىنىپى ئۇيغۇرچە گۇرۇپپىسىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىگە تەكلىپ قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-15 18:43 |
sebir
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3266
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 164
شۆھرەت: 974 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 969 سوم
تۆھپە: 562 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 572 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىمىن مۇئەللىم ھەقىقەتەن بەك داڭلىق تەرجىمان جۇمۇ. بىر يىل بۇرۇن بىزگە تەرجىمە دەرسى بەرگەندە ئۇ ئادەمنىڭ ئەستايىدىللىقى، تەرجىمىگە ماھىرلىقىغا ھەممىمىز قول قويغان. ئۇنىڭ خالىدە ئىسرائىلنىڭ "نان" ناملىق نەسرىنى خەنزۇچىغا قىلغان تەرجىمىسى ھەممىمىزگە بەك يارايدۇ.
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-12-15 11:45قايتا تەھرىرلىدى ]
lutun
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-15 09:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر