قازاقىستان زۇڭلىسى ئۇيغۇر
قازاق تىلىنى خېلى مۇكەممەل ئىگەللىگەنلىگىم ئۇچۇن ،قازاق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ،سۆھبەتلەردە بولۇپ تۇراتتىم.تونۇگۇن قازاق قېرىندىشىمىز،ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى دەۋلەتبىك بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ،ئۇيغۇر خەلقى ئۇچۇن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ قالدىم.(ئەلۋەتتە بۇنى يەنىمۇ دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.)
بۇ بۇرادىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە زۇڭتۇڭ نەزەربايوفنىڭ ھەر قانداق مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ،دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشلەرنى يوقىرى مەنسەپلەرگە قويۇش سىياسىتىنىڭ دەلىلى سۇپىتىدە قازاقىستاننىڭ باش زۇڭلىسى،قازاقىستان نوپۇسىنىڭ %3پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان ئۇيغۇرمىللىتىدىن بولۇپ،ئىسىم-فامىلىسى كەرىم مەسىمۇف ئىكەن.
بۇ كىشى پىشقان سىياسىيۇن،يىتۇك سۆز ئۇستىسى بولۇپلا قالماي يېتىلگەن دىپلۇمات ئىكەن.يەنە كىلىپ بۇ كىشى روسچە،خەنزۇچە،قازاقچە،ئىنگىلىزچە تىللارغا كامىل.ياپۇنچىنىمۇ خېلى مۇكەممەل ئىگەللىگەن تالانت ئىگىسى ئىكەن.
ئۇ جۇڭگۇدا مەلۇم مەزگىل تۇرغانىكەن.
ئەگەر بۇ قازاق قېرىندىشىمىزنىڭ دەلىللىرى ئىسپاتلانسا،بۇ ئۇمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلۋاتقان ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن زور بىر ئويغۇتۇش بولىشى،كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزنىڭ گۇللەپ ياشنىشى ئۇچۇن بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇش ئىرادىسىنى تاۋلاپ،ئىلىم-پەن بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرىشىغا ئاساس سېلىشى مۇمكىن.
ئاخىردا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدىن،ئاخبارات قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلنىپ،موشۇ ئۇچۇرنى ئېنىقلاپ دەلىللەپ بېقىشىنى سورايمىز.
[ بۇ يازمىنىiztirap1دە2011-07-06 20:23قايتا تەھرىرل ]