كەشپىياتچى ئۆمەر بەكرى بىڭتۈەن 13-دېۋىزىيىسى راكىتا دېھقانچىلىق مەيدانى 1- قارمىقىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان . ئۇ نۆۋەتتە سۇ تېجەش تىپىدىكى تېخنىكىلار ئىچىدە ئەڭ يېڭى دەپ قارىلىۋاتقان ئېكىلوگىيىلىك يېشىل تېخنىكا __ « ئۈچ سۇ تېخنىكىسى » نىڭ ئىجادچىسى ھەمدە دۆلەت ئەقلى مۈلۈك ھوقوقى باش ئىدارىسى تەرپىدىن شۇ تۈردە بېرىلگەن كەشپىيات پاتېنېتىنىڭ ئىگىسى.
بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن ئۆمەر بەكرى كەشىپ قىلغان « ئۈچ سۇ تېخنىكىسى » نىڭ كەشىپ قىلىنىش جەريانى بىرقېتىملىق تاسادىپى كۈزىتىشتىن باشلانغان . 20 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆمەر بەكرى ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا چىققىنىدا قەبرە ئىچىدە ياپيېشىل ئۆسۈپ كەتكەن يانتاق بىلەن قامقاغ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. كۆڭلىدە بۇلارنى كىم بۇ يەرگە تېرىپ قويغاندۇ ؟ دىگەنلەرنى ئويلايدۇ. ئۇ ھەممىلا يەردە توپا ئۇچۇپ تۇرىدىغان قۇرغاقتىن قۇرغاق قەبرىستانلىقنى ئايلانغاچ باراقسان ئاينىپ كەتكەن يانتاق - قامقاغ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خېلى كۆپلىگىنى بايقايدۇ ۋە بۇلارنىڭ ئۇرۇقىنى بەلكىم شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن يامغۇر سۈيىدە ئۆزلىگىدىن ئۈنگەن بولىشى مۇمكىن ، لېكىن ئۇدا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۈزۈككىنە قار-يامغۇرمۇ ياغمىسا بۇلار شۇنچە ناچار شارائىتتا قانداق قىلىپ بۇنچە نورمال ئۆسەلىگەندۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلايدۇ. ئارانگىنە 4- سىنىپقىچە ئوقىيالىغان ئۆمەر بەكرى بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپالمايدۇ .
بۇ ئىش خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۇنىڭ خىيالىدىن كەتمەيدۇ. بىر كۈنى ئۇ قوشنىسىغا بالىلىقىدا كارىز چاپقان يەردە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىدا، كارىز قېزىۋاتقانلارغا تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن تۆپىدىن ئارقان ئارقىلىق پەسكە سىيرىلىپ چۈشىۋېتىپ يانتاقنىڭ يەر يۈزىدىن 7-8 مېتىر چوڭقۇرلۇققىچە يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرگەنلىگى يادىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى قەبرىستانلىقتا ياپيېشىل ئۆسۈپ تۇرغان يانتاقنىڭ شۇنچە ناچار مۇھىتتىمۇ نورمال ھايات تۇرالىشىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىدۇ.
بۇ كىچىككىنە ھېسسىي بىلىشتىن ئىلھام ئالغان ئۆمەر بەكرى ھويلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تەپسىلى كۈزىتىشكە باشلايدۇ . مول تۇرمۇش ۋە تېرىقچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە ئۆمەر بەكرى كۈزىتىش ۋە ئىزدىنىش داۋامىدائۆسۈملۈكلەر شۇنداقلا تەبىئەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئەمىلى ۋە يېڭى بىلىملەرگە ئىگە بولىدۇ. بىلىشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ خىيالىغا يېڭىدىن يېڭى سۇئاللار كېلىشكە باشلايدۇ. يانتاققۇ سايدا ، قۇملۇقلاردا ئۆسىدۇ . يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نەملىككە تايىنىپ ياشايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ يانتاق ياشىيالايدىغان ناچار ئېكلوگىيىلىك شارائىتتا نورمال يىتىشتۈرگىلى بولارمۇ ؟ دىگەن سۇئال دەل ئۆمەر بەكرىنىڭ « ئۈچ سۇ تېخنىكىسى » نى تېپىپ چىقىشىغا تۇرىتكە بولىدۇ. بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن ئۇ ئۆزىگە ئەڭ تونۇش ئۆسۈملۈك تۈرى بولغان بۇغداينى تەجرىبە قىلىپ باقماقچى بولىدۇ. تەجرىبىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ھېچقانداق بىر ئالىي مەكتەپ ئوقىمىغان ،يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى ئىلمىي تەجرىبە جەريانىنى بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان ئۆمەر بەكرى ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن سۇئال ئىدى. ئۇ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئىشنى بۇغداي بىلەن يانتاقنىڭ پۈتكۈل يىتىلىش جەريانىنى سېلىشتۇرۇشتىن باشلاش قارارىغا كېلىدۇ. ئۆزىنىڭ كۈزەتكەنلىرى ۋە مول تېرىقچىلىق تەجرىبىسىگە ئاساسەن بۇغداي بىلەن يانتاقنىڭ ئۆسۈش جەريانىدىكى نۇرغۇنلىغان پەرق ۋە ئوخشاشلىقلارنى تېپىپ چىقىپ، دەسلەپكى تەجرىبە لاھىيەسىنى تۈزىيدۇ. ئۇ بۇغداينىڭ تۈپ ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ئاۋال ئۆسۈش شارائىتىنى ئاندىن ئۇرۇق ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تېرىيدۇ. باشاق تۇتقاندا بېرىدىغان سۈيىدىن بۇرۇنقى پەرۋىشنى تەڭشەيدۇ. بۇ ئۆزگەرتىش ۋە تەڭشەش ھازىر قوللىنىۋاتقان تېرىش ئۇسۇلىغا پۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى كەلسىمۇ ، نەتىجىدە بۇغداي ئىنتايىن نورمال ئۆسىدۇ . ھېچقانداق ئۇسساش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. يەنە كېلىپ تېرىغاندىن تاكى پىشقانغا قەدەر پەقەت ئۈچلا قېتىم سۇغىرىدۇ. (قومۇلنىڭ شارائىتىدا بۇغداينى ئادەتتە ئاز دىگەندىمۇ 6-7 قېتىم سۇغۇرىدۇ.ئا) تەنتەكلەرچە قىلغان خىيال ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزىلەرچە نەتىجە بېرىدۇ. بۇ ئۆمەر بەكرىگە زور ئىلھام بولىدۇ. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئۇ سىناق تۈرىنى كۆممەقوناق، پەمىدۇر ، ئۈزۈم - چىلان قاتارلىق تۈرلەرگە كېڭەيتىپ نەتىجىسىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش شارائىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق پەقەت ئۈچلا قېتىم سۇغىرىپمۇ نورمال يىتىشتۈرگىلى بولىدىكەن دىگەن يەكۈنگە كېلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. ئون نەچچە يىل قايتا-قايتا تەجرىبە سىناق قىلىش نەتىجىسىدە ئۆمەر بەكرى بۇ خىل يىتىشتۈرۈشنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى تېپىپ چىقىدۇ ۋە بۇ تېخنىكىسىغا « ئۈچ سۇ تېخنىكىسى » دەپ نام بېرىدۇ.
2007- يىلى 6- ئايدا دۆلەت ئەقلى مۈلۈك باش ئىدارىسىغا دېھقانچىلىقتا سۇ تېجەش تۈرى بويىچە كەشپىيات پاتېنېتى ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ. 2010-يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى رەسمىي كەشپىيات پاتېنېتىغا ئېرىشىدۇ.