turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 3875 قېتىم كۆرۈلدى
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 [بوزقىر] يازغۇچىلىق كوچىسىدىكى پارىخور ئەمەلدارلار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-07-07)
         
              يازغۇچىلىق كوچىسىدىكى پارىخور ئەمەلدارلار

 

بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلدار يازغۇچىلارنى ئاز دېگىلى بولمايدۇ.ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك ئەمەلدار يازغۇچى دېگەنغۇ ئىتنىڭ تۈكىدەكلا تولا گەپ بوپ قالدى ھازىر.ھەتتا ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار يازغۇچىدىنمۇ نەچچە ئونى بار.ئەشۇ ئەمەلدار يازغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئاۋال يازغۇچى بولۇۋلىپ ئاندىن ئەمەل تۇتقان،يەنە بەزىلىرى ئاۋال مەنسەپ تاجىنى كىيىۋېلىپ ئاندىن يازغۇچى بولغان.يۈزەكى جەھەتتىن ئېيىتقاندا بۇنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقتەك بىلىنسىمۇ ئەمما ،ماھىيەت جەھەتتىن ئېيىتقاندا كېلىش مەنبەسى ئوخشىمايدۇ.مەسىلەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشنى ئېلىپ ئېيىتساق ئاۋال يازغۇچى بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئەمەل تۇتقان يازغۇچىغا دەسلىپىدە بۇ ئىش ئاسانغا توختىمايدۇ.بۇنىڭدا پۈتۈنلەي قەلەمگىلا تايىنىشقا توغرا كېلىدىغان گەپ.ۋەھالەنكى ، ئاۋال مەنسەپ تاجىنى كىيىۋېلىپ ئاندىن يازغۇچى بولغان ئەمەلدارلارغا بولسا دەل ئەكسىچە.

    يازغۇچى دېگەنلىك بىر خىل كەسپى ئاتالغۇ بولۇپ،يەنە ئۇنىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ روھى ئىنژېنىرى»دېگەن چىرايلىق نامىمۇ بار.ئەمما ، بۈگۈنكى كۈندە ئايرىم ئەمەلدار يازغۇچىلارنىڭ پەزىلىتى ناچار بولۇپلا قالماي روھى دۇنياسىمۇ پاسىقلىق بېلەن تولغاچقا ئۇلار يازغۇچىلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمەكتە.يېقىندا يازغۇچىلار جەمئىيىتى مۇشۇ تۈردىكى بەش نەپەر كىشىنى جەمئىيەتتىن قوغلاندى قىلغان.ھەتتا بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغاچقا جىنايى ئىشلار كېسىمى پىچىلغان.

ئەمەلدار يازغۇچىلارغا نىسبەتەن كىتاب چىقىرىش،جەمئىيەتكە ئەزا بولۇش،ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش،مۇھەررىرلەرگە داستىرخان سېلىش،ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ مۇكاپات ئېلىۋېلىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاسان قولغا كېلىدىغان ئىشلار ھېساپلىنىدۇ.ھەتتا بىر ئەمەلدار يازغۇچى ھۆكۈمەت پۇلى (خەلق تاپشۇرغان باج پۇلى)غا ئۈچ كىتاب نەشىر قىلىپ،ئىككى ئادەمنىڭ تونۇشتۇرىشى بېلەن ھېچقانچە كۈچىمەيلا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىلىقىغا ئايلىنىپ قالغان.شۇنىڭ بېلەن ئۇياق نام-ئەمەل كارتۇچكىسىغا «يازغۇچى»دېگەن ئىسىمنى قوشۇپ يېزىپ، ئەمەلدارلىق سالاپىتىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشۇشقا مۇيەسسەر بولالىغان.ئۇنىڭ تەلىيى تېخىمۇ ئوڭدىن كېلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا چىقارغان ئەشۇ كىتابلارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىدارە –ئورۇنلارغا سېتىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقان.مانا بۇنى قوش ئامەت دېمەسلىككە كىمنىڭ ھەددى ؟
يەنە خىزمەت ئالدىراشچىقى سەۋەبلىك يېزىقچىللىققا ۋاقىت ئاجرىتالمىسا ئادەم ياللىۋېلىپ ئەسەر يازدۇرىدىغان ياكى كاتىپلىرىغا ئەسەر يازدۇرىدىغان ئەمەلدار يازغۇچىلارمۇ يوق ئەمەس.

      ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىماقتىكى،يازغۇچىلار ئەمەلدار بولۇپ بولغاندىن كېيىن باشقا ئەمەلدارلاغا سېلىشتۇرغاندا شۇنداق ئەمەلدار يازغۇچىلار تېخىمۇ رەزىللىشىپ كېتىدۇ.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۇلغا تايىنىپ مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ھاسىل قىلمايدىغانلىرىدىن بىرىمۇ يوق.مەسىلەن سىرىتقى ئۆلكىلىك ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەمەلدار يازغۇچى پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىپ سوراققا تارتىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن قوغلانغانلىقىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدۇق.بۇ يازغۇچىنىڭ خېلىلا قەلەم قۇۋىتى بولسىمۇ ئەمما،يەنە ئەشۇنداق سەت،پەسكەش قىلىقلارنى پەقەتلا تاشلىمىغان.ئۇ تاپشۇرغان مەسىلىلەردىن قارىغاندا، ئۇ ئاتايەن پۇل خەجلەپ بېيجىڭغا بېرىپ،مۇكاپات باھالاش ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى بولىشىغا مايلاپ ، بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى سېتىۋالغان.مانا بۇ ئەمەلدار يازغۇچىلاردىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىكتۇر.

   يىغىپ ئېيىتقاندا ، ئەمەلدار يازغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەلدار بولۇپ ھوقۇق تۇتۇش ئۇلارنىڭ تۈپ نىشانىدۇر.شۇڭا ئۇلار شۇ نىشانغا يەتكەن ھامان يازغۇچىلارغا خاس ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە ۋىجدان-غۇرۇر دېگەنلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ سېپىگە بېشىچىلاپ كىرىپلا كېتىدۇ.

بوزقىر قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى


مەنبەسى: http://view.news.qq.com/a/20101026/000001.htm

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-07, 15:40
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-07 15:02 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شەندوڭ ئۆلكىسى چىخې ناھىيىلىك پارىتكومنىڭ سابىق شۇجىسى لى فېڭچېنمۇ 2005-يىلى شېئىرىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغىنىغا قارىماي بىر يىلدا يەتتە شېئىرلار توپلىمى چىقىرىشتەك يۇقۇرى سەۋىيىسى بېلەن «تارىختىكى ئەڭ نوچى ئەمەلدار شائىر»دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەننى ئاز دەپ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك يازغۇچى دېگەن تاجلارنىمۇ تاقاشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى .

ئەمما ،بۇ «تالانىتلىق»شائىرنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى بېكىتىلىپ كېسىم كېسىلگەچكە، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شۇجىچۇسى ئۇنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن قوغلاندى قىلغان.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-08 08:48 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يەنە، 1946-يىلى ئەنخۇيدا تۇغۇلغان كۇمۇنىسىت يازغۇچى ،«خېبېي ئەدەبىياتى »تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى،«زامانىمىز كىشىلىرى »ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋېن باش مۇھەررىرى ،مۇئاۋېن سېنېزورى ،«رومانتىك سەپەر» قاتارلىق ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ ئاپتورى ،«ھەربىي فورما كىيگەن پەرزەنىت ئەسكەرلەر»(باشقىلار بېلەن بىرلىشىپ يازغان).«ئوتتۇرا ئېقىم»قاتارلىق ھېكايىلىرى بېلەن بېيجىڭ ھەربىي رايونى 1980-يىلى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بېلەن ئۇيۇشتۇرغان مۇكاپاتلىق پائالىيەتتە 1-،2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ؛خېبېي ئۆلكىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جاۋلىشەننىڭمۇ جىنايى جاۋابكارلىقى بېكىتىلگەنلىكتىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپتۇ.

http://news.e23.cn/Content/2009-07-10/200971000029.html
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-08 08:51 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھەرلىك پارىتكومىنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى ،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ،جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يۆشى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ خيانەت قىلغان (ساقتا تالون ياساپ باسما ھەققىغە خيانەت  قىلىش جىنايىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لىقتىن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىپ كېسىم كېسىلگەن.شۇڭا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شۇجىچۇسى ۋاڭ يۆشىنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان.



http://baike.baidu.com/view/2330955.htm
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-08 11:32 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يەنە ۋاڭ جيەن،ۋاڭ نىڭ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭمۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»دىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىپ، تېگىشلىك قانۇنىي جازاغا تارتىلغانلىقتىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-08 11:34 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«جۇڭگو يازغۇچىلىرى پارا بېرىش ئۈچۈن، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دەرۋازىسىنى چەكمەكتە» سەرلەۋھىلىك قىسقا ئۇچۇر ئىيۇل ئېيى كىرگەندىن بۇيان جۇڭگودا نوبىل مۇكاپاتى ھەققىدە قىزىقچىلىق پەيدا قىلماقتا. مۇخبىر ھەرخىل سادالارنى ئاڭلاپ، بۇ گەپ-سۆزلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ باھالىغۇچىسىدىن بىرى بولغان گوران مالمكۋست (Nils Göran David Malmqvist) ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى چېن ۋېنفېن خانىم بىلەن  ئىلخەت ۋە تېلېفۇن ئارقىلىق ئالاقىلاشتى. گوران مالمكۋست ئەپەندى قايسى جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ ئۇنىڭغا پارا بېرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەنچە بەردى، چېن ۋېنفېن خانىم : بۇنداق كىشىلەرنى يازغۇچى دېگىلىمۇ بولماس، دەپ تولۇقلىما قىلدى. ما يۆرەن ئەپەندى مۇخبىرغا: جۇڭگولۇق يازغۇچىلار بىلەن كۆپ باردى-كەلدى قىلىمەن، جۇڭگولۇق يازغۇچىلاردىن مەن تونۇيدىغانلىرىدىن بىرەرسىمۇ ماڭا خەت يېزىپ ئۇنداق تەلەپ قويۇپ باقمىدى، دېدى

گوران مالمكۋست ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ جۇڭگودىن ئەۋەتىلگەن سالام خەتلەرنى ھەر ئايدا دېگىدەك تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن. كونۋېرتقا يېزىلغان ئادرېس ئانچە توغرا بولمىسىمۇ، شۋېتسىيە ئىنستىتوتى دەپ يېزىلغانلا بولسا، خەت ئۇنىڭغا تېگىدىكەن. سالام خەتتە نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشىمغا ياردەم قىلسىڭىز دەپ يېزىلىدىكەن، ئۇلار نەشىر قىلىنغان شېئىر توپلىمى، ھېكايە-رومانلىرىنى ئەۋەتىدىكەن، بەزىلىرى تېخى نەشىر قىلىنمىغان قوليازمىلىرىنىمۇ ئەۋەتىدىكەن. بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرىنى مايۆرەن ئەپەندى ئونىۋېرسىتېت جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ كۈتۈبخانىسىغا ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. ئۇ بۇ ئەسەرلەر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا باھالاشقا قاتناشتۇرۇش شەرتىگە توشمىغان بولسىمۇ، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەلۇم ئەدەبىيات ھادىسلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. بۇنداق سالام خەت يازغۇچىلار ھەققىدە ما يۆرەن ئەپەندى: جۇڭگو دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ھەر قىسما ئادەملەر بار، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈدىغان، مېڭىسىنىڭ دەردى بار، مېنىڭلا راست دەيدىغان، قويمىچى، چېركىن، مۇناپىقلارمۇ ئاز ئەمەس، دېدى.

گوران مالمكۋست ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق ئىككى ئىشنى سۆزلەپ بەردى: شياڭگاڭدا نەچچە پارچە شېئىر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان بىر شائىرە ئۇنىڭغا 5000 سوم (شياڭگاڭ پۇلى) لۇق پۇل چېكى ئەۋەتىپتۇ. شەندوڭلۇق مەدەنىيەت كادىرى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇنىڭغا 18 پارچە سالام خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى پۇلدار ئىكەنلىكىنى، مۇكاپات پۇلىنى ما ئەپەندىگە بېرىپ، نام-ئاتاقنىلا ئالسا بولىدىغانلىقىنى تەلەپ قىپتۇ. ھەر قېتىم سالام خەت ئەۋەتكەندە ھۆسنخەت-رەسىم ئەسەرلىرىنى ھەدىيە قىلىپ بىرگە ئەۋەتىپتۇ. ما يۆرەن ئەپەندى بۇلارنى قايتۇرغۇزىۋېتىپتۇ ھەمدە جاۋاب خەت يېزىپ پاراكەندە قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۋېتسىيە ئىنستىتوتىنىڭ خەت-چەك باشقۇرۇش خادىمىغا شۇ ئادەمدىن خەت كەلسە، قايتۇرىۋېتىشنى تاپىلاپتۇ. بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، ھېلىقى ئادەم شۋېتسىيە ئىنستىتوتى نوبىل مۇكاپاتى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسىگە سالام خەت يېزىشنى باشلىۋېتىپتۇ. بۇ ئادەم ئۆزىنى نامى چىققان يازغۇچىمەن دەۋاپتۇ.

گوران مالمكۋست  ئەپەندى يەنە تەكىتلەپ: جۇڭگولۇق يازغۇچىلاردىن مەن تونۇيدىغانلىرىدىن بىرەرسىمۇ ماڭا خەت يېزىپ ئۇنداق تەلەپ قويۇپ باقمىدى، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 50 يىلدىن بۇيان، ئۇ 80 گە يېقىن جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى شۋېت تىلىغا تەرجىمە قىپتۇ. ئۇ ئەيچىڭ، فېڭ جى قاتارلىق جۇڭگولۇق داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن ياخشى دوست ئىكەن. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا شۋېتسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت خادىمى بولۇپ تۇرغان چاغلاردا، باجىن، لاۋشې، چيەن جوڭشۇ، شېن سوڭۋېن، ئەيچىڭ، بىڭشىن قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەرنى زىيارەت قىلغان ئىكەن.


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4708
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-01 00:37 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەدەبىيات مۇكاپاتى تۆرە- غوجاملارغىلا باقىۋەندىمۇ؟

     بوزقىر تەرجىمىسى

بۈگۈنكى ‹‹ شىنمېن كەچلىك گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارىلىشىچە ، 8-نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى ئالدىنقى كۈنى 1-قېتىملىق بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، 81 پارچە ئەسەرنىڭ باھالاش دائىرىسىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئالدىنقى 10نەپەر يازغۇچىنىڭ سەككىزى ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئىكەن. ئۇلار قاتارىدا يەنە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇقلاردىن باشقا كىم بولسۇن دەيسىز؟ قارىغاندا بۇندىن كېيىنكى بېلەت تاشلاشتا ئويۇننىڭ تېخىمۇ قىزىقى چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بۇ يۇقۇرى ساپالىق زەكىلەر چەمبىرىكىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى بىلىپ كېتەلىشى ناتايىن .
         ھەر قېتىملىق پروفېسسورلارنى باھالاشتا مەكتەپ دەرىجىلىك كادىرلارمۇ باھالاشقا قاتنىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە  مەكتەپ دەرىجىلىك كادىرلار باھالاشقا قاتناشمىسىمۇ شۇ باھالاشنىڭ مەكتەپ دەرىجىلىك باھالاش ئىكەنلىكى ئۆزلىكىدىنلا ئايدىڭلىشىدۇ، پروفېسسورلارمۇ تەبىئىي ھالدا شۇ بويىچە باھالىنىۋېرىدۇ. بۇ يەردە ‹‹ ئىشتاننى سېلىپ ئوسۇرۇش››نىڭ ھاجىتى يوق. ئىشتاننى سېلىپ ئوسۇرسا تېخىمۇ سېسىق پۇرىغاندەك ئەشۇنداق تۈستىكى باھالاشلارمۇ شۇنداق سېسىق پۇراق تارقاتماي قالمايدۇ. ئاز-تولا بولسىمۇ ئادىمىيلىككە قايىتقان تۈزۈكتەك قىلىدۇ. كادىرلار ئۇنىڭغا چات كېرىۋالمىسىمۇ شەرتى توشقانلارنىڭ ئۇنۋانى ئۆزلىكىدىن باھالىنىۋېرىدىغان گەپ. بەزىلەر بۇنىڭغا خىزمەتنىڭ ‹‹ ئېھتىياجى ›› دەپ ھەل بېرىدۇ. بۇ خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىمۇ ياكى نوپۇزىنى كوزىر قىلىپ نەپ ئېلىش، ھەقەم سايىلىرىگە چاپان يېپىشنىڭ ئېھتىياجىمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.
          مۇكاپات باھالاشتا بولسۇن ياكى ئۇنۋان باھالاشتا بولسۇن نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا ، يەنە كېلىپ بۇ مەسىلىلەر جەمئىيەتنىڭ ‹‹ ئامىلى›› غا ئايلانماقتا. بۇ خىل ‹‹ ئامىللىق تەقسىمات ›› ئاخىر بېرىپ ئىقتىسادىي جەمئىيەتكە ‹‹ 1-قېتىملىق تەقسىمات››، ‹‹ 2-قېتىملىق تەقسىمات››،‹‹ 3-قېتىملىق تەقسىمات››...لارنى ئېلىپ كەلمەكتە .مانا بۇ جۇڭگوچە ئالاھىيىدىلىك بولسا كېرەك ئەتىمالىم.چەتئەللەردە نەدىمۇ بۇنداق ‹‹ ئۆمۈرلۈك بەھرىمەن›› بولىدىغان ‹‹ئامىل››لار بولسۇن دەيسىز؟ مەيلى قانداق مۇكاپات ۋە مەيلى قانداق تەقسىماتلار بولسۇن ئۆرىلىپ-چۆرىلىپ ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالىدىغانلار يەنىلا شۇ تۆرە غوجاملار بولۇپ چىقىماقتا. ئالدىنقى قېتىملىق ‹‹ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئومۇرىتقا مۇكاپاتى››نى باھالاشمۇ شۇنداق بولمىدىمۇ ؟
          ‹‹ ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى ›› ئەمەلىيەتتە ‹‹ جاراھەت ئەدەبىياتى ›› ئىدىيىۋى دولقۇنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ‹‹ جاراھەت ›› بىزگە نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بېيىپ تىقىلىپ كەتكەندەك قىلسىمۇ ئەمما نېمىشقىدۇر ئېغىزلىرىدىن‹‹جاراھەت›› ئاقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ ‹‹ مەنىۋى قەھرىمانلىرى ›› بولمىسا  بۇرۇنقى ‹‹جاراھەت›› لەر تېخىمۇ شەلۋەرەپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ‹‹ مەنىۋى قەھرىمانلىرىى ›› جەزمەن يول باشچىلاردىن بولۇشى بېلەن بىرگە ئاتالمىش  ‹‹جاراھەت›› لەر ھەققىدىمۇ قايتا ئويلىنىپ بېقىشى زۆرۈردەك قىلىدۇ.
        ھازىر قانداقتۇر پالانى نېمىنىڭ‹‹ ۋەكىلى››دېگەندەكلەر  يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتسە ئىشچى-دېھقان-ئەسكەرلەرنىڭ ئوبرازىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماس-ھە؟ ھازىرقى ‹‹ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ›› ، ‹‹ مەدەنىيەت سەھنىلىرى ›› كۆزلەرنى ئالا چەكمەن قىلىۋېتىدۇ.بۇ خىل ‹‹ مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدە خاسلىقى ›› يەنە قانچىلىك دەۋران سۈرەلەركىن تاڭ؟
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبەسى:
http://forum.home.news.cn/detail.jsp?id=87127087&pg=1
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-12 13:32 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-19 21:20 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماۋدۇن ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىۋالارمىدى؟

جاڭ يەن

بوزقىر تەرجىمىسى

  

  « 8-نۆۋەتلەك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى ئالدىنقى كۈنى 1-قېتىملىق بېلەت نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.ئېرىشكەن بېلەت سانى ئەڭ كۆپ ئالدىنقى 10يازغۇچى ئىچىدە 8 نەپەر ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىس،مۇئاۋېن رەئىسلىرى بار ئىكەن» (شىنمېن تورىنىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋىرى).

      ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇلتۇرقى لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا بەش ئادەم ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئۈچى ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى(بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى باش مۇھەررىر ،مۇئاۋېن باش مۇھەررىرلەر) ،بىرسى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتېنىڭ باشلىقى،يەنە بىرسى پارتىيە خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان ئەمەلدار (چې يەنگاۋ) ئىدى. بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەر نۆۋەتلىك مۇكاپات ساھىبلىرى ئارىسىدىكى ئەمەلدارلار، ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ رەئىسلىرىنى سىتاتىسكا قىلىپ باققانىدى.

      بۇ قېتىمقى ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ 1-قېتىملىق بېلەت نەتىجىسىمۇ يەنە شۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىس، مۇئاۋېن رەئىسلىرىنىڭ كاتتا مۇكاپات ساھىبلىرىغا ئايلىنىش ۋەزىيىتىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. سالاھىيەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە توسالغۇ بولالمايدىغانلىقى راسىت، ئەمما مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئەمەلدارلاردىن تەركىپ تېپىپ قالسا ئەدەبىياتنىڭ ئۆلچىمىدىن مەسىلە كۆرىلىشى مۇمكىن.

    بۇنداق شۈبھىلىنىشلەر ئەلبەتتە تۇنجى قېتىم پەيدابولغان ئەمەس ، شۇنداقلا ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېلەنلا چەكلەنگەنمۇ ئەمەس. لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى « تۇلپار مۇكاپاتى»قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك كاتتا ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىدىمۇ شۇنداق ئەھۋاللار سادىر بولغان.

      يەنە كېلىپ بۇ پەقەت ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى ساھەسىدىكىلا ئىش ئەمەس. ئادىمىيەت-پەلەسەپە-ئىجتىمائىي پەن، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى باھالاپ بېكىتىش،تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلىشتىمۇ مۇشۇنداق شۈبھىلىنىشلەردىن خالىي بولماق بەسىي مۈشكۈل.ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ئاكادېمىكلار نامزاتىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندا نۇرغۇن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى ئوخشاش بولۇپ ، ئۇ ئوخشاش  باش قېتىنچىلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ھوقۇقنىڭ ئۆز دائىرىسىدىن ھالقىپ،« ئەمەلدارلارنىڭ ئىلىم ساھەسىنى باشقۇرىشى»دەك بىنورماللىققا كېڭىيىشى نەتىجىسىدە چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىلا مۇكاپات باھالاشنىڭ ئامىلىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

    مەن شۇنداق ئويلىنىپ قالدىم، ماۋدۇن ئەپەندى 1949-يىلىدىن كېيىن مەدەنىيەت مىنىستىرى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەم مەملىكەتلىك سېياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى بولغانىدى. ئۇنىڭ ئەمەل تاجىسىنى كىچىك دېگىلى بولمىسىمۇ ئەمما، ئۇ ئىلگىرىكىدەك نادىر ئەسەرلەرنى قايتا يېزىپ چىقالمىدى. ماۋدۇن ئەپەندى ھەر ھالدا ئۆزىنى بىلىدىغانلاردىن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ، ئۇ بۈگۈنگىچە ياشىغان بولسا ئەشۇ كاتتا ئىمتىيازلىرى بېلەن مۇشۇ مۇكاپاتنىڭ ساھىبىغا ئايلىنۋالار بولغىيمىدى؟

  

مەنبەسى: «گۇاڭجۇ گېزىتى»

«شىنخۇا تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

  

http://news.xinhuanet.com/xhfk/2011-08/11/c_121846266.htm
[ بۇ يازمىنىbozqirدە2011-08-23 09:16قايتا تەھرىرلىد ]
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-21 12:38 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    باشقىسىنى قويۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تور مۇنبىرىگە قاراپ بېقىڭلارچۇ ؟ بىرەر قېتىملىق كۇرسقا قاتنىشىش، بىرەر مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆزىنى ئەدىب دەپ كېرىلىپ يۈرگەنلەرنىڭ شۇ ئىشنى بېجىرگۈچىنىڭ ئالدىدا ئىتتەك غىلجىڭلاپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ماقتاپ ئۇچۇرۇپ، نادان خەلق ئالدىدا تاغدەك تۇتىۋالىدىغان قەددىنى يادەك ئېگىپ ...كېتىشلىرى ئادەمنىڭ قۇسقىسىنى كەلتۈرىدۇ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-18 02:44 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى tograkدە2011-10-22 23:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
       بوزقىر ئەپەندى : ياخشمۇ سىز ! تېما يوللىمايسىزغۇ ؟ بەك ئالدىراشمۇيا ؟ نادىر تېمالىرىڭىزغا تەشنابىز جۇمۇ .

تېمىلىرىمنى سۆيۈپ ئوقۇغۇنىڭىزغا رەھمەت توغراق ئەپەندى.
يېقىندىن بۇيان نەشەرىيات بۇيرۇتقان كىتابنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.
يەنە بىر جەھەتتىن مەزكۇر تور بەت ئۇيۇشتۇرغان مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولساممۇ ئەمما ، نېمىشقىدۇر ھازىرغىچە مۇكاپات بويۇمىنى تاپشۇرۇپ ئالالمىدىم. كۅتمەكتىمەن...
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-24 16:25 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تەرمىلەر