باغداش تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى بالىلار تەرەققىيات رايونىدىكى <بالىلار شاتلىقى>قوش تىللىق بالىلار باغچىسدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى .مۇراسىمغا مەكتەپ رەھبەرلىرى ،ئوقوتقۇچىلار ،ئۇقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بولۇپ 100گە يېققىن ئادەم قاتناشتى ، پائالىيەتتە مەكتەپ رەھبىرى ۋە ئوقۇتقۇچى سۆز قىلدى ،ئارقىدىن بالىلارغا مەكتەپ پۈتتۈرۈش دىپلومى تارقىتلدى.
چىرايلىق دوكتور كىيمىنى كىيىپ دىپلومنى تاپشۇرۇپ ئالغان كىچىك سەبىيلەر تولىمۇ خوشال بولدى ۋە ئۆزلىرى تەييارلىغان نومۇلارنى ئورۇندىدى ،ئارقىدىن مەكتەپ پۈتتۈرۈش رەسمىگە چۈشتى ،
بۇ كىچىك نوتىلار ساۋاقداشلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى ،بەزىلىرى كېيىن يەنە بىر مەكتەپتە ئوقۇشقا ۋەدىلەشتى. بىر -بىرىگە قىيمىغان سەبىيلەر خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشتى ، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن ئاتا -ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە چوڭ بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ خوشال بولۇشتى ۋە بارلىق ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىرلىكتە كوللىكتىپ رەسىمگە چۈشتى .
مەكتەپ رەھبىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەش سۆزى قىلماقتا
ئوقۇتقۇچى بالىلارغا دىپلوم تارقاتماقتا
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومنى كۆرمەكتە.
رەتلىك تىزىلغان ئوقۇغۇچىلار نومۇر كۆرسەتمەكتە.
بارلىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرۈش رەسىمىگە چۈشمەكتە
ئاتا ئانىلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەت قالدۇردى
ساۋاقداشلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-07-08 16:25قايتا تەھرىرلىدى ]