ھەر قېتىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە باغداش توغۇرسىدىكى مۇنداق بىر ھېكايە ئېسىمگە كېلىدۇ .
قىش ئايلىرى ئىدى . بىر كۈنى 3- سائەتلىك دەرستىن چىقىپلا ئادىتىم بويىچە ئۇدۇل تەنتەربىيە ئىشخانىسى تەرەپكە ماڭدىم . بۇ گەرچە ئۆزۈمگە تەۋە ئىشخانە بولمىسىمۇ لېكىن مەكتەپنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىغا يانداش قىلىپ سېلىنغان ئىشخانە بولغاچقا ئىشخانە رايۇنىدىن سەل يىراقتا ئىدى . شۇنداق بولغاچقا دائىم دەرستىن چۈشكەندە ياكى دەرسكە مېڭىشنىڭ ئالدىدا ئۇ ئىشخانىغا كىرىپ ئانچە - مۇنچە شاھمات ئوينىغاچ خۇمارلىرىمىزنى بېسىشۋالاتتۇق . دەرسىمىز يوق چاغلاردا ئەڭ مودا ناخشىلارنى نە - نەلەردىن تېپىپ كېلىپ شۇ ئىشخانىدا ئاڭلايىتتۇق . چۈنكى ، مەكتەپنىڭ يوققۇرى ئاۋازلىق ئىستىرولۇق ئۇنئالغۇسى شۇ ئىشخانىدا تۇراتتى . يەنە كېلىپ بۇ ئىشخانا خالى بولغاچقا ئانچە - مۇنچە ساز پازمۇ قىلىپ قوياتتۇق . پىشقەدەملەرمۇ پات-پات ھاردۇق چىقارغىلى بۇ ئىشخانىغا ئۆتۈپ تۇراتتى . بۇنداق چاغلاردا ئېيتىلمايدىغان يۇمۇر ، دىيىلمەيدىغان گەپ قالمايىتتى . ئارىدا باغداشنىڭ ئەركەك سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ئاكا يوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن بۇرھان مۇئەللىم بىلەن روزى مۇئەللىمنىڭ ئادەتتىكى پاراڭلىرىمۇ ئاجايىپ قىززىق، يۇمۇرلۇق ئىدى. ئىشقىلىپ بەكلا قىزىپ كېتەتتى .
ئىشىككە يېققىن كەلگىنىمدە ئىچكىرىدىن روزى مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . خېلى قىززىق ھېكايە سۆزلىنىۋېتىپتۇ - دە بۈگۈن، دەپ ئويلاپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم . ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا ئىشخانىدىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى . قولىدا مەشنىڭ چۇچۇلىغۇچىنى ئويناپ ئولتۇرغان روزى مۇئەللىم ماڭا يېنىدىكى بوشراق ئورۇننى كۆرسىتىپ :
_ كېلىڭ بوغۇم ، گەپنىڭ قىززىق يېرىگە ئۈلگۈرەلمىدىڭىز ، ئەمما كۈلكىسىگە قوشۇلۇپ قويۇڭ ، دېدى كۈلكىدىن ئۆزىنى تەستە بېسىپ .
_ شۇنداقمۇ ؟ قېنى نىمە پاراڭلارنى سېپ بەردىڭىز بۇلارغا شۇنچە مەرىگىدەك ، مەنمۇ ئاڭلىسامچۇ ؟
گېپىم تۈگىمەيلا ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈشكە باشلىدى . ئۇلارنىڭ خېلى ۋاقىتلارغىچە كۈلۈپ تېلىقىپ كەتكەنلىگىدىن قارىغاندا ، سورۇندا مەن ئاڭلىمىغان بىرەر قىززىق ھېكايە سۆزلەنگەن ئوخشايدۇ دەپ پەملىدىم ۋە كىتابلىرىمنى ئۇنئالغۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپلا ، مەشنىڭ ئەتىراپىدا ئولتۇرغانلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلدىم . كۈلكىدىن ئەمدىلا توختىغان بۇرھان ئاكامنىڭ دىيىشىچە ئەسلىدە روزى مۇئەللىم باغداشنىڭ يەرلىك پاراڭلىرىدىن " ئەمەت چوڭ " نىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ .
_ ھەي ، مەن ئاڭلىيالماي قالدىمدە ، مەيلى بۇنى كېيىنچە ئايرىم سۆزلەپ بېرەرسىز ، نۆۋەتتىكىسىنى ئاڭلىمايلىمۇ ؟
_ شۇنداق قىلايلى ، ئادەت بويىچە سورۇندا بىر قېتىم دىيىلگەن گەپ تەكرارلانمىسۇن . قېنى روزى نۆۋەتتىكىسىنى باشلاڭ . _ دېدى بۇرھان ئاكام مەشكە كۆمۈر سېلىپ بولۇپ ئولتۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان روزى مۇئەللىمگە بىر تال تاماكا ئۇزاتقاچ .
_ جىق ئادەملەر بىلمەيدۇ . باغداشنىڭ تۆۋەن دۆشئۆي مەھەلىسىنىڭ خېلى ئاستىنىدا( تۆۋەن تەرىپىدە ) تۆگە ياتاق دىگەن يەر بار . ئۇنىڭمۇ يەنە بىزە ئاستىنىدا چوڭلار دۆگىلەر ( دىۋىلەر ) ئويناڭ دەپ قويىدىغان بىر كىچىك جىلغا بار. _ دەپ گەپ باشلىدى روزى مۇئەللىم تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغاچ _ بۇ ھەقىقى بولغان ئىش ، دىسەم بەلكىم ئىشەنمەسلىكىڭىزلار مۇمكىن ، ئەمما بۇ ھەقىقى مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش .
ھەممىمىز ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ جىم بولۇشتۇق . بۇ بىكىتىلگەن قايئىدە ئىدى . روزى مۇئەللىم تاماكىسىنى قاتتىق قاتتىق ئىككىنى شورىۋېلىپ ھېكايىسىنى باشلىدى .
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا چوڭلارنىڭ ئۇ يەرگە بارماڭلار ، ئۇ ئىگىلىك يەر ، دۆگىلەر*( دىۋىلەر ) ئازدۇرۇپ كېتىدۇ دىگەنلىرىنى ئاڭلايىتتۇق . كىچىك بولغاندىكىن ئۇلارمۇ بىزنى بارغىلى قويمايىتتى . بىزمۇ قورقۇپ بارمايىتتۇق . باغداش مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان چاغلىرىم ئىدى . بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئۆيدە ئولتۇرسام تۇردى يۇنۇس دىگەن ئاغىينىمىز كىرىپ كەلدى.
_ ئوبدانلا ئۆيدىكەنسەنغۇ ، بىر قوتا ( قوتان ) ئۆچكەم يوق ( يوقاپ كەتتى دېمەكچى . ئا ) ، تۆگە ياتاقنىڭ ئاستىنىغا ( تۆۋەن تەرىپىگە ) بەجىپ* ( چارۋىلارنىڭ تاغ ئېتەكلىرىنى بويلاپ داۋىشىنى دېمەكچى ) كەتكەن ئوخشايدۇ . ئۆتۈپ باقاينىڭچۇ .
_ كەل ، كەل ، ئاۋال تۆرگە چىق . ھە ، ئۆچكىلەرنىڭ شۇ تەرەپكە كەتكىنى ئېنىقمۇ ؟
_ نامان چوڭتام ( چوڭ ئاتام ) شۇ تەرەپتە بىر توپ ئۆچكىنى كۆردۈم دىيدۇ، بېرىپ قاراپ باقساق بوپتىكە .
_ بىزىر ( بىر ئاز ) چاي ئىچىۋاپ ماڭمامدۇق ؟
_ نامازشامغىچە ئۆتۈپ ئۆتۈينىڭ ( باغداشنىڭ يەرلىك شىۋىلىرىدىن بىرى . بېرىپ كېلەيلى دىگەن مەنىدە )
_ مەيلى ئەمىسە ، باساق باراينىڭ . كىرگىنىڭ بىلەن چايمۇ ئىچمىدىڭ .
...
ئىككىمىز تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئالاھىزەل بېرەر سائەتچە ماڭغاندىن كىيىن تۆگە ياتاققا يېتىپ كەلدۇق . يول بويى مالنىڭ ئىزىغا سىن سېلىپ كەلگەن ئوخشايدۇ ، بىر يەرگە كەلگەندە تۇردى توختاپ :
_ توختىچۇ ،ئۆچكىلەر مۇشۇ قىر بېشىغا چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ . قارىسام ھېچبىر تۆۋەيىنىگە بارغان رەڭگى يوققۇ ( بارغاندەك قىلمايدىغۇ ) ، _ دەپ غولنىڭ غەربى تەرىپىدىكى ئىككى يېنى ئىگىز ئوتتۇرىسى پەس خۇددى ئىگەرگە ئوخشايدىغان بىر تۆپىلىكنى كۆرسەتتى . خىيال قىلسام مېنىڭمۇ شۇ كەمگىچە بۇ يەرلەرگە ئۆتۈپ باققىنىم يوقكەن .
_ قايناق دىسە ؟
_ قارىچۇ بۇ ئىزلارغا ، يېڭىلا ماڭغان ئىزكەن .
_ شۇناقتەك قىلىدىغۇ راس ، چىقىپ باقمايمىزمۇ ئەمىسە ؟
_ كۈنمۇ ئولتۇراي دېيىتتۇ ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قاراينىڭ . بولمىسا كەچ قالغۇدەكمىز .
_ شۇنداق قىلايلى . مەن ئوڭ تەرەپكە چىقاي . سەن ئۇ تەرەپكە ئۆت . قىرنىڭ ئويمىنىدا ئۇچرىشايلى .
_ بولىدۇ . ھەجەپ تاتۇردىغۇ ( ئاۋارە قىلدىغۇ دىگەن مەنىدە.ئا ) بۇ گۇيلەر نەمۇنەگە ( يەرلىك شىۋە ھەممە يەرگە ) قېچىپ .
...
يىراقتىن قارىسام پەسلا قىردەك قىلغانتى . مېڭىپ باقسام خېلى ئىگىز قىركەن . تۆپىگە چىقىپ بولغىچە خېلى ئۈزۈلدۈم . قىرنىڭ بېشىغا چىقىپ كەينىمگە قارىسام تۇردىنىڭ قارىسىمۇ يوق . قىرنى داۋاپ كېتىپتۇ ، تاغ بالىىسى دىگەن يەنىلا تاغ بالىسىدە كاساپەت ...
كونا مالچىلاردەك خېلى بىر يەرلەرگىچە ئىزلاپ بېرىپ باقتىم . ئۆچكىلەر تۇرماق ئۆچكىلەرنىڭ قارىسىمۇ يوق . قارىغاندا نېرىقى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ كەينىمگە قايىتتىم . بۇ چاغدا كۈنمۇ ئولتۇراي دەپ قالغانىدى . كېلىشكىنىمىزدەك ئۇچرىشىدىغان يەرگە كەلگىنىمدە ، تۇردى يۈنۈس ئىككى قىر ئوتتۇرىسىدىكى ئويماندا ھېچيەردە ھېچنىمە يوق شۇنداق زوق شوقى بىلەن ئۇسۇل ئويناۋېتىپتۇ . ئىزىمدا چىپپىدە توختاپ قالدىم .
_ بۇ تۇردىغا نېمە بولغاندۇ ؟ نېمە ساراڭ نېمىدەك ئۆزىچىلا ئۇسۇل ئويناپ يۇرۇيدۇ بۇ يەردە .مۇنداقلا ئويناپ قويىۋاتقاندىمۇ دېسەم ، قارا ئۇنىڭ ئويناشلىرىغا رەسمىي ئەۋجىگە چىققان مەشرەپتە ئويناۋاتقاندەك شۇنداقمۇ بېرىلىپ ئوينامدۇ ؟ پۇت سېلىشلىرى ، ئايلىنىشلىرى ، قولىدىن قاس چىقىرىشلىرى خۇددى پوتا تۇتۇپ ئەتلەس كىيگەن چوكانلار بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقاندەك شۇنچىلىك كىرىشكەن . شۇنچىلىك تەبىئىي .
دەل شۇ چاغدا چوڭلارنىڭ ئۇ يەرگە بارماڭلار ، ئۇ يەر ئىگىلىك يەر ، دۆگىلەر ئازدۇرۇپ كېتىدۇ دىگەنلىرى يادىمغا كەلدى . ياقامنى چىشلىگىنىمچە كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىگە قاراپ داڭ قېتىپ قالدىم .
_ خۇدايا تۆۋۋە ، كەلمەيدىغان يەرگە كەپ ساپتىمىزمۇ نېمدۇ ؟ تۇردى ئېلىشىپ قالغان ئوخشىمامدۇ ؟ ئەمدى قانداق قىلارمەن ؟ ئىسمىنىزىزە قىشقىرىپ سالماي جۇمۇ ، روھى چىقىپ كېتىدۇ دەيدىغان گەپمۇ بار تېخى .
ئۇنى چۆچىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاستا قەدەم ئېلىپ 15مېتىر ئارىلىق قالغىچە ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم.ئۇ مېنى پەقەتلا تۇيمىدى.ئۇ شۇ پېتى ئويناپلاۋاتاتتى . توۋا خۇدايىم ، بۇ يەردە نىمە ئىشلار بويىتتۇ ، ئەستى . شۇ چاغقىچە كۆزلىرىمگە ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم .
بىردىنلا يۈزلىرىمنى چىمدىپ باققۇم كەلدى . توختا روزى ، بۇ يەردە سەن ئېلىشىپ قېلىپ كۆزۈڭگە دۆگىلەر تۇردى يۈنۈس بولۇپ كۆرىنىۋاتقان بولمىسۇن دىگەن بىر ۋەھىمىلىك خىيال ۋاللىدە قىلىپ كەچتى. بىردىنلا ئۈستۈمدىن بىرسى مۇزدەك سۇ قۇيغاندەك تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى . يۈزلىرىمنى چىمدىم باقتىم ، ئاغرىيىتتۇ . قۇلاقلىرىمنى سوزۇپ باقتىم . ئاغرىدى . ۋاي خۇداغا شۈكرى ، ھەنىمە بولسا مەن ئېلىشىپ قالماپتىمەن . بۇ ئىگىلىك يەرگە كېلىپ، تۇردى راستىنلا ئېلىشىپ قاپتۇ . ۋاي نەسنىڭ دەردى ، بىزنى بۇ نەس باسقان يەرگە باشلاپ كەلگىنىنى .... بېشىمغا تاغ يىقىلدىغۇ . ئەمدى قانداق قىلارمەن ؟
شۇ تاپتا تۇردىنىڭ يادىدا نە ئۆچكىلىرى ، نە مەن ، نە كۈننىڭ پېتىۋاتقىنى . ھېچنىمە خىيالىدا يوق . يەرلەرنى تېپىپ ، قوللىرىدىن قاسلار چىقىرىپ ، شۇنچە زوقى بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى . ئۇنىڭ شۇ تۇرقىدىن ھېلىلاغىچە ھېچبىر توختايدىغاندەك ئەمەس . كۈننىڭ كەچ بولىۋاتقىنى . ئەزبىرايى خۇدا ، ماڭا ئۆزۈڭ مەدەت بەر !
_ ۋاي ، سەن قاچان كەلدىڭ . ئاڭلىمىدىڭمۇ ؟ بۇ يەردە مىلىس قىزىپ كېتىپتۇ . تىڭشا
تەشۋىشتىن ئاران تۇرغىنىمدا ئۇنىڭ تۇيۇقسىز دىگەن گەپلىرىدىن داراڭڭىدە چۆچۈپ كەتتىم . باياتىن كۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەن بولسام ئەمدىلىكتە قۇلاقلىرىمغىمۇ ئىشەنمەيۋاتاتتىم . بەدىنىمگە يىنىك تىترەك ئۇلىشىشقا باشلىدى .
_ نېمىگە قاراپ تۇرىسەن ؟ ئاڭلا ، شاپىرىم ئويناڭ . ئۇ قولى بىلەن قۇلىقىنى ئىشارە قىلىپ قويۇپ ، ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى .
_ بۇ نېمە دىيدۇ ، ئەمدى . بۇ يەردە كىم شاپىرىم ئويناڭنى ئېيتىپ بېرىۋاتقاندۇ بۇنىڭغا . شامالغا ئۇسۇل ئوينىغاننى بۇگۈن كۆرىۋاتامدىمەن نېمىدۇ ؟ ئاھ خۇدا ...
كاللامدا گادىرماچ خىياللار ، كۆز ئالدىمدا گۈگۈم ۋاقتىدىكى غەلىتە مەنزىرە ، قۇلاق تۈۋىمدە چوڭلارنىڭ ھېلىقى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ، تۇردىنىڭ مېنى مۇزىكىسىز ئۇسۇلغا چاقىرىشلىرى ، قېرىشقاندەك ئېغىزىمغا نە بىرەر تال ئىمان ئىسلام كەلمەيۋاتقىنى . ئې ، بۈگۈن ئۆلۈپتىمەنلا دىدىم .
_ ۋاي سەن تېخىچە ئاڭلىيالمىدىڭمۇ ؟ شۇنداق ئېنىق ئاڭلىنىۋاتىدىغۇ . ئامدا ( ئوبدان ) تېڭشىچۇ .
_ ۋاي جېنىم ئاداش ، ئېلىشىپ قالمىغانسەن ؟ مېنى قورقاتمىچۇ تولا ، ساڭا نېمە بولدى ؟ ئۆزۈڭچىلا ئويناپ كېتىپسەنغۇ بۇ يەردە .
_ بوشراق گەپ قىل . بۇ يەردە ھۈرلەر بەزمىسى بولىۋېتىپتۇ . مومامدىن بىر نەچچە قېتىم بۇ توغۇرسىدا ئاڭلىۋىدىم . بۇگۈن بىزگىمۇ نىسىپ بوپتۇ ، ئاداش . قورقما ، سەنمۇ كەل ، ئوبدان تىڭشىساڭ ئاڭلىيالايسەن . مانا قىقاسلىرى باشلاندى .
_ نېمە دەيدىغاندۇ بۇ ؟ بۇلار ئوڭۇممۇ _ چۈشۈممۇ ؟
_ سەن بۇ توغۇرسىدا بىلمەيدىغان ئوخشىمامسەن ، قورقما ، كەل . بۇنى موماملارمۇ بىر نەچچە قېتىم ئاڭلاپتىكەن .
_ نېمە ، نېمە ؟ موماڭلارمۇ ئاڭلاپتىكەنمۇ ؟ سەن ساقمۇ يە مەن ئېلىشىپ قالدىممۇ ؟ مېنى تولا قورقۇتمىچۇ ؟
_ مەن ساق ، سەنمۇ ئېلىشىپ قالمىدىڭ . كۆرگەنلىرىڭمۇ خاتا ئەمەس . سەن ئەسلى بىلمەيدىكەنسەندە ھاھاھا
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن كۆڭلۈم بىر ئاز تەسكىن تاپقان بولسىمۇ يەنىلا خاۋاتىردىن ئۆزۈمگە كېلەلمەيۋاتاتتىم .
_ توختا ،ھە نىمە بولسا ئۇ ئېلىشىپ قالماپتۇ ، بۇ يەردىكى دۆگىلەر بەزمىسى توغۇرسىدا ئۇ مەندىن جىقراق بىلسە كېرەك . ئاۋال بېرىپ باقمايمۇ ؟
بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم .گۈگۈمنىڭ ئاخىرقى قىزىل شەپەق نۇرىدا ئۇنىڭ پىشانىسىدىكى تەر تامچىلىرىنى ئېنىق كۆردۇم . دېمەك ، ئۇ ئېلىشىپ قالماپتۇ . تېخى مېنىمۇ ئوينىسۇن دەپ ، تاۋكاسىنىڭ بىر يىنىغىراق سۇرۇلۇپ بەردى . بىر قولۇمدا ئۇنىڭغا ئىسىلىۋالدىم . ئۇ خىرىلداپ كۈلگىنىچە قولۇمدىن قېچىپ نېرىغىراق بېرىپ ، ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى .
_ ھاھاھا ، قورقما ، بۇ يەردە مۇشۇنداق بىر ئىش بارلىقىنى بىرنەچچەيلەندىن ئاڭلىغان مەن . تۇر، سەنمۇ ئوينا .
بارا بارا ئۆزۈمگە كېلىشكە باشلىدىم . تۇردىنىڭ چۈشەنچە بېرىشلىرى مېنى بىرئاز خاتىرجەم قىلدى . شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئويناشلىرىغا قارىغاچ ئەتىراپقا قۇلاق سېلىشقا باشلىدىم . باشتا تۇردىنىڭ قولىدىن چىققان قاس ۋە ئاياقلىرىدىن چىققان تىۋىشتىن بۆلەك ھېچنىمىنى ئاڭلىمىدىم . بىر دەم ئۆتكەندىن كىيىن بىردىنلا يىراق بىر يەردىن ناھايىتى ئېنىق ئەمما ئىنتايىن بوش بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم . بۇ نىمىنىڭ ئاۋازىدۇ ؟ راستىنلا بۇ يەرگە يېققىن بىر يەردە مەشرەپ بولىۋاتامدۇ قانداق ؟ راستىنلا ئاڭلىدىممۇ يا بۇ بىر خاتا تۇيغىمۇ ؟
_ ئاڭلىغانسەن ؟ شاپىرىم ئويناڭنىلا ئېيتىدىكەن بۇ ھېپىزلار كەچكىچە ھى ھى ھى داپ ئۇرۇشلىرىنى تىڭشا ، قۇددۇسخا ئاكامدەك ئۇرىدىكەن بىرسى.
تۇردىنىڭ ئويناپ تۇرۇپ ھەزىل قىلىپ دىگەن سۆزلىرى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى . يەنىمۇ دىققەت بىلەن تىڭشىدىم . دەل شۇ . بۇ قېتىم خاتا ئەمەس . رەسمىي ئەۋجىگە چىققان مەشرەپنىڭ ئاۋازى . ناھايىتى رېتىملىق ، شۇنداق شوق ئۇرۇلىۋاتقان داپنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىدىم . ئاستا ئۆزۈمگە كېلىشكە باشلىدىم . ئۇ يەردە تۇرغانچە ئاۋازمۇ شۇنچە ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى .
_ ۋاي ، دېبۇنىڭ ئولتۇرغىنىنى ، ھەي قاراپ ئولتۇرماي ئوينىمامسەن ، ھېلى بىردەمدە تۈگەپ قالىدۇ بىكا .
_ توختاپتۇر ، بىر دەم تىڭشىۋالاي .
بىردەم تىڭشاپ ئولتۇردۇم . ھېلىقى ئاۋازنى بارا بارا تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلاشقا باشلىدىم . ۋاھ، نېمىدىگەن قىزىغان مىلىس بۇ . خېلى پىشقان ھېپىزلاركەن جۇمۇ . قىقاسلىرىمۇ داپنىڭ رېتىمىغا شۇنچىلىك چۈشكەن . دەل شاپىرىم ئويناڭ ئاھاڭىنى ئېيتىۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ . تۇردىغا قارىدىم . ئۇنىڭ ھەركەتلىرى داپنىڭ رېتىمىغا شۇنداق ماسلاشقانكى شۇ تاپتا تۇردى راستىنلا بۇ يەردە بولىۋاتقان مەشرەپنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئويناۋاتقاندەك كۆرىنىپ كەتتى . ئاۋاز بارغانسېرى ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى. لېكىن ھېپىزلار ئېيتىۋاتقان ناخشىلارنىڭ تېكىستىنى تازا ئېنىق ئىلغا قىلالمىدىم . ئەمما داپنىڭ رېتىمى شۇ قەدەر شوخ ۋە شۇنچىلىك ئېنىق ئىدى .
_ تۇرە ، يانچۇغىمدا قوليالىقلا باكەن . شۇنىڭ بىلەنلا پوتا سالاي . پوتا سامىسام تۇرمايدىغان ئوخشايسەن ، خۇيلۇق جۇگانلاردەك ، ھاھاھا
_ بۇ راستىنلا قىزىپ كەتكەن مىلىسكەنغۇ ، قاچاندىن باشلاپ ئويناۋاتىسەن ؟
_سەندىن ئايرىلىپ بۇ قىرغا چىقتىم ، خېلى بىر يەرگىچە باردىم ، ھېچنىمە يوق . سەن تەرەپتىكى قىرغا چىقمىدىم ، ئەمما قىرنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتۇم . سېنى كۆرۈپ چاقىردىم . سەن ئاڭلىماي قويدۇڭ . شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە سېنى ساقلاپ ئولتۇردۇم . ئويلىمىغان يەردىن قۇلىقىمغا بۇ بەزمە ئاڭلاندى . ھېلىمۇ مومام بۇ توغۇرسىدا دەپ بېرىپتىكەن . ئاڭلىغانچە شۇنداق ئوينىغۇم كەلدى. سېنى بىر ھەيران قالدۇراي دەپ سەن كەلگىچە ئويناپلا تۇردۇم .
_ مېنىڭ كەلگىنىمنىمۇ كۆردۇڭمۇ ؟
_ ھە ، كۆمىيچۇ . ( كۆردۈم دىگەن مەنىدە.ئا )
_ بۇ زادى قانداق ئىش ؟
_ بۇنى ئانچە بىلمىيمەن . باغداشتىكى چوڭلاردىنمۇ بىر نەچچۆلەن بۇ يەردە بۇ مىلىس ئاۋازىنى ئاڭلاپتىكەن . ئۇ ۋاقىتلاردا خېلى ئوچۇق ئاڭلىناركەندۇق . مۇشۇ يىللاغىچە بىرەسىنىڭ بۇنى ئاڭلىدىم دىگىنىنى بىلمىيمەن . نامان چوڭتام ئۇ يەردە دۆگىلەر شاپىرىم ئويناڭنى ئېيتىپ مىلىس قىلىدۇ دىگەندەك قىغانتى . راستىنلا دىگىنىدەك چىقتى .
شۇ تاپتا تۇردىنىڭ قىسقا قىلىپ بەرگەن ئىزاھلىرى بىلەن باياتىنقى خاۋاتىر ۋە ئەنسىرەشلىرىم پۈتۈنلەي يوقالغانىدى. ھە نىمە بولسا بۇ يەردە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمنىڭ قانداقتۇ بىر خىل خاتا تۇيغۇ بولماستىن بەلكى پۈتۈنلەي رىئال ئەمىلى ھەقىقى سېزىم ئىكەنلىگىگە تولۇق جەزمىن قىلالىدىم ۋە قۇلاق تۈۋىمدىكى داپنىڭ رېتىمىغا كەلتۈرۈپ تۇردىغا قوشۇلۇپ مەنمۇ ئويناشقا باشلىدىم . تۇردىنىڭ ھەركەتلىرىگە ماسلاشقاچ ، قۇلاق تۈۋىمدە ئىنتايىن بوش ئاڭلىنىۋاتقان شۇ ئاۋازنى يىتتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ، ئىمكانقەدەر دىققىتىمنى يىغىشقا تىرىشتىم . شۇ تەرىققىدە ئالاھىزەل 3-4 مىنۇتچە ئوينىغاندىن كىيىن :
_ كۆزۈڭنى يۇمۇۋاپ تېڭشىساڭ تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىنىدىكەن ، _ دېدى تۇردى مېنى يانداپ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ .
_ راستمۇ ؟
_ سىناپ باق ، ئەمما مەندىن يىراقراق ئوينا ، سوقىۋەتمە يەنە ئەدەمنى
_ ھاھاھا ھى ھى ھى
مانا ئەمىسە دەپلا كۆزلىرىمنى يۇمدۇم . توۋا ، ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ . كۆزۈمنى يۈمۈپ بىر ئىككى سىكىنۇتتىن كىيىن بۇ يەردە ئاللىقاچان يوققىرى پەللىگە يېتىپ بولغان بەزمىدىكى قىقاس ۋە ئىسقىرىقلار ، ئاياللارنىڭ جاراڭلىق كۈلكىلىرى ، داپنىڭ شوق رېتىملىق ئۇرۇلۇشلىرى قۇلاقلىرىمغا شۇ قەدەر ئېنىق ئاڭلاندىكى بەئەينى باغداشتىكى قاتار تويلاردا قىزىپ كەتكەن مەشرەپلەرنىڭ ئۆزىلا . شۇ دەقىقىلەردە ئۆزۈمنى خۇددى شۇ مىلىستا ئولتۇرغاندەك ، شۇ سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئويناۋاتقاندەك ھېس قىلدىم . شۇ تاپتا ئۇستىخان ئۇستىخانلىرىم زوق شوق بىلەن ئۇرۇلىۋاتقان داپنىڭ رېتىمىغا خۇددى شۇ داپنى ئۇرىۋاتقان قوللاردەك جۇر بولغان ، پۇتۇن ۋۇجۇدۇم شۇ قاينام بىلەن بىر خىل رېتىمدا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن ئىدى ...
قانچىلىك ئوينىدۇقكىن بىلمەيمەن . ئاۋاز بارا بارا ئاجىزلىشىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا ئىككىمىزلا ئۇسۇلدىن توختاپ ئاۋازغا قۇلاق سېلىشقا باشلىدۇق . ئاۋاز بىزدىن بارا بارا ئۇزاقلىشىۋاتاتتى . ئاۋاز ئۇزاپ بارغان تەرەپكە ئەگىشىپ مېڭىپ باردۇق . ئاۋازمۇ بىز بىلەن شۇ مەلۇم بىر ئارىلىقنى ساقلاپ ئۇزاۋاتاتتى .راستىننى دىسەم ئاۋازغا داۋاملىق ئەگىشىپ مېڭىشتىن قورۇقتۇق . شۇڭا ئىككىنچى قېتىم يۆتكەلگەن ئورنىمىزدىكى قىرنىڭ باغرىدا ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ باياتىنقى قىزىقارلىق ئەمما ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى پاراڭلاشقاچ بىر ئىككى تالدىن چېكىشتۇق . بۇ ھەممە كىشىگە نىسىپ بولىۋەرمەيدىغان ئاجايىباتنىڭ ھاياتىمدا ماڭا نىسىپ بولىشى مېنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ . ھەر قېتىم بۇ ئىشنى ئەسلىگىنىمدە ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلىمەن . باغداشتا ھەقىقەتەن " ھۈرلەر بەزمىسى " بولىدىغان جاي بار . ئەگەردە ئەينى ۋاقىتتا تۇردى يۈنۈس ئىككىمىز " ھۈرلەر بەزمىسى " دە ئۇسۇل ئويناۋاتقىنىمىزنىڭ تۆپىسىگە بىرەركىم تۇيۇقسىز كېلىپ قالغان بولسا ئىدى ، گەپ يوق بىزنى " ئېلىشىپ قاپتۇ " دىيىشكەن بولاتتى ياكى بىزنى شۇ ھالدا كۆرۈپ قورۇققىنىدىن ئۆزى " ئېلىشىپ " قالغان بولاتتى . شۇڭا مەھەلىگە قايىتقاندىن كىيىنمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېمىدۇق دەپ ھېكايىسىنى تۈگەتتى روزى مۇئەللىم .
...
شۇنداق ، روزى مۇئەللىمنىڭ باغداشتىكى " ھۈرلەر بەزمىسى " توغۇرسىدا سۆزلەپ بەرگەن بۇ ھېكايىسى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ بۇ تىلسىماتلىق سۆيۈملۈك ماكانغا بولغان چەكسىز تەلپۈنۈشلىرىمنى قوزغىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئىدى .
تەكلىپىم :
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بەزى يەرلىك شىۋىلەرنى ئەينەن قالدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ماقالىدىكى شەخىسلەرنىڭ نام شەرپىلىرى ئەينەن بېرىلدى . ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمەن . رەھمەت .