ئوھوي~ بۇ يەدە تېما قىز كەتكەنىمىكەنغۇ، باداشلىقلاغا مەنمۇ قوشۇلايچۇ~
ھەي ئىسىت~مەنمۇ قومۇلدا بوسام بوپتىكە، مەنمۇ سىزلە بىلە بىرگە شۇيەرگە ئۆتۈپ ھەممىنى ئۇنتۇپ «شاپىرىم ئويناڭ»نى ئۆزقۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ بىر ئۇسولغا چۈشۈپ كەسەم بوپتىكە.... ھې ھې ھې
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ~ باداشلىقلا، ئەزىمەتگاڭ ھەممىڭىزلەرگە مەندىن ئوتلۇق سالام~
ئەزىمەتگاڭ~ سىز بەك ياما جۇمۇ، كاللىڭىز ياما ئىشلەيدىكە. نەلەدىي بۇنداق قىززىق ھىكايىلانى تېپىۋالدىغانسىز ھە! (چاقچاق)
ئاپىرىن~ ئاللا ئاشۇ قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا دەت بەمىسۇن.
بۇ يازمىڭىزنى ئەۋەتىپتىكەنسىز ئوقۇپ، ئەتىراپىمىزدا بۇنداقمۇ قىزىق ھېكايىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇم. بۇ ھېكايىنى يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز. باغداشتىكى «ھۈرلەر بەزمىسىنى» ئوقۇپ خۇددى ئۆزەمنى، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا شۇ گۈزەل زىممىنغا قايتىپ بارغاندەك، ھېكاينىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا، يەرلىك شىۋە ئارلاشتتۇرۇپ تەبىئىي يېزىلىشى، قىزىقلىقىدىن باشقىچە راھەتلىنىپ قالدىم. بۇ ھېكايىڭىزگە مەنمۇ ئورتاقلىشاي، چاۋاك بىر قولدىنلا چىقمايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەن ئەتىراپىمىزدا ئۆز ئانازىمىنى، باداشلىقلار ئۈچۈن، نۇرغۇن قوللار ھەرۋاقىت بىردەك چاۋاك چېلىشقا تەييار.
گەرچە مەن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئانا زىمىنىمدىن يىراقتا بولساممۇ، لېكىن باللىق ۋاقىتلىرىمدا قەلبى خۇددى سۈتتەك ئاق، دوس - بۇرادارلىرىم بىلەن شۇ ئانا زىمىننىڭ ئەركەك سۈيىدە چۆمۈلۈپ، ساپ ھاۋالىق گۈزەل سەھرا مۇھىتىدا چوڭ بولغان. شۇڭا ئۆزەمنى شەرتىسز شۇ زىمىننىڭ بىر قىسمى، شۇ زىمىننى قەدىرلەش ۋە ئۇلۇقلاش، ھەر ۋاقىت مەجبۇرىيتىم دەپ قارايمەن. شۇ سەھرايىمدا سەبىي دوسلىرىم بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئويلىسام باللىقىم خۇددى بۇگۈن كۆرگەن چۈشتەكلا كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.
ھېلىھەم شۇ ئانا زىمىنىڭ گۈزەل ھەم ئىلگىركى بۇلغانمىغان، ساپ ھاۋالىق باغلىرىدىن، تەكشى تارقىلىپ چىققان خۇشپۇراقلىرى، دىماقلىرىمغا ھەرۋاقىت ئۇرلۇپ، تۇرمۇشۇمغا باشقىچىلا زوق ۋە ھوزۇر ئاتا قىلىپ كەلدى. نىمىشقىكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقېتىم يۇرتۇمغا قايتىپ بارسام، شۇ گۈزەل زىمىننىڭ خۇشپۇراقلىرى، ھەرخىل قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ئورنىغا، شۇ زىمىننىڭ تىگىدىن كۆتۈرۈلگەن، بىردىنلا ئاڭلاپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان، بىر قىسىم سىرلىق قىقاس سادالارنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشىنەلمەي قېلىۋاتىمەن ۋە شۇ يەردە تۇرۋاتقان دوس- بۇرادارلىرىم، يېقىنلىرىمنىڭ ئۆز ئېغىزلىرىدىن بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، كۆڭۈلسىز بولۇپ قالدىم. بۇلارنى ئۇققاندىن كېيىن ئاچچىقىمدا نۇرغۇن قېتىملاپ، چىشىمنى كالپۇكلىرىمغا قاتتىق پاتۇرۇپ ئىز قالغۇدەك چىشلەپ، سەۋىر قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، يېقىندىن بۇيان بەك ئەۋەىجگە چىقىۋاتقان يۇرتۇمدىكى ۋە خەلقىم ئارسىدىكى، بىر قىسىم نادانلىقلار، شۇ پاك زىمىندىن كۆتۈرىلگەن سىرلىق يىغىلارغا سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتقىنىنى ئۇققىنىمدا، بۇ ئىشلار مېنى قاتتىق ئويغا سالدى. نۇرغۇن قېتىملاپ ئاچچىقىمدا قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم، ھەمدە بەزىبىر ئىنسانلىرىمىز ئۈستىدە تېخىچە پەخىرلىنىپ، قەلبىگە ئارتىپ يۈرگەن مەينەت كىيىملىرىنى سالدۇرۋېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، نۇرغۇن ياخشى كىشىلىرىمىز تەڭسىزلىكتە قالغان، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىمى سۇنغان بۇ جەمىيەتتە، خەلقىمنىڭ ھامان بىر كۈنى شۇ نادانلىقلارنى پاك - پاكىز سۈپۈرۈپ ئاردىن چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئارتۇقچە چېچىلىش ھازىرچە بىھاجەت دەپ بىلىپ، شۇ نادانلىقلارنى ۋاقىتنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرۇپ، ھەر دائىم سەۋىر قىلىپ كىلىشكە مەجبۇر بولدۇم. لېكىن بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بىرقىسىم زىيالىلار ئۆزەم ئوقۇمۇشلۇق ئەقىل ئىگىلىرى دەپ تونىغان، تونۇشلىرىم بىلەن ئۇچۇرشىش ۋە پىكىرلىشىش جەريانىدا جەمىيتىمىزدە زىيالى، بىلىملىك دەپ ئاتىلۋالغان ساختاپەزلەرنىڭ ساپاسى ۋە بىر قىسىم قىلمىشلىرى مېنى ھەقىقەتەنمۇ بەك چۆچۈتتى. چۈنكى زىيالىلار توپى، بىلىملىك كىشىلىرىمىز، جەمىيتىمىزنىڭ ئالدى يولباشچىسى، زىيالىلار توپىدىن، ئەقىل ئىگىلىرىدىن سېسىق پۇراق تارقىسىا ئەتىراپتىكى ھەممىسى پۇرايدۇ. زىيالىلار ئۇيغانسا بىلىملىك كىشىلىرىمىز تۈزەلسە ئەتىراپتىكى ئەگەشكۈچىلەرھەم ماس ھالدا تۈزىلىدۇ.
ئەتىراپىمىزدا بىرقىسىم زىيالىلىرىمىز، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز سۆز قىلىپ قالسا، ئېغىزىدا ۋە سىياسى بۇلغانغان قەلىمىدە پۈتۈن دۇنيانى بىردەمدىلا ئېلىپ تۈپتۈز قىلىپ بولىدۇ. ئۆزىدىن مەن قانچىلىك ئىنسان، مەن قانچىلىك سەۋىيەدىكى زىيالى ئەتىراپتىكىلەرگە قانداق تەسىر بولۋاتىدۇ، مەن سىلەرگە قانچىلىك ئىش قىلىپ بىرەلىدىم دەپ، ئۆزىنى ھەق تارازىسىغا سېلىپ ئۆلچەپ باقمايدۇ. ئۆزىچە توختىماي داۋراڭ سېلىپ ئەتىراپتىكىلەرگە ھەرخىل شەكىل چىقىرىپ ۋارقىرىغىنى بىلەن، ئەمما ئەمەلىي ئەمگەكتە ھېچكىم يوق ئەتىراپ ساداسىز، ئەتىراپىتىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز قانداق ئىش ئككەنلىكىنى بىلمەي ھودۇقۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق نادانلىقلار داۋاملىق يۈز بەرسە كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىز قانداقمۇ قىلار؟ ئۇلارمۇ بىزدىن نەەپرەتلىنىپ ئۆتەرمۇ؟ ھەممىمىزگە ئايان بۇنداق ساختا زىيالىلارنىڭ مەن بىلىملىك دەپ داۋراڭ سالغان ساختىپەزلەرنىڭ، ئاشۇ چىشى ئارسىدىكى بىر چىمدىم گۆشتىن تاماسى زور. ئەل دىگەن بىر ئادىل تارازا، ساماندىن داننى قانداق ئايرىۋېلىشنى ئوبدان بىلىدۇ.
دېڭىز بۇيىدا تۇرۋېلىپ دېڭىزغا ھەقىقى باھا بەرگىلى بولمايدۇ، دېڭىزنىڭ سۈيى تاتلىقمۇ تۇزلۇقمۇ ئۇنى تېتىغاندا، ئاشۇ سۇ ئىسىقمۇ ياكى سوغۇقمۇ سۇغا چۈشۈپ باققاندىلا ئاندىن بىلىنىدۇ، كۆز كۆرسىە قۇلاق ئاڭلىسىلا ھېساپ ئەمەس، ئىنساندا يەنە بىر كۆز بار ئەقىل كۆزى كۆرگەننى ئادەتتىكى كۆزنىڭ كۆرەلىشى ناتايىن. مەن يۇرتتىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى، ھازىر يۇرت ئىچىدىكى بەزى ئىشلاردىن بىخەۋەرمەن، دوسلىرىمدىن ئاڭلىسام يۇرتىمىزنىڭ قىزىق ھېكايلىرى خېلىلا كۆپلەپ قاپتۇ. بۇنىڭغا يەنە باغداش قارلىقنىڭ ھېكايىسىمۇ قوشۇلۇپ قالدى دەيدۇ، بۇلار راسمىدۇ؟
بىز يىراقتىكى باداشلىقلارمۇ خەۋەردار بولۇپ قالساق...
چىراق بولسىلا ھەممىسىنىڭ نۇر چىقىرىپ ئەتىراپنى يورىتىشى نۇر بېرىشى ناتايىن، ئەتىراپنى يورتالىغىنى باشقىلارغا نۇر يەتكۈزەلىگىنى ئاشۇ نۇرلۇق چىراق، تىلىمىزنىڭ ئوخشاشلىقى ئورتاق تىلدا سۆزلىشىشىمىز، ھەممىمىزنىڭ بىر يولدا ئىكەنلىكىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەقەت غايىسى ئوخشاش بىر يولدىكى ئەقىلداشلىرىمىزلا بۇ گۈزەل تېمىلىرىڭىزغا ھەرۋاقىت ئورتاقلىشالايدۇ، ۋە شۇ گۈزەل زىمىن باداشلىقلار ئۈچۈن بىردەك ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق چاۋاك چالىدۇ.
ئەزىمەت ئەپەندى بولسا بۇنىڭغا ئوخشاش ھىكايىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرسىڭىز تورداشلار بىرگە ئورتاقلاشسا.
tewilgha توردىشىمىز سىزدىنمۇ ھەم بەك مەمنۇنمەن. سۆزىڭىزنىڭ داۋامىنى يوللاپ بەرسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.
بۇ پەقەت ئاددىي بىر ئىنكاس، بىرقىسىم ئورۇنلىرىغا يەرلىك شىۋىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ ئادەتتىكى تۇرمۇش سۆزىدەكلا يازدىم. بىرقىسىم سۆزلەرنىڭ باشقا مەلۇم سىرلىق تورداشللىرىمىزغا خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويماسلىقى ئۈچۈن مۇھىم دەپ بىلگەن سۆزلىرىمگە يازما ئاخىرىدا ئىزاھات بىرىشنى لايىق تاپتىم. ھەمدە بىرقىسىم جەمىيتىمىزدىكى نادانلار توپىنى خۇددى باغداشنىڭ قالغىيى (چاققاق ئوت) دەك چېقىپ سەگىتىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. ئىشىنىمەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن يول كۆرسىتىش تەنقىد كەتمەيدۇ، ھەممىنى بىرمۇ - بىر دەپ داۋراڭ سېلىپ، جەمىيتىمىزدىكى كېسەلچان بىرقىسىم تىلداشلارنىڭ يۈرەك كېسىلىنى قوزغاش بىھاجەت. باغداشنىڭ يەرلىك ھېكايىلىرى ياخشى بىر ساۋاق. باداشلىقلار ھەممىنى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرەلەيدۇ دەپ قارايمەن.
باداشلىقلار دىگەن سۆز (مۇنازىرىدىكى تورداشلار ۋە جىمىكى تورداشلار ) دىگەن مەنىدە.
ياما دىگەن سۆز (بەكمۇ چىچەن ۋە ئەقىللىق) دىگەندەك مەنىدە.
نەلەدىي دىگەن سۆز (قاياقلاردىن، قەيەردىن) دىگەندەك مەنىدە.
ئەسكەرتىش: بۇ يەردا باداشلىق دىگەن سۆز شەخسەن بىر يۇرتنىڭ نامىغىلا قارتىلغىنى يوق، گەپ سىزنىڭ بۇلارنى قانداق چۈشىنىشىڭىزدە.