بۇ مەزمۇن 40قەۋەتتىكى nimishqaدە2011-10-05 13:23يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
دىندار دوستلاردىن ياردەم:
1-سۇئال، سۈرە نىسادىكى ''ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىش سىلەرگە ھارام قىلىندى، لىكىن چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا'' دىگەن ئايەتتىن ئىرى بار قۇل ئاياللارنى ئېلىۋالسا بولىدۇ دىگەن گەپ چىقامدۇ؟ قۇلدا نىكاھ ئەركىنلىكى يوقمۇ؟ ئىسلام قۇلدارلارنى مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلغانمۇ؟ قۇللارنىڭ مەنپەئەتىچۇ؟
2-''قۇللارنى ئۆلتۈرۈپ قويساڭلار تۆلەپ بىرىڭلار'' دىگەن ئايەت، ئادەمنىڭ ھاياتى پۇلغا سۇندۇرۇلسا قانداق بولىدۇ؟ ھۆرگە قىساس ئېلىنىدۇ، لىكىن قۇلغىچۇ؟ قۇللار ئادەم ئەمەسمۇ؟
3-''...ئايالدىن ئىككىنى، ئۈچنى ، تۆتنى نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار بولىدۇ، قالغىنىغا چۆرىلەرگە قانائەت قىلىڭلار '' دىگەن ئايەت، قۇللارغا نىكاھ كەتمەمدۇ؟ نىكاھسىز قىلىنغان ''قانائەت'' زىناھ بولامدۇ؟ ياكى پۇلغا ئالغاندىكىن پايدىلانسا بولىۋىرەمدۇ؟ تەۋرات، ئىنجىلدا ئادەم سودىگەرلىرى جەننەتكە كىرمەيدۇ دىيىشى بىلەن قۇللۇق تۈزۈمنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇلغان، لىكىن قۇل سېتىۋېلىپ تۆتنىڭ سىرتىدا پايدىلانساق ئادەم سودىسىغا شىرىك بولامدۇق ياكى بولمامدۇق؟
ئىلمى يىتىدىغان تورداشلار بىربىردىن ، تەپسىلى، ئەستايىدىل جاۋاپ بەرسە.