مىلتىق ئاسقان كىيىك
راھەتباغ يېزىسىنىڭ ئەلكە كەنتىدە ئولتۇرىدىغان غوپۇر ئىسىملىك بىر ئادەم بار . ياش ۋاقىتلىرىدا دائىم دادىسىغا ئەگىشىپ پالگانچىلىققا ( ئوۋچىلىققا ) چىقىپ تۇرىدىكەن . ئەمما ، ھەر قېتىم چىققىنىدا ئولجىنى دادىسىلا ئېتىپ ، ئۇنىڭغا مىلتىقنى تۇتقۇزمايدىكەن . ئۇنى ئاز دىگەندەك نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇش ، ئوتۇن تېرىپ چاي تەييارلاش ، ئولجىنى بىر تەرەپ قىلىش ، ئۇلاقلىرىغا قاراش دىگەندەك يۇگۈر – يىتىمغىلا بۇيرىيدىكەن . دادىسىنىڭ بۇ ئىشى ئۇنىڭ ئىچىنى قاتتىق پۇشۇرسىمۇ ، ئەمما دادىسىغا چىش يېرىپ بىر نېمە دىيەلمەيدىكەن .
بىر كۈنى غوپۇر ئاكا دادىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ :
_ دادا ، شۇنچە يىللاردىن بېرى يېنىڭدا پالگانچىلىقنى ئۈگەندىم ، ئەمما شۇ كەمگىچە ئۆزۈم يالغۇز بىر قېتىممۇ چىقىپ باقماپتىمەن . 40 قىمۇ كىرىپ قالدىم . رۇخسەت بەرسەڭ ، ئۆزۈم يالغۇز بىر چىقىپ كەلسەم .
دادىسى ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بوپتۇ ۋە ئۇنىڭغا پالگانچىلىقنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى قايتا تاپىلاپ چاچما مىلتىقىنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ . ئۇ خۇشاللىقىدا بىر كۈن ئوبدان تەييارلىق كۆرىۋېلىپ ئەتىسى چاشكا ۋاقتى بىلەن جاڭگالغا قاراپ يول ئاپتۇ .
_ دادام تېخىچە مېنى كىچىك بالا دەپلا ئويلايدۇ . ھەر قېتىم مېنى يۈگۈر يىتىمگىلا بۇيرۇپ ، ئۆزۈمنىڭ ئېتىشىغا قويمايدۇ . بۈگۈن تازا يۇغاندىن بىرنى ئاتمىسام قاراپ تۇرغاي ...
ئۇ شۇ خىياللىرى بىلەن يۈرۈپ ، جاڭگالنىڭ خېلى ئىچكىرىسىگە يېتىپ كەپتۇ . قويۇق چاتقاللار ئارىسىدىن ئۆتۈپ ، ئاينىپ كەتكەن يۇلغۇنلۇق بار يەرگە كەلگەندە يۇلغۇن سايىسىدا بىر دەم ئارام ئالغۇسى كەپتۇ . ئۇ نەرسە _ كېرەكلىرىنى ئۇلىقىدىن چۈشۈرۋېتىپ قارىسا ، يۇلغۇننىڭ كەينىدە مۇڭگۈزلىرى شۇنداق يوغان بىر كىيىكنىڭ بېشى كۆرىنىپتۇ .
_ خۇدا بېرىپتۇ –دە ، دادامنى بىر ھەيران قالدۇرمىسام ، _ ئۇ كىيىكنى چۆچىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ناھايىتى ئاۋايلاپ مىلتىقنى ئوقلاپتۇ ۋە نىشانغا ئاپتۇ .
_ ئالدىرىما ، يېنىدا ھەمرايى بولۇپ قالسا چۆچۈپ قېچىپ كەتمىسۇن . بۇنى ئاتماي بىر ئامال قىلىپ تىرىك تۇتاي ، يېنىدىكىسىنى ئارقىدىن قوغلاپ يۇرۇپ ئاتاي ، بۇنداق قىلسام ئوقمۇ زايە بولمىغىدەك .
ئۇ كىيىكنى نىشانغا ئېلىشنى توختۇتۇپ ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىيىككە يېقىنلىشىپتۇ . ئۇ كىيىككە ئىككى – ئۈچ مېتېر قالغىچە يېققىنلاشقاندىمۇ كىيىك ھېچنىمىنى تۇيماستىن كۆش يىگىنىچە بىخارامان تۇرۇۋېرىپتۇ . ئۇ ئىشەنچىلىك ئىش قىلىش ئۈچۈن يېرىم زوڭزايغىنىچە تىۋىش چىقارماستىن مېڭىپ يۇلغۇنلار ئارىسىغا كىرىپتۇ . بۇ چاغدا كىيىكنىڭ بويۇنلىرىمۇ ئېنىق كۆرىنىپتۇ . كىيىك بىلەن ئارىسى بىر مېتىرمۇ قالماپتۇ . ئۇ مىلتىقنىڭ پوتىسىنى كىيىكنىڭ بوينىغا سىرىتماق قىلىپ سالماقچى بولۇپ، بىر قولى بىلەن مىلتىقنىڭ پاينىكىنى يەنە بىر قولى بىلەن ئىستوۋۇلىنى چىڭ تۇتۇپ تەييارلىنىپتۇ . ئۆزىنى ئوبدان جايلاشتۇرۇپ ، بىر نەچچە قېتىم چوڭ - چوڭ نەپەس ئېلىۋاپتۇ . شۇ چاغقىچە كىيىك ھېچنىمىنى سەزمەپتۇ . ئۇ سىرىتماقنى قولى بىلەن ئاستا تۈزەشتۈرۈپ ، ھۇجۇمغا تەييارلىنىپتۇ .
_ بىر ، ئىككى ، ئۈچ ...
ئۇ يۇلغۇن ئارىسىدىن تۇيۇقسىز چىقىپ ، « شارىتلا » قىلىپ كىيىكنىڭ بوينىغا سىرتماقنى( مىلتىقنىڭ پوتىسىنى ) ساپتۇ . بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن ئۈركۈپ كەتكەن كىيىك ياتقان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپتۇ . كىم ئويلىغان دەيسىز ، بۇ ئەسلىدە تويۇپ كېتىپ كۆش يەپ ياتقان يوغان كىيىككەنتۇق، ئورنىدىن چاچراپ تۇرغىچە بۇنى پەملىمىگەن ۋىجىك غوپۇرئاكىنى ئوڭدىسىغا ئۆرىۋېتىپتۇ . سىرتماق كىيىكنىڭ بوينىغا تولۇق سېلىنغان بولسىمۇ لېكىن مىلتىق غوپۇرئاكىنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىپتۇ . نېمىلەر بولىۋاتقىنىنى ئاڭقىرالمىغان غوپۇر ئاكا مىلتىقنى بوينىغا ئاسقىنىچە چاتقاللىق تەرەپكە ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىۋاتقان « ئولجا » نىڭ كەينىدىن قاراپلا قاپتۇ .
_ خەپ ، بىر يەردە بولمىساڭ بىر يەردە توختايسەنغۇ ئاخىر ...
ئۇ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ، ئۇلىقىغا مىنىپ كىيىك كەتكەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ . _ ھېچ بولمىسا ، مىلتىقنى بولسىمۇ تېپىۋېلىش كېرەك ، _ ئۇ خېلى بىر يەرلەرگىچە ماڭغاندىن كىيىن مىلتىقنىڭ پاينىگى جىرىغان ئىزغا ئوخشىغان بىر ئىزنى ئۈچىرتىپتۇ .
_ ھە نىمە بولسا ئىزىڭنى تاپتىمغۇ ، ئەمدى قولۇمدىن قاچقىنىڭنى بىر كۆرەي .
ئۇ شۇ ئىزنى بويلاپ خېلى يەرلەرگىچە بېرىپتۇ . بىر يەرگە كەلگەندە بۇ ئىز تۇيۇقسىز ئۈزۇلۇپ قاپتۇ . ئەمما نە كىيىك ، نە مىلتىق ، ھېچنىمە يوق .
_ ئاپلا ، نەگە كەتكەندۇ ؟ ئۇ ئۇلاقتىن چۈشۈپ بىر دۆڭگە چىقىپ ئەتىراپقا قاراپتۇ .
_ مۇشۇ ئەتىراپتا بولىشى كېرەكتىغۇ . ھەر قانچە يۈگۈردى دىگەندىمۇ بەرىبىر ھېرىيدۇ . ئىشقىلىپ بىر يەردە توختايدۇ . بوينىدا مىلتىق بولغاندىكىن ماڭغان ئىزىنى بەرىبىر تاپالايمەن . كەچ كېرەي دەپ قاپتۇ ، ئەتە سەھەردە تۇرۇپ ئىزدەي .
ئۇ شۇ دۆڭدىلا قوناق قىلماقچى بولۇپ ، ئۇلاقتىكى نەرسە كېرەكلەرنى چۇشۇرۇپ ، ياتىدىغان يېرىنى جايلاشتۇرۇپتۇ . ئۇلىقىنى يوغان بىر يانتاقنىڭ كۆرۈنۈپ قالغان يىلتىزىغا باغلاپ قويۇپ ، ئازراق نان بىلەن قۇرسىقىنى ئەستەرلەپتۇ .
_ خويمۇ يوغان كىيىككەندۇقتە ، كاساپەتنىڭ . مۇڭگۈزلىرىمۇ شاخلاشقا باشلىغانىكەن ، خېلى قېرىسى ئوخشايدۇ . ئەتە مىلتىقنى ئېلىۋالساملا ، ئۇنى چوقۇم ئېتىۋاپ كېتىمەن ، _ ئۇ شۇ خىياللار بىلەن بارا – بارا ئۇيقىغا كېتىپتۇ .
سەھەردە تۇرۇپ كىيىكنى ئىزدىمەكچى بولغان غوپۇر ئاكا گەجگىسىنى ئاپتاپ قىزىتقاندىلا ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپتۇ .
_ ھوي ، گاخ بوپ كېتىپتىغۇ ، _ ئۇ ئويغىنىپ قارىسا ئۇلىقى ھېلىقى باغلاپ قويغان يەردىن بوشىنىپ ، ئانچىكى يىراققا بېرىۋاپتۇ .
_ ھە نېمە بولسا ، قېچىپ كەتمەپسەن ، جانىگەر .
ئۇ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ماڭاي دەپ قارىسا يېققىنلا يەردە كىيىك قېچىپ كەتكەن تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ھارۋا كۆرۈنۈپتۇ . ھارۋىغا ئىچ-يان قىلىپ ئىككى ئېشەك قېتىلغان بولۇپ ، تۆتەيلەن پاراڭلىشىپ كېلىۋاتقانىكەن .
_ يۇرۇتلۇقلار بولمىسۇن يەنە .
ئۇ ۋاقىتلاردا راھەتباغلىق دېھقانلار قوغۇنلىرىغا يېشىل ئوغۇت قىلىش ئۈچۈن شۇ تەرەپلەرگە بۇيا ، يانتاق دىگەنلەرنى چاپقىلى باراتتىكەنتۇق .
ئۇ ئالدىراپ بېرىپ ، قولىدىكى نەرسە كېرەكلىرىنى ئۇلاققا ئارتىپتۇ ۋە مىلتىقىنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن كىيىكنى ئۇلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلاقنىڭ بېشىنى ھارۋا كېلىۋاتقان تەرەپكە تارتىپتۇ .
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ يەرگە كېلىشىپلا ھەممىلىرى . ئۆزلۈرلەردىن بىر نەرسىنى سوراپ باقسام ، ئۆزلۈرلە كېلىۋاتقان تەرەپلەردە بوينىغا بىر مىلتىق ئېسىۋالغان كىيىكنى كۆرۈشلەمىكىن ؟ _ ئۇلاقتىن چۈشمەي تۇرۇپلا ئۆزىدىن ئون نەچچە مېتىر يىراقتا كېلىۋاتقان ھېلىقى ھارۋىلىقلاردىن سوراپتۇ غوپۇر ئاكا .
_ نېمە ؟
_ ئۆزلۈرلەردىن سوراپ باقاي ، ئۆزلۈرلە كېلىۋاتقان دېشۇ تەرەپلەردە بوينىغا بىر مىلتىق ئېسىۋالغان كىيىكنى كۆرۈشلەمىكىن ؟
غوپۇرئاكىنىڭ ئۇدىلىسىغا كېلىپ قالغان ھارۋىلىقلار غوپۇرئاكىنىڭ سۇئالىنى ئېنىق ئاڭلىغان چېغى ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ھەيران بولۇشۇپ :
_ ۋاي خۇدايىم ، بىر پاكىزە بالىكەندۇققۇ بۇ ، بۇ يەردە يالغۇز يۇرۇپ ئېلىشىپ قاپتۇ . بۇ يەردە بوينىغا مىلتىق ئاسقان كىيىك نىمىش قىلىدۇ . خۇدايا تۆۋە ، _ دىيىشىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ . ئارىدىن بىرسى ھارۋىنىڭ ئارقىسىدىن چۈشۈپ قولىدىكى نىمىدۇ بىر نەرسىنى غوپۇرئاكىغا كۆرسىتىش مەقسىتىدە پۇلاڭلىتىپتۇ ۋە يول ياقىسىغا قويۇپ قويۇپ ، يەنە يۇگۈرگىنىچە بېرىپ ھارۋىغا چىقىۋاپتۇ .
_ بۇلار گېپىمنى چۈشىنەلمەپتۇ ، قارىغاندا كىيىكمۇ بۇلارغا ئۇچرىمىغان ئوخشايدۇ . مەيلى ئۆزۈملا ئىزدەيكى .
ئۇلار خېلى ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن ، غوپۇر ئاكا ھېلىقى ھارۋىلىقلار قويۇپ قويغان نەرسىنىڭ يېنىغا كەپتۇ . قارىسا ئۇلار بۇ « ئېلىشىپ » قالغان بالىغا بىر تاۋۇز بىلەن بىر دانە نان قالدۇرۇپ قويۇپتۇ .
_ كەچ قويغان خۇدا ، ئاچ قويماپتۇ دىگەن شۇدە ، مېنى تونىمىغىنىغا قارىغاندا ئۇلار يۇرۇتلۇقلار ئەمەسكەن . بوپتكىنا ، ئاۋال قۇرساقنى ئەستەرلەي .
غوپۇر ئاكا ئۇلىقىغا مىنىپ ھېلىقى ھارۋىلىقلار كەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ . بىر يەرگە كەلگەندە ئۇلاقتىن چۈشۈپ ھېلىقى « مىلتىق ئاسقان كىيىك » نىڭ ئىزىنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ . بىر ۋاقىتلاردا مىلتىقنىڭ پاينىگىنى تېپىۋاپتۇ .
_ خۇداغا شۇكرى ، ھەر نېمە بولسا مېلتىقنىڭ يېرىمى تېپىلدى . قارىغاندا كىيىك مۇشۇ ئەتىراپتىلا يۈرگەن ئوخشايدۇ .
ئۇ ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . بىر ئازدىن كىيىن ھېلىقى « سىرىتماق » نى ( مىلتىقنىڭ پوتىسىنى ) ، يەنە ئازدىن كىيىن ئىستۇۋۇلنىڭ ئۇچىنى تېپىۋاپتۇ . ئەمدى سىتۋوللا قالدى . ئۇ ئىزدەشنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇ باغلاپ قويغان ئۇلىقىدىن ئالاھىزەل 2-3 كېلومېتىرچە ئۇزاپ كېتىپتۇ . ئۇ ئىزدەپ ئىزدەپ بىر يەرلەرگە بارغاندا ئىزدەۋاتقان نەرسىسىنى ئاخىرى تېپىپتۇ .
_ خۇداغا شۇكرى ، مىلتىقنى ئاخىرى تاپتىم . قارا بۇنىڭغا ، قايناق يامان كىيىكتۇ بۇ ، مىلتىقنى مۇنداقمۇ ئۇستا پارچىلاپ سالامدۇ ؟ _ ئۇ قولىدىكى مىلتىقىنى قۇراشتۇرۇپ كۆرۈپتۇ . قارىغا ئالىدىغان ئۈچنىڭ ئىگىلىپ كەتكىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مىلتىق ھەر ھالدا ساقكەن . ئۇ كەينىگە قايتىپ ئۇلاقنى مىنگەچ « مىلتىق ئاسقان كىيىك » نى داۋاملىق ئىزدىمەكچى بوپتۇ . ئۇ ئۇلاقنىڭ يېنىغا كەلسە ، ئۇلاقنىڭ ئۇستىگە ئارتىپ قويغان نەرسىلەر چۈشۈپ كېتىپتۇ . ئېشىپ قالغان يېرىم ناننىمۇ يەپ بوپتۇ . قاۋاقمۇ چېقىلغان .
_ ھەي ، يامان بوپتۇغۇ ئەمدى ، نان بىلەن ئۇسۇلۇق بولمىسا ، بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قالغىلى بولمايدۇ . بۇنداق بولغاندا « مىلتىقنى ئېلىپ قاچقان » كىيىكنى ئىزدەش كېرەكمۇ – يوق ؟
ئۇ ئاخىرى چۈش قىيىلغىچە ئىزدەپ بېقىش قارارىغا كېلىپ، ئۇلاقنى ئۆزىنىڭ مېڭىشىغا سېلىپ قويۇپ ، ئەتىراپقا نەزەر سېلىشقا باشلاپتۇ . قارىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن مىلتىقىنى تەقلەپ ، ھېلىقى « ئولجا » نى كۆرگەن ھامانلا ئاتماقچى بوپتۇ . ئۇ خېلى يەرلەرگىچە ئىزدەپ بارغان بولسىمۇ لېكىن « مىلتىق ئاسقان كىيىك » نىڭ قارىسىنىمۇ تاپالماپتۇ . پىژ-پىژ ئىسسىقتا ھېرىپ چارچىغان ، ئۇسساپ ھالى قالمىغان غوپۇر ئاكا ئاخىرى خۇدا نىسىپ قىلمىغان بۇ « ئولجا » دىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ، ئۆيىگە قۇرۇق قول قايتىپتۇ .
شۇنىڭدىن كىيىن ، « مىلتىق ئاسقان كىيىك » نىڭ بۇ ھېكايىسى قومۇلنىڭ تاغ تېمىزلىرىغىچە كەڭ تارقىلىشقا باشلاپتۇ .
ئەسكەرتىش : مەنبەنى ئەسكەرتمەي تۇرۇپ باشقا بېكەتلەرگە كۆچۈرمەڭ !
[ بۇ يازمىنىezimatدە2011-07-13 23:39قايتا تەھرىرلىد ]