ئايتاراتىنىڭ تاراتىدىكى كۈنلىرى
ئايتاراتى تاراتىنى قاتتىق سېغىندى. ئۇنىڭ كۆزى تاراتىغا قاراپ تۆت ئەمەس، سەككىز بوپ كەتكەندى. (بىلىسىلەر، ئۇنىڭ كۆزى ئەزەلدىنلا تۆت) تاراتى قايدىسەن؟ ئاپتۇبۇس بىكىتىگە بارسا ئاپتۇبۇس بېلىتى يوق. دەل شۇ چاغدا، ئۇنىڭ بىر تونۇشى ئۇچىراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تاماق يەۋىلىپ ئاندىن قالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان ئايتاراتى قوساق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر يېڭى ئاشخانىغا كەلدى. ئۇ ئاشخانىدا تاماق يەپ بولۇپ، تاكسى توسىيالماي جىلە بولىۋاتقاندا، بىر ئات ھارۋىسى(توغرىسى، بىر ئىشەك ھارۋىسى ئۇچىراپ قالدى. ) ئۇنىڭ بىلەن تۆت كوچىغا يىتىۋالدى. ئۇ يەردىن تاكسى توساپ ماڭغاندا، تاكسىچى كۈتمىگەن ھالدا، ئايتاراتىنىڭ تونۇشىنىڭ تونۇشى، يېقىن دوستى، سىردىشى چىقىپ قالدى. ئۇلار تاكسى بىلەن ئىشچىلار بازىرىنىڭ قېشىدىكى تاراتىغا قاتنايدىغان ئاپتۇبۇس بار يەرگە ماڭدى. يولدا كىتىۋىتىپ تاكسىچى ئۇلاردىن ‹‹نەگە بارىسىزلەر؟ ›› دەپ سورىغاندى. ئايتاراتى يۇمۇرلۇق قىلىپ ئۇنىڭ بىر تۇنۇشىنىڭ ئاتىشى بويىچە:‹‹ گۇڭرۇ سىچاڭغا››(ئىشچىلار بازىرىغا) دەۋىتىپ، ئۆزى ئاڭلىغان بىر يۇمۇر ئېسىگە كەپ قالدى.
بىر ساددا ئاياللار دوختۇرخانىدىكى تۇغقىنىنى يوقلاپ قۇمۇل ئىككىنچى دوختۇرخانىغا كەپتۇ. ئۇلار ئۆمرىدە لېفىتقا ئولتۇرۇپ باقماپتىكەن. كېسەل ئايال بىلەن بىرلىكتە لىفىتقا ئولتۇرۇپ، كىسەللەر بۆلۈمىگە چىقىپتۇ. ئۇلار لىفىتتىن چۈشۈشىگە بىر ئايال كۆز يېشى قىلىپ ھەمراھىغا:‹‹ پاتەمخان، زورەمخاننىغۇ كىسەل دەپ جىڭلاۋاتقاندۇ، بىزنى نىمىشقا جىڭلىغاندۇ›› دەپ يىغلاپ كىتىپتۇ.
بۇ يۇمۇرنى دىيىشىگە تاكسى شوپۇرى قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:‹‹ نەگە بارىدىلا، مەن ئاپىرىپ قوياي›› دەپلا تاكسىنى بۇراپتۇ. ‹‹تاراتىغا ›› دەپتۇ ئايتاراتى. بۇ شوپۇر ئازراق گاز قاچىلاپلا تاراتى تامان يۈرۈپ كىتىپتۇ. تاراتىنىڭ يوللىرىنى كەلكۈن بۇزۇپ، تەس ماڭىدىغان بوپ قاپتۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ شوپۇر، ئايتاراتى بىلەن تونۇشىنى ئېلىپ تاراتىغا ئېلىپ چىقىپتۇ. قاقاس چۆلدىن ئۆتۈپ، تاش بېسىپ كەتكەن غوللارنى كېسىپ ئۆتۈپ، بىر دۆڭدىن ئۆتۈشىگىلا، ئاجايىپ بىر بوستان ماكان ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. ‹‹مانا بۇ ئايتاراتىنىڭ دادىسى مەردان ئاخۇننىڭ ئۆيى›› دەپتۇ ئايتاراتى تونۇشىغا. ئۇلار سالامنىڭ يوغىنىنى قىلىپ زەنجىر بىلەن ئىلىپ قويۇلغان دەرۋازىدىن كىرىپتۇ. دەل شۇ چاغدا مەردان ئاخۇن، مەردان خانىملار ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. ئايتاراتىنىڭ تونۇشى ئىشىك تۈۋىدە يەرنى قاپقارا بوياپ ياتقان جۈجەملەرنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ، چۈنكى شەھەردە جۈجەم تۈگەپ يوپۇرمىقىلا قالغانكەن. ئۇلار سالام –سائەتتىن كېيىن، ئۇدۇل باغقا كىرىپ ئۆرۈك يەپتۇ. ‹‹مۇشۇ باغنىڭ ئۆزىدىلا ئون خىل مىۋە بار ›› دەپ تۇنۇشتۇرۇپتۇ مەردان خانىم ئۇلارغا ئۆرۈك ئۈزگەچ.
تاكسى شوپۇرى بىلەن ئايتاراتىنىڭ تونۇشى خوش ئېيتىپ كىتىپتۇ. ئايتاراتى ئۇلارنىڭ كەينىدىن مىننەتدارلىق نەزىرى بىلەن قاراپ قاپتۇ.
تاراتى، سەن قانداق گۈزەلسەن-ھە؟
ئايتاراتى ئەتىسى ئەتتىگەن سەھەردە يۈزىنى يۇيۇپ تالاغا چىقسا، پۈتۈن ئالەم قۇياش نۇرىدا يۇيۇنۇپ تولىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئالدىغا بېشى ياپيىشىل، باش بارماقتەك يوغان بىر چىكەتكە ئۇچىراپتۇ. ئۇ چىكەتكە قۇرۇق ئېرىق ئىچىدە قاياققا مېڭىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ تۇرغانكەن. ‹‹سالام چىكەتكە!!›› دەپتۇ ئايتاراتى ئىڭىشىپ ئولتۇرۇپ، چىكەتكە جاۋاب بەرمەپتۇ. چۈنكى ئۇ يوغان بىر گەۋدىنىڭ ئىڭىشىشىدىن ۋەھىمە ھېس قىلغان ئىكەن. بىر سەكرەپلا ئۆزىنىڭ ياپيىشىل بېشىدەك ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا كىرىۋىلىپ جىممىدە تۈگۈلۈپ يېتىۋاپتۇ.
ئايتاراتى ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ. غۇچچىدە مىۋىلىگەن ياڭاق دەرەخلىرى سەھەرلىك تەسبىھ ئېيتىپ تۇرغانكەن. ئەمەنلەر، سۈيزە، چىمەنگۈللەر، تاراتى خانىم تۈجۈپلەپ تېرىغان كاۋىلار شەبنەمدە يالتىراپ تۇرغانكەن. ئايتاراتى ئوت-چۆپلەرنى ئاۋايلاپ دەسسەپ ئېرىقنىڭ بويىنى بويلاپ تاغنىڭ باغرىغا چىقىپتۇ. يىراقتا قومۇل شەھىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن.
سالام تاراتى، سالام!!!!
ئايتاراتى ئەتراپىغا قاراپ، يازنىڭ نىمەتلىرى تولۇپ تۇرغان باغنىڭ ھۆسنىنى تاماشا قىپتۇ. باغ جىمجىتلىق ئىچىدە ئايتاراتىنىڭ كۆڭۈل كۈيىنى تىڭشاپ تۇرغانكەن. ئۇ كەينىگە يېنىپ قاپقارا جۈجەملەر تۆكۈلۈپ ياتقان تام تۈۋىدە تۇرۇپ جۈجەم يەپتۇ. قاپقارا، يارنىڭ كۆزىنى ئەسلىتىدىغان جۈجەملەر شاخلارغا ئېسىلىپ، ياپراقلارنىڭ ئارىسىدا خۇددى لىۋەن قىزنىڭ ھالقىسىدەك چىرايلىق پاقىراپ تۇرۇپتۇ. ئايتاراتى جۈجەمنى ھارغۇچە يەپتۇ. ئاندىن ئۆيگە كىرىپ، ئانىسى تەييارلاپ قويغان چاينى ئىچىپتۇ. چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، باغقا كىرىپ، بۆلجۈرگەنلەر، نەشپۈت، ئامۇتلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئاق ئۆرۈكنىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئاق ئۆرۈكنىڭ تېخى پىشمىغانلىرى كۆپكۈك تۇرغان بىلەن، سارغايغانلىرى يەرگە چۈشۈپ يەرنى تىڭشاپ جىمجىت ياتقانكەن.
ئايتاراتى ئاۋايلاپ ئۇلاردىن ئېلىپ، بىر قولى بىلەن ئۆرۈكنى مىجىپلا، ئۇرۇقچىسىنى ئېلىۋىلىپ، ئاندىن ئۇنى ئاغىزىغا ساپتۇ....ۋاھھھھھھھ، قانداق تاتلىق ھە؟ ئۆرۈك ماككىدە ئوتتۇرىدىن يېرىلىپتۇ. بۇ مەردان ئاخۇننىڭ كوزىر ئۆرۈكى بولغان ئاق ئۆرۈككەن. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر تېكىستە ئاغىزىغا سالسىلا ئېرىپ كىتىدىغان ئۆرۈكنىڭ تەسۋىرىنى ئوقۇغانكەن، شۇڭا ئۇ موشۇ ئاق ئۆرۈكنى شۇ ئۆرۈكمىكىن دەپ ئويلايدىكەن. ئۆرۈكتىن تويغۇچە يىگەن ئايتاراتى باغچىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، باغچا تېمىغا قويۇپ قويۇلغان كىچىككىنە تاش بىلەن ئۆرۈكنىڭ ئۇرۇقچىلىرىنى چېقىپ، مېغىزىنى ئاغزىغا ساپتۇ. دەل موشۇ پەيتتە ئۇ ئۆزىنىڭ تاراتىدا تۇرغانلىقىنىڭ چۈش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ ھاياجان ئىچىدە تەبەسسۇم قىپتۇ.
ئۆرۈك يەپمۇ تويۇپتۇ، جۈجەممۇ يەپتۇ، ئايتاراتى چەرچەندە تۇرغىنىدا جۈجەمنىڭ غەلۋىسىنى تولا قىلىدىكەنتۇق. لېكىن ئالتىنچى ئاي ئۆتۈپ، يەتتىنچى ئاي كىرگەندە بۇ يەردە جۈجەم يىيەلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانكەن. باغدا ئالمىلار ئەمدى يوغىناشقا باشلاپتۇ، نەشپۈتلەر غورىدەك بوپتۇ، ياڭاقلار ياپراقلار ئارىسىدىن مارىشىپ تۇرۇپتۇ. پەقەت ئۆرۈك بىلەن جۈجەملا پىشىپتۇ. ئايتاراتى ئۆيلەرنى بىر قۇر سۈپۈرۈپ تازلىغاندىن كېيىن يەنە باغچىغا كىرىپتۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭ قولتۇقىدا بىر پارچە كىتاب باركەن. ئۇ بىر تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كىتابنى ئوقۇغاچ قولىنى ئۇزىتىپلا ئۆرۈكلەردىن ئېلىپ يەپتۇ. ئۆرۈكلەر....ئۇ چۈشىدە سېغىنىدىغان مەنزىرە ئەمەسمۇ بۇ.....
ئايتاراتى تاراتىدا كۈنلىرىنى بەكلا مەنىلىك ئۆتكۈزۈپتۇ، ئۇنىڭ باغداشتىكى تورداشلىرىدىن خېلىسى تېلىفۇن قىلىپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سۇراپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ سالىمى ئايتاراتىنى بەكلا خوش قىپتۇ.
داۋامى بار