karamat oztil xj 50
بۇ تېما 500 قېتىم كۆرۈلدى
abdul-ahad
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1515
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 425 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 425 سوم
تۆھپە: 252 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 252 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 205(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يوقۇرى ئۆي باھاسى پۇتبولچىنى سېتىۋالدى

مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى: ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەرلەردىكى يوقۇرى ئۆي باھاسى قىممەت باھالىق پۇتبولچىنى سېتىۋالدى*

          ۋاڭيى تەنتەربىيە قانىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى:
          7-ئاينىڭ 14-كۈنى، گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى* جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ* 17-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئۆز مەيدانىدا 5-0 نەتىجە بىلەن نەنچاڭ خېڭيۇەن* كوماندىسىنى يېڭىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتقان بېيجىڭ گوئەن* كوماندىسى بىلەن بولغان پەرقنى 9 نومۇرغا كېڭەيتتى. مۇسابىقىدە 10 مىليون ئامىرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن ئەمدىلا خېڭدا كوماندىسىغا كىرگەن ئارگىنتىنا توپچىسى كونكا بىر توپ كىرگۈزدى. خېڭدانىڭ كەينى-كەينىدىن ئېلىپ بارغان ھەشەمەتلىك پىلانلىرى ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، تۆنۈگۈن كەچ مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئورتاق نەزەر» پروگراممىسىدا ئىككىنچى شەھەرلەردىكى چەكلىمىلىك ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئېلىپ بارغان مۇلاھىزىلىرى خېڭدا گۇرۇھىنىڭ تىجارەت قىلىش سىتىراتىگىيىسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.
          مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى، ھەرقايسى دەرىجىلىك تارماقلاردىن زۆرۆر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ تېز ئۆرلەپ كېتىش مەسىلىسىنى قاراتمىلىق ھالدا تەڭشەش تەلەپ قىلىندى. دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ھەر ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ئېلان قىلىدۇ، 4-،5-ئايدىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىدىن قارىغاندا، ئۆسۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئاساسى جەھەتتىن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى شەھەرلەر. شۇڭلاشقا ھازىرقى ۋاقىتتا، ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ھايانكەشلەردە بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ھالەت مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ بىرىنچى شەھەرلەردە تۇرغۇنلۇقنى ساقلاش، ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەرلەردە باھانىڭ ئۆسۈشىنى قوغلىشىش. بىر قىسىم ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەرلەردە ئەسلىدە ھەر كۋادىرات مېتىرى 5000 يۈەنلىك ئۆي ھازىر ئۆرلەپ 6000-7000 يۈەنگە چىقىپ بولدى.
          پەرەز قىلىنىشىچە، مەركەز بىرىنچى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسىنى كونترول قىلغىنىغا ئوخشاش، ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەرلەردىمۇ چەكلىمىلىك ئۆي سېتىۋېلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىكەن. cctv نىڭ «ئورتاق نەزەر» پروگراممىسىدا، ئالاھىدە تەكلىپلىك ئوبزورچى ياڭيۈ مۇنداق دېدى: ” بىز ئۆي-مۈلۈك شېركەتلىرى بولۇپمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلغان ئۆتكەن يېرىم يىللىق دوكلاتىنى كۆردۇق، ئۇنىڭ ئىچىدە پاي-چېكى بازارغا سېلىنغان شېركەتلەرنىڭ دوكلاتى ناھايىتى تەپسىلىي بېرىلگەن. مەملىكەت بويىچە ئۆي-مۈلۈك سېتىش ساھەسىدە سېتىش سوممىسى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ۋەنكې*، ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا يەنە يوقۇرى نەتىجە ياراتتى، ئۇنىڭ سېتىش سوممىسى ئۆتكەن يىل ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80 ئاشقان، بۇنداق ياخشى نەتىجە يارىتىشىدىكى ئاساسى سەۋەب بولسا، ئۆي باھاسىنىڭ بىرىنچى شەھەرلەردە تۇرغۇنلۇقنى ساقلاپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەرلەردە زور كۆلەمدە ئۆسكەنلىكى. “
          ئارقىدىنلا، ياڭيۈ خېڭدا گۇرۇھى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ” بۇ يىل يەنە بىر يېڭى نەتىجە ياراتقۇچى بار، ئۇ بولسىمۇ خېڭدا. بۇ مەبلەغ سالغۇچى ئۆتكەن يېرىم يىلدا ئۆي سېتىش كۆلىمى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى، دېمەك، بۇ مەبلەغ سالغۇچىنىڭمۇ خېلى ئەمەلىي كۈچى بار. تۆنۆگۈن چۈشتىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يېغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى تەلەپلەرنى تارقاتتى. ئارقىدىنلا، نەچچە سائەتتىن كېيىنكى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ھەم ئادەتتىكى ھەم ئالاھىدە بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە گۇاڭجۇ خېڭدا گۇرۇھى بايرىقى ئاستىدىكى گۇاڭجۇ خېڭدا پۇتبول كوماندىسى غەلبە قىلدى. ئۇلار ئىككىنچى قېتىملىق ئۆتكۈزىۋىلىش جەريانىدا 10 مىليون دوللارلىق زور باھا بىلەن سېتىۋالغان توپچى كونكا مەيدانغا چىقتى.  كونكا جۇڭگو پۇتبول تارىخى شۇنداقلا شەرقى ئاسىيا پۇتبول تارىخىدا قىممىتى ئەڭ يوقۇرى ۋە ئەڭ قىممەت بولغان چەتئەللىك توپچى بولۇپ قالدى. خېڭدانىڭ بۇنچىۋالا كۆپ پۇل چىقىرىپ بىر چەتئەللىك توپچىنى سېتىۋېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقىدىندۇر. خېڭدامۇ تېخى ئەمدىلا ئۆزىنىڭ سودىدىكى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، خېڭدانىڭ ئۆي-مۈلۈك جەھەتتىكى سېتىش سوممىسى ۋە كۆلىمى بىر ھەسسە قاتلاندى. ئىگەللىشىمىزچە، خېڭدانىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى 88 سودا تۈرى ئىچىدە، پەقەت بىرسىلا بىرىنچى شەھەرلەردە بولۇپ، قالغان 87 سودا تۈرىنىڭ ھەممىسى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى شەھەرلەردە ئىكەن.“
          مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ ئومۇمىي سېتىش سوممىسى 42 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە، سېتىش كۆلىمى 6 مىليون 117 مىڭ كۋادىرات مېترغا يەتكەن بولۇپ، سېتىش كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئۆي-مۈلۈك شېركەتلىرىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئېشىش نىسبىتى شياڭگاڭدا پاي-چېكى بازارغا سېلىنغان ئۆي-مۈلۈك شېركەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.
          مۇخبىرنىڭ يەنە ئىگەللىشىچە، ھازىر ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەرلەردە ئۈزلۈكسىز يىلتىز تارتىۋاتقان خېڭدا ئۆي-مۈلۈك شېركىتى نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم غەربتىكى شىنجاڭغا قاراتقان، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى شۈ جيايىن 14-چىسلا شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بارغان، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش خېڭدانىڭ غەربنى قۇرۇش دولقۇنىغا شۇڭغۇپ كىرىشكە باشلىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
          ياڭيۈنىڭ بەرگەن باھاسى ۋە خېڭدانىڭ يېقىنقى ھەرىكەت ھالىتىدىن شۇنى ئاسان كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەرلەردىكى ئۆي-مۈلۈك سودىسى زور نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەرلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، رايون ماركىسىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش -- خېڭدانىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم سىتراتىگىيىسىدۇر. جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدىكى «يېڭى ئاقسۆڭەك» بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، خېڭدا ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزىۋېلىش بازىرىدا* يۈرەكلىك ھالدا غايەت زور ئاقچىنى تاۋكاغا تاشلىيالىشى، ئۇنىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدە ئۈزۈلمەي كىرىۋاتقان بايلىقىنىڭ ئۇنىڭغا تاغدەك يۆلەك بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەرلەرنىڭ قوشقان «تۆھپە»سى ئەڭ زور.

ۋاڭيى تەنتەربىيە قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە: http://sports.163.com/11/0716/08/792PMGM800051C89.html#p=78PQ9V730B6P0005

******
ئىزاھات:
ئىككىنچى، ئۈچىنچى شەھەر 二三线城市 -بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە ئىقتىسادى دۆلەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەرلەردىن باشقا شەھەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ئۆلكە مەركىزى ئىككىنچى شەھەر، ئۆلكىلەرنىڭ باشقا شەھەرلىرى ئۈچىنچى شەھەر قاتارىغا كىرىدۇ.  
جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى 中超联赛
گۇاڭجۇ خېڭدا 广州恒大
نەنچاڭ خېڭيۇەن 南昌恒源
بېيجىڭ گوئەن 北京国安
چەكلىمىلىك ئۆي سېتىۋېلىش 房屋限购
ۋەنكې 万科
ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزىۋېلىش بازىرى 转会市场
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-07-19 10:05قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-16, 13:27
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-16 12:32 |
ximazaki
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2567
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 180 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 180 سوم
تۆھپە: 107 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 107 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شىنجاڭ گۇاڭخۇيمۇ ئوخشاش . شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىمۇ ئۆي مۈلۈك شىركىتى ۋە ئەمىلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان تەبىئى بايلىق شىركىتى بىلەن يۇقىرى باھادا ئامىرىكىدىن ئىككى قارا ئېشەكنى سېتىۋالغان بوپتۇدە... ئىككىسىنىڭ باھاسى 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا چىقىشى مۇمكىن.
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-22 12:39 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » خەۋەر ئۇچۇرلار