karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 539 قېتىم كۆرۈلدى
tewilgha
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرەت: 420 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 241 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 241 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 186(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بىلىۋېلىڭ ! زەھەر قايتۇرۇپ ، جىگەرنى قوغدايدىغان يىمەكلىكلەر


جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ بەزدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئالمىشىشنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك جىگەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئۇنى بىر چوڭ خېمىيۋى زاۋۇتقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ ، ئادەم بەدىنى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق ماددىلار مۇشۇ زاۋۇتتا ئشلەپچىقىرىلىدۇ .جىگەرنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى ۋە خېزمىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدىغانلىغى ،بولۇپمۇ بارلىق زەھەرلىك ماددىلار ، كۈچلۈك دورىلار جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەھەرسىزلەندۇرىشى، ۋە مۆتىدىللەشتۇرىشى ئارقىلىق ئىنسان ھاياتى قوغداپ قېلىندىغانلىغى ئۈچۈن ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنڭ ھەر خىل زەھەرلىك ، زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچىرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ ، شۇڭا جىگەرنى قوغدىغانلىق باشقا ئەزالارنىمۇ قوغدىغانلىق بولىدۇ .

                 زەھەر قايتۇرۇپ ، جىگەرنى قوغدايدىغان يىمەكلىكلەر :

    1 . يېسىۋىلەك : تەركىبىدە  سېلىلوزا مول بولۇپ ،ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ، زەھەر قايتۇرىدۇ ، ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ قوبۇل قىلىنشىنى ئېلگىرى سۈرىدۇ. تەركىبىدىكى مول بولغان سېنىك ئىلمىنتى ناھايتى تېزلىكتە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئاليۇمىن ئىلمىنتىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.( ئاليۇمىن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەندە ياشانغانلاردا دىۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ )

2.كاللەك بەسەي (كاپۇسكا ): كاللەك سەي تەركىبدە فولىك كېسلاتا(叶酸) مول بولىدۇ . ئادەم بەدىنىدە فولىك كېسلاتا كەملەپ كەتسە ، زور قىزىل قان ھۈجەيرىسى خاراكتىرلىك كەم قانلىق ۋە ئاق قان دانچىسى ئازلاپ كېتىش كىلىپ چىقىدۇ .

3.سەۋزە : جىگەر قاتارلىق ئىچكى ئەزالارنى قوغدايدۇ ، ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

4.سامساق : جىگەرنى قوغدايدۇ ، جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتىرىدۇ. نېتىرو زامىن قاتارلىق راك پەيدا قلغۇچىلارنىڭ بىرىكىشىنى توسۇپ، راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن سامساقنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتكەندە جىگەر ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ .

5.يىڭنىسىمان ئوتياش (金针菇) :  تەبئيتى سوغوق بولۇپ ، جىگەر ، ئۈچەيلەرگە پايدىلىق .

6.كۈدە : جىگەر ، بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ .

7.نىلۇپەر : تەركىبىدىكى تاننىك كېسلاتا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ ، راك كېسىلى ۋە ئارتىرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

8.باش پىياز : تەركىبىدىكى ئاز مىقداردىكى سېلىن ئىلمىنتى ناھايتى كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ ، بەدەن ئىچىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ ، راكقا قارشى تۇرىدۇ ، قېرىشنى كېچىكتۇرىدۇ .

9. كاۋا : كاۋا راك پەيدا قىلغۇچى ئاممونى نېتىرات كېسلاتاسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئىقتىدارىنى يوقىتىۋېتىدۇ . تەركىبىدىكى مېۋە يىلىمى بەدەن ئىچىدىكى ئېغىر مېتاللار ۋە بىر قىسىم دىىخانچىلىق دورا قالدۇقلىرىنى نېتىرللاشتۇرۇپ چىقىرىپ تاشلايدۇ ، جىگەر ، بۆرەك ئاجىزلاشقان بىمارلاردىكى جىگەر ، بۆرەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ .

10. تۇرۇپ : تەركىبدە ناھايتى كۈچلۈك بولغان زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان ئۆسىدلىغۇچى ئېنزىم بار بولۇپ ،ئادەم بەدىنىدە ئېنتىرفىرون (干扰素)نىڭ شەكىللىنىشنى ئېلگىرى سۇۈرۈپ ، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ .

11.غولپىياز : ئاشقازان سۇيۇقلۇغى تەركىبىدىكى نېتىرىت كىلاتا تۇزلىرىنىڭ مىقدارىنى تۈۋەنلىتىپ ، ئاشقازان راكى قاتارلىق ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

12.پالەك : تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ ، ئاشقازان ، ئۈچەيدىكى ئىسسىق توكسىننى تازىلاپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ .

13.پەمىدور : قاننى سوۋۇتۇپ ، جىگەرنى موتىدىللەشتۇرىدۇ ، قىزىتما ياندۇرۇپ ، زەھەر قايتۇرىدۇ .

14. سەي كاۋىسى : جىگەر ، بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، جىگەر ، بۆرەك ئاجىزلاشقان بىمارلاردىكى جىگەر ، بۆرەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ، ئادەم بەدىنىدە ئېنتىر فېروننىڭ شەكىللىنىشىنى ئېلگىرى سۈرۈپ ، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . قوشۇمچە ، جىگەر قېتىش خاراكتىرلىك قۇرساققا سۇ چۈشۈش ۋە بۆرەك ياللۇغىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ .

15. پىچەكگۈل (山药) : ئادەم بەدىنىدىكى ت لىمغا ھۈجەيرىلىرىنى كۆپەيتىپ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ .

16. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (豆腐) : خام ماتىريالى سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە ئىزو فىلاۋۇن ۋە ساپۇنىنلار بولۇپ ، راكقا قارشى تۇرىدۇ ، زەھەر قايتۇرىدۇ .

17.پۇرچاق ئۇندۇرمىسى (豆芽) : سېرىق پۇرچاق ئۈندۇرمىسى تەركىبىدە ئېنتىر فېرون ھاسىل قىلغۇچى بولۇپ ، ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىروسقا قارشى تۇرۇش ، راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

18.ماش (绿豆): ئىسسقنى ياندۇرۇپ ، زەھەر قايتۇرىدۇ ، جىگەرنى قوغداپ كۆزنى روشەنلەشتۇرىدۇ .

19. كۆكپۇرچاق : كۆكپۇرچاق تەركىبىدە مول بولغان لىزىن بولىدۇ ، بۇ باشقا ئاشلىقلاردا يوق ، لىزىن بولسا ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان بىر خىل ئامىنو كېسلاتا ؛( ئادەم بەدىنىدە لىزىن كەم بولسا  ئىشتىھاسىزلىق ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىق خاراكتىرلىك قان ئازلىق ،مەركىزى نېرۋا توسۇلۇش ، يېتىلىشى نورمال بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ .) كۆكپۇرچاقنىڭ يەنە راكقا قارشى تۇرۇش راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسيتى بار .

20. ئالما : جىگەرنى موتىدىللەشتۇرىدۇ ، زەھەر قايتۇرىدۇ ، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

21. ئۆرۈك : ئۆرۈك تەركىبىدىكى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى گېلىكوزىدى ئۇنۇملۇك بولغان راكقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ .

22. بانان : ئۈچەينى سىلىقلاپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، ئىسسقنى ياندۇرۇپ ، زەھەر قايتۇرىدۇ . تەركىبىدە كالى مىقدارى يوقىرى بولىدۇ ، بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلار ، بۆرەك ياللۇغى بولغانلا كۆپ يىمەسلىكى كېرەك .

23. مايمۇن شاپتولى : قورۇغان ياكى قاقلاپ پۇشۇرغان يىمەكلىكلەر قۇرساققا كىرگەندىن كېين نېتىراتلىشىش رىئاكسىيەسى يۈز بېرىپ ،راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ھاسىل قلىدۇ ، مايمۇن شاپتولى تەركىبىدىكى مول بولغان ۋىتامىن س بىرخىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ ،ئۇنۇملۇك ھالدا  بۇ خىل نېتىراتلىشىش رىئاكسىيەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇيدۇ ، تاماقتىن كېيىن بىر تال مايمۇن شاپتولى يەپ بەرگەننىڭ پايدىسى كۆپ .

24. ئۈزۈم : تەركىبىدە سىئانىد ۋە رېسۋېراترول (Resveratrol白藜芦醇  ) قاتارلىق تەبئى بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچىلار بار ، جىگەر ، بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ ،  سۈپەتلىك خىلىت پەيدا قىلىدۇ .

25. دولانا (山楂) : تەركىبىدە فىلاۋۇن تۇرىدىكى بىركمىلەر ، ۋىتامىن س ، كاروتىنلار بولۇپ ، ئەركىن رادىكاللارنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى توسۇيدۇ .

26. چىلان : جىگەرنى قوغدايدۇ ، راك ھۈجەيرىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ.

27. زەيتۇن : كۆمۇر گازى زەھىرى ۋە ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشلەرنى قايتۇرىدۇ .

28. ئاپلىسىن : يېڭى ئاپلىسىن تەركىبىدە راكقا قارشى تۇرۇش كۈچى ناھايتى كۈچلۈك بولغان ماددا نومىلىن (诺米灵) بولىدۇ .

29. كۇلى بېھىسى (木瓜) : تەركىبىدىكى كارىكا دەرىخى ئىشقارىنىڭ(番木瓜碱) ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولىدۇ .

30. نەشپۇت : جىگەر ياللۇغى ، جىگەر قېتىش كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بىمارلار نەشپۇت يەپ بەرسە كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

31. تاۋۇز : قىزىتما ياندۇرۇپ ، زەھەر قايتۇرىدۇ ، سېرىق كېسەلنى داۋالاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە ، بۆرەك ياللۇغىنى قايتۇرىدۇ .

32. زەيتۇن مېيى : راكقا قارشى تۇرىدۇ ، رادىئاتسىيەگە قارشى تۇرىدۇ ، يېشىل ساغلام يىمەكلىك مېيى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

33. يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ ) مېيى : ئۆسمە خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

34. كۈنجۈت ، كەندىر مايلىرى : جىگەرنى ئاسىرايدۇ .

35. قېتىق : ساغلاملىقنى قوغدايدۇ، قېرىشنى كېچىكتۇرىدۇ ، راكقا قارشى تۇرىدۇ .
 
36. توشقان گۆشى : كالتىسى تەركىبى يوقىرى،ماي ۋە خولىستىرون تەركىبى تۆۋەن بولۇپ، مېڭىنى قۇۋتلەيدۇ ، جىگەر كېسلى ۋە دىئابىت كېسەل بىمارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك گۆش يىمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ .

37. تۇخۇم : زىيانغا ئۇچىرىغان جىگەر توقۇلمىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش رولىغا ئىگە ، تۇخۇم سېرىغى تەركىبىدىكى لېتىستىن (卵磷脂) جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ئۆسىشىنى ئېلگىرى سۈرىدۇ . ئۇندىن باشقا تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاز مىقداردىكى ئىلمىنتلارنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

38. كارىپ بېلىقى : قىزىتما ياندۇرۇپ ، زەھەر قايتۇرىدۇ ، تەركىبىدىكى مول بولغان لېتىستىن ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ، تەپەككۇر قىلىش ، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ .

39. تاپان بېلىق : جىگەر ياللۇغى ، بۆرەك ياللۇغى ، يوقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دائىم يەپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .

40. تاسما بېلىق : جىگەرنى قۇۋەتلەپ ، قان تۇلۇقلايدۇ ، تېرىنى پاقىراق قىلىدۇ، خولىستىروننى تۆۋەنلىتىدۇ ؛ تال ، ئاشقازان ئاجىزلىق ، ئىشتىھاسىزلىقلارغا ناھايتى مەنپەئەت قىلىدۇ .

41. دېڭىز ئادەمگىياھى (海参) : تىپىك بولغان يوقىرى ئاقسىللىق ، تۆۋەن مايلىق ، توۋەن خولىستىرونلۇق يىمەكلىك بولۇپ ، يوقىرى قان بېسىم ، جىگەر ياللۇغى ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن داۋالاش ۋە بەدەننى قۇۋەتلەش رولىغا ئىگە، يەنە قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە .

42. راك (虾) : سېنىك ، كالتىسى ، ماگنى تولۇقلايدۇ ، بىراق ، ئۈزۈم ، پەمىدور، ئانار ، پىچەكگۈل قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىستمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ .

43. يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ ) : جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۆسمە خاراكتىرلىق كېسەللىكلەر ۋە يۈرەك - مېڭە قان تومۇر خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ئەستە تۇتۇش ئېقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ ، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كېچىكتۇرىدۇ .

44. ياڭاق : تەركىبىدىكى فوسفورلۇق مايلار مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ ، تەركىبىدىكى ماي كېسلاتالىرى لىنوئىك كېسلاتا بولۇپ ، تېىرنى گۈزەللەشتۇرگۈچى ھېسابلىنىدۇ .ياڭاق مېغىزىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى نېپىز پەردىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقىرى ، يىگەن چاغدا ئۇنى قىرىۋەتمەسلىك لازىم .

45. ھەسەل : جىگەرنى ئاسىرايدۇ ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ئۆسىشىنى ئېلگىرى سۈرىدۇ ، جىگەرنى ماي قاپلاشنى تىزگىنلەش رولىغا ئىگە ، يەنە ئادەمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ .

46. چاي : ئۇزۇن مۇددەت چاي ئىچىشنى داۋاملااشتۇرۇپ بەرگەندە دوۋساق راكى ، بۆرەك راكى، جىگەر راكىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ ، بەك قىززىق ، بەك سوغوق ، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان چايلارنى ئىچمەسلىك كېرەك .

مەنبە : ئۆزۇم توپلىغان ماتىرياللار
[ بۇ يازمىنىtewilghaدە2011-07-18 12:27قايتا تەھرىرل ]
تېما تەستىقلىغۇچى : everoll
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-18, 10:54
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-17 16:03 |
yawagul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1551
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 161 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 163 سوم
تۆھپە: 97 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 99 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىر    ئەتراپىمىزدا    نامىنى   ئاڭلاپمۇ    باقمىغان    تۈرلۈك   كېسەللەر    پەيدا   بولىۋاتىدۇ   ، ،،،،ئۆزىمىزنى    قانداق    ئاسراشنى    ،ئەزالىرىمىزنى    قانداق   ئاسراشنى   بىلسەك   بولۇپمۇ     يوقىرقىدەك    ساۋاتلاردىن    كۆپرەك   بىلەلىگەندىلا    ،ئاندىن     ئۆزىمىزنى    قوغدىيالايمىز    ھەم    سالامەتلىكىمىزنى   ئاسرىيالايمىز ،
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-19 10:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەن ساقلىق -زور بايلىق