ئېلان مەسىلىسگە توغرا باھا بېرىشىمىز كېرەك ، ئېلانلارنىڭ ھەممىسنىلا نومۇسسىز ، چاكىنا ئېلانلار دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ؛ ئېلاننىڭ ئىجابى تەرپىمۇ بار ، مەسلەن : سۇلتان ، ئەلپاك زاۋۇتلىرىنىڭ ئېلانلىرىنى كۆرمىگەن بولساق ،بەلكىم ھازىرغىچىلا تەركىبىدە شۇبھىلىك نەرسىلەرنىڭ بار - يوقلىغى نامەلۇم بولغان ئىچكىردە ئىشلەنگەن چىش پاستىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىۋەرگەن بولاتتۇق ،نەزەر چىنە - قاچا ، خىرۇستاللىرىدا قوغۇشۇن تەركىبى يوقلىغىنى بىلمىگەن بولساق ئەرزان باھالىق چىنە - قاچا ، خىرۇستاللارنى ئىشلىتىۋەرگەن بولاتتۇق ،يەنە بەزى ياخشى مەھسۇلات ئېلانلىرى بىزنى نورغۇن ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن خالاس قىلىدۇ . يەنە كىلىپ ئېلان بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا تېلۋىزىيە ئىستانىلىرىنى نومۇسسىزغا چىقىرىۋەتسەكمۇ بولماس ،ئېلان ئارقىلىق كىرىم ھاسىل قىلىش يامان ئىش ئەمەس ، ھەرقايسى ئۇيغۇر تور بەتلىرىمۇ ئېلان قوبۇل قىلىپ كىرىم ھاسىل قىلىۋاتىدۇ ... ئېلاننىڭ سەلبى تەرپىگە كەلسەك ، ئۇيغۇرچە قانال كۆرىدىغان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئورپ - ئادەتلىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئېلانلارنى تېلۋىزىيە ئىستانىلىرى ئۇيغۇرچە قاناللاردا بېرىشنى رەت قىلسا بولاتتى ، لېكىن يەنىلا قوبۇل قىلپ تارقىتىۋاتىدۇ ،بۇ تەرپىگە ئامما پىكىر بەرسە ھەل قىلغىلى بولىشى مۇمكىن ، يەنە بەزى ئوخشاش تۇردىكى مەھسۇلات ئېلانلىرى ئالدىدا ئامما قايسىنى سېتىۋېلىشنى بىلەلمەي قايمۇقۇپ قېلىۋاتىدۇ ، مەسلەن : ئوغۇت ئېلانلىرى ، دورا ئېلانلىرى... ( دورا ئېلانلىرىغا چەك قويۇش توغۇرسىدا ئۇختۇرۇش چۈشۈپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ) ئېلاننىڭ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئوينايدىغان رولى چوڭ ، خەلىقمۇ شۇنىڭغا كۆنۇپ كەتتى ، شۇڭا مەھسۇلاتىڭ ياخشى بولسىلا ئېلان بەرمىسەڭمۇ ماگىزىنىڭغا بېرىپ سېتىۋالىدۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ . ئېلان بەرمىگەن كارخانىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سۇرئىتى ئاستا بولىدۇ . بەزىلىرى تېزلا ۋەيران بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ، ئېلان ئۆز نۆۋىتىدا ئوتتۇرا ، كىچىك مىللى كارخانىلارنىڭ تەرەقى قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ۋاستە ، ئۇيغۇر كارخانىلىرى يىمەك - ئىچمەكتىن باشقا نەرسە ئىشلىيەلمەيۋاتىدۇ دەپ قاخشايمىز ، ئاۋال ئۇلار تەرەقى قىلسۇن ، جىقىراق پۇل تاپسۇن ، ئاندىن غەربى نۇر گۇروھىغا ئوخشاش نورغۇن تۇرلەرگە مەبلەغ سالالايدىغان كارخانىچىلار چىقىدۇ، شۇڭا شۇ كارخانىلارنىڭ ئېلانلىرىدىن نارازى بولماي ئۇلارنى قوللاپ قويايلى، خەۋەر كورىمىز ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولىمىز دىسەك ، مەملىكەت خەۋىرى ، جاھاندىكى ئشىلار ، دۇنيا ھەپتىلىكى ... قاتارلىق پىروگىراممىلارنىڭ قويۇلۇش ۋاقتىنى بىلىمىز ، ئۇلارنىڭ ئاارىسغا ئېلانمۇ قستۇرۇلمايدۇ ، ئۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا كۆرۇپ ، ئېلان كۆرگىمىز بولمىسا ئېلان كەلگەندە ئۆچىرىۋەتسەكمۇ بولىدىغۇ ،،، مۇنداق بىر يۇمۇر ئېسىمگە كىپ قالدى :
بىرەيلەن ھېسامكامدىن : ھېسامكا نىمشقا توخونىڭ تۇخۇمىلىرىنى خەق تالىشىپ سېتىۋالىدۇ ، ئۆدەك تۇخۇمىنى ئالىدىغان ئادەم يوق ؟ دەپ سورىغان ئىكەن ، ھېسام : شۇنىمۇ بىلمەمسەن ئۇكا ، توخو دىگەن تۇغۇپ بولۇپلا ئېلان بېرىدىغان تۇرسا دەپتىكەن