ياخشى پۇشۇرۇلغان پىننە گۈلقەنتى ياكى يالپۇز گۈلقەنتىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىشنىڭ ئاشقازان ، ئۆت ، قان ئازلىق كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولغۇچىلارغا بولغان پايدىسى زور. ئۆت ياللۇقىغا قارىتا يەرلىك ئۇسسۇلدا يۇقۇردىكىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى چايلىقنى داۋاملىق ئۇسسۇلۇق ئۈچۈن ئىچىپ بەرسە ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئىچىپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ. بۇ ھەر قانداق مىجەزدىكى ئۆت خالتا ياللۇقى بىمارلىرىنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ. :
كاسىنە يېلتىزى، ئارپا بەدىيان، چىڭسەي يېلتىزى، گاۋزىبان، ئەنگۈر شىپا، كاكىنەچ، يالپۇز، پىننە، لاچىندانە، ئوغرىتېكەن، چىڭسەي ئۇرۇقى 10 گىرامدىن؛ سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئاق ئەيلى ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىل گۈل، زېرىق قاتارلىقلاردىن 5 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىلىدۇ.
يەنە ئائىلىدە تەييار قىلغىلى بولىدىغان شەربەتلىك بىر رېتسىپ بار:
زېرىق 100 گىرام
بېھى سۈيىدىن 200 مىللىلىتېر؛
ئاچچىق ئانار سۈيى، ئالما سۈيى 50 مىللىلىتېردىن؛
شىكەر 100 گىرام.
تەييارلاش ئۇسسۇلى: زېرىقنى مېۋە سۇلىرىغا 24 سائەت چىلاپ ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ سۈزۈپ شىكەرنى سېلىپ ئېرىتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىستىمال مىقدارى: كۈۈندە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتېردىن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
ھەسەلدىن چىلان ياكى زاراڭزا چېچىگى ھەسىلى ئىستىمال قىلىپ بىرىش مۇۋاپىق.
يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە: ھايۋانات مايلىرى، تۇخۇم سېرىقى، زىيادە ئىسسىقلىق چاي دورىلىرى، غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر ، قورساقنى ئېسىدىغان، قەۋزىيەت پەيدا قىلىدىغان ، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەك-ئىچمەك، غىزالاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
سۇيۇق-سەلەڭ، سېڭىشلىق ، تۇزسىزراق تاماقلار ئىستىمال قىلىنىدۇ. ھەر قېتىملىق غىزادىن كىيىن يىنىك ھەركەت قىلىپ بىرىش كېرەك.
30گىرام قارىئۈرۈرك قېقىنى ئازراق قۇرۇتۇپ يۇمشاق سۇقۇپ ئۇنىڭغا 40گىرام ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەرقېتىمدا 10گىرامدىن ئېستىمال قىلسا سۇزۇلما خارەكتىرلىك ئۆت ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ .7 ~5 ئوسما يىلتىزىدىن 30گىرامنى مۇۋاپىق مىقداردا سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى كۈندە بىر ئىككى قېتىمدىن ئېچىپ بەرسە سۇزۇلما خارەكتىرلىك ئۆت ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ .
سېمىز ئوت ئۇرۇقىدىن ممۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناق سۇغا چىلاپ شىرنىسىنى چىقىرىپ كۈندە بىر ئىككى قېتىمدىن ئېچىپ بەرسە سۇزۇلما خارەكتىرلىك ئۆت ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ كۆممەقۇناق ساقىلىدىن 60گىرام ،قىزىل يۇپۇرماقلىق ئەمەندىن 30گىرام ،كۈركۈمدىن 15 گىرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قايننىتىپ سۈينى بىر كۈندە بىر قېتىمدىن ئېستىمال قىلىپ بەرسە سۇزۇلما خارەكتىرلىك ئۆت ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ
مەنبە:80-90 خالتا مۇنبەرلىرى