ئىنسان ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئۆز قەۋمىگە ئورتاق بولغان كەمتۈكلۈكنى بايقىغان چاغدا ، بەزىلەر بۇ كەمتۈكلۈكنىڭ بىراقلا مۇكەممەللىككە ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بەزىلەر بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ئىرادىسىدە بىر ئۆمۈر تىرىشىدۇ. بىرىنچى خىلدىكى كىشىلەر ئۆز غايىسىنى ئورۇن-كۆرپە سۈپىتىدە ئاستىغا سېلىپ ياتقانلار. ئىككىنچى خىلدىكى كىشىلەر بولسا مەلۇم بىر ئىنسانلار توپىنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر شەرتلەرنى ھازىرلىغانلار ۋە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ سىتىراتىگىيە خەرىتىسىنى سىزغۇچىلاردۇر. مەيلى بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدىن چوڭ نەتىجىلەر چىقسۇن -چىقمىسۇن ئۇلارنىڭ ھىچ ئايانماي تىرىشىش روھىنىڭ ئۆزى بىر بۈيۈك نەتىجىدۇر. دەل مۇشۇخىل تىرىشىش جەريانى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزىدۇر.
سىزنىڭ ئزۈلۈكسىز تىرىشىش روھىڭىز، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز توغرىسىدىكى ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى. سىزگە ئوخشاش خېمىرتۇرۇچلار بولغانىكەن ھامان بىر كۈنى ئىلىم ساھەسىدىكى بوشلۇقلار تولۇپ، نادانلىق پاتقىغىدىن قۇتۇلۇپ، دۇنيادا ئۆز قەدىر -قىممىتىمىز بىلەن ياشىيالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. ئاللاھ بىزنى ئورتاق مەقسەتلىرىمىزگە يەتكۈزگەي!
[ بۇ يازمىنىnurدە2011-08-09 01:21قايتا تەھرىرلىدى ]